huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:02:46

يېڭى مىكروب

يېڭى مىكروب

(ھېكايە)
ئەزىز نەسىن (تۈركىيە)

بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى كۈلۈپ باقمىغان مۇز چىراي پىروفېسسور ياردەمچى دوختۇرلىرى ۋە بىر توپ شاگىرتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېسەلخانىغا كىردى. كۆز كېسەللىكلىرى بۆلىمىنىڭ باشلىقى بولغان بۇ پىروڧېسسور مۆرىمەس مىجەزلىكى، ھەر قانداق قىزىق گەپكىمۇ كۈلمەيدىغان خاراكتىرىگە قارىماي مەشھۇر ئالىم ئىدى. ئۇ يۈرۈش-تۇرىشى ۋە باشقا ھەر قانداق ئىشتا ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ئارلىق ساقلايتتى. پەقەت شاگىرتلىرى، ياردەمچى دوختۇرلىرىلا ئەمەس، دوست-بۇرادەرلىرىمۇ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتاتتى. نېمىلا بولسۇن، بۇ بىر تالاي نەتىجىلىرى ۋە ماقالىلىرى بىلەن تېببىي ساھەسىدە ئاجايىپ يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە ئالىم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، تىببېي ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمۇ يۇقىرى ئىدى.
پىروفېسسور كارىۋاتتىكى بىمارنىڭ يېنىغا باردى، ياردەمچى دوختۇرلار پىروفېسسورلامۇ خۇددى ئۆزلىرىدىن بىر ئىشنى سوراپ قالىدىغاندەك ۋەھىمە ئىچىدە سۈكۈتكە پاتتى.
-بۇ بىمار يېڭىدىن كەلدىمۇ؟
-ھەئە ئۇستاز، كېچىدە كەلدى...-دەررۇ جاۋاب بەردى سولدىكى ياردەمچى دوختۇر.
-نېمە بوپتۇ؟
ھېلىغىچە بىلەلمىدۇق، ئىككىلا كۆزىدە قادىلىش بار ئىكەن، بېشىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىدىنمۇ ۋايسايدۇ.
پىروفېسسور بىمارنىڭ سانجىق سەۋەبلىك قىزىپ كەتكەن قانلىق ۋە يىرىڭلىق كۆزلىرىگە يىراقتىن قارىدى. ئاندىن قاپىقىنىمۇ ئاچماستىن چۈشىنىكسىز غۇدۇڭشىدى:
-ئەۋرىشكە...
ياردەمچى دوختۇرلار پىروفېسسورنىڭ بۇ قىسقا گېپىدىن بىمارنىڭ كۆزىدىكى يىرىڭلىق جايدىن ئەۋرىشكە ئېلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندى. پىروفېسسور ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى. ياردەمچى دوختۇرلار تېزدىن داۋالاشنى باشلىدى. نورمال داۋالاش ۋاقتى بولسا، كېيىنرەك باشلىناتتى.
ئىككى ياردەمچى دوختۇر بىمارنىڭ كۆزىدىكى يىرىڭلىق قاپارتمىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، پىروفېسسورغا خەۋەر بەردى. پىروفېسسور مىكروسكوپنىڭ ئۈستىگە ئىگىلدى ۋە ئۇزاققىچە جىمجىت قاراپ تۇردى. ئاندىن بېشىنى كۆتۈردى ۋە كۈلۈمسىرىدى. نەچچە يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ يېنىدا ئىشلەپ كېلىۋاتقان ياردەمچى دوختۇرلار ئۇستازىنىڭ تەبەسسۈمىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتاتتى. پىروفېسسور ئىشكاپلاردىكى كىتابلاردىن بىر نەچچىنى ئېلىپ، قايسىدۇر سەھىپىلىرىنى ۋاراقلىدى، ئوقىدى. بۇ جەرياندا پەقەت «توغرا...ھە...ھىم...» دېگەندەك سۆزلەرنى پىچىرلاپ قويدى. كېيىن قەددىنى رۇسلىدى ۋە دىققەت بىلەن قاراپ تۇرغان ئىككى ياردەمچى دوختۇرغا :
-باشقىلارنىمۇ چاقىرىڭلار، شاگىرتلارمۇ كەلسۇن،-دېدى.
پىروفېسسورنىڭ ئىشخانىسى ياش دوختۇرلار ۋە شاگىرتلار بىلەن تولدى. ئېغىر تەبىئەتلىك، كۈلگىنىنى ھېچكىم كۆرمىگەن پىروفېسسور خۇددى يوقسۇل بالا بايرامدا ھېچكىم ئېرىشەلمىگەن سوۋغىغا ئېرىشكەندەك خوشاللىققا چۆمگەنىدى...
ئەزەلدىن ئېغىر-بېسىقلىقنى، ۋەزمىن ھالىتىنى يوقاتماي ياشاپ كەلگەن پىروفېسسور بىر جايدا تۇرالمايتتى، قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ مىكروسكوپ ئەتراپىدا ئۇياقتىن-بۇياققا چۆرگىلەيتتى. بىر چاغدا ئۇ شاگىرتلىرى ۋە ياردەمچى دوختۇرلارغا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى:
-بالىلىرىم كاتتا پۇرسەت... ئىنتايىن كاتتا پۇرسەت...يېڭى، ناھايىتى يېڭى بىر مىكروبنىڭ يېنىدا تۇرماقتىمىز. بۇ ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان ھادىسە... شۇنداق ھادىسىكى، بۇنى ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان كۆز مۇتەخەسسىسلىرى كۈرمىڭ... سىلەر شۇنچە ئامەتلىك ئىكەنسىلەركى، شاگىرتلىق دەۋرىڭلاردا شۇنداق بىر ھادىسە بىلەن ئۇچراشتىڭلار...بۇ كېسەللىككە دۈچ كېلىش مىليوندىن بىر، ھەتتا 5-10 مىليوندىن بىردۇر...
پىروفېسسور سۆيۈنۈش بىلەن قوللىرىنى ئۇۋۇلايتتى، پات-پات «يېڭى مىكروب» دەپ تەكرارلايتتى.
-مەن بۇنىڭدەك مىكروبنى ئىككىنچى قېتىم كۆرۈۋاتىمەن... پارىژدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، پىروغېسسورىم بۇنداق مىكروبنى بىر قېتىم كۆرسەتكەنىدى... بىمار ئافرىقىلىق ئىدى... بۇ مىكروپ كۆزگە كىرگەندىن كېيىن، 48 سائەت ئۆتۈپ كەتكۈچە داۋاسى قىلىنمىسا، كۆزنى كور قىلىۋېتىدۇ. كۆز كور بولغانسېرى ئاغرىقلارمۇ بېسىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تېزدىن داۋالىماق كېرەك...-شۇ گەپتىن كېيىن پىروفېسسور ياردەمچى دوختۇردىن سورىدى،-بىزنىڭ بۇ بىمارنىڭ ئاغرىقى قاچاندىن باشلانغان؟
-تۈنۈگۈن كەچكە يېقىن. ئاخشام دوختۇرخانىغا قۇبۇل قىلدۇق...
-پاھ...دېمەك، داۋالانمىسا، 24 سائەتتىن كېيىن كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ... ئاغرىق دەھشەتلىك...چۈنكى، مىكروبلار كۆز قارچۇقلىرىغا ماكانلىشىپ، قاتتىق ئازاب سالىدۇ ۋە مېڭىنىڭ كۆرۈش مەركىزىگە قەدەر تارىلىپ، مېڭىنىمۇ كارىدن چىقىرىدۇ... ھازىر بولسا ھەممىڭلار كېلىڭلار، مىكروبنى كۆزىتىڭلار...
ياردەمچى دوختۇر ۋە شاگىرتلارنىڭ كۆپىنچىسى قىستىلىشىپ دېگۈدەك مىكروسكوپقا ئېگىلىپ «يېڭى» مىكروبنى كۆزىتىشكە باشلىدى. پىروڧېسسور بولسا، دوختۇر دوستلىرى ۋە باشقا تېببىي ساھەدىكى ۋەكىللەرگە بۇ خەۋەرنى تېلىفوندا يەتكۈزمەكتە ئىدى. ئۇ بۇ ئىشنى خەۋەر تەرىقىسىدە ئەمەس، خۇددى بىر مۆجىزىدەك سۈپەتلەپ سۆزلەيتتى. ئۆزى بولسا، چەكسىز ھاياجانغا غەرق بولغانىدى.
-دوستۇم، ئاجايىپ بىر ھادىسە... خالىغان ۋاقىتتا تېپىلمايدىغان، كۆرۈلمەيدىغان...ھەئە، دېمەك، سىز زىنھار كۆرمىگەن، ئىنتايىن كەم كۆرۈلىدىغان بىر ھادىسە، دوستۇم... پۈتۈن تۈركىيەدە بۇنداق ھادىسىنى ئۇچراتقان دوختۇر بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتىمەن، دوستۇم...
پىروفېسسور تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن، ئەتىراپىدىكىلەرگە:
كۆردۈڭلارمۇ؟-دېدى ئۇ،-مەن سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، ئۇمۇ بۇ يېڭى مىكروبنى كۆرمىگەن.
بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى مەشھۇر دوختۇر ئىدى. ئەمما ھېچ بىرى بۇ «يېڭى» مىكروبنىڭ تەسىرىنى ئويلاپ قويمايتتى...
پىروفېسسور توختىماي تېلېفون قىلاتتى، تېلېفوننى قويۇپلا ئەتراپىدىكى دوختۇر-سېستىرالارغا نېمىلەرنىدۇر چۈشەندۈرەتتى.
-مىكروب ئوچۇق ھاۋادا دەرھال ئۆلىدۇ، ياشىيالمايدۇ... شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كېسەل بىلەن ئاغرىغان كېسەل ئىنتايىن كەم كۆرۈلىدۇ. ئۇنداق بولمىغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ھېلىغىچە كور بولۇپ كەتكەن بولاتتى...دىققەت قىلىڭلار، مىكروب ئۆلۈپ كەتمىسۇن...
پىروفېسسور ئۈچۈن ئەمدىكى مۇھىم مەسىلە، مىكروبنى ئۆلتۈرۈپ قويماسلىق، ئۇنى بىباھا گۆھەرنى ئاسرىغاندەك ئاسراش مۇھىم ئىدى. ئۇ ھاياجان ئىچىدە چۈشلۈك تاماقنىمۇ ئېسىدىن چىقاردى. ياردەمچىلەرگە مىكروب توغرۇلۇق قانداقتۇر بۇيرۇقلارنى بەردى. بۇ بۇيرۇقلارنىڭ ئىچىدە، ياردەمچى دوختۇرلارنىڭ ئىككىسى مىكروبنىڭ مىڭ ھەسسە چوڭايتىلغان رەسىمىنى سىزىش، يەنە ئىككىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن «يېڭى» مىكروبنى خەلىققە تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرۈش... دېگەندەكلەر بار ئىدى.
پىروفېسسور شۇنداق بۇيرۇقلارنى، كۆرسەتمىلەرنى بەرگەچ كىتابلارنى ۋاراقلايتتى، قايسىدۇر بەتلىرىنى قاتلايتتى.
ئاشۇ كۈنى كېسەلخانىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە «يېڭى» مىكروب بىلەن مەشغۇل بولغانلارنىڭ ھەممىسى كېسەللەرنى قۇبۇل قىلىش ۋە داۋالاش ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئۇنتۇغانىدى. سېستىرالار، كېسەلگە قارايدىغانلار، ھەتتا تازلىق ئىشچىلىرىغا قەدەر ھەممىسى «يېڭى» مىكروب ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتاتتى. بۈگۈنگە قەدەر كېسەلخانا ئەھلى بۇ قەدەر جانلىق ۋە جۇشقۇنلۇق بىلەن ئىشلىمىگەنىدى. خەۋەرنى ئاڭلىغان باشقا بۆلۈملەرنىڭ دوختۇرلىرىمۇ مىكروبنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆز كېسەللىكلىرى بۆلىمىگە ئالدىرايتتى. پىروڧېسسور ئۇلارغىمۇ ئوتلۇق نۇتۇقلار سۆزلەيتتى، چۈشەندۈرەتتى.
ئىنتايىن يېڭى بىر ئىش شۇكى، كۆز كېسەللىكلىرى بۆلىمىنىڭ خادىملىرى شۇ كۈنى تەڭ كېچىگە قەدەر ئىشلەشتى. ئەتىسى تېببىي مەكتەپ زالىدا پىروڧېسسور بېرىدىغان دوكلات ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرۈپ قويۇلدى. پىروفېسسور شۇ كۈنى ئۆيىگە تەڭ كېچىدىن ئۆتكەندە قايتتى. ئەمما، ئۆيىگە بارغاندىن كېيىنمۇ ئۇيقۇنى تەرك قىلىپ، ئىلمىي نۇتقى ئۈچۈن ئىزدەندى. بۇ نۇتۇق تېبابەت ئالىمىدە كاتتا شۆھرەتكە ئېرىشىپ، قىزىقارلىق بىر ئىش بولغۇسى ئېنىق، دەپ ئويلايتتى ئۇ.
پىروفېسسور ھېلىقى «يېڭى» مىكروبنى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلىمىدىن تاشقىرىدىمۇ ياشىيالايدىغان قىلىشنى بىلىشى ۋە بۇ جەھەتتە تەجرىبە ئىشلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ئۇ تاڭ سەھەردىلا كېسەلخانىغا قاراپ چاپتى. ھەقىقەتەن كۆردىكى، مىكروب كۆپىيىپتۇ...
پىروفېسسور سۆيۈنۈشتىن كۈلەتتى، قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ ھەريانغا ماڭاتتى. ئالدىغا ئۇچرىغانلا ئادەمگە ئىلتىپات كۆرسىتەتتى، سېستىرالار بىلەنمۇ چاقچاقلىشاتتى.
چوڭ زالدىكى لېكسىيە ئىلىم ئەھلىنىڭ ناھايىتى قىزىقىشىنى قوزغىغان ھالدا تامام بولدى.
شۇنىڭدىن كېيىن پىروفېسسور يەنە «يېڭى» مىكروب ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنى داۋام قىلدى. ئۇ بۇ ئالەمشۇمۇل «مۆجىزە» نى دۆلەت سىرتىدىكى مەشھۇر دوختۇر دوستلىرىغا، ئۇستازلىرىغا ۋە تېبابەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا كىشىلەرگە تېلېگرامما بىلەن يەتكۈزەتتى.
كۆز كېسەللىكلىرى بۆلىمى باشقىچە بىر ئىلىم ماكانى ھالىتىگە كەلگەن ئىدى. بارلىق دوختۇرلار، ياردەمچى دوختۇرلار ۋە شاگىرتلار ئۇستازلىرىدىن ئۆتكەن كەسىپ ئىشقىنىڭ جۇشقۇنلىقى ئىچىدە ئۇنى ئېلىپ، بۇنى قويۇپ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئىشلەيتتى. بۇ مىكروبنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرىنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن ئۈچ ياردەمچى دوختۇر مىكروبنىڭ يۇمىلاق ھالغا شەكلىدە ئىكەنلىكىدەك بايقىشىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگىنىدە پىروفېسسورنىڭ ئىشىكىنىمۇ ياپماستىن، بارماقلىرىنى قاراسلىتىپ، خوشال غىڭشىپ يۈرگىنىنى كۆردى. ياردەمچى دوختۇرلار كۆرگەنلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. پىروفېسسور:
-ھەممە بالىلار كەلسۇن...-دېدى ھاياجان بىلەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئىشخانا ئىچى ئادەم بىلەن لىق تولدى. پىروفېسسور ئۇلارغا بۇ تېمىدا يېڭى بىر كىتاب يېزىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئاندىن:
-بىمارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟-دەپ سورىدى.
بىمارغا قاراۋاتقان ياردەمچى دوختۇر:
-ئاغرىق بېسىقتى،-دېدى.
-يەنىچۇ؟
-كۆزلىرى كۆرمەيۋاتىدۇ.
پىروفېسسور تەبەسسۇم بىلەن:
-بولدى،-دېدى،-مەن سىلەرگە ئېيتمىغانمىدىم، 48 سائەت ئىچىدە داۋاسى قىلىنمىسا، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ ۋە ئاغرىقلارمۇ توختايدۇ، دەپ. دېمەك، بۈگۈن بىمارنىڭ كور بولۇپ قېلىشى ئېنىق ئىدى. بىلىم-ئوتتا كۆيمەس، بالىلار! بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئالغا!
پىروفېسسور ياردەمچى دوختۇر ۋە شاگىرتلىرىنى ئەگەشتۈرگەن پېتى ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك قەدەم تاشلاپ، يېڭى مىكروب ئۈستىدە يېڭى تەجرىبىلەرنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆز بۆلۈم لاباراتورىيەسىگە يۈرۈپ كەتتى.

(«ئەزىز نەسىن ھېكايىلىرى» ناملىق كىتابتىن چىنماچىن تەرجىمىسى)
مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-سانىدىن ئېلىندى

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:47:15

ۋاھ....ئاجايىپ پىروفېسسور ئىكەنا...

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:27:31

پىراففىسورنىڭ فامىلىسى ۋاڭ، جاڭ، لىيۇ ھىچ بولمىسا جاۋ بولسا بولغۇدەك:lol
بەت: [1]
: يېڭى مىكروب