huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:57:16

قۇلۇپ سېلىنمىغان ئىشىك

قۇلۇپ سېلىنمىغان ئىشىك
ناھايىتى چەت بىر يېزىدا بىر ئانا قىزى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئانىسى ئۆيگە ئوغرى كىرىشىدىن ئەنسرەپ كۈندە كەچتە ئۆينىڭ ئىشىكىگە ئۈچ قەۋەت قۇلۇپ سېلىپ قويىدىكەن. قىزى بولسا بۇ خىل تۇرمۇشتىن ناھايىتى زېرىكىپ شەھەر تۇرمۇشىغا ئىنتىلىدىكەن.
قىز غايىۋى تۇرمۇش ئۈچۈن يېرىم كېچىدە ئانىسى ئۇخلاۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ ۋە ئانىسىغا:«ئانا، مەندەك بىر ۋاپاسىز قىزىڭىزنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ» دەپ خەت قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. بىراق ئويلىمىغان يەردىن بۇ قىز ئانىسىدىن، ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ يامان يولغا كىرىپ قاپتۇ. قىز پەقەت بۇ يولدىن قەتئىي كەينىگە يانالمايدىغان ھالەتكە يېتىپ بارغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئويلاپ يېتىپتۇ.
10 يىلدىن كېيىن، قىز يۇرتىغا قايتىپتۇ. ئۇ ئۆيىگە بارغاندا يېرىم كېچە بولغان بولۇپ، ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن غۇۋا چىراغ نۇرىنى كۆرۈپتۇ. قىز ئىشىكنى چېكىپتۇ يۇ، كۆڭلىدە باشقىچە بىر سېزىم پەيدا بوپتۇ.
-غەلىتە ئىشقۇ بۇ؟ ئانام ئەزەلدىن ئىشىككە قۇلۇپ سېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى.
قىزنىڭ ئانىسى ئاجىز تەنلىرى بىلەن سوغۇق يەرگە چاپلىشىپ، كىشىنىڭ ئىچى ئاغرىغىدەك ھالەتتە يەردە يېتىپتۇ. ئانىسى قىزنىڭ «ئانا...ئانا!» دەپ ئۆكسۈپ يېغىلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ ۋە قىزنى باغرىغا بېسىپتۇ. قىز ئانىسىنىڭ قوينىدا بىر ھازا يىغلىغاندىن كېيىن ئانىسىدىن:«ئانا، بۈگۈن نېمىشقا ئىشىكنى قۇلۇپلىمىدىڭىز؟ تونۇمايدىغان بىرەسى ئۆيىمىزگە كىرىۋالسا قانداق قىلىسىز؟» دەپ سوراپتۇ.
-بۈگۈنلا ئەمەس، بالام، مەن سېنىڭ كېچىلەردە كېلىپ قالساڭ سىرتلاردا يېتىپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەپ، 10 يىلدىن بۇيان ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ باقمىدىم.
ئانىسى 10 يىلدىن بۇيان قىزىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپتۇ، دەل قىزى قايتىپ كەلگەن مۇشۇ كۈنىلا ئانىسى 10 يىل ئىلگىرىكى شۇ كۈنگە قايتقىنىغا ئوخشاش ئۆينىڭ ئىشىكىنى چىڭ قۇلۇپلاپ خاتىرجەم ئۇخلاپتۇ.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:14:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gilas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 12:57  


قۇلۇپنى شەھەردە بەك سالىدۇ تېخى،ئىشىكتىن ئىككىسىگە.
مانا مەن كىچىكىمدە يىزىغا بارسام 95يىلىمىكى
دېھقانلار ئىككى ئۈچ كىلومىتىر يىراق يەرلەرگە بارسىمۇ ئىشكىگە قۇلۇپ سالمايدىكەنتۇق .
بولمىسا قوي،قوزىلىرى مال ۋارانلىرى تۇرۇپمۇ .
شۇنداق خاتىرجەم ماڭاتتىكەن .
قاچان ،ئۆزگەردىكىن بىلمىدىم بۇ قەشقەرنىڭ يىزىلىرىغا
قۇلۇپ سىلىۋالىدىغان بوپتۇ .چازىدا توساق ئالتە يەردە كىملىك تەكشۈرەپ .
بۇرۇن كىشلەر مىۋە ساتقىلى كىلىپ مىۋىسى چۈشۈپ قالسا ئاپىرىپ بىرەتتۇق ،كىشنىڭ ھەققىدىن شۇنچە قۇرقۇيدىكەنتۇق ،ھازىر … .

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:19:12

بۇرۇن مەن بىلىدىغان يىزا كىشلىرىنىڭ لەۋزى ھالال
كىشلەرنىڭ ھەققىدىن قورقىدىغان،ئىشىكىگە قۇلۇپ سالماي بازارلارغا بارالايدىغان باغلىرىنىڭ تاملىرى ئۆرلۈپ چۈشكەن بولسىمۇ مىۋىلىرى ماللىرىغا زىيان يەتمەيدىغان ،بېخىرامان ياشايدىغان ئىدى .
يۇقارقى ماقالە ،مەن بىلىدىغان يىزا بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يىزىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدىغان كىشى كاسسىغا ئۇرۇپلا تاپقان ماقالە ئوخشايدۇ

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:49:01

بۇ ھېكايىدىكى ئاساسىي مەزمۇن قۇلۇپ ئەمەس...

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 14:01:34

ئۇنى بىلدىم .
خورازنىڭ تۇخۇم تۇغمايدىغانلىقى ھەقىقەت تۇرسا
تۇخۇم تۇغىدۇ دەپ يالغانچىلىق قىلىپ نىمىنى يورۇتسا
بەرىبىر ئەخلەت .

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:35:23

بۇ ماقالىدىكى مەركىزىي ئىدىيە ئۆيگە سېلىنغان قۇلۇپتا ئەمەس. مۇلاھىزە قۇلۇپ ئۈستىدە بولمىسا ياخشىمىكىن.
قىزلارنىڭ كېچىسى سىرتقا چىقىشىغا ئانا شۇنداق قۇلۇپ سېلىشى كېرەككى، كېيىن قىز چوڭ بولغاندىمۇ شۇ قۇلۇپنى ئۆزى ئۆزىگە سالالايدىغان بولسۇن.

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:36:21

مانا مەن چوڭ بولغان يىزىدا 4-5كىلومىتىرلىق ئىتىزلىقىغا ئەتىگەن ناشتىلىققا بىر قانچە زاغرا ۋە تاپالىسا بىرەر ئىككى چىنە قىتىق ،تاپالماي قالسا ئوچاق بىشىدا تۇرۇپ ئوتۇننىڭ ئىسىدا قارىداپ كەتكەن چەينەككە ئاخشىمى ئۆستەڭدىن ئەكىرىپ تىندۇرۇلغان سۇدىن بىر چەينەك ئىلىپ بىر چىقىۋالسا ئۆينىڭ ئىشىگى شۇ پىتىم ،نەدە قۇلۇپ سالىدۇ . ھەپتە 10 كۈندە بىرەر قىتىم ناھىيە بازىرىغا كىرىپ قالسا  سالامدىكىن ئۇ قۇلۇپنى .

arman312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 17:14:08

ئانا قەلبى پەرزەنىتنىڭ بارلىقى ئۈچۈن سوقىدۇ،شۇڭا پەرزەنتنى دەپلا «قۇلۇپ»مۇ سالىدۇ ؛ھەم «قۇلۇپ » سىزمۇ  ئوچۇق قۇيىدۇ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 18:00:07

ئاياللار مۇساپىر بولغاندا دىگەن فىلىمدىمۇ بىر قىزنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى ئۇچۇن شەھەرگە بىرىپ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىققا دۆچكەلگەن قىسمەتلىرىنى كۆرگەن.
لىكىن بۇ قىز ئۆز بىشىمچىلىق قىلىپلا چىقىپ كىتىپتۇ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 19:30:32

شەھەردىمۇ قۇلۇپنىڭ نوچىسىنى ئىلىپ سالسىمۇ يەنە ئوغرى كىرىۋىردۇ .يىقىندا خوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرىپ   ھەپتە خاتىرجەم ياتالمىدى شۇلار.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 02:01:06

تەرجىمە ئ‍ەسەركەن،خەنزۇ تىلى كۈچەيتىش دەرىسلىكىدە بار،سەل قىسقارتىۋېتىلگەندەك قىلىدۇ
بەت: [1]
: قۇلۇپ سېلىنمىغان ئىشىك