tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:29:13

سودىدا پىسخىكىنى قانداق كونتىرول قىلىش كىرەك؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahlil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 09:31  


سودا جەريانىدا زىيان تارتىشتىن قورقۇش كەيپىياتى نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش، تاشقى پىرۋوت، پاي سودىسى قىلىۋاتقان ھەر بىر مەبلەغ سالغۇچىدا ئىلگىرى ياكى ھېلىھەم كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. سودا جەريانىدا زىيان تارتىشتىن قورقۇش كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىش مەنبەسىنى تۈۋەندىكىدەك ئىككى تەرەپكە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
بىرىنجىسى: ئاللىقاچان مال ئېلىپ قويغانلار قولدىكى مالنىڭ پايدىسىنىڭ ئاز قېلىشىدىن ياكى قولدىكى مالنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرسا زىيان تارتىشتىن ئەندىشە قىلىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
ئىككىنچىسى: قولىدا مال يوقلار مال ئېلىش پۇرسىتىنىڭ ئۆتۈپ كىتىپ، پۇل تېپىش پۇرسىتىنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.  
بىرىنجى خىل ئەھۋالغا ماس كىلىدىغانلار ھەمىشە مال ئېلىپ بولغاندىن كىيىن خاتىرجەم ئولتۇرالمايدۇ، قولدىكى پايدا كۆرسىتىپ تۇرىۋاتقان مالنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە زىيانغا ئۆزگىرىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ھەتتا پايدىنى كونتىرول قىلىش ئورنىنىڭ ئۆزى ياكى تەھلىلچىلەرنىڭ بىكىتكەن ئۇرۇنغا يىتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەش ۋە ياكى ھەممە پايدا پەقەت ئۆز چۆنتىكىمگىلا كىرسە دىگەن خيال بىلەن پايدىنى كونتىرول قىلىش پۇرسىتىنى قاراپ تۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ قۇيىدۇ... مۇشۇنداق بىئارامچىلىق كەيپىيات ئىچىدە سودا قىلىش جەريانىدا ئۆز-ئۆزىنى قورقۇتۇپ، كاللىسىدا تۇيۇقسىز شەكىللەنگەن نامەلۇم سىگىنال سەۋەبىدىن قولدىكى مالنى سەۋەبسىزلا ئىزىغا ياكى زىيىنىغىلا سېتىۋېتىدىغان ۋە ياكى تەھلىلچى كۆرسەتكەن ئۇرۇنغا يەتكىلى خېلى ۋاقىت بار بولسىمۇ قولدىكى مالنى بالدۇر چىقىرۋېتىدىغان، قولنى قۇرۇقداپ بولغاندىن كىيىن بازارغا قايتا قارىسا راستلا باھا ئازراق قاڭقىغان ياكى چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن بازار راستلا ئۆسۈشكە ياكى چۈشۈشكە ئۆتۈپتۇ، دەپلا بازارنىڭ تەڭشىلىش قانۇنىيتىگە خىلاپ ھالدا مال ئېلىۋېلىپ، بىھۇدە زىيان تارتىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ھەم يەنە ئۆزىگە، بازارنىڭ رېتىملىق تەڭشىلىش قانۇنىيتىگە ئىشەنمەسلىك، ھەمىشە گۇمان قىلىش كەيپىياتى بارغانچە ئېغىرلىشىدۇ.
ئىككىنجى خىل ئەھۋالغا ماس كىلىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلاردا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى كىلىش ئالدىدا جىددىيلىشىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ، ھەمىشە تەشۋىشلىنىدىغان، پۇرسەتنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىنى خالىماسلىق، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە بولغان تەھلىلنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىش، زىيان تارتىۋېلىشتىن تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى كۆچىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇخىلدىكى كىشىلەردە ھەمىشە ياخشى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى مۇشۇنداق ئىككىلىنىش كەيپىياتى ئىچىدە ئۆتۈپ كىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە بۇخىل كىشىلەردە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ، بازارغا كىرىشكە، مال ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ھەمىشە بازارغا كىرىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قۇيۇشقا سەۋەبچى بولىدىغان باشقا پايدىسىز پىسخىكىلىق ئامىللارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن.
مەيلى قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر يۇقاردا تىلغا ئالغاندەك تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرىنى سودا جەريانىدا چۇقۇم كونتىرول قىلىش ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ چۇقۇم ئالدىنى ئېلىش كىرەك. ئۇنداقتا بۇ خىل ئالامەتلەرنى قانداق تۈگۈتۈش كىرەك؟
بۇ جەھەتتە سىزگە چوڭ ياردەم بىرەلەيدىغىنى يەنىلا بازار بۇلىشى مۇمكىن. چۈنكى بازارلا سىزنىڭ كەمچىلىكلىرىڭىزنى، ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە قايتىدىن ھىسقىلدۇرالايدىغان، ھەم سىزگە ھەر ۋاقىت توغرا-خاتا سودا مەشخۇلاتلىرڭىزنى ئەڭ تىزۋاقىت ئىچىدە سىزگە ھىس قىلدۇرالايدىغان ياخشى ھەمرا. ئادەم ھەمىشە ئىلگىرى پۇتلاشقان بىر تاشقا ھەر كۈنى پۇتلىشىۋەرسە قاملاشمايدۇ... شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار چۇقۇم توختىماي سودا جەريانىدا ئۆتكۈزگەن خاتا مەشخۇلاتلىرى ئۈستىدە ھەر ۋاقىت ئىزدىنىشى، خاتالىقىنى چۇقۇم بايقاپ، تۇلۇق تۈزۈتۈپ بولغاندا ئاندىن قايتا بازارغا كىرىشكە تەرەددۇت قىلسىمۇ كىچىكمەيدۇ...
ئۇنداقتا سوداجەريانىدا زىيان تارتىشتىن قورقۇش كەيپىياتىنى قانداق كونتىرول قىلىش كىرەك، قانداق قىلغاندا تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى يىڭىپ، توغرا بولغان سودا قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرگىلى ۋە بىخەتەر سودا قىلىپ، پايدا ئېلىش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟ مەبلەغ سالغۇچىلارغا بۇ توغۇرسىدىكى بەزى كۆز قارشىمنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن:
سودا جەريانىداھەر قېتىم پايدا ئېلىشقا ھېچكىم قادىر بۇلالمايدۇ؛ چۈنكى: دۇنيادا ھېچكىم ئالتۇن-كۈمۈش، تاشقى پىرۋوت بازىرىنى كونتىرول قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ... لېكىن، ھەرقايسى جەھەتتىن تۇلۇق پىشىپ يىتىلگەن بىر تەھلىلچى سىزگە بازارنىڭ كىيىنكى يۈزلىنىش ئەھۋالى، بازارغا كىرىش-چىقىش نوقتىلىرىنى بىرقەدەر توغرا پەرەز قىلىپ، ئۆزى يەكۈنلىگەن سودا تەجىربىلىرى، سودا تاكتىكىلىرى، بازارنى تەھلىل قىلىش بىلىملىرىگە ئاساسەن سىزنى يىتەكلەپ، سىزنىڭ بىخەتەر سودا قىلىشىڭىزغا توغرا يول كۆرسىتىپ بىرەلىشى مۇمكىن...
سىزگە دەيدىغىنىم: سىز سودا قىلىپ بىخەتەر پايدا ئالىمەن دەيدىكەنسىز، چۇقۇم، سىز ئىشەنگەن شۇ تەھلىلچىنىڭ تەھلىلى بۇيىچە سودا قىلىشقا، مەبلەغ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن شۇ تەھلىلچى ئۆز تەھلىلىدە تىلغا ئالغان پايدا زىياننى كونتىرول قىلىش ئۇرۇنلىرىغا قاتتىق دىققەت قىلىڭ، پايدىنى كونتىرول قىلىش ئورنىنى بىكىتىشنى خالىمىسىڭىزمۇ، چۇقۇم زىياننى بىكىتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ! زىياننى بىكىتشنى ئۇنتىغىنىڭىز دەل دېڭىزغا دوللارنى تاشلاپ ئېقىتىۋەتكەندەكلا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ!!! سىز تاللىغان تەھلىلچى بىلەن پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ! بازار ئەھۋالى توغۇرسىدا پات-پات مەسلىھەت سۇراپ تۇرۇڭ! ئەگەر سىز تەھلىلچىلىك بىلىملىرىنى تۇلۇق ئىگەللەپ بولغان بولسىڭىز بىر گەپ، ئەگەر سىز تېخى تەھلىلچىلىك بىلىملىرىنى تۇلۇق ئىگەللەپ بولالمىغان بولسىڭىز سىز باشقا باش ئاغىرىقى ئىشلىرىنى تۇلا ئويلاپ، ئۆزىڭىزگە تەشۋىشلىنىش، خاتىرجەمسىزلىكلەرنى ھەمرا قىلىپ، بىھۇدە باش ئاغىرىقى تېپىۋېلىپ يۈرمەي، تەھلىلچىڭىزنىڭ تەھلىلىنى ئۆزىڭىزگە قاتتىق سودا تۈزۈمى دەپ بىلىپ، شۇ بۇيىچە سودا قىلىشنى چۇقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ~ ئەگەر سىز تەھلىلچىڭىزنىڭ دەل چىقىۋاتقان، ئۇيغۇر يېزىقىدا چۈشۈنۈشلۈك، ئاددى جۈملىلەر بىلەن يېزىلغان تەھلىلىنى ئۇقۇپ، چۈشۈنۈپ تۇرۇپمۇ، دەل ۋاقتىدا QQ توپ ياكى باشقا پاراڭلىشىش قۇراللىرىدا دەل ۋاقتىدا، بىۋاستە ئال-سات دىگەن گەپ-سۆزلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان تۇرۇقلۇقمۇ، سىزيەنە سودىدا زىيان تارتىۋاتقان بولسىڭىز سىزگە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى: دوستۇم،كەچۈرۈڭ!!! سىز ئەڭ ياخشىسى بۇ سودىنى قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، گەپ ئاڭلىغۇدەك بولغاندا ئاندىن سودا قىلىشنى باشلاڭ!!! ياخشى يول باشلامچىڭىز بولمىسا ياكى بازار تەھلىل قىلىش بىملىرىنى بىلمىسىڭىز ۋە ياكى تەھلىلچىنىڭ تەھلىلىگە ھۆرمەت قىلمىسىڭىز، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، بۇ دەل سىزنىڭ  پات ئارىدا مەبلىغىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى!!!

يازمىنىڭ كىلىش مەنبەسى: دىيارىم سودا تەھلىل مەسلىھەتچىلىك تورى

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:49:36

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:50:44

ئېلانكەندە بۇ :lol

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 13:24:47

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 12:49 static/image/common/back.gif
ئىشقىلىپ سىزمۇ بىر پايدىلىق قويمىچى ھېساپلىنىسىز مەبل ...

قارىسام سىز قىممەتلىك مىتال، تاشقى پىرۋوت ياكى پاي سودىسىدا خېلى ئوبدان زىيان تارتىۋالغانلار قاتارىدىن ئوخشايسىز. بۇ تەرىپىنى تامامەن چۈشۈنۈش مۇمكىن. لېكىن كىرەك يوق. بىر مەزگىل ئۆتكەندە بىر ئىشلارنى ئازراق ھىس قىلغاندا ئوڭشىلىپمۇ كىتىسىز، سىزگە سالامەتلىك، ئاسايىشلىق تىلەيمەن قېرىندىشىم!!!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 20:10:16

:lol باللا، سىلەردەك ئەسكى بالىلار يوق جۇما!...
بەت: [1]
: سودىدا پىسخىكىنى قانداق كونتىرول قىلىش كىرەك؟