ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:58:39

ئامېرىكا جەمېيىتىدە ئۇنتۇلغان نەنجىڭ قىرغېنچىلقى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimet7102 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 21:59  

ئامېرىكا جەمېيىتىدە ئۇنتۇلغان نەنجىڭ قىرغېنچىلقى
ئەزىمەت تەرجىمىسى

1998- يىلى، ئەمدىلا ھامىلدار بولغان ئايالىمنى دوختۇرغا ئاپاردىم. دوختۇر ئاقتەنلىك ئايال بولۇپ. كۆرۈشۈشتىلا، ئايالىمنىڭ ياپونىيە ئەدەبىياتى دوكتۇرلىقىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى بىلدى. جاڭ چۈنرۇنىڭ "نەنجىڭ قىرغېنچىلىقى"نى سۆزلەپ كەتتى، كوسوۋو قىرغېنچىلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى ھەمدە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مۇدھىش قىسمەتلەرنى سۆزلىدى. قايتقاندىن كىيىن، ئايالىم دوختۇرنىڭ شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ ئۇ كىتابنى تولۇق، تەپسىلى ئوقۇغانلىقىدىن ھەيران بولدى.
جاڭ چۈنرۇنىڭ "نەنجىڭ قىرغېنچىلىقى" ئامېرىكىدا زىلزىلە قوزغىغان ئەينى يىلى كىتابىنىڭ باسباس سېتىلغىنىدىن باشقا، تاراتقۇلاردا- تېلىۋىزىيە تورىدا زىيارەت قىلىنغان. مەسىلەن، دىكابىردا، Jim Lehrer باشقۇرغانThe NewsHour دە ياپونىيە باش ئەلچىسى بىلەن "پاپونىيەنىڭ كەچۈرۈم سورىشى ھېساب بولدىمۇ؟" دىگەن تىمىدا مۇنازىرەلەشكەن. Jim Lehre سىياسى خەۋەرلەرنىڭ باش رىياسەتچىسى بولۇپ، ئامېرىكا ئەلباشى سايلىمىدىكى موھىم شەخىس ئىدى. بۇ ئامېرىكا تېلىۋىزىيەسىدە ئالتۇن ۋاقىتتىكى جىددى خەۋەر بولدى. ياپونىيە ئوڭ قاناتلىرى قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇشبۇ كىتابنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرالمىدى. يەنە شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئورگانلىرىغا كۆرە، نەنجىڭ قىرغېنچىلىقى قېززىق تىما ئىدى. ئەينى چاغدىكى جۇڭگو تارىخى پېراڧېسسورى يالىلىق Beatrice Bartlett ئەسلىدە چىڭ ئارمىيەسىنى تەتقىق قىلاتتى، يالىدىكى ئارخىپلاردىن نەنجىڭ قىرغېنچىلىقىغا ئائىت دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ خاتېرىسىنى كۆرگەندىن كىيىن، كىتاب چىقىرىشنى قارار قىلغان.
ئايالىم ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا ياردەمچى بولغان. ياپونىيەلىكلەرنىڭ ماقالىسىنى تېپىپ، تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. بۇ ھەقتىكى سېستىمىلىق تەتقىقاتلار ئا ق ش دا كۆپ.
بىراق، جاڭ چۈنرۇنىڭ كىتابىدىن كىيىن، ئامېرىكا جەمىيىتىدە  نەنجىڭ قىرغېنچىلىقى ئۇنتۇلدى. ھېچ بولمىغاندا، 15 يىل بۇرۇنقى جاڭ چۈنرۇنىڭ كىتابى ئىلىپ كەلگەن قىزغېنلىق يوقالدى. ناھيىتى ئېنىقكى: بۇ جوڭگولۇقلار ئېسىدە ساقلايدىغان ئىشلار، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىز ئۈچۈن ئېسىدە ساقلاش مەجبۇرىيىتى يوق. ئامېرىكىلىقلار ھامان دۇنيانىڭ مەركىزىدە، ھەممىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن ئىشلاردا ئامېرىكىلىقلارنىڭ خاتېرىسىگە تايىنىمىز. "11- سېنتەبىر"دىن كىيىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرى يۆتكەلدى، نەنجىڭ قىرغېنچىلىقى خەۋەرلەر دۆۋىسى ئىچىدە قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگولۇقلار 2010- يىلى ئامېرىكا نوپوسىنىڭ 1.2%نى ئىگىلىگەن بولۇپ، يەھۇدىلارنىڭ يېرىمىغا يەتمەيدۇ. مۇشۇ ئازغىنا توپمۇ، جۇڭگولۇق، تەيۋەنلىك، شاڭگاڭ- ئاۋمىنلىق دەپ ئايرىيدۇ. ئېدىئولوگىيەلىك قارىشى ئوخشىمىغاچ، بىرلىككە كىلەلمەيدۇ. جۇڭگودا 50~70- يىللارنىڭ كىشىلىرى ئۈچۈن نەنجىڭ قىرغېنچىلىقى ئەزەلدىن خاتېرىلەنمىگەن. ئامېرىكىغا بارغاندىن كىيىن، ھەر يىلى 13- دىكابىر جىمجىتلا كىلىدۇ. ئامېرىكىلىقلاردىن ئاغرىنىشقا نىمە ھەققىمىز بار؟ ھازىر ئويلىسام، ئەينى يىلى نەنجىڭ قىرغېنچىلىقىنىڭ ئامېرىكىدا زىلزىلە قىلىشى ئادەمنىڭ ئەقلىگە يەتمەيدۇ. بۇ پەقەت جاڭ چۈنرۇنىڭ تۆھپىسى، خالاس.

(رەسىمدە: جاڭ چۈنرۇ)
ئەلۋەتتە، تېخىمۇ چوڭقۇر تارىخي سەۋەبمۇ يۇق ئەمەس. ئامېرىكىلىقلارنىڭ سەزگۈرلىشىشى ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش مەسئۇلىيتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نەنجىڭ قىرغېنچىلىقىنى مۇشۇ رامكىغا سېلىپ ئويلاش كېرەك. لىكىن، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش مەسئۇلىيتى ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ئۇنچە ئېغىر مەسىلىمۇ ئەمەس.
ئامېرىكىلىقلار تېنچ ئوكيان ئۇرۇشىدا زور كۈلپەت تارتتى. لىكىن، ئۇرۇش ئارنلا تۆت يىل داۋاملاشتى، ئاساسى جەھەتتىن چەتئەلدە بولدى. ئامېرىكىلىقلار ئۇرۇشنىڭ بالايى- ئاپەتلىرىنى كۆرمىدى. پېئورىل- خاربور ھۇجۇمىدا تالاپەت يىگەنلەر 2 مىڭچە كىشى بولۇپ، "11- سېنتەبىر"دىكىدىن ئاز. لىكىن ئامېرىكا ياپونىيەگە ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. ئەمەلىيەتتە، توكيو قاتارلىق جايلارغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر ئاتوم بومبىسىدا ئۆلگەنلەرىن ئېشىپ كەتتى. ئۇرۇشتىن كىيىن، ئامېرىكىلىقلار ئۆزى ۋەيران قىلغان ياپونىيەنى كۆرگەندە ئىچى ئېيچىشتى. ئۇرۇش ۋاقتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپون نەسلىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنى جازا لاگىرىغا سولىغان، بۈگۈنكى كۈندە رەسمىي ئەپۇ سورىدى. ئىككى تەرەب ئۇرۇشتا جان تىكىپ ئېلىشقان بولسىمۇ، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار، بولۇپمۇ ھۆرىيەتچىلەر ياپونىيەگە خىجالەت بىلەن قارايدۇ. ئۇرۇشتىن كىيىن ياپونىيەگە بارغان مۇتەخەسىسلەر تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئۈستەلگە قويۇپ، ياپونىيەلىك خىزمەتدىشىغا قەستەن، خىلى ئۇزاقتا قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى ئاتايىن ئەسكەرتىپ، ئوغۇرلاشقا ۋاقىت بەرگەن. ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن بۇمۇ بىر خىل تۆلەم.
تېخىمۇ موھىمى، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىنكى سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى. ئىشغالىيەتچى ئارمىيەنىڭ رەھبىرى MacArthur Douglas تىپىك كونسېرۋاتىپ بولۇپ، ساماۋى خاننى كۈچەپ قوغدىغان، ئۇنى ئۇرۇش جىنايىتىدىن ساقلاپ قالغان. يادرولۇق نىشان يەنىلا مىللىتارىزىمچىلاردىن ھېساب ئېلىش بولغان. ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى جازالاپ، سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەن. تۈرمىدىكى سولقاناتلار ئازاد قىلىنغان (كومپارتىيەمۇ شۇنىڭ ئىچىدە). ئۇرۇشتىن كىيىنكى ئاساسى قانۇن مۇشۇ كىشىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن.
ئەمما، ھەممە "سوغۇق ئۇرۇش"تىن كىيىن ئۆزگەردى. 1946- يىلى چېرچىل "تۆمۈر پەردە يېيىلدى" ناملىق مەشھۇر نۇتۇقىنى سۆزلىدى. 1947- يىلى ئامېرىكا كومۇنىزىمغا بولغان سىياسىتىنى تەڭشىدى. 1949- يىلى جاڭ جېشى چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاشلاپ قاچتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلدى، ئۇلاپلا، چاۋشىيەن ئۇرۇشى پارتىلىدى. بۇ جەرياندا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە سىياسىتى "ئەكسىگە ئۆزگەردى"- مۇتەئەسسىپلەردىن ھېساب ئىلىش، مۇتەئەسسىپلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئۆزگەردى- ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى قايتا ئىشلىتىش، سولقاناتلارنى كۈچلىك نازارەت قىلىش، بېسىش، ھەتتا ياپونىيەنى قايتا قۇراللىنىشقا دەۋەت قىلىش. ئەمما سەگەك Shigeru Yoshida رەت قىلدى. ئامېرىكىنىڭ "ئەكسىگە ئۆزگەرتىش"ى ئۇرۇشتىن كىيىنىكى ياپونىيەنى قۇرۇشتا موھىم رول ئوينىدى- نەچچە ئون يىل بىر پارتىيە ھاكىيەت يۈرگۈزدى، ھۆكۈمەت ئۇرۇش خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشتىن توختىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشىنى تەلەب قىلىش سادالىرى ئۆچۈپ قالدى. جاڭ چۈنرۇنىڭ "نەنجىڭ قىرغېنچىلىقى"نىڭ بىر يېنىپلا ئۆچۈشى بۇنىڭ مىسالى. Herbert Bix نىڭ "ساماۋىخان Hirohito نىڭ تەرجىمالى"- ساماۋىخاننىڭ ئۇرۇش جىنايىتىنى سۆككەن ئەسەر بولۇپ، ناھايىتى بازار تاپقان. ئۇ ھالىقىق پەيتلەردە تاراتقۇلاردا سۆز قىلغان. ئەگەر ئامېركىدىكى جۇڭگو پۇشتىدىن بولغانلاردا يەھۇدىلاردەك روھ ۋە تەسىر بولمايدىكەن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ دىققىتىنى ئۇزۇن مۇددەت "نەنجىڭ قىرغېنچىلىقى"غا دىققەت قىلدۇرۇش بىرقانچە كىتاب، بىر قانچە كىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
ئامېركىنىڭ سىياسىتى،ھۆرىيەتچىلەر بىلەن كونسېرۋاتىپلارنىڭ كۆرىشىنى چېگرا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ھۆرىيەتچىلەر ھامان ئامېرىكىنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ؛ كونسېرۋاتىپلار بولسا ھامان ئامېرىكىنىڭ نىمىنى توغرا قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ- ئامېرىكىنى "تىك ياردىكى پارلىغان قورغان"، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆلگسى، دەپ بىلىدۇ. تېنچ ئوكيان ئۇرۇش ئۈستىدە ھۆرىيەتچىلەر ئاتوم بومبىسىنى ئەيپلەشكە ئالدىرايدۇ، ئامېرىكا گويا ياپونىيەگە جىنايەتكاردەك. كونسېرۋاتىپلار قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇرۇشنىڭ ھەققانىيلىقى، ئاتوم بومبىسىنى ئىشلىتىشنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى تەكىتلەيدۇ ، ئەمما شۇنچىلىكلا. چۈنكى كونسېرۋاتىپلار، ھۆرىيەتچىلەرگە قارىغاندا، كونسېرۋاتىپ پارتىيە ھوقوق يۈرگۈزىۋاتقان كومۇنىزىمغا قارشى ئىتتىپاقدىشىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ. كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگوغا نىسبەتەن مۇستەھكەم ئەگەشكۈچىسىنى نىمىشقا تىللىسۇن؟ مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا "نەنجىڭ قىرغېنچىلىقى"نىڭ 1990- يىللاردا زور دىققەتنى قوزغىشىنىڭ ئۆزىلا قالتىش ئىش.
http://dajia.qq.com/blog/469622110456212?pgv_ref=aio2012&ptlang=2052

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 08:53:38

نەنجىڭ قىرغنچىلىقىغا ئائىت ماۋۇ فىلىمنى كۇرۇپ بىقىڭلار -دەششەتكەن

http://bbs.bozqir.net/forum.php?mod=viewthread&tid=5810

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 08:53:58

ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئۇرۇش بولمىدى ، ئەمما ئەڭ چوڭ نەپكە ئېرىشكۈچى ئامېرىكىلىقلار بولدى .
   ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ كۆپ بەدەل تۆلىگۈچى گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە بولدى ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پايدىغا ئېرىشكۈچىلەر بولسا ئۆز ۋاقتىدىكى ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان پارچە ئاراللاردىن تەركىپ تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ قولىدىن قوتۇلۇپ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى بولدى ، سوۋېتنىڭ كۈنىمۇ ئانچە پەرقلەنمەيدۇ . دۇنيادىكى مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ قالغان دۆلەتلەر تاجاۋۇزچىلارغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك .

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:09:56

مەن مەلۇم بىر ماقالىدە ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان  نەنجىڭدا قىرغىن قىلىنغانلارنىڭ سانى بىلەن ئەينى دەۋىردىكى نەنجىڭدىكى نۇپۇسىنىڭ  نامۇۋاپىق ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان قىرغىن قىلىنغانلارنىڭ سانىنڭ  كۆپ، ئەمما شۇ دەۋىردىكى قىرغىن قىلىنىشتىن ئىلگىركى نەنجىڭ  نۇپۇسنىڭ ، ‹‹قىرغىن قىلىندى ›› دىيىلگەن ساندىن خېلىلا  ئاز ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.  ئېنىق سانلىق مەلۇمات  ئىسىمدە قالماپتۇ....

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:34:39

--
ئۇرۇشتىن كىيىن ياپونىيەگە بارغان مۇتەخەسىسلەر تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئۈستەلگە قويۇپ، ياپونىيەلىك خىزمەتدىشىغا قەستەن، خىلى ئۇزاقتا قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى ئاتايىن ئەسكەرتىپ، ئوغۇرلاشقا ۋاقىت بەرگەن. ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن بۇمۇ بىر خىل تۆلەم.
--
ئەگەر بۇمۇ تۆلەم ھىساپلانسا (ئەلۋەتتە)، ياپونىيەنىڭ جۇڭگۇغا بەرگەن ئۆسۈمسىز قەرزلىرى( تاكى 2000-يىلغىچە ) ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى سۆۋىت ۋە ئامرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندە جاننى قۇتقۇزۇش رولىنى ئۆتىگەن. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگۇ پۇقرالىرى  ئۈچۈن تۆلەم ھىساپلانمايدۇ ( خۇددى ماۋۇ تىما ئاپتورى ئېتىراپ قىلمىغاندەك ).

شى شۇجى تەختكە ئولتۇرۇپ تۇنجى قېتىم  'دۆلەت ماتىمى كۈنى' نى بىكىتتى. تارىختىن بۇيان بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان. ئۆزگۈرۈشكلەر چوڭ.

كىچىك دۆلەتلەر چوقۇم كۈچلۈك دۆلەتلەرگە بېقىنىدۇ، قايسىسىغا بېقىنىپ قايسىسى بىلەن نەرە تارتىشىشنى بىلىشى كېرەك، ھەممىسى بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىرى يەرشارىدىن يوقىلىدۇ. پىچكا بولۇشمۇ بىر سەنئەت.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 11:54:00

ياپونىيە نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا ئۇرۇش تۆلىمى تۆلىمەيدۇ؟

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:05:50

مىنىڭچە ھىساب كىتابنى تىزراق قىلغىنى ياخشى
بولمىسا،ئۇلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشامىكى .

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:47:59

ياپۇنلارغا زادىلا ئۆچلۈك قىلىمەن مەن . ئۇلار جۇڭگو خەلقى ئالدىدا قان قەرزىگە قەرزدار .
شۇڭا مەن قەتئي ئىككىلەنمەيلا ياپوننىڭ ماشىنىسىنى ئالدىم . ياپۇنلار جۇڭگولۇقلارنى ئاياق ئاستى قىلغان بولسا مەن ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ‹كاسسا› ئاستى قىلىپ بىر كىشلىك غەزىپىمنى ئىپادىلەيمەن .

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:53:13

مەن ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ‹كاسسا› ئاستى قىلىپ بىر كىشلىك غەزىپىمنى ئىپادىلەيمەن .

ئۇسۇلىڭىز بولىدىكەن جۇمۇ

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 13:40:46

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 12:47:59 static/image/common/back.gif
ياپۇنلارغا زادىلا ئۆچلۈك قىلىمەن مەن . ئۇلار جۇڭ
ياپۇنىيەدە ياسالغان توپتىن ئىلىپ تازا تەپكەن بوسىڭىز ئاچچىڭىز تىخىمۇ چىقاتتى.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 15:23:04

تازنىڭ تۆمۈر تاغىقىدەك بىر گەپ تېپىۋالسا دەۋىرىدىكەن بۇلارمۇ...

چۈشتىن ياتاقدىشىم بىلەن پاراڭلىشىپ، «ئۈچ يىللىق تەبىئىي ئاپەت» دەۋرىدىكى ئۆلگەنلەرنىڭ گېپى بولۇپ، خېنەنلىك ياتاقدىشىم «شۇ چاغدا خېنەندىكى 50 يېرىم مىليون نوپۇستىن 35 مىلىيونغا يېقىن نوپۇس قاپتىكەن» دەيدۇ، بۇ پەقەت بىر ئۆلكىدە ئۆلگەن ئادەم....
بۇلارنى تىلغا ئالسا قانۇنغا خىلاپ، ياپوننىڭكىنى ھەدەپ دەۋا قىلىشىدۇ، ياپونلۇق بىر ئەسكەرنىڭ تىنىنى ئىككى قولدا تارتىپ پارچىلىۋەتكەن  فىلىملىرىدىن ئۆرگىلەي...

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:44:06

ئاقسۇ باي ناھىيسىدىكى قەھەتچىلىكتە ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلېرىمىزنىڭ بېشىغىمۇ ئەينى يىللاردىكى ھاكىم سەۋەپ بوپتىكەنغۇ.

kapitan2 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 17:26:50

دۆلىتىمىزنىڭ ياپونىيەنى ئۇرۇشتا((مەغلۇپ قىلدۇق))دىيىشلىرىگە پىخىلداپ كۈلگۈم كىلىدۇ مىنىڭ.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 17:49:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   birmoo تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 17:53  

تەھرىر

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 17:51:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   birmoo تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 18:21  

تەھرىر

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 19:04:31

نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ ئامېرىكىدا ئۇنتۇلۇپ كېتىشى بەك ئەجەبلىنەرلىك ئىش بوپتۇ-ھە؟، جۇڭگولۇقلارنىڭ نەچچە پىرسەنتى ئسىىدە ھەقىقى ساقلىغاندۇ شۇ پاجىئەنى ؟ جۇڭگوتارىخىنىڭ يېزىلىشىنى   لۇشۈن  پادىشاھ ،ۋەزىر-ھۇزرالارنىڭ نەسەبنامىسىگە ئوخشاتقان.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 19:22:28

HeQQuli يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 09:09 static/image/common/back.gif
مەن مەلۇم بىر ماقالىدە ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان  ن ...

ئاڭلىغانلا گەپنى ئاڭلىدىم دەپ ئوتتۇرىغا ئەپچىققىلى بولمايدۇ ، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ئەڭ ئىشەنچلىك

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 22:32:41

بىز ياپۇننى ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرى دىگەن بىلەن  ياپۇن مىللىتى ئۇنداق قارمايدىغان ئوخشايدۇ ئەينى يىلى چىڭ خاندانلىقى ياپۇنغا تازىم بەجا قىلىپ يالۋۇرۇپ ياقىرىپ چىڭ خانلىقىنى قوغداپ بىرىشكە ياپۇننى ئۆزى جوڭگوغا باشلاپ كىرگەن دەپ قارىلدىكەن  ئاخىرقى پادىشا پۇيى دىگەن كىنونىڭ ئاخىردا شۇنداق چىقىدىكەن

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 22:37:53

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 16:44 static/image/common/back.gif
ئاقسۇ باي ناھىيسىدىكى قەھەتچىلىكتە ئۆلۈپ كەتكەن قېرىن ...

ناھىيەنىڭ قازاق سېكىتارى خارى دىگەن قازاق بىلەن ،ياسىن ئىمىن دىگەن ھاكىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىش ئىكەن شۇ بۇرۇنلاردا خەلىقنىڭ يۈرگۈنى بەك مۇجىۋاتقان يەر ئەمەسمۇ باي ناھىيەسى پۇقرالىرى بەك يۇۋاش

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 23:30:09

HeQQuli يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 09:09 static/image/common/back.gif
مەن مەلۇم بىر ماقالىدە ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان  ن ...

بىلىشىمچە بۇنىڭ سەۋەبى، ئەينى چاغدا شەھەر ئەسكەرلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىكەنمىش، مەغلۇب بولغاندىن كىيىن نۇرغۇن ئەسكەرلەر پۇقراچە كىيىنىۋالغان دىيىلىدىكەن. شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى شۇ ئەسكەرلەر ئىكەن.
بۇ قېرغىنچىلىقمۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر قارا داغ.
بەت: [1]
: ئامېرىكا جەمېيىتىدە ئۇنتۇلغان نەنجىڭ قىرغېنچىلقى