malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:47:29

خامانلىقتا ئۇخلاپ قېلىپ جىن تېپىۋەتكەنلەر بارمۇ؟


گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى
ئېشەككە ھارۋىنى قېتىپ، ھارۋىغا بىر پارچە كىگىز، ئەسكى كۆرپىنى سېلىپلا، ئىككى پۇتىمىزنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ، لىككى لىككاڭ ئېتىزغا باراتتۇق، ئېتىزغا بېرىش يولىدا، ئىگىسى يوق ئېتىزلاردىن بۆلجۈرگەن ئوغرىلاپ يەيتتۇق، ھەتتا سەۋزە ئوغرىلىغان چاغلىرىمىزمۇ بولغان. بىر چاغدا ئەمدى سەۋزىنى كولاۋاتساق، بىر يەردىن ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، قاچە، قاچ! ئەسلى، قوناقلىققا كىرىپ كەتكەن ئىگىسى بىزنى كۆرۈپ قاپتۇ ئەمەسمۇ!

ئېتىزىمىز بەكلا يىراق بولغاچقا چۈشلىكى ئېتىزدا ئىشلىگەنلەر ئۆيگە قايتمايتتى، مەن ئەمدى شۇ كىچىك بولغاندىكىن يۈگۈر يېتىم ئىشلىرىغا يۈگرەيمەندە، ئۆيگە كەلسەم، چوڭ ئانام تاماقنى سېلىپ تەييار قىلىپ قوياتتى، مەن تاماقنى بىر قولۇمغا، يوغان چاي چۆگۈنىنى بىر قولۇمغا كۆتۈرۈپ ئېتىزغا ماڭاتتىم. مايماق كۆتۈرۈپ، ھېلىقى تاماقنىڭ سەي سۈيى تۆكۈلۈپ، قۇرغاقلا بولۇپ قالاتتى، بىچارە تاغىلىرىم ئامال يوق يەيتتى دە...

شۇ چاغلاردا ھېلىقىدەك بىر ۋېلىسپىتكە ئاپئاق يەشىكنى تېڭىپ، يېزىمۇ يېزا، كەنتمۇ كەنت يۈرۈپ چوكا مۇز ساتىدىغانلار بولىدىغان، ئېسىڭلاردا بامىكىن؟! شۇ چوكا مۇز ساتىدىغاننىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بىز ئۈچۈن شۇنداق ئېنىقتە، ھەپتىنىڭ قانچىسى چۈشتىن كېيىنمۇ چۈشتىن بۇرۇنمۇ ئىشقىلىپ كېلىدىغان چاغدىلا دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالاتتۇق، ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئانىمىزدىن پۇل ئېلىش بىر جەڭدە... مەن مۇنداق ئالاتتىم پۇلنى:
- ئانوۋ،،، ئانوۋ....-يېنىغا بېرىپ، ئاغزىمنى ئېچىپ، ئېتىكىگە سۈركىلەتتىم. مۇشۇ قىلىقىم چىققان كۈنى ئېنىقلا مېنىڭ پۇل دېگەن كۈنۈم!

بىزنىڭ چوڭ ئۆيدە بىر قىزىل ساندۇق بولىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇنقى رەڭسىز تېلىۋىزوردىن بىرسى قويۇقلۇق. ھېلىقى تېلىۋىزور تۇرۇپ تۇرۇپ چىقماس بولۇپ، گىژىلداپ تۇرۋالاتتى، تاغام مېنى سىرتتىكى ئانتېننا خادىسىنى ئۇياق بۇياق تېپىپ بېقىشىمنى بۇيرۇيتتى، مەن تولا تېپىپ، ئۆيگە قاراپ ۋارقىرايتتىم:
- چىقتىمۇ؟ چىقتىمۇ؟
- چىقتى! ھە بولدى،- مەن ئەمدى قويۇۋېتىشىمگە، يەنە تاغامنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى:
- ھەييى، يەنە چىقمىدى، بىردەم شۇنداق تۇتۇپ تۇرە!
ئەسلى مېنىڭمۇ شۇ كىنونى كۆرگۈم باتتى ئەمەسمۇ!```````

ئاشۇ قىزىل ساندۇقتا شۇنداق پەيزى يېمەكلىكلەر بار ئىدى. بۇرۇنقى قاراشېكەرلەر ھەقىقەتەن ساپ جۇمۇ، يەنە تېخى قۇرۇق يەل-يېمىش، كەمپۈت ئىشقىلىپ بەك جىق نەرسىلەر باتتى. مەن ئۈچۈن ئۇ ساندۇق بىر خەزىنە... نەۋرە ئىنىم ئىككىمىز سىرتتا ئويناپ ئويناپلا بىر نەرسە يېگۈمىز كېلىپ قالسا، ئاشۇ ساندۇقنىڭ ئالدىدا تۇرۋالاتتۇق،«نېرى تۇر، تېلىۋىزورنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدىڭ!» دېگەنلەر كار قىلمايتتى، قاچان شۇ نەرسىلەردىن ئېلىپ بەرمىگۈچە، نەپسىمىز تاقىلداپ كېتەتتى. كېيىنچە بىز تولا قۇلۇپ سالمىغان چاغلاردا ئۆزىمىز ئېلىپلا يەۋېلىپ، چوڭ ئانام بىزنىڭ ئاغرىپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەپ، ئۇ نەرسىلەرنى باشقا جايغا قويۇپ قويۇپتۇ. بىز ئۈچۈن بىردەمچىلىكتە ئۇلارنى تېپىش. نەۋرە ئىنىم ئىككىمىز بىردەم يوقاپ كەتسەكلا، چوڭ ئانام بوۋامنىڭ ھاسسىنى كۆتۈرۈپ ئىزدەيدۇ. ئەلۋەتتە، بىر قېتىمدىلا تېپىۋالىدۇ، چۈنكى بىز يەنىلا شۇ يەيدىغان نەرسىلەرنى تىقىپ قويغان يەردە، مۆكۈنۈپ تازا يەۋاتقان تۇرساق...

ھاممام سەيپۇڭخانا ئاچىدىغان بازارنىڭ ئارىلىقى بىزنىڭ ئۆيگە سەل يىراقراق ئىدى، كۈندە چۈشتە ئۇنىڭغا تاماق توشۇش بىر ۋەزىپە. باشتا ئاچام ئىككىمىز بىر كۈندىن توشۇدۇق، كېيىنچە، ئاچام توشۇغىلى ئۇنىمىدى. مەن بوزەك بولامدىم؟ مەنمۇ ئۇنىمىدىم، ئەمما بىر تاكتىكا بەك ئىشلەپ كەتتى-دە ماڭا، ئۇ بولسىمۇ، كۈندە چۈشتە تاماق توشۇپ ئاپارسام، ھاممام ماڭا ياندىكى دۇكاندىن بىر تال چوكا مۇز ئېلىپ بېرەتتى. مەن شۇ چوكا مۇزنى كۆزلەپ بولسىمۇ، بىر يىلدىن ئارتۇق تاماق توشۇغانىدىم.

بىزنىڭ يەنە شۇ چوڭ ئۆينىڭ بىر كىلومېتىر نېرىسىدا بىر چوڭ خامان بولىدىغان، ئىشقىلىپ مۇشۇ كەنتتىكى ھەممە خەقنىڭ خامىنى توپلاشقاندەك. خامان تېپىدىغان چاغدا بەزىلەر ئات، ئېشەك، قېچىرلار بىلەن تۇلۇقنى قېتىپ تەپسە، بەزىلەر تراكتورنىڭ توچىيىنى چىقىرۋېتىپ بېشىغا تۇلۇقنى قېتىپ تېپەتتى. خامان سورىدىغان بىر مەزگىل بار، شامال چىقىپ بەرسە ياخشى، ئەگەردە شامال چىقمىسا دېھقانلار ئاشۇ شامال چىقىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ ۋارقىرايتتى:«ھولېي ھولېي ھولېي ھولېي...» دەپ. يا بىر ئۇ شامالنى ھېلىقىدەك شامال بېرىش ماشىنىسىدا بەرگىلى بولمىسا.

مۇشۇ خامانلىقتا، بىر مۇنچە كۈن ئۆتىدۇ، شۇ ۋاقىتتا، چۈشلۈكى تۈگۈل كېچىسىمۇ مەخسۇس ئادەم يېتىپ خامانلىققا قارايتتى. بىزنىڭ قوشنىمىز شۇ خامانلىقتا يېتىپ سوغۇقتا شامالداراپ قاپتىكەن، ئاغزى بىر تەرەپكە مايماق بولۇپ، شۆلگىيى توختىماي ئاقىدىكەن. شۇ بىر ئىش بىلەن، خوتۇنلار گەپ تاپسا كۆرۈڭ، خامانلىقتا جىن باركەن، ئاۋۇ خالىق ئاخۇننىڭ بالىسى ئىرايماخۇن شۇ خامانلىقتا بىر ئاخشام يېتىپلا جىن تېپىۋېتىپتۇ، كۆزلىرى ئالىيىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك ئۆرلەپ يېتىپتۇمىش....ئۇ بالىغۇ ئانىسىنىڭ ئوبدان ئىسسىقلىق قىلىپ كۈتۈشى بىلەن ساقىيىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ خېلى جىق ئادەملەر ياتتى، ھېچكىم ئۇنداق بولمىدى. ئەمما، شۇنداق بولسىمۇ، مەن مۇمكىن ئەمەس، خامانلىققا يېقىن يوللىمىدىم، يۈرەكلەر سۇ ھە!

قوي باقىدىغان ۋاقىتلىرىمىز قىززىقتى تېخى، قويلارنى ئېغىلدىن ئەچىقىش ئاسان، كەچتە ئېغىلغا كىرگۈزۈش بىر جەڭ. مەھەللىدىكى بالىلار قويلىرىنى ھەيدەپ كەلگەندىكىنلا، مەنمۇ تەڭلا قويلىرىمنى ھەيدەپ چىقاتتىم. نەچچەيلەن قويلىرىمىزنى بىرلەشتۈرىۋېتىپ، دامبا (خابا دەيمىز ئادەتتە) دا ئولتۇرۇپ، ياۋا ئۈزۈملەرنى تېرىپ، تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ، بەزىدە كىتاب ئوقۇپ، بەزىدە ئويۇن ئويناپ دېگەندەك كۈننى كەچ قىلاتتۇق. ئويۇن بىلەن بولۇپ كېتىپ، بەزى قويلارنى تاپالماي، ئىزدەپ كېتىۋاتقان، كەچتە سانىساق بەزىلەرنىڭ ئارتۇق، بەزىلەرنىڭ كەم چىقىۋاتقان، قوشنىلارنىڭ قوتانلىرىغا كىرىپ قوي ئىزدەپ كېتىۋاتقان....


يازمىلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتقان تورداشلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت،  malak8814ئۈندىدار سالونىمدا بارلىق يازمىلىرىم بار. كۈندە نەچچە پارچىدىن يوللىنىدۇ. قوللاپ قۇۋۋەتلەپ قويارسىلەر! رەھمەت!

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 08:50:16

  مەلەك ، يازمىنىڭ بېشىنى ئۇقۇپلا گاڭگىراپ قالدىم ، «ھارۋىنى ئىشەككە قېتىپ .......» دەمدۇق يا « ئىشەكنى ھارۋىغا قېتىپ ......» دەمدۇق ؟ ئىشەك ھارۋا ھەيدەيدىغان ۋاقىتلىرىمدا « ئىشەكنى ھارۋىغا قېتىپ.......» دەپ ئىشلەتكەن يادىمدا ، نىمىشقىكىن مۇشۇ جۈملە توغرۇلۇق كىرىشىپ ئويلىنىپلا قالدىم .
  ئىشەك ھەيدەپ يۈرگەن كۈنلىرىمدىكى كۈندە دەيدىغان گەپلىرىمنى ماشىنا ھەيدەپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە ئۇنتۇپ قالسام ئاشۇ ۋاپادار ئىشەكلىرىمگە يۈز كىلەلمىگەندەك ھىسسىياتتا بۇلۇپ قالىدىكەنمەن . ..................

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 08:56:49

مەلەك سىتايىل.
ئىزدىنىىشتا ئۇسلۇپچىلار خېلى بار جۇمۇ؟

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:03:26

سىز ئېيتقان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىدە مېنىڭمۇ تاتلىق ئەسلىمىلىرىم بار.

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:12:13

مەن كىچىك ۋاقتىمدا بوۋاملارنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغانتىم ، ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى پۈتۈن مەھەللىدىكى بالىلار قوي ـ ئۆچكىلىرىنى ھەيدەپ چىقىپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا مەھەللىمىزنىڭ ئايىقىدىكى شورلۇقتا ئوتلىتاتتۇق ، قويلارمۇ ئۇدۇل تەرەپكە ماڭاتتى ، قايتىشتا قويلار ئۆزى چىققان قورۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىرى كەم قالماي كىرىپ كېلەتتى .ئاندىن مومام ئەتكەن ئۈگرىگە ئېغىز تېگەتتۇق ، شۇنداق ئوخشىتاتتى مومام ئۈگرىنى …
     قىش كۈنلىرى ئۆيىمىزنىڭ سەل نېرىسىدا ئېتىزلىقلارغا كىرگەن سۇ مۇز تۇتۇپ كېتەتتى ، مەھەللىلىدىكى بالىلار چانا تېيىلىپ ئوينايتۇق ، بىر ـ بىرىگە سوقۇلۇپ يىقىلىپ كەتسە باشقىلىرىمىز كېلىپ يۆلەپ قوياتتۇق ، ئاساسەن جېدەل ـ ماجرادىن خالىي ئىدۇق .
   ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا ئۆستەڭ بار ئىدى ، مەن بىر كۈندە سەككىز قېتىم سۇغا چۆمۈلگىلى چىققانلىقىمنى بىلىمەن ، سەككىز ياشقا كىرگەن چېغىمغۇ دەيمەن ، بىر كۈنى ئەتىگىنى بوۋامنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى باشلىق بىر مۇنچە كىشىلەر ئاندىن ئاتام ـ ئاپام كىرىپ كەلدى ، مېنىڭ خەتنەمنى قىلغىلى چىققانلار ئىكەن … شۇ كۈنى پېشىنگىچە ئۆيدە ياتتىم ، پېشىندىن كېيىن مەھەللدىكى بالىلارنىڭ ئۆستەڭ بويىدىكى سۇغا سەكرەپ ئوينىغان ئاۋازلىرى ئارامىمنى بۇزدى ، مومام سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتە ئوغرىلىقچە ئۆستەڭ بويىغا چىقىپ ئەمدى سۇغا سەكرەپ دەپ تۇرسام يېنىمدىلا بىر سايە پەيدا بولدى قارىسام مومامنىڭ چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇرۇپتۇ ، شاپىلاق بىلەن گەدىنىمگە بىرنى سېلىپ ئۆيگە ھەيدەپ ئەكىرىپ كەتتى ، ماڭا شۇنچە ئامراق مومامنىڭ بۇ بىر شاپىلىقىنى خېلى كۈنلەرگىچە ئېسىمدىن چىقىرالماي باتناپ يۈرگەنتىم . مەھەللە بويىچە گاگار ئويناشتا ماڭا يېتىدىغان بالا يوق … ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بىز قوي باققىلى يالاڭئاياق ماڭىدىغان يوللار تاشيوللارغا ئۆزگەردى ، لېكىن بىز شۇ ۋاقىتتا ئوينىغان ئويۇنلارنىڭ بەشتىن بىرىنىمۇ ھازىرقى بالىلار ئوينىيالمايدىكەن ، بالىلىقتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر بىر تالاى …

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:40:18



يەنە بۇمۇ بار. ئەينى يىللىرى ۋېلىسىت مېىنىش بىز ئۈچۈن بىر قالتىس ئىش ئىدى، ئاساسەن مۇشۇنداق تىپتىكى چوڭ ۋېلسىپىتلار بولاتتى  دېھقان ئۆيلىردە.  ۋېلسپىت مېنىشنى ئۆگىنىشتە « چاتىراقتىن مېنىش»، « رامدىن مېنىش» ۋە « ئىگەردىن مېنىش» تىن ئىبارەت ئۈچ ئۆتكەل بارئىدى. ئىگەردە ئولتۇرۇپ مىنگۈدەك بولغاندا، بىردىنلا ئاقسالىشىپ كېتەتتۇق، چۈنكى بۇ ئەمدى  مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش سەپىرىدە، بىزنىڭ ۋېلسپىتنىڭ ئارقىسىغا قىز ساۋاقداشلارنى مىندۈرەلەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بىرەتتى ...
يەنە، چاپاننىڭ ئالدىنى ئېچىۋىتىپ  ۋېلسپىتنى ئۇچقاندەك ھەيدىسەك ، چاپاننىڭ ئارقىسى خۇددى پاراشوتتەك كۆپەتتى...

قىنى يەنە ئەسلەپ باقايلى ...

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:45:15

چوڭ دادام كومىنا ۋاقتىدا ئەترەتنىڭ خامىنىغا قارايدىكەنتۇق.كۈندە ئىغىر ئىشلىگەچكە ئۇيقۇسى قاتتىق ئادەم، قىرىشقاندەك ئۇنى كۈزەتچى قىپ قويۇپتۇ. بىر كۈنى ئەترەت باشلىقلىرى يىرىم كىچىدە تەكشۈرگىلى كەپتۇ. باشتا توۋلاپ بىقىپتۇ چوڭ دادام ئويغانماپتۇ، يىنىغا بىرىپ تۈرتۈشلەپتۇ، كۆزىنىمۇ ئاچماي كەينىگە ئۆرۈلۈپ يىتىپتۇ:lol، بۇنىڭدىن ئاچچىقى كەلگەن باشلىقلا چوڭ دادام ياتقان كارىۋاتنى بىللە كۆتۈرۈپ خاماننىڭ نىرى تەرىپىدىكى يولغا ئاچىقىپ قويۇپتۇ، شۇندىمۇ ئويغانماي ئۇخلاپتۇ{:92:}
ئەتىسە ئويغىنىپ كۆزىنى ئاچسا يولدا تۇرىمىش، چوڭ داداپ جىن ئاپقاچقان ئوخشايدۇ دەپ قوقاپ ئۆيگە يۇگۈرۈپ قايتىپ كەپتىكەن، كىيىن ئەترەت يىغىن ئىچىپ ئىغىر تەنقىتلەپتىكەنمىش.{:101:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:50:37

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 09:45 static/image/common/back.gif
چوڭ دادام كومىنا ۋاقتىدا ئەترەتنىڭ خامىنىغا قارايدىكە ...

ئەترەتنىڭ جىنلىرى ئېلىپ قېچىپتىكەندە;P

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:51:16

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 09:40 static/image/common/back.gif
يەنە بۇمۇ بار. ئەينى يىللىرى ۋېلىسىت مېىنىش بىز ئۈچۈن  ...

مېنىڭمۇ بىرسى بار ئىدى ، رولنى تۇتماي مىنىۋالاتتىم تولىسى :lol

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:56:54

بۇرۇن شۇ كوممۇنا ۋاقتىدا بىر ئەترەت باشلىقى باركەنتۇق ، نەگىلا ھاشارغا بارسا ئېلىپ يۈرەيدىغان بىر يىغما كارىۋىتى باركەن … چايان چېقىۋېلىشتىن قورقۇپ شۇنىڭدا ياتىدىكەنتۇق ، بىر كۈنى كېچىسى ھاشارچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېتىپتىكەن ، نەدىن پەيدا بولغان بىر چايانكىن شۇ كارۋاتتىكى ئادەمنى چېقىۋاپتىكەن{:92:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:09:23

ئەسلەپ باقاي ، بىزنىڭ تارانچى سەھرالىرىدا  ئەينى ۋاقىتلاردا تۆۋەندىكى ئويۇنلار بەك قىززىيتى:

1. ۋاللەي - بۇنى جەنۇبلاردا گاگار دەپ ئاتايدىكەن. ھەقىقەتەن تەنھەرىكەت تۈرىگە يېقىنلاشقان پەيزى ئويۇنتى بۇ، شەنبە -يەكشەنبە كۈنلىرى كىرىشىپ كىتەتتۇق. ئاساسەن باش باھار كۈنلىرى ئوينىلاتتى.
2.پاخپاق - بۇنى باشقا جايلاردا نېمە دەپ ئاتايدىكىن بىلمەيمەن. كىتاب-دەپتەرنى پاخپاق ياساپ ئۇتتۇرۇپ بولىدىغان بالىلار بارتى . مەن خىلى ئۇستا ئىدىم، بىر قۇچاق ئۇتۇپ كىلەتتىم، ئاندىن ئۇلارنى چۇۋۇپ ئوقۇغۇدەك نەرسە ئىزدەيتىم، بەزىلىرىدىن خىلى ياخشى ھېكايە-چۆچەكلەر چىقىپ قالاتتى..
3.ئوشۇق - بۇنى دېمىسەممۇ بولىدۇ -ھە، ئوشۇقتىن پايدىلىنىپ ئوينىلىدىغان قىمار تۈرىدىكى ئويۇنلار بەك كۆپ ئىدى، بىز ئەڭ كۆپ ئوينىغىنىمىز چەنلەپ ئويناش ئىدى...
4. چوكامۇز چوكىسىغا دائىر ئويۇنلار - بىر تۈرىدە ئىككى ياكى بىرقانچە بالا تەڭ نېسبەتتە چوكىلىرنى ئارىلاشتۇرۇپ، يەرگە كاللەكلا چىچىپ، باشقا چوكىلارنى مىدىرلاتماي ئېلىشتىن ئوينايتى. يەنە بىر تۈرىدە ئاۋال بىرەيلەن چوكىنى تامغا ئۇرۇپ قاڭقىتاتتى، ئاندىن يەنە بىرەيلەن شۇنداق قىلاتتى، كېيىنكىسى ئاۋالقىسىنىڭ چوكىسىغا يەتكۈزۈۋالسا ئۇتقان بولاتتى...
5.تۈگمە ئويۇنلىرى - بۇمۇ بەك قىززىيتى، ئەتىياز ۋە قىش كۈنلىرى دادۈينىڭ ھويلىسىدىكى كۈنگەيلىكتە دەھشەت ئوينىۋىتەتتۇق دەيمەن! بۇنىڭدا يوغانراق تۈگمە بولسا بىرى يەرگە تاشلاپ، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇپ، ئۆرۈۋالسا  ئۇتقان بولۇپ ئوينايتى. يەنە بىرىدە ئاۋال بىرەيلەن تۈگمىنى تامغا ئۇرۇپ قاڭقىتاتتى، يەنە بىرەيلەن ئۇنىڭغا يىتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تۈگمىسىنى تامغا ئۇرۇپ قاڭقىتىدۇ، كېلىشىۋالغان ئارىلىققا چۈشسە ئۇتقان بولىدۇ.....
6. تۇخۇم سوقۇشتۇرۇش - ئاساسەن ئەتىياز ۋە ھېيت-بايراملاردا قىززىيتى. ئۇچ-پاينەك ئويۇنى، قاتار ئويۇنى ...يەنە تېخى لايدىن تۇخۇم ياساپ ، قىرىنداشنى سۈركەپ پارقىرىتىپ، سوقۇشتۇرۇپ ئوينايتۇق :lol
7.رەگەتكە
8.جىغىلداق
9.پىرقىرىغۇچ (نۇر) - بۇ قىشلىق تەتىلدە ئەڭ قىززىيدىغان ئويۇن ئىدى...
10.چانا
......................ھەي بالىلىق ...ھەي بالىلىق...:'(

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:22:29

تەپكۈچمۇ بار ئىدى.  بەزى ئوغۇللار قىزلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ،  تەپكۈچنى تەتۈر تېپىپ، نەلەرگىدۇ قاڭقىتىۋېتەتتى.
يەنە تېخى ئوختاش بار، مەن پەقەت كۆزۈمنى قىسالمايمەن، شۇڭا قارىغۇ تاشقا كەلگەندە، بىر قولۇم بىلەن كۆزۈمنى ئېتىۋېلىپ ئوينىسام،  داۋاملىق قالاتتىم.
رېزىنگە ئاتلاش ئويۇنى ئوينايتتۇق. ئۇنىڭمۇ تۈرلىرى بەك كۆپ ئىدى.
سابۇر دەپ  ئاتىلىدىغان ئىچىگە كېپەك سېلىپ تىكىلىدىغان خالتا. بۇ ئويۇننى ئوينىغاندا، ئوتتۇرىدا يۈگرەپ يۈرۈپ تۇتىدىغان بىرەيلەن چاپىنىنى تەتۈر كىيىپ، تۇتۇشقا تىرىشاتتى. بىز بىردە ئېگىز بىردە يەر ياقىلىتىپ ئېتىپ، ئۇنىڭغا تۇتۇق بەرمەيتتۇق.
يەنە تېخى، يەرگە كاتەكچىلەرنى سىزىپ، بىر يۈزماي قۇتىسىنى تېپىپ ئوينايدىغان بىر توققۇز كاتەك دەپ ئويۇن بولىدىغان.
يەنە تېخى، كۆزىمىزنى ئېتىۋېلىپ ئالدىمىزدىن ئۆتكەن ئادەمنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىپ ئۆتكەنلىكىنى پەرەز قىلىدىغان ئويۇن، چەمبەر شەكلىدە ئولتۇرۇپ، قولياغلىق تاشلاش ئويۇنى ئوينايتتۇق.
مېھماندارچىلىق، مالىمدارچىلىق ئويناپ، قورودىكى تونۇرنىڭ سىرتىغا لايدىن خېمىر ياساپ، نان چاپلاپ ئوينايتتۇق.
ھەقىقەتەن بالىلىق بەك پەيزى چاغلار ئىدى.

samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:26:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   samawar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 10:28  

مەنمۇ ئەسلەپ قالدىم ،تىما ئىگىسىگە ھەشقاللا..
1. بالچۇق
2.تانا
3.مەرمەر
(.ئەي جىي كەي
ئورەك
تام -توقاش)
4. پىلدىلىغۇچ
5.لەگلەك
6.چاكۇم
7.سوزماق
8.سىجو
9.پاخپاق
10.شامالدۇرغۇچ
11.قۇتا
12.تام ئاتلاش
13.ئىسىم قويۇش
14.چامغۇر يۇلۇش
15.گو قوغلاش
16. ئانام يۈتتى يا ئاللا
17.قاپاق تىردىم تىردىم ..
18.ئوغرى ساقچى
19.مىماندالىق
20.بۈكىبۈك (مۆكىمۆكىلەڭ )
21.قارىغۇ ساچقان
22. قارا-قارا قۇشلارىم
23.يىڭىلتىماق
24.چانا
25.غاقى-غاق
26.ئۇزۇن چاچ
27.پىي-پىي
29.سۇغا چۈشۈش
30.لاي توقاچ
31.ئەتتىر-مەتتىركام
32.قارا يۈز
.........
رەببىمگە يانا بىر قىتىم شۈكۈر دىدىم!:)

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:38:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 10:40  

ئويۇننىڭ ئەڭ خەتىرىنى يەنە بىز ئويناپتىكەنمىز، ھەربىي دۈشمەننى سوزماق بىلەن ئوينايتۇق ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىر قېتىم مىنىڭ كالپىكىمنى يىرىۋەتكەن. قارام گۇيلا ھەر يوغان ھەر يوغان تاشلار بىلەن ئاتاتتى، اللە ساقلاپ ھىلىمۇ بىرەرسىمىز كۆزى قۇيۇلۇپ كەتمەپتىكەن شۈكىرى. ئەمما بىرەيلەن بىر چىشى سۇنغان، يەنە بىرسىنىڭ پىشانىسى يىرىلىپ كەتكەن. كالپۇك يىرىلىش ياكى باش كۆزى كۆكۈرۈپ قىلىش ئادەتتىكىدەك ئىش ئىدى، ئەمما شۇنداق قىززىيتى.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:40:55

ئاۋۇ خامانلار خەنسۇلارنىڭ خامىنى ئىكەن، ئەسلى كەيپىيات شەكىللەنمىدى

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:44:17

مەن سىلەر دېگەن ئويۇننىڭ ھەممىسىنى دېگەندەك ئويناپ چوڭ بوپتىمەن ، بىر قېتىم ھەربىي ـ دۈشمەن ئويناپ مېنىڭ ئاتقان داڭگىلىم قارشى تەرەپنىڭ ئاغـزىغا كىرىپ كېتىپ مەن بىلەن ئوينىماس بوپ قالغانتى … ئاخىرى داڭگال دېگەن لەقەمگە مۇشەررەپ بوپ ئولتادىم{:92:}

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:55:51

مىنىڭ چوڭئانام  يامان ئايالكەنتۇق كۈندۈزى  قوناقنى چوڭداداملار بىلەن بىللە  ئورۇپ ئەتەئۆيگە ئەكىرىلى دەپ قوياپ  كىچىسى  ئۇخلىمايلا  توشۇپ  ئەككىرۋەىتىپ ئۇخلاپ قالغان گەپ  چوڭدادام ئويغىنىپ ئىتىزغا  چىقسا  قوناق  يوق ،ئاللا  كاللا  دەپ  ئۆيگە چىرىپ  قوناقنى ئوغرى ئاپتۇ  دىسە چوڭئانام  خىيالىدا يوق ئۆگزىگە قايلاپ  باقسىلا  دىگۈدەك{:87:}{:87:}{:87:}{:87:}{:87:}

yalghuz1944 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 11:00:54

تىما ئىگىسى سىز تۈركچە ئۇيغۇرچە 500جۈملە دىگەن كىتابنىڭ تۈزگۈچىسى مەلەك شۇمۇ؟

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 11:02:39

yalghuz1944 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 11:00 static/image/common/back.gif
تىما ئىگىسى سىز تۈركچە ئۇيغۇرچە 500جۈملە دىگەن كىتابنىڭ ...

ياق، مەن ئەمەس، ئۇ قىز بىلەن تونۇشىمىز. مېنىڭ ئۇ قىزچىلىك تالانتىم يوق دەپ قارايمەن. پەقەت شۇ قوللانغان ئىسىم ئوخشاپ قاپتۇ خالاس.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 11:46:13

يەنە ئەڭ ئومۇملاشقان ئويۇنلارنىڭ بىرى :  مەھەللە دوخمۇشلىرىدا  بىرتوپ قىزلار (بەزىدە 20-30 بولۇپ كېتىدۇ) سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزەتتى. ئۇلار نى بىرەر چوڭ  ئادەم يېتەكلىمەيتى، تەشكىللىمەيتى،ئارىسىدىكى چوڭراقلىرى رىياسەتچى بولۇپ  ئويۇننى شۇنداق تەرتىپلىك ئېلىپ باراتتى...بەزىدە چوڭلارمۇ ئىختىيارسىز ئۇلارنىڭ چۆرىسىگە توپلىنىپ كۆرۈپ كېتىدىغان ..
بەت: [1] 2 3
: خامانلىقتا ئۇخلاپ قېلىپ جىن تېپىۋەتكەنلەر بارمۇ؟