uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 20:50:28

ئادەم « ئىزدەش » ئېلانى



  2009- يىللىرى مۇنبەر ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىم ئىدى ، شۇ ۋاقىتتا شئېر ئىجادىيىتى بىلەن خېلىلا ھەپىلىشىپ يۈرگەن چاغلىرىم بولۇپ … شۇ ۋاقىتتىكى نوپۇزلۇق بىر مۇنبەردە ( ھازىر يوق ) جامائەت ئەربابى بولۇپ يۈرەتتىم ،غەزەلنى كۆپرەك يازاتتىم ، شۇ يىلنىڭ بېشىدا تازا بېرىلىپ غەزەل يېزىپ يۈرەتتىم ، مۇنبەرگە ئۆزىگە « بارخان » دەپ ئىسىم قويغان بىر كىشى پەيدا بولۇپ قالدى ، يوللىغان ئەسەرلىرى قالتىس ئىدى ، كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ماڭا مۇشائىرە ئېيتىپ بىر تېما يوللاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قۇبۇل قىلىپ ئىككى كۈن مۇشائىرە ئېيتىشتۇق .
    كېيىن QQ  نى ئۆز ـ ئارا قاچىلىشىپ پاراڭلاشتۇق ، يېشى ئەللىك ياشتىن ئاشقان ئادەم ئىكەن ، ئۆزەم ئاتۇشتىن … ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن دېگەندەك ئېسىمدە ، مەنمۇ يوشۇرۇپ يۈرمەيلا ئەمدىلا ئون سەككىز ياشقا كىرگەنلىكىمنى ، تولۇقسىزدىن چېكىنىپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغانلىقىمنى سۆزلەپ بەردىم .
   ئۇ ئادەم ماڭا ئۆزىدە شئېر ـ غەزەلگە ئائىت كىتابنىڭ كۆپلىكىنى ئېيتىپ ماڭا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ « قارلىقتاغ شەجەرىسى » ناملىق شئېرىي داستانى بىلەن « شىنجاڭنىڭ تاڭ تەۋرىدىكى ناخشا ـ ئۇسۇل سەنئىتى » ناملىق كىتابنى سېلىپ بەرمەكچى بولدى ، مەن «پۇلىنى سېلىپ بېرەي» دېسەم خاپا بولۇپ «ياخشى كۆڭلۈم بىلەن دەۋاتىمەن ، پايدىلىنىپ تىل قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرۈشىڭىزگە ياردىمى بولار ، تىرىشىڭ … » دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ پوچتىدىن سېلىپ بەردى ، بۇ ئىككى كىتابنى تاپشۇرۇۋېلىپ ھازىرمۇ كىتاب ئىشكاۋىمدا ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتىمەن ، كېيىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى توربەتلەر توختاپ كەتكەچكە ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى ، ئېسىمدە قېلىشىچە ، بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى «مۇھەممەت » … شۇ ۋاقىتتىكى ئورخۇن تورىغىمۇ ئەزا ئىكەنتۇق … 2009-يىلنىڭ ئاخىرى بىر قېتىم تېلىفۇندا كۆرۈشكەندە « قايسىدۇر بىر مۇھاكىمە يىغىنىغا ئاتاپ ئىلمىي ماقالە تەييارلاۋاتىمەن » دېگەن ئىدى ، ئەپسۇس ، تېلىفۇن نۇمۇرىنىمۇ يۈتتۈرۈپ قويدۇم .
    بەلكىم ئىزدىنىشتا بۇ كىشىنى بىلىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن ، مۇمكىن بولسا شۇ ئاكىمىزنى بىلىدىغانلار بولسا ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

roh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:10:02

ھەي ... كىتابنى ياخشى ساقلاپسىز!
بەلكىم باردۇر .

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:15:43

مەنمۇ سىز«ئۇيغۇرا»نى تونۇغاندەك قىلىمەن جۇمۇ{:92:}، بەزىدە «تورداش ئىزدەش ئېلانى»دىن بىرنى ئېلان قىلىپ ئىلگىرى غايىپ بولغان مۇنبەرلەردىكى بىر قىسىم  كىشلەرنى ئىزدىگۈم كېلىپ قالىدۇ.

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:40:18

بەلكىم تونۇغانسىز ، مەن مۇشۇ باش سۈرىتىمنى ئۆزگەرتمەي ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن{:99:}

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 11:05:49

ئۇيغۇرا بۇرادەر، سىز تىلغا ئالغان ئادەمنىڭ ئىسىم-فامىلىسى مۇھەممەد قادىر، تور نامى بارخان، ئۆزى ئاتۇشتىن. 50 ياشلار ئۆپچۆرىسىدە بار، مىجەز-خاراكتېرى ئېسىل، غەزەل ۋە ماقالە يازىدىغان، كەمتەر ئادەم. مەن بۇ ئاكىمىز بىلەن 2011.7 دە ئاتۇشتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە بىر كۈن بىللە بولغانىدىم. سىز «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىغا تېلېفون قىلىپ سورىسىڭىز تەھرىرلەر دەپ بېرىشى مۇمكىن!

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 11:17:52

ماقۇل ، رەخمەت سىزگە … ژۇرنالنى ئىزدەي

19941010 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 11:25:24

تىزراق تىپىشىڭىز غا تىلەكداش مەن

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 11:49:46

uyghura يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 10:40 static/image/common/back.gif
بەلكىم تونۇغانسىز ، مەن مۇشۇ باش سۈرىتىمنى ئۆزگەرتمەي  ...

بۇرۇن  «ئاتا» دېگەن ئىسىمدا دىيارىم،شەبنەملەردە لاغايلاپ يۈرگەن چاغلاردا ، كۆپ ئۇچراتقاندەك قىلىمەن «ئۇيغۇرا»نى

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:02:03

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 11:49 static/image/common/back.gif
بۇرۇن  «ئاتا» دېگەن ئىسىمدا دىيارىم،شەبنەملەردە لاغا ...

ئوھوي … خەنجەربەگ … ئەسسالامۇئەلەيكۇم … ئەكېلىڭە قولىڭىزنى ، كېيىن سەلكىندىكى « شائىر ئەپەندى » دەپ ئىسىم قوويۇۋالغان:shutup:

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:02:51

شۇنداق ئىسىم قويۇۋالغىنى مەن ھە …

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:06:27

uyghura يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 12:02 static/image/common/back.gif
ئوھوي … خەنجەربەگ … ئەسسالامۇئەلەيكۇم … ئەكېلىڭە قول ...

:lol :handshake  دىدار غەنىيمەت

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:11:41

مەنمۇ ‹‹ ئۇيغۇرا›› بۇرادەرنىڭ باھانىسىدە، تورداشلاردىن بىر ئادەمنى سۈرۈشتە قىلىۋالاي ، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر، ئۆزگىچە تەپەككۇرغا ئىگە ئېسىل ماقالىللىرى بىلەن تور دۇنياسىدا تەسىر قوزغىغان، قومۇللۇق ئابدۇرېھىم ئابلەتخان دەپ بىر ئادەم بولىدىغان، خېلى بولدى بۇ ئادەمنىڭ يېڭى ماقالىسىنى كۆرۈپ باقمىدىم ، تونۇيدىغان تورداشلار بولسا مۇشۇ ئادەم توغرىسىدا يېڭى ئۇچۇرلارنى بەرگەن بولساڭلار ؟  

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:37:13

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:37:47

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:51:49

ئ‍ېسىل خەۋەرلەرنى سۈپەتلىك، تىز تەرجىمە قىلىدىغان مۇھەممەد 2008 ل يەنە تارىم دادخاھ، ياۋۇز؛ ماڭا قىزغىن مەسىلىھەتلەردە بولغان تارىمى قىزچاق؛ يەنە پىنھان، زىلتار… دېگەنلەرمۇ كەم دىدار بولۇپ كەتتى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:53:11

يانا چىمنىڭ بالىسى يۇتۇپ كەتكەندۇ دەپ كىرسەم {:92:}{:92:}{:92:} ماندا  ئىشكەندە ئەسلى

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:58:34

يانا چىمنىڭ بالىسى يۇتۇپ كەتكەندۇ دەپ كىرسەم  ماندا  ئىشكەندە ئەسلى

مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ كىرىپتىكەنمەن، ھەنىم بولسا شۇكرى...

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 13:11:36

2007 ياكى 2008 يىللىرىغۇ دەيمەن بۇرۇن نەنچاڭدا ئۇقۇپ شۇ يەردە خىزمەت قىلىپ يۈرگەن ئۈزى قاراقاشلىق قاشتېشى مۇنبىرىدىكى ئابونىت نامى   ‹ تاشىقىن › بولغان ئەزانى قايسىڭلار تۇنۇيسىلەر ؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 15:23:06

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 12:51 static/image/common/back.gif
ئ‍ېسىل خەۋەرلەرنى سۈپەتلىك، تىز تەرجىمە قىلىدىغان مۇھ ...

تارىم دادخاھ  ...راست شۇ كىشى ئۇزۇن بوپتۇ يوقاپ كەتكىنى ، مەن 2008-يىللىرى «قاراق» نامىدا بىر مۇنبەر قۇرغاندا شۇ كىشى بىرمۇنچە ياخشى يازمىلارنى يوللاپ يۈرگەنتى... ئۇنىڭدىن باشقا بىرقانچە مۇنبەردە ئۇچىراپ قالاتتى...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 15:25:37

داركىنىس؟؟ جىك ؟؟
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئۆزۇم ئىزدىنىشنىڭ ئەزاسى ئەمەستىم، ئەمما «داركىنىس»،« جىك» ....قاتارلىق قەدىمى ئىزدىنىشلىقلارنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇغۇلى كىرەتتىم كۈندە
بەت: [1]
: ئادەم « ئىزدەش » ئېلانى