كىرىمىنىي جىلغىسى يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە كىرمەكتە
كىرىمىنىي جىلغىسى يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە كىرمەكتەمەنبە : ۋاڭيى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 16-12-2014
ئامېرىكىدىكى مۇھىت تەتقىقاتىغا مەبلەغ سالىدىغان بىر شىركەت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە كارخانىچىلار زور مىقداردىكى ئىقتىساد ۋە تېخنىكىنى يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە سېلىشنى باشلىغان. بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە تەۋەككۈل تۈرلىرىگە مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە شەخسىي شىركەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېمەكلىكنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىغا سالغان مەبلىغى 269 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، پۈتۈشكەن تۈر سانى 41 گە يېتىپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى مەبلەغ سوممىسىنى ياراتقان، ھەمدە ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى مەبلەغ سوممىسىنى بىر قاتلىغان. 2009-يىلىدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت بۇ تۈرگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ھەر يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %63 بولغان.پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن دېھقانچىلىق مەيدانى سېتىۋېلىشىدىن تارتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلدىغان يۇمشاق دېتاللارنى تۈزۈشكىچە بولغان جەرياندا، پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە كىرىپ كەلمەكتە ئىكەن.
كۆپ قىسىم دېھقانلار كىرىمىنىي جىلغىسىدىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە كىرگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، كىرىمىنىي جىلغىسىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىپ تېرىقچىلىق، سۇ ئاپىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. كالىفورنىيەدىكى دېھقانلارنى ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئۇلارنىڭ iPod ئارقىلىق ئېتىزلارنى باشقۇرۇشىدىن تارتىپ، يۇمشاق دېتال ئارقىلىق تۇپراقنىڭ نەملىكى ۋە ئازوت مىقدارىنى تەكشۈرۈشكىچە بولغان جەرياننىڭ ھەممىسىدە پەن-تېخنىكا ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىكەن.
ئانا تىلىمىزدىكى ئەڭ كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسى: www.erqal.com
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB):
بۈگۈن تېلېفۇندا ئېتىزلىق ئويناۋاتقانلار، ئەتە تېلېفۇندا ئېتىزلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرىدۇ، ئىشلار شۇنداق بولىدۇ، ھەم ئاپتوماتلاشتۇرۇش پروگراممىسىنىڭ مۈرەككەپلىگىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئىنسان تېنىنىڭ ئېنىرگىيە ئېـھـتىياجى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق قاندۇرۇلۇشتىن باشقا يولى يوق بولغاچقا، بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىش ھازىرقىدەك ئىقتىسادىي كىرزىسكە يۈزلەنگەن دەۋىردىكى ئاقىلانە تاللاشتۇر. بۇ ئىشتىمۇ يېڭىچە جەلىپ قىلارلىق تۈرلەرگە ۋە ئەڭ ئېھتىياجلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۈنۈمى ئەلۋەتتە يۇقىرى.
ئاشلىق بەك مۇھىم نەرسە، ئالدىن كۆرەرلىكى باركەن. ھازىر تۇپراقنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى، نەملىكى، تىمپراتۇرا ھاۋارايى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى يىراقتىن ئىگىلەپ كۈزىتىش مۈمكىن، ئاپتوماتىك سۇغۇرۇشمۇ مۈمكىن، ئەمما قوللىنىشى بەك ئاز، مۇھىم سەۋەپ يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلەشمىگەنلىكىدە. ئامرىكىنىڭ
دېھقانلارنى شەھەرگە كىرگۈزۈشتىن مەقسەت يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش. دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار دېھقان ئاتالماي شىركەت خادىمى ئاتىلىدۇ، خىزمەت ۋاقتى ۋە پىنسىيە مۇئاشى بولىدۇ، ئاق ياقىلىقلار ۋە كۆك ياقىلىقلار بولىدۇ ... خۇددى قول ھۈنەرۋەنلەرنى زاۋۇتقا ئەكىرىپ ئىشچى، تېخنىك قىلىپ سانائەتلەشتۈرۈش دەپ ئاتىغاندەك. بۇ جەرياننى 50-يىللاردا كوپراتسىيەلەشتۈرۈش دەپ ئاتايتتى {:87:}
يېرى بار دېھقانلار شىركەتنىڭ خوجايىنى بولالايدۇ، يېرى يوقلار شىركەت خادىمى، مۇنداقچە ئېيتقاندا قارا ئەمگەكچى بولىدۇ. دېھقان قېرىنداشلار يەرگە ياخشى ئىگە بولىلى. يەنىلا « ئىچىل داستۇرخان » بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپتۇ مانا... ftp يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 13:00 static/image/common/back.gif
يەنىلا « ئىچىل داستۇرخان » بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپتۇ مان ...
ئابدۇرىھىم ئابلەتخان يوقاپلا كەتتىغۇ ......
بەت:
[1]