gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:43:52

خام پىلان: ئېلېكتىرۇنلۇق پايانداز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gldingwash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 16:45  

خام پىلان: ئېلېكتېرۇنلۇق پايانداز

پىلان بارلىققا كېلىشتىكى ئارقا كۆرۈنۈش: يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدىكى تەلپەك-تەلپەك قار دەستىدىن دۇكانلىرىمىزغا كىرگەن خېرىدارلار ئايىغى بىلەن ئىششەك قارنى بىللە ئېلىپ كىرىپ، ئەتىگەندە سۈرتكەن پوللارنى، چىنە قىشلارنى بىردەمدە مەينەت قىلىۋېتىپ بارىدۇ. بانكىلارغا، سودا سارايلارغا، ئىشخانىلارغا كىرگەندىمۇ يەنە مۇشۇ ئاۋارىچىلىق. ئۆيلەردىغۇ ئاياغ سالىدىغان جاينىڭ كىرلىشىپ، نەملىشىپ بىكار بولۇپ كەتكىنىنى دېمەيلا قوياي. شۇنىڭ بىلەن ماۋۇ جىم تۇرماس كاللامدا چاقماق چېقىپ، مۇشۇ يېڭىلىق ئەكس ئەتتى.
مەھسۇلات ئىسمى: ئېلېكتېرۇنلۇق پايانداز (ھازىرچە دەماللىققا شۇنداق دەپ تۇردۇم. كېيىن نېمە دېسەڭلار مەيلى)
مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى: دۇكان، ئىشخانا، ئۆي، سودا سارايلارنىڭ ئىشىك تۈۋىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمىز. سىرتتىن كىرگۈچىلەر ئاۋۇ پايانداز ئۈستىگە ئىككى پۇتىنى ئېلىپ 4-5 سىكونت ئەتراپىدىلا پاياندازنىڭ قىزىق شامال چىقىرىش ياكى قىززىتىش ئىقتىدارى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئايىغىمىزدىكى چاپلىشىپ سۆرىلىپ بىللە كىرگەن قارلارنىڭ ھەممىسىنى شۇررىدە ئېرىتىپ ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالىدۇ. ئاندىن بىز پاكىز قەدەملىرىمىز بىلەن چىنە قىشلارغا، پولغا، گىلەملەرگە غادىيىپ دەسسەپ ئۆز مەشغۇلاتلىرىمىزغا كىرىشىپ كېتىمىز.  ئۈسكۈنە سۈمۈرۈۋالغان پاسكىنا سۇنى بىرنەچچە سائەتتە ياكى بىر كۈندە بىر قېتىم تۆكۈۋەتسە بولىدۇ.
مەھسۇلاتنىڭ لايىھەلىنىش، ئىشلەپچىقىرىلىش ھالقىلىرى: بۇ خىل ئۈسكۈنە ئومۇمەن ئەنئەنىۋىي گىلەمچىلىك بىلەن ئېلېكتىرۇنلۇق قىسمى ۋە مېخانىكا قىسمىنى بېرىكتۈرۈپ كۆركەم لايىھەلىنىپ، چوڭ، ئارا، كىچىك ئۆلچەملەردە ۋە ھەرخىل رەڭلەردە بازارغا سېلىنسا بولىدۇ. مەزكۇر مەھسۇلات شىنجاڭ رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىمۇ ئىستېمال بازىرى ئاچالىشى مۇمكىن. ياز كۈنلىرى يازلىق نۇسخىسىنى ئىشلەپ يامغۇر يېغىن كۆپ بولىدىغان شەھەرلەردە ئوخشاشلا بازار تاپقۇزغىلى بولىدۇ.
بۇ پىلانىم بەلكىم تېخى ئىشلەپچىقىرىلمىغان، پاتېنېت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىنسىمۇ تەستىقلىنىپ قالىدىغان يېڭى پىلان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بازىرىغا كۆڭلى توختالغان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالدى بىلەن مۇكەممەل كۆرۈنمە لايىھەسىنى، چىرتىيۇژىنى، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلۈشىنى تەپسىلىي تۈزۈپ چىقىپ پاتېنىت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىۋېلىشىنى، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىغا ئۆتۈشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.
بۇ مەھسۇلاتنى مۇكەممەل لايىھەلەپ، بىرلا ۋاقىتتا تېلېۋىزۇردا ئېلان بېرىپ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارسا، خېلى بازىرى بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە كۆزلىگەن مەقسەتكە ئاسانلا يەتكىلى بولۇشى ئېنىق. ئەڭ مۇھىمى مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە ئوبدان كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بۇ پىلانىم بارلىق ئۇيغۇر كارخانىچى قىرىنداشلارغا مەنسۇپ
شۇڭا، خالىغانچە پايدىلىنىلسا بولىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 18:37:58

قەۋەتسىمان سۇ ئىقىپ تۇرىدىغان قىلىسىز، ئاخىرقى ئۇچىدا لاي تىندۇرىدىغان قاچىسى بۇلىدۇ، سۇنى كىچىك سۇ ناسوسى بىلەن ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 19:14:42

توكپالاس

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 19:25:15

توك سوقىۋىتىپ ئادەم دۇكانغا كىرمەي تۇرۇپلا ئۆلۈپ قالسا مەھسۇلاتنىڭ ئۈستىدىكى نومۇرغا تىلفۇن قىلىڭ دەپ ئەسكەرتىش بىرىپ قويۇڭلا ياساپقالساڭلا.:lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 20:05:01

farux يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 19:25 static/image/common/back.gif
توك سوقىۋىتىپ ئادەم دۇكانغا كىرمەي تۇرۇپلا ئۆلۈپ قالس ...

پالازنىڭ ئۈستىدە سۇ ئايلىنىپ تۇرسىلا لاي شۇنىڭدا قىلىپ ئاياغ پاكىز بۇپ قالىدۇ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 20:33:19

   ۋاھ، مۇشۇ خىل كەشىپ قىلىش روھىڭىزنىڭ ئۆزىلا ئاجايىپ قىممەتلىك! بوشاشماي تىرىشىڭ قېرىندىشىم.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 20:34:48

يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەرىڭىزگە ئاپىرىن. بۇنداق قۇرۇلمىنى ياساش ئاسان، لېكىن پۈتۈش تەننەرخى بىلەن سېتىلىش باھاسى ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق نىسبەت بولىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئىشلەپ چىقىرىلغان تەختىردىمۇ پۈتۈش، شۇنىڭ ئۈچۈن سېتىلىش باھاسى يۇقىرى بولۇپ كەتسە بازىرى بولمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئېلىكتىرلىك ئېرىتىش-شوراش قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى دېمەپسىز. تېخنىكىلىق ۋە تەننەرخى ئۈستىدىكى ئەسلى مەسلە مۇشۇ يەردە. تەقرىبى پۈتۈش تەننەرخىنى مۆلچەرلەپ باقتىڭىزمۇ؟   

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:09:49

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 20:34 static/image/common/back.gif
يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەرىڭىزگە ئاپىرىن. بۇنداق قۇرۇلمى ...

ئېيتقىنىڭىز ئورۇنلۇق.
ئەمدى، ئېلېكتېرلىك ئېرىتىش - شوراش قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق ئىشلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، قانچىلىك تەننەرخ بىلەن پۈتۈپ چىقىدىغانلىقى قاتارلىق زىل ھالقىلارغا كەلسەك، بۇ تەرەپتىكى تەپسىلىي پىلان ۋە لايىھەنى بازار ئەھۋالىغا قىزىققۇچى ۋە بۇ مەھسۇلاتقا ئىشەنچى تۇغۇلغان شىركەت ياكى كارخانىلار ئۆزلىرى مەخسۇس لايىھە تۈرى تۇرغۇزۇپ، مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ، بىر قوللۇق ھېسابلاپ باقسا تېخىمۇ ئورۇنلۇق دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، بۇ مەن قىزىقىدىغان ساھە ئەمەس، بەلكى مەن ئېھتىياجلىق ساھە.
ئەمما ئىشىنىمەنكى، ھازىرقى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئالدىدا ئاۋۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرلىش ھالقىسى تولىمۇ ئاددىي ئىش. ئۇنىڭ تەننەرقى مەسىلىسىدە، يەنىلا سان ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. قانچە كۆپ ئىشلەنسە شۇنچە ئەرزان پۈتىدۇ.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:10:36

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 20:33 static/image/common/back.gif
ۋاھ، مۇشۇ خىل كەشىپ قىلىش روھىڭىزنىڭ ئۆزىلا ئاجايىپ  ...

ماقول.:lol

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 22:54:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 22:59  

    ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان بىر خىل توك ئارقىلىق قىززىغۇچ سۇلياۋ لېنتا بار(لېنتا قىرىدا توك تەمىنلەيدىغان مېتال سىم بار ھەم بۇ سىم ياخشى ئىزۇلياتسىيەلەنگەن) بولۇپ، قىش كۈنلىرى سىرىتتىكى سۇ تۇرۇبىلىرىنىڭ توڭلاپ كەتمەسلىكىگە ئىشلىتىلمەكتە. ئەگەر سىز تەسەۋۋۇر قىلغان پاياندازنىڭ ئىچىگە مۇشۇ خىل يېڭىچە قىززىغۇچ ماتىرىيال ئىشلىتىلسە زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرغىلى بولغىدەك. توك سوقۇشتىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا شۇ خىل لېنتىنىڭ (36 ۋولتتىن) تۆۋەن بولغان بىخەتەر توك بېسىمىدا  قىززىيدىغىنىنى ياساتقۇزۇپ كېلىپ ئىشلەتسە بىخەتەر بولار بەلكىم.
     يەنە مۇنداق بىر ماتىريالنىمۇ ئويلىشىشقا بولغىدەك. يەنى سىلتىسىي يېلىمىلق سۇ سۈمۈرگۈچنى (يەنى بوۋاقلارنىڭ  سۈيدۈك سۈمۈرۈش زاكىسىغا ئىشلىتىلىدىغان ماتىريال)نى بىر قېتىم سۇ سۈمۈرۈپ بولغاندىن كىيىن قايتا قىزىتىپ سۇسىزلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولسا بۇنىمۇ گىلەم تالالىرى ئارىسىغا ئېلىۋەتسە بولارمۇ، سىناپ بېقىشقا تېگىشلىكتەك قىلىدۇ.  بالىلار ئوينايدىغان بىر خىل «سۇدا سەمرىيدىغان» سۈزۈك شارچىنى بىلىمىز، دەل شۇ شارچە سىلتىسىي يېلىملىق سۇ سۈمۈرۈشچان ماتىريالدىن ياسالغانغۇ دەيمەن. ئۇ شارچە ئۆز ھەجمىدىن نەچچە يۈز ھەسسە سۇنى سۈمۈرۈپمۇ يەنىلا بىر قەدەر قۇرۇق ھالدا تۇرالايدىكەن.
   

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 23:07:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 00:24  

    ئەمدى ياخشى بىر ئىشنى باشلاپ قويدىڭىز،«مىنگەشتىم دىمەڭ، مىنگەشكەندىكىن ئاغرىدى دىمەڭ»، شۇڭا بۇندىن كىيىن چىداپ «ئۇيقۇدىن ئىبارەت ئۆمۈرلۈك ھەمرايىڭىز»نىڭ «خېتى»نى بېرىۋېتىپ ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى تاللاڭ، بىلىمىزكى «جاھان رەنالىرى ئىچىدە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق»! :lol  (ئىمزايىڭىزغا چاخچاق:handshake )

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 23:22:06

توكتا بىۋاستە قىززىيدىغان قىلسا توك سەرپىياتى يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ، ھەم تازا بىخەتەر بولمايدۇ، ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ.. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇخىل ئېلىكتىرلىك قۇرۇلمىلارنى ۋە ياكى ھەرقانداق بىر قۇرۇلمىنى پالازغا ئورۇناتقاندا ئۇ ئاددىي بىر پارچە پالاز بولماي قالىدۇ، خېلى ھەجىم ۋە ئېغىرلىقتىكى بىر قۇتىسىمان نەرسە بولىدۇ. مەسىلەن، ئېگىزلىكى 20 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 60 سانتېمېتىرلىق بىر ھەجىمنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق بىر ئاياق پاكىزلاش قۇرۇلمىسىنى لاھىيەلەش ئاسانراق بولغىنى بىلەن ئۇنىڭغا كېتىدىغان ماتېرىياللارنىڭ تەننەرخى چوقۇم ئەڭ ئاز نەچچە يۈز سوم بولىشى مۇمكىن، ياسىلىشى ۋە باشقىلار ئۈچۈن كېتىدىغان پۇلنى قوشساق خېلى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا سېتىلىش باھاسى بىرەر مىڭ سوم ياكى يۇقىرى بولىشى مۇمكىن. مەن دېگەنلەرنى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى دېگەندىمۇ بۇنىڭ يېرىمىنى دېسەك 500 سوم دېگەن گەپ. خېرىدارنىڭ بۇنچە پۇلغا سېتىۋېلىشى ئۈچۈن چوقۇم ئۇنى قايىل قىلغان يىتەرلىك سەۋەبى بولىشى كېرەك بولىدۇ.  

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 23:46:10

ئۈچ تۆت يىلنىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن، ئىچكىرنىڭ تىۋىزىيە قاناللىرىدا بېرىدىغان ئۇزۇن ئېلاننى كۆرگەن، ئۇنىڭدا ئاياق قېپىدەك چوڭلۇقتىكى قاپچۇققا نۇرغۇن ئىلاستىكىلىق يالتىراقنى بېكىتىپ قويىدۇ، پۇتى بىلەن يىنىك دەسسىگەندى ئۇشۇققىچە يالتىراق چاپلىشىدۇ…شۇ چاغدا يالتىراقنى قايتا ئىشلەتكىلى قىلىپ ياساپ، تاللا بازىرى، مەسچىت قاتارلىق جايلارغا قۇيۇپ قويسا بولغىدەك دەپ ئويلىغان.
لىكىن ھازىرغىچە يۇرتىمىزدا بىرەر يەردە كۈرۈپ باقماپتىمەن.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:47:13

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 23:22 static/image/common/back.gif
توكتا بىۋاستە قىززىيدىغان قىلسا توك سەرپىياتى يۇقىرى  ...

توغرا دەيسىز.
شەكىل جەھەتتىن بەك كېلەڭسىز بولۇپ كەتسىمۇ كىشىلەر ئەيمىنىپ دەسسىيەلمەسلىكى، كۆنەلمەسلىكى مۇمكىن.
ئىشقىلىپ ئ.اۋال بۇنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى ئوبدان ئويلاشمىسا تەننەرخنى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ زادى. پەمىمچە سېتىلىش باھاسىنى 100 يۈەن بىلەن 200 يۈەنلەر ئارىسىدا كونتىرول قىلالمىسا كۆپ مىقداردا سېتىپ چىقارغىلى بولمايدۇ.
ئەڭ ئىخچام، ئەڭ ئەرزان، ئەڭ كۆركەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىش كېرەككەن.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:52:09

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 23:07 static/image/common/back.gif
ئەمدى ياخشى بىر ئىشنى باشلاپ قويدىڭىز،«مىنگەشتىم دى ...

ھەركۈننىڭ ھەر كېچىسى «ئۇ»نىڭ بىلەن بولىمەن. «ئۇ»نىڭدىن كېچىش مۇمكىن ئەمەس. «ئۇ»نىڭ ئالدىدا بىلىم گويا قىيىن-قىستاققىلا ئوخشايدۇ.:lol
============
ئۇ - ئىمزايىمدىكى ئۇيقۇنى كۆرسىتىدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:08:53

0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 23:46 static/image/common/back.gif
ئۈچ تۆت يىلنىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن، ئىچكىرنىڭ تىۋىزىيە ق ...

سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز ئاياق قاپلىغۇچ،   بۇ نەرسىنىڭ ئىشلىتىش تەننەرقى بەك يۇقىرى بولۇپ قالارمىكىن، بۇنى پەقەت ئالى سودا سارايلاردا ئىشلەتسە بولىدۇ

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:16:20

مىنىڭچە كىچىك تىپتىكى دۇكان-سارايلارغا مۇنداق «چەم تازىلىغۇچ»نى ئىشلەتكەن تۈزۈك .

بۇ نەرسىنىڭ باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس .
ياكى بولمىسا مۇنداق تىپتىكى تازىلىغۇچ بولسىمۇ بولىدۇ

http://player.youku.com/player.php/sid/XMTM3MzkwODY4/v.swf

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 13:05:50

يا بولمىسا خىرىدا ئىشىك ئالدىدىلا تۇرۇپ، دۇكاندىكى ماللار نۆۋەت بويىچە خىرىدار ئالدىدا چۆرگىلەيدىغان قىلىڭلا :lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 22:03:25

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 22:06:02

بەت: [1] 2
: خام پىلان: ئېلېكتىرۇنلۇق پايانداز