xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 15:25:52

گۈلەم مومام

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 15:48  

گۈلەم مومام





دەرىزىنىڭ ئىس تارتقان ئەينەكلىرىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتىم، ياندىكى ئۆينىڭ بالىكونىنىڭ گىرۋەكلىرى كۆرۈش دائىرەمدە ئىدى، گەرچە پۈتۈن گەۋدىسىنى كۆرەلمىسەممۇ، لېكىن تامامەن ھېس قىلالايتىم. ھاۋا تۇتۇق، ئاسمان سۈر رەڭدە، ھېلىلا قار يېغىپ كېتىشى مۇمكىن، تامغا يۈلەپ قويۇلغان كۆمۈش سىرلىق چۈيۈن پاردىن ھۆپۈلدەپ ئىسسىقلىق تېپىپ تۇراتتى، ھەم بىر خىل ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان گازلىق ئېقىم تارىتىپ دىمىمنى سىقىشقا باشلىدى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلگۈم كەلدى، بەلكىم سىرتتىكى ھاۋا تولىمۇ ساپ بولۇشى مۇمكىن.
تامنىڭ قاچان ئاقارتىلغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدىم، گۆشرەڭ سۇنىي تالالىق دوخاۋا پەردە دەرىزە تەرەپتىكى تامنىڭ ئەيىۋىنى توساپ تۇراتتى، بىر قارىماققا پەردىنىڭ رەختى خېلى تۇتاملىق كۆرىنەتتى. ئۆينىڭ بۇلىڭىغا قويۇلغان قوش كىشلىك تۆمۈر كارۋاتنىڭ ئۈستىگە ياپقۇچ يېپىلمىغاچقا كىرلىشىپ كەتكەن ماتراس يېقىمسىز ھالدا كۆزگە چېلىقاتتى، كارۋاتنىڭ بىر بۇرجىكىگە ئاخشام ئىشلەتكەن يوتقان كۆرپىلەرنى ھەربىيچە قاتلاپ يىغىپ قويغان ئىدىم، لېكىن ياپىدىغان تۈزىكىرەك ياپقۇچ تاپالمىدىم.
سىرتقا چىقىپ كەتكۈملا كېلەتتى، ئاشخانا ئۆيدىن ئۇيۇتۇلغان قۇيرۇق يېغىنىڭ كۈچلۈك ھىدى كېلىپ كۆڭلۈمنى ئېلەشتۈردى، ئاپامنىڭ ھاممىسى بولغان قېرى موماي مېنى ھەرگىز قازان بېشىغا يېقىن يولاتمايتتى، ئۇ تاماقنى ئېتىپ بولغاندىلا ئاندىن يېنىغا كىرسەم بولاتتى، چەينەك-پىيالە، سىركە-ياغمۇچ قاچىلىرىنى ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە توشۇيتتۇم، ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ قاچىسىنى كۆتۈرۈپ كىرەتتى، كەينىدىن مەن چىقىپ ئۆزەمگە تەۋە تاماقنى ئەكىرەتتىم، مەن كىرگەندە ئۇ ئاللىقاچان كاتقا قويۇلغان شىرەنىڭ يېنىغا شىرەدىنمۇ ئىگىز ئورۇندۇقىنى قويۇپ، قاچىسىنى بىشىدىن ئىگىز تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ تۇراتتى، مەن پەستە ئامال بار تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ تامىقىمنى يىيىشكە باشلايتتىم، قورمىدا نە گوش، نە تەم، سوغاق چوپنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان ئۇيۇتۇلغان قۇيرۇق ياغدا قورۇلغان قورما بىردەمدە توڭلاپ قالاتتى، كالپۇكلىرىم شىرلىشىپ بىر قۇۋۇز لوقما بىردەمدە پاتقاقلىشىپ يۇتقۇسىز ھالغا كېلەتتى، بىراق ھۆ بولۇشقا پېتىنالمايتتىم، ئۇنىڭ مۇشۇ غىزانى قانداق قېلىپ گىلىدىن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى تەسسەۋۇر قىلالمايتتىم.  ئۇ شۇنچىلىك ھوزۇر بىلەن غىزالىناتتىكى، تۇرۇپلا ئۇ چوقۇم ئىككى خىل قورما تەييارلىدى دەپ ئويلاپ قالاتتىم، ئاجايىپ زور غەيرەت بىلەن چىشلىرىمنى قېلىنلاشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن قاچىنى بىكارلاشقا تىرىشساممۇ بەرىبىر يېڭىلىپ قالاتتىم.
-ئىشتە، يەپ تويمىغۇر ساقلاندىسىنى ماڭا تاشلاپ بېرىپ ئۆزلىرى خاننىڭ كۈنىدە... يە بالام، تاماق تاللىسا يامان بولىدۇ، چىرايلىق ئاي قىز دىگەن تاماق خىللىمايدىغان، ئىشتە...
موماينىڭ قۇلىقى چورتلا ئاڭلىمايتتى، ئۇ قايسى گەپنى ئىچىدە قايسى گەپنى تېشىدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايتتى، ئۇنىڭ ئاشۇ ئىشتە... سىدىن كېيىن يەنە بىر قاتار ئەپسانە تىللار يېغىپ كىتەتتى، مەن ئۇنىڭغا قورقۇمسىراپ قاراپ باقاتتىم، بىراق ئۇ پىشىپ ئۆتۈپ قورۇلۇپ قالغان كونا ئالمىدەك يۈزلىرىدە مېھرىبانلىق تېمىتىپ تۇرۇپ مېنى تاماققا زورلايتتى، كۆزلىرىمدە ياش يالتىراپ كېتەتتى، ئاپام، ئاتام، قېرىنداشلىرىم، ھەم ئۇلارنىڭ ئاپام ئەتكەن ئوخشىغان تاماقنى كۆڭۈللۈك يىيىشىۋاتقان ھالىتىنى كۆرگەندەك بولاتتىم.
تاماقتىن كېيىن قاچا يۇياتتىم، لېكىن سوغاق سۇدا قاچىدىكى ماينى ھەرگىز چىقىرالمايتتىم.شۇنىڭ بىلەن ئوچاقنىڭ كۈلىنى ئېلىپ قاچىغا سۈركەپ يۈرۈپ پاكىزلىۋالاتىمدە، موماي كىرىپ قالغۇچە سۇنى بولىشىغا شاقىرتىپ قويىۋىتىپ ئىشنى تۈگىتەتتىم، ئۇ كىرىپ ھەممىنى ئىنچىكىلىك بىلەن سىلاپ سىنچىلاپ كۆرۈپ رازى بولغاندىن كېيىن ئىشكاپقا تىقىپلا يۇغان قۇلۇپتىن بىرنى سېلىۋالاتتى، ئۇ ئىشكاپتا كۆكۈرۈپ كەتكەن پىچىنە، قۇرتلۇق قاق، كېپىنىكى بار جىگدە، سارغىيىپ كەتكەن قەن، ھەم ئېچىغان سېرىق مايلىرى، يەنە بىر ئىسسىق يېشىل سىرلىرى چۈشۈپ، قاپ-قارا تۈنكىسى ئېچىلىپ قالغان كۇرۇشكىدا تۇزلاپ پىششىق قورىۋەتكەن گۆش بار ئىدى، ئۇ ھەممە نەرسىنى ئىشكاپ ساندۇقلارغا سېلىپ قۇلۇپلاپ، ئاچقۇچىنى گۈللۈك ئۇزۇن پۇچقاق، ئېغى تىزىدىن ئاشىدىغان تاملىنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالغاچقا، سۇ ئىچەي دىسەممۇ بىرەر پىيالە چاغلىق نەرسە تاپالماي، جۈمەككە ئاغزىمنى تۇتۇپلا ئۇسسۇزلۇقۇمنى بېسىشقا كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم.
سىرتقا چىققۇم كەلدى، بىراق چىقالمايدىغانلىقىم ئۆزەمگە ئايان، ئامالسىز تەغدىرگە تەن بېرىپ موماينىڭ ياتاق ئۆيىگە سىركە ياغمۇچ قۇتىسىنى ئەكىردىم، زەھەردەك ئاچچىق قىزىل مۇچقا قايناقسۇ قۇيۇپ، ئازراق چۈچۈتۈلگەن ماي ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىغان بۇنداق مەزىسىز ياغمۇچنى ھەرگىز يىمەيمەن، سىركىدىنمۇ ئىنتايىن كۈچلۈق كىر دەسمالنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ نەرسىلەر مەن كەلسەملا بار ئىكەن، موماي ئۆزىنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلەرگە مەيلى بولمىسىمۇ، كىملەر ئۈچۈندۈ بۇلارنى تەييارلاپ قويۇپتۇ، ئۇ ھە دەپ مېنى قاچىسىنىڭ گىرۋىكى بىرلىك توپا بېسىپ كەتكەن ياغمۇچ بىلەن تۇرۇپ قالغان سىركىگە زورلايدۇ، مەن ئۇلارغا قاراپمۇ قويمايمەن، ئۇ ھەيران قالىدۇ، ھەممە كىچىك قىزلار ئاچچىقلارغا ئامراق سەن نىمىشقا ئۆچ دەپ قايتا-قايتا سوراپ كېتىدۇ، مەن جاۋاپ بېرىمەن، لېكىن ئۇ بەرىبىر ئاڭلىيالمايدۇ.
ئاپام مېنى تەتىلدە بۇ قارانچۇقسىز مومايغا ھەمرا بول دەپ ئەپكېلىپ قويغان، گەرچە ئۆيىمىز موماينىڭ ئۆيىدىن نەچچە بىكەتلا يىراق بولسىمۇ، قايتىشىمغا بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتكەن، ھەم سېنىڭ خېلى جېنىڭ بار، موماڭغا سەن ھەمرا بولساڭ بىز خاتىرجەم بولىمىز، دىگەن ئىدى، مەن راستىنلا ئۆزەمنى چوڭ قىزلاردەك ھېس قېلىپ باشتا مومايغا غەلىتە بىر خىل ئاتكاچىلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدىم، ئىككى قېتىم قازان بېشىدا، بىر نەچچە قېتىم تاماق شىرەسىنىڭ ئالدىدا، ئاندىن ھاجەتخانىدا رەھىمسىزلەرچە رەت قىلىنغىنىمدىن كېيىن، ئۇنىڭدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم، ئاستا قېچىپ كەتمەكچى بولۇپ قارىسام ئايىقىم يوق، ھېچ يەردىن تاپالمىدىم، ئەتىسى پوسمام يوقاپ كەتتى، يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن ئاپام تېخى يېڭىلا ئېلىپ بەرگەن مامۇق چاپىنىممۇ يوقىدى، ھەممىنى مۇشۇ قېرى جادى تىقىۋالدى، مەقسىدى مېنى كەتكۈزمەسلىكقۇ دەپ ئويلۇدۇم، ئاندىن  ئۇنىڭ  قۇلاق تۈۋىگە كېلىپ، ئاۋازىمنى بولىشىغا قويىۋىتىپ ۋاقىراپ سوراشقا باشلىدىم.
-گۈلەم موما، چاپىنىم قېنى؟
-موما ئايىقىم قېنى؟
-پوسمام قېنى؟
ئۇ كىرپىكسىز كۆكۈچ نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ تۇرىۋەردى، ئاغزىمنىڭ ھەركىتىنى كۆرگەن بولسا كېرەك، بېشىنى ئوڭغا سەل قىيپاش قىلدى. ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقى ئازراق ئاڭلايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، شۇ ياققا ئۆتۈپ، يەنە ۋاقىرىدىم.
-موما كىيىملىرىم قېنى؟ مەن كېتىمەن.
-ۋاي بالام بۇ كەچتە نەدە قېتىق بولسۇن، ئەتە ئەپ بىرەي.
ئۇ چىرايىنى بىر يېرىنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغاندەك پۈرۈشتۈردى، كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلۇپ، كوماك ئاغزى ئېچىلىپ قالدى، يول-يول قۇيۇق قورۇقلۇق يۈزى، ئۇچلۇق ئىڭىكى، ئاپپاق چېچى، چىچىغا مىنگىشىپ قالغان رەڭلىك شىتلانكا ياغلىقى، ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرقى ھازىرلا بىر پاتمان ئەسكى-تۈسكىلەرنى رەتلەپ ھارغان ئەسكىپۇرۇچقا ئوخشايتتى.
-ياق مەن قېتىق ئىچىمەن دىمىدىم، كېتىمەن دىدىم، مەن تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋاقىرىدىم.
-ئاي بالام ئاپاڭنىڭمۇ سەندەكلا جىدىلى جىقتى زادى، ئاپاڭنىلا تارتىپسەن، قاراپ باقە! بۇ كېچىدە نەدە قېتىق تاپىسەن؟ ئىشتە قېرى جالاپ، سىزىك بوپ قالغاندەك قېتىق دەيدۇ، ئىشتە-ئىشتە... ئۇ تامغا قاراپ بېشىنى شۇنچىلىك قەھرى-زەھرى بىلەن تاتلاشقا باشلىدى، ئەگەر مەن يەنە گەپ قىلسام، مەيلى نىمە دىيىشىمدىن قەتئىي نەزەر ئۇ بېشىدىكى تېرىسىنى تاتلاپ شۈلىۋالدىغاندەك قىلاتتى.
25 ۋاتلىق لامپۇچكا يورۇتۇپ تۇرغان بۇ غۇۋا ئۆي كۆزۈمگە تولىمۇ سۆرۈن كۆرۈنۈپ كەتتى، ئۇ تامغا قاراپ بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ماڭا قاراپ باقتى، مەن جىلە بولۇپ يىغلاۋاتاتتىم، لېكىن ئۇ مېنى بەزلىمەكتە يوق، بېشىنى بېقىشقا بۇيرىدى، موماينىڭ جەسەت مىيىنىڭ پۇرىقى كېلىدىغان بېشىغا قولۇمنى ھەرگىز تەككۈزگۈم يوق ئىدى، لېكىن قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم،ئۇ ئاپپاق چاچلىق قاپ ئوتتۇردىن يارما ئايرىلغان يۇغان بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئۆمىلىگىنىچە كاتنىڭ لىۋىگە كەلدى، ئاندىن مېنى تارتىپ لەپكە ئولتۇرغۇزۇپلا بېشىنى تىزىمغا قويدى.
تۈمەنمىڭلاچە پىت، ئىتىكىمدىن يامراپ بەدىنىمگە يامىشىۋاتقاندەك تېنىم جۇغۇلداپ كەتتى، ئۇنىڭ بېشىنى باقمىسام قۇتۇلالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىپ، ئىسەدەپ يىغلاپ ئولتۇرۇپ پىت بېقىشقا باشلىدىم،ئۇنىڭ بېشىدىكى قىمشىپ كەتكەن ئالتە پۇتلۇق پىتلارنى ھېچ ئۆلتۈرۈپ تۈگۈتەلەيدىغاندەك ئەمەستىم، ھەر بىرنى ئۆلتۈرسەم بىر كۆڭلۈم ئېلىشتى، لېكىن موماي خاقىراپ خورەككە چۈشكىچە بەرداشلىق بەردىم، ئۇ ئەمدى دىۋىدەك ئۇخلايتتى، بېشىنى ياستۇققا ئېلىپ قويساممۇ ئويغانمىدى، مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ قولۇمنى بىر ھازا يۇيۇپ كەتتىم، كەلگەن كۈنۈم ئاپام بىر تال ئەتتىر سوپۇن بەرگەن، لېكىن شۇ كۈنىلا ئۇ سوپۇن غايىپ بولغان ئىدى، مومايدىن قانچىلىك ۋاقىراپ سوراپمۇ، ئۆزەمنىڭ سوپۇن ئىزدەۋاتقانلىقىمنى ئۇختۇرالماي توختاپ قالغان ئىدىم. ئەگەر مەن بەكىراق توۋلاپ سالسام ، ئۇ مېنى پاڭ كۆرىۋاتامسەن، دەپ يامانلاپ قالاتتى. بىر كۈن كەچكىچە ئەتىراپىدا پەيدا بولۇپ قالساممۇ چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، قوللىرىنى سىلكىپ، گېپىڭنى ئاڭلىمايمەن، نېرى كەت دەپ كېتەتتى، لېكىن مەن ئىچ پۇشۇقۇمنى بېسىش ئۈچۈنلا ئۇنى ئاشۇنداق ئاخماق قىلاتتىم. يېڭى سېلىنغان بىنانىڭ كۆرۈمسىز ئۆيىدە، ئىككىمىز ئۈچۈن مۇشۇنداق قېلىپ كۈن كەچ قىلماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئىشىكىنى كۈنلەپ بىرەرسى ئۇرۇپمۇ باقمايتتى، ئۇنى ھېچكىم ئىزدىمەيتتى،سەۋەبى ئۇ پاڭ ئىدى. ئۇنىڭغا گەپ ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارمۇ نەتىجىسىز قالاتتى.
ئۆيدىن چىقاي دىسەم، ئايىقىم، چاپىنىم، ھەتتا پوسماممۇ يوق. تاسمىسى ئۈزۈلۈپ، رەڭگى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن بىر پاي ساپما كەش بىلەن تۇمشىقى تېشىلىپ قالغان بىر پاي كالاچنى سۆرەپ ئۆي ئىچىدە مېڭىپ يۈرەتتىم، يەنە كېلىپ بۇ ئىككىسى ئوخشاشلا ئوڭ پۇتنىڭ بولغاچقا بىر ياققا كېلىشىۋالغاندەك قىيسىيىپ تۇرىۋىلىپ، ماڭا كۆپ ئاۋارچىلىق ئېلىپ كەلدى، باشتا قەدەمدە بىر پۈتلۈشۈپ يۈردۈم، ھازىر كۆنۈپ قالدىم.
كېچىسى يوتقاندا يېتىپ ئويلاپ كېتىمەن، ئاپام مېنىڭ مۇشۇ ھالىمنى بىلمەمدىغاندۇ، نىمىشقا مېنى بۇ قېرى جادىنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ قويۇپ ئازاپلايدىغاندۇ؟
كىرلىكى يوق نېپىز يوتقان ئېغىر باسماي، ئۇيقۇم قاچىدۇ، ئىسسىق سۇدا تازا بىر يۇيۇنىۋالغۇم، ئاندىن ئاشۇ چىرايلىق رەشىلىيە ئىشلەنگەن ئاپپاق كىرلىك قاپلانغان قېلىن يوتقۇنۇمدا راھەتلىنىپ ئۇخلۇغۇم بار.راھەت ھەم يۇمشاق ئۇخلاش كىيىملىرىمنى سېغىندىم. مۇشۇك ئېيىقنىڭ سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن سۈزۈك ساپما كەشىمنى ھازىر بەلكىم سىڭلىم كىيىۋالغاندۇ، ئۇ مېنىڭ ئورنۇمدا تازا راھەتلىنىپ ئۇخلاۋاتقاندۇ.
موماي يېرىم كېچىدىلا ئويغۇنىدۇ، بىردەمدىلا كارۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ، يىرىك بارماقلىرى بىلەن يۈزۈمنى موتاپ باقىدۇ، تىنىقىدىن كېلىۋاتقان ئېچىغان بىر پۇراقتىن كۆڭلۈم ئاينىپ بېشىمنى يوتقانغا تىقىمەن، ئۇ ئىچىدە دىدىم دەپ گەپ باشلايدۇ، بىراق ئاۋازى شۇنچىلىك ئۈنلۈك، قوشنا ئۆيدىكىلەر ئاڭلىشىمۇ مۇمكىن، شۇنچىلىك سەت گەپلەرنى قىلىدۇ، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن دائىم مۇشۇنداق سەت گەپ قىلىدىغىنىنى چۈشەنمەيمەن. لېكىن ئۇ سىرتىمدا دىدىم دەپ قارىغان سۆزلىرىگە سەت گەپ قاتمايدۇ، ئىچىمدە دىدىم دەپ ھېساپلىغانلىرىدا بىرمۇ چىرايلىق گەپ يوق، ئۇنىڭ ئاشۇ كۆكۈچ، قېلىن، گەز باغلاپ يېرىقلا تۇردىغان كالپۇكلىرى ئىككى دۇنياسىنىڭ پاسىلىغا ئوخشايدۇ.
بىشىمدا تىمىسقىلاپ يۈرۈپ، مېنى بىر پاتمان سەت گەپكە كۆمىۋەتكەچ، يوتقانلىرىمنى تۈزەپ قويىدۇ، لېكىن يوتقاننىڭ بىر يەرلىرىنى تارتقۇشلاپ، ئاران ئسسىغان پۇتلىرىمنى ئېچىپ قويىدۇ، باش تەرىپىمدە پوملانغان يوتقاننىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى، يالغان ئۇخلىغان بولۇپ ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشىنى كۈتىمەن، ئۇ مېنىڭ قاتتىق ئۇخلاۋاتقىنىمنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئاشۇ غايەت زور چىدام بىلەن غەيرەت قىلمىسام چىدىغىلى بولمايدىغان ئەپسانىۋىي گەپلەر بىلەن مېنى تىللىغاچ چىقىپ كېتىدۇ، پۇسۇرلاپ يۈرۈپ بىر ئىشلارنى قىلىدۇ، تىنىقىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ، ئۇنىڭ ھەركىتىنى كۈزىتىمەن، ئىشىكتىكى غۇۋا يورۇقلۇقتا، چاڭگا باشلىرىغا كونىراپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن خورما رەڭ بورتۇمشالنى سېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ھامان، ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ، تاشقارقى ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىۋىلىپ، ئۇنى سىرتقا چىقىشتىن توسىمەن، ئۇ ئىككى دۇنياسىنىڭ پاسىلىنى مىدىرلىتىپ، ئىككى دۇنيانىڭ تىلىدا ماڭا سۆزلەشكە باشلايدۇ.
-جېنىم بالام، سەھەر تۇرغان ئىتنىڭ قورسىقى توق بولىدۇ.( ئۇ كۆزۈمگە بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا كېچە قاراڭغۇسىدا، ھاجەتخانىغا ئۈلگۈرەلمىگەنلەر چىقىرىپ قويغان نىجاسەتنى يەپ، تويۇنغان قېرى ئىتتەك كۆرۈنىدۇ) بۇ ئۇنىڭ تاشقى دۇنياسىغا تەۋە سۆزلىرى.
-ۋاي قېرى جالاپ، ھېلى چېچىڭنى يۇلۇپ قولۇڭغا بېرىمەن،ئەرسىراپ كەتكەن ھاڭگا، كېچىدە ئەر غىمىدە ئۇخلىيالماي قالدى بۇ... (چىرايلىرى پۈرىشىدۇ، كۆزلىرى يۈمۈلىدۇ، كاماك ئاغزى ئىچىلىدۇ، پىت بېشىنى جان جەھلى بىلەن تاتلاشقا باشلايدۇ. خۇددى تېرىلىرنى شۇلىۋالىدىغاندەك، كىرلىشىپ كەتكەن چاچلىق بېشىنى توختىماي گىلدىڭلىتىدۇ، غەزەپ بىلەن چايقايدۇ) بۇلار ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئۆزىگە دىگەن سۆزلەر، ئۇ مېنى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىيالمايدۇدەپ ئويلايدۇ، شۇڭا ئاپامغا دەپ قويىشىمدىن قوقمايدۇ.
ئاندىن ئۇ يەنە تاشقى دۇنياغا قايتىدۇ،
ئۇنداق قىلما، يېرىم ئاي بولاي دىدى، كۈندە مۇشۇنداق قىلىسەن، بىرەر كۈن بولسىمۇ ئۇخلاپ باق، بىز يەرنىڭ يۈزىنى ئاچساق، يەر قوپۇپ بىزنىڭ يۈزىمىزنى ئاچىدۇ بالام، مەن باشقا ئىش قىلمايمەن، مەسچىدنىڭ ئالدىنى سۈپىرىمەن.
ئاھ خۇدا جېنىم گۈلەم موما، ھاياتىڭدا يەتتە ئەرگە تىگىپسەن، يەتتە قېتىم يۈزۈڭ ئېچىلىپتۇ، ئەمدى بۇ يېشىڭ، بۇ ھالىڭدا يەنە ئاچقۇدەك يۈزۈڭ بارمۇ، بولدى يەرنى خىجالەت قىلمايلا قوي. دىگۇم كىلىدۇ، بىراق پايدىسى يوق، ئۇنىڭغا بۇ گەپلەرنى ئاڭلىتالمايمەن، شۇڭا گۆشۈيۈپ ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپلا تۇرىمەن.
ئۇ يەنە ئىچىگە قايتىدۇ، قۇلاقلىرىمنى ئىتىپ، ئىشىكنى تىرەپ تۇرىۋالىمەن.
ئىككىمىز شۇ ھالدا كۆرەشنى تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشتۇرىمىز، ئۇ ئاخىرى چىقىلغىنىچە ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كىتىدۇ، ئەمدى تالاغا چىقىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى بىلىدۇ. مەنمۇ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپەمنى ئورۇنداپ بولۇپ، ئاشۇ قاتتىق كارۋاتتىكى مۇزلاپ كەتكەن ئورنۇمغا قايتىمەن.
سەل ئىسىمنى بىلگەنلىرىمدە، ئاچىلىرىم مېنى يىتىلەپ موماينىڭ كونا ئۆيىگە ئېلىپ باراتتى، قوللىرىدا ھەر خىل پىششىق-خام يىمەكلىكلەر، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى كۆتۈرشىۋالاتتى، موماي بىزنى قىزغىن قارشى ئالاتتىيۇ، يەنىلا ئىككى دۇنيادا تەڭ سۆزلەيتتى، بويىغا يېتىپ قالغان ئاچىلىرىم، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى سۆزلىرى ئۈچۈن يېقىلىپ قالغۇچە كۈلۈشەتتى، ئۇ ئالدىمىزغا ھەر خىل كۆك-كېزەكلەرنى تىزىپ، ئاجايىپ غەلىتە پۇرايدىغان چايلارنى قۇياتتى، بىز قايتقۇچە ئاچاملار ئۇنىڭغا خېلى جىق پۇل بىرەتتى، بەزىدە ئاپام ياكى ئاتام ئۇنى يوقلايتتى، ھەر ھەپتىدە بىر يوقلىمىسا،كۆڭۈللىرى ئۇنىمايدىغاندەك دائىم ئاشۇ قىيسىق كەپىگە قاتىرايتتى.
نەچچە كۈن ئۆتمەيلا موماينىڭ مەسچىدلەرنىڭ ئالدىدا، چوڭ كوچىلاردا تىلەمچىلىك قېلىپ يۈرگەنلىكىنى كىملەرنىڭدۇ كۆرۈپ قالغانلىقىنى دىيىشىپ بىئارام بولۇشاتتى، ئۇنى شۇ ئىشتىن توسۇش ئۈچۈن يەنە يوقلاشقا باشلايتتى، ئۆزلىرى يىتىشەلمىسە بايام دىگەندەك بىزنى ئەۋەتىشەتتى. بىراق موماي ئەتىسىلا كونا جايلىرىدا پەيدا بولۇپ سارغىيىپ كەتكەن قورايدەك ئاۋاق، بۇغۇم-بۇغۇملىرى بۇرتۇپ ئىسكەتسىزلەنگەن ئالقانلىرنى كىشىلەرگە سۇناتتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپام مېنى مەخسۇس ھاممىسىنى بېقىش ئۈچۈن ئەپ كېلىپ قويغان ئىدى، بۇ ۋەزىپە بىز نەۋرىلەرنىڭ ئارىسىدا دەۋىر قېلىپ ئايلىنىۋاتقىنىغا خېلى يىللارمۇ بولۇپ قالدى، موماي سەللام دىققەت قىلمىساق قېچىپ تېشىغا چىقىۋىلىپ پاقىسىغا قاناتتى. باشقىلار بۇشاڭ ئوخشايدۇ، لېكىن مەن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر خىل ئىشتىياق بىلەن بۇ ۋەزىپىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندۇدۇم، ئۇنىڭ مەسچىد ئالدىدا نامازدىن يانغان كىشىلەرگە قول سۇنۇپ يۈرگىنىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا قۇيقا چاچلىرىم تىك بولۇپ كېتەتتى.
15-كۈنلۈك سەھەرلىك تىركىشىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ياتاق ئۆيىگە كىرىۋىلىپ قوپماي ياتتى، چۈش بىلەن قورسىقىم ئېچىپ تارتىشىپ كەتتى، مەن تاماق ئېتەلەيتتىم، بىراق قازاننىڭ قۇلىقىغا تۇۋىقى بىلەن قوشۇپ سېلىنغان قۇلۇپنى بۇزالمايتتىم، ئاپام بىلەن ئىنىسى مەسلىھەتلىشىپ بىزنى مومايغا قارانچۇق قويغان كۈنلەردىن باشلاپ ئۇ مۇشۇ ئامالنى ئويلاپ تېپىپ، قازان بېشىدىكى مۇقەددەس ھوقۇقىغا ھېچقايسىمىزنى چىقىلدۇرماي، ئارىمىزدىكى ئىمتىيازىنى قوغدايدىغان بولىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ قازىنىدا پەقەت ۋە پەقەتلا ئىككى كىشلىك تاماق پىشقاچقا، ھەر قېتىم بىرسىمىزلا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولاتتۇق، باشتا قورقۇپ سەل بوزەك بولدۇم، بىراق ھازىر گەرچە ئۇ مومام بولسىمۇ پوش دىمەس بولىۋالدىم، مانا مۇشۇنداق باتنىغاق بولىۋالسا، كاتنىڭ بېشىغا كېلىپ، يان ياغاچنى كۈچۈپ تىپىپ، ئۇنىڭغا ئارامچىلىق بەرمەي تۇرىۋالاتتىم، ياكى يېنىغا چىقىۋىلىپ ئالا-تاغىل توۋلاپ گۈس-گۈس سەكرەيتتىم، پۈتلىرىم ئاغرىپ، ھېرىپ-چارچاپ، تەرلەپ كېتەتتىم، ھەپتىلەپ سۇ كۆرمىگەن باشلىرىمدىن سېسىق تەر پۇرقىراپ قۇيۇلاتتى، يەنىلا چىداپ ئۇنىڭغا تەسىر قىلىشقا تىرىشاتتىم،  

          
داۋامى بار...

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:22:19

داۋامى داۋامى......
نىمە دىگەن بەلەن ئەسەر بۇ

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:25:04

  خەتكۈچ.
   ھەممىنى ئوقۇپ بولۇپ بىراقلا باھا بېرەي ......

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:41:40

نېمىدىگەن يارقىن يورۇتۇلغان ئىچكى ۋە تاشقى دۇنيا تەسۋىرى
داۋامىغا تەشنامىز

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:50:19

خەتكۈچ.
  كەچتە ھەممىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن باھا بېرەي ...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 17:46:38

ساقلاپ قالدۇق ئەمىسە...

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 17:51:24

يەنە بىر ياخشى ئەسەر.....

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 17:57:18

apla يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 17:51:24 static/image/common/back.gif
يەنە بىر ياخشى ئەسەر.....
داۋامى قېنى،بولىڭە مىسىلدىماي بى :lol

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 18:05:53

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 17:57 static/image/common/back.gif
داۋامى قېنى،بولىڭە مىسىلدىماي بى

مېنىڭ سۆزۈمنى نەقىل ئەپ قويۇپسىز، مەنمۇ ساقلاپ ئولتاغان شۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 18:07:54

خاتا بېسىلىپ كېتىپتۇ……

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 18:30:46

يازغۇچى ئۆزىگە جەڭ ئىلان قىلغاندەك يىزىلغان ئەسەركەن :lol:lol:lol

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 19:48:27

مۇھىت تەسۋىرى، پىرسىناژلارنىڭ قىياپەت تەسۋىرى ، ئىچكى ھىسياتلىرى ئۇستىلىق بىلەن ئىپىادىلىنىپتۇ،  سۈزۈك بىر پارچە سۈرەت ياق بىر بۆلەك كېنو كۆرۈۋاتقاندەك ھېسىياتتا تۇرۇپ ئوقۇپتىمەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 20:05:12

ياخشى ئەسەر

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 20:24:18

بۇ خوتۇن قېنى ئەمدى داۋامىنى تېزراق يوللىماي:Q:Q:Q

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:47:28

ئالدىراتماڭلار باللا، ئالدىرىماي يازسىمۇ يازسۇن، داۋامىنىمۇ مۇشۇنىڭدەك ساز يازسۇن. ئاندىن بىزمۇ ھوزۇرلىنىپ ئوقۇيلىك. بىز ئالدىرىتىپ قويساق، ھە- ھۇلىرىمىز بىلەن ئىلھام كەلمىگەندە ئالدىراپ- تېنەپ يېزىپ سالسا، بىز ئوقۇپ بىر يەرلىرى بىرقانداقتەك ھىس قىپ قالساق ئۈمىدسىزلىنىپ قالىمىز. (بۇ مىنىڭ شەخسى پىكرىم، ئالدىرىتىدىغانلار «ياق، مەن ئالدىرىتاتتىم» دەپ ئالدىرىتىۋەرسەڭلار مەن ئارىلاشمايمەن- ھە!؟)

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:47:55

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 20:24 static/image/common/back.gif
بۇ خوتۇن قېنى ئەمدى داۋامىنى تېزراق يوللىماي

مانا.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:48:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 22:02  

ئۇ ئاخىرى ئورنىدىن تۇردى، يۈزىنىڭ تېرىسى بىراقلا بۇرنىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كېتىپ، ئۈستۈنكى كالپۇكى ئېچىلىپ قالدى، ساپ-سېرىق يالغان چىشى ئاستىنقى چىشلىرى بىلەن كىرىشىپ كەتتى، قاراپ بېقىپ ئۇنى يىغلاۋاتامدىكىن دەپ قالدىم، ئۇ قۇشتەك چوخچۇيۇپ ئولتۇرۇپ كېتىپ، ئاندىن ماڭا نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن قارىدى، تېنىم شۈركۈنۈپ كەتتى، ئۇ شۇ تۇرقىدا جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك چىڭقىلىۋاتاتتى، تېرىسىنى سۈڭىكىگە چاپلاپ قويغاندەك كۆرىنىدىغان قوللىرى بىلەن تىزىنى قاماللاپ تۇرۇپ شۇنچىلىك سەت چىڭقالدىكى تىقىملىرى كۆتۈرۈلۈپ قورسىقى ھەركەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇنداق ئۈنلۈك ئاۋازدا يەل قويىۋەتتى، چىرايى ئەسلىگە كەلدى، گۆرەن تومۇرلىرى يوقىدى، راھەتلىنىپلا قالدى. ئەمدى يۈرۈكۈم جايىغا چۈشۈپ تۇراتتى، ئىشىك گۆمبۈرلەپ ئۇرۇلۇپ كەتتى، قايتىدىن جىددىلىشىپ پايپاسلاپ يۈگۈرۈپ كاتتىن چۈشۈپ ئىشىكنى ئاچسام، تام قوشنىمىز ئىكەن، 15 كۈندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئىشىك چېكىلىپلا يەنە بىر بىنورمال ھالەتكە ئۇچۇرايدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقمىغاچقا ئىدىيەرىمدە تەييارلىق يوق ئىدى، ئەندىكىپ ئىچىمدىن قېقىلىپ سىلكىنىپ كەتتىم، ئىشىك ئالدىدا چاچلىرى گۈلەم مومامنىڭكىدىن قېلىشمۇغۇدەك چاڭگىلىشىپ چارلىشىپ كەتكەن، كۆكرەك پۈرۈم گۈللۈك چىت كۆينىكىنىڭ  ئۈستىگە كونىراپ ئۆڭۈپ كەتكەن قارا مارى دوخاۋىسىدىن تىكىلگەن پاختىلىق كومزۇل كىيگەن بىر موماي تۇراتتى، كومزىل بەك كونىراپ سۈزۈلۈپ كەتكەچكە ئىچىدىكى ئەستەرنىڭ يۇڭ ئەدىيال ئىكەنلىكى بىلىنىپلا قاپتۇ، زىمىستان قىشنىڭ ئىت ئۈششۈگۈدەك سوغىقىغا باقماي مومامدەك ئۇزۇن تامبال كىيىۋاپتىكەن، چىت كۆينىكىنىڭ ئىتىكىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ھەممىدىن قاباھەتلىكى ئۇنىڭ كۆزى ئىدى، سول كۆزى كور بولسا كېرەك، قارىقى يوق ئاق پاختىسى تومپىيىپ چىقىپ ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىكەن، يەنە كېلىپ بۇرنى پۇچۇق، تۇغما توشقان كالپۇكلاردىنكەن، بۇرنى بىلەن لىۋىنىڭ ئارلىقىدا باشمالتاقنىڭ چوڭلىقىدا بىر ئېرىق ئوچۇق تۇراتتى، داۋاملىق قاراشقا تاقەت قىلالماي تىتىرەپ تۇرۇپ سالام قىلىپ ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم، ئۇ تەكەللۇپسىزلا ئۆيگە كىرىپ كەلدى، ئىشىكنى يېپىۋىتىپ ئۇنىڭ دانلاۋاتقان كەكلىكتەك غادىيىپ ئالدى-ئارقىغا يورغۇلاۋاتقىنىنى بايقاپ قالدىم. ئۇ تەخىرسىز ھالدا مېنىڭ ئۇنى قايسى ئۆيگە باشلايدىغانلىقىمنى كۈتىۋاتاتتى، ئۇنى ئەلۋەتتە مومامنىڭ ياتاق ئۆيىگە باشلىدىم.
مومام بولسا مېنىڭ كاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئىشىك تەرەپكە يۈگۈرۈشۈمدىن بىركىم كەلگەنلىكىنى پەملەپ، كاتنىڭ لېۋىدە تايىنىپ ئىشىككە قاراپ تۇراتتى، قوشنىسى كۆرۈپ چىرايلىرى ئېچىلىپ كەتتى، خۇددى ماڭا تاشقى دۇنياسىدا سۆزلىگەندە تەبەسسۇم قىلغاندەك ئۇماق كۈلۈپ، مېھماننى قارشى ئالدى. ئۇ ئادەتتە ئاپامنى مۇشۇنداق قارشى ئالاتتى، ھەم بەكمۇ مېھرىبان سۆيۈملۈك بولۇپ كىتەتتى، پەقەت ئاپامنىڭ ئالدىدىلا ئىچكى دۇنياسىنى بېسىقتۇرۇپ يامان خىياللاردا بولمايتتى.
مەن ئالدىراپ كاتنىڭ ئۈستىگە ئەتتىگەندىن بېرى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش پۇرسىتى بولمىغان شىرەنى قويدۇم، ئاشخانا ئۆيدىكى ئىلغىغا ئېسىپ قويغان كىليونكا دەستۇرخاننى ئېلىپ، قايتا-قايتا سىلكىپ تۈزلەپ شىرەگە سالدىم، ئاندىن ئوچاقنىڭ ئۈستىدىكى سۈيى مۇزلاپ كەتكەن چۈگۈننى ئېلىۋىتىپ چوغنى كۆمگەن كۈللەرنى چۇخچىلىغۇچ ئىلمەك تۆمۈر بىلەن چۇخچۇلاپ چۈشۈردۈم، مومام قوشنىسىغا بىر نىمىلەرنى دەۋاتاتتى، ھېچ پەسكە چۈشىدىغان تۈرى يوق، بەلكىم چاي قاينۇغۇچە چۈشىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلۇدۇم. چوغنىڭ يۈزى ئېچىلىۋىدى، بالىكوندىكى چوڭ-كىچىك يالتىراق خالتىلارغا قاچىلانغان شاخاردىن بىر گۈرجەك ئېلىپ كىرىپ سالدىم، يىنىك ھەم قۇرغاق شاخار قەغەز كۆيگەندەك بىردەمدىلا ئوت بولدى، چۆگۈنمۇ شىڭىلداشقا باشلىدى، گەرچە بۇ بىنا ئوي بولسىمۇ مومام ئالاھىتەن ئوچاق ياساپ تاماق ئېتەتتى، گاز ئوچاقنى ئىشلىتەلمەيمەن، گاز پارتىلاپ كەتسە مەن ئۆلۈپ كېتىمەن دەپ قورقۇپ ئاپام ئەپكېلىپ بەرگەن گاز ھەم ئوچاقنى زىھار ئىشلەتكىلى ئۇنىمىدى، شۇنىڭ بىلەن يىپ يېڭى بىنا ئوي، ئۈچ-تۆت يىلدىلا شامگۆردەك ئىسلىشىپ بەدبەشىرە ھالغا كىردى،
  ھەممىدىن يامىنى ئۇ بالىكوننىڭ رىشاتكىلىرىغا ھەر خىل رەڭگى ئۆزگەرگەن يالتىراقلارنى ئېسىپ بىنانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قارىغان ئادەمگە بۇ ئۆي مازاردەك كۆرۈنىدىغان قېلىپ قويدى، ئۇ ھەر قانداق نەرسىنىڭ قىممىتى بار، تاشلاشقا قەتئىي بولمايدۇ، كېرەك بولىدۇ دەپ ئۇدۇل كەلگەن يەرگە پوملاپ تىقاتتى، سالغان شاخىرىم ئاز كەلدىمىكىن بىردەمدىلا كۈيۈپ بولۇپ چۆگۈن چالا خاقىراپ قاينىماي قويدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە بالىكونغا چىقىپ خالتىدىكى شاخارنى گۈرجەككە تۆكتۈم، بىكار بولغان خالتىنى چەتكە تاشلاپ ئەمدى رۇسلىنىشىمغا تۇنۇشلا بىر نەرسە كۆزۈمگە چېلىقتى، ئىگىلىپ قارىسام، خالتىلارنىڭ ئارىسىدىن بىر پاي ئايىقىم كۆرۈندى، دەسلەپ شۇنداق خوش بولدۇم، ئايقىمنى تارتىپ چىقىرىۋىلىپ، گۈرجەكتىكى شاخارنى ئوچاققا سېلىۋىتىپ يەنە بالىكونغا چىقتىم، مومام بىلەن قوشنىسى بىر نىمىلەر دىيىشىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ماڭا كۆز-قولاق بولىدىغان پۈرسىتى يوق دىيەرلىك بولغاچقا، خاتىرجەم ھەممە خالتىنى يۆتكەپ يەنە بىر پاي ئايىقىمنى ئىزدەشكە باشلىدىم، لېكىن قېرىشقاندەك ئاياق تېپىلمىدى، ئۇنىڭغىچە چايمۇ قاينىغىلى تۇردى، ئامالسىز يېنىپ كىرىپ، چاي دەملىمەكچى بولدۇم، چاي ئاشۇ قۇلۇپ سېلىنغان ئىشكاپنىڭ ئىچىدە ئىدى، مومامنىڭ يېنىغا كىرىپ ئاچقۇچنى سوراپ باقماقچى بولدۇم، مېھماننىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ بېرەر دەيمەندە.
كىرسەم ئىككىسى ئىككى دۇنيادىن سۆزلەپ ئولتۇرۇپتۇ، قوشنا موماينىڭ قۇلىقى ئاڭلايدىكەن، شۇڭا ئۇ مومامنىڭ گىپىگە جاۋاپ بېرەتتى، مومام بولسا، قوشنىسىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئۇنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى پەرەز قېلىۋالغاندىن كېيىن يەنە گەپ باشلايتتى، قوشنا موماي ئاغزىنى مىتىلدىتىپ بىرنىمىلەر دەيتتى، مومام تازا زەن سېلىپ ئۇنىڭ ئاغزىغا باقاتتى، خۇددى ئاڭلىيالايدىغاندەك ئوڭ تەرىپىنى مومايغا توغۇرلىۋالغان ئىدى، قاراپ كۈلگۈم كەلدى، لېكىن ئۆزەمنى بېسىۋىلىپ، مومامنىڭ كىر قۇلاقلىرىنىڭ يېنىغا تۇمشۇقۇمنى ئەپ كېلىپ تازا ئۈنلۈك قېلىپ:
-گۈلەم موما، سالىدىغان چاي نەدە؟ دەپ توۋلۇدۇم، مومام  بىر كۆزىنى قىسىپ، قۇۋزىلىرىنى ساڭگىلىتىپ، ئاغزىنى قىيا ئېچىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ.
-ھە، چىرايلىق ئولتۇردۇق، ئىشتە.... دىدى، ئۇنى ئىچىدىكى دۇنياسىغا كىرىۋالارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ كەتتىم، شۇ ئەپسانە تىللار باشلىنىپ كەتسە، ئۆزەمنى قويغۇدەك يەر تاپالماي قالاتتىم، بەختىمگە ئۇنداق قىلمىدى، شۈكرى دىدىم.
-موما، چاي دەيمەن چاي... ئۇنىڭغا قول ئىشارىسى قىلدىم، چۈشەنمەي قالمىسۇن دەپ ئىتتىك چىقىپ چايقاپ تەييارلاپ قويغان تۆمۈر چەينەكنى ئېلىپ كىرىپ كۆزىگە يېقىن ئەكىلىپ كۆرسەتتىم، ئۇ يەنە ھاڭۋىقىپ ئولتۇرۇپ كېتىپ، تېقىمىنى سۈركەپ سۆرۈلۈپ  پەسكە چۈشتى، قوشنا موماي غىڭ-غىڭلا قېلىپ قالدى، ئۇنىڭ دىمىقىدىن چىقىۋاتقان تاۋۇشلارنىڭ نىمە مەنانى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى پەمىليەلمىدىم. بەلكىم ئۇ ئاۋارە بولماڭلار دىگەن بولىشى مۇمكىن، ئۇنىڭغا دوستانىلىق بىلەن خاتىرجەم ئولتۇرىۋىرىڭ دىگەن مەنىدە قول ئىشارىسى قىلدىم.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:53:28

ئالدى بىلەن بىر ئىنكاس يېزىۋېتىپ ئاندىن ئوقۇشنى باشلاي.
بەت: [1] 2 3 4 5
: گۈلەم مومام