dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:02:50

جۇڭگونىڭ «زۇكام ئىقتىسادى»

جۇڭگونىڭ «زۇكام ئىقتىسادى»

بەي جىيەنفىڭ

داداش تەرجىمىسى



توردا بىر جۇڭگولۇق ئانىنىڭ بىلوگىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇ ئامېرىكىدا زۇكامنى داۋالىتىش سەرگۈزەشتىسىنى تونۇشتۇرۇپ، ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدى.

بۇ ئانا ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان چېغىدا، تېخى يېشىغا توشمىغان بالىسى زۇكامداپ قىلىپ، پوتلىسى ئېقىش، يۆتىلىش، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. ئۇ جىددىيلەشكەنلىكتىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان بولسىمۇ، ئەمما سېسترا ئۇنىڭغا بالىغا كۆپرەك سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىپ تۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپراتۇرىسى 39 گرادۇسقا چىققاندىلا ئاندىن، سېسترا ئۇنىڭغا دوختۇرغا كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلغان. دوختۇر فونېندوسكوپ( تىڭشىغۇچ) بىلەن بوۋاقنىڭ كۆكرەك قىسمىنى تەپسىلى تەكشۈرگەندىن كېيىن، كېكىردەك ۋە قۇلاقنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ياللۇغلىنىش ئالامەتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭ ئادەتتىكى زۇكام ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
دوختۇر ئۇنىڭغا، بۇخىل زۇكامنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا ۋىرۇس تۈپەيلىدىن بولىدىغانلىقىنى، دورا ئېستىمال قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ، ئەڭ ياخشىسى بەدەن ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئانتىتېلا (تەننىڭ قارشىلىق ئىقتىدارى)غا تايىنىپ ئەسلىگە كېلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ جۇڭگولۇق ئانا ، دوختۇردىن بۇنىڭغا جۇڭگودىكىدەك ئوكۇل ئۇردۇرۇش ياكى ئاسما ئېسىش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بار-يوقلۇقىنى سورىغان، لېكىن ئامېرىكىلىق دوختۇر بېشىنى چايقاپ، ئۇنىڭغا پەقەت بىر قۇتا مېۋە تەملىك بۇرۇنغا تېمىتىدىغان تۇزسۈيى يېزىپ بەرگەن.
تۆتىنچى كۈنى، بوۋاق زۇكامدىن قۇتۇلغان. بۇ قېتىملىق دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن كېيىن بۇ جۇڭگولۇق ئانا شۇنى تونۇپ يەتكەن : بالىنىڭ ئىممۇنىتېت سستىمېسى پەيدىن -پەي ئەسلىگە كەلگەن، زۇكام مەلۇم باسقۇچتا بارغاندا بالىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغان.



ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگودا كىشلەر زۇكامداپ قېلىشتىن ھەددىدىن زىيادە ئېھتىيات قىلىشىدۇ. نۇرغۇن دوختۇرلار بىمارلارغا زۇكام دورىلىرىنى بەرگەندىن تاشقىرى ئوكۇل ئۇرىدۇ ياكى ئاسما ئاسىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى زۇكام ئۈچۈن بىر-ئىككى يۈزيۈەن خەجلەش ئىنتايىن نورمال بىر ئىش، بىرەرمىڭ يۈەنلىك داۋالىنىشمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس. يەنە نۇرغۇن زۇكام بىمارلىرى دورا دۇكانلىرىدىن دورا سېتىۋېلىپ ئىستىمال قىلىشىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ دورا تاللاشتىكى ئاساسى تاراتقۇلاردىكى دورا ئېلانلىرىنىڭ تەسىرىدىن كېلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك سىتاتىكىلارغا قارىغاندا، 2008-يىلى دۆلىتىمىزدە زۇكام دورىسىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 92مىليارد يۈەن بولغان. ئالاقىدار زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىپ، جۇڭگودا %75 كىشى بىر يىل ئىچىدە كەم بولغاندا بىر قېتىم زۇكام بولىدۇ، ناۋادا دۆلىتىمىزدە ھەريىلى بىرمىلياردئادەم قېتىم زۇكام يۇقۇمى يۈزبەرسە، ئەڭ ئاز ھېسابلىغاندىمۇ كىشى بېشىغا 15-20يۈەندىن دورا چىقىمى توغرا كېلىدۇ. لېكىن رېئاللىقتىكى نورمال چىقىم بويىچە قارىساق، دۆلىتىمىزنىڭ زۇكام دورىسى بازىرىنىڭ يىللىق سوممىسى ئاز بولغاندا 150مىلياردتىن -200 مىليارد يۈەنگىچە بولىدۇ. شۇڭا دۆلىتىمىزدىكى 1000دىن ئارتۇق دورا زاۋۇتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئانچە كۆپ پەرقى بولمىغان زۇكام دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان دورىگەرلىك كارخانىلىرى ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ بۇ بازارنىڭ %60 دىن ئارتۇقراق ئۈلۈشىنى ئىگىلىۋالغان. مانا بۇ جۇڭگونىڭ «زۇكام ئىقتىسادى».

بىر چەتئەللىك دوختۇر ئىلگىرى مۇنداق بىر گەپنى قىلغان، زۇكامنى داۋالاش ئۈچۈن بىھۇدەپۇل خەجلەشتە ، جۇڭگو بەلكىم پۈتۈن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى مۇمكىن. گەرچە بۇگەپ سەل زەھەرخەندىلىكتەك بىلىنسىمۇ، لېكىن دەل جايىغا تەگكەن.

ئەمەلىيەتتە، زۇكام بولسا دۇنيادا داڭقى بار «شىپاسىز كېسەل» لەرنىڭ بىرى. تىبابەت ئىلمىدە، زۇكامنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرمۇ ئوخشاش ئەمەس، ئەمما زۇكامنى ۋىرۇسلۇق زۇكام ۋە باكتىرىيىلىك زۇكام دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ۋىرۇسلۇق زۇكام %90 نى ئىگىلەيدۇ، ئەگەر باكتېرىيىلىك يۇقۇملىنىش بولمىسىلا، زۇكام بىر ھەپتە ئەتىراپىدا ئۆزلىكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت كۈچى ئىشلىيەلەيدۇ. شۇڭا، مۇتەخەسسىسلەر زۇكامنى چەكلىنىشچانلىققا ئىگە كېسەللىك دەپ ئاتايدۇ، ھەتتا كېسەللىك تەرەققىي قىلىپ مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا ئۆزلىكىدىن توختايدۇ، ۋە پەيدىن -پەي ياخشىلىنىدۇ. دورا يەپ- ئوكۇل سالدۇرۇش، پەقەت بىرقىسىم كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يەڭگىللىتەلەيدۇ، كېسەللىك جەريانىنى قىسقارتىشتا ھېچقانداق ياردەم قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر بىر ئادەم بىر يىل ئىچىدە تاسادىپىي بىر -ئىككى قېتىم ئادەتتىكى زۇكامغا گىرىپتار بولۇپ قالسا، بۇ خۇددى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈش بىلەن باراۋەر بولۇپ، ھەرگىزمۇ يامان ئىش ھېسابلانمايدۇ.

خەنزۇچە « تەرمىلەر» ژۇرنىلى (تورنۇسخىسى) 2011-يىللىق 3-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:26:00

{:92:} مەن زۇكام بولسام ئەزەلدىن دورا يىمەيمەن، تازلىق قەغىزى ۋە قىززىق چاي بىلەن تىزلا ساقىيىپ كىتىمەن{:101:} يىلدا 2-3 قېتىملا زۇكام بۇلىمەن، ھەر قېتىمدا 2 كۈنلا. ئاغىنىلىرىم مىنىڭ مۇشۇ ئۇرۇقلىقىمدا كېسەل بولمايدىغانلىقىمغا ھەيران. {:101:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:29:34

مەن كۈندە زۇكام ھازىر:'(

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:47:19

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 14:29 static/image/common/back.gif
مەن كۈندە زۇكام ھازىر

  شەھلاخان ، مۇشۇنداق سۇغۇقتا باش سۆرەتتىكى ئاۋۇ غازدەك بوينىڭىزغا يۇڭ شارپا ئورىۋالسىڭىز ئاسانلا ساقىيىپ قالىسىز .;P

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:54:05

مۇشۇ دوخـتۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى تۇغقانلىرى زۇكام بوپ قالسا ، باشقىلارغا زورلىغان ئاسما ئوكۇلنى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىغا زورلىمايدىكەن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:58:26

يېقىندا بىر ماتىريال كۆرگەن ئىدىم، زۇكام بولۇپ قالسىڭىز، مەيلى دورا يەڭ، ياكى يىمەڭ 4-5 كۈندە ساقىيىپ كېتىسىز، دورا يىگەنگەن زۇكام ساقىيىپ قالمايدۇ دىگەندەك بىر مەزمۇن بار . :lol
زۇكام دورا زاۋۇتلىرى بۇ گېپىمنى كۆرۈپ قالمىسۇن .{:92:}

BlackHand يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 15:06:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BlackHand تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 15:08  

شەھلانىڭ باش سۈرىتىگە قارىسام چاچلىرىنى  قويۇۋەتكەن،لەۋلىرىنى قىپقىزىل بويىۋاغان، چىرايى سۈتتەك ئ‍اپئ‍اق، ئ‍ۇچىسىغا ئ‍اق رەڭلىك مامۇق چاپان، قارا رەڭلىك سەكسى دادىكۇ كىيىۋاغان، يىگىرمە نەچچە  ياشلار ئ‍ۆپچۆرىسىدىكى تولغان، ئ‍وماققىنە بىر  ستۇدنت قىزچاق كۆز ئ‍الدىمدا نامايەن بولىدۇ.

eilixat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 15:07:59

زۇكام دىگەن ئەزانچىلىققۇ بىزدە ،  بىر كويغا ئۇچ

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 15:09:44

BlackHand يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 15:06 static/image/common/back.gif
شەھلانىڭ باش سۈرىتىگە قارىسام چاچلىرىنى  قويۇۋەتكەن،ل ...

زۇكام ئىدىم، ئىنكاسىڭىزغا كۈلىمەن دەپ  بۇرنۇمدا لامپۇچكا يىنىپ كەتتى :curse:

484848 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 15:45:43

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 15:56:29

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 14:29:34 static/image/common/back.gif
مەن كۈندە زۇكام ھازىر:'(
شەھلا ئايلا ،ياخشىسى ئۈچ كۈن بىسىپ ئاسما ئاسقۇزۇڭ،تۆت بەش خىل زۇكام دورىسىنى بىراقلا ئىچىپ چۈمكىلىپ ياتسىڭىز تۆت بەش كۈندە ساقىيىپ كىتىسىز ،ئامرىكىلىقلىنىڭ ئۇندا ئۇسۇللىرى بىزگە قەتئى ماس كەممەيدۇ.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:11:32

شۇنداق484818،بۇ يولداشنى ئەكسىل ئىنقىلابچى دەپ
ئەدەپلەش كىرەك

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:14:17

ئەمىسە، تەرجىمە قىلغانلىقىم ئۈچۈن مەن ھېچ بولمىغاندا ئىزدىنىش تۈرمىسىگە قامىلىپ « مەن ئەسكى» دېگەن تاختاينى ئۈچ كۈن ئېسىپ يۈرگۈدەكمەندە :(

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:42:03

مەن كىيىمنى يېلىڭ كەيسەممۇ زۇكام بۇلىمەن، زۇكام ۋىرۇسى تېرەمدىن كىرەمدىكىن دەپ قالدىم.

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:48:54

جوڭگوچە زۇكامنى بوش چاغلىماڭلا، 2 - 3 كۈن ئاسمىغۇچە ساقايمايدۇ.

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 17:14:39

دورا ئىچمىگەن بىلەن غىزالىنىش ۋە دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە زۇكام يەنىلا ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ ھەم ئاستا خارەكتىرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى ،بۇرۇن ياللۇغى ،كاناي ياللۇغى ۋاھاكازالار ،شۇڭا دورا ئچمىگەن ،ئوكۇل ئۇرمىغان تەقدىردىمۇ دەم ئېلىش ۋە غىزالىنىشقا دىققەت قىلىپ كېسەل ئاسارىتىدىن بالدۇر قۇتۇلۇش كېرەك.يەنە كېلىپ ھەممىلا ئادەمنىڭ ئىممۇنىتىت كۈچى ئوخشاش بولمايدۇدە

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 18:08:21

تۇللۇق ئوتتۇردا  بىئلوگىيە مالىم ماڭا  :

زۇكام ئەڭ بومىغاندا 7 - كۈنى ساقىيىشقا  قاراپ ماڭىدۇ ، ئوخشىمىغان زۇكامغا ئوخشىمىغان ئاتىتتىلا  ئىشلىنىپ تۇردۇ ... ئەگەر بۇ ياقتىن زۇكام بولغۇچە ئۇياقتىن دۇرا يىسەڭ بىرنچىدىن ئىمونتىىڭ قاشاڭلىشىپ كىتىدۇ ئىككىنچىدىن غەرىبچە خىمىۋى  دورنىڭ ئەكىس تەسىرى كۆپ پاشا چاققان يەگە زەھەر تېمىتقاندەك بۇلسەن دىگەنئىدى ...


ئۇ يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ ، زۇكامنىڭ دورىسى بىر چىنە قايناق سۇ (ئوخشۇتۇپ ئەتكەن سۇيقاش ) بىلەن قېلىن ياتقان بولسا  بۈركۈنۈپ تازا تەرلىسەڭ ئوڭشلىسە دىگەن ئىدىلەر  ... شۇنىڭدىن بىرى دورا يىمىدىم ... بىرەر  قېتىم ئاسما  ئاستۇرۇپ باقىنىم يوق ....


مالىمغا رەھمەت

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 18:51:12

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 16:42 static/image/common/back.gif
مەن كىيىمنى يېلىڭ كەيسەممۇ زۇكام بۇلىمەن، زۇكام ۋىرۇس ...

زۇكام ۋىروسى كىرمەيدۇ. سوغۇق كىرىدۇ.بۇرۇنلاردا زۇكام بولدى دىمەيتۇق. سوغۇق ئۆتۈپ قاپتۇ دەيتتۇق.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 18:55:19

بىزنىڭ دۆلىتىمىز يەنە ئانتىبئوتىكلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ، سېتىشتا، قالايمىقان ئىشلىتىشتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. قايسى يىلىدىكى خەلق ۋەكىللەر يىغىنىدا سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى «ئانتىبىئوتىكلار بىر ئەۋلاتنى كاردىن چىقاردى»د ەپ تەنقىلىگەندىن كېيىن ھازىر چىڭمىسۇ سالىدىغان دوختۇر ئازلاپ كەتتى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1] 2
: جۇڭگونىڭ «زۇكام ئىقتىسادى»