NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 11:31:05

16-دىكابىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى


16-دىكابىر ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا خەلقارا ئالتۇننىڭ ھەر ئونسىيەسى 1196 ئەتراپىدا بازار تەڭشىلىۋاتىدۇ، تۈنۆگۈن كەچ نىيۇيورك بازىرى ۋاقتىدا خەلقارا ئالتۇن %2 چۈشۈپ كەتتى، بۇنىڭدىكى سەۋەپ شۇكى خەلقارا نىفىت باھاسىنىڭ چوڭ چۈشۈشى ۋە ئامىرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ بۇ ھەپتىدە ئېچىلدىغان يىغىنىدىن بۇرۇن چوڭ ئۆسۈشكە ئېرىشىشى بولدى. دۈشەنبە كۈنى خەلقارا نىفىت باھاسى بەش يېرىم يىلدىن بۇيانقى يېڭى تۈۋەن نوقتىنى ياراتتى. بۇلىت نىفىت قەرەللىك مال 60.34 غا چۈشتى.
بۈگۈن ئاساسلىق ئامىرىكىنىڭ ئۆي-مۈلۈك توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ، تەھلىللەرگە قارىغاندا ئۇچۇرنىڭ ياخشى يامان چىقىشى ئالتۇن باھاسىغا قىسقا مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  

تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە 1210 دىن ئۆسۈشكە ئالىدىغان مال توغرا چىقتى، تۈنجى قېتىم 1210غا بارغاندا ئۆسۈشكە ئالسىڭىز 6 نوقتا پايدا بار. ئىككىنچى بارغاندا ئېلىپ زىيان چىققان بولسا ئۆزىڭىزدىكى خاتالىق.
بۈگۈنكى تەھلىل
1193 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1198، نىشان 1188~1183
1180 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1175،نىشان 1185~1190
1213 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1218، نىشان 1208~1203
1160 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1155،نىشان 1165~1170
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  238   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.22  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:53:22

200 كويغا چۈشسە بولىتى تېزراق...
بەت: [1]
: 16-دىكابىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى