eRVen_RuMMeL يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 10:58:36

نېفىت بولمىسا سىز چىقارغان سانائەتنىڭ نىمە كېرىكى


مەزكۇر خەۋەر بۇندىن يىرىم يىل بۇرۇن ،قانۇنچىلىق گىزىتىدە ئىلان قىلىنغان خەۋەر ئىكەن ،باغداش تورىدا ئۇچۇرتىپ قىلىپ ئەكەپ قويدۇم ،نىمىلا دىگەن بىلەن كىچىكىپ بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ،ئوقۇشقا ئەرزىيدىكەن .

بۇندىن 5يىل بۇرۇن مۇنبەردە تاشيول ياساشنى تەشەببۇس قىلغانلارنى ئىشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ سازايى قىلىپ ،تۆمۈر يول مىترو لارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغۇرسىدا پاراڭلار بولۇنغان بۇنى ئوقۇپ شۇ ۋاقىتلار ئىسىمگە كەپ قالدى .:lol
ئەنگىلىيەدىكى «مۇھاپىزەت گېزىتى »،«يېڭى ئالىملار »ژورنىلى قاتارلىق تاراتقۇلاردا بېرىلگەن خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى :«ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىيە مېنىستىرلقى يېقىندا «شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نېفىت يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىك »كۆرۈنىشىنى تەقلىد قىلغان ھەمدە جىددىي ئېھتىياجىنى قامداش لاھىيەسىنى تۈزۈپ چىققان ،ئەمەلىيەتتە بۇ ئورۇنسىز غەم ئەندىشە بولماستىن ،مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ،ھازىر دۇنيادىكى «نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش دىنامىكىسى »پاي چوققىسىغا يەتكەن بولۇپ ،ناۋادا نېفىت كىرزىسى پارتىلسا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ چوڭ شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرىشى ،ھەتتا شەھەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن . ئەنگىلىيەدىكى «يېڭى ئالىملار گېزىتى »ژورنىلىدا مۇنداق دېيىلدى :گەرچە يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان خەلىقئارادا نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆرلىگەن بولسىمۇ ،لېكىن نېفىت شىركەتلىرىنىڭ چارلاش ئومومىي خامچوتى ئۇنداق كۆپىيىپ كەتكىنى يوق ؛گەرچە ئامرىكىنىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى نورمىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپ چىقارسىمۇ ،ئەمما ئامرىكا 1976 –يىلىدىن بۇيان يېڭىدىن نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى كۆپەيىتمىگەن ؛دۇنيادىكى ھەربىر ماي پاراخوتىنىڭ كۈندىلىك تەرتىپى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ يېڭى ماي پاراخوتىنىڭ ياسىلىش بىراك قىلىنغان كونا ماي پاراخوتلىرىنىڭكىگە يەتمىدى ،بۇنىڭ ھەممىسى نېفىت بايلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ بىشارىتى ».\ ئامرىكا ،ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرىپ دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم ئېنىرگىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئىنىرگىيە كىرزىسىغا بولغان مۆلچەرى ئۇنچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس .ئۇلارنىڭ قارىشىچە ،دۇنيادىكى نېفىت ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ ئازىيىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا يىلدا %10 تىن %13 كە يىتىدىكە.2015-يىلى نېفىت مەخسۇلات مىقدارى ئەڭ كۆپ بىر يىل بولۇشى مۇمكىن ،2017-يىلىدىن دۇنيانى نېفىت بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئوتتۇرسىدا «تولدۇرغىلى بولمايدىغان جىلغا »ھاسىل بولىدىكەن .2018 –يىلىدىن باشلاپ دۇنيا بارغانسىرى ئېغىر دەرىجىدىكى نېفىت قەھەتچىلىكىگە يۈزلىنىشكە باشلايدىكەن .نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئەگرى سىزىقىنى بويلاپ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ ،بىر قىسىم ئالىملارنىڭ پەرىزىدىكىدەك دۇنيا «كېيىنكى سانائەت تاش قورال دەۋىرىگە قايتىشى مۇمكىن . ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىيە مېنىستىرلىقى يېقىندا تەقلىد قىلغان «نېفىت كىرزىسى توپىلڭى »دا كۆرسىتىلىشىچە ،يىقىلغۇنىڭ كەمچىل بولۇشى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئۇزاققا سوزۇلغان ئىقتىسادىي كاسادلىشىش دەۋىرىگە يۈزلەندۈرىدىكەن . ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى –نېفىتنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالماسلىق ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدىكەن ،بۇ خىل ئېشىش داۋاملىشىۋەرسە ،بانكا زور خەتەرگە يۈزلىنىدىكەن ،پاي بازارلىرىمۇ غولاشقا باشلايدىكەن ،ئېتىزلىقلاردا ئىشلىتىدىغان تىرەكتۇرغا يىقىلغۇ بولمىغاچقا ،كېرەكسىز مەخسۇلاتقا ئايلىنىپ ئاشلىق مەخسۇلات مىقدارى تۆۋەنلەيدىكەن ؛موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىمۇ ماي بولمىغانلىقتىن قۇرۇق تۆمۈرگە ئايلىنىپ ،ئىنسانلار پىيادە يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن ؛سىرىتتىن مال يۆتكەش مۇمكىنچىلىقى بولمىغاچقا ،دۇكانلاردا يەرلىك ماللارلا سېتىلىدىكەن . «يېڭى ئالىملار ژورنىلى»نىڭ ئانالىزىدا مۇنداق دېيىلدى :«ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىيە مېنىستىرلىقى نېفىت كىرزىسىنىڭ ئېغىرلىشىش دەرىجىسىنى مۇبالىغىلەشتۈرمىدى ،ئەمما توپىلاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلاننى تۈزگەن بىلەن ،ماسىلىنى نېگىزىدىن ھەل قىلمىدى .ھازىر كىشىلەرنىڭ نېفىت كىرزىسىغا جاۋاپ قايتۇردىغان بىردىن بىر چارىسى ئىقتىسادنىڭ نېفىتقا بولغان بېقىنىشىنى ئازايتىش ،دۆلەتنىڭ نۇقتىنەزىرىدىن قارىغاندا ،نېفىت سەرپىياتى يۇقىرى ،ئېنىرگىيە ئۈنۈمى تۆۋەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى توختىتىش كېرەك .شەخىسلەرنىڭ نۇقتىنەزىرىدىن قارىغاندا كىشىلەر شەھەر تۇرمۇشىدىن يىراقىلشىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش پەقەت بولمىغاندا شەھەرلىشىش قەدىمىنى قارۇغىلارچە تېزلىتىۋەتمەسلىك كېرەك ،قاتناش جەھەتتە ،تاشيول ياساشنى ئاستىلىتىپ ،تۆمۈر يول تەرەققىياتىنى تېز سۈرئەت بىلەن تېزلىتىش كېرەك.شەھەرلەردە ئېلىكتىروموبىل ،مېترو قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش سېستىمىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ ،شەخسى ئاپتوموبىللارنى ئازايتىش كېرەك .شۇنىڭدەك دۇنيادىكى ئالىملار ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ،نېفىتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدىغان ئېنىرگىيە مەنبەسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە ،ئېنىرگىيە تىجەش تېخنىكىسىنى ئوموملاشتۇرشى كېرەك ».

مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى

باغداش تورىدىن ئەپ كىلىندى ؛
http://intl.bagdax.cn/2014/0514/2069.html

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:20:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-16 13:22

   كەلگۈسىدە نېفىت زاپىسى يېتىشمەي ھەتتا تۈگەپ،يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىمۇ ئېھتىياجنىقامدىيالمىغاندا رستىنلا ئات -ئۇلاقلار دەۋرىگە قايتىمىزمۇ نىمە...ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار دىگەندەك...

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:36:32

   ئەمەلىيەتتە يۇقۇرقى ئەندىشىلەر بىھۇدە بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئەگەر مىكرو تىپلىق ئاتوم رېئاكتورى ياساپ چىقىلىپ، ئاپتوموبىل قاتارلىق يېنىك تىپتىكى مىخانىزىملارغا قوللىنىلسا ئېھتىمال باشقىچە بىر دەۋىرگە كىرىپمۇ قالارمىز. يەنە مەسىلەن تۆمۈر ئاتومىنى پارچىلاش ئۇسۇلى ئىجات قىلىنسا ئىنسانىيەت ئىشلىتىپ تۈگىتەلمىگۈدەك ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئېرىشىشى مۈمكىن. بۇلارنى كىم قىلىدۇ؟ بىزدە مۇشۇنداق يوغان گەپلەرنى قىلالايدىغان ھەم شۇنىڭ تەتقىيقات يولىغا ئۆزىنى ئاتىيالايدىغانلار چىقارمۇ؟ ئېينىشتىيىن، سىتراسمان، خاھىن قاتارلىقلاردەك...

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:44:09

مۇشۇ توغرىسىدا بىر ھۆججەتلىك فىلىم، ئىسمى نىفىتسىز دۇنيا، «world without oil».

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 15:14:40

مەن باشلانغۇچقا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا دەرىسلىك كىتابتا نىقىت زاپىسى40 يىلدا ، كۆمۈر 80يىلدا .....تۈگەيدۇ دەپ بار ئىدى ، ئەممد ھىچ تۈگەيدىغانداەك ئەمەس ، يىڭى نىڧىتلىكلەر بايقىلىپ ، ئاچمىغاننى ئىچىپ دىگەندەك خىلى يىللار يتىدىغان ئوخشايدۇ ،
يىڭى ئىنىرگىيە تىخنىكىلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئىنىرگىيەدە نىقىت ۋە باشقا قىزىلما بايلىققا تايىنىش پەسىيىشى مومكىن ، ئەمما سانائەت خام ئەشياسىلىق ئورنىنى قانداق تولۇقلاش كىرەككىن

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 15:17:16

تىما ئىگىسى يۇقاپ كەتمەي ئىزدىنىشقا كىرىپ تۇراسىز

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 15:34:31

نىفىت زادى دۇنيا ئىقتىسادىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 15:35:39

نىمە ئۈچۈن نىفىتنىڭ ئۆرلەپ -چۈشىشى ئىقتىسادقا باغلىق؟ نىمىشقا كۆمۈر ياكى باشقا نەرسە ئىقتىسادقا
ئانچە تەسىر قىلالمايدۇ؟

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:18:28

ھازىرقى نىفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى دۇنيا سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمەنغۇ :)

Berqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:28:40

نېفىت كىرزىسىنىڭ پارتلايدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن پەرەزلەر بولغان.لېكىن ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىن قارىغاندا كۆپ ئۆتمەي نېفىتنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئىزدەپ تاپالايدۇ.مەن قايسى كۈنى بىر توردىن ئىسرائىلىيەدىكى بىر شىركەت 30 سىكۇنىتتا تېلىپونغا توك قاچىلاپ بولغىلى بولىدىغان بىر خىلتوك قاچىلاش سېستىمىسىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ تور ئاقتۇرۇپ شۇ شىركەت بىلەن ئالاقە قىلدىم.يېرىم كۈندىن كېيىنشىركەتتىن جاۋاپ خەت تاپشۇرۇۋالدىم.ئۇلار بۇ مەھسۇلاتنى 2016-يىلىدىن باشلاپ دۇنيا بازىرىغا سالماقچى ئىكەن. قارىماققا بۇ تېلىپونغا توك قاچىلاشتەك بىر ئىش كۆرۈنسىمۇ لېكىن بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق ئېلىكتىر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئاپتومۇبىللارغىمۇ بىر-ئىككى مىنۇتتا توك قاچىلاپ بولغىلى بولىدىغانلىقىدىندېرەك بېرىدىكەن.
ئۇندىن باشقا يېقىنقى خەۋەرلەردىن قارىغاندا قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئايرۇپىلان يەرگە چۈشمەي يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقتى.بۇمۇ بىر ئەۋزەل تاللاشتىن ئىبارەت. لېكىن بۇ يىل نېفىت روسىيەنى جاازالايدىغان قورالغا ئايلاندى.نېفىتنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتىدۇ. بۇ خىل تۆۋەنلەش نەگە بېرىپ توختايدۇ؟بۇ خىل تۆۋەنلەشنىڭ مەقسىدى پەقەت روسىيەنى جازالاشمۇ ياكى نېفىتنىڭ ئورنىغا دەسسەيدىغان ئېنىرگىيەلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى نېفىت باھاسىغا تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:38:00

ئادەمدىن باشقىسى سۇلياۋ بوپكەتكەن زاماندا نېفىت بولمىسا بولمايدىغان چىراي

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:42:54

sahabe يوللىغان ۋاقتى2014-12-16 13:20 static/image/common/back.gif
كەلگۈسىدە نېفىت زاپىسى يېتىشمەي ھەتتا تۈگەپ،يېڭى...

ئاشۇ كۇنلەبىر كەلسە،دەپ ئويلاپ كىتىمەن بەزىدە

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 17:01:59

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى2014-12-16 16:42 static/image/common/back.gif
ئاشۇ كۇنلەبىر كەلسە،دەپ ئويلاپ كىتىمەن بەزىدە

مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش قاراشتا...........

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 18:19:37

نىفىتنىڭ ئورنىغا دەسسىگۈدەك باشقا ئېنىرگىيە مەنبەسى تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولىشى مومكىن. تەرەققىياتنىڭ ئارقىغا چىكىنىشىگە ھېچكىم قاراپ تۇرمايدۇ.

qinar418 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 18:59:16

بەيدۇدىن ئىزدىسىڭىز100يىلغىچە ماي قۇيمايدىغانكادىلاك ماشىنا دەپ باركەن،يەنى يادرو ئىنىرگىيە دىن پايدىلىنىپ ماڭىدىكەن .

Toghraqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 19:29:06

ھازىرچە نىفىت قەھەتچىلىكى بۇلىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ . ئامىركا ئاكىمىز سلانېتس ماي (页岩油)نى قېزىش تېخنىكىسىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرگەن بولغاچقا يېقىندىن بۇيان نىفىتنىڭ باھاسى توختىماي چۈشىۋاتىدۇ. ئامىركا بۇندىن كىيىن نىفىت ئىمپورت قىلماي ئەكىسچە ئىكىسپورت قىلىدۇ.چېقىر كۆز رۇسلارنىڭ كۈنى شۇڭا بەك تەسكە توختاۋاتىدۇ ھازىر

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 19:38:03

تۇرپان دىيارىدىكى بىر ئۇيغۇر كەشپىياتچىنىڭ كۆممە قۇناق غۇلىدىن(قۇناق پاسىرىدىن) نىفىتنىڭ ئۇرنىدا يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ماددا ئايرىپ چىققانلىغى توغرىلىق بىر خەۋەر بار ئىدى.تەپسىلى بىلىدىغانلار بارمىدۇ؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 19:50:22

يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىبار.

يېزا ئېگىلىك، سانائەت ۋە ترانسپورتتىكى ماشىنا-ئاپتومۇبىللارنىڭ موتۇرلىرى بارا-بارا توكلۇق موتۇرغا ئايلىنىدۇ.
ھازىر ئاللىبۇرۇن توك ۋە مايىق ئارلاش سىستىمىلىق موتۇر چىقىپ بولدى.

دەرجىدىن تاشقىرى كوندىنساتۇرباتارىيەلىرى (supercapacitor battery) تەتقىقات ئۈستىدە بولۇپ، كەلگۈسىدە خۇددى ماشىنىغا ماي قاچىلىغاندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تېز سۈرەتتە ماشىنىلارغا توك قاچىلىنىشى،سىغىنچانلىقى يۇقىرى بولغان توكدانلار مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن.

ئېنىرگىيەنى ئۈنۈملۈك ساقلاش ۋە ئايلاندۇرۇشتا مەسىلە بولمىسا، ئېنىرگىيە مەنبەلىرى كۆپ، بۇلاردىن يېڭىلىنىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەسىدىن ئەڭ تىپىك بولغىنى قوياش ئېنىرگىيەسى. قوياش باتارىيەلىرىنىڭ ھازىرقى ۈنۈمى %22 ئەتىراپىدا، كەلگۈسىدە بۇ ئېشىپ بارىدۇ، قوياش باتارىيەسىدىن باشقا قوياش ئېنىرگىەسىدىن پايدىلىنىشنىڭ تۈرلۈك يوللىرى بار...ئۇنىڭدىن باشقا يېڭلىنىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىمۇ بار.

يېڭىلىنىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىدىن باشقا تەبىئەتتىكى زاپىسى بىر قەدەر كۆپ بولغان تورىيۇم(Th) بەلكىم كەلگۈسى ئۈچۈن يادرو ئېنىرگىيەسىدە خەتىرى بولمىغان ياخشى كاندىدات بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن كىيىن تەبىئىيكى بۇ ساھەدىكى كەسىپ ئېگىلىرىگە ئالاھىدە ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ، شۇڭا ياشلار ئوقۇشتا بۇ ساھەدىكى كەسىپلەرنى ئۆگىنىشنى تاللىسا ئىستىقبالى چوڭ.

http://batteryuniversity.com/learn/article/whats_the_role_of_the_supercapacitor
   http://www.qrg.northwestern.edu/projects/vss/docs/power/2-how-efficient-are-solar-panels.html
http://www.world-nuclear.org/info/current-and-future-generation/thorium

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:34:44

Berqi يوللىغان ۋاقتى2014-12-16 16:28 static/image/common/back.gif
نېفىت كىرزىسىنىڭ پارتلايدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن پەر ...

نىفىتنىڭ ئورنىنى ئېنىق باشقا ئىنىرگىيە مەنبەلىرى ئالىدۇ.
1. ئامىرىكىنىڭ سىلانتىس مىيى قوناقتىن چەككلىنىپ ئىلنىدۇ. بىر باكى 50 دوللارغا توختايدىغان بولۇپ، نىفىت باھاسىدىن تۆۋەن، داۋاملىق ئىشلەپچقىرىشقا بولىدۇ.
2. توك---- دىمىسەممۇ ھەممەيلەن بىلىسىلەرغۇ يادرو ئىلىكتىر ئىستانسىسى دىگەننى، يەنە شۇنىڭدەك يەنى ھەرخىل ئىلىكتىر ئىستانسىلىرى بار. بۇنىڭدىن پايدىلنىپ قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەركەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.
قالغان مەھسۇلاتلارغا نىفىت مەھسۇلاتى ئىشلىتىلگەن تەقدىردىمۇ، دائىرىسى تارىيىدۇ، تورمۇشقا بولغان تەسىرىمۇ ئۇنداق يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن.
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى نىفىت بولمىسىمۇ، ئىنسانلار دەۋرى ھەرگىز كەينىگە يېنىپ كەتمەيدۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:45:09

Toghraqi يوللىغان ۋاقتى2014-12-16 19:29:06 static/image/common/back.gif
ھازىرچە نىفىت قەھەتچىلىكى بۇلىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمىسە
مۇشۇ 页岩油 توغرىلىق تەپسىلى چۈشەنچە بەرسەڭلار بوپتىكەن
بەت: [1] 2
: نېفىت بولمىسا سىز چىقارغان سانائەتنىڭ نىمە كېرىكى