tursunn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 09:11:18

«جېنىم» سۆزىگە نېمە بولدى؟

«جېنىم» سۆزىگە نېمە بولدى؟

كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرسام ئايالىمدىن تېلېفون كەلدى. ئۇنىڭ بۈگۈن ماڭا تازا ئەركىلىگۈسى كەپكەتتىمۇ، ئەيتاۋۇر، سالام- ساھەتتىن كېيىنلا، قىلغان سۆزلىرى «جېنىم، جېنىم»نى ئەگىپ كېتەلمەيىتتى:
– نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز جېنىم؟
– چۈشلۈك تاماققا نېمە يېدىڭىز جېنىم؟
– مېنى ۋە ئوغلىمىزنى سېغىندىڭىزمۇ جېنىم؟
– ...جېنىم؟
مەن ئۇنىڭ يۇقىرىقى ناز بىلەن ئېيىتقان ھەر بىر سۆز- جۈملىلىرىنى ئاڭلاپ يېقىنچىلىق، ئامراقلىقنى ھېس قىلىغان بولساممۇ ئەمما، «جېنىم» دېگەن سۆز قۇلىقىمغا بۇرۇنلاردىكىدەك، مۇھەببەتلىشىۋاتقان، يېڭى ئۆيلىنپ بىرگە ياشىغان چاغلاردىكىدەك ئالاھىدە ئاڭلانمىدى، - دە، مەنمۇ ئۇنى ئەركىلىتىپ بىردەم تاتلىق سۆزلىگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا:
– بۇنىڭدىن كىيىن مېنى «جېنىم» دېمىگىنە، بۇ سۆز قۇلۇقۇمغا ئانچە يېقىملىق ئاڭلانمايدىغان بولۇپ قالدى،
- دېدىم سىلىق تەلەپپۇزدا.
– ۋوي، نېمىشقا ئەمدى؟  سىزنى جېنىم دېمىسەم، كىمنى دەيمەن؟ سىزدىن باشقا «جېنىم» بولمىسا مېنىڭ، -  دېدى ئۇ بايامقى ناز ئارىلاش تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتمەي.
– ۋاھ، مۇنۇنىڭ سۆزىنى...، دېدىم مەن كۈلگۈم كېلىپ، – نەدە مەنلا سېنىڭ جېنىڭ، قايسى كۈنى سودا سارىيىدا ھېلىقى مال ساتقۇچى قىز بىلەن بىر- بىرىڭلارنى جېنىم، جېنىم... دېيىشىپ تاس قالدىڭلار ئاپاق- چاپاق بولۇپ كەتكىلى؛ يەنە تېخى دوسلىرىڭ بىلەن تېلېفونلاشساڭمۇ «جېنىم»نى ئاغىزىڭدىن چۈشۈرمەيدىكەنسەن... دېمەك، سېنىڭ جانلىرىڭ كۆپ، مەنلا ئەمەس.
– ۋاي ماڭە ساراڭ، ئۇ دېگەن ئوخشىمايدۇ.
– نېمىسى ئوخشىمايدۇ، ئوخشاش بىر سۆزغۇ!
– سۆز ئوخشاش بولغىنى بىلەن، مېنىڭ ئۇ سۆزنى دېگەندىكى تەلەپپۇزۇم ئوخشىمايدۇ، سېنى باشقىچە، دوستلىرىمدىنى باشقىچە تەلەپپۇزدا «جېنىم» دەيمەن.
– ئو...ش، ئۇنداق بولسا شۇلارنىلا  «جېنىم» دەۋال، مېنى شۇنىڭغا يېقىنراق باشقا سۆز بىلەن ئاتا...

پارىڭىمىز شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى...

بىلىشىمچە، ئەسلىدە ئاشىق- مەشۇقلار، ئامراق ئەر- خوتۇنلار... ئامراقلىقىنى، سۆيگۈسىنى ئاددىي بىر سۆز بىلەن ئەمما، چوڭقۇر ئىپادىلەش ئۈچۈن بىر- بىرىنى «جېنىم» دېيىشەتتى. شۇ «جېنىم» سۆزىنى ئاڭلىغان كىشى ئۆزىنى شۇنداق خۇشال، بەخىتلىك ھېس قىلاتتى. ئەمما، يېقىندىن بىرى «جېنىم» سۆزىنى ئەتراپتا ھەرخىل كىشىلەرنىڭ ئاغىزىدىن تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم. كۆزىتىشىمچە، ھازىر تېخى قىزلار  قىزغىنلىق بىلەن بىر- بىرىنى جېنىم دەيدىكەن. بىز ئۇيغۇرلاردا قانداقكىن بىلمەيمەن، لېكىن، خەنزۇلاردا مومايلارمۇ بىر- بىرىنى جېنىم(亲) دەپ ئاتىشىپ قۇيىدىكەن. قايسى كۈنى سىرىتتا ئاپتاپ ئىسىنىپ ئولتۇرسام يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغا ئىككى موماي «ئاۋ چىن، چىن ئەيدې...» دېيىشىپ قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتى. سۆزلىرىنىڭ ئورانىدىن قارىغاندا، بەلكىم تولا چەتئەلگە چىقىپ ئوينايدىغان تەتەيلەر بولسا كېرەك، تېخى بىر كۈنى يولدا كېتىۋېتىپ ئىككى غىتمەكنىڭ، غىتمەك تەلەپپۇزدا بىر- بىرىگە: «ئەمىسە شۇنداق بولسۇن جېنىم!» دېيىشىپ خوشلاشقىنى قۇلۇقىمغا كىرىپ قالدى ۋە بەكلا غەلىتىلىك ھېس قىلدىم.
«جېنىم»غا زادى نېمە بولدى؟
باشقا تىلدىكى شۇنىڭغا تەڭداش «亲، canım، dear» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ كىنو- فىلىملەردە كەڭ- كەڭرى ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېرىپ، ئاڭلاۋېرىپ يەنى، تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ، بولۇپمۇ، قىز- ئاياللىرىنىڭ بىر- بېرىنى«canım» دېيىشلىرىدىن، ئىنىگلىزلارنىڭ ئەر- ئايال دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي «dear، o dear» دېيىشلىرىدىن، خەنزۇلارنىڭ «亲، 亲们» سۆزلىرىنى  ئاغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغانلىقىدىن بىزنىڭ بەزى كىشىلىرىمىزمۇ ئىلھاملىنىپ شۇلارغا ئوخشاش ئىشلىتپ، بارا- بارا ئىشلىتىلىشى كېڭىيىپ كەتتىمىكىن، ياكى باشقا سەۋبلەر بارمىكىن؟!
ئەلۋەتتە، سۆز مەنىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، كېڭىيىش ياكى كۆچىشى دېگەنلەر نورمال ئىش. بۇرۇنلاردا، «ئوق» سۆزى پەقەت ئوقيانىڭ ئوقىنىلا كۆرسىتەتتىكەن، ھازىر بولسا ھەرخىل قوراللارنىڭ ئوقىنى كۆرسىتىدۇ؛ «ئۇلاغ» بۇرۇن خاننىڭ بۇيرۇقىنى توشۇغۇچىلارنىڭ مېنىدىغان ئېتىنىلا بىردۈرەرمىشكەن، بۈگۈندە بولسا مىنىشكە بولىدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدىغان بارلىق ھايۋانلارنى بىلدۈرىدۇ. دېمەكچىكى، «جېنىم» سۆزىنىڭ مەنىسىنىڭمۇ يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭكىدەك ئۆزگىرىشى نورمال ئەھۋال.

ئەمما، مۇشۇنداق ياخشى سۆزنىڭ، ئەر- خوتۇنلار، ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان يېقىملىق، ئاڭلىسا كىشىنىڭ قەلبى ھاياجاندىن لەرزىگە كېلىدىغان سۆزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزگىرىپ ئادەتتىكى بىر سۆزگە، «بىر موچەنگە ئوتتۇز»غا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا سەل ئەپسۇسلىنىمەن.
خوش، سېلەرچۇ؟ «جېنىم»نىڭ مەنىسىدە ئۆزگىرىش بولغىنىغا قانداق قارايسىلەر؟

مەنبە: «بىلىمبار» ئۈندىدار سالونى

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 11:16:42

ئاڭلاپ بولغۇچە « جېنىم » نى چىقىرىدىغان سۆز بۇ

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 11:34:42

تۈركلەر جانىم دەپ چاقىرىشسا بىر خىل يېقىن ،يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ ماڭا.پاراڭ قىلىشقان كۆرۈشكەن ۋاقىتلىرىدا كۆڭۈل ئىزدەيدىغان گەپلەرنى تولا قىلىشىدىكەن.سالامەت بولۇڭ ،دوسىتلار سالامەت بولسۇن،كەچمىش بولسۇن،تەكرار كەچمىش بولسۇن دەيدىغان گەپلىرى بىر خىل يېقىشلىق ئاڭلىنىدىكەن ئادەمگە

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 12:05:45

ئاز- ساز بولسا تەمى بولىدۇ

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 12:23:31

تۇنجى قېتىم بىر تۈرك ئەر (خوجايىنىم) تېلېفوندا « سۆيلە جانىم، تامام جانىم» دېگەندە بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتكەن، كېيىنچە ھاياتىم، ياۋرۇم، ...لارغىمۇ كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم:lol

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 12:25:21

مەنمۇ بۇ سۆزنى كۆپ ئىشلەتكەنلەربى ياختۇرۇپ كەتمەيمەن.

oghlan132 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 12:36:47

مەنمۇ جېنىم دەپ گەپ قىلغانلارنى كۆرسەم غەلىتە بوپ كېتىمەن . ئېتبارى قالمىغان سۆزنى دىمىسە بولىدۇغۇ

Berdem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 12:37:38

ئىلى تارانچى ئۇيغۇرلىرىدا بۇ سۆز «جانىم» دەپ تەلەففۇز قىلىنىدۇ . پەقەت ئاياللار ئىچىدىلا ئىشلىتىلىدۇ . ئەرلەرگە ئىشلىتىلمەيدۇ .  دىمەكچى بۇ سۆز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ھۈرمەت سۆزىدۇر. ھەرگىزمۇ تۈرك ياكى باشقا مىللەتلەرنى دوراپ ، يىقىن مەزگىلدە پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس .

murad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 12:55:06

نورمىسىز ئىشلىتىش بىزار قىلىدۇ. بەك ئامراقلىقى تۇتۇپ كەتكەندە دېسە مەيلى دېسەكمۇ:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:05:08

دىگىلى قويمايدىكەنسىلەردە ئەمدى. قانداق قىلامىز.{:92:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:11:20

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 08:05 static/image/common/back.gif
دىگىلى قويمايدىكەنسىلەردە ئەمدى. قانداق قىلامىز.

:lol

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:19:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 13:24  

«جىن- ئالۋاستى» دەپ قويىمىزغۇ. ئۇ مېنى  «جىنىم» دەيدۇ.  
مەن ئۇنى «ئالۋاستىم» دەيمەن:lol

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:32:22

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 13:19 static/image/common/back.gif
«جىن- ئالۋاستى» دەپ قويىمىزغۇ. ئۇ مېنى  «جىنىم» دەيدۇ.  
...

نىمىشقا شايتىنىم دىمەيسىز :lol :lol

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:40:11

نەدە ئانچە يېقىن ئەمەس مايماقلارمۇ ئەدەمنى جىنىم دەپ،بىژيەلىرىم بىژقاندا بولاپ بىئارام بولاپ كىتىمەن
توي قىلسام،جىنىم خوتۇن ،جىنىم خوتنۇم ،دەپ قويسام خوش بولاپ كىتەما ؟خوش بولاپ كەتسە ئاشۇندا دەپ قويساقمۇ ھىچ نىمە بولماس ھە ،
خوتۇن خەق دىگەن ھوھ دىگەن ھوغىلا ئاشىق ئىكەن زادى .شىرىن-شەكەر،يالغان ياۋىداق گەپلەرگە بىلىپ تۇرۇپ ئالدىنىدىغان .

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:40:28

بىرچاغلاردا قاچانمۇ جېنىم دە دىدۇق مانا ئەمدى ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ جېنىم دىگەن سۆزمۇ غەلىتە ئاڭلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى :lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:59:27

Berdem يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 12:37 static/image/common/back.gif
ئىلى تارانچى ئۇيغۇرلىرىدا بۇ سۆز «جانىم» دەپ تەلەففۇز  ...

راست، بۇ تەرەپلەردە ئاساسەن  «جانىم» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ چوڭلاردا شۇنداق ئاتاش ئومۇمىيەت. لېكىن مەن «خوتون» دەپلا ئۆگىنىپ قاپتىمەن ...

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:11:59

تۆۋە

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:28:36

شۇنچىلىك دېسىمۇ ھېساب .دېمىسە قانداق قىلىتۇق :lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:31:04

ئويلاپ باقتىم، مەن بۇ گەپنى جان ئاچچىقىمدا ئەڭ سېسىق تەنە گەپ قاتارىدا ئىشلىتىدىكەنمەن.

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:54:34

دىمىسىمۇ بۇ سۆز پەقەت ئانا بالا ،ئەر خوتۇنلار ئارىسىدىلا سۆزلىنىدىغان ، ئەڭ يىقىن ئادىمىگە ناھايىتى ئىچەكىشىپ كەتكەندە دەيدىغان ،يىقىملىق ، ئادەمنى خىلى ھاياجانغا سالىدىغان سۆز ئىدى ،لىكىن ھازىر چوڭ كىچىك ،تونۇش بىلىش دىمەي كۆرگەنلا يەردە دەۋىرىدىغان بولدى، خۇددى مالساتىدىغانلا كۆرگەنلا ئايال كىشىنى ‹‹美女››دىگەندەكلا.
بەت: [1] 2 3
: «جېنىم» سۆزىگە نېمە بولدى؟