ئالتۇن كۈمۈش سودا ئۇچۇرلىرى 15/ 12
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-15 17:00ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1190.8 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1238.45 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1187.22 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1222.66 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 88.42 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1224 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئالدىنقى ھەپتە خەلقئارا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن ، ئالتۇن باھاسى 1220 دوللاردا چىڭ تۇرغان ، كۈمۈش باھاسى 17.00 دوللارنى بۆسۈپ ئۆتكەن ، جۇڭگو ياپونىيە ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ، گرېتسىيە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام قىلىشى ۋە پۈتكۈل دۇنيا پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈشى قاتارلىق ئامىللار ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان . بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ياپونىيە سانلىق مەلۇماتى ۋە ئەنگلىيە سانلىق مەلۇماتى ، بۇ ئىككى سانلىق مەلۇمات بازارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا ئېلان قىلىدىغان ئەنگلىيە CBI سانائەت زاكاز پەرقلىق قىممەت سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئاجىز چىقسا ، فوندستېرلىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەپ ئالتۇن باھاسىغا ۋاسىتىلىك ھالدا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ئامېرىكا بازىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا ئېلان قىلىدىغان بىر قاتار مۇھىم ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلار ، بۇنىڭ ئىچىدە نيۇيورك فېدېراتسىيە ياساش كاسپى كۆرسەتكۈچى ، سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش ۋە NAHB ئۆي بازىرى كۆرسەتكۈچى ، بۇلار ھەممىسى دوللارنىڭ يۆلىنىشىگە تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1213-1224 دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، سودا بازىرى چۈشۈپ ئاندىن ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى .
2. چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1225 دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1220-1215 دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
.3 ياۋرۇپا بازىرىدا 1210 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1218-1228 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ ئەگەر 1210 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە چۈشۈشكە ئالغان مالنىڭ 1205-1200 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
4. بىر كۈن ئىچىدە 1200 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1225-1220 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1225 ، 1232
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1210 ، 1200
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1200-1230
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1200
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1240
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 89.4 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1190 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، ئالتۇن باھاسى ئادەتتىن تاشقىرى ھالىتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ، بۇھەپتە بازار ھالىتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە بىر ئاز تەكشى بولىشى مۇمكىن . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ياپونىيە ۋە جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ،ئەگەر جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا گېرمانىيە پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى سانائەت مەھسۇلات سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ،ئەگەر گېرمانىيە سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ھالىتىگە تىرەكلىك رول كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ناچار چىقسا ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا ئامېرىكا 11 - ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىدۇ .
ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى خەلق پۇلدا گىرامى 239.32 يۈەن بولۋاتىدۇ ؛
كۈمۈش باھاسى باھاسى خەلق پۇلدا گىرامى 3.35 يۈەن بولۋاتىدۇ ؛
ئالتۇن بىرلىكى 1 ئۇنسىيە 31.1035 گىرام ئالتۇنغا تەڭ ؛
ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ
بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلەپ 1220 دوللار ئەتراپىدا بولدى ، ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئاساسلىقى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارار نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولىشى ، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئىستېمالچىلار كەيپىياتى سانلىق مەلۇماتى ياخشى بولغانلىقتىن دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلەپ 8 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەنلىكى سەۋەپ بولدى ؛
FXstreet بۈگۈنكى خەۋىردە بايان قىلىنىشىچە ، كۈندىلىك سىزىقتىن قارىغاندا ، نۆۋەتتىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا مەزگىلدىكى دەسلەپكى بۆسۈش نۇقتىسىنىڭ 10 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىقى 1220.82 دوللار ۋە 50 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىقى 1223.54 دوللار ، دەسلەپكى تىرەش نۇقتىسىنىڭ 200 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىقى 1212.50 دوللار ۋە 1208.20 دوللار بولغان ؛
ھەپتىلىك سىزىقتىن قارىغاندا ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئۆرلەش ئاساسىنىڭ 2.5 % تىن ئىشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ نۆۋەتتە 1250 دوللارغا يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن ، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1280 دوللاردىكى نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتەلىسە ، ھالقىلىق بۆسۈش نۇقتىسى 1300 ، 1330 ۋە 1350 دوللار ئەتىراپىدا بولىشى مۇمكىن ؛ ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1215 دوللاردىن تۆۋەنلەپ 1200 دوللارغا يېقىنلاشسا ، ھالقىلىق تىرەش نۇقتىسى 1180 ۋە 1150 دوللار ئەتىراپىدا بولىشى مۇمكىن ؛
2015 - يىلى ئالتۇن ئېھتىياجى ئېشىشى مۇمكىن
2013 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ، 2014 - يىلى ئالتۇن ماددىي بۇيۇم ئېھتىياجى ئىنتايىن ئاجىز بولغان ، بولۇپمۇ ئاسىيا رايونىنىڭ ئېھتىياجى تۆۋەن بولغان .
توۋېنسېد رېيتېر GFMS نىڭ Erica Rannestad كۆرسەتمە بېرىپ ، 2013 - يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئاسىيا رايونىنىڭ ئېھتىياجىنى قوزغاتقان ، بىراق 2014 - يىلى يۇقىرىقى ھالەتتىكى ئېھتىياج يوقىلىپ كەتكەن دەپ كۆرسەتكەن .
بۇندىن باشقا ، 2013 - يىلىدىكى ئالتۇن ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمى مالىيە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ئىشلىتىلگەن دەپ قارىغان ، لېكىن بۇنداق ئېھتىياج 2014 - يىلى كۆرۈلمىگەن ، ئاجىزلىشىۋاتقان ئىقتىساد شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىگە تەسىر كۆرسەتكەن .
Rannestad نىڭ قارىشىچە ، 2015 - يىلى ، ھىندىستان ئالتۇن ئېھتىياجى يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن ، بىراق 80:20 دىكى تۈزۈمىنى بىكار قىلغان ، لېكىن بۇنىڭدىن ھىندىستان ئالتۇن ئىمپورتى شۇ زامان ئېشىشى مۇمكىن دەپ قاراشقا بولمايدۇ .
خۇۋاچى تەتقىقات ئورگىنى (Citi Research) نىڭ تەھلىلچى ئۇستازىنىڭ قارىشىچە 80:20 دىكى تۈزۈمىنى بىكار قىلىشى ماددىي بۇيۇم ئېھتىياجىغا تىرەكلىك رول كۆرسىتىدۇ دەپ قارىغان .
Rannestad نىڭ قارىشىچە ، ئالتۇن باھاسى 1200 دوللاردىكى نۇقتىدا تۇرۇشى ماددىي بۇيۇم ئېھتىياجىنى ئالغا سىلجىتىشى مۇمكىن ، بىراق بۇ ئەھۋال كېلەر يىلغىچە داۋاملاشتۇرالماسلىقى مۇمكىن . سېتىۋالغۇچىلارنىڭ 1200 دوللاردىكى باھاغا ئۆزلىشىشىگە ئەگىشىپ ، ئالتۇن باھاسى يەنىمۇ تۆۋەنلىشىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن .
پۇل مۇئامىلە بازىرىغا قايسى ئامىللار تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ
ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار / يېن پېرېۋوت باھاسى قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلىگەن ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىغان ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكا سانائەت مەھسۇلاتى ئاساسى يۈز سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى سەۋەبىدىن نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىگەن ؛ IEA خام نېفىتى تەمىنلەش-تەلەپ ماسلىشالماسلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن .
دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ يېقىنقى ھالىتى
دوللار كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، بازار يېپىلىش باھاسى 88.36 بولدى ؛ ئالدىنقى ھەپتە دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى خانىلىق تەڭشەشنى ئېچىش ھالىتىگە قايتقان بولۇپ ، تاق ھەپتىلىك تۆۋەنلەش ئاساسى 1 يىلدىكى ئەڭ چوڭ تەۋرىنىش ھالىتىنى كۆرسەتتى ؛ لېكىن سانلىق مەلۇمات جەھەتتە ، 11 - ئايلىق پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى كۈچەيدى ، 12- ئايلىق ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلەپ 8 يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى ، بۇنىڭدىن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدە جانلىندىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ، شۇڭا دوللار كۆرسەتكۈچى يۆنىلىشىدە ئۇزۇن لىنىيىلىك ئۆزگىرىش بولمايدۇ ؛ بۈگۈن ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى نۇقتىدا تەۋرەنگەن بولۇپ ، ئەگەر مۇشۇ يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلەپ كەتمىسە يەنە ئۆرلىشى مۇمكىن ؛
بۈگۈن كەچتە ئامېرىكا ئىلان قىلىدىغان 12 - ئايلىق نيۇ يورك فېدېراتسىيىسى ياساش كەسپى كۆرسەتكۈچى ۋە 11 - ئايلىق سانائەت مەھسۇلاتى ئايلىق نىسبىتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىقتىدە بولۇپ ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار دوللارنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت باھاسى
جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1152 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.6386 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1779 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78884 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.6418 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 5.0396 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7638 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6722 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.2854 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56837 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 9.4345 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6837 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3726 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .
مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت:
[1]