malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 16:30:16

چۈشۈمدىكى مۈشۈك (ۋەھىمىلىك)


گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى
  دەل شۇ مومامنىڭ مېيىتىنى قويغان ئۆي، كاڭنىڭ تۆرىسىدە ساندۇق ئۈستىگە يىغىپ قويۇلغان يوتقان-كۆرپىلەر جىقلىقىدىن تورۇسقا تاقىشاي دېگەنىدى. مۇشۇ ساندۇقنىڭ ئۈستىدە بىر مۈشۈك سەكرەپ ئويناۋاتاتتى. بىردىنلا مۈشۈك ئۇچقاندەك مەن تەرەپكە ئېتىلدى.
مۈشۈك بىقىنىمنى چىشلىۋالدى. ئۇ شۇنداق ئېگىز يەردىن سەكرەپ چۈشتىكى، ئۇدۇل بىقىنىمغا كېلىپ چاپلاشتى. چىشلەپ بولۇپلا، يەنە سەكرەپ شۇ ساندۇق ئۈستىگە چىقىپ، نىمجان ھالەتكە ئۆزگەردى-دە، ئورۇن- كۆرپىلەر ئۈستىدىن خۇددى ئېقىپ چۈشكەندەك ئاستا سىرغىپ يەرگە چۈشتى. مېنى چىشلەپلا زەھەرلەنگەندەك بولۇپ قالدىغۇ بۇ مۈشۈك؟! ئەمما مېنىڭمۇ ھالىم ياخشى ئەمەس ئىدى. ئاغرىق سېزىمى تارقاپ تىرناقلىرىمغىچە سىقىراپ كەتتى، مىڭ تەستە ئويغاندىم.
تېلېفوننىڭ ئېكرانىنى ياندۇرۇپ سائەتكە قارىدىم، 3:45 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت.
   ئاھ، يەنە شۇ ۋاقىتتا قارا باسقىنى نېمىسىدۇ؟
«تىك، تىك، تىك،تىك....» ئىشىكنى بىرەيلەن يەڭگىل چېكىۋاتاتتى. بۇ كىمدۇ؟ تېخى يېرىم كېچىدە؟ بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرىدىغان تۇرسام، ھەمدە ھېچكىممۇ مېنى ئىزدەپ كەلمەيدىغان تۇرسا... مەن ئاستا كارىۋاتتىن چۈشۈپ، ياتاق ئۆيۈمنىڭ چىرىغىنى ياندۇردۇم. ئىشىك يەنە چېكىلىۋاتاتتى، ئاستا مېڭىپ مېھمانخانا ئۆينىڭ چىرىغىنى، ھاجەتخانىنىڭ ۋە ئاشخانىنىڭ چىرىغىنى ياندۇردۇم. ئۇ ئاۋاز پەقەت مېھمانخانىغا ئۇدۇل قارىتىلغان سىرتنىڭ ئىشىكىدىن كېلىۋاتاتتى. ئىشىكنىڭ مۈشۈككۆزىدىن سىرتقا قارىدىم، ھېچكىم يوق. ئەمما ئاۋاز يەنىلا ئاڭلانماقتا، قۇلىقىمنى ئىشىككە يېقىپراق تىڭشىدىم. ۋۇي، تۆۋەن تەرەپتىن ئاڭلانغاندەك قىلىدىغۇ؟
   ئىشىكنى ئاچتىم، تۈكلىرى پارقىراق، قاردەك ئاپئاق كەلگەن بىر يوغان مۈشۈك ئىشىكىم تۈۋىدە تۇراتتى. ئىشىكنى ئېچىشىمغا ئۇ ئاستا ئۆيگە كىردى. مۈشۈككە ئامراقلىقىمدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنى قوغلىۋەتمىدىم. ئۇ ئاستا مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ، ماڭا قاراپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ ئەركىلەتتىم، قورسىقىغا قارىسام قورسىقى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكىدىن ئۇنىڭ تېخى قورسىقى ئاچ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ ماڭا ئەركىلەپ، باشلىرىنى قوللىرىمغا سۈركەپ، توختىماي خىرىلدايتتى. مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ، ئۇنىڭغا ئاتايىن سۈتكە نان چىلاپ ئەچىقىپ بەردىم. ئۇ قاچىغا قارىماستىن، ماڭا قاراپلا تۇراتتى. مەن ئىچىمدە:«ھە ئەسلى ئادەملەر قاراپ تۇرسا بىر نەرسە يېيەلمەمسەن يا؟ مەن كىرىپ ئارام ئالاي ئەمسە!» دەپ ئويلاپ، ئۇنى مېھمانخانا ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ، ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم ئېتىپ ياتتىم.
ئۆزۈمچە بۇ مۈشۈككە ئىچ ئاغرىتىپ كېتىۋاتاتتىم. مۇشۇ قىشتا، قەيەرلەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەندۇ؟
ھەي راست! ئۆيۈم ئالتىنچى قەۋەتتە تۇرسا، ئۇ نېمىشقا ئالتىنچى قەۋەتكە چىققاندۇ؟
ئەجىبا بۇ مۈشۈك؟!
تاڭ ئاتقاندا، مەن چېنىقىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتتىم. مۈشۈك بولسا، ئۇخلىغان پېتى كىرسلودا قالغانىدى. بىر ئايلىنىپ قايتىپ كىرگەچ، بىزنىڭ كورپۇسنىڭ بىرىنچى قەۋىتىنى يەنى سىرتقا قارايدىغان ياتاق ئۆينى دۇكان قىلىۋالغان قوشنىمىزنىڭ دۇكىنىدىن مۈشۈككە ئاتاپ كولباسا ئالدىم-دە، ناخشىغا غىڭشىغاچ يۈگرۈپ ئالتىنچى قەۋەتكە چىقتىم.
-        مى، مى، مى، مى.... مى مى مى!
مۈشۈك ھېچيەردە يوق، ئاخشام بەرگەن سۈتكە چىلانغان نان شۇ پېتى تۇرۇپ قېتىپ قاپتۇ. ئەمما مەن ئىشىكنى تاقاپ چىقىپ كەتكەن تۇرسام، مۈشۈك قەيەردىن چىقىپ كېتىدۇ؟ دېرىزىدىن قاچتىمىكىن دېسەم، بۇ ئالتىنچى قەۋەت تۇرسا؟
   نەچچە كۈن ئۇدا يەنە مۈشۈكنىلا چۈشەپ چىقتىم. بىر چۈشۈمدە مەن سۈيقاش ئېتىۋاتسام، مۈشۈك كېلىپلا قازانغا تىلىنى تەگكۈزۈپ قويۇپتۇ. ئەمدى بىر قازان تاماقنى قانداقمۇ قىلارمەن؟ يەنە بىر چۈشۈمدە، يېزىنىڭ ئۆيلىرىمىش، كېسەكتىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەرنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۆمۈر رىشاتكا ئىچىدە، تۈكلىرى شالاڭ ھەم چاپلاشقان تۆت مۈشۈك ئاجىز مىياڭلاپ ماڭا قاراپ ئىلتىجا قىلىۋاتاتتى.... شۇ تەرىقىدە چۈشلىرىمگە مۈشۈك ھەمراھ بولۇپ، نەچچە ئاي ئۆتتى. كۈندۈزلىرى بولسا، ھېلىقى ئاپئاق مۈشۈك ئىشىك تۈۋىدە ياتاتتى. تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، يەنە شۇنداق تۇيۇقسىز يوقاپ كېتەتتى. ئۇنىڭ قەيەرگە بېرىپ كېلىدىغانلىقىنى ھەم بىلمەيتتىم.
   بىر دوستۇم بۇ شەھەرگە ئۆگىنىشكە كېلىپ، تۇرىدىغان يەر تاپالماي مېنىڭ ئۆيۈمدە مەن بىلەن بىرگە تۇرماقچى بولدى. مەنمۇ بەرىبىر يالغۇز قورقۇپ يۈرگەندىن دەپ قوشۇلدىم. ئەمما، قىززىق يېرى شۇكى، ئۇ بىر ھەپتە تۇرۇپلا، يوقىلاڭ باھانە سەۋەبلەر بىلەن كېتىپ قالدى. ئۇ كېلىپ ئۈچىنچى كۈنى مەندىن سورىغانىدى:
-سەن زادى نېمىگە تاماق ئەچىقىپ بېرىۋاتىسەن؟ قارىسام ئىشىك تۈۋىدە قاچىغا سۈت قويۇپ ، يېنىغا گۆش، كولباسا قويىدىكەنسەن، ئەمما بىرەر نەرسىنىڭ كېلىپ يېگىنىنى كۆرمىدىم.
  مەن ھەيرانلىق بىلەن:
-سەن كۆرۈپ باقمىدىڭما؟ بىر مۈشۈك بار، بىچارىنىڭ ئۆيى يوق ئوخشايدۇ. كۈندە ئىشىك تۈۋىمگە كېلىپ، قورسىقىنى توقلىۋاپ كېتىدۇ. شۇنىڭغا ئەچىقىپ بەرگەن نەرسىلەر ئۇ. – مەن شۇنداق دەپ تۇرىشىمغا، ئىشىك يەنە چېكىلدى:
-بەك ئەقىللىق مۈشۈككەن، ئىشىك چېكىشنى ئۇقىدۇ دېگىنە تېخى!- دېگىنىمچە ئىشىك تۈۋىگە ماڭدىم. ئىشىكنى ئاچسام، مۈشۈك يەنە ماڭا ئەركىلەپ، بېشىنى بويۇنلىرىنى پۇتۇمغا سۈركەپ تۇراتتى. كەچ بولسىمۇ، مەن ئىشىكنى ئېچىشقا ئالدىراپ چىراغنى ياقماپتىكەنمەن، دوستۇم چىراغنى يېقىۋېتىپ، يېنىمغا كەلدى:
-كىمكەن؟ - ئۇ مەندىن سورىدى.
تېخىمۇ ھەيران قالدىم:
-كۆرمەيۋاتامسەن؟ مۈشۈك كەلدى مانا! مەن كۈندە تاماق بېرىدىغان مۈشۈك مۇشۇ شۇ!
-نەدە مۈشۈك بولىدۇ؟ توۋا! ئادەم قورقۇتما ئاداش!
مەن شۇنداق ئېنىق كۆرسەتسەممۇ دوستۇم كۆرمىدىم دەۋاتاتتى، مەن ھەتتا قولۇم بىلەنمۇ كۆرسەتتىم. دوستۇمنىڭ چىرايىدا قان قالمىدى. ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ۋارقىراپ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. كېچىچە ئۇخلىيالمىدى بولغاي، دىر دىر تىترەپلا چىقتى. مەنمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە بىردە مۈشۈكنى، بىردە دوستۇمنىڭ نېمىگە قورققانلىقىنى ھەمدە نېمىشقا مۈشۈكنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ باش قاتۇراتتىم.
دوستۇم ئەتىسى ئەتتىگەندە، ئۆي ئىزدەشكە كىرىشتى. ئۇ ماڭا نەسىھەت قىلىپ، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. قاتتىق كۈلۈپ تاشلىدىم، مەن نېمىشقا دوختۇرغا كۆرۈنىمەن؟ بوپتۇ، بەرىبىر مۈشۈك ماڭا ھەمراھ، ئەمدى قورقماسمۇ بولدۇم.
ئاۋۋالقى كۈنلەرگە ئوخشاش، بۇ مۈشۈك كۈندە كەچتە پەيدا بولاتتى. كۈندۈزى مەنمۇ ئىشقا بارغاچقا ئاساسەن ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ئەمما شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ كۈندۈزى ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمەيتتىم. قوشنىمىزمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە مەندىن كۆپ قېتىم سورىدى:
-كۈندە بۇ قاچىغا يەيدىغان نەرسە قويۇپ قويىدىكەنسىز، ئۆيىڭىزدە بىرەر نەرسە بېقىۋاتامسىز ياكى؟
-ھە، شۇنداق، بىر مۈشۈكۈم بار، كېچىسى ئۆيگە كىرمەيدۇ دەڭە، شۇڭا سىرتقىلا قويۇپ بېرىمەن.
- شۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دىققەت قىلىپ باقتىم. ئەمما سىزگە دېسەم بولارمۇ دەپ ئويلاپ شۇ...
-نېمىشتى؟ دەۋېرىڭ-بىز شۇ كارىدوردا ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپلا پاراڭلاشقانىدۇق. ئۇ ئاچاش مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى:
-ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى ئۇكام. قېنى ئۆيگە كىرسىڭىز...
- ۋوي، بىزنىڭ ئۆيگە كىرەيلى ئاچا، مەن تاماق ئېتىپ بېرەي سىزگە!
- رەھمەت ئۇكام، بىزنىڭكىگىلا كىرىڭ، بەرىبىر ھازىر مەنمۇ يالغۇز.
شۇنداق قىلىپ، ئىككىمىز ئالدى كەينى بولۇپ، بۇ ئۆيگە كىردۇق. ياۋروپاچە ئۇسلۇبتا بېزەلگەن بۇ ئۆينىڭ شۇنداق مېھرى ئىسسىق ئىدى، ئەمما ئۆينىڭ قۇرۇلۇشى دەل مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ قارشى يۆنىلىشى بولۇپ، شۇ ئۆيۈمنىڭ ئاددىي بېزىلىشىلا پەرقلىق قىلىپ قويغانىدى.
-چاي ئىچكەچ پاراڭلىشايلى، قېنى چايغا بېقىڭ ئۇكام.
بۇ ئاچاشنىڭ ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن سۇنغان قولىدىن پىيالىنى ئېلىپ، رەھمەت دېگىنىمچە بىر ئوتلام چاي ئوتلىدىم.
-گەپنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كەلسەك، ئۇكام، سىزگە ئۇ مۈشۈك قاچاندىن بۇيان ئۇچرىدى؟
-ھە، مەن ئۇ مۈشۈكنى بېقىۋاتقىلى يېرىم يىل بولاي دېدى.
- ئەمما، باشقا مۈشۈكلەرگە ئوخشىمايدىغان بىرەر تەرىپىنى بايقىمىدىڭىزمۇ؟
-ياق، ئۇنداق ئەمەسقۇ؟ قانداق دەيسىز؟
-شۇ، ئادەتتىكى مۈشۈكلەردەك مىياڭلامدۇ؟
بۇ سوئال مېنىمۇ قايمۇقتۇرۇپ قويدى. چۈنكى تاھازىرغىچە مەن ئۇ مۈشۈكنىڭ مىياڭلىغىنىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدىم. بىردىنبىر چىقارغان ئاۋازى شۇ ئىشىكمنى چېكىش.
-ياق، بىراق ئۇ كەلگەندە داۋاملىق ئىشىكىمنى چېكىدۇ. سىز ئاڭلاپ باققانمۇ كۈندە كەچتە ئىشىكىمنىڭ چېكىلگىنىنى؟!
قوشنامنىڭ چىرايى ئۆزگەردى، ئۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك قاراپ:
-مەن سىزگە راستىمنى ئېيتسام ئۇكام، ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ!-ئۇ پىيالەمگە چاي لىقلاپ قويۇپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
-كۈندە كېچىسى 3:45 مىنۇت ئۆتكەندە سىز ئىشىكنى ئاچىسىز، ئېچىپلا ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز سۆزلەپ، پۇتىڭىزنى بوسۇغىغا سۈركەيسىز، بەزىدە قولىڭىزدا بوسۇغىنىڭ يېنىنى سىلايسىز. بۇ ئىشىڭىز داۋاملىشىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. مەن شۇ ۋاقىتتا ئىشىكنىڭ مۈشۈككۆزىدىن سىزنى كۆزەتتىم. ئەمما، بىرەر مۈشۈك زاتىنى كۆرمىدىم. ئۇ سىزنىڭ خىيالىڭىز ئوخشايدۇ.
-نېمە؟ مۇمكىن ئەمەس، ئاچا، ئۇ مۈشۈك كۈندە توڭلاپ تىترەپ كېلىدۇ. مەن ئىسسىق سۈت قۇيۇپ بېرىمەن.
قوشنام ئېغىر ئۇھسىنغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ، يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى:
-سىزگە دېسەم، بىر تەكلىپىم بار، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز داۋالاڭ، ئەمدى شۇنداق ئاۋازلار چىقسا، ئىشىكنى ئاچماڭ. دېگىنىمدەك قىلسىڭىز، ئۇ مۈشۈكمۇ يوقايدۇ.
-ئەمما، ئۇ مۈشۈك سىرتتا ئاچ قېلىپ، ئۆلۈپ قالمامدۇ؟
-مېنىڭ يولدىشىم ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بىنادىن سەكرىۋالغان. – ئۇ كۆز ياشلىرىنى مەندىن يوشۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئىلاجىسىز بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىققاندەك، ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى توسۇۋالالمىدى،- ئۇ سىزدەك شۇنداق مېھرىبان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭغا مۈشۈك ئەمەس، بىر ئاغىنىسى كۆزىگە كۆرۈنەتتى. ئۇ يېرىم كېچىدىلا ئاغىنەم چاقىرۋاتىدۇ، مەن چىقىپ كىرەي، دەپلا چىقىپ كېتەتتى. ئەمما، سىرتلاردا ئۇخلاپ قالاتتى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىرتقا چىقسا كەينىدىن ئەگىشىپ چىقاتتىم. كەينىدىن مېڭىپ، يىغلاپ كېتەتتىم، چۈنكى ئۇ ئۆزى ئۆزىگە سۆزلەپ، خۇددى بىرىنىڭ مۈرىسىدىن تۇتقاندەك، قوللىرىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ خۇشال ۋارقىراپ ماڭاتتى. بەزىدە بولسا، ۋېلىسپىتنى مىنىپ، كەينىگە قاراپ سۆزلەپ كېتەتتى.
   قوشنام ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، مېنىڭمۇ كۆزۈمگە غىللىدە ياش كەلدى. بۇرنۇم ئېچىشىپ، ئۆپكەم ئۆرۈلدى. ئاندىن قانداق بولدى؟ دېگەن نەزەردە ئاچاشقا قارىدىم:
   -بىر كۈنى كەچتە، يولدىشىم يەنە سىرتقا چىقىمەن دەپلا ئورنىدىن قوزغالدى. ئۇنىڭغا قەيەرگە بارىسىز؟ ئۇخلاش كىيمى بىلەنلا سىرتقا چىقامسىز؟ دېسەم، ئۇ ماڭا بويۇنتاۋلىق قىلىپ، مېنى سىلكىۋېتىپ:«ئاغىنەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ، مەن بېرىپلا كېلەي!» دەپلا، شۇنچە ئېسىلىۋالساممۇ قولۇمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، ئوچۇق تۇرغان دېرىزىدىن سەكرىۋالدى. دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولساقمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا تاپتى.
   ئىككىمىز بىر ھازا يىغا زارە قىلىشتۇق. مەن ئۆزۈم ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم. بۇ ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىشىم كېرەك. ئاندىن بارا-بارا ئۆزۈمنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىشىم كېرەك!
   شۇ كۈنى كەچ، يەنى سائەت 3:45 ئۆتكەندە، ئىشىك بوشقىنا چېكىلدى، مەن جىممىدە يېتىۋەردىم. بىر ھازادىن كېيىن، سىرتقا قارالغان دېرىزەم چېكىلدى. شۇنداق قارىسام، ھېلىقى مۈشۈك دېرىزە سىرتىدىكى تەكچىدە ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. بۈگۈن بولۇنغان سۆزلەرگە ئىشەندىم. ئەمدى پۈتۈنلەي ئىشەندىم. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىراغنى ياندۇردۇم. ئۇ مۈشۈك قەيەرگە غايىب بولدىكىن، يوقىدى.
   ئەتىسى بۇ ئۆينى قايتۇرىۋېتىپ، باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتتىم. ئەمدى يەنە قانداق ۋەھىمىلىك چۈشلەر مېنى ساقلاپ تۇرغاندۇ؟ ئۇخلىسام بىلىمەن! ئەمسە بىردەم ئۇخلىۋالاي....

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 18:42:44

قورقۇنچلۇقكەن ، دېرىزىگە قاراشقا پېتنالماي پەردىنى ئېتىۋەتتىم

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 19:12:31

ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ؟؟؟ ياخشى چىقىپتۇ.
دەل ئىشىك چېكىلىۋاتقاندا، راستىنلا ئىشىك چىكىلگەن، مەنمۇ  ۋەھىمە ئىچىدە ئىشىكنى ئاچسام، قوشنىمىز سوپۇن ئەكىرىپتۇ:lol

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 19:53:22

ئۆيۈمنىڭ لامپۇچكىسى كۆيۈپ كېتىپتىكەن ، تېلىفۇنۇمنىڭ يورۇقىدىن باشقا يورۇق يوق ئىدى ، ئۆيۈم ئۈچىنچى قەۋەتتە بولغاچقا دېرىزە تەرەپكە يۆلىنىپ تۇرۇپتىكەنمەن … تۇيۇقسىـز ئەينەككە ئۇرۇلغان ئاۋازدىن چۆچۈپ قارىسام بىر جۈپ قۇشقاچ تۇرۇپتۇ … بىر قارىۋېتىپ ئۇچۇپ كەتتى … چۈشۈمگە كىرىپ قالماس ھە :lol

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 19:55:21

چۈشۈمدىكى ئەرۋاھ دېگەن ئەسىرىڭىز شۇ پېتى تۈگەمتى يا ئاخىرى بارمىتى ؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:02:17

:lol

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:03:48

uyghura يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 19:55 static/image/common/back.gif
چۈشۈمدىكى ئەرۋاھ دېگەن ئەسىرىڭىز شۇ پېتى تۈگەمتى يا ئا ...

شۇ پېتى تۈگىدى. بۇ يازمىلارنى شۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت شۇ ئوقۇرمەنلەرنى ئويغا سېلىش، ۋەھىمە پەيدا قىلىش. ئەمەلىيەتتە شۇ ئاخىرلىشىشىدىلا ۋەقەلىك ئايدىڭ بولۇپ بولغان .

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:08:43

شۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا بىر كىچىك قىزنىڭ گېپى چىقىدۇ ، شۇڭا داۋامى بارمىكىن دەپ نەچچە كۈن كىرىپ چىقىپ يۈرۈپتىمەن{:87:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:09:04

مەن ۋەھىمىلىك كىنو كۆرىۋىرىپ تەسىر قىلماس بولۇپ قاپتۇ،  بۇداقى قېتىم بۇنداق ھېكايە يوللىسىڭىز  ماس كەلتۈرۈپ مۇزىكا قېتىپ قويۇڭ، ۋەھىمىلىك كەيپىياتنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ...

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:10:08

ئەمدى ئاۋۇ مەن يەتكۈزۈپ بەرگەن قۇشقاچنى خام ماتېرىيال قىلىپ يەنە بىرنى يېزىڭە ، ئىشىنىمەن  … ئېسىل چىقىدۇ{:92:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:11:07

ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلەپ قويامدۇق -يا؟

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:12:30

uyghura يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 20:08 static/image/common/back.gif
شۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا بىر كىچىك قىزنىڭ گېپى چىقىدۇ ، ش ...

موماي چۈشۈمدىن يوقاپ كەتكەندىن كېيىن نەچچە يىل كېيىن چۈشۈمدە كىچىك قىزنى كۆردۈم. بۇ دەل شۇ موماينىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. باشتا موماي سېمىز ئىدى، كەينىدىن ئورۇقلاپ كەتكەن. دېمەك نەچچە يىلدىن كىچىك قىز سىياقىدا بولۇپ قېلىشى ئېنىق.

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:13:24

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 20:11 static/image/common/back.gif
ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلەپ قويامدۇق -يا؟

ئىشلەپ قويساقمۇ بولاتتى. ئەسلى قىسقا فىلىم قىلىپ ئىشلىسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئۆزۈمنىڭ ئۈمىدىمۇ شۇ ئىدى. :$

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:35:47

malak يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 20:13 static/image/common/back.gif
ئىشلەپ قويساقمۇ بولاتتى. ئەسلى قىسقا فىلىم قىلىپ ئىشل ...

بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ ماڭسىڭىز ، بىركۈنلىرى مەبلەغ سېلىپ ئىشلەيدىغانلارمۇ چىقىپ قالىدۇ... ئاۋال بىرەرنى ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلەپ باقايلى قىنى ...

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:41:49

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 20:35 static/image/common/back.gif
بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ ماڭسىڭىز ، بىركۈنلىرى م ...

ماقۇل:victory:

kuyzar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 21:16:40

ۋاي بۇ راسما يا

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 09:25:07

مەن تېمىسىنى كۆرۈپلا مەلەكنىڭ يازمىسى ھەقاچان دەپ ئۈسۈپلا كىرسەم راس شۇنداكەن.:lol

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 09:57:23

ئاۋۇ ئۆينىڭ ئادرىسىنى بىر ئىنىقاراق يېزۋەتكەن بولساڭلار تېخىمۇ داڭلىق ھىكايە بولاتتىكەن.
ئۈرۈمچىدىكى داۋەن تەرەپتىكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ بىرەسىدىكى راست بىنادىن سەكرەپ ئۆلۋالغانلارنىڭ خوشنىسى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولسا باش پېرسوناژ:lol:lol:lol:lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 10:17:56

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 09:25 static/image/common/back.gif
مەن تېمىسىنى كۆرۈپلا مەلەكنىڭ يازمىسى ھەقاچان دەپ ئۈس ...

ھۇرۇن مۆشۈك دېگەن بولسىچۇ؟:lol

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 12:35:10

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 10:17 static/image/common/back.gif
ھۇرۇن مۆشۈك دېگەن بولسىچۇ؟

ھىكايىنى ئوقۇپ ۋەھىمىلىك ھېس قىلماپتىم، ماۋۇ ئىنكاسىڭلاردىن سەل قورقتۇم. :lol  ھورۇن مۈشۈك قىزباللىنىڭ چۈشىگە كىرىپ قورقۇتقۇدەك ئۇنچە ۋەھىمىلىك ئەمەستۇ:funk:
بەت: [1] 2
: چۈشۈمدىكى مۈشۈك (ۋەھىمىلىك)