qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 15:39:59

زۇكامنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

•  دورا ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر زۇكامداپ قالغاندا ئىسسىق سۇغا پۇتنى چىلاپ بەدەندىن تەر چىققۇچە تۇرۇپ بەرسە، بولسا سۇغا تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، يېنىكزۇكام ساقىيىپ كېتىدۇ.
•  زۇكام بولۇپ باش ئاغرىغاندا، لۆڭگىنى قايناق سۇغا چىلاپ، بوشراق سىقىپ تەكشى قاتلاپ، ئاغرىقنىڭ كۆز، بۇرۇن، باش ۋە بويۇنلىرىغا يەڭگىل بېسىپ بەرگەندە، باش ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
•  . زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىش: ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە ئازاراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئىككى پۇتنى ئوشۇققىچە چىلاش، پۇتنى چىلىغاندا زەنجىۋىل سۈيى پۇت قىزارغىدەك ئىسسىق بولۇشى كېرەك. بۇ ئۇسۇلنىڭ سوغۇقتىن بولغان زۇكام، باش ئاغرىقى ۋە يۆتەلنى داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
•  زۇكامنى داۋالاش ئۈچۈن، قايناقسۇنى پۇت سەل كۆيگۈدەك تەڭشەيمىز، ئاندىن كىيىن قىلىن كېيىنىپ، پۇتنى تەڭشەلگەن قايناقسۇغا ئاستا-ئاستا چىلايمىز، قىزىقلىققا بەرداشلىق بەرگۈدەك بولغاندا، پۇتنى بىراق چىلاپ بىرپەس تۇرغاندىن كېىيىن، ئادەم چىلىق-چىلىق تەرلەپ ئاراملىق ھېس قىلىدۇ. لېكىن، تەرلىگەندە شامال ئۆتكۈزۈۋېلشىتىن ساقىلىنىش، تەرنى ئېيتىماسلىق كېرەك.
•  زېققە چايلىقى: خەشخاش ئۇرىقى، بىخ بەدىيان، بىخكەرەپشە، بىخسۇس مۇقەششەر، بىخسەۋسەن، ئارپابەدىيان، رۇمبەدىيان، تۇخۇمى كەرەپشە 10گىرامدىن؛ پوستىخەشخاش 15گىرام؛ زۇپا ھىندى 30گىرام؛ پىرسىياۋشىيان 30گىرام؛ نىلوفەر 15گىرام؛ گۈلبىنەپشە 30گىرام ئىلىپ چايلاپ تەييارلاپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. ھەر قېتىملىق قايناتقان چايغا ئىككى قوشۇق قىزىل گۈلقەنت سىلىپ ئىچىلىدۇ. زېققە، ئۆپكە-كاناي شاخچىلىرىدىكى ھەر خىل ئىللەتلەر ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەسىرى: ياللۇق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، دەم سىقىلىش، قىزتما، يۆتەل، زۇكام قاتارلىقلاردا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت بىرىدۇ.
•  بۇرۇن ياللۇقى چېيى: زوپا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئەنجۈر قېقى، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، گۈل بىنەپشە، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، گاۋزىبان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشە باھار ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، كۈندە بىر قانچە قېتىم ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە بۇرۇن ياللۇقىدىكى بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇن ئۇچى قىزىرىش، چۈشكۈرۈش، تولا زۇكامبولۇش قاتارلىقلاردا مەنپەئىتى بولىدۇ.
•  خام تۇرۇپنى كۈندە ئىككى تالدىن يەپ بەرسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
.
•  لازىملىق ماتىرياللار :بىر ئىستاكان لىمۇن مىۋىسى شەربىتى، بىر ئىستاكان زەنجىۋىل شەربىتى، بىر ئىستاكان سامساق شەربىتى، بىر ئىستاكان ئالما سىركىسى
ياساش ئۇسولى :سامساقنى پاكىز تازلاپ، زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغراپ، مىۋە شەربىتى چىقىرىش ماشىنسىدا شەربىتىنى چىقىرىمىز ياكى ئۇششاق توغراپ داكا رەخىتتە سىقىپ سۈيىنى ئايرىۋالىمىز.
سامساق، زەنجىۋىل شەربىتىنى ساپال قاينىتىش چۆگىنىگە قۇيۇپ، لىمۇن كىسلاتاسى بىلەن ئالما سىركىسىنى ئۈستىگە تۆكىمىز. ئاندىن ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىۋالىمىز ئاندىن ئاجىز ئوتتا ئاستا قاينتىمىز، تۇۋاقنى ياپماي سۇنى پارلاندۇرۇپ، يېرىپ سائاتچە قاينىتىپ، تەخمىنەن يېرىم مىقتارىنى قالدۇرىمىز.
ئاندىن سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن ئازراق ھەسەل قوشۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئېلىشتۇرىمىز. بۇ شەربەت ئاچچىق بولغاچقا چوقۇم ھەسەل قوشمىساق يۇتۇش تەس بولىدۇ. تەييار بولغان شەربەتنى ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ، مۇزدەك ساقلايدىغان توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىمىز.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :ھەركۈنى ئەتتىگەن ناشتىدىن ئىلگىرى بىر قوشۇق ئىستىمال قىلىمىز، بۇ ئۇسول بىلەن كۆپ قىسىم قان تومۇر كىسەللىكلەرنى يىلتىزىدىن ساقايتىلى بولۇدىكەن. يەنە بۇ شەربەتنى ئۇسلۇق ئورنىدا ھەر كۈنى ئىچىپ بەرسە قان تومۇر كىسەللىكلەردىن مۇداپىيەلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. يەنە زۇكامدىن ئالدىنى ئالىدىكەن. بىمار بىر ئاي ئىزچىل ئىچىپ ئاندىن دوختۇرغا تەكشۈرۈپ باقسا كىسىلىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.
•  سامساق مېيى
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:مىكروب ئۆلتۈرۈش، جاراھەتلەرنى تازىلاش خۇسۇسيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلشى:زۇكام، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، ھەر خىل جاراھەتلەرنى تازىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
•  سامساق
سامساق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي يەنە، ئاشقازان، ئۈچەي راكىنىڭ خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛
ئۇنىڭدىن باشقا، قان تومۇرلىرىنى تازىلاپ، قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
•  زۇكام، باش ئاغرىش
ئىككى پۇتنى ئوشۇققىچە، تۇز ۋە ئاچچىقسۇ قوشۇلغان ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە پۇت قىزارغىچە چىلىغاندا، سوغۇق شامالدىن بولغان زۇكام، باش ئاغرىش، يۆتىلىشنى داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
•  لازىملىق ماتىرياللار :بىر ئىستاكان لىمۇن مىۋىسى شەربىتى، بىر ئىستاكان زەنجىۋىل شەربىتى، بىر ئىستاكان سامساق شەربىتى، بىر ئىستاكان ئالما سىركىسى
ئۇسۇلى:سامساقنى پاكىز تازلاپ، زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغراپ، مىۋە شەربىتى چىقىرىش ماشىنسىدا شەربىتىنى چىقىرىمىز ياكى ئۇششاق توغراپ داكا رەخىتتە سىقىپ سۈيىنى ئايرىۋالىمىز. سامساق، زەنجىۋىل شەربىتىنى ساپال قاينىتىش چۆگىنىگە قۇيۇپ، لىمۇن كىسلاتاسى بىلەن ئالما سىركىسىنى ئۈستىگە تۆكىمىز. ئاندىن ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىۋالىمىز ئاندىن ئاجىز ئوتتا ئاستا قاينتىمىز، تۇۋاقنى ياپماي سۇنى پارلاندۇرۇپ، يېرىپ سائاتچە قاينىتىپ، تەخمىنەن يېرىم مىقتارىنى قالدۇرىمىز. ئاندىن سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن ئازراق ھەسەل قوشۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئېلىشتۇرىمىز. بۇ شەربەت ئاچچىق بولغاچقا چوقۇم ھەسەل قوشمىساق يۇتۇش تەس بولىدۇ. تەييار بولغان شەربەتنى ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ، مۇزدەك ساقلايدىغان توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىمىز.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :ھەركۈنى ئەتتىگەن ناشتىدىن ئىلگىرى بىر قوشۇق ئىستىمال قىلىمىز، بۇ ئوسول بىلەن كۆپ قىسىم قان تومۇر كىسەللىكلەرنى يىلتىزىدىن ساقايتىلى بولۇدىكەن. يەنە بۇ شەربەتنى ئۇسلۇق ئورنىدا ھەر كۈنى ئىچىپ بەرسە قان تومۇر كىسەللىكلەردىن مۇداپىيەلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. يەنە زۇكامدىن ئالدىنى ئالىدىكەن. بىمار بىر ئاي ئىزچىل ئىچىپ ئاندىن دوختۇرغا تەكشۈرۈپ باقسا كىسىلىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.
•  سوغۇقتىن بولغان زۇكام : زەنجىۋىل، قارا شېكەر، چاينى تەييارلىۋېلىپ، خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ، ئېغىزىنى بەش مىنۇت يېپىپ دۈملەپ، تەمى ياخشى چىققاندا ئىسسىق پېتى ئىچىپ بېرىلسە بولىدۇ.
•  ئىسسىقتىن بولغان زۇكام : گۈرۈچ، زەنجىۋىل، يۇمغاقسۈت، ئاچچىقسۇ تەييارلىۋالىمىز، ئاندىن زەنجىۋىل ۋە يۇمغاقسۈتنى ئۇششاق توغراپ، گۈرۈچنى مۇۋاپىق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، يۇقىرىدا تەييارلىۋالغان ماتېرىياللارنى سېلىپ، كەينىدىن ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ئىسسىق پېتى ئىچىپ، يۆگىنىپ تەرلىنىدۇ. ئاللاھ شىپالىق بەرسە، ئوڭشىلىپ قالىدۇ.
•  بەدەن ئاجىزلىقتىن بولغان زۇكام. تىل گېزى ئاقىرىش، قىزىش، سوغۇقتىن قورقۇش، باش ئاغرىش، بەدەننى تەر بېسىش، يۆتىلىش، ئاق بەلغەم كۆپىيىش، دەم سىقىلىپ يۈرەك سېلىش، چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
•  ئىچ مىزاج ئىسسىق تاش مىزاج سوغۇقلۇقتىن بولغان زۇكام: تىل گېزى قېلىنلاپ سارغىيىش ياكى سۇس ئاق رەڭگە كىرىش، سوغۇقتىن قورقۇش، يېنىك قىزىش، تەرلىمەسلىك، باش ئاغرىش، بەدەن ئاغرىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، ئاق بەلغەم تۈكۈرۈش، كېكىردەك قىزىرىپ ئاغرىش، ئۇسسىماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
•  ھۆل ئىسسىقتىن بولغان زۇكام: تىل گېزى سارغىيىپ، تىل قېلىنلاش، يېپىشقاق ياغسىمان شۆلگەي قاپلاش، سوغۇقتىن قورقۇش، قىزىش، باش ئاغرىش، مەيدە سىقىلىش، ئاشقازان-ئۈچەي نورمالسىزلىنىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسۇش، قورساق غۇرۇلداش، ئىچ سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
•  ئىسسىق يەلدىن بولغان زۇكام: تىل گېزى سېرىق ياكى سۇس ئاق بولىدۇ، سوغۇقتىن قورقۇش، قاتتىق قىزىش، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش، كېكىردەك قىزىرىپ ئىششىپ قېلىش، قويۇق سېرىق بەلغەم تۈكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
•  سوغۇق يەلدىن بولغان زۇكام: تىل گېزى ئاق بولىدۇ، چىراي تاتىرىدۇ، سوغۇقتىن قورقۇش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، كېكىردەك قىچىشىش، يۆتىلىش، ئاق بەلغەم كۆپىيىش، ئۇسسىماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
•  زۇكام تىگىپ ساقايمىسا پىياز يىلتىزى بىلەن سامساق يىلتىزىنى سۇقۇپ ئۇنى پاكىز ماي بىلەن يۇغۇرۇپ ئىسلانسا مەنپەئەت قلىدۇ.
•  چاكاندا، كۆك ماش ھەربىرى 5گىرامدىن ئېلىپ تالقانلاپ، كۈندە بىر قېتىم يەپ ئۈستىدن قايناقسۇ ئېچىپ بەرسە زۇكامغا پايدا قىلىدۇ.
•  كۆك ماش، پىياز، شىكەر ھەر بىرىدىن 15گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە زۇكامغا شىپا بۇلىدۇ.
•  سۇڭپىيازنىڭ ئاق قىسمىدىن 100گىرام ئېلىپ ئۇششاق توغراپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ دەملەپ ئسىسىق ئىچسە ۋە ئېغىز بۇرنىغا ھورىنى ئالسا زۇكامغا شىپا.
•  پىياز يىلىتىزى بىلەن سامساق يىلىتىزىنى سوقۇپ تالقانلاپ قوي يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ ئوتتا كۆيدۇرۇپ ئىسىنى بۇرنىغا ئالسا ھەرقانداق زۇكامغا شىپا.
•  سىياداننى كۈيدۇرۇپ ياكى قەغەزگە ئوراپ تۈتۈنىنى دىماققا ئلسا زۇكامغا شىپا.
•  لىمۇننى قاينىتپ مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ كۈندە 3قېتىم ئىستىمال قىلسا زۇكام نەزلىگە شىپا بۇلىدۇ.
•  نورمالسىز ھەرىكەتلەر: كىچىك بالىلار ئىسمىداپ قالغان چاغدا تولا يىغلىسا ۋە بېشىنى سىلكىسە، بېشى كەينىگە قاتىيىپ قالسا ياكى گەجگىسى قېتىپ قالسا، بۇنىڭ بىلەن بىللە قۇسۇش قوشۇلۇپ كەلسە، بۇ چاغدا سەرسام ( مېڭە پەردىلىرىنىڭ ياللۇغى) ياكى كۇزار ( قاتما ) كېسەللىكلىرىدىن گۇمانلىنىش بىلەن بىللە، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش چارىلىرىنى قوللىنىش كېرەك. بالىنىڭ بۇرنى پۈتۈپ، نەپسى تېزلىشىپ ئاغزىدىن تىنىپ قالسا، زۇكام، نەزلە ۋە باشقا كۆكرەك كېسەللىكلىرىدىن گۇمان قىلىش بىلەن ئەتراپلق تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك.
•  زۇكام ۋە ئۆتكۇر بۇرۇن ياللۇغى : زۇكام ۋە ئۆتكۇر بۇرۇن ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە بۇرۇندىن ئاققان پوتلا پۇتۇنلەي سۇغا ئوخشاش بولۇپ، بۇرۇن ئىچى قۇرغاقلىشىپ ئىچىشىدۇ، بۇرۇن پۇتۇش، چۇشكۇرۇش، پۇتۇن بەدەن يىقىمسىزلىنىش، قىززش ئالامەتلىرى بولىدۇ. ئوتتۇرا باسقۇچقا كەلگەندە بۇرۇن ئاجرالىمىلىرى تېخىمۇ كۆپۇيۇپ سۇ ھالەتتىن تەدرىجى يىرىڭغا ئوخشاش قويۇق ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. بۇ مەزگىلدە مۇۋاپىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلسا تەخمىنەن 1 ھەپتە ئىچىدە ئەسلىگە كىلىدۇ، ئالدىنى ئىلىش تەدبىرى قوللانمىغاندا ئاسانلا ئوتتۇراقۇلاق ياللۇغى، بۇرۇن يان كاۋاك ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، سوزۇلما بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.
•  زۇكام تىگىپ ساقايمىسا پىياز يىلتىزى بىلەن سامساق يىلتىزىنى سۇقۇپ ئۇنى پاكىز ماي بىلەن يۇغۇرۇپ ئىسلانسا مەنپەئەت قلىدۇ.
•  ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ، يەلنى ھەيدەپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقلىرى، كۆزدىكى قىزىللىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. توسالغۇلارنى ئېچىپ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.
•  توخو گۆشى شورپىسى ھەقىقەتەن ياللۇغ قايتۇرۇپ زۇكامنى داۋالايدۇ.
•  زۇكامغا 120گرام ئامۇت، 15گرام خام زەنجىۋىل، 15گرام سۇڭپىياز ئېقى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىلىدۇ. ئاندىن سۇغا ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمى چېقىپ سېلىنىدۇ. بۇ دورىنى قىزىق پېتى ئىستېمال قىلىپ بولۇپ تەرلىنىش لازىم.
•  زۇكامغا30گرام ئاق قىچا ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى پۇتنىڭ ئالقىنىغا چېپىپ بېرىش كېرەك.
•  زۇكامغا توخۇ تۇخۇمىنى سۇغا سېلىپ، سۇنى قىزدۇرۇپ، سۇ قولنى كۆيدۈرگۈدەك بولغاندا تۇخۇمنى سۈزۈپ ئېلىپ كېسەلنىڭ قورساق، دۈمبە، پۇت- قوللىرى ئۈستىدە تېزلىك بىلەن ئون مىنۇت ئايلاندۇرۇش لازىم. بۇ ئۇسۇل ھەركۈنى بىر قېتىم ئىشلەنسە بولىدۇ.
•  15گرام سامساقنى ئادالاپ سوقۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، 15مىللىلىتىر ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر چىنە ئۈگرىگە تېتىغۇدەك سېلىپ، ئۈگرىنى قىزىقىدا ئىچىپ، يېتىپ تەرلىنىش كېرەك. بۇ ئادەتتىكى زۇكامغا باب كىلىدۇ.
•  250گرام تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇغا بىرنەچچە سائەت چىلاپ قويغاندىن كېىيىن بىر كۈندىلا تۇرۇپنى يەپ، ئاچچىقسۇنى ئىچىپ بولۇش كىرەك. بۇ دورا تارقىلىشچان زۇكامغا باب كېلىدۇ.
•  يۇقۇملۇق زۇكام: بۆلجۈرگەن، تاۋۇز، كۇلى بىھىسى، ئەنبەھ (ماڭگۇ).
•  زۇكام شوۋىگۈرۈچى
گۈرۈچكە قارائۈرۈك ۋە گۆشنى قىيما قىلىپ قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ، تۇز تەمى تېتىلىپ، يۇمغاقسۈت سېلىپ ئېچىلىدۇ.
•  ئەگەر بۇرنىڭىزدىن سۇ ئېقىپ، چۈشكۈرۈپ، زۇكام ناھايىتى تىز بىئارام قىلغان بولسا سامساقنى پىشۇرۇپ يىسىڭىز يېرىم سائەتتىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى : باش سامساقنى پارچىلاپ، قازاندا قورىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بىۋاسىتە ئوتقا قاقلاپ( گاز ئوچاقتا بولسىمۇ بولىدۇ) پۇشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ چوغقا كۆمۈپ پۇشۇرسىڭىز تېخى ياخشى. پىشقاندىن كېيىن سامساقنىڭ ئاچچىقى يوقايدۇ. كۆيگەن پوستىنى سويىۋېتىپ يىسىڭىز تەملىك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: گاز ئوچاقتا پۇشۇرسىڭىز بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ. گېلىڭىز ئاغرىپ ياكى قىززىپ قالغان بولسىڭىز ئىستېمال قىلماڭ.
•  بىر دانە نەشپۈتنى پاكىز يۇيۇپ پوستى بىلەن بىللە ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئازراق ناۋات قوشۇپ يېسە زۇكامدىن بولغان يۆتەلنى توختىتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ.
•  بىر دانە نەشپۈتنى پاكىز يۇيۇپ پوستى بىلەن بىللە ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئازراق ناۋات قوشۇپ يېسە زۇكامدىن بولغان يۆتەلنى توختىتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ.
•  پىياز-زەنجىۋىل سۈيىگە پۇت چىلىسا زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پىياز ئېقى ۋە زەنجىۋىلنى تەڭ مىقداردا ئېزىپ داسقا سېلىپ 1500 مىللىلىتىر قايناقسۇ قۇيۇمىز، بەش مىنۇتتىن كېيىن ( پۇت كۆيمىگىدەك بولىشى كېرەك ) پۇتنى داستىكى سۇغا چىلاپ 5-10 مىنۇت ئولتۇرۇمىز، ئاندىن پۇت ئالقىنىنى 2-3 مىنۇت ئۇۋۇلىساق، ئۈنۈملۈك ھالدا زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
•  بەش ئەزا سەزگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلەر
1. كۆز تۇيۇقسىز نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىش. بۇ، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى.
2. پۇراش سەزگۈسى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىش. بۇ، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، مەسىلەن، زۇكام بولغاندا بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك پۇرىقى پۇرىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ، ئۆپكىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
3. كالپۇك سەزگۈسى گاللىشىپ قېلىش. بۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئاشقازان زەخمەتكە ئۇچرىغاندا، كالپۇك قۇرۇش، يېرىلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.
4. قۇلاق ئېغىرلاپ قېلىش. بۇ، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى، كۆپىنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەردە بۆرىكى توسالغۇغا ئۇچراشتىن ئىبارەت ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، شۇڭا قادىلىپ ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.
5. تەم سەزگۈسى گاللىشىش. بۇ، يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئېغىز قۇرۇغان، يېمەكلىكنىڭ تەمىنى بىلەلمىگەن چاغدا، يۈرەكتە كېسەل ئالامىتى يۈز بېرىشكە دىققەت قىلىش لازىم.
•  ئاچچىقسۇ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ئاچچىقسۇنى %5-%10 لىك نىسبەت بويىچە قاينىتىلغان ئىلمان قايناقسۇغا قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى 4-5 قېتىم، ھەر قېتىمدا 2-3 تىمىمدىن بۇرۇنغا تىمىتىپ بەرگەندە، يۇقۇملۇق زۇكامنى داۋالايدۇ. بولۇپمۇ، زۇكامنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشىدا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى، ئاچچىقسۇنىڭ باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس قاتارلىقلارنى تورمۇزلاش ۋە ئۆلتۈرۈش رولى بولۇپ، بۇرۇن بوشلىقىدىكى زۇكام ۋىرۇسلىرىنى يوقاتقانلىقتىن، زۇكام تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدە بۇرۇنغا تىمىتسا، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئۈنۈملىك ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئاچچىقسۇ بىلەن ھورلاش ئارقىلىق زۇكامنى داۋالاشقىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا، 100 گىرام ئەتراپىدىكى ئاچچىقسۇنى سىرلىق قاچىغا قۇيۇپ، مەش ئۈستىگە قويۇپ قايناتقاندا، ھورى ئۆي ئىچىدىكى ھاۋاغا تارقىلىپ، زۇكام ۋىرۇسلىرىنى يوقىتىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
•  زۇكامنى داۋالاش:
ئەگەر بۇرنىڭىز چىڭىشىش، گېلىڭىز ئاغرىش، قىزىتمىڭىز ئۆرلەش، كۆزىڭىز قىزىش، ئۇستىخانلىرىڭىز ئاغرىش، باش ئاغرىش دېگەندەك ئالامەتلەر بولسا شاتۇت كونسېرۋاسى ئىستېمال قىلىڭ. تېزلا ئۈنۈمى بولىدۇ. (تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدۇ)
ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: ئاسان ئىچى سۈرىدىغانلار 100 گىرام ئەتراپىدا، ئىچى سۈرمەيدىغانلار 200 گىرام ئەتراپىدا ئىستېمال قىلىڭ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: قان بېسىمى زىيادە تۆۋەنلەر ئىھتىيات قىلىڭ.
•  زۇكامنى ئاددىي ئۇسۇلدا داۋالاش: ئەگەر بۇرنىڭىزدىن سۇ ئېقىپ، چۈشكۈرۈپ، زۇكام ناھايىتى تېز بىئارام قىلغان بولسا سامساقنى پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېرىم سائەتتىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: باش سامساقنى پارچىلاپ، قازاندا قورىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بىۋاسىتە ئوتقا قاقلاپ (گاز ئوچاقتا بولسىمۇ بولىدۇ) پىشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ چوغقا كۆمۈپ پىشۇرسىڭىز تېخى ياخشى. پىشقاندىن كېيىن سامساقنىڭ ئاچچىقى يوقايدۇ. كۆيگەن پوستىنى سويۇۋېتىپ يېسىڭىز تەملىك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: گاز ئوچاقتا پىشۇرسىڭىز بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ. گېلىڭىز ئاغرىپ ياكى قىزىپ قالغان بولسىڭىز ئىستېمال قىلماڭ.
•  بىر قىسىم سالامەتلىكى ناچار قىزلار سوغوق سۇدا يۇيۇنسا بولمايدىكەن. سالامەتلىكى ئەسلىدىلا ناچار ئادەم سوغوق سۇدا يۇيۇنسا ئاسانلا زۇكام بۇلۇپ قالىدىغان ياكى بولمىسا قىزىپ قالىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدىكەن. لېكىن دائىم سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تېرىنى تېخىمۇ سىلىق قىلىش بىلەن بىرگە زۇكامبولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
•  كەتىرا قوي گۆشى شورپىسى
رېتسىپ: دارچىن 10 گرام، ئاق چوغلۇق 15 گرام، زەنجىۋىل 10 گرام، چىلان 10 گرام، چۈچۈكبۇيا 6 گرام (قۇرغاق)، قوي گۆشى 250 گرام.
تەسىرى: تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
داۋالاش دائىرىسى: سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىش، پۇت – قوللىرى تېلىپ ئاغرىش، بەل – تىزلىرى ماغدۇرسىزلىنىش، كەچتە كىچىك تەرەپ كۆپ بولۇش.
كىشىلەر يۇقارقى ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق داۋالانغاندا، زۇكامداپ قىزىش، ياكى مەنپىيىلىك زەئىپلىششتىن قىزىغاندا ئىستېمال قىلىشنى توختىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
•  زەنجىۋىل ئۇۋىقىنى ئاغرىغان جايغا سۈرسە، ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، زەنجىۋىل ياپراقچىسىنى قۇياش پەللىسىگە چاپلاپ بەرسە، باش ئاغرىشنى توختىتىشتا ئۈنۈمى ياخشى. زەنجىۋىل شورپىسىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تۆت پەسىلدە زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
•  گېلىڭىز ئاغرىسا قاتكۆك قايناتمىسى ئىچىڭ، چۈنكى قاتكۆكنىڭ باكتېرىيەگە قارشى ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار؛ ئەگەر زۇكام بولۇپ قالسىڭىز، يەنىلا قاتكۆك قايناتمىسى ئىچىڭ، چۈنكى ۋىتامىن C زۇكامنى پەسەيتىپ، چارچاشنى يوقىتىدۇ.
•  زۇكامغا 10 گىرام ئەنجۈرنى 15 گىرام قۇرۇق ئۈزۈم، بەش گىرام چۈچۈكبۇيا بىلەن قاينىتىپ ئېچىش كېرەك.
•  زۇكامغا 15 گىرام قارا شىكەرگە 15 گىرام خام چاشكا قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىش كېرەك.
•  زۇكامغا ئون گىرام شاپتۇم مىغىزىنى سۇغا چىلاپ، يۇمشىغاندا 100 گىرام گۈرۈچ قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىش كېرەك.
•  30 گىرام گۈلسامساقنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە 20گىرام ناۋات قوشۇپ، كۈندە بىر قېتىم ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچسە زۇكامغا داۋا بولىدۇ.
•  خام زەنجىۋىلدىن ياڭاق چوڭلۇقىدا غولپىيازدىن ئالتە تال تۇرۇپتىن بىر تال تەييارلاپ ئالدى بىلەن تۇرۇپنى توغراپ بىرچىنە سۇدا قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا زەنجىۋىل بىلەن غولپىيازنى توغراپ سېلىپ قاينىتىپ سۇزۇپ ئىلمان ھالەتتە ئىچكەندە زۇكامغا شىپا بۇلىدۇ.
•  ئەينولادىن بەش تال قارائۇرۇكتىن بەش تال يۇمغاقسۇت كۇكىدىن بىرسىقىم چىلاندىن يەتتە تال تەييارلاپ كاشكاپ قىلىپ ئىچكەندە زۇكامغا ئالاھىدە مەنپە ئەت قىلىدۇ.
•  بىر باش سامساقنى ئىزىپ ئۇنىڭ سۇيىگە يېرىم پىيالە قايناق سۇ قۇشۇپ ئىچىپ بەرگەندە قىززىتما قايتۇرىدۇ بەلغەم بوشىتىدۇ زۇكامغا ياخشى مەنپە ئەت قىلىدۇ.
•  بىر سىقىم ئاق قىچىنى سۇقۇپ بىر تال تۇخۇم ئېقىغا ئارلاشتۇرۇپ ئىككى پۇتنىڭ ئالقىنىغا چېپىپ بەرگەندە زۇكامغا شىپا بۇلىدۇ.
•  بەش سىقىم ئارپىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە زۇكام ۋە نەزلىگە ياخشى مەنپە ئەت قىلىدۇ.
•  بىھىنى قوقاسقا كۇمۇپ پۇشۇرۇپ يىسە زۇكام ۋە يۇتەلگە مەنپە ئەت قىلىدۇ.
•  زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىقى، بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىش، مۇزلاش، قىزىشقا سامساقنى سوقۇپ، سۈيىنى چىقىرىپ ئون ھەسسە سۇ قوشۇپ، بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم بۇرۇنغا تېمىتسا بولىدۇ. ياكى 10 گرامدىن سامساق، سۇڭپىيازنى ئېزىپ، قايناق سۇغا قارا شىكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسسىقىدا ئىچسە بولىدۇ.
•  زۇكامغا ئىسسىق توخۇ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. توخۇ شورپىسى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
•  مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ ئىچىپ بەرسە زۇكام ئالامەتلىرىنى يىنىكلەتكىلى بولىدۇ.
•  زۇكام يېڭى تەگكەندە بەش مىسقال زەنجىۋىلنى بىر تال غولپىياز (يىلتىزى بىلەن) بىلەن قاينىتىپ، قارا شېكەرنى مۇۋاپىق سېلىپ، قىزىقىدا ئىچىپ يېتىپ تەرلىسە، زۇكامغا شىپا بولىدۇ.
•  تۆت مىسقال زەنجىۋىل، بىر باش سامساق ۋە ئازراق قارا شېكەر تەييارلاپ قاينىتىپ، ئىسسىقىدا ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
•  ئەگەر كىمىكى تۇمۇ « زۇكام » تېگىپ ساقايمىسا، پىياز يىلتىزى بىلەن سامساق يىلتىزىنى سوقۇپ ئۇنىنى پاكىز ماي بىلەن يۇغۇرۇپ ئىسلانسا، ھەرقانداق تۇمۇ « زۇكام » غا پايدا قىلىدۇ.
•  سىياداننى چالا سوقۇپ پات–پات پۇراپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغىرىش ۋە زۇكامغا شىپا قىلىدۇ.
•  بەش مىسقال زەنچىۋىلنى يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ، قارا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچكۈزسە، بوۋاقلارنىڭ زۇكامى ئىككى كۈندە ساقىيىدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 16:54:44

غولپىياز،زەنجىۋىل،سامساق،قارا شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىىپ ئىچسە دەھشەت تېز پايدا قىلىدىكەن،مەندە سىناقتىن نەچچە ئۆتتى

qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 17:36:48

كۆكيۆتەلنى داۋالاش: تۇخۇمدىن بىر دانە ئېلىپ شاكىلىنى سويۇۋېتىپ، سوقۇلغان ناۋاتنى قوشۇپ چوكا بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىش كېرەك. كۈنىگە بىر قېتىم ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە، كۆكيۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
. زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىش: ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە ئازاراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئىككى پۇتنى ئوشۇققىچە چىلاش، پۇتنى چىلىغاندا زەنجىۋىل سۈيى پۇت قىزارغىدەك ئىسسىق بولۇشى كېرەك. بۇ ئۇسۇلنىڭ سوغۇقتىن بولغان زۇكام، باش ئاغرىقى ۋە يۆتەلنى داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
زېققە چايلىقى: خەشخاش ئۇرىقى، بىخ بەدىيان، بىخكەرەپشە، بىخسۇس مۇقەششەر، بىخسەۋسەن، ئارپابەدىيان، رۇمبەدىيان، تۇخۇمى كەرەپشە 10گىرامدىن؛ پوستىخەشخاش 15گىرام؛ زۇپا ھىندى 30گىرام؛ پىرسىياۋشىيان 30گىرام؛ نىلوفەر 15گىرام؛ گۈلبىنەپشە 30گىرام ئىلىپ چايلاپ تەييارلاپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. ھەر قېتىملىق قايناتقان چايغا ئىككى قوشۇق قىزىل گۈلقەنت سىلىپ ئىچىلىدۇ. زېققە، ئۆپكە-كاناي شاخچىلىرىدىكى ھەر خىل ئىللەتلەر ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەسىرى: ياللۇق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، دەم سىقىلىش، قىزتما، يۆتەل، زۇكام قاتارلىقلاردا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت بىرىدۇ.
بەلغەملىك يۆتەلگە ئاق تۇرۇپتىن بىرنى خام پېتىلا چاقماق قەنت شەكلىدە ئۇششاق توغرايمىز، ئادەتتە سۈيۇقئاشلارغا چامغۇر توغرىغاندەك توغراپ پىيالە ۋە ياكى ئىستاكانغا سېلىپ ئۈستىدىن ئىككى ئۈچ قوشۇق ھەسەل سالىمىز دە شۇ پېتىلا تۆت سائەت قويۇپ قويىمىز، ئېسىڭىزدە بولسۇن، پىشۇرۇشقا بولمايدۇ، تۆت سائەتتىن كېيىن تۇرۇپنىڭ سۈيى چېقىپ تەييار بولىدۇ، قوشۇق بىلەن تەكشى ئېلىشتۈرسىڭىز ھەسەل بىلەن تۇرۇپ سۈيى ئارلىشىپ تەييار بولىدۇ. سۈزگۈچ بىلەن سۈزىۋېلىپ ئىلمان قايناقسۇ بىلەن تەڭشەپ ئىچكۈزسىڭىز بولىدۇ.
ئېتىزلىققا قىرو چۈشكەندە يۇلۇۋالغان تۇرۇپنى ئېىزىپ سۈيىنى چىقىرىپ سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە، بەلغەملك يۆتەلگە مەنپەت قىلىدۇ.
بىر كىلوگرام كۆك تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ، يالپاقلاپ توغرىغاندىن كېيىن 300 مىللىمېتىر سۇغا سېلىپ، 130 مىللىمېتىر سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ، پىسەپلىرىنى سۈزۋېتىپ سۈيىگە 200 گرام ساپ ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈشنى، يۆتەلنى توختىىدۇ.
سامساقنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يالاپ بەرسە، كۆكيۆتەلگە كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ.
سامساقنى پۇراپ يەپ بەرسە، دەسلەپكى كۆك يۆتەلگە ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولىدۇ.
كۆكيۆتەل (بالىلاردىكى نەپەس سىقىلىش)نى داۋالاش: بىر باش پىيازنى ئاقلاپ يەنجىپ، ئۈچ مىسقال قۇم شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئازراق قايناق سۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇدا ئىككى كۈن ئىچۈرسە، بالىلاردىكى يۆتەل ۋە نەپەسىقىلىشقا تېز مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىش ياكى ئەتىيازدا ئۈجمە يىلتىزىنىڭ قارا پوستى بىلەن ئىچىدىكى ياغىچىنى ئېلىۋېتىپ، ئوتتۇرىسىدىكى ئاق يىلتىز پوستىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن 500 گىرامنى سوقۇپ تاسقاپ، 30 گىرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئالتە گىرامدىن ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلسا، سۈيدۈك راۋانلىشىدۇ، ئىششىق يانىدۇ، ئۆپكىدىكى ھارارەت تۆۋەنلەيدۇ، بەلغەم بوشايدۇ، يۆتەل توختايدۇ.
.
جىگدە قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، ھارارەتنى پەسەيتىدۇ، يۆتەلنى باسىدۇ.
بىنەپشە مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:ھۆل بىنەپشىنى 3 كىلو 600 گرام كۈنجۈت مېيىغا 10 كۈن چىلاپ، تۇمۇزنىڭ ئاپتىپىدا تۇرغۇزۇپ، ئاندىن سىقىپ تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ، يەنە 1000 گرام گۈلبىنەپشىنى سېلىپ، يەنە 10 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ، سىقىپ تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ، چىققان مېيىنى چەككىلەپ سۈزۈلىدۇ. پاكىز قاچىغا ئېلىپ سالقىن ساقلايمىز.
تەبىئىتى:ھۆل سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى:سەپرادىن بولغان ئاغرىقلارنى پەسەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، يۇمشىتىش، ئىششىقلارنى تاقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى، مېڭە پەردە ياللۇغى، ئەمچەك ئىششىقى، ئۇيقۇسىزلىق، قۇرۇقتىن بولغان تەشەننۇچ (ئەزالارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى)، زەھەرلىنىش، يۆتەل قاتالىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
قاپاق مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:ھۆل قاپاقنىڭ پوستىنى ئېلىپ ئېتى ۋە ئۇرۇقلىرى بىلەن سوقۇپ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، 4 ھەسسە سۈيىگە بىر ھەسسە كۈنجۈت قۇشۇپ، قاينىتىپ، سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا سۈزۈپ ئېلىپ، قاچىغا ئېلىپ ساقلىنىدۇ.
تەبىئىتى:ھۆل سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى:مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، قاتتىقلىقلارنى يۇمشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەل پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:ئۇيقۇسىزلىق، مالېخۇلىيا، تەشەننۇچ، قۇلاق ئاغرىقى، چاچنىڭ يېرىلىپ كېتىشى، مېڭە پەردە ياللۇغى، چاچ چۈشۈش ۋەكېپەكلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
خەشخەش گۈلى مېيى
تەبىئىتى:سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى:پۈتۈن بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەلنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:ئىسسىقتىن بولغان بەدەن ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى، يۆتەلگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئاپلېسىن پوستى-بەلغەم بوشىتىش قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولى بار.
جۇڭيى تىبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاپلېسىن پوستى بەلغەم بوشىتىش، يۆتەلنى توختىتىش رولى بولۇپ، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسەللىكى بىمارلىرى ۋە ۋىتامىن C كەملەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىستېمال تەۋسىيەسى: ئاپلېسىن پوستىنى قۇرۇتۇپ، سۇغا چىلاپ قويۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ، قورۇمىلارغا ئارىلاشتۇرۇپ ئالاھىدە تەمگە ئايلاندۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن ئاپلېسىن پوستى شوۋىگۈرۈچ. گۆش پىشۇرغاندا شورپىغا بىر نەچچە پارچە ئاپلېسىن پوستى سېلىۋەتكەندە، شورپىنىڭ تەمىنى تېخىمۇ مەززىلىك قىلغىلى ياغلىقلىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
بەلغەم، يۆتەل
15 گرام زەنجىۋىلنى قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر قوشۇپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن ئىچكەندە، بەلغەم ۋە يۆتەلنى داۋالايدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى بادام مېغىزى بىلەن ناۋاتنى بىرلىكتە سوقۇپ كاپ ئېتىپ بەرسە، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ.
كۆك تۇرۇپنى توغراپ، ئۇششاق چاناپ سۈيىنى چىقىرىپ، بىدە سۈيى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، قاينىتىپ ئىچسە، ساغۇچ بەلغەم كۆپ چىقىدىغان، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە شىپا قىلىدۇ. كۆك تۇرۇپنىڭ ئوتتۇرسىنى ئويۇپ، ئىچىگە ھەسەل قۇيۇپ، ئوتقا قاقلاپ قىززىتىپ ئىچسە ياكى ئۇنىڭغا ئۈچ تال خام زەنجىۋىل سېلىۋىتىپ قاينىتىپ ياكى مەلھەم قىلىپ ئىچسە، سوغۇقتىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
ناۋات بىلەن ھەسەلنى قازانغا سېلىپ ئىسسىتقاندىن كىيىن، ئىزىلگەن ياڭاق مېغىزى ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ، بىر قۇتىغا قاچىلاپ قويۇپ، كۈنىگە تۆت بەش قېتىمدىن، ھەر بىر قېتىمدا بىر قۇشۇق يىسە يۆتەلگە شىپا بولىدۇ. ئاق تۇرۇپ : ئاق تۇرۇپنى يالپاقلاپ توغراپ، زەنجىۋىل، ئامۇتلارنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئارلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچسە، شاخچە نەپەس يولى ياللۇغىدىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
بىر تال ئامۇت، بەش گىرام چاكاندا تەييارلىنىدۇ. ئامۇتنىڭ ئوتتۇرسىنى ئېچىپ، چاكاندا سېلىنىدۇ. ئاندىن قازاندا قاينىتىلىدۇ. ئامۇت قايناپ پىشقاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى چاكاندا ئېلىۋىتىلىپ، ئارىسىدا يېغىلىپ قالغان سۈيى ئىسسىقىدا ئىچىلىدۇ. بۇ بەلغەم چىقمايدىغان قۇرۇق يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.
بادام مېغىزى، ناۋاتلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سۇقۇپ تاسقاپ سىفۇف تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن ئىستىمال قىلسا بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بۇلىدۇ. كىچىك بالىلارغا ئىستىمال قىلدۇرسا يۆتەلگە شىپا بۇلىدۇ.
سامساقنى ئەركەك قوينىڭ چاۋا يېغى بىلەن پىشۇرۇپ يەتتتە كۈن يېسە، ساقايمىغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
بادام مېغىزى، ناۋاتلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سۇقۇپ تاسقاپ سىفۇف تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن ئىستىمال قىلسا بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بۇلىدۇ. كىچىك بالىلارغا ئىستىمال قىلدۇرسا يۆتەلگە شىپا بۇلىدۇ.
ئاق ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئېلىپ پاكىز تازىلاپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، يۆتەلنى توختىتىدۇ. دەم سىقىلىشنى ياخشىلايدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئاغرىقلىرى، قان تۆكۈرۈش، سۇلۇق ئىششىق، قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. (ئىزاھات: سوغۇقتىن بولغان يۆتەللەرگە بېرىلمەيدۇ)
ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ، يەلنى ھەيدەپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقلىرى، كۆزدىكى قىزىللىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. توسالغۇلارنى ئېچىپ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.
گىلاسنى ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن، ئۆپكىسى ئىششىپ يۆتەلگەنلەر ئاز يېيىشى، شېكەر تاركىبىمۇ مول بولغاچقا، دىئابىت ئاغرىقلىرى كۆپرەك يېيىشتىن ساقلىنىشى، ئادەتتىكى ئادەملەر كۈنىگە بىر قانچە تال يەپ بېرىشى كېرەك. بەك كۆپ يەۋەتسە ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ.
يۇمشاق سوقۇلغان 10 گرام چامغۇرئۇرۇقى تالقىنى بىلەن 15 گرام كۆك ۋاسالغۇ ئۈزۈمنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە بىر چىنە قايناق سۇ قويۇپ بىر كېچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن، كۈندە تاماقتىن بۇرۇن ئىچسە نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكسى چىڭقىلىش، زىققى ۋە يۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
چامغۇر ئۇرۇقىدىن 300 گرام، كۈنجۈتتىن 100 گرامنى ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، بۇنىڭغا كۆك ۋاسالغۇ ئۈزۈمنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى كىلوگرام چېكىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چامغۇر ئۇرۇقى مەئجۈنى تەييارلىنىدۇ. كۈندە 2 قېتىم ھەر قېتىمدا گۈلىدەك چوڭلۇقتا يەپ بەرسە كۆكسى چىڭقىلىش، نەپەس قىيىنلىنىش، دەم سىقىلىش، قان تۈكۈرۈش ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
جاھىل يۆتەلگە، ئىككى كىلوگرام قارا كۈنجۈتنى قورۇپ پىشۇرۇپ، 200گرام ئاق ھەسەل، 200گرام سوقۇلغان ناۋات بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن سۈيى بىلەن تىرىپى چىقىرۋىتىلگەن 200گرام ھۆل زەنجىۋىل قاينىتىلغان سۇغا قوشۇپ قوچۇش كېرەك. بۇ دورا ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بېرىلسە، ياشانغانلاردىكى يۆتەل توختايدۇ، دەم سىقىلىش ياخشىلىنىدۇ.
جاھىل يۆتەلگە، توخۇنىڭ بىر دانە ئۆتىنى مۇۋاپىق مىقداردا شىكەر بىلەن قوشۇپ، بالىغا بىر قانچە كۈنگە بۆلۈپ ئىچۈرگەندە، كۆك يۆتەل توختايدۇ.
جاھىل يۆتەلگە، توخۇنىڭ بىر دانە ئۆتى بىلەن بەش دانە چىلان سۇدا قاينىتىلىپ، كۆك يۆتەل بولۇپ قالغان بالىلارغا كۈنىگە بىر قىتىمدىن ئۇدا بەش كۈن ئىچۈرۈلسە بولىدۇ.
جاھىل يۆتەلگە، ئىلى سۆرۈنجان تالقىنىدىن 25گرام، ھەسەلدىن 500گرام، زەنجىۋىلدىن 150گرام تەييارلاپ، بۇ دورىلارنى كۇرۇشكىغا تۆكۈپ، كۇرۇشكىنى سۇ قۇيۇلغان قازانغا سېلىپ، قازاننى قازاندىكى سۇ ئاز قالغۇچە قاينىتىش كېرەك. بۇ دورا كۈنىگە 1-2 قېتىم، ھەرقىتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بىرىلسە يۆتەل توختايدۇ.
جاھال يۆتەلگە پوستى سويۇۋىتىلگەن بىر جىڭ سامساقنى ئېزىپ، سامساقنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاق شىكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەرقىتىمدا بىر قوشۇقتىن، كۈندە ئۈچ ۋاخ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتىكى يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنىڭكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.
نىلۇفەر شەربىتى، سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، چىلان، ئاپلىسىن ۋە پىدىگەن، كەرەپشە يىسىمۇ يۆتەلگە پايدىسى بولىدۇ. بۇ يىمەكلىكلەرنىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، يۆتەلنى توختىتىش، بەلغەم ھەيدەش رولى بار.
كۆك تۇرۇپنىڭ ئوتتۇرسىنى ئويۇپ، ئىچىگە ھەسەل قۇيۇپ، ئوتقا قاقلاپ قىززىتىپ ئىچسە ياكى ئۇنىڭغا ئۈچ تال خام زەنجىۋىل سېلىۋىتىپ قاينىتىپ ياكى مەلھەم قىلىپ ئىچسە، سوغۇقتىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
كۆك تۇرۇپنى توغراپ، ئۇششاق چاناپ سۈيىنى چىقىرىپ، بىدە سۈيى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، قاينىتىپ ئىچسە، ساغۇچ بەلغەم كۆپ چىقىدىغان، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە شىپا قىلىدۇ.
ئاق تۇرۇپنى يالپاقلاپ توغراپ، زەنجىۋىل، ئامۇتلارنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئارلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچسە، شاخچە نەپەس يولى ياللۇغىدىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
ناۋات بىلەن ھەسەلنى قازانغا سېلىپ ئىسسىتقاندىن كىيىن، ئىزىلگەن ياڭاق مېغىزى ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ، بىر قۇتىغا قاچىلاپ قويۇپ، كۈنىگە تۆت بەش قېتىمدىن، ھەر بىر قېتىمدا بىر قۇشۇق يىسە يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
بىر تال ئامۇت، بەش گىرام چاكاندا تەييارلىنىدۇ. ئامۇتنىڭ ئوتتۇرسىنى ئېچىپ، چاكاندا سېلىنىدۇ. ئاندىن قازاندا قاينىتىلىدۇ. ئامۇت قايناپ پىشقاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى چاكاندا ئېلىۋىتىلىپ، ئارىسىدا يېغىلىپ قالغان سۈيى ئىسسىقىدا ئىچىلىدۇ. بۇ بەلغەم چىقمايدىغان قۇرۇق يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.
كۆكيۆتەل: زەيتۇن ۋە زەيتۇن يېغى.
چېچەكسەي يىلتىزىدىن 30 گىرام، گۈلسامساقتىن 40 گىرام ئېلىپ، قاقلاپ قۇرۇتۇپ، تالقان قىلىپ، ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىلمان قايناق سۇ بىلەن كۈنىگە ئىككى، ئۈچ قېتىمدىن ئېچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
10 گرام زېغىرنى سارغايتىپ ئېزىپ، ئۇنى 24 گرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، سوزۇلما يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
كۆك يۆتەل: 1 -2 تاتلىق نەشپۈتكە 50 گرام ناۋاتنى بىر چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن ئاۋۋال ئۇدا بىر ھەپتە ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
10 گرام چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى قاينىتىپ، سۈيىنى ئىستېمال قىلسا يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
پالەكنى سېرىقمايدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، يۆتەل، گال ۋە كۆكرەك يىرىڭلاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
16 گرام ئاق لەيلى ئۇرۇقىنى قايناق سۇغا چىلاپ لوئابىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارا شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ئۈچۈن شىپا بولىدۇ.
18 دانە ئەينۇلانى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسە، باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يۆتەل شىپا بولىدۇ.
10 گرام زېغىرنى سارغايتىپ ئېزىپ، ئۇنى 24 گرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، سوزۇلما يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
جاھىل خاراكتېرلىك يۆتەل يۆتەل ئۇدا بىر قانچە ھەپتە داۋاملاشسا ھەمدە كېسەل سەۋەبىنىمۇ تاپقىلى بولمىسا، بۇ ئېھتىمال قان تولۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى ياكى ئۆپكە راكىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.
قۇرۇق ئىسسىقتىن يۆتەلگەندە، ئامۇت ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىسسىق ئىچىپ بەرسە، تېز ئۈنۈم بولىدۇ.
ناۋادا باش ياستۇققا تېگىشى بىلەن قوزغىلىدىغان يۆتەل بولسا، تۇرۇپنى ئىنچىكە توغراپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ئۇ خىل يۆتەل ئىنتايىن تىزلا ساقىيىدۇ.
بىر باش سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ، مۇۋاپىقم سۇدا پىشۇرغاندىن كىيىن، ئالتە دانە سۇڭپىياز ئېقى، 15 گرام خام زەنجىۋىل سېلىپ، سۈيى بىر پىيالە قالغۇچە قاينىتىپ، تىرىپىنىمۇ قوشۇپ بىراقلا ئىستېمال قىلسا، بەدەننى تەرلىتىپ ياشارتىش، بەلغەم بوشىتىپ يۆتەلنى توختىتىش ئۈنۈمى بولىدۇ. سوغۇقتىن يۆتەلگەن، بەدىنى تىلىپ كۆپ چارچايدىغان بەلغىمى كۆپ قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
قىزىل پىيازنى ئوتقا كۆمۈپ پۇشۇرۇپ ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلسا، سوغۇقتىن بولغان يۆتەلنى توختىتىدۇ.
ئالمىنى ئوتقا كۆمۈپ پۇشۇرۇپ ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلسا يۆتەلنى توختىتىدۇ.
بىر دانە نەشپۈتنى پاكىز يۇيۇپ پوستى بىلەن بىللە ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئازراق ناۋات قوشۇپ يېسە زۇكامدىن بولغان يۆتەلنى توختىتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ.
بىر دانە نەشپۈتنى پاكىز يۇيۇپ پوستى بىلەن بىللە ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئازراق ناۋات قوشۇپ يېسە زۇكامدىن بولغان يۆتەلنى توختىتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ.
ئامۇتنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئويۇپ ئىچىگە چاكاندا سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. ئامۇت قايناپ پىشقاندا ئىچىدىكى چاكاندىنى ئېلىۋېتىپ ئىستېمال قىلسا، قۇرۇق يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
كۆك تۇرۇپنى توغراپ، يۇمشاق ئېزىپ، سۈيىنى چىقىرىپ قاينىتىپ ئىچسە يۆتەلنى توختىتىدۇ. ياكى كۆك تۇرۇپتىن تۆشۈك ئۇيۇپ ئىچىگە ھەسەل قۇيۇپ، ئوتقا قاقلاپ قىزىتىپ ئىچسە يۆتەلنى توختىتىدۇ.
ئاق تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ يالپاقلاپ، چىنىگە سېلىپ، ئۈستىگە ئىككى-ئۈچ قوشۇق شېكەر سېلىپ، بىر كېچە قويۇپ قويسا، شېكەر ئېرىپ، چىنىگە سۈيى يىغىلىدۇ، بۇنى ئېچىپ بەرسە يۆتەلنى توختىتىدۇ.
بادام يېغى
ئەسلى قائىدە بويىچە ياكى جۇۋازدا تارتىش ئۇسۇلى بويىچە يېغى ئېلىنىدۇ.
تەبىئىتى: تاتلىق بادامنىڭ يېغى ھۆل ئىسسىق، ئاچچىق بادامنىڭ يېغى قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ.
تەسىرى: ئىششىق ياندۇرىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. تارتىشىپ قالغان پەيلەرنى بوشىتىدۇ. ئاۋازنى نورماللاشتۇرىدۇ. مېڭىدىكى قۇرۇقلۇقنى يوقىتىپ ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ. قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: مېڭە ۋە باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، قۇلاق ئاغرىقى، ئۆپكە ئىششىقى، كونا يۆتەل، دەم سىقىلىش، مۇپاسىل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىچكۈزۈش، ياغلاش ۋە تېمىتىش.
يۆتەل رېتسېپى
سەۋزە، سۇڭپىياز ئېقى بىلەن سوغۇقتىن بولغان يۆتەلنى داۋالاش
بىر باش سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ، مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كېيىن، ئالتە دانە سۇڭپىياز ئېقى، 15گىرام خام زەنجىۋىل سېلىپ، سۈيى بىر پىيالە قالغۇچە قاينىتىپ، تىرپىنىمۇ قوشۇپ بىراقلا ئىستېمال قىلىنسا، بەدەننى تەرلىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىش، بەلغەم بوشىتىپ يۆتەلنى توختىتىش ئۈنۈمى بولىدۇ. شۇڭا سوغۇقتىن يۆتەلگەن، بەدىنى تىلىپ كۆپ چارچايدىغان، بەلغىمى كۆپ قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
ناۋادا باش ياستۇققا تىگىش بىلەنلا قوزغىلىدىغان يۆتەل بولسا، كۆل لوبونى ئىنچىكە توغراپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ئۇ خىل يۆتەل ئىنتايىن تېزلا ساقىيىدۇ。
15 مىللىلىتىر بىيە ئۇرۇقى لۇئابىغا 30 مىللىلىتىر ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلدۇرۇلسا بالىلاردىكى يۆتەل، كاناي ياللۇغىغا مەنپەت قىلىدۇ.
بادامنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى شىپالىق رولى
مۇۋاپىق مىقداردىكى بادام مېغىزى بىلەن ناۋاتنى بىرلىكتە سوقۇپ كاپ ئېتىپ بەرسە، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ.
ئاچچىق بادامنى مۇسەللەس بىلەن ئېزىپ ئىستېمال قىلسا، سۈيدۈك تۇتۇلۇش ۋە بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق بادام مېغىزىنى شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ئىستېمال قىلسا، نەپەس سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قوغۇن مېغىزىنى بادام مېغىزى ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە تېرىنى ېارقىرىتىپ، يۈزدىكى قارا داغلارنى يوقىتىدۇ.
كۆكيۆتەلگە 6~10گرام سامساقنى ئېزىپ، قايناق سۇ قوشۇپ، بىر كېچە تۇرغۇزغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا شېكەر سېلىپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچسە بولىدۇ.
كۆكيۆتەلنى داۋالاش تۇخۇمدىن بىر دانە ئېلىپ شاكىلىنى سويۇۋىتىپ، سوقۇلغان ناۋاتنى قوشۇپ چوكا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قايناقسۇ بىلەن ئىچىش كېرەك. كۈنىگە بىر قېتىم ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە كۆك يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
60 گرام خام زەنجىۋىلنى سوقۇپ، سۈيىنى سىقىپ چىقىرىپ، قايناق سۇغا قوشۇپ ئىچسە، كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇش، يۆتەل، بەل -پۇتلارنىڭ تېلىپ ئاغىرىشى قاتارلىقلارنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
سامساقنى ئەركەك قوينىڭ چاۋا يېغى بىلەن پىشۇرۇپ يەتتە كۈن يېسە، ساقايمىغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
ئاچچىق بادام مېغىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا نەپەس سېقىلىش يۆتەل ۋە ئۆپكە ئىششىقى قاتارلىقلار ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياڭاق چاي
خۇرۇچلار : يېڭى ياڭاق مېغىزى، قارىچاي.
دەملەش ئۇسسۇلى : يېڭى ياڭاق مېغىزىنى قايناقسۇغا چىلاپ يومىشتىپ، پۇرسىتىنى سويۇۋېتىپ، ھاۋانچىدا سوقۇپ، شىرنە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ چىنىگە ئالىمىز. ئارقىدىن ئۇنىڭ ئۈستىگە قېنىق دەملەنگەن قىزىق قارىچاي قويۇپ چوكا بىلەن قوچىيمىز. ئۇنى نان ۋە باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ئىچىشكە بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى : يۈرەك، مېڭە، بۆرەك، جىگەر قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى قوۋەتلەيدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، نىرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ئاجىزلاش، ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، بەل ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ، ئۆپكىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاپ يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
كىشمىشنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە ياكى چىلاپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، كۆكرەكنى بوشىتىپ، يۆتەل توختىتىدۇ. ئاۋازنى ساپلاشتۇرىدۇ.
ئەگەر ئەنجۈرنى سىركە بىلەن قاينىتىپ يېسە نەچچە يىللىق يۆتەلگە پايدا قىلۇر.
توخۇنىڭ بىر تال ئۆتىنى 50 مىللى قايناق سۇغا تېمىتىپ ئىچكۈزسە، باللىلاردىكى كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كونا يۆتەلگە ئۇدا يەتتە كۈن ناشتىدا سامساق پىشۇرۇپ يېسە شىپا كۆرگەي. قۇرۇق ئىسىسق مىزاجلىقلار ئاچ قورساق سامساقنى چوغدا پۇشۇرۇپ يېيىشتىن ھەزەر ئەيلىگەي.
يۆتەلگە يەرلىك كۆك ئامۇتنى چوغقا كۆمۈپ پۇشۇرۇپ يېسە ۋە ياكى تىلىپ ناۋات بىلەن بىرلەشتۇرۇپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ھەم ئامۇتنى يەپ بەرسە يۆتەلگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
يىلدا بىر پەسىل (يەنى قىش) ئاق قۇچقاچتىن 40 تال يەپ بەرسە يەنە بىر يىلغىچە قۇۋۋىتى زىيادە بولۇر. بۇ ھەم كىچىك باللاردىكى كۆك يۆتەلگە شىپا بولۇر.
قۇچقاچنىڭ پېيىنى يۇڭداپ، ئىچ – باغرىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىچىگە ئازراق قەنت سېلىپ، ئاندىن خېمىرغا يۆگەپ پىشۇرۇپ ھەر كۈنى بىرقىتىم، ئۇدا بىر نەچچە كۈن يەپ بەرسە كۆك يۆتەلنى ساقايتقىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، توخۇ ئۆتىنى شېكەرگە ئارلاشتۇرۇپ ئىچسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.
سىياداننى دائىم نانغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا، سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، نەپەس سىقىلىش، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە جىگەر، تال كېسىلىگەشىپا بولىدۇ.
بىر باش پىيازنى ئاقلاپ، يەنچىپ، ئۈچ مىسقال قۇم شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن بىر سەر قايناقسۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇدا ئىككى كۈن ئىچكۈزسە، بالىلارنىڭ يۆتەلىگە ۋە دېمى سىقىلىشىغا تېز مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئامۇتنىڭ ئازراق يېرىنى ئۇيۇپ، بەش گىرام چاكاندا سېلىپ، ئاندىن قازاندا قاينىتىپ ئامۇت پىشقاندا، ئىچىدىكى چاكاندىنىى ئېلىۋىتىپ، سۈيىنى ئىسسىقىدا ئىچىپ بەرسە بەلغەم چىقمايدىغان قۇرۇق يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
كۆك تۇرۇپنىى توغراپ يۇمشاق سۇقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ يىچىك سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسقتىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
ئاق تۇرۇپنى يالپاقلاپ توغراپ ئۇنىڭغا زەنجىۋىل، ئامۇتنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نەپەس يولى نەپەسلىنىشتىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
سەرەپىستان، تۇرۇپ يۆتەلگە پايدا قىلۇر.

qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 17:37:58

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىسا، بىر داس ئىسسىق سۇغا ئىككى قولنى تەخمىنەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا چىلاپ بەرسە، باش ئاغرىقى ئاستا-ئاستا يېنىكلەيدۇ.
زۇكام بولۇپ باش ئاغرىغاندا، لۆڭگىنى قايناق سۇغا چىلاپ، بوشراق سىقىپ تەكشى قاتلاپ، ئاغرىقنىڭ كۆز، بۇرۇن، باش ۋە بويۇنلىرىغا يەڭگىل بېسىپ بەرگەندە، باش ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
زەيتۇن يېغى بولسا ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، پەي -مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش، تاش پارچىلاش، ماددىلارنى تارقىتىش، تېرىنىڭ قۇرغاقلىقىنى تۈگىتىپ يۇمشىتىش، ھەزىم ئەزالىرىنىڭ ئېچىشىشىنى توختىتىش، چاچنى قۇۋۋەتلەش ۋە كېپەك يوقىتىش تەسىرلىرى بولۇپ كۆپىنچە پالەچ، لەقۋا، ھەر خىل بۇغۇم ئاغرىقلىرى، ئەزالارنىڭ بوشاپ كېتىشى، ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت، باش ئاغرىقى، چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.
. زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىش: ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە ئازاراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئىككى پۇتنى ئوشۇققىچە چىلاش، پۇتنى چىلىغاندا زەنجىۋىل سۈيى پۇت قىزارغىدەك ئىسسىق بولۇشى كېرەك. بۇ ئۇسۇلنىڭ سوغۇقتىن بولغان زۇكام، باش ئاغرىقى ۋە يۆتەلنى داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
كاشىم-تۇخۇم شورپىسى
ماتېرىيالى: كاشىم ئالتە گرامدىن توققۇز گرامغىچە، توخۇ تۇخۇمى ئىككى دانە.
تەييارلىنىشى ۋە ئۈنۈمى: ئىككىسىنى بىللە قاينىتىپ، تۇخۇم پىشقاندا شاكىلىنى سويۇپ، يەنە بىردەم قاينىتىدۇ. تۇخۇمنى يەپ شورپىسىنى ئىچىدۇ. مېڭە سەكتىسىدىكى باش ئاغرىقىغا ئىشلىتىلىدۇ.
بەدەننى سۈرتۈش. يىرىكرەك لۆڭگە بىلەن پۇت قىسىمدىن ئۈستىگە قاراپ بەدەننى 15 مىنۇت ئەتراپىدا يېنىك سۈرتۈپ بەرسە، قان ئايلىنىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن ۋە يۇقىرى قان بېسىم پەيدا قىلغان باش ئاغرىقىغا ئۈنۈمى بولىدۇ.
بويۇننى نەمدەپ سۈرتۈش. لۆڭگىنى سوغۇق ۋە ئىسسىق سۇغا چىلاپ يەڭگىل سىقىۋەتكەندىن كېيىن بويۇنغا سوغۇق لۆڭگىنى ھەر بىر مىنۇتتا بىر قېتىم، ئىسسىق لۆڭگىنى ھەر ئۈچ مىنۇتتا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ قويۇپ بېرىش لازىم. بۇ ئۇسۇل قان ئايلىنىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقىغا ئۈنۈمى بولىدۇ.
پۇتنى يۇيۇش. ئىككى داسقا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇ تەييارلاپ ئىككى پۇتنى ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇغا ئالماشتۇرۇپ چىلاپ بەرسە، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقىنى يېنىكلىتىشتە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
ئارام ئېلىش. ياستۇقنى ئېگىزرەك قويۇپ يېتىپ ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋەتكەندە، جىددىيلىكتىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقىنى يېنىكلىتىشتە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. باش بارماق بىلەن چېكىنى يەڭگىل ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ باش ئاغرىقىغا بەلگىلىك شىپا بولىدۇ.
ئۆينىڭ دېرىزىسىنى چوڭ ئېچىۋېتىپ ياكى بولمىسا سىرتلارغا چىقىپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئاندىن ئاستا-ئاستا نەپەس چىقىرىش. نەپەس چىقارغاندا بەدەننى ئالدىغا ئېگىپ، نەپەس ئالغاندا قەددىنى تىك تۇتۇش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلنى 10-20 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىقىنى يەڭگىللىتىشتە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
مەلۇم مىقداردىكى شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ قىيام قىلىۋالغاندىن كېيىن، ھۆل ياكى قۇرۇق شاتۇتنى سېلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ، كۈندە ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان باش ئاغرىقى، ئىشتەي تۇتۇلۇش، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەندىر مېيى
تەركىبي:%10 تويۇنغان ماي كىسلاتاسى، %12 ياغ كىسلاتاسى، %53 زىغىر كىسلاتاسى، ئاقسىل قاتارلىقلار بار.
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:ئاغرىق پەسەيتىش، يەللەرنى تارقىتىش، مەنىينى تۇمۇزلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:باشنىڭ يېرىنى ئاغرىش، ئادەتلەنگەن باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، ئىششىق قايتۇرۇش، مەنىي تۇتالماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
قىزىلگۈل مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈلدىن 140 گرام ئېلىپ، ئاستىدىكى ئاق يېرىنى قىرىپ تاشلاپ، گۈل بەرگىدىن 20 گرام ئېلىپ، چوڭ ئېغىزلىق بوتۇلكىغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا زەيتۇن مېيى ياكى كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ، 6~5-ئايلارنىڭ ئاپتىپىدا 7 كۈن تۇرغۇزۇپ گۈلى ئاقارغاندا سىقىپ، تىرىپلىرى تاشلىۋېتىلىدۇ ھەمدە ئوخشاش ئۇسۇلدا قىزىلگۈلدىن يەنە 20 گرام سېلىپ، 7 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزىلىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى ئۇدا 7 قېتىم تەكرالاپ، 49 كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن ماي پىشىپ تەييار بولىدۇ، ئاندىن ماينى سۈزۈپ پاكىز قاچىغا ئېلىپ، سالقىن جايدا ساقلاپ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى:مۆتىدىل.
خۇسۇسىيىتى:ئاغرىق پەسەيتىش، قىزىتمىنى چۈشۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:ئىسسقتىن بولغان باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ھەر خىل ئاغرىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بىنەپشە مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:ھۆل بىنەپشىنى 3 كىلو 600 گرام كۈنجۈت مېيىغا 10 كۈن چىلاپ، تۇمۇزنىڭ ئاپتىپىدا تۇرغۇزۇپ، ئاندىن سىقىپ تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ، يەنە 1000 گرام گۈلبىنەپشىنى سېلىپ، يەنە 10 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ، سىقىپ تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ، چىققان مېيىنى چەككىلەپ سۈزۈلىدۇ. پاكىز قاچىغا ئېلىپ سالقىن ساقلايمىز.
تەبىئىتى:ھۆل سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى:سەپرادىن بولغان ئاغرىقلارنى پەسەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، يۇمشىتىش، ئىششىقلارنى تاقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى، مېڭە پەردە ياللۇغى، ئەمچەك ئىششىقى، ئۇيقۇسىزلىق، قۇرۇقتىن بولغان تەشەننۇچ (ئەزالارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى)، زەھەرلىنىش، يۆتەل قاتالىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بابۇنە مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:بىر كىلوگرام ھۆل بابۇنە گۈلىگە 4 كىلوگرام كۈنجۈت يېغىنى قۇشۇپ، شېشىگە ئېلىپ، ئاپتاپتا قۇيۇپ ھەر كۈنى گۈلىنى سىقىپ، تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ، يەنە گۈل سېلىپ، 3 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن 20 كۈن ئاپتاپتا گۈلى بىلەن تۇرىدۇ. ئاندىن كىيىن گۈلىنى سىقىپ تاشلىۋېتىپ، سۈزۈپ ئېلىنىدۇ ياكى قۇرۇق بابۇنە گۈلىنى قازانغا سېلىپ، سىقىپ چىقىرىۋالغان 2 كىلوگرام سۇغا 4 كىلوگرام كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ، تاكى سۈيى تۈگەپ ياغ قالغىچە قاينىتىلىدۇ. كۆيۈپ كەتسە بولمايدۇ (ھۆل گۈلدىن 1 ھەسسە بولسا، قۇرۇق گۈلدىن يېرىم ھەسسە سېلىنىدۇ). ئاپتاپتا چىقارغىنى ياخشى.
تەبىئىتى:ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:سوغۇقتىن بولغان ئىشىشقلارنى تاقىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، مەساملارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:قىزىلئۆڭگەچ ئىشىشىقى، سەۋدا مەنبەلىك باش ئاغرىقى، بۆرەك ئىشىشقى، تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇتۇش، گاسلىق، مۇپاسىل، نىقرەس، مېڭە پەردە ئىشىشىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
سوزاپ مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:سوزاپ سۈيى 420 گرام، قىزىل قىچا، ئاقىرقەرھا 3 گرامدىن، كۈنجۈت مېيى، زەيتۇن مېيى 26 گرامدىن يۇقىرىقى دورىلارنى سوزاپ سۈيىگە چىلاپ، ئاندىن كېيىن مايلارنى قۇشۇپ، قاينىتىپ، سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا، پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:تەبىئي ھارارەتنى كۈچەيتىش، سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:پالەچ، گاس، تەشەننۇچ، باش ئاغرىقى، پاچاق ئاغرىش، تۇتقاقلىق كېسەل، قۇلاق ئاغرش، سۈيدۈك ۋە ھەيز تۇتۇلۇش قاتارلىقلاغا ئىشلىتىلىدۇ.
خەشخەش گۈلى مېيى
تەبىئىتى:سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى:پۈتۈن بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەلنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:ئىسسىقتىن بولغان بەدەن ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى، يۆتەلگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئۈزۈم سىركىسىنى باش ۋە پىشانىگە چاپسا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
قاپاق، تەرخەمەكلەرنىڭ ھۆل تىرىپلىرىنى باشقا قويسا، باش ئاغرىقىغا شىپا بۇلىدۇ.
يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى قاينىتپ بۇنىڭغا ھاجەت مىقداردا قېتىق سۈزمىسى ئارلاشتۇرۇپ ئىچىشىنى داۋام قىلسا ھەرخىل سەۋەپتىن بولغان باش ئاغرىقى، قىزىتما، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، تەسىرىگە ئىگە.
چىكىلمىگەن ئۈزۈم غورىىسىدن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇيۇپ سېقىپ، سۈيىنى چىقىرىپ يەڭگىل ئوت بىلەن ئىككى قىېتم قاينىتىپ داكا بىلەن سۈزۈپ بوتۇلكىلارغا قاچىلاپ چوڭلار كۈندە 3قېتىم 2-3قۇشۇق، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىچىسە ئىسسىق ئۆتۈش سەۋەپلىك بولغان باش ئاغرىقىنى توختۇتۇپ قىزىتما ياندۇرىدۇ.
ئۆي كەپتىرى، ياۋا كەپتەر، مازار كەپتىرى، (كۆچكەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ تەبىئىتى 2-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، بەدەننى قۇۋەتلەش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، ساپ قان پەيدا قىلىش، ئاغرىق ۋە زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. پۇت قول تىترەش، بەدەن ئاجىزلىق، كونا باش ئاغرىقى بۇغۇم ئاغرىقىغا ئىشلىتىلىدۇ، ھازىر تىلىۋىزوردا ئىلان قىلىۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار قۇۋەت تالقىنىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى، قەنىت سىيىش كىسىلىگىمۇ ناھايىتى ئوبدان مەنپەت قىلىدۇ. ئەمما دەمدەر بۇنىڭ سىرتىدا ئۇنىڭ تىنى ئاجىز مۇسكۇللىرى كۈچسىز كىلىدۇ، ئامال بار يىمەسلىك كېرەك.
باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۇسۇلى: بارمىقىڭىز بىلەن چاچنى 500 – 600 قېتىم تاراڭ.
باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۇسۇلى: قولنى قاچىدىكى قول كۆيمىگىدەك قايناق سۇغا بىر نەچچە قېتىم تىقىپلا تارتىۋېلىش كېرەك. قولنىڭ دۈمبىسىدىكى بېغىش سىزىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئويمات يەرنى بىر نەچچە مىنۇت ئۇۋۇلاش كېرەك.
باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۇسۇلى: قولنى قاچىدىكى قول كۆيمىگىدەك قايناق سۇغا بىر نەچچە قېتىم تىقىپلا تارتىۋېلىش كېرەك.
ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا ئاپلىسىننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا ياكى سىقىپ سۈيىنى كۈندە بىر پىيالىدىن ئىچسە، مەنپەت قلىدۇ.
ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا بىنەپشە يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ ئىستىمال قىلسا ياكى باشقا سۈرتۈپ بەرسە ياكى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە شىپا بۇلىدۇ.
ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا پاقا يۇپۇرمىقىدىن ئىككى چىمدىم ياكى پاقا يۇپۇرمىقىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ، بىر پىيالە قايناق سۇغا دەملەپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
پالەكنى چالا سۇقۇپ قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
خېنىنىڭ چۆپىنى سۇدا ئېزىپ پىشانىسىگە چېپىپ بەرسە باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا ئوسۇڭ يۇپۇرمىقىنى يۇمشاق سۇقۇپ، باشقا زىماد قىلسا شىپا بۇلىدۇ.
سىمىز ئوت شورپىسىنى تەييارلاپ كاكچا نان بىلەن ئىستىمال قىلسا ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
ئۆچكە سۈتىگە چىلانغان داكىنى داۋاملىق باشقا قۇيۇپ بەرسىمۇ ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا ئۈزۈم سىركىسىنى باش ۋە پىشانىگە چاپسا، ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ.
باش ئاغرىقى: كۆك تۇرۇپ شىرنىسىغا يېرىم مسقال مۇز پارچىسى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە 3قېتىمدىن ئۇدا 4-5 كۈن بۇرۇنغا بىر قانچە قېتىم تېمىتىپ بەرسە سەللىمازا ساقىيىدۇ. كاۋاۋىچىن ۋە قارىمۇچتىن پەرھىز تۇتۇش كىرەك).
بىر تۇتام يەرباغرى ئوتنى بىر پىيالە قايناق سۇدا دەملەپ سۈزۈپ، بىر سېقىم ئاق شىكەر بىلەن تاتلىقىنى چىقىرىپ ئىچىسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
توخۇ گۆشى ۋە ئۇنىڭ مېڭىسىنى ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
ھەرخىل ھۆل ئېسسىق تەبىئەتلىك سەي- كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
سۈتكە پاختىنى چۈكۈرۈپ، باش، پىشانىسىگە قويسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىز بالىلىق ئايالنىڭ سۈتى، قاپاق ئۇرىقى يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى بولسا، ئۇنى بۇرۇن، ققۇلاققا تېمىتسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىنەپشە يېغى، نىلۇپەر يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى تېپىلسا، باش- پىشانىسىگە سۈركەپ بەرسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھېلىيلە مۇرابباسى، ئامىلە مۇرابباسىنىڭ قايسى بىرى بولسا، ئۇنى ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېرىق چىچەك يېغىنى باشقا چاپسا، قۇلاق، بۇرۇنغا تېمىتسىمۇ سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇشقاچنىڭ گۆشىگە ئاچچىىق ئانارنىڭ سۈيى، ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بادام يېغى
ئەسلى قائىدە بويىچە ياكى جۇۋازدا تارتىش ئۇسۇلى بويىچە يېغى ئېلىنىدۇ.
تەبىئىتى: تاتلىق بادامنىڭ يېغى ھۆل ئىسسىق، ئاچچىق بادامنىڭ يېغى قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ.
تەسىرى: ئىششىق ياندۇرىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. تارتىشىپ قالغان پەيلەرنى بوشىتىدۇ. ئاۋازنى نورماللاشتۇرىدۇ. مېڭىدىكى قۇرۇقلۇقنى يوقىتىپ ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ. قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: مېڭە ۋە باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، قۇلاق ئاغرىقى، ئۆپكە ئىششىقى، كونا يۆتەل، دەم سىقىلىش، مۇپاسىل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىچكۈزۈش، ياغلاش ۋە تېمىتىش.
ئاغرىق پەسەيتىشنىڭ چارىسى
ئامېرىكا «ئەرلەر ساغلاملىقى» ژۇرنىلىدا ئاغرىق پەسەيتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك چارىسى كۆرسىتىلگەن:
ئېغىز كۆيۈپ قالغاندا: مۇز شوراش. «مەيلى ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولسۇن ياكى قاتتىق نەرىسلەرنى يېگەندە ئېغىز ئىچى تىلىنىپ كەتسۇن ۋە ياكى قىزىق يېمەكلىكلەرنى يەپ ئېغىز كۆيۈپ قالسۇن كىشىنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ» بۇ ۋاقىتتا ئېغىزغا مۇز سېلىپ شورىسا، ئىششىقنى يوقىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
مائۇس قول: سافانى مۇشتلاش. دائىم مائۇس ئىشلىتىدىغان ئاق ياقىلىقلار، بالا كۆتۈرىدىغان ئانىلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئاغرىق سېزىمى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئارام ئالغاندا مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، ئوتتۇراھال دەرىجىدە سافانى مۇشتىلاپ بەرسە، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغاندا: گەجگىگە مۇز تېڭىش. تۇرمۇش رېتىمىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاستىلىتىش. چۈنكى بېسىم باش ئاغرىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. گەجگىگە مۇز تېڭىپ 10-15 مىنۇتتىن كېيىن باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش پەسىيىدۇ.
زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىقى، بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىش، مۇزلاش، قىزىشقا سامساقنى سوقۇپ، سۈيىنى چىقىرىپ ئون ھەسسە سۇ قوشۇپ، بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم بۇرۇنغا تېمىتسا بولىدۇ. ياكى 10 گرامدىن سامساق، سۇڭپىيازنى ئېزىپ، قايناق سۇغا قارا شىكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسسىقىدا ئىچسە بولىدۇ.
باش ئاغرىسا ئاق تۇرۇپنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ كۈندە ئىككى قېتىمدىن بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئۈچ-تۆت كۈندە باش ئاغرىقىنى يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ. كاۋاۋىچىن، قارامۇچتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
چىلان چاي
خۇرۇچلار : يېڭى چىلان، قارىچاي.
دەملەش ئۇسۇلى : موۋاپىق مىقداردىكى قايناقسۇغا موۋاپىق مىقداردا پاكىز يۇيۇلغان چىلان سېلىپ، ئۇنى سۇس ئوتتا چىلاننىڭ تەمى چىققۇچە قاينىتىمىز ؛ ئارقىلىق ئوتتىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارىچاي سېلىپ بىرنەچچە مىنوت دەملەيمىز.
ئالاھىدىلىكى : ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى يېنىكلىتىدۇ، قاننى تازلاپ، يەلنى ھەيدەيدۇ، قان كۆپەيتىدۇ، قان بۇزلۇشتىن كېلىپ چىققان ھەرخىل كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
كۈنجۈت مېيى بىلەن ئىپارنى ئازراق قىزىتىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ.
قىزىل ۋە ئاق چىندانلارنى قارامۇچ، ئىنەك يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ.
سېرىق ھېلىلىنى يۇمشاق سوقۇپ ئەتىگەن ناشتىدا سوغۇق سۇ بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە سەپرادىن بولغان كونا باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 17:39:03

تۇخۇم شاكلىنى پاكىز يۇيۇپ ئۇششاقلاپ، بوش ئوتتا سارغايغۇچە (كۆيدۈرۈۋەتمەي) قۇرۇغاندىن كېيىن تالقانلاپ، ھەر كۈنى ئىككى، ئۈچ قېتىم تاماقتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن قايناق سۇ بىلەن ئىچكەندە، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغىغا، ئاشقازان ئاغىرىقىغا، مەيدە ئېچىشىشقا شىپا قىلىدۇ.
. ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالاش: تۇخۇم شاكىلىنى پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ ئۇۋاق قىلىپ، ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ، ھەر قېتىمدا 1. 3-3 گرامنى تاماقتىن بۇرۇن ئىلمان قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
قىزىل پۇرچاق 60گرام، شىكەر 20گرام [تەييارلاش]: قىزىل پۇرچاقنى 700گرام سۇدا قاينىتىپ ئۇستىگە شىكەرنى سىلىپ يۇمشاق پىشقاندا قاچىغا ئۇسۇپ تەييارلىنىدۇ. [شىپالىق تەسىرى]: ئاشقازان توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆسۇشىنى ياخشىلاش، ئۇچەينى سىلىقلاش، يارا ئىغىزىنى پۇتتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە. ئاشقازان يارىسى، ئۇچەي ياللۇغى، ھەزىم ناچارلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ماش 300گرام، قارا شىكەر 60گرام [تەييارلاش]: قارا شىكەرنى مۇۋاپىق سۇدا ئىرىتىپ، ئۇستىگە ماشنى سىلىپ پەس ئوتتا 10 مىنۇت قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتىش، ھەزىمنى كۇچەيتىش تەسىرى بار. ئاشقازان 12 بارماق ئۇچەي يارىسى، چوڭ تەرەتتىن قان كىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
قوينىڭ چاۋا يىغى 30 گرامنى ھەمەك نانغا ئوراپ ھەركۇنى ياكى 2 كۇندە بىرقىتىم يىيىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان تىۋىتلىرى چۇشۇپ كىتىشتىن ئاغرىغان ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ.
ئاشقازان 12 بارماق ئۇچەي يارىسىغا يېمەكلىك جەھەتتە: ئاچچىق چۇچۇك غىدىقلاش خۇسۇسيتى بولغان يىمەكلىكلەر، بەك تاتلىق، بەك قىززىق، تۇزلۇق، خام سوغۇق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، قىزىل مۇچ، قارىمۇچ، پۇرچاق، تاتلىق ياڭيۇ (خوڭشۇ)، ئاپلىسىن، لىمۇن، كۇدە، سىرىق پۇرچاق ئۇندۇرمىسى، خام پىياز، سامساق، خام تۇرۇپ، بۆلجۇرگەن، گازلىق سۇ، ئاچچىقسۇ، قەھۋە، قىنىق چاي، خاسىڭ، تۇز، سوڭپىياز، ياغدا قورىغان ۋە ياغدا قاتۇرغان يىمەكلىكلەر، تورىت، قوناق تامىقى، چىڭسەي، تۇزلانغان گۆش قاتارلىقلارنى مومكىن بولسا ئازراق ئىستىمال قىلىڭ ياكى پەرھىيز تۇتۇڭ. تاماقنى يۇمشاق چايناپ يىيش. تاماق ۋاختى، مىقدارىنىڭ تۇراقلىق قانۇنىيەتلىك بولۇشىغا ئالاھىدە دىقەت قىلىڭ.
ھەزىم بۇزۇلۇش: ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازاننىڭ مىزاجى بۇزۇلۇپ ئىشتىھاسىزلىق، سېسىق كېكىرىش، قورساق كۆپۈش، ئىچ سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك.
ئىشتەي ئىچىش چايلىقى: زېرە، جۇۋۋىنە، پىننە، لاچىندانە، بەدىيان، قەلەمپۇر. چاي دەملەپ بىر پىيالىغا بىر قوشۇق بىھى شەربىتى قۇيۇپ ئىچسە ئاشقازاننى ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئىشتەينى ئىچىپ قورساقنى ئاچۇرىدۇ. تاماق سىڭدۈردۇ.
قەۋزىيەت چايلىقى: يالپۇز، سانا، ئارپا بەدىيان، زاراڭزا چېچىگى، لاچىندانە. چاي دەملەپ سەل سوۋۇتۇپ ئاندىن بىر پىيالە چايغا بىر قوشۇق يانتاق ھەسىلى سىلىپ ئىچىلىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىدۇ. داۋاملىق ئىچىشنى ئادەت قىلسا ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.
ئەتتىگىنى ئېغىز پۇراپ قېلىشقا پايدىلىق چايلىق: لاچىندانە، يالپۇز، پىننە، جىگدە چېچىگى، قەلەمپۇر، زىرە، ئاپلىسىن پوستى، ئاقمۇچ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ سوقۇپ چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بىرىلىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلاپ بۇزۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ. ئاشقازان، ئۆت خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن بولىدىغان ئېغىز پۇراشقا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
زەنجىۋىل. تومۇزدا كۆپلىگەن كىشىلەر سەگىدەش ئۈچۈن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىۋېتىدۇ، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئاسانلا ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا زەنجىۋىل يەپ بەرگەندە، ئاشقازاننى ئىللىتىپ، سوغۇقنى ھەيدەيدۇ.
سامساقنىڭ تەمى ئاچچىق، تەسىر قىلىش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان كېسەللىكى بار كىشلەر سامساقنى كۆپ يېيىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى لازىم.
ئۈجمە يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە ئاشقازان ئاستى بېزىنى قوغداپ، ئىنسۇلىننىڭ نۇرمال ئاجىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە يۇقۇرى قان بېسىمنى ياخشىلاپ خولىستېرىن ۋە تىرىگلىتسېرىدنى ئازايتىدۇ. ئۈجمە يوپۇرمىقى چېيىنى تاماقتىن بۇرۇن ئىچىپ بەرسە تاماقتىن كىيىن قان شىكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ. تاماقتىن كىيىن ئىچسە بۇ خىل رولى بولمايدۇ.
بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ ئىلاجى: قارا ئۈجمىنىڭ مېۋىسىدىن 500 گىرام، ئاق تىكەن قاغىتى 300 گىرام، بوغداي يىلتىزى 100 گىرام، ئارپا بەدىيان ئۇرۇقىدىن 50 گىرام، جۇۋىنە ئۇرۇقىدىن 50 گىرامنى 10كىلو گىرام سۇ بىلەن پار قازىنىدا پەس ئوتتا قاينىتىپ 7كىلوگىرام پار سۈيى ئېلىنىدۇ. چوڭلارغا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن 20 گىرامغىچە ئىچىدۇ. بالىلارغا ئەھۋالغا قاراپ كېمەيتىپ بېرىلىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان يارىسى، 12بارماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالاش، ھېيىزنى نورماللاشتۇرۇش، كەمقانلىقنى داۋالاش، چوڭ- كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇزۇن مۇددەت ئىچسە بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.
ئاشقازان يارىسىنىڭ، 12بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئىلاجى: قارا ئۈژمە ئەرىقى. قارا ئۈجمىنىڭ مېۋىسىدىن 500 گىرام، ئاق تىكەن قاغىتى 300 گىرام، بوغداي يىلتىزى 100 گىرام، ئارپا بەدىيان ئۇرۇقىدىن 50 گىرام، جۇۋىنە ئۇرۇقىدىن 50 گىرامنى 10كىلو گىرام سۇ بىلەن پار قازىنىدا پەس ئوتتا قاينىتىپ 7كىلوگىرام پار سۈيى ئېلىنىدۇ. چوڭلارغا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن 20 گىرامغىچە ئىچىدۇ. بالىلارغا ئەھۋالغا قاراپ كېمەيتىپ بېرىلىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان يارىسى، 12بارماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالاش، ھېيىزنى نورماللاشتۇرۇش، كەمقانلىقنى داۋالاش، چوڭ- كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇزۇن مۇددەت ئىچسە بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.
قارا ئۈژمە- ئاق تىكەن شەربىتى. قارا ئۈژمە سۈيىدىن 2 هەسسە. ئاق تىكەن قارغىتىنىڭ سۈيىدىن بىر هەسسە ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قازاندا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ئىسسىق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى شېكەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. دورا سوۋۇغاندىن كېيىن شېشىگە قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ. ھەركۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: نامەششام قارىغۇسى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەم ئاشقازاننى كۈچەيتىش، قان كۆپەيتىش، پېسە كېسىلىنى داۋالاش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.
شاتۇت شەربىتى: شاتۇت مېۋىسىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، پەس ئوتتا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ سۈزۈلدۈرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30- 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان ئاغرىقى، كۆكسى ئاغرىقى، ئۆپكە شاخچىلىرى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ، ھېيىزنى نورماللاشتۇرىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: ھۆل شاتۇت ئورنىغا شاتۇت ۋاسالغۇسىدىن 2 هەسسە سۇغا سېلىپ يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن قويۇقلاشتۇرۇلغان شەربەتنى، يۇقارقى كۆرسەتمە بويىچە ئىچسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.
نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ ئىلاجى: شاتۇت شەربىتى: شاتۇت مېۋىسىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، پەس ئوتتا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ سۈزۈلدۈرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30- 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان ئاغرىقى، كۆكسى ئاغرىقى، ئۆپكە شاخچىلىرى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ، ھېيىزنى نورماللاشتۇرىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: ھۆل شاتۇت ئورنىغا شاتۇت ۋاسالغۇسىدىن 2 هەسسە سۇغا سېلىپ يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن قويۇقلاشتۇرۇلغان شەربەتنى، يۇقارقى كۆرسەتمە بويىچە ئىچسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.
ئاشقازاننى كۈچەيتىشنىڭ ئىلاجى: قارا ئۈژمە- ئاق تىكەن شەربىتى. قارا ئۈژمە سۈيىدىن 2 ھەسسە. ئاق تىكەن قارغىتىنىڭ سۈيىدىن بىر ھەسسە ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قازاندا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ئىسسىق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى شېكەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. دورا سوۋۇغاندىن كېيىن شېشىگە قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ. ھەركۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: نامەششام قارىغۇسى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەم ئاشقازاننى كۈچەيتىش، قان كۆپەيتىش، پېسە كېسىلىنى داۋالاش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.
0. 5گرام شاتۇت قېقى، 0. 2كىلوگرام قىزىل زىرىق، 0. 25كىلوگرام قارىئۆرۈك قېقى، 0. 2كىلوگرام يەرلىك سېرىق چىلاننى تازىلاپ ئۇرۇقسىزلاندۇرۇپ، بىر كىلو سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 15مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن 0. 25كىلوگرام شېكەر بىلەن قىيام بولغۇچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15مىللىمىتىر ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، يۇقۇرى قان بىسىم، قان قېتىشىش، بۆرەك كىسەللىكى، ئاشقازان كېسەللىكى، ئىششىقتىن بولغان كاناي ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرى شىپا تاپىدۇ.
جىگدە گۈلىنى (جىگدە چېچىكىنى) شەربەت قىلىپ ئىچىش ھەرخىل مېڭە كېسەللىكلىرىگە، كۆكرەك ئاغرىقلىرىغا، دەم سىقىلىشقا، ئۆپكە جاراھەتلىرىگە، ئاشقازان، باھنى قۇۋۋەتلەشكە، جىگەر، تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئىچىشقا، يەللەرنى تارقىتىشقا، بەزگەك كېسىلىگە، تالنىڭ بۇزۇلغىنىغا ئوبدان پايدا قىلىدۇ.
كىشىنىڭ ئاشقازىنى سەپرادىن ئاغرىغاندا بىر ياكى ئىككى سىقىم قۇرۇق يۇمغاقسۇتنى ئىستېمال قىلىپ، ئۈستىگە بۆرىنىڭ ئۆتىنى ئىچسە پايدا قىلىدۇ، ئەگەر بۇنىڭ كۆرىنەرلىك ئۈنۈمى بولمىسا، جىگدىنى ئۇن قىلىپ، سوقۇلغان تاتلىق ئانارنىڭ پوستىغا ئارىلاشتۇرۇپ ناشتىدا ئىچسە ئاشقازان كېسەللىكى ساقىيىدۇ.
كىشىنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىسا، تاماق ھەزىم بولمىسا، جىگدىگە ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئاغرىقى، ھەزىم ناچارلىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
پۇت پۇراشنى يوقۇتۇشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى داسقا ئازراق قارا چاي ۋە تۇز سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىق سۇ قويۇپ، پۇت كۆيدۈرمىگىدەك بولغاندا، پۇتنى داستىكى سۇغا چىلاپ، بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە ئۇۋۇلاپ يۇيۇپ بەرسە، ھەم مۇشۇ ئۇسۇلنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا، پۇت پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ. يۇمغاقسۈت تال، ئاشقازاننىى كۈچەيتىدۇ يۇمغاقسۈتنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تاماقنى سىڭدۈرۈپ، يەل ھەيدەش، تەرلىتىش، تالنى كۈچەيتىش، مۆتىدىللىقنى تەڭشەش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە. ئۇ تال، ئاشقازان بىئارام بولۇش، ئىشتىھاسىزلىق ئەھۋاللىرىنى ياخشىلاشتا قوشۇمچە رول ئوينىغان.
كەڭ، قىسقا، ياپلاق ھالەتتىكى تىرناق: بۇنداق تىرناق ئۈچەي ۋە ئاشقازاندا كېسەل بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
پىننىدىن 100 گىرام، چوڭ چىلاندىن 50 گىرام، قىزىلمۇچ يىلتىزىدىن 60 گىرام ئېلىپ پاكىز سۇدا قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ.
توز يېغى
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، باھنى قوزغاش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:بەلنى، جىنسىي ئەزانى، مەقئەتنى ياغلىسا، باھنى قۇزغايدۇ. بۇ ياغنى سۇ، سوزاپ، ھەسەل بىلەن قۇشۇپ قۇرساققا ۋە ئاشقازان ساھەسىگە چاچسا، قۇلۇنجى ۋە ئاشقازان ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ.
قۇستە مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:قۇستە 30 گرام، قارىمۇچ 9 گرام، پەرپىيۇن 9 گرام، ئاقىرقەرھا 12 گرام، قۇندۇز قەھرى 6. 5 گرام، كونا مۇسەللەس 300 مىللىلىتىر، زەيتۇن مېيى ياكى كۈنجۈت مېيى 150 مىللىلىتىر. قۇستە، قارىمۇچ، ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ، مۇسللەسكە بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى سۇس ئوتتا 150 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ، قازاننى چۈشۈرۈپ، سوۋۇغاندىن كېيىن سۈزۈپ، سىقىپ، دورا تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ، قايتىدىن شارابنى قازانغا قۇيۇپ، ئۈستىگە كۈنجۈ ياكى زەيتۇن مېيى قۇيۇپ، سۇس ئوتتا شاراب تۈگەپ ياغ قالغۇچە قاينىتىپ، قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، دورا سوۋۇغاندىن كېيىن بىر قېتىم سۈزۈپ تەييار قىلىنىدۇ.
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:ئاغرىق پەسەيتىش، پەينى چىڭىتىش، چاچنى قارايتىش، ئاشقازان، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:پالەچ، لەقۋا، مۇپاسىل، ئاشقازان، جىگەر كېسەللىكلىرىگە، بالدۇر چاچ ئاقىرىپ كېتىش، تەشەننۇچ قاتارلىقلاغا ئىشلىتىلىدۇ.
مەستىكى مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:30 گرام سوقۇلغان 150 مىللىلىتىر كۈنجۈت ياكى زەيتۇن مېيىغا ئارىلاشتۇرۇپ، بوتۇلكىغا قاچىلاپ، قازانغا توشقۇزۇپ سۇ قۇيۇپ، بوتۇلكىنى قايناۋاتقان قازاندا ھورداپ قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:ئىششىق ياندۇرۇش، يەللەرنى تارقىتىش، قاتتىقلىقنى يۇمشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش، كېكىرىش، ئاشقازان ئىششىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
قەلەمپۇر مېيى
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:بەش ئەزا، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان ۋە بۆرەكنى قىزىتىش خسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:ئېغىز پۇراش، چىش ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، قۇسۇش، ھېق تۇتۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
بۇزۇغا بوزۇغا مېيى
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىشىشىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۈرەك، مېڭە، ئاشقازان، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:سوغۇقتىن بولغان ئىشىشىق، باشتىكى بارلىق ئىللەتلەرگە، سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل ئاغرىقلارغا، ئاشقازان، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئادەمنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەندە، تاماق تاللاپ ئولتۇرمايدۇ، بۇنداق چاغدا تاماققا دىققەت قىلمىسا، ئاشقازان ۋە ئۈچەي زەخمىلىنىپ سالامەتلىكمىزگە خەۋپ يېتىشى مۇمكىن، شۇڭا قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندە ئازراق ئۇماچ ئىچېۋىتىپ، ئاندىن تاماق يېگەن تۈزۈك، چۈنكى ئۇماچ ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، خۇددى تامغا سۇۋاق بەرگەنگە ئوخشاش، ئاچلىق ئاشقازان سىللىق پەردە ھۈجەيرىلىرىگە بولغان زىياننى ئازايتىدۇ.
ئۇماچتىن باشقا ئۈگرە ئىچسىمۇ ئېچىرقاپ كەتكەن ئاشقازانغا باب كېلىدۇ، چۈنكى قورساق بەك ئېچىپ كەتەندە، ئاشقازان بىلەن ئۈچەينىڭ ھەزىم بولمايدىغان، ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يېتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
كاللەكبەسەي تەركىبىدە ۋىتامىن U بار بولۇپ، ئېغىز يارىسىنى داۋالاشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە. ئېغىز يارىسىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىپلا قالماي يەنە، ئاشقازان يارىسىنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
. كاللەكبەسەي مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. گال ئاغرىش، سىرتقى جاراھەت، ئاشقازان ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى بىمارلىرى كاللەكبەسەينىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلسا ياكى جاراھەت ئورنىغا سۈرتسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
ئاناناس پوستى-ئاشقازان قوغداش رولى بار.
ئاناناس پوستىدا (سىرىتىدىكى تىكىنىدىن باشقا) مول مىقداردىكى ئوزۇقلۇق تالا ۋە ۋىتامىن C ماددىسىدىن باشقا، ئاناناس پروتېئىنازانىڭ يېمەكلىكلەرنى پارچىلاش، ھەزىم قىلىش يولىدىكى ھالاكەت گۇرۇپپىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئاشقازاننى قوغداش راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار. ئاناناس پوستىدىكى ئاناناس پروتېئىنازانىڭ مىقدارى ئاناناس مېۋىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ.
ئىستېمال تەۋسىيەسى: ئاناناس پوستىدىكى قولغا سانجىلىدىغان قىسمىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، پوستى بىلەن قوشۇپ ئېزىپ سۈيىنى ئىچسمۇ ياكى ئاناناس پوستىنى شىلىپ ئېلىپ پاكىز يۇيغاندىن كېيىن قايناقسۇدا تاكى رېڭى ئۆزگەرگۈچە قاينىتىپ ئاناناس سۈيى قىلىپ ئىچسە بولىدۇ.
گلاس تەركىبىدىكى مېۋە كىسلاتاسى مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
گىلاس تەركىبىدە تۆمۈر ۋە كاروتېن ماددىلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، بەدىنى ئاجىز كىشىلەرگە نىسبەتەن قان تولۇقلاپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىگە. تاماقتىن ئىلگىرى 200-300 تال گىلاس ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار كىشىلەرگە ناھايىت پايدىسى بار.
گىلاس تەركىبىدىكى ۋىتامىن C تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇپ، ئاقارتىدۇ، قارا پىگمېنتنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، گىلاس تەركىبىدىكى مېۋە كىسلاتاسى مۈڭگۈز پەردىسى شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قىزىلمۇچ
قىزىلمۇچ ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئورۇقلاشقا ياردىمى بار.
قىزىلمۇچ تەركىبدىكى كاپزائىتسىن ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان-ئۈچەيدىكى زىيانلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تاتلىق لازا سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن C راك كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
سامساق
سامساق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي يەنە، ئاشقازان، ئۈچەي راكىنىڭ خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛
ئۇنىڭدىن باشقا، قان تومۇرلىرىنى تازىلاپ، قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
سوغۇق ئىچىملىكلەر ئاشقازان-ئۈچىيى نىسبەتەن سەزگۈر كىشىلەرنى غىدىقلايدۇ، شۇڭا بەزى كىشىلەردە ئىچىپ بولغاندىن كېيىنلا ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ قېتىق تەركىبىدىكى زەمبۇرۇغلار ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئۈچەي يولىدىكى باشقا سېللۇلۇزىنى ئېچىتىدۇ، بۇنىڭىن ھاسىل بولغان ئورگانىك كىسلاتالار ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىراق بازارالاردا سېتىلىۋاتقان قېتىق تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقرىى بولۇپ، ئاسانلا سەمرىتىۋېتىدۇ.
ئەتىگەندە ئاچ قورساققا سۇ ئىچىش
قەۋزىيەت ئىستېمال قىلغان سۇنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۈچەيدىكى يېمەكلىك قالدۇقلرىى سۇنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈپ، چوڭ ئۈچەينىڭ لۆمىلدىىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان سۇ ئىچكەندە، قەۋزىيەتنى يوقىتىدۇ، چۈنكى كەچتە ئاشقازان-ئۈچەي ئارام ئېلىش ھالىتىدە بولۇپ، ئەتىگەندە تاماق يېيىشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىكەندە، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ئادەتتىكىدىن تېزلىتىپ، سۇنى دەرھاللا چوڭ ئۈچەيگە ئەۋەتىپ، تەرەتنىڭ سۇ تەركىبىنى ئاشۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
شاكىلات تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تېئوبرومىن بار بولۇپ، قىزىلئۆڭگەچ قورىغۇچى مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ناھايىتى ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچكە كىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يالپۇز قىزىلئۆڭگەچ قورىغۇچى مۇسكۇلىنى بوشاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئېچىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ؛ ھەر قانداق تەركىبىدە يالپۇز بار نەرسىلەردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك؛ مەسىلەن: يالپۇز چېيى، يالپۇز كەمپۈت ۋە يالپۇز تەملىك سېغىز قاتارلىقلار.
لاكتوزا ماس كەلمەيدىغانلار، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان بىئاراملىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
بىراق قېتىق، قاتتىق ئېرىمچىك ياكى لاكتوزا مىقدارى تۆۋەن كالا سۈتىنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
شوخلىنىڭ كىسلاتالىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاشقازاننى غىدىقلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسى ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىن.
شۇڭا، شوخلىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان ۋە مەيدىسى ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ شوخلا قىيامىمۇ ئوخشاش تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
قەھۋە ئاشقازاننى غىدىقلاپ، كۆپلىگەن ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ۋە ئاشقازان تېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
بولۇپمۇ، ئاشقازان يارىسى ۋە مەيدىسى ئېچىشىش كېسەللىكلىرى بىمارلىرى قەھۋەنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەركىبىدە كوفىئىن بار ئىچىملىكلەرنىمۇ ئاز ئىچىش كېرەك.
سوغۇق ئىچىملىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىچكەندە، ئاشقازان تېمپۇراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى ۋە ھەزىم قىلىش رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ شۇڭا غىزالانغاندا، چاي ۋە ئىسسىق لىمون سۈيى قاتارلىق ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى ئچىىش، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارىسىدا ئىچىش لازىم.
اغ تەركىبى زىيادە يۇقىرى يېمەكلىكلەر، مەسىلەن مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، ئاشقازان ئېچىشىش ۋە ئۈچەي غىدىقلىنىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش پۇرسىتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ؛
چۈنكى، ياغ تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر ناھايىتى تەستە ھەزىم بولىدىغانلىقتىن، بەدەن ئاپتوماتىك ھالدا تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ؛ ئوخشاشلا زىيادە كۆپ غىزالىنىشمۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ زىيادە ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
بانان تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسىنى غىدىقلىشىنى يەڭگىللىتىپ، يېپىشقاق پەردە ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ھەر خىل ئاشقازان-ئۈچەي يارىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئاشقازان-ئۈچەينى ئىسسىق قاپلاشتىن كېلىپ چىققان قەۋزىيەت، يۈزى قىزىرىپ، بەدىنى ئىسسىپ كېتىش ياكى قورساق كۆپۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن ماس كېلىدۇ؛.
كۆپ يۆتىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن كېسەلنىڭ سەۋەبىنى تېپىش؛ ناۋادا ھەزىم ناچارلىشىپ ئاشقازان كۆپسە، ئاشقازان ئاغرىسا دەرھال تەكشۈرتۈش؛ تۇزلۇق يېمەكلىك، ھاراق، تاماكا، قەھۋە، قېنىق دەملەنگەن چاي، ئاچچىق-چۈچۈكتىن ھەزەر ئەيلەش؛ كالا سۈتى ۋە قايناق سۇغا ئوخشاش ئاشقازانغا پايدىلىق نەرسىلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك.
ھۆل ئىسسىقتىن بولغان زۇكام: تىل گېزى سارغىيىپ، تىل قېلىنلاش، يېپىشقاق ياغسىمان شۆلگەي قاپلاش، سوغۇقتىن قورقۇش، قىزىش، باش ئاغرىش، مەيدە سىقىلىش، ئاشقازان-ئۈچەي نورمالسىزلىنىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسۇش، قورساق غۇرۇلداش، ئىچ سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
چىلاننى قازاندا قورۇپ قارىدىغاندىن كېيىن دەملەپ ئىچسە، ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ كېتىش ۋە ئاشقازان ئاغرىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
ئاشقازان ئاغىرقىغا نۇقۇتنى يۇمشاق سۇقۇپ، سوغوق سۇ بىلەن ئىچسە ئاغىرىقى ساقىيىپ كىتىدۇ. بۇغۇز ئىچىگە يارا چىقىپ ئېغىزئالمىسا تىڭشۇرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ بۇغۇز ئىچىگە پۈركىسە ئېغىز ئالىدۇ. ( ئۇ ئېغىزدىن پۈركىلىدۇ).
دورا يەپ بولۇپلا دەرھال ئۇخلىسا، دورا قىزىلئۆڭگەچكە چاپلىشىپ قېلىپ ئاشقازانغا تولۇق يېتىپ بارالماي، دورىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم دورىلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچنى غىدىقلاش تەسىرى كۈچلۈك بولغاچقا، قىزىلئۆڭگەچتە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرسا، قىزىلئۆڭگەچنى زەخمىلەندۈرۈپ، يارا پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
غىزالىنىشتىن بۇرۇن يۈزىنى يۇسا، قورساق ئېسىلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ
يازدا تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىزلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا قورساق ئېسىلىش پەيدا بولىدۇ. قورساق ئېسىلسا، ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ۋە ئاغرىش، سانجىق تۇرۇپ قېلىشنى پەيدا قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، غىزالىنىشتىن 15 مىنۇت بۇرۇن يۈزىنى يۇسا ۋە يۈز، مۈرە قىسمىنى ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتىپ يېنىك ئۇۋىلىسا، قورساق ئېسىلىشكە مەنپەئەت قىلىدىكەن.
ئۆتىدە تاش بولغانلار، ئۆت خالتا ياللۇغى، سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بولۇپ قالغانلار قىزىلمۇچ يېمەسلىكى كېرەك. قىزىلمۇچنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبلىك ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىدۇ. ئۆت خالتىسى يىغىلىپ قالىدۇ، ئۆت يولى ئېغىزى مۇسكۇلى تارتىىشىپ قېلىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىرىلىشى قىيىن بولىدۇ.
سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، قىزىلئۆڭگەچ يەللىكى بارلار قىزىلمۇچ يېمەسلىكى كېرەك. قىزىلمۇچنىڭ غىدىقلاش رولى بولغاچقا، ئۇ قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سامساق: ئاچ قورساققا سامساق يېگەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسى، ئۈچەي دىۋارىنى قاتتىق غىدىقلاپ، قورساقنى ئاغرىتىدۇ.
دولانا، ئاپېلسىن: دولانا، ئاپېلسىن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مېۋە كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇنى ئاچ قورساققا يېگەندە، ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، قورساق كۆپۈش، سېرىق سۇ يېنىش، ھەتتا ئېغىر ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چاي: ئاچ قورساققا چاي ئىچكەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى تېخىمۇ سۇيۇلدۇرۇۋېتىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە يۈرەك ئېغىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىچى تىتىلداشتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھاراق: ئاچ قورساققا ھاراق ئىچكەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەركىبى: بەدىيان 3-5گرام.
تەسىرى: ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، يەلنى تارقىتىدۇ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا سوقۇپ، كۈندە ئۈچ ۋاخ قارا چاي بىلەن دەملەپ ئىچىلىدۇ.
تەركىبى: بەدىيان، جۇۋىنە مۇۋاپىق مىقدارى.
تەسىرى: ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: ھەركۈنى ئەتىگەندە قارا چاي بىلەن دەملەپ ئىچىلىدۇ.
تەركىبى: ئوغرىتىكەن، زىرە، قۇرۇتۇلغان پىننە، جۇۋىنە، بەدىيان مۇۋاپىق مىقداردا.
تەسىرى: ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، يەلنى ھەيدەيدۇ، ئاشقازاننى قىزىتىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇدا مۇۋاپىق دەملەپ ئىچىلىدۇ.
تەركىبى: بەدىيان، رۇمبەدىيان، لاچىندانە مۇۋاپىق مىقداردا.
تەسىرى: ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، يەلنى ھەيدەيدۇ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا سوقۇپ ھەركۈنى دەملەپ ئىچىلىدۇ.
تەركىبى: زىرە، جۇۋىنە، پىننە، لاچىندانە، بەدىيان 10 گرامدىن.
تەسىرى: ئاشقازاننى قىزىتىپ، زىيادە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا سوقۇپ، ھەركۈنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بېرىلىدۇ.
تەركىبى: پىلپىل 10 گرام، رومبەدىيان، خولىنجان، زەنجىۋىل، جۇۋىنە، كەرەپشە ئۇرۇقى 6 گرامدىن، بەدىيان 3 گرام.
تەسىرى: ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، يەلنى ھەيدەيدۇ، ئاشقازاننى ئاسراپ، ھەرخىل يەللىك ئاشقازان كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: سوقۇپ ھەركۈنى دەملەپ ئىچىلىدۇ.
بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قىلىشىدىكى سەۋەبلەر: 1. ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى؛ 2. باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش؛ 3. پارازىت قۇرتتىن يۇقۇملىنىش؛ 4. ئانتىبىئوتىكلارنى ئىچكۈزۈش؛ 5. مېۋە شەربىتىنى كۆپ ئىچكۈزۈش؛ 6. سۈت پاراشۇكىنى تەڭشەش مۇۋاپىق بولماسلىق؛ 7. سۈتتىن زىيادە سىزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش؛ 8. سويا (دادۇر)دىن زىيادە سىزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش؛ 9. ئىممونىتېت ئەملەش؛ 10. قۇلاق قىسمى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار. قىسقىسى بالىنىڭ ئىچى سۈرۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبى كۆپ، ئانىلار چوقۇم ۋاقتىدا سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، توغرا تەدبىر قوللانغاندىلا، ئاندىن تېز ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
كالپۇكنىڭ سېزىمى ياخشى بولمىسا، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ
كالپۇكنىڭ سېزىمى ياخشى بولمىسا، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تاماكا، ھاراق بەدەندىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قۇۋۋىتىنى خورىتىدۇ، ئاشقازان، يۈرەك، جىگەر، ئۆپكە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا، بۆرەككە بولغان زىيىنى چوڭ بولۇپ، بۆرەك زەئىپلىكى، بۆرەك نورمالسىزلىقى، بۆرەك يىگىلەش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاشقازان ئاغىرقىغا نۇقۇتنى يۇمشاق سۇقۇپ، سوغوق سۇ بىلەن ئىچسە ئاغىرىقى ساقىيىپ كىتىدۇ. بۇغۇز ئىچىگە يارا چىقىپ ئېغىزئالمىسا تىڭشۇرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ بۇغۇز ئىچىگە پۈركىسە ئېغىز ئالىدۇ. ( ئۇ ئېغىزدىن پۈركىلىدۇ)
زىغىر، قارمۇچ، زەنجىۋىل، جۆيىزنىڭ ھەر قايسىسىدىن 30 گىرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ ئىككى ھەسسە ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ، مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم 10 گىرامدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە بۆرەك، ئاشقازاننى قۇۋەتلەپ، ئاشقازاندىكى يەللەرنى قايتۇرىدۇ.
ھەسەل ئايرىپ ئېلىنغان شېكەر ياكى ساخاروزىدەك ئاشقازاندا ئېچىمايدۇ، شۇڭا ھەسەل ئىستېمال قىلغاندا باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋپى بولمايدۇ.
جىگەر ياكى ئۆت خالتىسىدا كېسەل بولسا، ئاشقازان، ئۈچەي ئاجرىتىپ چىقارغان ئۆت سۇيۇقلۇقى توسالغۇغا ئۇچراپ سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا سۈيدۈك تەركىبىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىپ سۈيدۈك چاي رەڭگىدە كېلىدۇ.
ئېغىز پۇراش
ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللەر ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، چىش ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، چىشنى قۇرت يېيىش، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىق كېسەللەردىنمۇ ئېغىز پۇراش كېلىپ چىقىدۇ. يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش ئۈچەي، ئاشقازاننى تازىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، زۆرۈر بولغاندا ۋىتامىن B، C ۋە سىنىك تولۇقلاش كېرەك.
ئېغىز لاۋزىلىشىش
بۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسىلى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى كېسىلى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنت — سىنىك كەمچىل بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. يۇقىرىقى كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توخۇ، بېلىق، يېڭى كۆكتات، مېۋە قاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق، ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، شۇنداقلا ھەر قېتىم تاماقتىن كېيىن ئىككى – ئۈچ تال دولانە يەپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئېغىز چۈچۈمەللىشىش
ئېغىزنىڭ چۈچۈمەللىشىشى ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئىپادىسى. ئاشقازان كىسلاتاسى ئارتىپ كەتكەنلەر كىسلاتالىق ياكى يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى چەكلەپ، شوۋىگۈرۈچ، ئۈگرە، بولكا قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
ئېغىز ئاچچىقلىشىش
ئۆت سۇيۇقلۇقى مېتابولىزىمىنىڭ نورمالسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئېغىز ئاچچىقلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. ئېغىز ئاچچىقلىشىش كۆپ ھاللاردا جىددىي، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر پالەكنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. پالەكنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، يېيىشلىك بولۇپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، ئۈچەي، ئاشقازاننى تازىلاش، ئىسسىقنى ھەيدەش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە، ئۇ يەنە قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان ئۇسساش، ئېغىز ئاچچىق بولۇپ گال قۇرۇش قاتارلىق كېسەللەرنى قوشۇمچە داۋالاش رولىغا ئىگە.
ئۈزۈم بىلەن سۈتنى تەڭ ئىستېمال قىلشقا بولمايدۇ. سۈتتىكى بەزى ماددىلار ئۈزۈمدىكى ۋىتامىن C بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ ئاشقازاننى زەخىملەندۈرۈپ، ئىچ سۈرۈش، قوسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈزۈم يەپ بولۇپلا سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. ئۈزۈم ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولغاچقا، ئۈزۈم يەپ بولۇپلا سۇ ئىچكەندە، ئاشقازان كىسلاتاسىنى سۇيۇلدۇرۇۋېتىدۇ. ئۈزۈم بىلەن سۇ ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن ئوكسىدلىنىپ، ئۈچەينىڭ غىدىقلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئومومىي بەدەننى سوغۇقلۇق قاپلاپ قان سوۋۇش سەۋەبىدىن بولغان ئاشقازان، بۆرەك، بالياتقۇ ئاجىزلىغان كىشىلەر ئۈچۈن كەپتەر شورپىشى تەييارلاشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: قانات-قۇيرۇقلىرى تولۇق يېتىلگەن، لىكىن راۋۇرۇس ئۇچقىدەك بولمىغان كەپتەر باچكىسىنى بىسمىللا بىلەن ئۆلتۈرۈپ، پاكىز تازىلاپ ئىككى چىنە سۇدا پۇشۇرىمىز. بۇنىڭغا قوشۇلىدىغان دورا-دەرمەكلەردىن: قەلەمپۇر 4 تال، پىلپىل 1 تال، بۇغا مۈڭگۈزى 4 يالپاق، زەپە بىرگىرامنىڭ 5/1، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، زەنجىۋىل، قارامۇچ كىچىك بىر چىمدىمدىن، سەككىزقۇلاق بىرتال، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، پىياز قاتارلىقلار سىلىنىدۇ.
بەدىنى سوغۇق ھېس قىلىدىغان، جىنسىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئاشقازان ياللۇقى، ئۇيقۇسى كۆپ، ھارغىن ھېس قىلىدىغانلار، بالياتقۇ، جىنسىي يولى ياللۇقىغا گىرىپتار بولغان، ئاق خۇن كۆپ كىلىدىغان، بەل-پۇت تىلىپ ئاغرىيدىغان، جىنسىي ھېسياتى سۇسلىغانلار ئىككى كۈندە بىر قېتىمدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە قۇۋۋەتنىڭ ئەسلىگە كىلىشگە كۆپ ياردىمى بولىدۇ. يۇقۇرى قان بېسىمى بىمارلىرى، كىچىك بالىلار ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك.
ئۇزۇن يىللىق ئاشقازان كېسىلى بار كىشىلەر توڭ بېھىدىن 3-4 تىلىپ پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ، سۇيۇقلۇق سىقىپ چىقىرىش ماشىنىسىدا سۈيىنى چىقىرىپ، ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، كۆپ دېگەندە نەچچە ئون كۇلى بىھىسىنى يېگەندىن كېيىن، ئاشقازان كېسىلى سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ.
ماغدۇرسىزلىقتىن بولغان ئىچى سۈرۈش: بۇ خىل ئىچى سۈرۈشتە باش قېيىش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، قورساق كۆركىراش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، لوڭيەن مېۋىسىدىن 100 گىرامنى (مېۋە شۆپىكىدىن ئازراق قوشۇپ) يەپ بەرسە، ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەگەر ئىچى سۈرگەن بولسا، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
يېمەكلىكتىن ئىچى سۈرۈش: بۇنىڭدا ئوزۇقلۇق بىر ئاز ئېشىپ كەتسىلا ئىچى سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ تال، ئاشقازان ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىلىرىنىڭ بىنورماللىقىنىڭ ئىپادىسى. ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بېسىمۇقنى قورۇپ ياكى سۇدا پىشۇرۇپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە كۈنىگە ئىككى قېتىم، نورمال مىقداردا ئىچىپ بەرسە، ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
بۇرۇن ئۇچىغا دانىخورەك چىقسا، سەۋەبى : ئاشقازاننى قۇرۇق ئىسسىق قاپلاپ كېتىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق. داۋالاش ئۇسۇلى : سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش.
گىلاسنى ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن، ئۆپكىسى ئىششىپ يۆتەلگەنلەر ئاز يېيىشى، شېكەر تاركىبىمۇ مول بولغاچقا، دىئابىت ئاغرىقلىرى كۆپرەك يېيىشتىن ساقلىنىشى، ئادەتتىكى ئادەملەر كۈنىگە بىر قانچە تال يەپ بېرىشى كېرەك. بەك كۆپ يەۋەتسە ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ.
گىلاستا تۆمۈر ماددىسى مول بولغاچقا، مىجەزنى تەڭشەيدىكەن. پۇت-قوللىرى مۇزلايدىغان، تېنى ئاجىز، سوغۇقتىن بەل، پۇت بوغۇملىرى ئاغرىيدىغانلار كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە تال، ئاشقازانلارنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بولۇپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىققا شىپا بولىدىكەن.
نېلۇپەر غوزىسىدىن 3 دانە، ئەينۇلا، چىلانلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 دانىدىن، تەمرىھىندىدىن 30 گرام، بىنەپشە گۈلىدىن 15 گرام ئېلىپ چالا سوقۇپ، 1 كىلوگرام سۇغا 1 سوتكا چىلاپ، ئاندىن قاينىتىپ مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە مەلۇم مىقداردا ئىستىمال قىلسا، مڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرىدۇ، ئاشقازان خىزمىتىنى نۇرماللاشتۇرىدۇ. جىگەرنى كۈچلەندۇرۈپ قان ۋەسەپرادىن بولغان تەرتىپسىز قىزىتمىغا شىپا بپلىدۇ،
ئاشقازان كۆپۈپ ياكى كۈيۈپ ئاغرىسا، زىرىنى قايناقسۇغا سېلىپ دەملەپ ئىچىسە شىپا قىلىدۇ.
ياڭاق مۇرابباسىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلسا، ئاشقازان يارىسى، بەدەندە ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12گرام ئالما پوستىنى قاينىتىپ ياكى دەملەپ ئىچسە ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىش، ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىمۇچنى سوقۇپ تاسقاپ، سىپۇپ (تالقان) تەييارلاپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
ياڭاق مېغىزىنى ھەر كۈنى 3~2 قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا چايناپ بەرسە، ئاشقازان كېسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىش ۋە ئاشقازان يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاشقازان ئاغرىش: قىزىل تۇخۇمدىن 20نىڭ شاكىلىنى كاھىش ئۈستىدە قويۇپ ئوتتا قىزىتىپ، يۇمشاق ئۇۋاپ، ھەر كۈنى تاماقتىن بۇرۇن شېكەر سۈيى بىلەن بىر قوشۇقتىن ئىچىۋېتىمىز، بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئىچىپ تۈگىتىمىز. بۇ ئۇسۇل يەنە كالتسىي تولۇقلاش ۋە كۆمۈرچەك ئاغرىقىنى داۋالاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئاشقازان قىسمى بىئارام بولۇش يۈرەك كېسىلىدىمۇ ئاشقازان بىئارام بولىدۇ، ئەمما ئاشقازان كېسىلىدىكىدەك مۇجۇپ ئاغرىش ۋە قاتتىق ئاغرىش ئاز كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە كۆيۈپ ئاغرىيدۇ ۋە كۆڭلى ئاينىيدۇ.
كالپۇكى سەزمەس بولۇپ قېلىش كالپۇكى قولىشىش، تامىقى ئازلاپ، ئورۇقلاپ كېتىش ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاشقازان ئاستى بېزىدە مەسىلە كۆرۈلسە، ئاشقازانغا تەسىر قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كالپۇك قۇرغاقلىشىپ، سەزمەس بولۇپ قالىدۇ.
ئاشقازان ئاغرىسا، ئەتىياز پەسلىدە ئېرىق بويلىرىدا يېڭى ئۆسۈپ چىققان يالپۇزنى قارا گۆش بىلەن ئۇدا بىر نەچچە مەرتىۋە چۆچۈرە ئىتىپ يېسە پايدا قىلىدۇ.
قاپاق(چۆمۈچ) ئۇرۇقىنى يېسە، ئىسسىقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى شىپا تاپىدۇ.
تاماقتىن ئىلگىرىكى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا بىر ئىستاكان سۇۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچسە، ئاشقازان- ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بۆرەكنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان يېمەكلىكلەر
تەرخەمەك: ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولۇپ، سۈيدۈك يولىنى تازىلاپ، بۆرەكنىڭ سۈيدۈك يولىدىكى زەھەرنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاۋا ماددىسى، تەرخەمەك كىسلاتاسى ئۆپكە، ئاشقازان، جىگەر قاتارلىقلارنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

گىلاس:ئەڭ قىممەتلىك دورىلىق يېمەكلىك بولۇپ، بۆرەكنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ يەنە تەرەت راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر
سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېلىمى سىماب بىلەن بىرىكىپ، قاندىكى سىماب ئىيونىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. كۈندە ئازراق سەۋزە ئىستىمال قىلىنسا، ئاشقازاندىكى قان ئايلىنىشىنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، كېسەل پەيدا قىلىدىغان قېرىتقۇچى ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ.
سامساق:سامساقتىكى ئالاھىدە تەركىب بەدەندىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ.
ئۈزۈم:جىگەر، ئۈچەي، ئاشقازاننڭ بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە قاننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كۈچەيتىدۇ.
ئەنجۈر:تەركىبىدە ئورگانىك كىسلاتا ۋە كۆپ خىل ئېنزىم بولۇپ، جىگەرنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئاشقازاندىكى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
قۇستە يېغى
تەركىبى:قۇستە 30گرام قۇندۇز قەھرى 6. 5 گرام
پىلپىل 12 گرام كونا مۇسەللەس 300مىللىلىتىر
پەرپىيۇن 12گرام زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغى 150 مىللىلىتىر ئاقىرقەرھا 12 گرام
تەييارلىنىشى: قۇستە، پىلپىل، ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ، مۇسەللەسكە بىر كېچە چىلاپ ئەتىسى 150 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ ئاندىن سۇۋۇتۇپ سۈزۈلىدۇ. سىقىپ دورا تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ مۇسەللەسنى قايتىدىن قازانغا قۇيۇپ ئۈستىگە كۈنجۈت ياكى زەيتۇن يېغىنى قويۇپ، مۇسەللەس تۈگەپ ياغ قالغۇچە قاينىتىپ، ئارقىدىن قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ قازانغا سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. دورا سۇۋۇغاندىن كېيىن بىر قېتىم سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى ؛ قۇرۇق ئىسسىق.
تەسىرى: ئاغرىق پەسەيتىش، پەينى چىڭىتىش، چاچنى قارايتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە.
ئىسلىتىدىغان كېسەللىكلەر: لەقۋا، پالەچلەرگە، مۇپاسىل، ئاشقازان، جىگەر ئاغرىقلىرىغا، ئاق چاچلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
قەلەمپۇر مېيى
قەلەمپۇر 280 گرام سۇ 1680 مىللىلىتىر تۇز 24 گرام
تەييارلىنىشى: قەلەمپۇرنى سۇغا چىلاپ، ئۈستىگە تۇزنى سېلىپ ئوت ئۈستىدە قويۇش ياكى ئاتنىڭ قىغىغا كۆمۈش ئارقىلىق تاكى يۇمشاپ خېمىردەك ھالغا كەلگىچە ئىسسىقلىق بېرىلىدۇ، ئاندىن ئىمبىق ياكى پار قازىنى بىلەن پارلاندۇرۇپ تامچىلىتىپ ئېلىنغان سۇيۇقلۇق ئۈستىدىكى يېغى ئايرىۋېلىنىدۇ.
تەسىرى: روھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، جاراھەتلەرگە ئىشلىتىلگەندە گۆش ئۈندۈرىدۇ.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:سۇغۇقتىن بولغان جىگەر كېسەللىكى ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى، مېڭە كېسەللىكى ۋە كۆزنىڭ كۆرۈشى ئاجىز كېسەللىكلەرگە رېماتىزىم ئاغرىقلىرى، پەتەق ئاغرىقلىرى، چىش ئاغرىقىغا ھەمدە سەۋداۋى كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى: كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىچىشكە ياكى سىرتىدىن ياغلاشقا بۇيرۇلىدۇ. كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىز كىشىلەرگە ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. قالغان كېسەللەرگە ياغلاشقا بۇيرۇلىدۇ.
ئەسكەرتىش:قەلەمپۇر يېغىنىڭ كۈچى بىلسان يېغىدىن ئاجىزراق، بىلسان يېغى تېپىلمىغاندا قەلەمپۇر يېغى ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

دورىنى زەھەرگە ئايلاندۇرىدىغان 14 خىل يېمەكلىك
1. دورا ئىچكەندە تاماكا چەكمەڭ.
2. ئاسپىرىننى ھاراق ۋە مېۋە شەربىتى بىلەن بىللە ئىچمەڭ.
3. بىربىرېن (黄连素) نى چاي بىلەن ئىچمەڭ.
4. بىروفىن (布洛芬) نى قەھۋە ياكى كولا بىلەن ئىچمەڭ.
5. ئانتىبىيوتىك (抗菌素) دورىلارنى سۈت ياكى مېۋە شەربەتلىرى بىلەن ئىچمەڭ.
6. كالتسىينى پالەك بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماڭ.
7. زىيادە سەزگۈرلۈككە قارشى دورىلارنى ئېرىمچىك بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماڭ.
8. ئىچ سۈرۈشنى توختاتقۇچى دورىلارنى سۈت بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماڭ.
9. ئاشقازاننى كۈچەيتكۈچى ئاچچىق دورىلارنى تاتلىق يېمەكلىك بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماڭ.
10. سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدىغان دورىلارنى بانان ۋە ئاپىلسېن بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماڭ.
11. ۋېتامىن C بىلەن راكنى بىللە ئىستېمال قىلماڭ.
12. قۇۋۋەتلەندۈرۈش تۈرىدىكى جۇڭيى دورىلىرىنى تۇرۇپ بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماڭ.
13. قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئاپىلسېن شەربىتى بىلەن بىللە ئىچمەڭ.
14. فېرمىنلىق دورىلارنى ئىسسىق سۇ بىلەن ئىچمەڭ.
بەش ئەزا سەزگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلەر
1. كۆز تۇيۇقسىز نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىش. بۇ، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى.
2. پۇراش سەزگۈسى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىش. بۇ، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، مەسىلەن، زۇكام بولغاندا بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك پۇرىقى پۇرىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ، ئۆپكىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
3. كالپۇك سەزگۈسى گاللىشىپ قېلىش. بۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئاشقازان زەخمەتكە ئۇچرىغاندا، كالپۇك قۇرۇش، يېرىلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.
4. قۇلاق ئېغىرلاپ قېلىش. بۇ، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى، كۆپىنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەردە بۆرىكى توسالغۇغا ئۇچراشتىن ئىبارەت ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، شۇڭا قادىلىپ ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.
5. تەم سەزگۈسى گاللىشىش. بۇ، يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئېغىز قۇرۇغان، يېمەكلىكنىڭ تەمىنى بىلەلمىگەن چاغدا، يۈرەكتە كېسەل ئالامىتى يۈز بېرىشكە دىققەت قىلىش لازىم.

ئېغىز ئېچىشىش
ئۆپكە يىگىلەش ياكى ئاشقازاننى ئىسسىق ئېلىپ كېتىش ئېغىز ئېچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، نېرۋا فۇنكسىيەسى بۇزۇلۇش كېسىلى، كېلىماكتېرىيە ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردىمۇ ئېغىز ئېچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئاق ئامۇتنى پاكىز يۇيۇپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئىچىگە ھەششەتۇلھەجەل (川贝)، ناۋات، ھەسەل قاتارلىقلارنى قۇيۇپ دۈملەپ يېسە ئېغىز ئېچىشىشنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
بىينىڭ ئىزىپ چىقىرىغان سۈيىنى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلسا كۆڭۈلنى ئېچىپ ھارغىنلىقنى باسىىدۇ، ئاشقازاننى كۈچلەندۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، تەشنالىقنى قاندۇرىدۇ.
بىينىڭ ئىزىپ چىقىرىلغان سۈيىدە مۇۋاپىق مىقداردىكى شىكەر بىلەن قائىدە بۇيىچە شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلسا جىددى ۋە سۇزۇلما تىپتىكى ئاشقازان ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرگە شىپا بولىدۇ.
تۆگە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، دەم سىقىلىش، زىققا، كاناي ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشىش، جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى، جىگەرنى ماي قاپلاش، جىگەر راكى قاتارلىقلارغا ئوبدانلا مەنپەئەت قىلىپ، ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ. مەسىلەن، ئاشقازان-ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئاقسىلنىڭ تولۇقلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم باھنى قۇۋۋەتلەپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى ۋاقتىدا سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىپ، قورساققا سۇ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغاندىن سىرت، تالنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، قاننى تازىلاپ، پۈتۈن ئورگانىزىمنىڭ ساغلام بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
گازىر مېغىزىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلەمسىز؟
گازىر مېغىزىنىڭ تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرۇق ئىسسىق. ئىششىق ياندۇرۇش، مېڭە، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرى ئېچىش ۋە تازىلاش، مېڭە، پەيلەرنىڭ سوغۇقتىن ئاغرىشى ۋە چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ؛ ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، باھنى كۈچەيتىش ؛ سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش؛ ئۇششاق تاشلارنى ئېرىتىش رولى بار.
ئىشلىتىلىشى: قان بېسىم، تاجىسىمان قان تومۇر قېتىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: گازىر مېغىزىنى كۆپ يېسە، قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىق كىشلەرگە زىيان قىلىدۇ. باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىش، باش ئاغرىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ چاغدا ھەسەلنى قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىچسە، ئەكىس تەسىرنى پەسەيتىدۇ.
ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېمەكلىكلەر
ماروژنا. ماروژنا تەركىبىدە ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېگەندە، بەدەننىڭ ماينى كۆيدۈرۈشىگە يېتەرلىك ۋاقىت بولمىغانلىقتىن، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سامساق. ئۇخلاشتىن بۇرۇن سامساق يېگەندە، ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، ئاشقازان بىئارام بولىدۇ.
شاكىلات. شاكىلات تەركىبىدە قەھۋە ماددىسى بولغاچقا، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چىنىقىشتىن بۇرۇن قەھۋە ئىچمەڭ
قەھۋەنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، سەگەكلەشتۈرۈش رولى بار. قەھۋەنى ئىچىپ بولۇپلا چېنىقسا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، شۇڭا قەھۋەنى ئىچىپ 40 مىنۇتتىن كېيىن چېنىقىش كېرەك.
30 مىللىلىتىر بىيە شەربىتىگە زىخ سۈيىدىن 30 مىللىلىتىر، يۇمشاق سۇقۇلغان مەستىكىدىن ئالتە گىرام ئارلاشتۇرۇپ، كۈندە ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىستىمال قىلسا ئۆتكۈر تىپتىكى ئىچ ئۆتكۈ، قان تولغاق، ئۈچەي ياللۇغى، ئۈچەي يارىسى، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىق كىسەلىكلەرگە مەنپەت قىلىدۇ.
چېچەكسەينى كۆپ يېسە زېھنى ئاجىزلىشىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ
يېقىنقى بىر قېتىملىق تەتقىقاتتا چېچەكسەينىڭ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش، مېڭە ئاجىزلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رولى بارلىقى ئىسپاتلاندى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېچەكسەينىڭ يەنە قان توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، مېڭىنى تىنچلاندۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار. ئۇنىڭ چېچىكى، غولى، يوپۇرمىقى، يىلتىزى دورىغا قوشۇلىدۇ، ئۇنىڭ يىلتىزى بىلەن قوي گۆشى، توخۇ گۆشى پىشۇرسا، قان ئازلىقنى ۋە ياشانغانلارنىڭ باش قېيىشنى داۋالاشتا ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
سامساق ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
دائىم سامساق ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەردە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ، چۈنكى سامساق ئاشقازاندىكى نىترىتوئىدنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇشىدا نىترىتوئىد مۇھىم سەۋەبتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم باشپىياز ئىستېمال قىلىنسا، ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى %25 ئازايتقىلى بولىدۇ. تۇزلانغان يېمەكلىك، سۈرلەنگەن بېلىق ۋە بېلىق كاۋاپلىرىنى ئاز ئىستېمال قىلىشمۇ ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇلدۇر.
كەتىرا قوي گۆشى شورپىسى
رېتسىپ: دارچىن 10 گرام، ئاق چوغلۇق 15 گرام، زەنجىۋىل 10 گرام، چىلان 10 گرام، چۈچۈكبۇيا 6 گرام (قۇرغاق)، قوي گۆشى 250 گرام.
تەسىرى: تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
داۋالاش دائىرىسى: سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىش، پۇت – قوللىرى تېلىپ ئاغرىش، بەل – تىزلىرى ماغدۇرسىزلىنىش، كەچتە كىچىك تەرەپ كۆپ بولۇش.
كىشىلەر يۇقارقى ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق داۋالانغاندا، زۇكامداپ قىزىش، ياكى مەنپىيىلىك زەئىپلىششتىن قىزىغاندا ئىستېمال قىلىشنى توختىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
قىززىپ قالغاندا، شېكەر سېلىنغان سۇ ئىچىپ بەرسە قىزىتمنى ياندۇرۇشقا پايدىسى بار، شېكەر سۈيى يەنە ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.
يېمەكلىك ماي: ئۇ بىر خىل يېنىك تىپتىكى پەسەيتكۈچ بولۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمى كۆيۈپ قالغاندا، يېمەكلىك مايدىن يارىدار بولغان جايغا سۈرۈپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، ھاشاراتلار چېقىۋالغاندىمۇ، ئىللىتىلغان ماينى جاراھەت ئېغىزىغا سۈرۈپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ئەگەر ئاشقازان يارىسى بولسا، ھەر كۈنى ئەتىگەن-كەچتە ئىككى قوشۇق خاسىڭ مېيى ئىستېمال قىلسا بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ. بۇنىڭ يەنە قەۋزىيەتكىمۇ پايدىسى بار. ئەگەر كىچىك قۇرت قۇلاققا كىرىپ كەتسە، نەچچە تامچە تېمىتىپ قويساقلا، قۇرت يېنىپ چىقىدۇ.
قاڭشار تال، ئاشقازان، ئۇيقۇلۇقنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر قاڭشىرىڭىزنىڭ ئۈستىدە ئۈزۈلگەن ھالەتتىكى ۋىنا كۆرۈلسە، تېنىڭزىنىڭ قان شېكىرى سەۋىيىسىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دېققەت:ئېسىل يىمەكلىكلەر، شېكەر، قەھۋە ۋە ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىڭ، بۇ نەرسىلەر قان شېكىرى سەۋىيىسىدە داۋالغۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاشقازان ئۈچەينىڭ خىزمىتى ناچارلاشسا تەركىبىدە تالا ماددىسى بولغان ئالما، پۇرچاق ۋە مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق تالالىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىڭ. تېرىڭىز يىرىكلىشىپ كەتسە سەۋزە، گۆش، ھەر خىل كۆكتات ۋە بېلىق قاتارلىق تەركىبىدە ۋېتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنى يەپ بەرسىڭىز تېرىڭىز سىلىق ۋە پارقىراق بولىدۇ.
چىلاننىڭ يېڭى قاسرىقىنى ئورۇقراق قوي گۆشى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە تۇيۇقسىزلا ئاشقازان يۈرەك ئەتراپىدا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولىدىغان ئاغرىقلارنى دەرھال توختىتىپ كېشىگە ئارام بېرىدۇ.
10دانە چىلان، 200گرام سىكاس يوپۇرمىقىنى سۇدا پۇشۇرۇپ بىر ئاينى بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىپ كۈنىگە 2قېتىمدىن يەپ بەرسە ئاشقازان راكىغا مەلۇم شىپالىق رولىنى ئوينايدۇ.
20دانە كۆيدۇرۇلگەن چىلان ئىتى ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى ياڭاق مېغىزىنى قورۇپ سوقۇپ 200گرام قارا شىكەر 200گرام ئاق شىكەر 100گرام ھەسەل مۇمىنى قوشۇپ ئىزىپ خېمىر ھالىتىگە كەلتۇرۇپ 20گرامدىن كۈنىگە 2قېتىم يېسە ئاشقازان ياللۇغىغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
30گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن 10دانە چىلاننى سۇدا قاينىتىپ ئۇنىڭدىن 200مىللى ئەتراپىدا شەربەت چىقىرىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا 60گرام ھەسەلنى قوشۇپ تەڭشەپ 20كۇننى بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىپ ھەر كۈنى تاماقتىن بۇرۇن يەپ بەرسە ئاشقازان ئاغرىقى ۋە 12بارماق ئۈچەي يارىسىغا شىپا بولىدۇ.
ئاشقازانغا پايدىلىق ئۇيۇما چۆپ
【ماتىريالى】 قوي گۆشى، بۇغداي ئۇنى، زەنجىۋىل، ، چىلان، دارچىن، قارىمۇچ، خولىنجان، تۇز ۋە باشقا دورا دەرمەكلەر مۇۋاپىق مىقداردا.
【تەييارلاش ئۇسۇلى】 بۇغداي ئۇنىدىن خېمىر يۇغۇرۇپ، كېسىپ ئىنچىكە چۆپ تەييارلىنىدۇ. قوي گۆشى بىلەن باشقا دورا-دەرمەكلەر قوشۇلۇپ قاينىلىتىدۇ ھەمدە شورپىسى چىقىرىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا كېسىپ تەييارلانغان چۆپنى سېلىپ قاينىتىپ، ئۈستىگە قارىمۇچ سېپىپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ.
【تەبىئىتى】 ھۆل ئىسسىق.
【شىپالىق رولى】 تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
【ئىشلىتىش ئۇسۇلى】 مۇۋاپىق مىقداردا كەچلىك تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ.
شال يىلتىزىدىن بىر سىقىمنى بىر چىنە سۇدا يېرىم چىنە قالغۇچە قاينىتپ، تېرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ، دورا سۈيىنى قايتا سۈزۈپ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم بىر قوشۇقتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا، ئاشقازان ئاغرىىقى سەۋەپلىك قۇسۇشنى توختىتىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
ياڭاق مېغىزىنى سىركىگە ئىككى سائەت چىلاپ ئېلىپ، قۇرۇتۇپ سوقۇپ تالقانلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ بارماقتا بىر چىمدىمدىن تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازاننىڭ تاماق ھەزىم قىلالماسلىقتەك ئاجىزلىقىغا شىپا بولىدۇ.
كاللەك بەسەينىڭ يىلتزىنى ئېلىۋىتىپ پاكىزلەپ، ئىككى جىڭ مىقداردا ئۈگرىدەك توغراپ تۆت چىنە سۇغا سېلىپ، ئۈچ چىنە سۈي قالغۇچە قاينىتىپ تېرىپلىرىنى ئېلىۋىتىپ، سۈينى ئېلىۋىتىپ ئوبدان سۈزۈپ ئۈستىگە بىر جىڭ ئاق شېكەر سېلىپ يەنە بىر قاينىتىپ تەييارلاپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كېسىلىگە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
كۆك يانتاق چېچىكى ئۈچ يېرىم سەر. بۇنى بىر چىنە قايناق سۇغا دەملەپ، تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ تەييارلايمىز، چوڭلار بۇ دورا سۈيىنى بىر كۈندە ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان كېسەللىكىدىن بولغان قورساق ئېسىكى ۋە قىزىتمىنى ياندۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
ئانار ئۇرۇقى بىر سەر ئالتە يېرىم مىسقال، يالپۇز ھەمدە ئۆرۈك يېلىمى بىر سەر ئالتە يېرىم مىسقالدىن تالقانلاپ، چوڭلار كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت بارماقتا بىر چىمدىمدىن، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان كېسەللىكى سەۋەپلىك كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇشنى توختىتىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
ئاشقازان ئاغرىقىغا تۇخۇم شاكىلىنى قۇرۇتۇپ ئۇۋاق قىلىپ، ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ، ھەر قېتىمدا 1. 3~3 گرامنى تاماقتىن بۇرۇن ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۈزى قىززىرىپ بىئارام بولىدىغانلار كەرەپشە شەربىتى ئىچسە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. چۈنكى كەرەپشىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن bمول بولۇپ، قان پېلازمىسىدىكى ئىسپىرىتنى كېسىدۇ ۋە ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ.
تاتلىق بادام مېغىزىنى ھەر كۈنى 20 دانىدىن ئىستېمال قىلسا، مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلاپ، نېرۋا ئاجىزلىق، يۇقىرى قان بېسىم، قەنىت سىيىش، ئاشقازان كېسىلى، 12بارماق ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقلارغا شىپا بۇلىدۇ.
ئاشقازان ئاجىزلىق ۋە بۇخاراتلار سەۋەبىدىن باش قايسا تاماقتىن كېيىن گۈلقەنت، جاۋارىش ئامىلە، ھەبىبى ئىسەمغىقۇن يېيىش كېرەك.
جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالسا، ئوچاق ئىچىدىكى سېرىق توپىدىن ئىككى سەر ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، لېيى تىنغاندىن كېيىن ئىچسە شىپا بولىدۇ.
بىر سەر ئۇچار چاشقان مايىقىنى بەش مىسقال قۇستە بىلەن قوشۇپ ئېزىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر مىسقالدىن قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوزۇلۇشچان ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قوۋۋەت چاي
خۇرۇچلار : قارىچاي، ياڭاق مېغىزى، ئالقات، ناۋات، چىلان، قورۇق ئۈزۈم، دارچىن قاتارلىقلار.
دەملەش ئۇسسۇلى : يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان خۇرۇچلاردىن ناۋات بىلەن قارىچايدىن باشلىقلىرىنى موۋاپىق مىقداردا ئارلاشتۇرۇپ يۇيۇپ، چەينەككە سېلىپ ئۈستىگە قايناق سۇ قويۇپ، سۇس ئوتتا بىر نەچچە مىنۇت قاينىتىمىز ؛ خۇرۇچلارنىڭ تەمى چىققاندا، چەينەككە ناۋات بىلەن قارىچاينى سېلىپ، بىر نەچچە مىنوت دەملەپ، پىيالە بىلەن بىر نەچچە قېتىم سورۇيمىز.
ئالاھىدىلىكى : بۆرەك-ئاشقازان ئاجىزلىقى، بەل-پۇت سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەننى قوۋەتلەيدۇ، روھىنى ئۇرغىتىدۇ.
پىننە چاي : بۇ پىننىنىڭ يوپۇرماق، غول-بېغىشلىرى سېلىنىپ دەملىنىدىغان چاي بولۇپ، بۇ خۇرۇچلارنى ئايرىم ئىشلىتىشكىمۇ، قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ چاينىڭ رەڭگى كۆكۈچ سېرىق ھىدى ئالاھىدە خۇشبۇي بولىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەيلىرىنى قۇۋەتلەپ ھەزىم، قىلىشنى ياخشىلايدۇ. گۈلچاي دەملىگەنگە ئوخشاش دەملىنىدۇ.
رەيھان چاي : بۇ چاي تاغ رەيھاننىڭ گۈل، يوپۇرماقلىرى سېلىنىپ دەملىنىدۇ. رەڭگى قىزىلغا مايىل، خۇش پۇراقلىق، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق. نەپەس يولى ۋە تالدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ، پۇراش سېزىمىنى ئاشۇرىدۇ، كۆڭۈلىنى خۇشخۇي قىلىدۇ. بۇ خىل چايمۇ گۈل چايمۇ گۈلچاي ئاددىي دورا چاينىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، سېرىق چېچەكلىرى ۋە يوپۇرماقلىردىنمۇ چاي دەملەشكە بولىدۇ.
گۈلچاي : بۇ قىزىلگۈلنىڭ قورتۇلغان بەرگىللىرى سېلىنىپ دەملىنىدىغان چايدۇر. قىزىلگۈل بەرگىللىرى بولمىغاندا، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى، بېغىشى قاتارلىقلاردىن دەملەشكىمۇ بولىدۇ. بۇنداق چاينىڭ رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، ھىدى ئالاھىدە خۇش پۇراقلىق بولىدۇ. گۈلچاي دەملەشتە چەينەككە ئىككى-ئۈچ گىرام گۈل بەرگللىرى سېلىنىپ، ئۈستىگە ئىككى جىڭ قايناق سۇ قويۇلىدۇ، ئارقىدىن چەينەك ئۈستىگە چاي قالپاق كىيدۈرۈلۈپ بەش مىنوت ئەتراپىدا دەملىنىدۇ.
بۇ چاي يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان، جىگەر، بۆرەك، ئۈچەي قاتارلىق ئەزالارنى قوۋەتلەيدۇ، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ، ئەگەر بۇ خىل چاي بىلەن كېسەل داۋالىماقچى بولسا سېلىندىغان گۈل بەرگىنىڭ مىققدارى ئون گىرام ئەتراپىدا بولىشى كېرەك. بۇ چاي گۈل خەمىكى بىلەنمۇ دەملىنىدۇ، بۇ بالاياتقۇ كېسەللىرىگە مەنپئەت قىلىدۇ
ھەرە كۆنىكى، زەمچە 12گرامدىن، ئەمە يۇپۇرمىقى 20گرام، سەپرا ئوت يىلتىزى پوستىدىن 15گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، سۈيىدە يەرلىك ئورۇننى يۇسا، جاھىل تەمرەتكە ۋە تېرە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-6گرام.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ، تۈزەتكۈچىسى: سۈت.
ئورۇنباسارى : ھەسەل
زىغىردىن 60 گىرام، ئەنجىباھار، ئانار گۈلىدىن 30 گىرامدىن ئېلىپ، ئۈچ ھە سسە سۇ قۇيۇپ، يېرىم قالغۇچە قاينىتىپ، 150 گىرام شىكەر قۇشۇپ شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن، ئاشقازان، بالياتقۇدىن كەلگەن قاننى تۇختىتىدۇ.
چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش-ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئۇچەيلەرنىڭ زەخمىلىنىپ كېلىنكىدا چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: ئاشقازان يارىسى، ئۇچەي قوقىقى، ئۇچەي زەخمىسى، ئۇچەي سەرتانى ۋە بۇۋاسىر كېسىلى ياكى باشقا ئەھۋاللار سەۋەبىدىن ئارقا تەرەت بىلەن بىللە قان كېلىدۇ. ئېغىر قەۋزىيەت تۇپەيلىدىن مەقەت زەخمىلىنىش قانلىق تولغاق كېلسى بەزى ئاياللار ھېيىز توسۇلۇش قاتارلىقلاردىن چوڭ تەرەتتىن قان ئارىلاش كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى : ئارقا تەرەت قارامتۇل ياكى قان ئارىلاش كېلىدۇ. بەزىدە ساپ يېڭى قان كېلىدۇ. كېسەل كېشى ناھايىتى كەم قۇۋۋەت بولۇپ قالىدۇ.
ئەرەق-ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى داۋالاش سۈرئىتى تېز، داۋالاش ئۈنۈمى يوقىرى بولغان بىر خىل سۈيۈق ياسالما. ئۇئادەتتە دورىلارنى قاينىتىپ قاينىغاندا چىققان سۇ ھورلىرىنى سوغۇق تىمپىراتۇرا تەسىر قىلدۇرۇپ قايتا سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ يىغىۋېلىپ تەييارلىنىدىغان سۈزۈك رەڭسىز سۇيۇقلۇق. بۇ ياسالما 1000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇنىڭ ئىلغارلىقى شۇيەردىكى بۇنىڭدا دورىلار تەركىبىدىكى ئۇچۇچان قىسىملارنىڭمۇ دورا تەركىبىدە مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقى مۇشۇ نۇقتىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ خىمىيە- فىزىكا تەرەققى قىلمىغان دەۋرلەردە بايقاپ كېسەللەر ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكىدىدۇر. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەرەقلەر : 1) ئەرقى بادىيان. بۇئادەتتە ئاشقازان ئۈچەيدىكى يەللەرنى ھەيدەپ قورساق ئىسىلىش، تاماق سىڭمەسلىك، ئاشقازان -ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ. 2) ئەرقى كاسىنە : بۇ سۈيدۈكنى ھەيدەپ ئىششىق ياندۇرىدۇ . 3) ئەرقى قىزىلگۈل : ئۇسسۇزلىقنى پەسەيتىپ، قىزىتما قايتۇرىدۇ.
30گرام ھۆل زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ، 90مىللىلىتىر سۇ بىلەن پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋىلىنىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى 90گرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزۈۋىلىنغان زەنجىۋىلنى قىيامغا سېلىپ مۇراببا تەييارلاپ، مۇراببا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر ھۆل زەنجۋىل تېپىلمىسا، نەمخۇش يەرگە ئورەك كولاپ، قۇرۇق زەنجىۋىلنى ئورەككە سېلىپ، ئورەكنىڭ ئۈستىگە ھۆل قۇم تۆكۈپ، زەنجىۋىل 20كۈنگىچە كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلسە، ھۆل ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئاشقازان ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، دوۋساقنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، قېرىلاردىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
ئاشقازاننى قۇۋەتلەش يىمەكلىك-سامساق. غىزاغا دائىم سامساق ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرگەندە، ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
توغراق سۈيىنى بىر قانچە ئاي ئىچىپ بەرسە ئاشقازان مەيدە ئىچىشىش، كۆپ كېكىرىش، تاماق سېڭمەسلىك قاتارلىق سوغۇق يەلدىن بولغان ئاشقازان كېسەللىكلىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.
بىر جىڭ ھەسەلنى سۇس ئوتتا قىزىتىمىز، تاكى كۆپۈكى ئازايغىچە بىر تەرەپتىن قىزىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن قوچۇيمىز. ھەسەل قوڭۇر رەڭگە كىرگەندە، ئۇۋاق زەمچىدىن 1. 5 سەر سېلىپ، 2 سەر سودا قوشىمىز. كۆپۈك تۈگىگەندىن كېيىن، چىنىگە ئېلىپ ساقلاپ قويىمىز. تاماق يىيىشتىن 20 مىنۇت ئىلگىرى ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن يەپ بەرسەك، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسغا شىپا بولىدۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 18:15:58

مەنبەسىنى بىر دەۋەتسىڭىز، ساقلىۋالاي دەۋاتقان.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 18:28:10

ۋۇججۇن رىتسىپ دىگەننى تۆكىۋىتىپسىزغۇ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 18:34:38

بۇ رېتسىپلار بىلەن  سالونىمنى بىر يىل باققۇدەكمەن :lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 18:39:01

ئېسىل تېما،جەۋھەرلەش كېرەك
تېما ئىگىسى  نەدىن تاپتىكى بۇنداق ياخشى ۋە كۆپ رېتسىپلارنى،ۋاشاڭ قىلىۋېتىپتۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 18:47:13

ما تېمىنى ئەلا قىلىۋېتەيلى باللا
يەنە مۇكاپاتلايلى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 18:47:21

ما تېمىنى ئەلا قىلىۋېتەيلى باللا
يەنە مۇكاپاتلايلى

bilgem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 22:14:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 22:26  

ۋاي بۇ رىتسىپلارنى http://www.bilge.cn/yaz تور بېتىگە كىرىپ، نېمە توغرىسىدا ئىزدىسڭىز چىقىدۇ، مۇشۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى شۇ بەتتىن ئېلىنغان.


بۇ رىتسىپلارنى ئۇ، بۇ تور بىكەتلەردىن يىغىپ قويغان، قىرىنداشلار پايدىلانسۇن دەپ.
ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىدىكى رىتسىپ يوللانغان تور بىكەتنىڭ كۆپچىلىكىدىن يىغىپ قويغان، شۇ ئىزدەش قولاي بولسۇن دەپ.

بىلگە تورى>يازمىلار
جەمئىي2542 يازما.   1-بەت   باش كىيىنكى ئاياغ         

[شىپا]   ھېق تۇتۇپ قالغاندا بىر قوشۇق ئاق شېكەرنى تىلنىڭ ئاستىغا بېسىۋالسا، ھېق تۇتۇش توختايدۇ.
[شىپا]   تۇخۇم شاكىلى ئىچىدىكى نېپىز پەردىنى چىقىرىۋېلىپ، كۆيگەن جايغا چاپلاپ قويغاندا، كۆيگەن جاي 10 كۈن ئەتراپىدا ساقىيىپ كېتىدۇ، چاپلانغان ھامان ئاغرىقىمۇ توختايدۇ...........................................................

JERIKO يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 08:39:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   JERIKO تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 08:42  

ساقايمىغىلى 4،3ئاي بولغان جاھىل خاراكتىرلىق يۇتقۇنچاق ياللۇغى ،بەلغەملىك يۈتەلگە قارىتا مىللى تىبابىتىمىزدە ياخشىراق دورا ياكى داۋالاش ئۇسۇلى بارمىدۇ؟ بەك قىينىلىپ كىتىپ بارىمەن.:'(:'(
شىپايى زۇفا جەۋھىرى ،زۇكام جەۋھىرى دىگەنلەرنى جېق ئىچىپ كەتتىم بولمىسا.ئۇنۈمى بولمىدى.

qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:41:02

bilgem يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 22:14 static/image/common/back.gif
ۋاي بۇ رىتسىپلارنى http://www.bilge.cn/yaz تور بېتىگە كىرىپ، نېمە ...

كەچۈرۈڭ، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بىلگە تورىنىڭ كۈنسىرى روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ياخشى رىتسىپلارنى كۆپرەك توپلىساڭلار،
يەنە بىر ئىش بۇ رېتسىپلارنى ئېلكىتاب قىلىپ تارقاتسام بولامدۇ؟
ئالاقىلىشىپ تۇراساق دېگەن ئۈمىددە مەن، چ چ  409992742، قوشۇۋېلىڭ ياكى سىزمۇ قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:43:21

تېمىنى ياقتۇرغانلار http://www.bilge.cn/yaz غا كىرىپ چىقىڭلار

kurbi308 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 21:25:00

Fayize يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 17:23:02

ئەمدى   زۇكام  يۈتەل  دىگەنلەردىن  قورقمايدىغان  بولدۇم :lol

xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 17:36:45

بىلىۋالدۇق ياخشى چارىلەركەن  تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 17:47:43

بەت: [1]
: زۇكامنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش