tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 13:31:04

ئالتۇن سودىسىدا پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahlil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 13:35  


ئالتۇن-كۈمۈش بازىرى ھەم پۇرسەتكە تولغان، ھەم شۇنداقلا خىرىسمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت. كۆپچىلىككە مەلۇم، ئەگەر بىز تاشقى پىرۋوت سودا سۇپىسىدا ھىساۋات ئېچىپ سودا قىلساق، ھەم يۈزلىنىشنى توغرا بايقاپ 1 قول ئالتۇننى ئۆسۈشكە  ئالغان بولساق ئالتۇن ھەر بىر نوقتا ئۆسسە بىزگە 100دوللار(تەخمىنەن 600 يۈۋەن)، ئەگەر 10نوقتا ئۆسسە بىزگە 1000 دوللار (تەخمىنەن 6000 يۈۋەن) پايدا قىلغان بولىدۇ. لېكىن بازار ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ، بىز ئۆسۈشكە ئالغان ئۇرۇندىن ئۆسمەي ئەكسىچە چۈشۈپ كەتسىچۇ؟ ئۆسكەندە بىر نوقتىدا 100 دوللار پايدا ئالغاندەك، بازار چۈشۈشكە يۈزلىنىپ بىر نوقتا چۈشكەن بولسا بىزگە بولىدىغان زىيان  100دوللار(تەخمىنەن 600 يۈۋەن) بۇيىچەھىسابلىنىپ مېڭىۋىرىدۇ. شۇڭا، يىڭىدىن ئالتۇن-كۈمۈش بازىرىغا مەبلەغ سالماقچى بولغانلارغا «سىز بىراقلا ھىساۋات ئېچىپ سودىنى باشلاڭ» دىمەيمەن. لېكىن ھىساب ئېچىپ زادى سودا قىلىمەن، دەيدىغانلارغا مۇنداق تەۋسىيە بىرىمەن:
بىرقىسىم مەبلەغ سېلىش بىلىملىرى، بازاردىكى چوڭ خىرىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇش، بازارغا قانداق كىرىپ، قانداق چىقىش ماھارەتلىرىنى ئىگەللەپ بولغاندا ئاندىن مەبلەغ سېلىپ سودىڭىزنى باشلىسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز، ئۇنداق بولمىغاندا چوڭ زىيان تارتىشىڭىز تەبىئىي. ھەرگىزمۇ بۇلارنى ئۆگىنىشىم ھاجەتسىز، مەن كاللام ساق، ئەقلىم بىجىرىم ئادەممەن، ساننى سانغا كۆپەيتىپ قەغەز يۈزىدە ھىسابلاپ چىققان پايدىنىڭ ھەممىسىنى تۇلۇق ئالالايمەن، ياكى تۇغۇلۇشۇمدىنلا تەلىيىم ئوڭ... دەپ ئويلاپ قالماڭ. سىز مەيلى پاي، مەيلى پىرۋوت، مەيلى قىممەتلىك مىتاللارغا مەبلەغ سېلىشنى ئويلىشىۋاتقان بۇلۇڭ، تۈۋەندىكى نوقتىلارنى چۇقۇم ئىسىڭىزدە تۇتۇشىڭىزنى ئەسكەرتىمەن:
1.سالماقچى بولغان مەبلىغىڭىز ئائىلىڭىزنىڭ ئۇمۇمى مۈلىكىنىڭ %5تىدىن يۇقۇرى بوپ كەتمىسۇن ياكى ئېشىنچە پۇلىڭىز بولسا شۇنى مەبلەغ قىلىپ ئىشلىتىڭ. قەرىز ئېلىپ سودا قىلىپ، ئەتىلا ھەسسىلەپ پۇل تاپىمەن... دىگەن شىرىن خىياللارنى قىلماڭ... ئەگەر قەرىز ئالغان مەبلىغىڭىز سىز ئويلىغاندەك ھەسسىلەپ پايدىغا ماڭماي قالسا بۇنىڭ ئائىلىڭىزگە ئېلىپ كىلىدىغان ئاقىۋېتىنى بىرنىمە دىمەك تەس...
2. ئۆز مەيلىڭىز بۇيىچە ئۆسۈش-چۈشۈشكە كىرىۋىرىشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ. ھەرقېتىملىق سودىدا سىز ئۆزىڭىز ئىشىنىپ تاللىغان تەھلىلچىنىڭ تەھلىلى بۇيىچە، زىياننى كونتىرول قىلىدىغان قىلىپ بىكىتىش ئاساسىدا سودا قىلىڭ!
3.ياكى تەھلىلچىلىكنى ئۆگۈنۈشنى تاللاڭ، ياكى تەھلىلچىلەرگە ئەگىشىپ سودا قىلىشنى تاللاڭ! ھەر ئىككىلىسىنى بىراقلا ئېلىپ باراي دىمەڭ! سەۋەب: ھەم ئۆگۈنۈپ ھەم سودا قىلىسڭىز بىلىپ بىلمەي ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئۆز سودىڭىز جەريانىدا ئىشلەتكىڭىز كىلىپ چىدىماي، بىھۇدە زىيان تارتىۋالىسىز (ئىشەنمىسىڭىز سىناپ باققانلاردىن سوراپ كۆرسىڭىز بولىدۇ). چۈنكى سىز تېخى تەھلىلچىلكنى ئۆگىنىۋاتىسىز، لېكىن تەھلىلچى بۇلۇپ يىتىشىپ بولالمىدىڭىز.
4.تەھلىلچىلەر يوللىغان ئۇزۇن مەزگىللىك سودا تەھلىلى بىلەن قىسقا ئارلىق سودا تەھلىلىنىڭ چەك-چىگىرسىنى ئىنىق ئايرىپ ئاندىن تەھلىلدە تىلغا ئېلىنغان نوقتىلاردا مال ئېلىشنى ئاساس قىلىڭ. مال ئېلىش پۇرسىتى كىتىپ قېلىپ سودا قىلالماي قالسىڭىز مەيلىكى، پۇرسەت ئۆتۈپ كەتسىمۇ، جاھىللىق قىلىپ تەھلىلدە تىلغا ئېلىنغان نوقتىلاردىن ئاللىقاچان يىراقلاپ كەتسىمۇ «چۇقۇم مال ئالاتتىم» دىمەي، كىلەر قېتىملىق پۇرسەت كىلىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈڭ. ئادەتتە قىسقا ئارلىق سودا قىلىپ مال ئالغان بولسىڭىز ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىۋېتىشىڭىز كىرەك. ئوتتۇرا-ئوزاق مەزگىللىكنىڭكىنى تەھلىلچىنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە زىياننى بىكىتىپ قۇيۇپ ئۇزۇنراق تۇتىمىز.
يازمىنىڭ كىلىش مەنبەسى: دىيارىم سودا تەھلىلى مەسلىھەتچىلىك تورى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 17:30:30

ئالتۇن 150 كويغا چۈشكەندە، 1 كىلوگىرام ئىلىپ قويۇپ، 400 كويغا چىققاندا ساتسا، قانچە پۇل پايدا قالىدۇ؟

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 19:13:35

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 17:30 static/image/common/back.gif
ئالتۇن 150 كويغا چۈشكەندە، 1 كىلوگىرام ئىلىپ قويۇپ، 400 كو ...

بىر كىلوگىرام ئالتۇن 1000 گىرام بولىدۇ. 1000گىرىمىنى 150 يۈۋەنگە چۈشكەندە ئالماقچى بولسىڭىز 150000 يۈۋەنگە ئالىسىز. ئەگەر بۇ ئالتۇننى سىز دىگەندەك 400 يۈۋەنگە ئۆسكەندە پايدىنى يىغىۋالسىڭىز پايدىڭىز گىرىمىدا 250 يۈۋەندىن توغرا كىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا 1000 گىرامدا 250000 مىڭ يۈۋەن پايدا چىقىدۇ-دە!
ئەگەر بۇ ئالتۇننى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەنمەكچى بولغان 150000يۈۋەننى تاشقى پىرۋوت سودا سۇپىسى ياكى نەخ ئالتۇن سودا سۇپىسىدىن ئاچقۇزغان سودا ھىساۋاتىغا كىرگۈزۈپ بىر قول ئالتۇننى ئۆسۈشكە ئېلىپ قۇيۇپ 2000 دوللارلىق باھادا(بۇ باھا ئورنى سىز تىلغا ئالغان 400 يۈۋەنلىك باھا ئورنىغا توغرا كىلىدۇ) قولدىن چىقىرالىساق تەخمىنەن 1200 نوقتا تۇتۇۋالغان بولىمىز. بۇنداق بولغاندا بىر قول ئالتۇن بىر نوقتا ئۆسكەندە 100 دوللاردىن پايدا چىقىدۇ، 1200 نوقتىدا 120000 دوللار پايدا چىقىدۇ. بىر دوللار ھازىر تەخمىنەن 6 يۈۋەنگە توغرا كىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ سودىدا ئالغان پايدا 120000دوللار تەخمىنەن 720000 يۈۋەن بولغان بولىدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 19:59:17

tahlil يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 21:13 static/image/common/back.gif
بىر كىلوگىرام ئالتۇن 1000 گىرام بولىدۇ. 1000گىرىمىنى 150 يۈ ...

توردىكى ئالتۇن سودىسىدا تاپقان پۇلنى، نەق پۇل بىلەن بانكىدىن ئالغىلى بولامدۇ؟

illiq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:16:14

مۇشۇ كۈنلەردە تۇلا تېلىفۇن كىلىدىغان بوپ كەتتى، ئالتۇنغا مەبلەغ سالامسىزدەيدۇ ،ئۆتكەندە خەنزۇلاردىن كەپتىكەن ،يېقىندا ئۈرۈمچىدە بىر شىركەتتىن كىلىدىغان بوپ كەتتى  ، ئالتۇن توختىماي چۈشىۋاتقان مەزگىلدە مەبلەغ سېلىشنىڭ قانچىلىك پايدا زىيىنى باردۇ؟

illiq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:21:50

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 19:59 static/image/common/back.gif
توردىكى ئالتۇن سودىسىدا تاپقان پۇلنى، نەق پۇل بىلەن ب ...

قائىدە بۇيىچە سودا ئاخرىلاشقاندا ھىساۋاتتىكى پۇلنى بانكا كارتىسىغا يۆتكەشكە  بۇلىشى كىرەك .

abdukayyum يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 00:25:47

مۇشۇ ئالتۇن سودىسىنى قانداق قىلىدۇ؟ پىروۋوت سۇپىسىدا قانداق ھىساب ئاچىدۇ؟ تەپسىلىي دەپ بەرگەن بولساڭلار.

KARAHANJAR يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 02:50:30

بىر كىلوگىرام ئالتۇن 1000 گىرام بولىدۇ. 1000گىرىمىنى 150 يۈۋەنگە چۈشكەندە ئالماقچى بولسىڭىز 150000 يۈۋەنگە ئالىسىز. ئەگەر بۇ ئالتۇننى سىز دىگەندەك 400 يۈۋەنگە ئۆسكەندە پايدىنى يىغىۋالسىڭىز پايدىڭىز گىرىمىدا 250 يۈۋەندىن توغرا كىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا 1000 گىرامدا 250000 مىڭ يۈۋەن پايدا چىقىدۇ-دە!
ئەگەر بۇ ئالتۇننى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەنمەكچى بولغان 150000يۈۋەننى تاشقى پىرۋوت سودا سۇپىسى ياكى نەخ ئالتۇن سودا سۇپىسىدىن ئاچقۇزغان سودا ھىساۋاتىغا كىرگۈزۈپ بىر قول ئالتۇننى ئۆسۈشكە ئېلىپ قۇيۇپ 2000 دوللارلىق باھادا(بۇ باھا ئورنى سىز تىلغا ئالغان 400 يۈۋەنلىك باھا ئورنىغا توغرا كىلىدۇ) قولدىن چىقىرالىساق تەخمىنەن 1200 نوقتا تۇتۇۋالغان بولىمىز. بۇنداق بولغاندا بىر قول ئالتۇن بىر نوقتا ئۆسكەندە 100 دوللاردىن پايدا چىقىدۇ، 1200 نوقتىدا 120000 دوللار پايدا چىقىدۇ. بىر دوللار ھازىر تەخمىنەن 6 يۈۋەنگە توغرا كىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ سودىدا ئالغان پايدا 120000دوللار تەخمىنەن 720000 يۈۋەن بولغان بولىدۇ.

سىزگە كوپ تەشەككۇر  -  مۇشۇ ئالتۇن سودىسى ۋە پايچەك ئويناش دىگەنلەرنى بىر ئۇگەنسەك بۇلاتتى .   مۇمكىن بولسا بۇ ھەقتە تەپسىلىرەك بىر ئۇچۇر بەرسىڭىز سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتۇق

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 04:20:01

ئوينىسىلا ئۇتىۋالىدىغان ئىش بولسا ھەممە ئادەم خىزمەت ،تىجارەت قىلىپ نېمە قىلىدۇ دەيسىلەر...كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدىلا چىلىمنى چىشلەپ ياتماي ... ...پايدا بار ،زىيانمۇ بار ...قىمارغا ئوخشاش تەۋەككۇل نەرسە بۇمۇ ... ئۇنىڭدىن كۆرە ، تەلەي سىناپ باققۇسى كەلگەنلەر شۇ پۇلۇڭلارنى ئېلىپ چىقساڭلار ، AJK   ئوينىساق بولمامدۇ دەيمەندە... قۇرۇقداپ قويسام ئازراق چوتو بېرىپ يولغا سېلىپ قويىمەن تېخى .....

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 09:20:08

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 19:59 static/image/common/back.gif
توردىكى ئالتۇن سودىسىدا تاپقان پۇلنى، نەق پۇل بىلەن ب ...

سىز پەقەت خىرىدارلارنىڭ مەنپەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغان قويىدىغان، مەبلەغ بىخەتەرلىكى يۇقۇرى، قۇرۇلغان بولغاننىڭ ئۈستىگە fca قاتارلىق نازارەتچىلى ئورگانلىرىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا ئۆتكەن شىركەتتىن ھىساۋات ئېچىپ سودا قىلغان بولسىڭىز ئالتۇن سودىسىدا ئىرىشكەن پايدىڭىزنى چۇقۇم چىقىرالايسىز. قويمىچى شىركەتلەرگە ئالدىنىپ كەتكەن بولسىڭىز بىر نىمە دىمەك تەس جۇما...

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 09:34:49

illiq يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 20:16 static/image/common/back.gif
مۇشۇ كۈنلەردە تۇلا تېلىفۇن كىلىدىغان بوپ كەتتى، ئالتۇ ...

سىز دىگەندەك كۈندە تېلفۇن قىلىدىغانلار يېقىندىن بۇيان ھەقىقەتەن بەك كۆپىيىپ كەتتى. ماڭىمۇ كۈندە تېلفۇن قىلىشىدۇ. بەزىلىرى ئىچكىردىن تېلفۇن قىلسا يەنە بەزىلىرى چەتئەلدىن ئۇدۇللا تېلفۇن قىلىدۇ. ئالدىغا ئۆتۈپ سىزگە قانداق ياردەم كىرەك، مەن دۆلەتلىك 3-دەرىجىلىك ئالتۇن سودا تەھلىلچىسى،،، دىسەم گىپىمنى ئاڭلاپ بولغۇچە بەزىلىرى تېلفۇننى قۇيىۋېتىشىدۇ. يەنە بەزىلىرى يۈزىنى داپتەك قىلىشىپ ئۆز گىپىنى يورغۇلتىدى، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۇستا تەھلىلچىلىرى بىلەن ماھارەت سىنىشىپمۇ قالىمىز:lol يىڭىلىپ قالغانلىرى قۇيرىقىنى خادا قىلىپلا تىكىۋېتىدۇ... ئەمدى گەپنىڭ پوس كاللىسىغا كەلسەك ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىق قىممەتلىك مىتال سودىسى بولسۇن ۋە ياكى دوللار ، ياۋرۇ قاتارلىق تاشقى پىرۋوت سودىسى بولسۇن ھەم ۋە ياكى پاي سودىسى بولسۇن ھەممىسدە پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. پەقەت بىز بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن ياخشى بىر سودا پىلانى تۈزىۋېلىپ، شۇ پىلانىمىزدىكى تىرەك ياكى بېسىم نوقتا بۇيىچە ئۆسۈشكە ياكى چۈشۈشكە كىرسەك ھەم زىيان پايدىنى پىلان بۇيىچە كونتىرول قىلىشقا ئەھمىيەت بىرەلىسەك پەيدا ئېلىش نىسپىتى چوڭ، زىيان چىقىش نىسپىتى كىچىكرەك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلالايمىز. مەسىلەن ئادەتتە تاشقى پىرۋوت سودا سۇپىسىدا قىسقا سودىدا زىيان ئادەتتە 5-6 نوقتا ئەتىراپىدا كونتىرول قىلىنسا مۇۋاپىق، پايدا 20 نوقتا ئەتىراپىدا كونتىرول قىلىنسا مۇۋاپىق.

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 09:43:40

tahlil يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 09:34 static/image/common/back.gif
سىز دىگەندەك كۈندە تېلفۇن قىلىدىغانلار يېقىندىن بۇيا ...

بۇ سودا پىلانىنىڭ كۈچىگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: دۇنيا بۇيىچە ئەڭ تەرەققى قىلغان شىركەت ياكى كارخانىلاردىن باشلاپ رايۇنىمىزدىكى كىچىك كىچىك شىركەت-كارخانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا سودا تەرەققىيات پىلانى ۋە سودا تۈزمى بولىدۇ. پەقەت مۇشۇ سودا پىلانى بولغاچقىلا ئۇلار ھازىرقىدەك تىز سۈئەتتە تەرەققى قىلالىغان...

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 09:47:26

illiq يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 20:21 static/image/common/back.gif
قائىدە بۇيىچە سودا ئاخرىلاشقاندا ھىساۋاتتىكى پۇلنى ب ...

ئىسمى بولغاندەك جىسىمىمۇ با، دۇنيا ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا نازارەتچىلىك قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ئەنگە ئېلىشىدىن ئۆتكەن شىركەتلەردە سودا قىلغان بولسىڭىز سودا ئاخىرلاشقاندا ھىساۋاتتىكى پۇلنى ئەڭ تىز بولغاندا 1-2 كۈندە، شىركەتنىڭ ئاي ئاخرىدىكى ئالدىراش مەزگىلىدە پۇل چىقارماقچى بولسىڭىز ئاستا بولغاندىمۇ 3 كۈندىن 5كۈنگىچە چىقىرۋالغىلى بولىدۇ.

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:41:48

abdukayyum يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 00:25 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئالتۇن سودىسىنى قانداق قىلىدۇ؟ پىروۋوت سۇپىسىدا  ...

مۇشۇ ئالتۇن سودىسىنى قانداق قىلىدۇ؟ دىگەندە توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالتۇن سودىسىدا ئالتۇننى تىرەك نوقتا رايۇنىغا يېقىنلاشقاندا ئۆسۈشكە ھەم بېسىم رايۇنىدا چۈشۈشكە ئېلىشقا بولىدۇ. ئۆسۈشكە ئېلىش دىگىنىمىز ئالتۇننىڭ باھاسىنى 1180دوللار (يەنى خەلق پۇلىسى بۇيىچە ھەر گىرىمى234 يۈۋەنگە تەڭ)دىسەك ھەم ئالتۇننى ئۆسىدۇ، دەپ قاراپ تاشقى پىرۋوت سودا سۇپىسىدا 1 قول مالنى ئۆسۈشكە سېتىۋېلىپ 1230دوللارغا چىققاندا ساتساق بىز 50 نوقتا ئۆستۈرۈپ ساتقان بولىمىز. بۇنداقتا ھەر نوقتىدا 100 دوللاردىن كىرىم قىلساق 50نوقتىدا 5000دوللار كىرىم بولغان بولىدۇ. ھازىر بىر دوللارنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھىسابلىغاندا تەخمىنە 6يۈۋەنگە توغرا كەلسە بۇ بىر قېتىمدا بىزنىڭ ئالغان پايدىمىز خەلق پۇلى باھاسى بۇيىچە تەخمىنەن 30000 يۈۋەن بولغان بولىدۇ.
ئەگەر بىز يەنە 1240 دوللاردا چۈشىدۇ دەپ قاراپ چۈشۈشكە 1 قول ئالتۇننى سېتىۋالغان بولساق ھەم ئالتۇننى ھازىرقى باھا 1194 دوللاردا پايدىنى كونتىرول قىلساق بىزنىڭ تۇتۇۋالغان نوقتىمىز 46 نوقتا بولغان بولىدۇ. بىر نوقتىدا 100 دوللار كىرىم بولسا 46 نوقتىدا 4600 دوللار يەنى تەخمىنەن 27600 يۈۋەن كىرىم قىلغان بولىمىز.
ئەلۋەتتە مۇشۇنداق پايدا ئېلىشنىڭ ئارقىسدا يەنە زىيان تارتىش دىگەن سۆز يۇشۇرنۇپ ياتقان بولىدۇ. بىز مۇشۇنداق پايدىنى كۆپ ئېلىش، زىياننى ئاز تارتىش ئۈچۈن ئاساسى يۈزلىنىشنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىرگە تىرەك بېسىم نوقتىلارنى ئاساس قىلىپ، چۈشۈشكە ئالغاندا بېسىم نوقتىنىڭ ئۈستىدە، ئۆسۈشكە ئالغاندا تىرەك نوقتىنىڭ ئاستىدا زىياننى كونتىرول قىلىش ئاساسىدا سودا قىلساق بىخەتەر سودا قىلالايمىز. ئەگەر سودىغا يىڭى كىرشكەن ھەم بازار تەھلىلى قىلىشنى تازا بىلىپ كەتمىسىڭىز http://www.tahlil.cn ماۋۇ تور بەتتىكى تەھلىللەردىن پايدىلانسىڭىز سىزگە ئاز تۇلا پايدىسى تىگىشى مۇمكىن.
ئەمدى تاشقى پىرۋوت سودا ھىساۋاتىنى قانداق ئاچىمىز؟ ھازىرچە ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازاي، ۋاقتىڭىز يار بەرسە 506527935 نۇمۇرلۇق چ چ ئارقىلىق مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. مەن ئادەتتە ھەر كۈنى كەچ سائەت 6:30 لەردىن باشلاپ داۋاملىق توردا بار.

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 15:31:58

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 04:20 static/image/common/back.gif
ئوينىسىلا ئۇتىۋالىدىغان ئىش بولسا ھەممە ئادەم خىزمەت  ...

بۇ سودىنى قىمار دەپ قارايدىغانلارنىڭ ھەم قىمار دەپ قاراپ ھەممە مەبلىغىنى قىمار سورۇنىدىكىدەك بىراقلا دوغا تىكىپ كۈنۈپ قالغانلارغا دەيدىغىنىم شۇكى: سىز ئەڭ ياخشىسى بۇ سودىغا قىززىقمايلا قۇيۇڭ. چۈنكى بۇ سودىنى قىمار ئويىناپ ئۆگۈنۈپ قالغان ھەم ھەر قايسى سودا تۈرىدىكى ھەممە ئىشلارنى قىمار ئورنىدا قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغانلار ئادەتتە بازار تەھلىل قىلىشنى، بازارنى قانداق كۆزۈتۈشنى ئۇقمىغاچقا ھەم قايسى نوقتىلاردىن قانداق ئۇسۇلدا كىرىشنى، چوڭ زىياننى قانداق كونتىرول قىلىپ چوڭ پايدىغا قانداق ئىرىشىشنى ئويلاشمايلا ھەممە مەبلىغىنى بىراقلا تىكىۋېتىدىغان ئادىتى بولغاچقا، بىر قېتىمدىلا قاق سەنەم بوپ كىتىش مۇمكىنچىلىكى بەك ئېغىر...
ئادەتتە بۇ ئالتۇن كۈمۈش، تاشقى پىرۋوت، پاي بازىرى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكىدەك ھېچنەرسىنى ئۇققىلى بولمايدىغان، چۈشۈنىكسىز بولغان، سىز كىرىپ ھەممە بىساتىڭىزدىن ئايرىغان شۇ قىمارخانىلاردەك پايدا ئېلىش نىسپىتى 1% كىمۇ يەتمەيدىغان بازار ئەمەس. قىمارخانىدا نە تىرەك، نە بېسىم ياكى ئاساسى يۈلىنىش دەيدىغانلار پەقەتلا يوق.  ئالتۇن كۈمۈش، تاشقى پىرۋوت، پاي بازىرىدا بىز ئادەتتە ئۆسۈشكە ياكى چۈشۈشكە كىرىشتە ئالدى بىلەن ئاساسى يۈزلىنىشنى كۆزدە تۇتقان ھالدا بېسىم ياكى تىرەك نوقتىنى ئىنىق بىلگەندىن كىيىن ئاندىن بازارغا كىرىمىز. ھەم ئۆسۈشكە ئالغاندا زىياننى تىرەك نوقتىنىڭ 5-6 نوقتا ئاستىدا بىكىتكەن بولساق، پايدىنى 20-30 نوقتا يۇقۇرى ئۇرۇندا بىكىتىمىز. ئەگەر چۈشۈشكە كىرگەن بولساق بېسىم نوقتىنىڭ 5-6 نوقتا ئۈستىدە كونتىرول قىلىمىز. پايدىنى بولسا 20-30 نوقتا ئاستىدا كونتىرول قىلىمىز.
ئەلۋەتتە يەنە بىر تەرىپىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئارىمىزدا توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالتۇن كۈمۈش، تاشقى پىرۋوت، پاي سودىسىغا ئۇلۇغۋار ھەۋەسلەر بىلەن يىڭىلا تۇتۇش قىلىپ، كۆزنى يۇمۇپ  ئاچقۇچە پايدا ئېلىش ئەمەس خېلى ئوبدانلا زىيان تارتىۋالغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭ ھەممىسى ئاساسى يۈزلىنىشكە قانداق ھۆكۈم قىلىشنى ئۇقمىغان، بېسىم تىرەك نوقتىلارنى قانداق بىكىتىشنى، زىيان پايدىنى قانداق كونتىرول قىلىشنى ئۇقمايلا سودىغا كىرىۋالغانلىقتىن كىلىپ چىققان بىھۇدە زىيان خالاس.

يەنە قانداق كۆز قاراش بولسا ئورتاقلاشساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن...

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:37:44

مەنمۇ بىر چاغدا تاشقى پېرىۋوت سۇپىسىدىن تەقلىدى ھىسابات ئېچىپ ئويناپ باققان بۇ نەرسىگە قىززىققان چاغلاردا. كىيىن ئىككى توك توك مەبلەغ بىلەن بۇ نەرسىنى ئويناپ قويسا ئىككى كۈندە دەسمى غالتەككە چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ توختاپ قالغان.
بۇ خىل سودىلارغا كىرىشىپ قېلىشنى ئانچە تەشەببۇس قىلمىساممۇ، ئەمما ئويۇننىڭ قائىدىسىنى، ئانچە مۇنچە تەھلىل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىپ ياندىن كۈزۈتۈپ تۇرغان ياخشى دەپ قارايمەن.
بەك قىززىققۇچىلار بولسا تېما ئىگىسى دىگەندەك قوشۇمچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە ئېشىنچا مەبلەغنىڭ ئازراق قىسمىنى سىناپ باقسا بولىدۇ، ئەمما بۇ نەرسە بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۇل تېپىپ بېيىيمەن دىيىش ئەخمەقنىڭ ئىشى

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 18:02:41

makansiz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 16:37 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بىر چاغدا تاشقى پېرىۋوت سۇپىسىدىن تەقلىدى ھىساب ...

شۇنداق، بۇ بازاردا مۇنداق بەش خىل ئادەم مەۋجۈت:
بىرىنجىسى: پىشقان تەھلىلچى. بۇنداق كىشىلەر ھەم ئۆزى سودا قىلىپ پايدا ئالالايدۇ ھەم باشقىلارغا قانداق سودا قىلىش يوللىرىنى ئۆگەتكەچ ھاجەتمەنلەرگە نەپ يەتكۈزەلەيدۇ.
ئىككىنجىسى: بىر تەرەپتىن ئۆزى تەھلىل قىلىشنى ئۆگەنگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆز مەبلىغىگە سىناق قىلغۇچى. بۇنداق كىشىلەر ئۆز مەبلىغىنى خالاپ-خالىمايلا ئۆگەنگەن بىلىملىرىگە تىگىشىۋېتىدۇ. ئەگەر بۇنداق كىشىلەر داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگۈنەلىسە ھامىنى بىر كۈنى ئۇستا تەھلىلچى بۇلۇپ يىتىشىپ چىقالايدۇ.
ئۈچۈنچىسى: ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ، لېكىن خېلى كۆپ تەھلىلچىلەرنىڭ توپى ياكى تور بېتىدە يوللانغان تەھلىللەردىن پايدىلىنىپ سودا قىلىشنى قوغلىشىدىغانلار. بۇ خىل كىشىلەر كۆپۈنچە ئەمدى مال ئالاي دىگەندە ئوخشىمىغان تەھلىللەردىكى ئوخشىمىغان بازارغا كىرىش نوقتىلىرى ئالدىدا ھۇدۇقۇپ قېلىپ دەل ۋاقتىدا بازارغا كىرىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ.
تۆتىنجىسى: بازار تەھلىل قىلىشنى بىلمەيدۇ، لېكىن شۇ پىشقان تەھلىلچىنىڭ تەھلىلى بۇيىچىلا سودا قىلغۇچى. بۇخىل كىشىلەرنىڭ پايدا ئېلىش نىسپىتى باشقا كىشىلەرنىڭكىدىن كۆپ يۇقۇرى بولىدۇ. چۈنكى بۇخىل كىشىلەر ئۆزى ئىشىنىپ ئەڭ ياخشىكەن دەپ تاللىغان تەھلىلچىنىڭ تەمىنلىگەن سودا تەھلىلىنىلا كۆرىدۇ ھەم شۇ تەھلىلچىنىڭ چ چ توپىدا نەخ مەيداندا ئال-سات، ماۋۇ يەردە زىيان پايدىنى كونتىرول قىل...دىگەن ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا تاپشۇرۋالالايدۇ. يەنە باشقا ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ تەھلىل توغۇرسىدىكى گەپ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ.
بەشىنجى: يا تەھلىلچىلىكنى ئۇقمايدۇ، يا تەھلىلچىدىن سورىمايدۇ، ھەتتا زىيان پايدىنى قانداق كونتىرول قىلىشنى ئۇقمايلا تىز ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق بېيىپ كىتىشنى قوغلۇشۇپ قارىغۇلارچە سودا قىلىدۇ. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ زىيان تارتىش نىسپىتى ئەڭ يۇقۇرى بولىدۇ. خۇددى ئەما كىشى ماشىنا ھەيدىگەندەكلا...

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 07:37:12

يەنە قانداق كۆز قاراش ياكى تەكلىپ-پىكىر بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ.
بەت: [1]
: ئالتۇن سودىسىدا پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟