NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 11:53:13

15-دىكابىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى

15-دىكابىر خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1217 دوللار ئەتراپىدا، ئاسىيا بازىرى يېڭى ئېچىلغان ۋاقىتتا ئازراق چۈشۈپ 1220 ئەتراپىغا كىلىپ بازار تەڭشىلىشكە باشلىدى،چۈنكى خەلقارا نىفىت بازىرى ئېچىلغاندىلا بىر پىرسەنىت ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى.
بۇ ھەپتە بۇيىل يىل ئاخىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى "چوڭ ھەپتە"، ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتى، ياپۇنىيە، ئەنگلىيە مەركىزى بانكىلىرى ئۆسۈم نىسپىتى قارارىنى ئېلان قىلىشتىن باشقا يەنە گىرمانىيەنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرى ۋە ياۋرۇپا ، ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرىمۇ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا روجىستىۋا بايرىمىنىڭ ئالدىدىكى بىر ھەپتىدە ئالتۇنغا مەبلەق سالىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ بۇلىشى مومكىن.

ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad


جۈمە كۈنىدىكى تەھلىلدە 1218 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىدىغان مال توغرا چىقتى ھەمدە بۇ نوقتىدىن مال ئالغاندا ئاز دىگەندە  10 نوقتا پايدا بار.
بۈگۈنكى تەھلىل
1230 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1235، نىشان 1225~1220
1210 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1205،نىشان 1215~1220
1243 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1248، نىشان 1238~1233
1200 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1195،نىشان 1205~1210

بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  241   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.36  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 15-دىكابىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى