gulmeryem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 10:45:12

ئۈرۈمچىدە توردا تاماق زاكاس قىلىش ئاسانلاشتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulmeryem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 11:10  

ئىنئام تېز تاماقخانىسى توردا تاماق زاكاز قىلىش تۈرىنى يولغا قويدى
مەنبە : مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار | يوللىغان ۋاقىت : 14-12-2014

جىلىن كۈندىلىك گېزىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 2014-يىلى مەملىكىتىمىز توردا تاماق زاكاز قىلغان ئىستېمالچىلار ئومۇمى سانى 189 مىليونغا يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن 50 مىليون ئادەم سانى ئاشقان. توردا تاماق زاكاز قىلىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشى نۇرغۇنلىغان ئاشخانىلارنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان. جۈملىدىن ئۈرۈمچىدىكى مىللىيچە ئاشخانىلىرىمىزمۇ بۇ تۈرگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان.
تەڭرىتاغ رايونى ئىنئام تېز تاماقخانىسى توردا تاماق زاكاز قىلىش تۈرىنىڭ مەسئۇلى ياسىن ئاخۇنجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئاشخانا 11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ توردا تاماق زاكاز قىلىش تۈرىنى يولغا قويغان بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تاماق سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن سىرت، تاماق يەتكۈزۈلۈش ۋاقتىنى ئالدىنئالا خېرىدارغا دېيىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئاشخانا بۇ تۈر ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سالغان بولۇپ، تاماق زاكاز قىلىش تۈرىدىن كىرگەن كۈندىلىك كىرىمى 700 يۈەن ئەتراپىدا بولغان. ئاشخانا كېلەركى قەدەمدە تاماق توشۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە تاماق تۈرىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان.

ئانا تىلىمىزدىكى ئەڭ كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسى: www.erqal.com
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB):  

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 12:45:51

دۆلىتىمىزمۇ باشقىلارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى تىزراق يۇلغا قۇيىۋەتسە بۇلاتتى بۇنىڭغا بازارنىڭ ئىھتىياجى تەشنا ئىدى قۇرۇلتايدا شۇنداغراق گەپلەرنى قىلدى لىكىن مەن تۇلۇق چۈشۈنەلمىدىم ،ياخشى ئېسىل باشلىنىش بۇپتۇ

Berdem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 13:01:39

قايسى دائىرىدە؟

izqel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 14:03:28

بولىدىكەن.سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلالىسا ئاشخانىلارنىڭ كىرىمىمۇ رىقابەتتە چۈشكەنسىرى كۆپەيگۈدەك.بولىدىغان يىڭىلىقكەن.

gulmeryem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 18:04:32

Berdem يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 13:01 static/image/common/back.gif
قايسى دائىرىدە؟

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئىچىدىلا.

gulmeryem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 18:05:35

Berdem يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 13:01 static/image/common/back.gif
قايسى دائىرىدە؟

تەڭرىتاغ رايونى ئىچىدىلا.

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 19:07:11

hakaniye يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 12:45 static/image/common/back.gif
دۆلىتىمىزمۇ باشقىلارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى تىزراق يۇ ...

ئەڭ ياخشىسى قويمىسۇن ، ھەرقانداق  قويغان نىمىسى پۇلى يوقلارغا ئاشمايدۇ .

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 19:37:35

تور ئادرېسىچۇ ؟

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:02:58

ئەمدى ئائىللەرگىچە ئاپىرىپ بىرىش  مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويسا تېىخىمۇ ياخشى بۇلاتتى

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 00:18:30

gapbar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 19:07 static/image/common/back.gif
ئەڭ ياخشىسى قويمىسۇن ، ھەرقانداق  قويغان نىمىسى پۇلى  ...

يۇل قۇيسا ئاساسلىق پۇلى يۇقلارغاىمۇ پايدىسى بار مەسىلەن پۇلى كۆپلەر پۇلى يۇقنى قۇيىدۇ ھە ئاشۇنداق بىرسىنىڭ ھەققىنى ياكى مۇئامىلىسىنى كەينىگە سۈرسە ئىناۋەت باھالىغۇچى ئاپاراتلار ئىناۋەت دەرىجىسىدىن نۇمۇر تارتىۋىتىدۇ يەنە مۇشۇنداق تاماق بۇيرىتىپ قۇيۇپ كەلمىسىمۇ ئۇخشاش شۇنىڭ  بىلەن ھەرقانداق مۇئامىلە قىلماقچى بۇلسا شۇ كىشىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىگە قارايمىز ئۇرۇنسىز زىياندىن ساقلىنىمىز ھەممە ئادەم ئىناۋەت دەرىجىسىگەئەھمىيەت بىرىدۇ دېگەن

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 06:31:42

قېنى بۇ سېستىمىنى قانداق چۈشىرىمىز؟

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 08:21:41

تەڭرىتاغ رايونى بولسا ياخشىكەنغۇ،
قانداق زاكاس قىلىمىز،

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:32:32

ئۈندىدار ئارقىلىق زاكاس قىلامدۇ ياكى ئايرىم ئەپ بامۇ؟ مۇشۇ ھەقتىكى تەپسىلاتىنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز...
بەت: [1]
: ئۈرۈمچىدە توردا تاماق زاكاس قىلىش ئاسانلاشتى