samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 10:17:55

ئۇچتېكىن: شائىر ــ شېئىر بىلەن سېھىر ئارىلىقىدىكى سۆز سېھىرگىرى


                     شائىر ــ شېئىر بىلەن سېھىر ئارىلىقىدىكى سۆز سېھىرگىرى

                   ــ شائىر ئادىل تۇنىياز ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش

                                           روزى سوپى ئۇچتېكىن


                  (ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)



قىسقىچە مەزمۇنى: ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىزچىل تۈردە قىزىق تېما ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر ماقالىدە ئاساسلىق قىلىپ ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ تىل ئىشلىتىش، قۇرۇلما، ئىپادىلەش ئۇسۇلى، مەنە قاتلىمى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى تەتقىق قىلىنىدۇ.



ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئادىل تۇنىياز؛ يېڭىچە شېئىر؛ تىل ئالاھىدىلىكى؛ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى؛ ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى


مەنمۇ، چۈشمۇ ئاپتوبۇستىكى؟
بىر دەۋرمۇ ئايلىنىۋاتقان
بىر غېرىبلىق قۇياشى ياكى؟
ئايلانماقتا ماشىنا چاقى
سېھرىگەرگە، قۇيۇنغا، نۇرغا،
قارا رەڭدىن دۈگىلەك قوڭۇرغا،
قارا يولدىن كەڭ ئىدىيەگە.
قۇرۇقدالغان كاللام بىر لەھزە
توختاپ قالغان روھىم بىر دەۋر،
يىل بىلەن يىل تەكرار پارىلداپ،
بېسىپ كىرگەن سانسىز ئاي-كۈنلەر
قەتلى قىلىپ، قورقۇتۇپ، ئالداپ،
مىنۇتلارنىڭ قىزىل ئىزلىرى،
ئىزدۇر گويا ۋۇجۇدىمىزدىكى.
«سۈزۈك سەپەر» داستانىدىن
شېئىر زادى نېمە؟ شېئىر ـ سېھىرمۇ ياكى سېھىر ـ شېئىرمۇ؟ شائىر ـ سۆز سېھىرگەرىمۇ؟
بىز شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىر- داستانلىرىنى ئوقۇۋېتىپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئۆز–ئۆزىمىزدىن ئەنە شۇنداق سوراپ قالىمىز. چۈنكى، ئوقۇپ بىر يەرلەرگە بارغاندا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن سېھىرلەنگەنلىكىمىزنى ئېسىمىزگە ئالىمىز. ئاندىن، «قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ» دېگەندەك، ئۇنىڭ ھايات ۋە ئىجادىيەت مۇساپىسى ھەمدە بۇ ھەقتىكى ماقالە، ئوبزور، سۆھبەت خاتىرىلىرىگە نەزەر سالىمىز:
1970-يىلى قەدىمىي قەشقەرنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1982-يىلى 12 يېشىدا «سۈزۈك سۇ» دېگەن شېئىرى بىلەن مەتبۇئات ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن؛ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى (1992-يىلى) نەشر قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە: «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» (1998-يىلى)، «چۈمبەلدىكى كۆز» (2003-يىلى)، «دېڭىزدىكى كوچا» (2006-يىلى)، «تاشقا سۆزلەۋاتقان ئادەم» (2012-يىلى) قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى؛ «مېنىڭ ئادرېسىم»، «ئۆمۈچۈك ناخشىلىرى»، «ئەركەكلەر، قېنى سىلەر»، «مازار يۆتكەش»، «سۈزۈك سەپەر»، «قەشقەردىكى يەر شارى»، «دېڭىز يۈزىدىن 154مېتىر چوڭقۇرلۇقتا»، «12مۇقام»... قاتارلىق نادىر داستانلىرى ۋە «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» (2004-يىلى) ناملىق ماقالە، ئوبزور، سۆھبەتلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان ئادىل تۇنىياز ئىجادىيەتتە «خاسلىق ياراتقان شائىرلارنىڭ بىرى①». ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80– يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىدىلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىدىمۇ خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمىزكى، يېڭى ئەسىردىن بۇيان شېئىرلىرىغا ئەڭ كۆپ ئوبزور يېزىلغان ۋە ئەڭ ئالقىشلانغان، ئىجادىيىتى ئىزچىل تۈردە قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى چاغداش شائىرى دەل ئادىل تۇنىياز دېسەك، ھېچكىم ئۇنداق ئەمەس دېيەلمەيدۇ. بۇ ھۆكۈمنى ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاڭسىز ھالدىكى تاللىشىدىن تارتىپ ئېستېتىك تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئوبزورچى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ باھاسىغىچە بىرمۇبىر دەلىللەيدۇ. بۇنىڭغا چىن پۈتمىگۈچىلەر بولسا شائىر ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋە بۇ ھەقتە ھازىرغىچە يېزىلغان 30–40 پارچىگە يېتىدىغان ماقالە، ئوبزور، سۆھبەتلەرنى ئىزدەپ تېپىپ بىر-بىرلەپ كۆرۈپ باقسىلا، ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.
«ئادىل تۇنىياز خاسلىق ياراتقان شائىرلارنىڭ بىرى» بولغانىكەن، ئۇنىڭ خاسلىقى قايسى تەرەپلەردە كۆرۈلىدۇ؟ ئوقۇرمەنلەر نېمە سەۋەبتىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا شۇنچە قىزىقىدۇ، ياخشى كۆرىدۇ ۋە شۇنچە كۆپ مۇلاھىزە-تەھلىللەرنى يۈرگۈزىدۇ؟ مېنىڭچە، بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى يەكۈنلەپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ھېچ بولمىسا، تا ھازىرغىچە تالاش–تارتىشقا سەۋەب بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھادىسىسىنى توغرا چۈشىنىش ۋە شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىجادىيىتىنى ئاڭلىق تۈردە ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە رولى ناھايىتى زور بولىدۇ. چۈنكى، شائىرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شېئىر توپلاملىرى ۋە ماقالە، ئوبزور ۋە سۆھبەتلەر توپلىمىدىن كۆرۈپ يېتىش مۇمكىنكى، شائىر ئادىل تۇنىياز بەزىدە مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان بىر بالا سالاھىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقسا، بەزىدە مۇتەپەككۇرلۇق مۇقامىغا يەتكەن بىر پەيلاسوپ، يېتىشكەن روھىي ئانالىزچى ۋە مۇھاكىمە كۈچىگە باي تەنقىدچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مېنىڭچە، بولغاندىمۇ بىر شائىر شېئىرىيەت بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭغا قان ۋە ھاياتى كۈچ بېغىشلاپ تۇرىدىغان روھىيەت، جەمئىيەت، مىللەت ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە شائىرغا نېمىنى يېزىشى، قانداق يېزىشى كېرەكلىكىنى تەبىئىيلا ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

1. ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى
شېئىرىي تىل شېئىرىي خاسلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى. چۈنكى، ھەر قانداق بىر ئادەم ئادەتتە مۇئەييەن دەرىجىدە شېئىرىي تۇيغۇلارغا ئىگە بولغان بولىدۇ، بىر ئاماللار بىلەن ئۇنى ئىپادىلەپ بېرىشكە ئىنتىلىدۇ. ئەمما ئۇ خىل تۇيغۇلىرىنى تىل ئارقىلىق ئاشكارىلاپ بېرىشتە قىينىلىدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىدىكى نازۇكلۇق ۋە ئىچكى ھېسسىياتىدىكى مۇرەككەپلىك ئەسلىدىنلا يارقىن بىر شېئىر بولۇپ، ھەر قانداق تىل ئۇنى ئەينەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن شېئىرىي تىلدىكى تۇتۇقلۇق، شېئىرىي پىكىردىكى غۇۋالىق ـ شېئىرىي گۇڭگىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. دېمىسىمۇ، روھىيەتتىكى سىرلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى بەدىئىي شەكىلى بولغان شېئىرىيەتتە گۇڭگالىقنىڭ بولۇشى نورمال ھادىسە. شۇڭا، بىر شائىرنىڭ شېئىرىي تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتكەندە، ئۇنىڭ شېئىرىيەت قەلئەسىگە كىرىش ئۈچۈن ئىشىك ئېچىلىدۇ.
قارايدىغان بولساق، ئۆزىدە ئەنە شۇ شېئىرىي گۈزەللىكنى تولۇق مۇجەسسەم قىلغان ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ تىلى ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدەك يېقىشلىق، ئەپسانە-چۆچەكلىرىدەك يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ. ئادەمگە خۇددى كىچىك بالىلارنىڭ ئاڭسىز ھالەتتە ئېيتقان سۆزلىرىدەك تاتلىق ۋە ھەيران قالارلىق تۇيۇلىدۇ. شائىر شېئىر يېزىۋاتقاندا ئوماق بىر بالىغا، ئانا تىلىمىزدىكى سۆزلەر ئۇنىڭ ئامراق ئويۇنچۇقلىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ بۇلارنى خالىغانچە تۇتىدۇ، سىيلايدۇ، ئاغزىغا سالىدۇ، ئۆرۈپ–چۆرۈپ ئوينايدۇ. شائىرغا سۆزلەر خۇددى جېنى ۋە جىنسى باردەك تۇيۇلىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئۆزىچە سۆزلەردىنمۇ ئۇيۇلىدۇ. بەزى سۆزلەر ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەسلىكىدىن شائىرنىڭ قەلب تۆرىگە مەڭگۈلۈك تۈردە قۇيۇلىدۇ.
ئادىل تۇنىياز شېئىر يېزىۋاتقاندا كۆرۈش سەزگۈسىگە قارىغاندا ئۆزىنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەتتا ئۇ ھەرقاچان ھەرخىل ئاۋازغا لىق توشۇپ تۇرىدىغان ئىچىنى تىڭشاش ھالىتىدە تۇرىدۇ، دېسەكمۇ بولىدۇ. شۇڭا، شېئىرلىرىدا كۆپىنچە دېگۈدەك ئادەمنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ياكى ئىچكى دۇنياسىدىن كېلىۋاتقان ھەرخىل ئاۋازلارنى ئىپادىلەيدىغان پېئىللارنى قوللىنىدۇ. دېمىسىمۇ، شېئىر ـ ئىنسان قەلبىنىڭ سادالىرى ۋە نىدالىرىدۇر. قەلبىدىكى پەرىشتىلەرنىڭ پىچىرلاشلىرىغا قۇلاق سالالىغان شائىرلا ھەقىقىي شائىردۇر. بۇ نۇقتىنى شائىرنىڭ ئۆزىمۇ مۇنداق شەرھلەيدۇ: «شېئىر ئادەم سەزگۈلىرىنىڭ ئالەمگە ئېچىلىشى. شائىر گۈل بەرگىدىن چۈشۈۋاتقان شەبنەم تامچىسىنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىكى ئاۋازنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ شولىسىنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىكى بىر تامچە بىلەن ئىنساننىڭ ۋۇجۇد چوڭقۇرلىرىدىن سىرغىغان تامچىنىڭ ھاياجان ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شېئىر تۈرلۈك سەزگۈلەرنىڭ غىدىقلىنىپ ئويغىنىشى، گىرەلىشىشى، مەن شېئىر يېزىۋاتقاندا سەزگۈ ئەزالىرىمنىڭ ‹كىرپە تىكىنى›دەك ئويغىنىش ھالىتىدە تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. بىراق، كۆپىنچە مېنى ئۇشتۇمتۇت ھاياجانغا سالىدىغىنى ئاۋاز. مېنىڭ شېئىرىي ئىلھامىمنى قوزغايدىغان بۇ ئاۋاز ـ تەبىئەتتىكى گۈل–گىياھ، ياپراقلاردىن، ئادەملەرنىڭ پاراڭلىرىدىن، سۈرەن–شاۋقۇنلاردىن، ھەتتا ئاۋازسىز شەيئىلەردىنمۇ كېلىدۇ. ئاۋاز پەيدا بولۇپ قەلبىمدە يوقىلىدۇ، ئاندىن ئەكس سادادەك شېئىرغا ئايلىنىپ چىقىدۇ. ئاڭلاش ـ رېئاللىقتىن ھالقىغان سەزگۈ. شائىر شېئىرغا كۆتۈرۈلگەندە بەزىدە ئىنسانلار ئاڭلىمىغان سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ.②» شۇنداق، شائىر بۇ چاغدا ئۆزى ئاۋازىنى ئاڭلىغان شەيئىلەرنىڭ تىلدا ئىنسانلارغا سۆزلەشكە باشلايدۇ. ئوقۇرمەنلەرنى روھى دۇنياسىدا ئىلگىرى پەقەتلا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىزتىراپلارغا تاشلايدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمالىقتىن ئەمدىلا ئېچىلغان كۆزلىرىنى ئىختىيارسىز ھالدا ياشلايدۇ. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ ھەرىكەت بىلەن، ئاۋاز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك پېئىللارنى كۆپ قوللىنىشى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ تىلىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر ئىچىدە سۆز بىلەن سۆزنىڭ، سۆز بىلەن تۇيغۇنىڭ مۇناسىۋەتلىشىش ھالىتىنى تىلغا ئېلىش ئالاھىدە ئۇرۇندا تۇرىدۇ. يەنى ئۇ شېئىرىي جۈملىنى ئۆز ئادىتى ۋە خاھىشى بويىچە سۆز بىلەن تۇيغۇنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىگە قۇراشتۇرىدۇ. مىسرا بىلەن مىسرا، ھەتتا سۆز بىلەن سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىغىمۇ شېئىرىي بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شېئىرىي جۈملىنىڭ ھەر قاچان يېڭى، ئىجادىي ۋە يېقىشلىق بولۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ ھەقتە شائىر ئۆزىمۇ: «مەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ كونا بىلەن يېڭى، ۋارىسلىق بىلەن ئىنكارچىلىق بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشىپ، بىرى يەنە بىرىنى يۇتۇۋەتمەكچى بولغان دەل مۇشۇ ئۆتۈشمە باسقۇچنىڭ مەھسۇلى. مەن شېئىردىن ۋاز كېچەلمەيتتىم، شۇنداقلا ‹بۇلاق›نىڭ ئالدىغا ‹سۈزۈك›، ‹گۈزەل› نىڭ كەينىگە ‹جانان›، ‹تاتلىق›نىڭ قاپىيەسىگە ‹شادلىق› تىزىلىپ كېلىۋېرىدىغان شېئىرلاردىنمۇ بىزار ئىدىم. مەن ئوقۇغان خېلى كۆپ شېئىرلارنىڭ تىلىدىن نامراتلىق يېغىپ تۇراتتى.③» دەيدۇ ۋە ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ھالدا يېڭى بىر يولنى ئىزدەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى سۆزلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە قانات بىلەن ئادەم، سۆزلەش بىلەن ئۆمۈچۈك، ئوماق بىلەن تېزەك، يىغلاش بىلەن دەرەخ تارتىنماستىن بىر يەرگە كېلەلەيدۇ شۇنداقلا بۇ سۆزلەر خۇددى سېھىرگەرنىڭ ھاسىسىدەك ئوقۇرمەنلەرگە ئادەتتىن تاشقىرى ئېستېتىك زوق بېرەلەيدۇ.
ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدا خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ۋە ئەقىل–پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان ماقال–تەمسىللەرنى ناھايىتى جايىدا ئىشلىتەلەيدۇ. مەسىلەن:
نادانغا قىلغان ئىسىت سۆزۈم،
ئۆلۈككە يىغلىغان ئىسىت كۆزۈم.
«ئانا تىل» ناملىق شېئىردىن
ئۈچ كۈن بولدى تۈلكە غوجام قىلمىدى ناشتا،
بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق ماي تۇرامتى تاشتا؟
نادان تۈلكە ئۆگەنسۇن بىزدىن
ئىلىنارمىز تۇمشۇقىمىزدىن
بۆرە، ئادەم، ۋاقىت قاچ – قاچتا...
«تەمسىلدە ياشاشتىن» ناملىق شېئىردىن
دۈمبىسى قىچىشقان ئېشەك
تۈگمەنگە ئۆزى بېرىپتۇ.
ئۇچرىشىپ قالدۇق،
تاساددىپ، ئۇزاق، غۇۋا.
«قەدىناستىن» ناملىق شېئىردىن
مېنىڭچە، يۇقىرىقى مىساللاردىن قايسىسى ماقال، قايسىسى تەمسىل ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ، ئۇلارنىڭ شېئىردا ئوينىغان رولىنى ئەزۋەيلەپ يۈرمىسەكمۇ ئوقۇرمەنلىرىمىز بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ.
ئادىل تۇنىياز كۆپىنچە ھاللاردا شېئىرىي تۇيغۇلىرىنى جانلىق تىل ۋە يەرلىك شېۋە سۆزلىرى بىلەن خاتىرىلەيدۇ. بۇلار شېئىرغا باشقىچە جان كىرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇرمەنلەرنى تەبىئىي، چىن، يېقىملىق شېئىرىي مۇھىت ئىچىگە قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ. مەسىلەن:
كەلسە ھەيۋەت يۈك پاراخوتى
لاكاسلايدۇ دېڭىزنىڭ پۇتى.
«قىيپاش ئۆلۈش» ناملىق شېئىردىن
بېغىمىزنى تولدۇرۇپ گۈلگە،
تۇغۇلغۇسى بۆرە يا تۈلكە.
«ئىككىنچى ئوغلۇم» ناملىق شېئىردىن
خالۋاپلار يىپ تارتىپ يىپەك توقۇدى،
ئويىدا ئادەملەر كوزىدا بوياق.
«ئەتلەس» ناملىق شېئىردىن
قىچىشىپ ئېغىز ئېلىپ، بىخ چىقاردى
ئۆلۈمگە لايپاسلىق ئەمەسقۇ ئىللەت؟
«قەدىمى مىللەتنىڭ شوخلۇقلىرى» ناملىق شېئىردىن
بۇ مىساللاردىكى «لاكاسلاش، بۆرە يا تۈلكە، خالۋاپ، لايپاس» قاتارلىق سۆزلەر شېئىرغا يېڭى بىر خىل يېقىملىق تۈس قوشۇش بىلەن بىرگە، ئۇقۇرمەنلەرگە خۇددى شۇ خىل شېۋە بىلەن سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شائىر ئادىل تۇنىياز شېئىرىي تىلدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۆپلەپ زېھىن سەرپ قىلىدۇ. سۆز بايلىقىدىن ۋە ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىدۇ. سۆزدىكى سېھرىي كۈچنى شېئىرلىرىدا تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەر ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان مىسرالىرى ئارقىلىق سۆزنىڭ قىممىتى ۋە قۇدرىتىنى ئۇقۇرمەنلەرگە ئېنىق ھېس قىلدۇرىدۇ.

2. ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى
قۇرۇلما ـ قېلىپتۇر. شائىرلىق ـ مۇھەببەت ۋە تەشەككۈرگە لىق تولغان قەلبتۇر. شېئىر يېزىش قەلبتىكىنى تەييار قېلىپقا قاچىلاش ئەمەس، بەلكى قەلبكە دەل كەلگۈدەك يېڭى قېلىپنى ياساش جەريانىدۇر. بىر شائىر قەلبىنى زىل–زىلىگە سالغان ھېس–تۇيغۇلىرىنى قەغەز يۈزىگە چۈشۈرگۈدەك قېلىپ ـ قۇرۇلما ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرمەيدىكەن، قەلبىدىكى ئەركىنلىككە تەشنا تۇيغۇلىرىنى توسالغۇسىز ۋە دەخلىسىز ھالدا يورۇقلۇققا چىقىرىشقا ئامالسىز قالىدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن شائىر شېئىرىي تىل ھەققىدە يېڭىلىققا يۈزلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسىغىمۇ سەل قارىمايدۇ.
قارايدىغان بولساق، ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرى شەكىلنى تۇغۇۋاتقاندەك ياكى شەكىل بىلەن مەزمۇن تەڭلا تۇغۇلغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىر– داستانلىرىنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكىنى مىسرالارنىڭ ئۇزۇن-قىسقا قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، سۆزلەرنىڭ تاققا-تۇققا، تەرتىپسىز قۇراشتۇرۇلۇشى، ئېپىكىلىق بىلەن لىرىكىلىقنىڭ ئەپچىل مۇناسىۋىتى، دىيالوگ بىلەن مونولوگلارنىڭ ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى، نەزمىي شەكىلگە نەسرىي شەكىللەرنىڭ ئارىلاشتۇرۇلۇشى، ئىزاھاتلارنىڭ قىستۇرۇلۇشى، ھەتتا بەزى شېئىرلارنىڭ تىنىش بەلگىلىرىدىن پۈتۈنلەي خالىي بولۇشى... قاتارلىقلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن. مەسىلەن:
ۋەتەنسىز قۇشلار
پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار.
سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر،
غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ.
غېرىبلىقتەك
ئېگىز بىنا
قوشنا ئۆيدىكى ئادەم.
تام.
ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرپ – ئادەت.
«قەشقەردىكى يەر شارى» داستانىدىن.
ئوت يالقۇنلىماقتا
ئەرلەر جەڭ مەيدانىدا.
ئوت،
تالىماقتا قۇيرۇقىنى.
ئوت
قالدى پەسلەپ
بالىياتقۇ
ئالدى بىر نەپەس.
«ئەركەكلەر، قېنى سىلەر؟» داستانىدىن
بۇ مىسرالاردىكى ئۇزۇن–قىسقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزلىرى ھېس قىلغۇدەك ئېستېتىك بوشلۇق قالدۇرغان بولۇپ، شائىرنىڭ مۇددىئاسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇرمەنلەر بىر پۈتۈن شېئىرنى ئەمەس، مەزكۇر مىسرالارنىڭ ئۆزىنى سۆزمۇ سۆز ئوقۇپمۇ چەكسىز ھۇزۇرلىنىدۇ.
بەزى شېئىرلاردىكى سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسى بىزگە خۇددى كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنىدەك تاققا–تۇققا تۇيۇلىدۇ. ئوي- پىكىر ئەمدى باشلىنىپلا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
قاراڭغۇ چۈشتى
يۇمشاق،
قارا،
يۇمىلاق.
قاراڭغۇ چۈشتى
خۇش پۇراق،
سوغۇق،
پاتقاق.
«سۈزۈك سەپەر» داستانىدىن
بۇ مىسرالاردىن شائىرنىڭ قەلبىدىكى ۋاقىت تۇيغۇسىنىڭ ھەر خىل شەكىللەرگە كىرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەنى شائىر ۋاقىتتىن ئىبارەت ئابستراكت ئۇقۇمنى تۇتقىلى، كۆرگىلى، پۇرىغىلى، ھېس قىلغىلى، كېچىپ ئۆتكىلى... بولىدىغان كونكرېت نەرسىلەر بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن. دېمىسىمۇ، ۋاقىت كۆڭۈل دېگەن سۆزگە ئوخشاشلا ئابستراكت ئۇقۇم. ئادەم كۆڭلىدە خۇشال بولغاندا ۋاقىت خۇددى خۇشپۇراقلىق باغچىدا يۈرگەندەك، ئادەتتىكىدىن تېز ئۆتكەندەك تۇيۇلسا؛ ئازابلىق روھىي ھالەتتە تۇرغاندا ۋاقىت پاتقاقلىق يولدا ماڭغاندەك ئاستا، شىۋىرغاندا قالغاندەك سوغۇق، ھەممە يەرنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەندەك قارا تۇيۇلىدۇ.
شائىرنىڭ ھېسسىياتىدىكى ئىچكى رىتىمنىڭ پەۋقۇلئاددە كۈچلۈكلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بەزىدە بىر مىسرا بىر نەچچە قۇرغا بۆلۈپ يېزىلىدۇ. ئالايلۇق:
ۋاقىت چەكتۇر، ئەمدى ۋاقىت يوق.
ئەمدى
ۋاقىت
يوق.
«سۈزۈك سەپەر» داستانىدىن.
بۇ خىل ئەھۋال بىزگە، ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «خائىن تاغلار» ناملىق داڭلىق شېئىرىدىكى:
قېنى...
مېنىڭ...
ئەكس ...
سادايىم؟!...
دېگەن بارى–يوق تۆتلا سۆزدىن تۈزۈلگەن ۋە تۆت قۇرغا بۆلۈنگەن مىسراسىنى ئەسلىتىدۇ. مېنىڭچە، شائىرلارنىڭ شېئىرىي قۇرۇلمىنى بۇنداق ھەرىكەتچان ئورۇنلاشتۇرۇشى شېئىرنى ئوبرازچانلىققا، شېئىرىي ئوبرازنى تېخىمۇ جانلىقلىققا ئىگە قىلغان بولۇپ، ئۇقۇرمەنلەرگە مىسرالارمۇ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، شائىر بەزى شېئىر - داستانلىرىدا بىر سۆزنىڭ ھەرپلىرىنى ئايرىم – ئايرىم ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ ئۇقۇرمەنلەر ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. ئالايلۇق:
ئا... م ... ئى... ن!...
بىر تاۋۇشتا باشلاندى يەر–كۆك، باشلاندىم.
بىر تاۋۇشتا جەننەتكە كىردىم، تاشلاندىم.
بىر تاۋۇشتا ھالاك بولدى شەھىرى بابىل،
كىم ئۇ، ئادەم ئاتىمۇ ياكى ئادىل.
«ئىلاھى ئىشق » ناملىق شېئىردىن
بۇ مىسرالاردىكى «ئامىن!» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ «ئاللاھ» بىلەن بولغان ئۈزۈلمەس ئالاقىسىدىكى ئەڭ مۇھىم سۆز بولۇپ، بۇ سۆزدە ئەقىدىگە ئىگە ئىنساننىڭ ئوتلۇق ئىلتىجاسى بىلەن تەشەككۈرى تەڭلا ئەكس ئېتىدۇ. ھەرپلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك ئۈزۈك–ئۈزۈك ئۇسۇلدا ئېيتىلىشىدىن ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ قەلبىدىكى، ھەتتا ئاۋازىدىكى ئىلتىجا، ئىشەنچ، ئۈمىد – ئىستەكلىرى ئېنىق نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. مۇشۇ سۆزنى ئېيتىش ئۈچۈن ئېچىلغان لەۋلەر مۇھەببەت ۋە ئىبادەت ئۈچۈن ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك يۈرەك–يۈرەكلەردە بەرق ئۇرىدۇ.
بۇ خىل قۇرۇلما ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەڭ مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان شېئىرلاردا قوللىنىشقا ھەقىقەتەنمۇ باب كېلىدۇ. چۈنكى، شائىر ئىنسانلار جەمئىيىتى تا ھازىرغىچە ھەيرانلىق ۋە تەن بەرمەسلىك ئىلىكىدە تەتقىق قىلىۋاتقان ھايات بىلەن مامات، باقى دۇنيا بىلەن پانىي دۇنيا، مەۋجۇتلۇق بىلەن مەجھۇللۇق، زامان بىلەن ماكان، تۇغۇم بىلەن ئۆلۈم، بارلىق بىلەن يوقلۇق قارىشىنى «ئەلىف، لام، مىم» دىن ئىبارەت ئۈچ ھەرپ بىلەنلا ئىنتايىن ئىخچام ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن:
پىچىرلار تىلىم: ئەلىف، لام، مىم
رىتىمى مەخپىي، ۋاقىت رىتىم
بار ھەم يوق مەن، بار ھەم يوق ئالەم.
«سىرلىق تاۋۇش» ناملىق شېئىردىن.
ئادىل تۇنىياز شېئىر–داستانلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئېپىكىلىق بىلەن لىرىكىلىقنىڭ، ۋەقەلىك بايانى بىلەن پىسخىكىلىق باياننىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ يۇقىرىدا مىسالغا ئالغان شېئىرلىرىدىنمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
ئادىل تۇنىياز شېئىر–داستانلىرىدا ئۇقۇرمەنلەر پىروزا ئەسەرلىرىگە ئوخشاش دىيالوگلارنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. ئۇلارنى ھەيرانلىق ۋە قايىللىق بىلەن ئوقۇۋېتىپ ئەتراپىدىكى كىملەرنىدۇر، نېمىلەرنىدۇر ئېسىگە ئالىدۇ. مەسىلەن:
رەھمەتلىك تېخى ياش ئىدى،
ھېچكىم ئۇنى ئۆلۈپ قالار دەپ ئويلىمىغان.
بۈگۈن خۇيمۇ ئىسسىق بولدىغۇ،
پولۇ ئوخشاپتۇ.
«نەزىر» ناملىق شېئىردىن
نە سەۋەبتىن ئىچتىڭ قەلەندەر؟
بەك ۋاپاسىز چۈنكى ئادەملەر.
ئىچمەيلىمۇ بۈگۈن ؟
نېمىشقا؟
ئىش ھەققىمنى ئالدىم قولۇمغا.
سىزچۇ ئەپەندى؟
كىم ئىچىدۇ ئىچمەي تارىخچى.
ئاڭلىلىمۇ چىرايلىق قوشنام،
گۈللۈك، نېپىز قەغەزدەك ئىشتان
ئەنقەردە بوپتىمىش مودا.
قىزنىڭ قېشى شالاڭمۇ نېمە؟
باردىلىمۇ ئاخشامقى تويغا.
چېچەن دېگەن ئاشۇ ئەخمەق خەق،
تەنگە سىڭگەن نېنىنى يېمەي
ئۇرۇش قىپتۇ دەيدۇ يېقىندا.
ئەر چىقماپتۇ سەنئەتچى قىزغا.
«قەشقەردىكى يەر شارى» داستانىدىن
بۇ مىسرالار دەماللىققا شائىر شېئىر يېزىۋاتقاندا قەيەرلەردىندۇر ئاڭلىۋالغان ئۇچۇرلارنى، قۇلىقىغا سىڭىپ قالغان پاراڭلارنى مۇنداقلا خاتىرىلەپ قويغاندەك تۇيۇلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئادەمنى ئاجايىپ ئويلاندۇرىدۇ. جەمئىيەت، مىللەت، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە روھىيەت ھەققىدە ئىزتىراپلىق خىياللارغا ئەسىر قىلىدۇ. بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ھەتتا نەچچە مىڭ مىسرا ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مەزمۇنغا قارىغاندا، قەلبى ئويغاق ئۇقۇرمەنلەرگە دەل مۇشۇنداق دىيالوگلار بەكرەك تەسىر قىلىدۇ.
شائىر قەلبىدىكى دولقۇنلاپ تۇرغان ھېسسىياتىغا ئەگىشىپ كېتىۋېتىپ بەزىدە نەزمىي شەكىلدىن نەسرىي شەكىلگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالىدۇ. يەنى قەلبتىكى تۇيغۇ ئۆزىگە كېرەكلىك قېلىپنى تەبىئىي يوسۇندا تېپىۋالىدۇ. مەسىلەن:
يەلتاشما،
خۇددى تېرە ئاستى شەھىرىدەك
قىزغۇچ بىنالار چوقچىيىپ چىققان.
خۇددى جىمجىت قىرغىنچىلىقتەك
ئۈستىدىنمۇ ئاستىدا جىق قان.
خۇددى مۇزدىكى يۇلتۇزلاردەك
تېرەمدىن چاقنار بىر–بىرلەپ.
بۇ ئىگەمنىڭ خېتى، ناشۈكۈرلىكلىرىم ئۈچۈن تېرەمگە پۈتۈپ قويغان.
بۇ «تۆت تادۇ» نىڭ ئەسىرى خىلىتلىرىمغا كېسەللىك ئويغان.
بۇ ئوتنىڭ ئىستىلاسى سۇغا بولغان.
بۇ ھاۋانىڭ قارغىشى تۇپراقتىن تويغان.
بۇ بىر قىستۇرما كۈي، ئۇدارى ئوخشاش كۈنلىرىمگە.
بۇ بىر يېڭى ئازاب، ئازاب شادلىقىنى سەزمەس بولۇپ قالغان تېنىمگە.
«يەلتاشما» ناملىق شېئىردىن
ئادىل تۇنىياز شېئىر-داستانلىرىدا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ جايىغا چۈشكەن ئېنىقلىما ۋە بىر قىسىم ئىزاھاتلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
ئايال ـ
ئەركەكلەرنىڭ ئۆلۈم مەيدانى.
ئايال ـ
ئالەم بىنا بولغان شۇ كۈنى
تۇنجى ئەرنىڭ بالا ياتقۇسى.
ئەر ـ مىنىۋېلىپ ئۈستىگە ئاتنىڭ
ئوتلۇق، پىنھان شەھەرلەرگە
بېسىپ كىرگۈچى.
ئەر ـ
گويا تەننى بېسىۋالغاندەك
زېمىنلارنى بېسىپ ئالغۇچى.
ئەر ـ
قان تۆكۈشتىن ھاياجانلىنىپ
ئۆلۈملەردىن لەززەت ئالغۇچى.
ئەر ـ
ئايال خاقاننى
ئايال خەلقنى
ئايال يېزىقنى كۆرۈپ
بوشاپ قالغۇچى.
«ئەركەكلەر، قېنى سىلەر؟» داستانىدىن
رەستىلەر سۇ
بانكىلار سۇ
ساقچىخانا سۇ
شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىناسى سۇ
سۇ، ئاياللارغا تولدى بۇ شەھەر.
(قاراڭلار، شەھەرلەردە ئاياللارنىڭ قىيقاس–چۇقانلىرى، ئاياللارنىڭ ئەرلىرى، ئاياللارنىڭ ماللىرى، ئاياللارنىڭ مەدەنىيىتى، ئاياللارنى قوغدايدىغان قانۇن، بۇ شەھەردىكى ھەممە نەرسە ئايالنىڭ ئەمەسمۇ؟)
«ئەركەكلەر، قېنى سىلەر؟» داستانىدىن
يېيىلمەكتە چەكلەنگەن مېۋە
ئىمارەتلەردە ئېگىز – ئېگىز.
(بابىل مۇنارى شۇنداق سېلىنغان)
«جەرەن بالىسى» ناملىق شېئىردىن
بۇ شېئىرلاردىكى ئېنىقلىمىلار ئوقۇرمەنلەرنى ئۆز ئالدىغا ئويلانغۇدەك ئېستېتىك بوشلۇقلار بىلەن تەمىن ئەتسە، ئىزاھاتلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئويلىنىش دائىرىسىنى ئىستىخىيەلىك رەۋىشتە تارايتىپ بېرىپ، شېئىرنىڭ مەنە قاتلىمىنى ھېس قىلىشقا كېرەكلىك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئېرىشتۈرىدۇ.
ئادىل تۇنىيازنىڭ بەزى شېئىرلىرىدا باشتىن–ئاخىر بىرمۇ تىنىش بەلگىسى ئىشلەتمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. مەسىلەن، «پويىزدا يېزىلغان كۈندىلىك خاتىرە» ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلارنىڭ ئىچىدىكى «ئۇيقۇنىڭ تېز بايانى» دېگەن شېئىردا بىرمۇ تىنىش بەلگىسى يوق بولسىمۇ، ئۇقۇرمەنلەر مەزكۇر شېئىرنى ئوقۇشتا قىلچىلىك قىينالمايدۇ ۋە شېئىردىكى بايانچىنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن ئۇيقۇنىڭ نېمە دەۋەتقانلىقىنى ئاڭقىرالايدۇ.
ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ ماۋزۇسىدىكى سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. مەسىلەن، «دۆڭكۆۋرۈكنىڭ كەچلىك بازىرى»، «يېشىل رەڭلىك ئۇيغۇر شائىرى»، «ئۆمۈچۈك ناخشىسى»، «دان تۇتقان شېئىر»، «چۈمبەلدىكى كۆز»، «قەدىمى مىللەتنىڭ شوخلۇقلىرى»، «دېڭىز ئون تۆت ياش»، «قىزغىن ئەتىرگۈل»، «ئۇيغۇر كوچىغا چىققاندا»، «كىيىم ئاسقۇدىن كەلگەن پىكىرلەر»، «كېچە مېنىڭ كارىۋىتىمدا»، «قارىياغاچنىڭ ئەگمەچ قوللىرى»، «دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا»، «گۆھەرپۇرۇش ئەھمەد ھەمداننىڭ ناماز شامدىن كېيىنكى ۋاقتى»، «بېھى يېگەن بالىلار»، «بىر قاغا ياكى ئۈچىنچى قاغا»، «قارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»... قاتارلىق ماۋزۇلارنىڭ ئۆزىلا سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر بىلەن بىزنى ئۇنتۇلغۇسىز شېئىرىي تۇيغۇلارغا چۆمۈلدۈرىدۇ.

3. ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى
بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشتىن ئاۋۋال ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور ـ ئازاد سۇلتان ئەپەندىنىڭ مۇنۇ باھاسىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق يازغان: «ئادىل تۇنىياز شېئىرىي ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا بالىلارغا خاس تەپەككۇر، بالىلارچە ساپ، ساددا تەسەۋۋۇر ھەم ھېسسىيات قىلچە پەردازسىز، ئەسلىگە سادىق ھالدا بالىلارغا خاس چۈچۈك، تاتلىق تىل، ئىنتايىن يەڭگىل شېئىرىي رىتىم ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. ④» بۇ بىر ئابزاس ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مەلۇم دەرىجىدە يىغىنچاقلىغان بولسىمۇ، ئەمما شائىرنىڭ بىر–بىرىدىن نادىر شېئىرلىرى ئارقىلىق بىزگە زادى نېمە دەۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭقىرىش ئۈچۈن يەنىلا يىغىق جۈملىنى يېيىق جۈملىگە ئايلاندۇرۇشقا مەجبۇرمىز. چۈنكى، بىر شائىرنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى بىلمەي تۇرۇپ، بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. قەلبىمىزدىكى نامەلۇم بوشلۇقلار تولمايدۇ.
قارايدىغان بولساق، شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىدا لوگىكىغا چۈشمەيدىغان ماۋزۇ ۋە مىسرالارمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ داڭلىق داستانى «قەشقەردىكى يەر شارى» نى ئالساق، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆز كۆزىگە ئىشىنىشى ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ. خۇددى خەتنى خاتا ئوقۇپ قالغاندەك كۆزلىرىنى قايتا – قايتا ئۇۋىلايدۇ. ئاندىن، توساتتىنلا نېمىلەرنىدۇر ھېس قىلغاندەك سوغۇققانلىق بىلەن ئويلايدۇ. شائىرنىڭ مەزكۇر داستاندا قالدۇرۇپ كەتكەن مەنە ئۇپۇقلىرىنىڭ ئىزنالىرىنى بويلايدۇ.
شۇنداق، شائىرنىڭ شېئىرلىرىغا ئاشىق ئوقۇرمەنلەر ئۇ قوللانغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچىلىككە ۋە شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىگە ھەقىقەتەن ھەيران قالىدۇ ۋە يۇقىرىدا نەقىل ئېلىنغان نەزەرىيەۋى يەكۈننىڭ ئەمەلىيىتىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. مەسىلەن:
قۇياش ماڭا كۆتۈرەرمۇ تىغ،
سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا.
سەن ھەققىدە بېرەرمۇ سۆزلەپ،
پورەكلىگەن گۈللەر باھاردا.

سۇ ئۇسقىلى چىقساڭ بۇلاققا،
يۇتۇۋالماق بولارمۇ بېلىق.
كۆرۈپ قالسا سېنى ئاھۇلار،
جان بېرەرمۇ تارتمايلا تىنىق.
«سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا» ناملىق شېئىردىن.
مېنىڭچە، بۇ شېئىرنى ئوقۇۋاتقان ئۇقۇرمەنلەر «قۇياشنىڭ تىغ كۆتۈرۈشى، بېلىقلارنىڭ يۇتۇۋالماق بولۇشى...» قاتارلىق مىسرالارغا ئۆزىنىڭ قانداقلارچە مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى سەزمەيدۇ. بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، شائىر ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى شېئىرلىرىدىمۇ گۈزەل تەسەۋۋۇر ۋە ئويناق تىل ياردىمى بىلەن ھېسسىياتنى تولىمۇ تارتىملىق ئىپادىلەيدۇ.
ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدا باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا ئەزەلدىن بىر يەرگە كېلەلمەيدىغان سۆزلەرمۇ توساتتىنلا بىر يەرگە كېلەلەيدۇ. بۇ سۆزلەر بىزگە ئەسلىدە پۈتۈنلەي بىر يەردىكى سۆزلەردەك ئاجايىپ گۈزەل ئېستېتىك زوق بېرەلەيدۇ. يەنە خۇددى ئۇزاققا سۇزۇلغان ھىجران ئازابىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاران دېگەندە ۋىسالغا يەتكەن ئاشىق–مەشۇقلارنىڭ شېرىن پىچىرلاشلىرىدەك ئانا تىلىمىزنىڭ ئىلگىرى بىز ھېس قىلىپ يەتمىگەن لەززىتىگە چۆمدۈرەلەيدۇ. مەسىلەن :
ئەبلەخ كېسەل، كۆزى يوق كېسەل،
ئۇششۇق كېسەل، بۇدۇشقاق كېسەل.
سوغۇق كېسەل، يامغۇرلۇق كۈندەك،
ئۇزۇن، ئۇزاق بەك ئۇزاق كېسەل.
دادام يالغۇز قالسا سۇپىدا
ئەركىلىگەن شوخ، ئوماق كېسەل.
«خوش دادا» ناملىق شېئىردىن.
ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدا مەنە بىر مەركەزگە يىغىپ قويۇلماستىن، مىسرامۇ مىسرا، سۆزمۇ سۆز چېچىۋېتىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى مەنە بوشلۇقلىرىغا باشلاپ بارىدىغان ئىشىك ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئات، ئايال، ئوت، سۇ، بېلىق، ئەينەك، كارىۋات، مەسچىت، مۈشۈك، چاشقان، ئۆمۈچۈك، تاش، قان... قاتارلىق ئىماگلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يوغان ئېچىۋېتىلىدۇ.
ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدا ئوخشىتىش، مۇبالىغە، سۈپەتلەش، سېلىشتۇرۇش، يانداشتۇرۇش، جانلاندۇرۇش، تەكرارلاش، سىمۋول... قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن قوللىنىلىدۇ. ئالايلۇق:
قۇياش
ئوخشار مېنىڭ ياتىقىمدىكى
ئەڭ ئاخىرقى بىر تال شامغىلا.
«سەرگەردان سايە» ناملىق شېئىردىن.
مەزكۇر شېئىر باشلىنىش بىلەنلا قۇياش ئۆچەي دەپ قالغان شامغا ئوخشىتىلغان بۇ مىسرالاردا شائىر تاشتەك قېتىپ كەتكەن شەھەر ۋە شەھەردىكى كۆلەڭگىدەك كىشىلەرنى تەسۋىرلىگەن بىلەن، ماھىيەتتە مېھىرى ئىسسىق سەھراسىغا بولغان ساپ سۆيگۈسىنى تىلغا ئالغان.
يېشىل قەبىلە ھېجىر تەشتەكتىن
چىقىپ كەلمەكتە، ئېقىپ كەلمەكتە.
بېيجىڭ قوۋۇرغىسى تاش شەھەر،
يورۇماقتا ئۈچەي-باغرىمىز
يەر دېۋىسىنىڭ ئاغزىدا سەھەر.
«ئۈچىنچى ئايغا كىرىش» ناملىق شېئىردىن.
ئېرىمەكتە
سۈزۈك كۆڭلەكلىرى ئىچىدە
ھاياجانلىق سۇنىڭ تېنى
قوزغاپ يەرنىڭ ھاياجىنىنى.
«كۆكلەم كەلمەكتە» ناملىق شېئىردىن.

ئاياللار سۇ سۈزۈك – سۈزۈك...
دەريا سالدۇردى ئۈزۈك.
قىزىل رەڭلىك سۇ
قۇيرۇقى ئۈزۈك
پىلتىڭلار قۇمدا.
ئېمىتمەكتە ئۆلۈك بېلىقنى
ئەمچەكلىرى چىڭقالغان دەريا.
«ئاياللار كېسىلى» ناملىق شېئىردىن
بۇ مىسالدىكى مىسرالاردا سۈپەتلەش بىلەن جانلاندۇرۇش تەڭ قوللىنىلغان ھەمدە جانلاندۇرۇشتا سۇ بىلەن يەر تەڭلا ئادەملىك تۈسكە ئىگە قىلىنغان.
قاق...!
قاق...!
قاق...!
قاغا
قاقىلدىماقتا غېرىبلىقىنى.
«بىر قاغا ياكى ئۈچىنچى قاغا» ناملىق شېئىردىن.
بۇ مىسرالاردا تەكرارلاش بىلەن سىمۋول تەڭ قوللىنىلغان. بۇ ئارقىلىق غېرىبلىق قوينىدىكى ئىنساننىڭ قەلبىدىكى ئازاب ـ ھەسرەتنىڭ ئىپادىلىنىش دەرىجىسى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلغان.
بىز يۇلتۇزلار ئەما قەبىلە
پارقىرىغان ئېگىزلىكلەردىن
مىنىپ قالدۇق ئۆلۈم ئېتىغا.
«سۈزۈك سەپەر» ناملىق داستانىدىن.
بۇ مىسرالاردىكى مۇبالىغە شېئىرغا چەكسىز سېھرىي كۈچ ئاتا قىلغان. مۇشۇ يەردە ئېنىق ئېيتىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدىكى، شائىر ئاددىي بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالەم ۋە ئۇنىڭ سىرلىرىنى ئۇقۇرمەنلەرگە ئۆز ئەينى، ئۆز رەڭگى ۋە ئۆز تەمى بويىچە ئېيتىپ بېرىش ئۈچۈن شېئىرلىرىدا ئىچكى ھېسسىياتىنى توسالغۇسىز ئىپادىلەپ بېرىشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان مۇبالىغىنى كۆپرەك قوللانغان.
ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدا يېشىل، كۆك، ئاق، قارا، قىزىل رەڭلەر بەكمۇ كۆپ تەكرارلىنىدۇ ۋە كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك جۇلالىنىدۇ. ئاي، قۇش، قىز، قۇم، تەكلىماكان، گۈل، كۆز، ئات، ئايال، ئوت، دېڭىز، سۇ، بېلىق، ئەينەك، كارىۋات، تام، تۈتۈن، مەسچىت، مۈشۈك، چاشقان، ئۆمۈچۈك، تاش، سۆڭەك، قول، قاغا، قان... قاتارلىق بەزىلىرى ئەنئەنىۋى، يەنە بەزىلىرى يېڭى ئىماگلار ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ھالەتتە جانلىنىدۇ. بولۇپمۇ، شائىر قۇش، ئايال، ئات، ئەينەك، سۇ، ئوت ۋە تاشتىن ئىبارەت ئاللىقاچان سۆيۈملۈك سمۋوللارغا ئايلىنىپ كەتكەن شېئىرىي ئىماگلارنى قوللانغاندا ئەر مىللەتنىڭ شائىرىغا خاس روھى ھالەتتە قالتىس ھاياجانلىنىدۇ. بۇ رەڭلەر ۋە ئىماگلار ئوقۇرمەنلەرنى ئادىل تۇنىياز ئىجادىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن مەنە قاتلىمى ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ. چۈنكى، ھەر بىر رەڭ ۋە ئىماگدا ئۇنىڭ فولكلوردىكى، دىنى تۇيغۇدىكى، جىنسى تۇيغۇدىكى، تارىخىي تۇيغۇدىكى، رېئاللىقتىكى ۋە ئەپسانىۋى مۇھىتتىكى مەنىسى قاتمۇقات توپىنىڭ ئاستىدا قالغان قىلىچنىڭ بىسىدەك چاقناپ تۇرىدۇ.

4. ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى
ئىجتىھاتلىق ئالىم ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «يېڭى ئېقىمدىكى شېئىرىيەتنىڭ بەزى يېڭىلىقلىرى» ناملىق ماقالىسىدە: «ئومۇمەن، يېڭى ئېقىمنى تەشكىل قىلغان ئادىل تۇنىياز، چىمەنگۈل ئاۋۇتتەك ياش شائىرلاردا شېئىرىي تىمسالچىلىق بىلەن بىللە ئوبرازچىلىقمۇ ناھايىتى كۈچلۈك. زامانىۋىلىق بىلەن تۈرلۈك رەڭدە تۈسلەش، كۆپ مەنىلىك تۈردە سۆز– ئىبارە تاللاش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن. كىشىلەر بۇنداق شېئىرىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغىنىدا، ئىدىيە جەھەتتىن كۆپ تەرەپلىمە بېشارەتنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئىلھام ئالىدۇ ھەم ھېسسىيات جەھەتتىن مەمنۇن بولىدۇ⑤» دەپ ئېيتقاندەك، ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، خۇددى پىيازغا ئوخشاش قات–قات مەنىگە ئىگە. گەرچە شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە كونكرېت بىر نەرسە دېيىشكە بولمىسىمۇ، ئەمما بىر شائىرنىڭ نېمىنى قانداق ئۇسۇلدا ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ۋە ئىجادىيەت ئىزچىللىقى داۋامىدا قانداق خاسلىق شەكىللەندۈرگەنلىكىگە قاراپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەزمۇن، مەنە، مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە قاتلىمى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.
قارايدىغان بولساق، شائىر ئادىل تۇنىياز ئىجادىيىتىدە ئۆزىنى سىرلىق ۋە ئىللىق قوينىغا ئالغان ئانا تەبىئەتنى، ھەيرانۇ –ھەس قالدۇرغان دىنىي تۇيغۇلارنى، ئىنسانىي كامىللىققا چاقىرىپ تۇرغان روھىيەتنى، ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن مىراس قالغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى، ئىنسان بالىسىنى نە كويلارغا سالغان جىنسىيەتنى، تەكلىماكاندىن ئىبارەت يوقلۇق بىلەن تولغان ماكاندا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان قەدىمىي مىللەت ۋە ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەتنى، مۇۋازىنىتىنى يوقىتىپ بېرىۋاتقان ئېكولوگىيەنى، داۋاملىشىپ بېرىۋاتقان تىراگېدىيەنى، غېرىبلىقنى، تەنھالىق ۋە تارىخنى... يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك يېڭى–يېڭى ئىماگلارنىڭ ياردىمىدە سېھرىي تۈستە ئىپادىلەشكە مايىللىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
«سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا» ناملىق تۇنجى توپلام ـ شائىرنىڭ ئاشىقلىق كوچىسىدا ئېيتقان تۇنجى سۆيگۈ ناخىشىسىدۇر. چۈنكى، بۇ توپلامدا ئادىل تۇنىياز ئاساسلىق قىلىپ ئاشىق– مەشۇقلارنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرىنى كۆپرەك خاتىرىلەيدۇ. دېمىسىمۇ، ئاشىقلىق ئىنساننى تەنھالىق دالاسىغا تاشلاپ كېتەلەيدۇ. ئاشىقلىق ئىنساننى شائىرلىق كوچىسىغا باشلاپ كىرەلەيدۇ. چىن ئېتىقادلىق بىر ئادەم ئۆز قەلبىگە ئىگە بولالىسىلا ئۆزىنى ھەر كويغا سالغان تۇنجى سۆيگۈ ناخشىسىنى مانا مۇشۇنداق ئۆلمەس قىلىپ ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن مىراس قالغان سۆيگۈ قىسسىسىنى توۋلىغىنىچە ئوتتىن سۇغا، سۇدىن ئوتقا كىرەلەيدۇ.
«بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» ناملىق توپلام ـ شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ تەنھالىق چۆلىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسىدۇر. چۈنكى، بۇ توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇنىڭ روھىي تەرجىمىھالى ۋە قەلب سادالىرىنىڭ ئەينەن ئىنكاسى بولۇپ، ئۇقۇرمەنلەر تەنھالىق دەقىقىلىرىدىكى شائىرنىڭ ھاياتلىق سىرلىرى بىلەن بولغان مونولوگ ۋە دىيالوگلىرىنى، ھەر جەھەتتىن نورمال يېتىلگەن بىر بويتاق يىگىتنىڭ ئايال جىنسقا بولغان تەلپۈنۈش تۇيغۇلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ. مەسىلەن:
يېشىل چاشقان، ئاھ يېشىل چاشقان،
يوقلاپ كېلىپ بويتاق شائىرنى
چىقىۋالدىڭ كارىۋاتقا قاچان؟
«يېشىل چاشقان» ناملىق شېئىردىن.
«چۈمبەلدىكى كۆز» ناملىق توپلام ـ شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ۋە ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇشىدۇر. ئوقۇرمەنلەرگە ئايان، شائىرنىڭ ئىلگىرىكى ئىككى توپلىمىدا تەبىئەت ۋە ئىنساندىكى تەبىئىي خىسلەت، مۇھەببەت ۋە مۇھەببەت ئېلىپ كەلگەن دەرد-ھەسرەت... قاتارلىقلار مەقسەتسىز ۋە چەكلىمىسىز قەلەمگە ئېلىنغان بولسا؛ مەزكۇر توپلىمىدىكى شېئىر-داستانلاردا پۈتۈنلەي باشقىچە ئەھۋال روي بەرگەن، يەنى شائىرنىڭ كۆپ ساندىكى شېئىرلىرى بىۋاسىتە ھالدا ئىنسان روھىيىتىگە يۈزلەنگەن. جۈملىدىن، ياش شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىلگىرىكى شېئىرلىرى ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلق ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدىن ئوزۇق ئالغان بولسا؛ مۇشۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىر-داستانلىرىدىن باشلاپ مۇكەممەل بولغان ئىسلام ئەھكاملىرى ۋە ئىسلام رىۋايەتلىرىدىن ئوزۇق ئالغان. ئوچۇقلا ئېيتساق، شائىرنىڭ بۇ مەزگىلدىكى شېئىر-داستانلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان دىنىي تۇيغۇنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىشىدا ئۇنىڭ ئۆمۈر ھەمراھى بولغان نەزىرە مۇھەممەتسالىھى بىلەن توي قىلىشى، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىگە بېرىشى ۋە كىيىنكى ئىزدىنىشى ئەڭ زور رول ئوينىغان. ئۇ بۇ ھەقتە: «(ئايالىمنى) بەزى شېئىرلىرىمغىلا ئەمەس، ھاياتىمغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن، ياشاش يولۇمنى ئۆزگەرتكەن دېسەممۇ بولىدۇ. تۇرمۇشۇمدا تۇنجى كۆيگەن، سۆيگەن ۋە توي قىلغان ئادىمىم شۇ. ئايالىم نەزىرە ـ شېئىر يازمايدىغان شائىرە، شېئىرغا مەندىمۇ ئەتراپلىق پىكىر ۋە باھالارنى بېرەلەيدۇ. مەن يازغان شېئىرلىرىمنى بىرىنچى قېتىم ئايالىم نەزىرەگە ئوقۇپ بېرىمەن. ئۇ ـ شېئىرلىرىمنىڭ تۇنجى كىتابخانى، مېنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى يولباشچىم.⑥» دەيدۇ.
شۇنداق، شائىرغا شېئىرىي ئىلھام ئاتا قىلىدىغىنى ماكان ۋە زامان. شۇنداق بولغاچقا، مۇھىت ۋە ۋاقىت ئۆزگەرگەندىكى شېئىرىي تۇيغۇمۇ ئوخشىمايدۇ. ئادىل تۇنىيازنىڭ «چۈمبەلدىكى كۆز» ناملىق توپلىمىدىكى شېئىر-داستانلىرىغا دىققەت قىلساق، شائىر ئاساسلىق قىلىپ ئالغا سۈرگەن ئىدىيەنىڭ نۇرغۇنلىرى «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس»لەرىدىن كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. شۇڭا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئەسەرلەرنى ھەزىم قىلغۇدەك شەرتنى ھازىرلىماي تۇرۇپ شائىرنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ۋە ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇشنى پەيدا قىلغان شېئىر-داستانلىرىنى چۈشىنىپ يېتىشى تەسكە توختايدۇ. چۈنكى، مەزكۇر توپلامدىكى شېئىر-داستانلارنى ئوقۇغان ھەمدە شۇ خىل مۇھىتنىڭ قوينىدا چوڭ بولغان ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەن ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدىكى تۇيغۇنىڭ يىلتىزى بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلالايدۇ.
«دېڭىزدىكى كوچا» ناملىق توپلام ـ شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىنسانىي كامالەت يولىدىكى يەنە بىر يارقىن ئۇرۇنۇشىدۇر. چۈنكى، بۇ توپلامدا شائىرنىڭ «قۇرئان»نى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشى ۋە ئەقىدە – ئېتىقادىنىڭ كۈچىيىشىگە مۇناسىۋەتلىك مىسرالار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.
«تاشقا سۆزلەۋاتقان ئادەم» ناملىق توپلام ـ شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ يەنىلا شۇ ئۆزى تەۋە ئادەملەرگە بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر. چۈنكى، بۇ توپلامدا شەخسىنىڭ غېرىبلىقى بىلەن مىللەت ۋە بىر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ غېرىبلىقى بىر–بىرىگە يۇغۇرۇۋېتىلىدۇ. ھەر بىر پارچە شېئىر، ھەربىر مىسرا ۋە ھەربىر سۆز، ھەتتا ھەرپلەرگە قەدەر شائىرنىڭ مىللەت ۋە ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق سېغىنىشى ۋە چىن سۆيگۈسى ئۆزىنى ئۆزى سۆزلەپ تۇرىدۇ.
قوينۇڭنى ئاچ ۋەتىنىم
غېرىب بالاڭ مەن كەلدىم.
مۇھەببىتىم قاناتتۇر
قۇشلار بىلەن تەڭ كەلدىم.
«مەن قايتىپ كەلدىم» ناملىق شېئىردىن
دېمىسىمۇ، شائىر ئادىل تۇنىياز ھەر بىر پارچە شېئىرىدا ئەسەرلىرىنى كۆپ قاتلامغا ئىگە قىلىپ تۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى، مىللەت سۆيگۈسى، ئەقىدە تۇيغۇسى، جىنسى تۇيغۇ، ئېكولوگىيە، ھايات–ئۆلۈم ئېڭى، سۆيگۈ–مۇھەببەت ئېڭى، ئالەم بىلەن ئادەمدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە ئۇلۇغلۇق... قاتارلىق قاتلاملارنى بىر–بىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇقۇرمەنلەر ئايرىۋالغۇسىز دەرىجىدە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىپادىلەيدۇ. ئايال، ئات، سۇ، ئوت، ئەينەك... ھەققىدە ئاجايىپ گۈزەل ۋە تېرەن ئەپسانىلەرنى سۆزلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئادىمىيلىك ئۇلۇغلۇققا قاراپ ئۈن–تىنسىز يېتەكلەيدۇ، ئۆزىمۇ ھەم روھى ئالىمىدىكى يۈكسەك پەللىلەرنى كۆزلەيدۇ. ئالايلۇق:
ئەتلەس، ئەتلەس
سەن قوشاق ئەمەس،
قۇشلار ئوقۇغان.
ئۇيغۇر ئۇيغۇر بولغاندىن بېرى،
سېنى قۇياش ئۆزى توقۇغان
رەڭلىرىڭدە كائىنات سىرى.
«ئەتلەس» ناملىق شېئىردىن
نېرىپلىرىمدا مىليارد كۆزلەر
پەرشتىلەرنىڭ.
ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ سۆزلەر
ئەرىشتىكىلەرنىڭ.
تاكى ھەربىر تىنىقىمغىچە
كۆزىتىلىمەن.
ياكى گۇناھنى ھېس قىلمىغۇچە
تۈزىتىلىمەن.
ھەر بىر ھۈجەيرە بىر ئۇچى يالغۇز
ئادەمدىكى.
يەنە بىر ئۇچى چاقنىغان يۇلتۇز
ئالەمدىكى.
«مۇناجات» ناملىق شېئىردىن
ئادىل تۇنىيازنىڭ بىر پۈتۈن ئىجادىيەت مۇساپىسىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ مۇشۇ خىلدىكى (مۇناجات تىپىدىكى) شېئىرلىرى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئادەم بىلەن ئالەمنىڭ دىيالوگلىرىغا قۇلاق سېلىپ، سۈكۈناتتىكى سىرلىق ئاۋازلارنى ئەينەن خاتىرىلەيدۇ. ئەنە شۇنداق روھى ھالەتتىكى سۈزۈك تۇيغۇلىرىنى سادىقلىق بىلەن يېزىپ چىقىپ، ئوقۇرمەنلەرنى روھىيەتنىڭ سىرلىق قەسىرلىرىگە ئېلىپ كىرەلەيدۇ.
بۇلاردىن شۇنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇكى، شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكىنى بارلىققا كەلتۈرگىنى تىل ۋە ئىپادىلەشتىكى سەزگۈرلۈك بولماستىن، بەلكى ئىدىيە جەھەتتىكى سەزگۈرلۈك ۋە سۈزۈكلۈك. يەنى ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرى يېڭى ئېقىمدىكى شېئىرلار بولسىمۇ، بىزگە ئىدىيە جەھەتتىن خۇددى كىلاسسىك شېئىرىيەتتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. چۈنكى، قولىدا يېرىمى ئەنئەنە، يېرىمى زامانىۋىلىقنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ماھىر دارۋاز مىسالى شائىر ئادىل تۇنىياز ئۆز ئەسەرلىرىدە سۈزۈلۈپ چىققان مەنە ئۇپۇقلىرىدا يارقىن بىر ئىدىيەگە ئەگىشىپ زامانداشلىرىدىن خېلىلا ئۇزاپ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە مۇنداق بىر نۇقتىنى ئالايىتەن ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ: ئېھتىمال، شېئىردىن ئىدىيە ئاقتۇرۇش ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن باراۋەر دەپ قارايدىغانلارغا نىسبەتەن، شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئىدىيە خاسلىقى مەۋجۇت دېسەك، بەك كۈلكىلىك تۇيۇلار. ئەمما ئۇلارغا قانداق تۇيۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇنى ئېيتماي بولمايدۇكى، شائىر ئادىل تۇنىياز ئۆزىگە خاس ئەقىدە ۋە ئىدىيەگە ئىگە شائىر. بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ «چۈمبەلدىكى كۆز»، «دېڭىزدىكى كوچا» ۋە «تاشقا سۆزلەۋاتقان ئادەم» ناملىق توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن شېئىر– داستانلاردىن تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھەتتا بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ئىجادىيەت خاسلىقلىرى ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك ئۇرۇندا تۇرىدۇ.
ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىدە ئادىمىيلىك ئىدىيەسى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
ئادەتتە، بىز «ئەدەبىيات ـ ئادەمنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك» دەپ كۆپ تەكىتلەيمىز. ئەمما زادى قانداق ئەكس ئەتتۈرۈشنى تازا دېگەندەك بىلىپ كېتەلمەيمىز. سەۋەبى، ئادەمنى قانداق يېزىش ھەققىدە ئىنچىكە ئىزدەنمەيمىز. يەنى نۇرغۇنلىرىمىز ئاۋۋال ئادەم بولۇش، ئاندىن شائىر–يازغۇچى بولۇشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي تەلەپكە يېتەلمەيمىز. شۇڭا، يازغان ئەسەرلىرىمىز تەمسىز، تۇزسىز، ماھىيەتلىك نەرسىلەر ئاز، ھادىسىۋى نەرسىلەر بەك كۆپ. جىسمانىيەتكە ۋە جىنسىيەتكە ئائىت نەرسىلەر جىق، روھىيەتكە چۆكۈش يېتەرسىز. كۆتۈرۈپ چىققان ئىدىيە–مەپكۇرلىرىمىز ساپلا پۈچەك ۋە ئۇششاق–چۈششەك. ئەمما، ئادىل تۇنىياز ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇنداق ئەمەس. ئۇنداقتا، «ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ ئەبەدىيلىك ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتى بولغان ئادەمنى قانداق يېزىشى كېرەك؟» دېگەن قىيىن مەسىلە ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىدا قانداق ھەل بولغان؟
مېنىڭچە، بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تۇنجى شېئىرى «سۈزۈك سۇ»غا ئوخشاش سۈزۈك قەلبكە ئىگە شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىنىلا ئەمەس، بەلكى ھايات مۇساپىسىنىمۇ ۋاراقلاپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى ئادىل تۇنىياز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن يات مەدەنىيەتنىڭ ئارىلىقىدا تېڭىرقاپ قالىدۇ ۋە شەھەرلەردە ئاللىقاچان جەمئىيەتلەشكەن، ھېچكىم ھەيران قالمايدىغان بىر قىسىم ئىشلارنى ھەيرانلىق بىلەن قەلەمگە ئالىدۇ. ئالايلۇق:
يېڭى كەلگەن ئەي يىگىت،
ئۆگەنمىسەڭ ئىچكۈۋازلىقنى
ھېچكىم قاتماس ئارىغا سېنى.
«خىزمەتنىڭ يان كۆرۈنۈشى» ناملىق شېئىردىن.
كىيىم ئاسقۇدا قالدى كىيىملەر،
بابىل شەھىرىگە ماڭدى كىشىلەر.
«كىيىم ئاسقۇدىن كەلگەن پىكىرلەر» ناملىق شېئىردىن.
ئاچتىم قۇرئاننى ئۇپۇقۇمدا ئاي،
كىردىم كېچىگە يورۇق دىل بىلەن.
ئوغلۇم ئاغزىدىن شولا تارىتار،
قەدىمكى بىر بۈيۈك تىل بىلەن.
«ئوغلۇمنىڭ تىلى چىققان كۈنلەردە» ناملىق شېئىردىن.
كېيىن ئادىل تۇنىياز ئالەمنىڭ سىرلىرىغا تېخىمۇ يېقىندىن، يەنى ئادەمنىڭ ئىچىدىن تېشىغا قاراپ زەن سالىدۇ. تەبىئەتتىكى تاشقى گۈزەللىك ۋە ئادەمدىكى ھادىسىۋى ئۆزگىرىشلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىچكى ماھىيەتنى قېزىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھەقنى ۋە ھەقنىڭ قۇدرىتىنى ئېنىق تونۇغان ئادەم، ئۆزىنىڭ نەدىن كېلىپ نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئادەم، ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدىغان ۋە قايتىپ كېتىدىغان ئادەم... لەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ خىل ئادەملەر ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا زوق–شوخ بىلەن كۈيلىنىدۇ ۋە بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ھەرقاچان ئىنساننىڭ ئەسلىگە ۋە ۋەسلىگە مۇھەببەت بىلەن سېغىنىدۇ. سېغىنىش بىلەن قەلب ئېتىزلىرىغا سۆيگۈ ئۇرۇقلىرى سېلىنىدۇ. سۆيگۈ بىلەن جاھان دىشۋارچىلىقلىرىدىن يارىلانغان ۋە قارىلانغان ئادىمىيلىك ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئاستا– ئاستا سۈزۈلىدۇ.
مۆرىتى كەلگەندە مۇشۇ يەردە ئېيتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئادىل تۇنىياز شېئىر–داستانلىرىدا «سۈزۈك» سۆزى بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ھەتتا سۈزۈك دەپ سۈپەتلەشكە بولمايدىغان نەرسىلەرمۇ سۈزۈك دەپ سۈپەتلىنىدۇ. مەسىلەن ، «سۈزۈك سەپەر، سۈزۈك ھازىر، سۈزۈك قامال، سۈزۈك ئازاب، سۈزۈك ۋاقىت، سۈزۈك چۆل، سۈزۈك غېرىبلىق، سۈزۈك ئەرۋاھ، سۈزۈك كېچە، سۈزۈك قارىغۇ، سۈزۈك پەرۋاز، سۈزۈك تىل، سۈزۈك ياۋاشلىق، سۈزۈك قەپەس، سۈزۈك توۋلاش، سۈزۈك كوچا، سۈزۈك سايە، سۈزۈك ئىشىك، سۈزۈك جىمجىتلىق»... قاتارلىق بىرىكمىلەردىكى سۈزۈك سۆزى ئادىل تۇنىياز شېئىر ئىجادىيىتىدىكى تاكامۇللۇق ۋە ھايات يولىدىكى ئىنسانىي كامىللىقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىنتايىن جايىدا خىزمەت قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئادىمىيلىك ئۇلۇغلۇقنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن ئىنساننىڭ قەلبىدە ۋەتەنگە بولغان ئۇلۇغ مۇھەببەتمۇ باشقىچە يېقىملىق تۈستە مەيدانغا كېلىدۇ. يەنى ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدا مۇھەببەتتىن يارالغان، مۇھەببەتتىن تارالغان، مۇھەببەت بىلەن ياشاپ، مۇھەببەت بىلەن ئۆلىدىغان ئادەملەرنى يەنە شۇ مۇھەببەت بىلەن يازىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلب قاتلىرىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە يوشۇرۇنغان مۇھەببەتنى ماھىرلىق بىلەن قازىدۇ. مەسىلەن:
مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن،
يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ.
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقىڭنى
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى،
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن.
مىليونېر بوپ كەتكىن بەرىبىر يەرلىك
قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق.
ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق.
مەيلى سەن شاراب ئىچ ئالتۇن قەدەھتە،
بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
ئوقۇساڭ يېزىلغان ۋەتەن دېگەن خەت.
بېرلىن ئاسمىنىدا كۆرىسەن ھەر كەچ
جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى.
مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چېركاۋى
كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى
كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان.
ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا
تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا.
مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن
مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن.
ۋەتەن، ئېھ ۋەتەن
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى
چىرايلىق ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم.
گۆھەردۇر، ئالمىدۇر، خۇش پۇراق گۈلدۈر
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك.
ئىيسادۇر، مۇسادۇر، يۇرتۇڭ ئادىمى،
يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك.
ۋەتەندە بىر ناتونۇش بالا
يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن.
تىللاپ سالغان بولسا ئىلگىرى
ئۆز ئېلىڭدە، ئۆز تىلىڭدا ئۆز؛
تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر
شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز.
شېئىرىنى ئوقۇساڭ بەزەن
گېزىتلەردىن پاز يا تاگورنىڭ؛
تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيتقان قوشاقچە.
ئۇزاتقاندا ئەزرائىل بىر كۈن
دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن،
سەن ئۆزۈڭگە توقۇيسەن كېپەن
ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن،
يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن
كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن...
«قەشقەردىكى يەر شارى» داستانىدىن.
ئېنىقكى، دۇنيادا ۋەتەنسىز ئادەم بولمايدۇ، ۋەتەنپەرۋەر ئادەمسىز ۋەتەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئادەملەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ئۇسۇلى ۋە دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر باركى، قارىغۇلارچە سۆيىدۇ، بەزىلەر باركى، ھاماقەتلەرچە سۆيىدۇ، بەزىلەر باركى، كاززابلارچە سۆيىدۇ، يەنە بەزىلەر باركى، يا غەرەزلىك سۆيىدۇ، يا پەرەزلىك سۆيىدۇ. يەنى نەپ بەرسە سۆيىدۇ، نەپ بېرەلمىسە يۈز ئۆرۈيدۇ.
ئۇنداقتا، يۇقىرىقى شېئىردىكى سۆيۈش زادى قانداق سۆيۈش؟ «گۆھەردۇر، ئالمىدۇر، خۇش پۇراق گۈلدۈر، ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك.» دېگەن مىسرالىرىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇكى، بۇ ھەقىقى سۆيۈش، خىسلەت ۋە ئىللەتلىرىنى ئايرىۋەتمەي سۆيۈش، مەڭگۈ سۇسلىشىپ قالمايدىغان مۇھەببەت بىلەن سۆيۈش، تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە سۈزۈك ئەقىدە بىلەن سۆيۈش!
چۈنكى، شائىرنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى ياكى يۇرت سۆيگۈسى ئارتۇقچە «ئاھ – پاھ، ئىخ – پىخ!» ... قاتارلىق ئىملىقلاردىن، «ۋەتەن، سەن مېنىڭ ئانامسەن، ئاتامسەن، جانانىمسەن...» دېگەنگە ئوخشاش مېخانىك مىسرالاردىنمۇ خالىي ھالدا روياپقا چىققان. باشتىن – ئاخىر قىلچە سۈنئىيلىك بولمىغان، سىياھ پۇراپ قالمىغان، بەلكى چىن ھېسسىيات ۋە ھەقىقىي ھاياجان بىلەن يېزىلغان. بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدا تار مەنىدىكى تېررىتورىيەلىك ۋەتەن ئەمەس، بەلكى كەڭ مەنىدىكى «مەن» نىڭ قەلبىدىكى مەنىۋى ۋەتەن چوڭقۇر قېزىلغان.
مۇشۇ نۇقتىدىن، ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى خاسلىقىنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىجادىيەت ئەنئەنىسىگە قايتىشى دەپ، قاراشقىمۇ بولىدۇ. دېمىسىمۇ، ئەدەبىيات ئەنئەنە ئۈستىدە تەرەققىي قىلىدۇ. ئىنسانىيەت، جۈملىدىن ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، ئاسانلا ئېزىپ كېتىدۇ. ئۆزگىلەرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئەتىۋار چاغلاپ، ئۆزىنىڭ ھېچنېمىسىنى ياراتمايدىغان ياتلىشىش پىسخىكىسى دەل شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدۇ.
شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، شائىر ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمىزنى ئەنئەنە ئۈستىگە قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئېستېتىك بوشلۇق ۋە مستېتىك چۈشەنچىلەر ئەھمەد يەسەۋى ۋە ئەلىشىر نەۋايى دەۋرىدىن كىيىنكى ئەسىردىن ئەسىرگە سوزۇلغان قاغجىراشقا خاتىمە بەردى.
ئەمدى مەزكۇر ماقالىنىڭ بېشىدىكى «شېئىر زادى نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا قايتىپ كەلسەك، شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىر–داستانلىرىنى ھۇزۇر ۋە ھەيرانلىق ئىلكىدە ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆز تەبىرىنى ئىزدەپ كېلىۋاتقان «شېئىر»نى «سېھىر» سۆزى بىلەن تەبىرلەيدۇ. چۈنكى، شېئىرلىرىدا ئالەمنىڭ سىر–ئەسرارلىرىغا ئۆزىمۇ ئەسىرلىنىپ كېتىدىغان شائىر خۇددى ۋايىغا يەتكەن تىل سېھرىگىرىدەك ئوقۇرمەنلەرنى تۇيدۇرماي سېھىرلەيدۇ. ئەڭ كىچىك زەررىلەرنىمۇ تولۇپ–تاشقان مەستۇ– مەستانىلىك ۋە ھەيرانلىق بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. ئالەم ۋە ئادەمدىن كەلگەن پەيلاسوپلارچە بايقاشلىرىنى بالىلارچە سەمىمىي تىل ۋە قىزغىن ھېسسىيات بىلەن ئوقۇرمەنلەر ھەيران قالارلىق ھېكمەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ سەنئەتلىك ئىپادىلەيدۇ. ئۇقۇرمەنلەر ئۇنىڭ كۆپ قىسىم شېئىرلىرىدىن ئالەم سىرلىرىغا بولغان چەكسىز قايىللىق ۋە ھەردەقىقەت تەشەككۈر ئېيتىشقا مايىللىقتىن ئىبارەت ئىدىيە ئۇچقۇنلىرىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ.
دېمەك، شېئىر ـ سېھىر، شۇنداقلا شائىرنىڭ ئۆزىگىمۇ تەلتۈكۈس مەلۇم بولمىغان مەخپىيەتلىك. مۇھەببەتلىك قەلب ئىختىيارسىز سېھىرلىنىدۇ.
شېئىر ـ مېھىر. مۇھەببەتلىك قەلب ئۇنى ھەر ۋاقىت سېغىنىدۇ.
شېئىر ـ بىر...! ئۇ بارچىنى پارچە - پارچە قىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە بىر پۈتۈن كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شائىر ـ شېئىر بىلەن سېھىر ئارىلىقىدىكى سۆز سېھرىگەرى، ئۇ شېئىرلىرى ئارقىلىق بىزگە ئادىمىيلىك ئۇلۇغلۇققا يېتىش يولىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئانا تىلىمىزنى بېيىتىدۇ.
ئىزاھاتلار:
① ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي، 1– نەشرى، «تۇپراق ۋە گۈل – گىياھ روھى» ناملىق ماقالە 472-بەت.
② ئادىل تۇنىياز: «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ناملىق ماقالە، ئوبزور، سۆھبەتلەر توپلىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 3-ئاي، 1– نەشرى، «پەرىشتىنىڭ پىچىرلىشى، شەيتاننىڭ شىۋىرلىشى» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى 330-بەت.
③ ئادىل تۇنىياز: «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ناملىق ماقالە، ئوبزور، سۆھبەتلەر توپلىمى (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 3-ئاي، 1– نەشرى، «شېئىر ـ مېنىڭ ئاۋازىم» ناملىق ماقالە 103-بەت.
④ ئازاد سۇلتان: «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىل 4-ئاي، 1– نەشرى، «يېڭى باسقۇچتىكى پوئىزىيە» قىسىمى 64-بەت.
⑤ ئىمىن تۇرسۇن: «شېئىر ۋە شائىر» ناملىق ماقالە، ئوبزور، سۆھبەتلەر توپلىمى، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007-يىل 3-ئاي، 1–نەشرى، «يېڭى ئېقىمدىكى شېئىرلارنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى» ناملىق ماقالە 157-بەت.
⑥ ئادىل تۇنىياز: «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ناملىق ماقالە، ئوبزور، سۆھبەتلەر توپلىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 3-ئاي، 1– نەشرى، «شائىرلىق قىسمىتى» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى 274-بەت.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن

مەنبە: يازغۇچىلار مۇنبىرى

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 15:14:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 15:19  

توۋا، ،،،،،،،،،،،،،مىڭ توۋا

شىئىر دىگەننىڭ قاپىيسى، مەزمۇن تۇراق، ھىچ بولمىغاندا بىرەر ئاھاڭغا كەلتۇگۇلى بۇلىدىغان قىلىپى بولمامدۇ. زىرىككەندە تەڭكەش قلاي دىسە ياپەدىگە چۇشمىسە، ماۋۇ بالام كالام دەپ يادىلاپ ئوينىسۇن دىسە تىخى بىرى ئۇزۇن بىرى قىسقا، بىرى ماباغدىن بىرى ماتاغدىن قام كەلمىسە.    ئۆمۇچۇك ناخشىلىرى    شۇ مۇ گەپ بولدىمۇ؟ باشقا مۇخالىپ ھەرەڭ سەرەڭ ئادەم قوقاپ ئوقۇيدىغان يەرلىرىنى دىمەيلى تۇرلى، بەك يۇقرى باھالىۋىتىپتۇ.     ئۇيغۇر شىرىيتىنىڭ بىرنىمىسى خاسلىق ياراتتى ، ھوي خاسلىق دىگەننىمۇ پىيىغا قاراپ يارىتا. مەن جىق گەپ قىلماي،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، مەنچە بولسا بۇنداق گۇڭگا دىگەن نىمىنى ئۇيغۇر شىريىتىنىڭ يىنىغا ئەكىلىدىغان نەرسە ئەمەس،

ناۋايى ھەزرىتىم ناۋادا بۇشىئىرلارنى ئۇدۇنيادا ئوقۇپ سالسا نۇمۇسى قانچىلىك كەپ كىتە.

yerimnan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 22:08:06

نەۋايى ھەزرىتىڭىز نۇمۇس قىلمايدۇ،نۇمۇس قىلسا ھەزىرەت بولماس..
تۆت چاسا شېئىرنىمۇ ئوقۇيمىز ،ئەمەسنىمۇ ئوقۇيمىز ،

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:21:52

قوچۇ دەۋرىدىكى ئاپرىنچۇر تىگىننىڭ «مۇھەببەتنامە»ناملىق ئەسىرى مۇنداق يېزىلغان :
قاسىنچىغىمىن ئۆيۈ قادغۇرارمەن
قادغۇردۇقچە قاشى كۆرتلەم
قاۋىشىغسايۇرمەن
يەشمىسى :
يارىمىنى ئويلىسام، قايغۇغا چۆكىمەن.
قايغۇرغانىسېرى، ئېھ قارا قاشلىقىم،
دىدارلىشىشقا شۇنچە ئىنتىزار بولىمەن.

قاپىيسىز شېئىرلار بىزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتدىمىزدىمۇ بار ئىدى.
ئاھاڭ ۋە رېتىم تاشقى ۋە ئىچكى جەھەتتە ساقىلىندۇ. ئاۋۇ شېئىرلارنىڭ گۈزەللىكى شۇ يەردىكى ، ئۇ سىزنىڭ تۇيغۇڭىزنىڭ ئىچكى ئاھاڭىغا ئولتۇراقلاشقان بولىدۇ.
ۋەزىن قاپىيە تاشقى رېتمنى ھاسل قىلسا، ئۇنىڭدىكى مەنە ئىچكى رېتمنى ھاسىل قىلىدۇ.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:24:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 16:27  

ئۇ سىزنىڭ تۇيغۇڭىزنىڭ ئىچكى ئاھاڭىغا ئولتۇراقلاشقان بولىدۇ.

مۇشۇنداق دىگەن ئادەمگە قارتىلغان.

تايىنلىق ئىچكى رىتىم قوغلاشقاندىكىن، قانداق قىلىدۇ ئۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ، تۇيۇپلا ئۆتۇپ كەتسە بولمامدۇ؟
دىمەككى تىل دىگەن يەرگە ئەكەگەن ئىكەن، خۇددى تارازا تىشى ئارقىلىق ئۆلچىگەندەك، تۇيغۇمۇ تىل قانۇنىيەت رىتىملىرىغا بوي سۇنۇشى، بوي سۇنۇش دەپ كەتمەيلى، كۆڭۇل بۇلىشى كىرەك.

شىئىر دىگەن شۇنداق نەرسە، ئۇنىڭدا تىل بار، زىل پىكىر بار، تۇيغۇ بار، قاپىيسى تۇرىقى ،،،،،،،،،،،،،،نۇرغۇن تەملەرنى كىلىشتۇرۇپ تەڭشەپ چالسا شىئىر بۇلىدۇ. خۇددى دۇتتانى پەدە تارا قۇساق قۇلاق ئاھاڭ مۇشۇلارنى جايىدا تەڭشەپ، ئاندىن يەتتە ئاھاڭنى كىلىشتۇرۇپ ئۇستۇلۇق بىلەن تىل قىلغاندەك.
گۇڭگا  تەڭشىمەي چاغان دۇتتادەك تۇيۇلىدىغۇ ماڭا.

samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 20:09:07

678123 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 16:24 static/image/common/back.gif
ئۇ سىزنىڭ تۇيغۇڭىزنىڭ ئىچكى ئاھاڭىغا ئولتۇراقلاشقان  ...

رەنجىمىسىڭىز تىخىمۇ تەپسىلى، «ئىلمىي» سۆزلەپ بىرەمسىز.....:P

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 13:23:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 13:52  

1. گۇڭگا شىئىر ئۆلچىمىگە چۇشمەيدۇ. دىمەكچى گۇڭگىنى شىئىر دىگىلى بولمايدۇ. بۇنى يازغانلارنىمۇ شائىر دەپ تەرىپلەشكە بولمايدۇ.
چۇنكى ؛ گۇڭگىدا قاپىيە يوق، رىتىم يوق، مەزمۇن يوق، زىل تەپەككۇر يوق، ھىسيات يوق، بۇنى پەقەت ئىغىزىغا كەلگەننى جۆلۇش دەپ ئاتاشقا بۇلىدۇ. ساق ئادەم مەجبۇرىي ئۇزىنى ساراڭ كۆرسەتكەندەك بىر ئىش. شىئىر دىگەننى خالىغان ئادەم ئوقالمايدۇ، دىمەك ئۇنىڭغا مەلۇم ساپا، باشقىلاردا يوق  قابىلىيەت كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە شىئىر ئەدىبىياتنىڭ يىلتىزى ياكى ئىپتىداسى. خىلى چوڭ ساھا، ئۇنى خالىغانچە بۇياپ ئوينايدىغانغا ھىچ كىشىنىڭ ھەققى يوق. ئالايلۇق؛ مۇقام تىكىسلىرى، قۇتادغۇ بىلىگ، كىلاسسىك داستانلار شىرىي تىلدا قەيىت قىلىنغان.بۇلار نۆۋىتىدە قەۋىمىنىڭ ھەرساھا ئىشلىرى ھايات مۇساپىلىرىغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن ماقال تەمسىللىرىمىز بار،شۇنىڭغا تايىنىپ يول بەلگۇلەيمىز. ئىدىلوگىيدىكى بۇنداق مۇھىم قۇرۇلمىنى خاسلىق ياراتتۇق دىيىشىپ خالىغانچە بۇزساق،ئىگىسى يوق ئىشەك چاغلاپ خالىغانچە مىنىۋەرگەن بىلەن بۇ قەۋىمنىڭ تىل دىل پىكىر قاتلاملىرىغا ۋىروستەك ئاپەت ئىلىپ كىلىدۇ.
دىمەك؛ ھىچ بولمىغاندا گۇڭگىنى شىئىر دىيىش ئۇچۇن، ئەدىبىيات ياكى شىريەت ساھاسىدا پىشقانلار كۆپچىلىكى خالىشى ياكى تەستىقلىشى زۇرۇل. بۇنداق قىلماي ئۆز ئۆزىمىزگە گەپ قىلىپ يۇرسەك ، بۇ ياخشى ئەمەس.
2.گۇڭگا ئۇيغۇر شىرىيتىنىڭ، ياكى ئۇيغۇر تىلنىڭ ھىچنىمىسى ئەمەس.
چۇنكى؛ تىل بىر شىئىر، ئۇيغۇر تىلىمىزدا، ئىسىملارنى دىمەي تۇرايلى، ئىش ھەركەتنى بىلدۇرىدىغان پىئىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ قاپىيسى بار، ئۇر تۇر قۇر سۇر كۆر دىگەندەك، رىتملىرى بار ئۇرماق سورىماق، كۆرمەك، يەتمەك دىگەندەك. دىمەك گۇڭگا تىل قاپىيە رىتىم تۇراقلىرىغا ئەگەشمەيدۇ. ئۇيغۇر تىلنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپ ئۆلچەملىرىگە باقمايدۇ. تىلنى بىر ئىشەك دىسەك، گۇڭگا ئىشەككە تەتۇر مىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بۇنى ئۇيغۇر دىگەن يەرگە مەجبۇرىي قىستۇرۇش ئۇيغۇر شىرىيتىنىڭ تۇز تەمىنى شەرىپىنى بۇلغىغانلىق. ئەسلى گۇڭگىنى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىپادەلەشمۇ بىر نۇمۇسسىزلىق.
3.گۇڭگا تىگىگە يۇشۇرۇلغىنى، تۇيغىنىڭ ئەركىن نەپەسلىنىشى دىيىشىۋالىدۇ. خۇددى تۇيغۇمۇ قۇشلاردەك ئەركىن پەرۋاز قىلىشى كىرەك دىيىشىدۇ. بىراق تۇيغۇ قۇش بولماي بىلىق بۇلۇپ قالسىچۇ، بۇنى قۇشتەك ئۇچ دەپ سۇدىن ئايرىساق، ياكى ئاسمانغا ئاتساق نىمە بۇلىدۇ. دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي قاتلاملىرىغا گۇڭگا تازا ماس كەلمەيدۇ. بەلكى بۇ ئۇيغۇر شىرىيتىگە چۇشكەن بىر كۇي دىيىشكە بۇلىدۇ. ئۇنىسىمۇ  گۇڭگىدىن بىرى شائىرلار ھۇرۇنلىشىپ كەتتى، ئوقۇۋاتقىنىمىز يىگىرمە يىل بۇرۇنقى شىئىرلار.

شۇڭا گۇڭگا دىكىلەرنىڭ يۇرىكىگە بىر قول سىلىپ بىقىشىنى زۇرۇل دەپ ئويلايمەن.

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:10:24

678123 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 16:24 static/image/common/back.gif
ئۇ سىزنىڭ تۇيغۇڭىزنىڭ ئىچكى ئاھاڭىغا ئولتۇراقلاشقان  ...


        سىز دۇتتارغا تەڭكەش قىلىپ ئيتىدىغان ناخشا تىكستى بىلەن يۇرەكتىكى ھاياجانىلق ھسلاردىن ئۇرغۇپ چىققان شىئرنىڭ پەرقىنى بىلشىڭىز كىرەكتۇر.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:31:04

faxist يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 16:10 static/image/common/back.gif
سىز دۇتتارغا تەڭكەش قىلىپ ئيتىدىغان ناخشا تىكست ...

قاراڭ مانا،،،،،،،،،،،،،،،،
دۇتتادا ئوقۇلغان ، ساتادا ئوقۇلغان، ،،،،،،،،،،،،،،، شىئىرلارنى  مەنسىتمىگۇدەك بۇلۇپ كىتىپتۇ، تايىنلىق مۇقامدىكى ھىس تۇيغۇلار ، مۇقام تىكىستىدىكى ئالەمشۇمۇل شىريەت پىشىۋاسى ناۋايىنىڭ ھىسياتىنى شىرئەمەس دىسىڭىزچۇ؟

يۇقۇردىكى يىگىتنىڭ ئىنكاسى دەل گۇڭگا ئاپىتىنىڭ نەخ پاكىتى.شىئىرنىڭ قاتىلى.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 21:35:13

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 22:15:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 22:27  

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 21:35 static/image/common/back.gif
ئۇكام ھوي ، شېئىر توغرىلىق ھېچنىمىنى بىلمىگەنكىن بىل ...

ماڭاۋە،،،،،،،،،،،،،،سەن نىمىنى بىلەتتىڭ؟بەك تىشىپ كەتكەن بولساڭ سەپ تۇزۇپ كەل شۇيەردە كۇرىلى.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 22:54:44

شائىر - ھىسياتنىڭ خائىنى .

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 23:25:23

بۇ ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېپىش كېرەك :lol

rakita يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 08:18:10

راس گەپنى دىسەم مەنمۇ مۇشۇ «گۇڭگا» ماركىلىق شىئېرلاردىن پەقەت ھوزۇر ئالالمايمەن:'(

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:51:05

678123 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 16:31 static/image/common/back.gif
قاراڭ مانا،،،،،،،،،،،،،،،،
دۇتتادا ئوقۇلغان ، ساتاد ...


     بۇ يەردە نەۋائى ھەزرەتنى شىپىى كەلتۇرشىڭىزنىڭ ئورنى يوق،چۇنكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى شىئريىتىدىكى يىگانە ئورننى ئتراپ قىلىمىز. نەۋائسىز ئۇيغۇر شىئريىتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۆمىكن ئەمەس.
      نەۋائى ۋە شاھ مەشرەپ كەبي شىئريەت پشۋالىرى ياراتقان نۇرانە شىئريەت پەللىسىدىن كىين ئۇيغۇر شىئريىتى بىرخىل ئىزدا توختاپ قالدى ھەتتا چىكىندى ، ئپادىلەش ئۇسۇللىرى ،تۇرلۇك سىمۋول،ئماگلار تەكرالىنىپ قورمۇلا،دوگما ھالەتكە كىلىپ،ئجادىيلىقى كەمچىل بولدى.
             80-يللىردىن كىيىن باشلانغان ئۇيغۇر يىڭى شىئريەت ھەركىتى ئەنئەنە رامكىسىدىن چىقىپ رىتىم،تۇراق،ۋەزىن،قاپىينىڭ چەكلىمىسىدىن بۇزۇپ ئۆتۇپ  ھىسياتنى فورمۇلا ،قىلىپنىڭ ئېچىگە ئەمەس بەلكى ئنساننىڭ ساپ ئچكى دۇنياسىغا قويدى. ئەخمەتجان ئوسمان،ئادىل تۇنياز،غوجمۇھەممەت مۇھەممەت قاتارلىق شىئريەت ئاشنالىرى نەۋائي،شاھ مەشرەپتىن كىيىن بىسىلپ قالغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئپادىلەش كۇچىنى يەنە بىر قىتىم نامايەن قىلدى.
           بۇ توغىرلۇق كۆپ سۆلەپ ئولتامىساممۇ ئەنئەنىۋى شىئريەت ئقىمىدىكىلەر بىلەن يىڭى شىئريەت ئقىمىدىكىلەرئوتتىرسىدىكى بەس_مۇنازىرە ۋە يىزىلغان ماقالىلار ساماندەك
             ھەر كىشىنىڭ ئستىتىك زوق ئىلىش ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ، ۋەزىن ،تۇراق قاپىيسى جايىدا ،ئغىزغا سىپ بولغۇچە ئېرىپ كىتىدىغان پەشمەت شىئرلار لازىم بولسا ،پاشا ئىشاننىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ تىيىپچان ئېليوفنىڭ شىئرلىرنى ئوقۇسىڭىز بولىۋىردۇ.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:34:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 15:38  

faxist يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 13:51 static/image/common/back.gif
بۇ يەردە نەۋائى ھەزرەتنى شىپىى كەلتۇرشىڭىزنىڭ ئور ...

ئىنسان، ئىنساننى قاتلاممۇ قاتلام ئىنىقلىساق؛

ئىنسان ئىككىسى بىر بۇلۇپ، بىر ئائىلنى تۇزىدۇ. بىرقانچە ئائىلە بىر بۇلۇپ بىر جەمەت بۇلىدۇ، بىر قانچە جەمەت بىر بۇلۇپ بىر يۇت بۇلىدۇ. بىر قانچە يۇت بىر بۇلۇپ بىر قەۋىم بۇلىدۇ. بىر قانچە قەۋىم بىر بۇلۇپ بىر ئىممەت بۇلىدۇ. بىر قانچە ئىممەت بىر بۇلۇپ ئىنسانىيەت بۇلىدۇ.

ئىنسانىيەت ، ئىممەت، قەۋىم، يۇت، جەمەت، ئائىلە ، شەخىس ، سىز دىمەكچى بولغان ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى كىمنىڭ ئىچكىي دۇنياسى. قانداق ئىچكىي دۇنيا، نەدىكى ئىچكىي دۇنيا،  ئىنساننىڭ ساپ ئىچكىي دۇنياسى دىگەننى بىر شەرھىيلىۋەتسىڭىز قانداق؟

يەنە چالا قاپتۇ. ئىستستىك زوق دىگەننىمۇ؟

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 20:28:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 20:42  

  80-يللىردىن كىيىن باشلانغان ئۇيغۇر يىڭى شىئريەت ھەركىتى ئەنئەنە رامكىسىدىن چىقىپ رىتىم،تۇراق،ۋەزىن،قاپىينى تاشلاپ قۇيۇپ،ئەسلىدىن فورمۇلا ،قىلىپنىڭ ئېچىدىكى ھىسياتنى مۇنداقچە دىگەندە؛يارشىملىق گۇزەل تىكىلگەن كىيىم ئىچىدىكى ھىسياتنى قىپيالىڭاچ قىلىپ تاشلاپ، غورورىنى چوڭ كوچىدا سازايى قىلىدى.ئىغىزىغا كەلگەننى ھىيىقماي دەيدىغان ، جۆلىگەننى شىر دەپ ئۇقالماي ئاشنا بۇلىدىغان بىرتۇركۇم مەجنۇنلار،  نەۋائي،شاھ مەشرەپتىن كىيىن بىر مەزگىل زور خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئپادىلەش كۇچىنى يەنە بىر قىتىم يەرگە قاتتىق ئۇردى.

چۇنكى ؛ بۇنداق گۇڭگىلار ئاھاڭغا كەلمەيدۇ، قاپىيسى رىتىم تۇراقلىرى بولمىغاچ ئوقۇشقا ھىجىلاشقا نا ئەپ،پايدىلىنىش كىڭەيتىش ئىقتىدارى نۆل. بۇنىڭ بۇخىل ھالىتى ئەزەلدىن شىئىر بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلىنى تىخىمۇ بىچارە ھالەتكە قۇيۇپ،ئۇيغۇر ئىڭىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تىرەنلىكىگە، تىلىنىڭ ئاجايىپ سىڭىشىش كۇچىگە ئىغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق ئىلىپ كەلمەكتە.

ئىپادىلەش كۇچى دەپ كەتكەنلىرىنى ،،،،،،،،،،،،،،،، قانداق ئىپادىلىسە نوچى ئىپادىلىگەن بۇلىدۇ. قاپىيە رىتىم تۇراق    يەنە كىلىپ ئاجايىپ تۇغما بىر سەنئەت بىلەن ئىپادىلىسە نوچى بولمامدۇ؟ بىرنى يەڭگەن نوچىمۇ ياكى بەش ئوننى يەڭگەن نوچىمۇ؟

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 21:19:01

ئالتىيۈزيەتمىشسەككىزمىڭبىريۈزيىگىرمەئۈچ تېما قىزىتىۋاتقان چىراي.
بەت: [1]
: ئۇچتېكىن: شائىر ــ شېئىر بىلەن سېھىر ئارىلىقىدىكى سۆز سېھىرگىرى