Snapchat نىڭ قۇرغۇچىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياش مىليادىر بولۇپ قالدى
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىن باشلاپ ، يۈز خاتىرە (Facebook)نىڭ قۇرغۇچىسى مارك زاكېربېگ(Mark Zuckerberg) دۇنيادىكى ئەڭ ياش مىليادېر تەختىدە ئولتۇرۇك كەلگەن ئىدى، بىراق بۇ يىل مارك زاكىربېگنىڭ ئورنىنى Snapchat نىڭ قۇرغۇچىسى ئېۋان سىپىگېل(Evan Spiegel) ئىگەللىدى .
يېقىندا، Snapchatرەسىم ھەمبەھىر يۇمشاق دېتالىنىڭ بازار باھاسى 10 مىليارت دوللارغا يېتىپ ، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ئېۋان سىپىگېلنىڭ ساپ مۈلۈكى 1 مىليات 500مىليۇن دوللارلىق قىممەت بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ياش مىليادېر بولۇپ قالغان ، ئېۋان سىپىگېلنىڭ يېشى بۇ يىل ئاران 24 ياش . يۈز خاتىرە (Facebook)نىڭ دەسلەپكى قۇرۇلغاندىكى ئەھۋالىغا ئوخشاش، سىپىگېلنىڭ قۇرۇپ چىققان بۇ Snapchat رەسىم ھەمبەھىر قوللىنىشچان سېستىمىسىمۇ ھەقسىز بولۇپ پۇل تاپمايدۇ، بىراق بۇ سېستىمىنىڭ تاپاۋەت قىلىدىغان كەلگۈسى ۋە بازار بوشلۇقى نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنى قىزىقتۇرۇپ مەبلەغ سالدۇرغان .
قوشۇمچە:
Snapchat بىر خىل رەسىم ھەمبەھىر سۇپىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، سىز يانفۇن قاتارلىق قۇراللار بىلەن تارتقان رەسىم ، سىن ۋە تېكىست ھۆججەتلىرىنى قارشى تەرەپكە يوللاپ بېرىسىز، قارشى تەرەپكە يوللىغاندا، ھۆججەتلەرنىڭ ئۆمرىنى بېكىتىپ بېرىسىز، مەسىلەن: «پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنى يوللىغان پالانى رەسىمنىڭ ئۆمرى 1 سىكۇنتتىن 10 سىكۇنتقىچە»، دىگەندەك ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆججەت ئۆمرى ئاخىرلاشقاندا، قارشى تەرەپ ئۈسكىنىسى ۋە مۇلازىمېتىردىن تامامەن ئۆچۈپ كېتىدۇ .
«ۋال كوچىسى ژورنىلى» تورىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى ئېنتىرنېت دۇنياسى ھەقىقەتەن چوڭ بىر بازار ئىكەن.بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلانغان كىشىلەرگە پايدا ئاز ئەمەسكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن تېخنىكا يۇقىرى بۇلۇپ كىرەك ئىكەن. مەبلەغ مەسىلە ئەمەس ،مەبلەغ مەسىلە بولمىغاندىن كىيىن تېخنىكىمۇ مەسىلە ئەمەس،مەسىلە …
يىشىل چىراق . ئۇيغۇر بايلارمۇ مۇشۇنداق مەبلەغ سالسا بولاتتى..تېخنىكا بولسا پۇل يوق....پۇل بارلار تورغا مەبلەغ سالمايدۇ.. ئۇيغۇر بايلار قايسى تورغا مەبلەغ سالسا بولاتتى ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BlackHand تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-15 14:03
ئۇيغۇر دىيارىدا سنەپچەت، فەيسبۇكلارغا ئوخشاش بىر تور بەت(ئۇيغۇرچە) قۇرۇش مۇمكىنمۇ، يەنى ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرامدۇ يوق؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-15 14:32
BlackHand يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 14:01 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر دىيارىدا سنەپچەت، فەيسبۇكلارغا (ئۇيغۇرچە)ئو ...
بۇنىڭغا ئوخشاش نەق ئۇچۇر يوللاش قۇراللىرىغا ئۆتكەندە «راست ئىسىم تۈزۈمى»(实名制) دەپ بىر سىياسەتنى يولغا قويىمىز دەپ پاراڭلار بولۇۋاتقان.
مېنىڭچە بىزنىڭ بۇنداق نەق ئۇچۇر يوللاش قۇراللرىنى تەتقىق قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش مۇھىتىمىز بولمىغان ئىكەن، ئەپ سۇپىسىدەك ئىلغار يوللار بىلەن قوللىنىشچان، دۇنيا خارەكتېرلىك ئەپلەرنى ئىشلەپ پۇل تاپسا بولىدۇ، ئۆتكەندە بىر ئۆزبەك قېرىنداش « ئۇچار كەتمەن» ناملىق بىر ئەپنى ياسىغانلىقى خەۋەر قىلىندى، بۇ ئەپتە كەتمەن ئۇچۇپ يۈرۈپ نۇرغۇن جايلارغا بارىدىكەن ، ۋە نۇرغۇن ئۆزبەك تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار بىلەن تولغان ئىكەن ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BlackHand تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-15 14:38
رەھمەت سىزگە پىسپاس.
بۇ يەردىكى نەق ئۇچۇر يوللاش قوراللىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پۇل تىپىش مۇھىتىنىڭ بولماسلىقى دىگەندە نىمىنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟
ئەگەر ھەقىقى ئىسىم تۈزۈمىگە ئەمەل قىغان ئاساستا ئىلىپ بارساق سياسى-جۇغراپىۋى
ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايمىز دىگەن گەپمۇ؟
بۇ خىل تور بەتنى قۇرۇشتا يەنە قانداق يۇشۇرۇن خەۋپلەر مەۋجۇت؟ BlackHand يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 14:36 static/image/common/back.gif
رەھمەت سىزگە پىسپاس.
بۇ يەردىكى نەق ئۇچۇر يوللاش قورا ...
دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىمىز بىلىمىز، شۇڭا «دۇنيادا پەقەت 2 ئىنتېرنېت بار» دەپ قويىمىزغۇ . :lol
بىز تېخىمۇ سەزگۈر مۇھىتتا تۇرۇۋاتقاچقا، بۇنداق «نەق ئۇچۇر قۇرالى» دىن پايدىلىنىپ تەرەققى قىلىش ئەقىلغا سىغمايدۇ، چوڭ مۇھىت شۇنداق تۇرسا.
راست ئىسىم تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت: پەقەت يالغان- ياۋداق سۆزلەرنى توسۇش ، «ئۇلۇق، شەرەپلىك، توغرا»غا ۋە باشقا مۇقىملىق مەسىلىلىرىگە چېتىشلىق ئەھۋاللارنىڭ مۇنازىر (سۆز -چۆچەك) باش مەنبەسىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشمىكىن دەيمەن .
Facebook - نىقاپ ياكى يۈزگىرىمى ... قارشى تەرەپكە يوللىغاندا، ھۆججەتلەرنىڭ ئۆمرىنى بېكىتىپ بېرىسىز، مەسىلەن: «پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنى يوللىغان پالانى رەسىمنىڭ ئۆمرى 1 سىكۇنتتىن 10 سىكۇنتقىچە»، دىگەندەك ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆججەت ئۆمرى ئاخىرلاشقاندا، قارشى تەرەپ ئۈسكىنىسى ۋە مۇلازىمېتىردىن تامامەن ئۆچۈپ كېتىدۇ .
ماۋۇ بۇلىدىغان نەرسىكەن .
ينە Line . whatsapp دەپ ئالاقە ئەپلىرى بۇلىدىغان بۇنىڭ قانداق ئىختىدارلىرى باردۇ . قايسى ئىشلىتىشكە قۆلايلىق . مەنمۇ بىر يىل بولدى تۇمبلرنى ئىشلىتۋاتمەن ئالدا ئارقا بىتىدە ئىلان يوق ناخشا ۋەرەسىم يوللاشقا چەك يوق بەد كودى يازغىنىمۇ بولىدۇ ،ئابۇنىتلارمۇ ئىچقانداق ھەق تاپشۇرمايدۇ،تىۋىنتىردىن قالسا شۇ بەتنىڭ نامى بار، tumblr بەلەن نەرسە ھەم دىيارىمىزدىمۇ ئېچىلىدۇ. tarim222 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 08:52 static/image/common/back.gif
tumblr بەلەن نەرسە ھەم دىيارىمىزدىمۇ ئېچىلىدۇ.
دىيارىمىزدا ئېچىپ ئىشلەتسەك چاتاق چىقمايدىغاندۇ؟
نېمىشقا چەتنىڭكىنى ئىشلەتتىڭ دەپ
بەت:
[1]