ihsan1982 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 22:35:00

سۇ كەلگۈچە تۇغان سال

                                                                  سۇ كەلگۈچە تۇغان سال
                                                                        جاڭ جۇروڭ

«جۇاڭزى»ناملىق ئەسەردە مۇنداق بىر ھېكايە قەيىت قىلىنغان:
   بىر ياش پىشقەدەم كىمىچىنىڭ يېنىغا كىمە ھەيدەشنى ئۈگەنگىلى بېرىپتۇ. دەسلىۋىدە، كىمىچى ئۇنىڭغا كىمە ھەيدەشنى ئۈگەتمەي، ئەكسىچە سۇ ئۈزۈشنى ئۈگىتىپتۇ. شاگىرىت چىش يېرىپ بىر نەرسە دىيەلمەي، يېرىم يىل ئۈن-تىنسىز سۇ ئۈزۈشنى مەشىق قىلىپتۇ.
   ئاخىرى بىر كۈنى شاگىرىت تاقەتسىزلەنگەن ھالدا: «ئۇستاز، مەن سىلىدىن كىمە ھەيدەشنى ئۈگىنىشنى ئىرادە قىلغان ئىدىم، سىلى نىمە ۋەجىدىن  ماڭا كۈن بۇيى سۇ ئۆزۈشنى مەشىق قىلدۇردىلا؟»دەپ سۇراپتۇ.
ئۇستازى بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:
   -كىمە ھەيدەشنى ئۈگەنمەكچى بولساڭ، ئاۋۋال سۇ ئۈزۈشنى ئۈگىنىشىڭ كىرەك. بۇنىڭ سەۋەبى شۇ يەردىكى، مۇبادا سەن سۇ ئۈزەلمىسەڭ، كىمە ھەيدىگەن ۋاقتىڭدا سۇغا مۈدۈرۈپ كىتىشتىن ئەندىشە قىلىسەن. بۇ خىل ئەندىشە سېنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن بىرىلىپ كىمە ھەيدەشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كىمىنى قانداقمۇ ياخشى ھەيدىيەلەيسەن؟
   بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان شاگىرىتنىڭ كۆز ئالدى بىردىنلا يورۇپ، سۇ ئۈزۈشنى ئۈگىنىپ بولۇپ، ئاندىن كىمە ھەيدەشنى ئۈگىنىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئوزۇنغا بارماي، ئۇ بىر ياراملىق كىمىچىگە ئايلىنىپتۇ.
«سۇ كەلگۈچە تۇغان سال» دىگەن مانا شۇ. شاگىرىت سۇ ئۆزۈشنى ئۈگەنگەندىن كېيىن، دولقۇنغا بولغان قورقۇنىچى پەسىيىپ، كىمە ھەيدەشنى بىرىلىپ ئۈگىنەلەيدۇ. ناتىقنىڭ نوتۇق سۆزلىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ناتىق نوتۇقنى ئورگىنال بويىچە سۆزلىشى ناتايىن، ئەمما ئۇ ھەمىشە نوتۇقنى خاتىرجەم سۆزلەش ئۈچۈن قولىغا ئورگىنال ئېلىۋالىدۇ.
   ئالدىن ھازىرلىق كۆرۈشنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، گەرچە ئۇنىڭدىن نەق مەيداندا پايدىلانمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ. نەتىجىدە، پۈتۈن زىھنىمىزنى ئاسانلا مەشغۇل بۇلىۋاتقان ئىشلارغا قارىتىپ، ئانچە كۈچىمەيلا يۇقىرى ئۆنۈمنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
            -ئېھساان تەرجىمىسى

ئاپتۇرنىڭ شىنلاڭ تورىدىكى مىكرو بىلوگىدىن «تەرمىلەر» ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 19-سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.
مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇرچە «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 11-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 10:40:31

ئلالامەت ئېسىل ئۈگۈت بوپتۇ

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 15:03:15

قەدىمكىلەر  ھەقىقەتەن ئەقىللىق  ئىدى.
ھازىرقىلار يىقىلىپ  چۈشكەنلەرنىمۇ يۇلەپ قۇيالمايدۇ.
بەت: [1]
: سۇ كەلگۈچە تۇغان سال