ihsan1982 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 22:30:07

بۆرىنىڭ ئەۋلات تەربىيىسى

                                                                    بۆرىنىڭ ئەۋلات تەربىيىسى
                                                                         تولسىتوي(روسىيە)
     بىر كەڭرى يولدا كېتىپ باراتتىم. كەينىمدىن بىرىنىڭ توۋلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بورۇلۇپ قارىسام، بىر پادىچى بالا ماڭا قاراپ توۋلاۋېتىپتۇ. ئۇ ئوتلاقتا يۈگۈرگەچ قۇلىدا بىر نېمىلەرنى ئىشارە قىلىۋاتاتتى. زەن سېلىپ قارىسام، ئوتلاقتا چوڭ-كىچىك ئىككى بۆرە بىز تامان يۈگۈرۈپ كىلىۋاتاتتى. بۆرە كۈچىكى ئالدىدا بولۇپ، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر قۇزىچاقنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، ئېغزىدا قۇزىچاقنىڭ ئالدى پۇتىنى چىشلىگەن پېتى يۈگرەپ كىلىۋاتاتتى. قېرى بۆرە بولسا ئۇنىڭغا سوڭداشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىچى بالا بىلەن بىرلىكتە بۆرىلەرنى توۋلىغاچ قوغلاشقا باشلىدۇق. بىر نەچچە كىشى توۋلىغان ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ، ئىتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يىتىپ كەلدى. قېرى بۆرە ئىت ئەگەشتۈرۈپ قوغلاپ كىلىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرۈپ، دەرھال كۈچىكىگە يېقىنلىشىپ، قۇزىچاقنى ئۆزىنىڭ دۈمبىسىگە ئارتىپ، قەدەملىرىنى تىزلىتىپ، ھايال ئۆتمەيلا كۆز ئالدىمىزدىن غايىپ بولدى.
بۇ ۋاقىتتا، بالا بىزگە ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردى: بالا قوي بېقىۋاتقاندا، بۆرە جىلغىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، بىر قۇزىچاقنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ چىشلىگەن پېتى قېچىشقا باشلاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئالدى تەرەپتىن بىر بۆرە كۈچىكى يۈگىرەپ كەپتۇ. قېرى بۆرە ئېغزىدىكى قۇزىچاقنى كۈچىكىنىڭ دۈمبىسىگە ئارتىپ، كەينىدىن سوڭدىشىپ يۈگرەشكە باشلاپتۇ.
بىز يىتىپ كەلگەندىن كېيىن، قېرى بۆرە خېيىم-خەتەرنى ھېس قىلىپ يىتىپ، كۈچىكىنى مەشىقلەندۈرۈشنى توختىتىپ، قۇزىچاقنى چىشلىگەن پېتى ئۇزاپ كەتتى.
بىخەتەر ۋاقىتتا بالىسىنى چېنىقتۇرۇش، خەۋىپلىك ۋاقىتتا بالىسىنى قوغداش-بۆرىنىڭ ئەۋلات تەربىيلەش ئوسۇلىدۇر.
                             -ئېھسان تەرجىمىسى
دوۋبەن(پۇرچاق دانچىسى) تورىدىن «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 18-سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.
بۇ ئەسەر ئۇيغۇرچە «تەرمىلەر»ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 11-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 15:06:33

بۆرىگە قىزىققۇچىلارنىڭ بۆرە  تۇتۇمى ناملىق  ئىككى  قىسىملىق كىتاپنى ئۇقۇپ بىقىشىڭلارنى  تەۋسىيە قىلىمەن.

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 03:02:11

مۇتەپەككۇرلار ئاز سۆز بىلەن كۆپ مەزمۇننى ئىپادىلەيدىكەن.
بەت: [1]
: بۆرىنىڭ ئەۋلات تەربىيىسى