aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 22:05:24

ئورخان پامۇك: بالىلاردەك تاماشا قىلىش

بالىلاردەك تاماشا قىلىش

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى


   ۋېنېتسىيەدە بەزىدە ئۆزۈمنى بالىلىقىمغا قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن... بەلكىم بۇ يەرگە ئىستانبۇلدىن كەلگەنلىكىم ئۈچۈن شۇنداق بولۇۋاتقاندۇ... چۈنكى بۇ ئۈچىنچى كېلىشىمدە، بالىلىقىمدىكى ئىستانبۇلدا، ئۆتمۈشىمدە قالدى دەپ قارىغان بەك جىق نەرسە ۋە تۇيغۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم.
   ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان چېغىمدا، قارشى تامدىكى تۇرخۇننىڭ ئۈستىدە سائەتلەپ سەۋر بىلەن مىت قىلماي تۇرغان شۇ دېڭىز چايكىسى مەسىلەن... بالىلىق چېغىمدىمۇ، ئىستانبۇلنىڭ دېڭىز چايكىلىرى خۇددى تاشپاقىغا ئوخشاش ھەمىشە جىممىدە تۇرىدىغان، نامەلۇم بىر نەرسىنى ساقلاۋاتقان مەخلۇقتەك كۆرۈنەتتى. بۇ بەلكىم كىچىك چېغىمدا ئىچىمدىكى سائەتنىڭ ناھايىتى ئاستا ماڭغانلىقىدىن، ھايات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقىغا چىدىيالمىغانلىقىمدىن بولسا كېرەك. كېيىن يېشىم چوڭايغانسىرى ئىستانبۇل چايكىلىرىنىڭ تېخىمۇ ھەرىكەتچان، تېخىمۇ سەۋرسىز ۋە تېخىمۇ قورقۇمسىز ھالغا كەلگەنلىكلىرىنى كۆردۈم.
   يەنە بىرى ئىچىمدە قىمىرلاشقا باشلىغان رەسىم سىزىش ئىستىكى... يەتتە يېشىمدىن 21 يېشىمغىچە رەسىم سىزدىم ۋە كېيىن تاشلىدىم؛ ئوتتۇز بەش يىل قولۇمغا موي قەلەم ياكى بوياق ئېلىپمۇ باقمىدىم. ئەمدى بولغاندا بۇ بالىلىق ۋە ياشلىقتىكى ئىشتىياقىمغا يېڭىباشتىن قايتىپ كەلمەكتىمەن... رەسىم سىزىش ئىشتىھايىمنىڭ ئېچىلىپ كېتىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ۋېنېتسىيەنىڭ پارىژدىن قالسىلا دۇنيادىكى رەسىم ئەڭ كۆپ سىزىلىدىغان شەھەر بولغانلىقىدىندۇر. ھەربىر كوچا، كۆۋرۈك خاتىرىمىزگە گۈزەل بىر رەسىم سۈپىتىدە ئورناپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ تونۇش كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىنىمىزدە ئىسىمىزگە رەسىم كىلەتتى. بىزگە ئىنتايىن تونۇش بۇ مەنزىرىلەرنى كاناپلارغا ياكى سۇبوياق قەغەزلىرىگە سەۋرچانلىق بىلەن يېڭىدىن سىزىۋاتقان كالتە ئىشتانلىق، شىمالى ياۋروپالىق، ئامېرىكىلىك ۋە ياشانغان ئەرلەرنى كۆرگىنىمدە، خۇددى بالىلىقىمدا ئىستانبولدا بولغىنىدەك __ ئىستانبۇل كوچىلىرىدا ئاندا-ساندا رەسسام كۆرۈپ قالاتتىم __ ھاياجانلىناتتىم، ئىشىغا بېرىلىپ كەتكەن بۇ ھەۋەسكار رەسساملارغا تۇيدۇرماستىن ئارقىسىغا ئۆتۈپ سىزغان رەسىملىرىنى تاماشا قىلاتتىم ۋە كىچىكىمدە قىلغىنىمغا ئوخشاش رەسىمدىكى كۆۋرۈكنىڭ ئەمەلىيەتتىكى كۆۋرۈككە قانچىلىك ئوخشىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشاتتىم.
شەھەرنىڭ ئىچىدە كىچىك بىر كېمە بىلەن تېز-تېز كېزىپ، بىنالارنى، مەيدانلارنى، چوڭ دىنى ئىمارەتلەرنى، قەلئەلەرنى باشقا بىر نۇقتىدىن تاماشا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش __ ھەقىقىي مەنىدىكى بالىلارچە شادلىق ھېسابلىناتتى، ئەلۋەتتە. بوغۇز كۆۋرۈكلىرى ۋە بوغۇزنىڭ ئىككى ساھىلىنى بوغۇپ تۇرغان يىپلاردەك چىرمىۋالغان يوللار سەۋەبىدىن ئىستانبۇلدا ئاللىقاچان مەھرۇم قالغان بۇ ئادىتىمنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر تەرىپى، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن، ساھىل بويىدىكى ئۆيلىرىدە ياكى مېھمانسارايلىرىدا تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ناشتا قىلىۋاتقان، تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان ياكى بىكار ئولتۇرۇۋاتقان چاغلىرىنى ماراپ تاماشا قىلىش ئىدى...
ۋېنېتسىيە بىلەن بالىلىقىمدىكى ئىستانبۇلنى كۈچلۈك بىر تۇيغۇ بىلەن بىرلەشتۈرگەن نەرسە، ئۆتمۈشتە قېپقالغان  بۈيۈك ئېمپىرىيە ئىزنالىرىنىڭ بىزدىكى تەسىرىدۇر. بالىلىقىمدا ئىستانبۇلدا، ئوسمانلىدىن قالغان بارلىق ياغاچتىن سېلىنغان سارايلار، بوغۇزنىڭ ساھىلىغا، دېڭىزغا يانداپ سېلىنغان، سىرلانمىغان داچىلار، چېقىلىۋاتقان تارىخى ئىمارەتلەر، شەھەر ھەددىدىن زىيادە نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنى بىر-بىرىمىزگە باغلاپ تۇرغان  مەيۈسلۈك تۇيغۇسى ۋە ئازاب ئاتا قىلاتتى. ۋېنېتسىيەدە رېمونت ئۈچۈن خەجلەنگەن پۇللار بىلەن تىللارغا سازاۋەر بولغان، ئوبدان ئاسرالغان مېھمانسارايلار ، بۇ ئاۋات شەھەرنىڭ ۋە بۇ يەرگە كۆڭۈل ئېچىپ، خۇشال بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ مەيۈس بولۇشىغا ھېچبىر پۇرسەت بەرمىگەنلىكىنى كۆردۈم...
ۋېنېتسىيەنىڭ سەلتەنىتى كىشنى غەمكىن ئەمەس بەلكى بەختلىك ۋە خۇشال قىلىدۇ: كىشى ئىختىيارسىز كۆرۈشنى، ھېچ تۇرماستىن تاماشا قىلىشنى، بۇ ئاجايىپ تۇيغۇ بەرگۈچى گۈزەللىكنى بىر تارىخ سۈپىتىدە چۈشىنىشتىن بەكرەك بىر كۆرۈنۈش ھالىتىدىكى تۇيغۇ سۈپىتىدە باشتىن كەچۈرۈشنى، يېڭىباشتىن باشتىن كەچۈرۈشنى خالاپ قالىدۇ. بۇ يەردە مەن ئۈچۈن بىرىنچى مەقسەت چۈشىنىش، بىلىۋېلىش ھەتتا تەھلىل قىلىپ تەپەككۇر قىلىش ئەمەس بەلكى كۆرۈۋېلىش، قارىۋېلىش ۋە تاماشا قىلىۋېلىش...
ۋېنېتسىيە توغرىسىدىكى بۇ خىل تۇيغۇنى 19- ئەسىردىكى ئىستانبۇل ھەققىدە ئەڭ پارلاق كىتابلارنىڭ بىرىنى (كونستانتىنپول، 1853)  يازغان فرانسۇز رومانچى، شائىر، ئوبزورچى ۋە ساياھەتنامە يازغۇچىسى تېئوفىلې گائۇتىئېر (Théophile Gautier)  ئەڭ ياخشى شەكىلدە تىلغا ئالغان ئىدى. ۋېنېتسىيەدىكى چېغىدا « كۈندە 14 سائەتلەپ شەھەرنى يالغۇز تاماشا قىلغانلىقىنى» يازغان گائۇتىئېر، خۇددى ماڭا ئوخشاشلا، 20 ياش ئەتراپىدىكى چېغىدا، بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولغان رەسساملىقنى تاشلاپ شېئىرلار ۋە رومانلار يېزىشقا باشلىغانىدى. ۋېنېتسىيەدە بەك جىق كىشىلەرگە ئوخشاش ئوپچە ساياھەتتىن نارازى بولۇشتىن بۇرۇن __ شەھەرنىڭ يەرلىك نوپۇسىنىڭ بارغانسىرى ئازلاۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ يەرنىڭ بارغانچە سۈنئىي مەنزىرىگە، كونا بىر ئارزۇ-ئارمانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشتىن بۇرۇن __  بۇ يەرنىڭ گائۇتىئېرنىڭ قىلغىنىدەك، كۈندە 14 سائەتلەپ تاماشا قىلغۇدەك بىر يەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش كىرەك.
زامانىۋى دەۋرنىڭ تەھلىلچى پەلسەپەسى تەپەككۇرنى سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ قويۇپ، كۆرۈشنى ھېسسىي ۋە بالىلارغا خاس نەرسىدەك بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. ۋېنېتسىيەدە مەندە بالىلىقىمغا قايتقاندەك تەسىراتنى ئويغاتقان نەرسە، پەقەت بالىلىقىمدىكى ئىستانبۇل بىلەن سېلىشتۇرۇپ قۇرۇۋالغان ئوخشاشلىقلارلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاراشنىڭ، كۆرۈشنىڭ، تاماشا قىلىشنىڭ خۇشاللىقلىرىنى يېڭىباشتىن تولۇق بىر قېتىم باشتىن كەچۈرۈپ چىقىش ئىدى.
باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدا بەزى دەرسلەردە شۇنچىلىك ئىچىم پۇشاتتىكى، دەرىزىدىن ئاسماندىكى بۇلۇتلارغا قاراش يەتمەي، پۈتۈن سىنىپنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەللىمنىڭ كۇرسىنىڭ ئارىسىدا كېمىلەردەك، ساللاردەك رەت، تەرتىپى بويىچە كېزىپ يۈرگەنلىكىنى خىيال قىلاتتىم. ۋېنېتسىيە كوچىلىرىدا ماڭا ئوخشاشلارنى بىنالارغا، كۆۋرۈكلەرگە، چاك كەتكەن تاملارغا قارىغاچ بىر خىل مەستخۇشلۇق ئىلكىدە كەزدۈرگەن ھاياجان مېنىڭچە زامانىۋى دەۋرنىڭ بېسىملىرىدىن ئۇزاق بولغان بالىلىق خىياللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 10:14:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 10:16  

رەھمەت ئايپالتا، ھەر قېتىم تەرجىمىڭىزنى ئوقىغاندە بىر خىل ھاياجانلىق تۇيغۇغا چۆمىمەن، ماقالىدىكى ئورخاننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن ئېكران ئالدىدىكى مېھراينىڭ نۇرغۇن ئورتاقلىقلىرى بارلىقىنى ئۈنسىز ئېتىراپ قېلىپ ئولتۇرۇپ، بىردىنلا بەك چوڭ بىر بوشلۇققا چىقىپ قالغاندەك قىينىلىپ كېتىمەن، ھاۋايى مۇئەللەقتە شەكىلسىز لەيلەپ يۈرگەندەك ئۆز مەۋجۇتلۇقۇم ئۈچۈن مەلۇم بىر ھالەتنى كۈچەپ تەسەۋۋۇر قېلىپ باقىمەن. مەن بۇ مۇئەللەقتە ئولتۇرغان ھالەتتە، ياكى تۇرغان، ھېچ بولمىسا ياتقان ھالدا كۆز ئالدىمغا كەلسەم ياخشى بولاتتى، ھەتتا بىر تال تاشنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولمايۋاتقان مۇشۇ شارائىتىكى بارلىق ھېچنىمىلەر تولىمۇ يېپىشقاق ھەم سۈزۈك ھالەتتە روھىيىتىمدە قايتىلىنىدۇ.
مەن مۇزىكىنى چۈشەنمەيمەن، ئۇنىڭ قانداق ئىجات قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ھەتتا نوتىلاردا ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەرنىمۇ تونىمايمەن، شۇنداق بولغىنىمغا باقماي دائىم مۇزىكا ئىجات قېلىش ئىستىكىدە بولىمەن.
بالىلىقىمدا ياشىغان دوڭكۆۋرۈكتە ماڭسام، 90-يىللاردىكى تۈن تەڭگىچە بېسىقمايدىغان ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ساتىدىغان دۇكانلار ئىسىمگە كېلىدۇ.تارىم لوگەي ناخشىلىرى، ئابلىكىم ياڭاق، پاتىمە-پەرىخە، چوڭ-كىچىك ئابلاجانلار...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 10:26:32

كەپە ئۆي دەپ ئاتىلىپ چېقىلىپ كەتكەن كونا مەھەللە، لەغمەن كۆچىسى، ئىتتىپاق تىياتىر ئالدىدىكى قايناق كەچلىك بازار، ھەم ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى دائىم سۈرلۈك كۆرۈنىدىغان كۆمۈرخانا، مەكتىۋىمگە تۇتاشقان يول، تاڭ سەھەردە ناشتىسىز مەكتەپكە قېچىشلىرىم، سۈتخانىدىكى ھاممامنىڭ ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپ مېنى تۇتىۋىلىپ ئەكىرىپ ناشتا قىلغۇزۇشلىرى...
مەن ئۈرۈمچىنىڭ يوللىرىدا، سارغۇچ چاچلىرىمنى ئىگىز بۇغىۋىلىپ سومكامنى دۇمبەمگە ئارتىپ قار كېچىپ مەكتەپكە باراتتىم، ئەتتىگەنلىك مۇزاكىرىدە ھاممام زورلاپ ئىچكۈزىۋەتكەن سۈزۈك ئەينەك قۇتىدىكى سۈت بىلەن بىر كىسىم بولكىنىڭ تەمى مەيدەمدە قايناپ تۇراتتى.

بالىلىقتىكى نۇرغۇن ئەسلىمىلەر، ھەم ئالدىنقى قېتىمدىكى( ۋىنىتسىيەدە سۆيۈشۈش)تىكى ئورتاقلىقلىرىم بىلەن ئۆزەمنى خېلى ئەركىن ھېس قىلىۋاتىمەن.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 11:08:29

Boş bir ev kadar hüzünlü hissetti kendini نىمە مەنىدە؟
ھازىر مەيلى ئۈرۈمچى ياكى ئىچكرى ئۆلكىلەردە بولسۇن تۈرك تىلى ئارقىلىق نىمە ئىشلارنى قىلىغىلى بۇلىدۇ؟
سودا ئازراق كاساتلاشتنى دەۋاتاتتى.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 11:12:09

ئايپالتا ئەپەندى مەن پامۇكنىڭ خەنچە نۇشخىسىدىكى كىتاپلىرىنى ئاساسەن تۇلۇق سېتىۋالدىم،سىزنىچە ئۇنىڭ
ئەڭ نوچى ئەسىرى قايسى؟
مەن ئۇيغۇچە تەرجىمە قىلىنغان «مىنىڭ ئىشمىم قىزىل»،ئەنۋەرھاجىم تەرجىمە قىلغان ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن
ئوقۇغانىدىم،ئەمما چۈشىنىش ھەقىقەتەن تەس كەلدى،زادى پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنىش قىيىن؟
پامۇكنى بەزىلەر يازغان ئىنكاسىدا «دىنغا ئىشەنمەيدىغان»دەپ يازغان ،سىز بۇ توغرۇسىدا بىلگەنلىرىڭىزنى دەپ باقامسىز؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 13:56:20

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 11:12 static/image/common/back.gif
ئايپالتا ئەپەندى مەن پامۇكنىڭ خەنچە نۇشخىسىدىكى كىتاپ ...

1. تۈرك تىلى بىلەن ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرىدە تەرجىمانلىق قىلىپ جان بېقىۋاتقان بۇرادەرلەر خېلى بار. مەنمۇ بىر مەزگىل جان بېقىپ باققان. ھازىرمۇ ئۆگەنگەن تىللىرىمنى ئىشلىتىپ جانلىرىمنى بېقىپ كېلىۋاتىمەن.
2. ئورخان پامۇكنىڭ قايسى ئەسىرىنىڭ ئەڭ نوچى ئىكەنلىكىگە مەن تېخى ھازىر بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. چۈنكى ھەممە ئەسىرىنى تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم. «جەۋدەت بەگ ۋە ئوغۇللىرى»، «جىمجىت ئۆي»، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «يېڭى ھايات»، « ئىستانبۇل: خاتىرەلەر ۋە شەھەر»، « مەنزىرىدىن پارچىلار»، «ئاق قەلئە» لەرنى ئوقۇپ بولدۇم. ھازىر «قارا كىتاب»نى ئوقۇۋاتىمەن. ھەممىسىنى ئوقۇپ بولۇپ قايسى ئەڭ نوچى(ماڭا نىسبەتەن) ئاندىن بىر نەرسە دېيەلىشىم مۇمكىن.
3. پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنىش نېمە ئۈچۈن تەس؟  بۇ سۇئالغا مەن تورداشلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
4. ئورخان پامۇكنىڭ دىنغا ئىشىنىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن. بۇ توغرۇلۇق بىر نەرسىمۇ بىلمەيدىكەنمەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 13:58:16

بىرمۇنچە ئىنكاس يازسام يوقاپ كەتتى دېسە....

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 14:08:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 14:25  

يوقاپ كەتمەپتىكەن، تەستىق كۈتۈپتىكەن، مەن دىققەت قىلماپتىمەن:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 14:59:16

:lol مەن پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەڭ دەسلەپتە ئەنۋەر ھاجىنىڭ تەرجىمىسىدىن تونىغان، يېڭى ھايات مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئوقىغان تۇنجى ئاجايىپ كىتاپ، كېيىن مۇشۇ ئىزدىنىشتا بىر تېمىدا نۇرغۇن مۇنبەرداشلىرىمنىڭ بۇ كىتاپنى چۈشۈنەلمىگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، بۇ كىتاپ ماڭا ئىپادىلەشتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن بەك ياراپ كەتكەن ئىدى، قارىسام باشقىلار دەل شۇ ئىپادىلەشنىڭ ئۆزگىچىلىكىدىن چۈشۈنەلمىگەندەك قىلىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىر ئىش كاللامغا كېلىپ قالدى، يەنى دەرىسلىكلەرنىڭ بېسىمىدىن ساراڭ بولۇپ قالاي داۋاتقان بىچارە ئوغلۇمغا مۇئەللىمىنىڭ ئايدا بىر كىتاپ ئوقۇش ۋەزىپىسى بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، دەرھال مۇشۇ يېڭى ھاياتنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم،ئىش قېلىپ ئوغلۇم بىرىمىلەر قېلىپ يۈرۈپ بۇ كىتاپنى ئوقۇپ بولدى، قارىسام جىم:
- ۋاي ئا كىتاپتا نىمىلەرنى دەپتۇ؟ دەپ سوراپ باقتىم بىر كۈنى.
ئۇ ئالدىراش ئۇيۇن ئويناۋاتقان ئىدى، بىردەم تۇرۇپ قېلىپ قولىدىكى ئۇيۇننى توختۇتۇپ قويمايلا ، بۇ دۇنيادىن تويۇپ كېتىپ يەنە بىر دۇنياغا بېرىپ ياشىماقچى بولغان ئادەمنىڭ ھېكايىسىكەن ئاپا، دەپ قويۇپ ئۇيۇنىنى ئويناشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.
12 ياشلىق ئوغلۇم ئانايۇرت، لېيىغان بولاق، ئىز، ئىزدىنىشلارنى ئوقۇمىغان، ئوقۇشلۇقلىرى بىر قىسىم كىچىك ھېكايىلەر ھەم بالىلارغا ماسلاشتۇرۇلغان پەن-تېخنىكا كىتاپلىرى، ئۆزىمىزنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىلەن تۈزۈك تونۇشلىقى يوق، باشتا بىر خىل مەسئولىيەتسىزلىك قىلغاندەك تۇيغۇدا ئىدىم، ئۇنى چوقۇم مۇشۇ بىر قاتار كىتاپلارنى ئوقۇتۇماي قويمايمەن دەپ ئويلايتتىم، بىراق ئۆزەم ئاللىقاچان ئۇيغۇر رومانچىلىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇماس بولىۋالغان ھالىمغا ئۇنى قانداق زورلارمەن دەپ ئىككىلىنىۋاتقان، شۇ جاۋابىدىن كېيىن ئىككىلىنىشىم تۈگىدى.
ئەسلى بىز بىر ئاق قەغەز ئىدۇق، ئاندىن كىشىلەر بىزگە نۇرغۇن قارا سىياھلارنى تەككۈزدى، يېرىم ئەسىر ئەتىراپىدا تەپەككۈردىن ياتلىشىپ رامكىغا قاچىلانغاندىن كېيىن، بىلىش دائىرىمىز تارلىشىپ، مەسىلىنىڭ ماھايىتىدىن بەكىراق شەكلىگە ئېتىبار قېلىدىغان بولۇپ قالدۇق.
تېخى بۇلغۇنۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئوغلۇم بولسا، شەكىل بىلەن ماھايەت ئوتتۇرسىدا، ئۆزىنى بىزار قىلىدىغان رامكىدىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ، ماڭا تومتاق بولسىمۇ كىملىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
نىمە دىگەن جىق گەپلەر بۇ....{:92:}

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 15:09:41

ۋاھ.....نىمە دىگەن ياخشى سۆھبەتلەر بۇ. مەن مېنىڭ ئىسمىم قىزىلنى ئوقۇغان. تەسىراتىم سىلەرنىڭكىدەك چوڭقۇر بولمىسىمۇ ھەر ھالدا تۇيغۇلاردىن ھوزۇر ئالدىم.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 15:11:31

يوقاردا بىرسى ئورخاننى دىنغا ئىشەنمەيدىغان كىشى دىيىشىپتۇ دەپتۇ، مېنىڭچە ئۇ دىننى چۈشىنىدىغان كىشى.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 15:31:25

ئورخان پامۇكنىڭ ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى باشقا ئەسەرلەردىن ئالاھىدە كۆرسىتىپ تۇرغاچقا، ئاپتورىنى كۆرمەي، ئىسمىنى كۆرمەي تۇرۇپ قانداق پارچىسىنى بەرسە ئورخاننىڭ دېيەلەيدىغان بولۇپ كەتتۇق،
قىسقىسى بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىيىتى بىلەن كارىم يوق. ئۇمۇ ئادەمدە،
شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمىسەكلا چاتاق چىقمايدۇ.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 17:07:09

مەن خوشياقسا يېڭى ھاياتنى قايتا ئوقۇي{:92:}

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 18:11:13

تىلى راۋان، يىنىك ، گۈزەل. ئىككى تىلنىڭ يېقىنلىقىدىن شۇنداق چىقامدۇ ياكى تەرجىماننىڭ ئۇستىلىغىدىنمۇ ؟:)
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغان مۇشۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇمىسا ئۇيغۇر تىلىدا ئۇنداق گۈزەل تىللارنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەس كىشىلەر. گەپ تىلدا ئەمەس، تەپەككۇردا دىگەن گەپتە.
--
زامانىۋى دەۋرنىڭ تەھلىلچى پەلسەپەسى تەپەككۇرنى سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ قويۇپ، كۆرۈشنى ھېسسىي ۋە بالىلارغا خاس نەرسىدەك بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى.
---
ھېس قىلىش تەس بولۇپ كەتتى. ھاياجانلىنىش گۇناھتەك تۇيۇلىدۇ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 18:33:29

زامانىۋى دەۋرنىڭ تەھلىلچى پەلسەپەسى تەپەككۇرنى سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ قويۇپ، كۆرۈشنى ھېسسىي ۋە بالىلارغا خاس نەرسىدەك بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى.
...........................................................................................................................................................
بۇ جۈملىدە خېلى تەرلىگەن ئىدىم. ئەسلى تېكست مۇنداق ئىدى:
Modern çağın çözümleyici (analitik) felsefesi, düşünmeyi kelimelerle ilişkilendirerek, görmeyi duyumsal ve çocuksu bir şey olarak küçümsedi.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 02:40:09

شۇ ئەمدى ئايپالتا ،مەلىكە شەھلاخاچاملار  خاپا بولمىساڭلار ،ئىچىڭلارنى قىزىتىپ ئورخان پامۇكنىڭ نەق مەيدان رەسىمىنى يوللاپ قويىدىغان بولدۇم، ئىچىمدىكى غېرىبلىق دېگەن كىتابىنىڭ ئىمزالىق پائالىيەت كۈنىكەنتۇق .ئاتايىن دەرستىن بالدۇر قېچىپ تاكسىمغا بېرىپ سۆيۈملۈك بوۋاينىڭ نەق مەيدان رەسىمىنى تارتىۋالغاچ بىر قانچە ئېغىز پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېگە بولدۇم، ئەنۋەرھاجىكامغا سالاملار كەتتى ،بېشى ئامان بولسۇن دېدى.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 05:31:57

پامۇك دىگەن تەخەللىسىمۇ ياكى ئاتسىنىڭ ئىسمىمۇ؟ پامۇكنىڭ مەنىسى پاختا ئوخشايدۇ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 07:29:43

rita1028 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 02:40 static/image/common/back.gif
شۇ ئەمدى ئايپالتا ،مەلىكە شەھلاخاچاملار  خاپا بولمىسا ...

خاپا بولمىدىم، لېكىن سىز دېگەندەك ئازراق قىززىدى ئىچىم:lol  بۇ ئادەمنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ ئۈلگۈرتەلمەيدىغان ئوخشايمەن، تېخى ئۆتكەندە ھەممە كىتابلىرى مەندە بار دەپ يۈرەتتىم، ئەمدى قارىسام يەنە ئىككى كىتابى يوقكەن مەندە، «مەن بىر دەرەخ» دەپ بىر كىتابى چىقىپتۇ دەپ خەۋەر كەلگەن، ئەمدى ماۋۇ كىتاب چىقىپتۇ. ئورخان پامۇكنىڭ مەن تەرجىمە قىلغان رومانىنى نەشىر قىلدۇراي دەپ بىر ئىككى يەر بىلەن كۆرۈشسەم، ئۆزىنىڭ يازما رۇخسىتىنى ئەكىلىپ بېرىڭ، دېگەنتى، مەن قانداق ئەكىلىمەن رۇخسەتنى؟ مۇشۇ ئىشقا بىر ياردەم قىلىۋەتسەڭلارمۇ بوپتىكەن تۈركىيەدىكى قېرىنداشلار. رىتا خانقىزدەك ئىمزالىق كىتاب ئالغىلى بارىدىغانلار بولسا يەنە بىر ئىچىمىزنى قىزىتقاچ مۇشۇ ئىشنى بىر دەپ باقامسىلەر-يا؟ لۈتفەن...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 10:01:54

:lolمېنىڭ راسلا ئىچىم قىزىپ خاپا بوپ قالدىم، نىمانچە تەلەيلىكتۇ ھازىرقى باللا...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 10:16:28

ھازىرقى بالىلار دەپ كەتكىنىنى شەھلا ئايلانىڭ، خۇددى ئۆزى مىلادىدىن بۇرۇنقى زامانلارغا تەۋەدەك:lol
بەت: [1] 2
: ئورخان پامۇك: بالىلاردەك تاماشا قىلىش