تەڭرىتاغ كوماندىسى فوشەن كوماندىسىغا چوڭ نۇمۇر بىلەن ئۇتتۇردى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-14 17:07ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 00؛2 دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون توققىزىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، گۇاڭدۇڭ فۇشەن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى چەتئەللىك ئەزاسى ئاندىرى بىراچ مۇسابىقە جەريانىدا يارلىنىپ قىلىپ ئۆزىنىڭ رولىنى نۇرمال جارى قىلدۇرالمىدى، فوشەن كوماندىسى چەتئەللىك ماھىرى يوش ئۈچ نۇمۇرلۇق توپتىن 8 نى چۇشۇرۇپ 41 نۇمۇر ئالدى، تەڭرىتاغ كوماندىسى ئاخىرى 101-116 نەتىجە بىلەن رەقىبى فوشەن كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى. تەڭرىتاغ كوماندىسىنىڭ ئۈچ مەيدان غەلبە قىلىش ھالىتى ئاخىرلاشتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 16 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سىباستئان تېلفىر 27 نومۇرئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۇ چى 22 نومۇر، 15 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 8 قىتىم قالپاق كىيگۇزدى؛ قىرانبېك ماقان 11 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 9 نومۇر، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۇۋېي 8 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ليۇۋېي 5 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق ئۆز مەيدانىدا سىچۋەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php
3-كونتىرنى ياخشى ئوينىيالمىدى بىر چەتئەللىك ماھىر يارلىنىپ ئاخىرىغىچە ئوينىيالمىغانغا مۇشۇنداق چوڭ نومۇر پەرق بىلەن يېڭىلگىلى تۇرسا، بۇ يىل چىمپىيونلۇق تۈگۈل، ھەل قىلغۇچقىمۇ كىرىشى يوق گەپ ئوخشايدۇ. تىل ئىشلىتىشكە دىققەت قىلساق‹‹ يوش ئۈچ نۇمۇرلۇق توپتىن 8 نى چۇشۇرۇپ 41 نۇمۇر ئالدى›› 3كە 8نى كۆپەيىتسەك 24 بولدۇ. ئەسلى بۇنى يوش ئۈچ نۇمۇرلۇق توپتىن 8 نى چۇشۇرۇپ ئادەتتىكى توپ چۈشۈرۈشلەر بىلەن قوشۇپ جەمئى41 نۇمۇر ئالدى. ئەپسۇس .فوشەن كاماندىسىنىڭ تىرىنىرى بۇرۇنقى شىنجاڭ كاماندىسىنىڭ تىرىنىرى بولغاچقا ، ئىچكى ئەھۋالنى ،كاماندا ئەزالىرىنى چۈشىنىدۇ، شۇنىڭغا قارىتا مۇسابىقە لاھىيەسى تۈزگەن چىغى:funk:
بەت:
[1]