koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 16:35:57

ئامېرىكا ئاقسۆڭەكلەر مەكتىۋىدىكى ئۈچ قېتىملىق دەرس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-14 16:39  

ئامېرىكا ئاقسۆڭەكلەر مەكتىۋىدىكى ئۈچ قېتىملىق دەرس
تەرجىمان: پاتىمە ھەسەن ئۆگەن

كەمبەغەل بولغۇڭ بولمىسا، ئاۋال كەمبەغەللىكنىڭ نېمىلىكىنى تونىغىن.
     بىر كۈنى ئاپام تېلېفۇن قىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا، مەبلەغ سېلىشتىكى خاتالىق تۈپەيلى دادامنىڭ پۈتۈن مەبلىغىنىڭ بانكا قەرزىگە تۇتۇلغانلىغىنى، بۇندىن كىيىن مىنىڭ ئۆزۈم ئىشلەپ پۇل  تېپىپ،  ئوقۇش پۇلۇمنى تۆلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئەگەر بۇ شۇم خەۋەر ئۈچ يىل ئاۋال ئېيتىلغان بولسا، بەلكىم ماڭا نىسبەتەن زامانى ئاخىردەك ئاڭلىنىشى مۇمكىن ئىدى، لىكىن ھازىر گونزاگانىڭ تەربىيىسى مىنىڭ ئىرادەمنى چېنىقتۇردى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارىمغا ئاساسلىنىپمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغىنىمگە ئىشىنىمەن.

      1-دەرس: كەمبەغەل بولغۇڭ بولمىسا ، ئاۋال كەمبەغەللىكنىڭ نېمىلىكىنى تونىغىن.
   مىنىڭ دادام يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلار بازىرىدىكى خوجايىن  بولۇپ ، ئۆزىگە تەۋە ئون مىليۇنلۇق بايلىقى بار ئىدى. تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ۋاقتىمدا ، ئاتا ئانام مېنى ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى گونزاگا شەخسىي ئوتتۇرا مەكتىۋىگە ئەۋەتىدىغان بولدى. بۇ 200 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەر مەكتىۋى بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلار باي بولۇپلا قلماي، يەنە ئاقسۆڭەكلەردىن ئىكەن. راستىنى دېسەم ئاتا-ئانام كۆپ ئويلىنىپ، مىنى خەلقارا بىلەن ماسلاشسۇن دەپ، مېڭىشتىن بۇرۇن ماڭا گولف توپ ئويناشنى، ئات مىنىشنى ئۆگەتتى، يەنە يۇقۇرى مائاش بىلەن ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن چولپانلارنى تەكلىپ قىلىپ ماڭا تانسا ئويناشنى، كوچا ئۇسۇلى ئويناشنى ئۆگىتىشتى.
ئوقۇش باشلانغان كۈنى مەن بايلىغىمنى كۆز كۆز قىلغان ھالدا ھەر خىل داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىپ، داڭلىق پىكاپىمنى ھەيدەپ مەكتەپكە كەلدىم. «-ھەي، سەن جوڭگودىن كەلدىڭمۇ؟ »ئىككى ئوغۇل بالا تەشەببۇسكار ھالدا ئالدىمغا كىلىپ مەن بىلەن ئەھۋاللاشتى، « - شۇنداق، تېچلىقمۇ؟ » مەن تېخى ئىككى دوست تاپتىم دەپتىكەنمەن، كىم بىلسۇن ، ئارىدىكى بىرى قاھ قاھلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ يەنە بىرىگە، «-مەن ئۇتتۇم »دىدى. يەنە بىرى قاپىقىنى تۈرگەن ھالدا چەك دەپتىرىنى ئېلىپ، ئۇزۇن بىر سانلارنى يېزىپ شارتتىدە يەنە بىرىگە بەردى. ئۇتقىنى «جۇڭگودىكى بايلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ،  شۇنىمۇ  بىلمەمسەن؟ » دىدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن كۆڭلۈم پەرىشان ھالدا بىرىنچى سائەتلىك دەرس، جەمىيەت ئىلمى دەرسىنى ئۆتىدىغان سىنىپنى تاپتىم. ۋاراڭ- چۇرۇڭ قاپلىغان دەرس زالىغا كىرىپ بىر قاراپلا بايا مېنى ساز قىلغان ھېلىقى ئىككى بالىنى كۆردۈم، ئۇلار ماڭا قاراپ ھەزىل كۈلۈپ قويدى. يوقلىما قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىمدە تۇتىۋالدىم. گارى ۋە باك. ھەيران قالارلىقى، مۇئەللىم بىزنى يوقلىما قىلىپ بولغاندىن كىيىن مەيدانغا يىغىلىشىمىزنى ئېيتتى، ئۇ يەردە بىر چوڭ ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان ئىكەن.
ئاپتۇبۇس 40 مىنۇتچە ماڭغاندىن كىيىن «سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزى» دىگەن ۋېۋىسكا ئېسىغلىق بىر دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى، مارلى ئەپەندى سىپايە ھالدا مۇنداق دىدى. «گونزاگا مەكتىۋىگە كېلەلىگەنسىلەر، دىمەك ئائىلەڭلارنىڭ تېگى خېلى چىڭ دىگەن گەپ. لىكىن قايسىڭلار دەپ باقىسىلەر، جەمىيەتكە نىسبەتەن تونۇشۇڭلار ئەڭ كامچىل بولغان نەرسە نىمە؟» كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھەيرانلىق ئىلكىدە بىربىرىگە قارىشىپ تۇراتتى، مەن پەستىكى ۋېۋىسكىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم لاپپىدە يۇرىدى، «نامراتلىققۇ دەيمەن»دىدىم.
مارلى ئەپەندى رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ «توغرا،  ھەممىڭلار باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققاچقا، جەمىيەتنىڭ بىر تەرىپىنىلا كۆرەلىشىڭلار مۇمكىن. سىلەرنىڭ شۇ تونۇشۇڭلارنى تۇلۇقلاش مانا مىنىڭ مەجبۇرىيىتىم». ئالدىمدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىمنى باسالمىدىم. ئايرىپورتنىڭ كۈتۈش زالىدەك چوڭلۇقتىكى زالدا رەتلىك ھالدا قاتار- قاتار ھەربىيچە كارۋاتلار قويۇلغان ئىكەن. كارۋاتتا بىر- بىرىدىن غەمگە پاتقانلار ياكى ھىچقانداق ئىپادىسىز سەرگەردانلار ئولتۇراتتى ياكى تۈگۈلۈپ يېتىشقان ئىدى. مېنىڭ مۇلازىمەت ئوبىكتىم كېيىملىرى رەتلىك، قارىماققا مېھرىبان كۆرۈنىدىغان بىر بوۋاي ئىدى. ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ باش ئاخىرى يوقلا بىر سۇئالنى سورىدى،«مىنى تونۇمسەن؟» بوۋاي ئېڭىشىپ تۇرۇپ كارۋاتنىڭ ئاستىدىن ئىككى پارچە كونا گېزىتنى ئېلىپ ماڭا سۇندى. گېزىتنىڭ باش بېتىگە بىر پارچە چوڭايتىلغان سۈرەت بېسىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىكى  مەغرۇرانە كۈلۈپ تۇرغان كىشى تۇنۇشلا كۆرۈنەتتى. مەن ماقالىغا بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم، بۇ سودا ساھەسىدىكى داڭلىق كىشى بۇرونگ ئەپەندى توغرىسىدىكى بىر مەخسۇس زىيارەت ئىكەن. «مانا بۇ مەن» دىدى بوۋاي، قولى بىلەن سۈرەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، سوغوققىنە ھالدا. «مەن بۇرۇن پۇلنى سۈزۈۋالاتتىم، لېكىن سۇدەك خەجلىگەن ئىدىم، كېيىن ئاجراشتىم، ھەم مەبلەغ سېلىپ مەغلۇپ بولدۇم، مانا ئەمدى بىر تىيىنغا ئالغۇسىز بولۇپ ئولتۇردىم». مەن ئويلاپ قالدىم: «بايلىق سۇغا ئوخشايدىكەن، ئەگەر سەللا ئېھتىيات قىلمىسا قولدىن ئېقىپ كېتىدىكەن».

ئىككىنچى دەرس: باشقىلار ئۈچۈن بۇ بىر سودا پۇرسىتى
گونزاگانىڭ بىر ئالاھىدە مەكتەپ شۇئارى بار، يەنى باشقىلار ئۈچۈن ئىش قىلىدىغان ئادەم بولۇڭ. تۇغۇلغاندىن تارتىپلا ئالاھىدە ئىمتىيازدا چوڭ بولغانلىقتىن بۇ مەكتەپتىكى بايۋەتچىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان بىر خىل خاراكتېر بار ئىكەن. مەن بىلەن گارى ۋە باك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بۇنىڭ يارقىن نامايەندىسى ئىدى.
   مەن كوماندىدا مۇداپىيەچى  ئىدىم، گارى بولسا ھۇجۇمچى ئىدى، ئوتتۇرىمىزدىكى سۈركىلىش دائىم مۇنداق بولاتتى، مەن ئەسلى ئۇنىڭغا پاس بېرىدىغان توپنى قەستەن باشقىلارغا پاس بېرەتتىم، ئۇمۇ مەن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا قەستەن قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرەتتى، تېرنېر مارنى بۇنى ھېس قىلىپ بىر نەچچە قېتىم سۆزلەشكەنمۇ بولدى، لىكىن ھەر ئىككىمىز ئارىمىزدا زىددىيەت بارلىغىغا پەقەتلا ئىقرار بولمىدۇق. ھەر باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچتۇق.
   بىر دەمدىلا مەكتەپلەر ئارا مۇسابىقىگە چۈشىدىغان ۋاقىت كىلىپ قالدى، مەن باشتا قەستەن گارىنى نومۇر ئالغۇزمىدىم، كىيىن ئەھۋالنىڭ چاتاقلىغىنى ھېس قىلىپ ۋەزىيەتنى ئوڭشاي دىگەندە كىچىككەن ئىدىم. ئاخىرى بىز بىر نومۇر پەرق بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدۇق. باشقىلارنىڭ كەمسىتىش نەزىرىنى كۆرۈپ، كىرىپ كەتكىدەك تۈشۈك تاپالمايلا قالدىم.
لېكىن تېرنېرىمىز گەپ قىلمىدى، پەقەت كېلەر مەيدان مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىزنى تاپىلاپ قويدى. مەن تېخى ئەمدى مېنى مەيدانغا چۈشۈرمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ئىككى كۈندىن كىيىنكى مۇسابىقىدە تېرنېر مەن بىلەن گارىنى يەنە بىر مەيدانغا چۈشۈردى.
  شۇ دەقىقىدە مەن ئىنتايىن  مىننەتدار بولدۇم، كۆزلىرىمگە ياش كەلدى، شۇنىڭ بىلەن كاللامدىكى بارلىق غەيرى خىياللارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدىم. جاپالىق كۆرەشلەر ئارقىلىق بىزنىڭ كوماندىمىز كىچىككىنە ئەۋزەللىك بىلەن كۈچلۈك رەقىبىمىزنى يەڭدى، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن گارى تۇيۇقسىز يېنىمغا كىلىپ، ئاز كۆرۈلىدىغان سەمىمىلىك بىلەن «ھەي بۇرادەر چۈشتىن كىيىن سۇ ئۈزۈپ كېلەمدۇق؟» دەيدۇ، مەن كۈچەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم، «چاتاق يوق».
     «ھەي بالىلار، مانا ئەمدى مەكتەپنىڭ شۇئارىنى چۈشەندىڭلار، سىلەرنى تەبرىكلەيمەن» دىدى تېرنېرىمىز قاياقتىندۇر يېنىمىزدا پەيدا بولۇپ، ئۇ خۇشال ھالدا مۈرىمىزگە شاپىلاغلاپ تۇرۇپ، «بىلەمسىلەر، مۇۋاپىقيەت قازىنىمىز دەيدىكەنسىلەر، چوقۇم ئاۋال باشقىلارنى چۈشىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭلار كېرەك، باشقىلارنى نەتىجىگە ئېرىشتۈرەلىسەك، ئاندىن ئۆزىمىزمۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن بولىمىز».

  3-دەرىس . قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزگە تايىنىپ باي بولىمىز؟
مەكتەپكە كىرىش بىلەنلا مەكتەپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىر مەۋھۈم شەخسىي ھېساۋات ئېچىپ بېرىدىكەن، ھەر بىر ئادەم مەلۇم مىقداردىكى مەكتەپ ئىچى مەۋھۈم پۇلىغا ئېرىشىپ، شۇنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى قىلىدىكەن، ئاندىن ھەممەيلەن شۇ پۇللار بىلەن تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىدىكەنمىز. ھەر ئاينىڭ ئاخىرى مەكتەپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ شەخسى بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ، شۇ ئايدىكى ئالدىنقى 10 نەپەر «ئەڭ باي» بىلەن ئارقىدا قالغان 10 نەپەر «ئەڭ نامرات»نى بايلىق شەرەپ تاختىسىغا چىقىرىدىكەن.
   دەسلەپكى مەبلەغقە ئېرىشكەندىن كىيىن، مەن ئۇزۇن مەزگىل نېمە قىلىش توغرىلىق ئارىسالدى بولۇپ تۇردۇم، ئاخىرى ياردەم سوراپ دادامغا تېلىفۇن قىلدىم. داداممۇ خېلى ئىككىلەندى، دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ دىدى، ئاخىرى ماڭا پۇلغا چېقىلما، بانكىدا تۇرىۋەرسۇن، تېنچقىنا ئۈسۈمىنى ئال، مەبلەغ سالغان ئىكەنسەن، مەغلۇبىيەتمۇ بولىدۇ، ئەگەر بىرەرى مەغلۇپ بولسىلا سەن ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىسەن دىگەن گەپنى دىدى.  ئويلىسام  بولىدىغان ئامالكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەۋھۈم مەبلەغنى مەكتەپ بانكىسىغا ئامانەتكە قويدۇم. لىكىن مەن بۇ بايۋەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى بوش چاغلاپ قاپتىمەن، شۇ ئايدا مەن ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى بولۇپ قالدىم.
  ئەمدى بۇ پۇللارنى بىرەر ئىشقا مەبلەغ سالماقچى بولدۇم، ھەر بىر پايچېكىنى ئوبدان تەھلىل قىلغاندىن كىيىن بارلىق مەبلىغىمنى «فانتازىيەلىك ئۇچۇر» دىگەن بىر پايچېكىگە سالدىم، بۇ قېتىم خېلى ئوبدان كۆرۈپتىمەن، شۇ ئايدا 5 پىرسەنت بولسىمۇ پايدا ئالدىم، نېمىلا دىگەن بىلەن ئىلگىرلىدىم، «بايلار» قاتارىغا كىرىش ئۈچۈن، مەن دەرسىتن سىرتقى ۋاقىتلاردا كۈچۈمنىڭ بارىچە پۇل مۇئامىلىگە دائىر بىلىملەرنى ئۆگەندىم. بۇ چاغدا گارى ماڭا مۇنداق بىر تەكلىپ بېرىپ «ھەقىقى باي بولاي دىسەڭ، پاي چېكى ئېلىپ، خەقنىڭ مەغلۇبىيىتىگە دو تىكمەي، ئۆزۈڭنىڭ بىر ئەمىلىي گەۋدەڭ بولسۇن» دېدى.
  ئۇنىڭ سۆزى كاللامنى ئېچىپ قويدى، لېكىن نېمىنى ساتسام  بولار؟ ئاخىرى مەن نەزىرىمنى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل مىللىي سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئاغدۇردۇم. دىگەندەك، بۇ جۇڭگوچە مىللىي خاسلىققا ئىگە سەنئەت بۇيۇملىرى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، شۇ ئايدىلا مەبلىغىم ئىككى ھەسسە قاتلاندى، ئاخىرى  مەكتەپتە «جۇڭگو سەنئەت بۇيۇمى»  شىركىتىم   قۇرۇلدى، ھەم بىر يىلدىن كىيىن مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا بازارغا سېلىندى، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ «بايلار» قاتارىدىن ئورۇن ئالدىم.
   كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە مەكتەپ پۈتتۈرىشىمگە ئاز قالدى، شۇ چاغدا مەن بىر نەچچە The lvy league (خارۋارد ئونۋېرسىتىت، كولومبىيە ئونۋرسىتىتى قاتارلىق 8 ئونۋېرسىتىت ۋە بىر ئىنىستىتوتنىڭ بىرلەشمىسى:-تەرجىماندىن) ئونۋېرىستىتلىرىنىڭ چاقىرىغىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بىر كۈنى ئاپام تېلېفۇن قىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا، مەبلەغ سېلىشتىكى خاتالىق تۈپەيلى دادامنىڭ پۈتۈن مەبلىغىنىڭ بانكا قەرزىگە تۇتۇلغانلىغىنى، بۇندىن كىيىن مېنىڭ ئۆزۈم خىزمەت تېپىپ ئوقۇش پۇلۇمنى ئۆزۈم تۆلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئەگەر بۇ شۇم خەۋەر ئۈچ يىل ئاۋال ئېيتىلغان بولسا بەلكىم ماڭا نىسبەتەن زامانى ئاخىردەك ئاڭلىنىشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ھازىر گونزاگانىڭ تەربىيىسى مېنىڭ ئىرادەمنى چېنىقتۇردى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسلىنىپمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغىنىمگە ئىشىنىمەن.
  ئائىلەمدىكى ئۆزگىرىش بىلەن، گونزاگادىكى بايۋەتچىلەر تەربىيىسىنى نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم: بايلىق چوقۇم مەڭگۈ بار بولىدۇ دىگىلى بولمايدىكەن. پۇل سانى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن،  مەغلۇپ بولمايمەن دەيدىكەنمىز، خاتىرجەم ۋاقتىمىزدا خەتەرنىمۇ ئويلاپ تۇرىشىمىز كېرەككەن، ۋۇجۇدىمىزنى كۈچەيتىپ تۇرساق، پۇل مالغا تەغدىرىمىزنى بەلگىلىگۈزمەستىن، ئۇنى باشقۇرۇپ ماڭالايدىكەنمىز.

ساخاۋەت ۋە بايلىق ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بۇ يەردە

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 09:59:39

مۇھىت ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ، ئاۋۇ مەكتەپ راسلا نوچى مەكتەپكەن.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 10:13:30

مۇستەققىللىق ، مانا بۇ مائارىپنىڭ پەرقى،،،،،

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 14:50:34

كىتاپنى مىخ قىلىپ  كاللىغا  قاقىدىغان  مائارىپ بىلەن  ئەقىلنى  غىدىقلاپ  ئىجاتچانلىقنى  قۇزغىتىدىغان  مائارىپنىڭ پەرقى چوڭ.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 21:57:53

كاللىغا مىخ قىلىپ قاقسىغۇ مەيلىتى، لېكىن بالىلار بىلمەيدىغان تىل بىلەن زورلىغىنى ئەڭ يامان!
بىچارە بالىلار بىرىنچى سىنىپقا كىرەر- كىرمەي، ماتىماتىكا دېگەندەك دەرسلەرنى خەنزۇچە ئۆتىۋاتقان، بالىلار چۈشەنمەيۋاتقان، چۈشەنگەن تەغدىردىمۇ تاپشۇرۇقنىڭ تەلىۋىنى ئۇقالمايۋاتقان، ئاتا- ئانىلىرى ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلاي دېسە، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى دەرستىن سىرت بالا ئوقۇتۇشقا يول قويمايۋاتقان.
ئىشقىلىپ، ئۇيغۇرلاردا بىر تۈركۈم ئوقۇغان ئەخلەتلەر يېتىشىپ چىقماقچى....
بەت: [1]
: ئامېرىكا ئاقسۆڭەكلەر مەكتىۋىدىكى ئۈچ قېتىملىق دەرس