Nijat:قار مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ
12-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تارتىۋالغان قار مەنزىرىلىرىنى تورداشلارغا سۇندۇم:قاشقادا گۆش ئەللىك كوي ئىكەن ھاما نىمە دىگەن گۈزەل مەنزىرە {:112:} نىمە دىگەن گۈزەل شەھەر :P نىمە دىگەن ئىللىق چىراي ئادەملەر :)
سۈرەتلەر ئىنىق چىقىپتۇ قانداق ئاپرات ئىشلەتتىڭىز ؟ ئاۋۇ سامسىنى{:91:} سۈرەتلەر بەك تەبئىي چىقىپتۇ، 14-سۈرەتتىكى چىراقنىڭ ئاستىغىراق ئېسىلغان كچىك ساندۇق بەلكىم قۇشلارنىڭ ئۇۋا سېلىشى ئۈچۈن ئورنىتىلغاندەك قىلىدۇ. بۇنى ئورناتقان كىشىنىڭ تەبىئەتنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. رەھمەتلىك بوۋام ھويلا ۋە باغدىكى دەرەخلەرگە قۇشلار ئۇۋا سالسۇن دەپ قاپاق ئېسىپ قوياتتى، ھازىر يېزىلاردىمۇ ئۇنداق ئىشلار ئاز ئۇچرايدۇ. مېنىڭ ئاۋۇ تېرە تۇماقلارغا كۆزۈم چۈشتى ... يىگىتلەر تۇماق، ئۆتۈك كىيىپ كوچا قاڭداپ مېڭىپ كەتسە{:87:} يارىشىدۇ-ھە.
قەشقەرلىقلەر پۇل يېغىپ كوچىلىرىنى خېلى ياساپ قويۇپتۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hakaniye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-14 18:51
قەشقەردىكى يەر شارى
ئادىل تۇنىياز
.......
......
قۇشلار
ۋەتەنسىز قۇشلار
پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار
سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر
غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ.
غېرىپلىقتەك.
ئېگىز بىنا.
قوشنا ئۆيدىكى ئادەم.
تام.
ئىككىنىچى قېتىملىق ئۆرپ-ئادەت.
توي،
ناتونۇش دەپنە مۇراسىمى،
قۇشلارنىڭ يېشى.
ئەينەك غېرىپلىق.
قول يەتمەس ئىشىك.
كارۋات.
قاچقان ئۇيقۇ.
ئوچۇق دېرىزىدىكى
ئاپئاق ساڭگىلاپ تۇرغان
ۋەتەننىڭ مۇزلىغان قولى.
ئادىل تۇنىيازنىڭ قەشقەردىكى يەرشارى دىگەن داستانىدىن پارچە ئالغاچ كەلدىم ماۋۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ بىزنى شۇنچە كىيىن قويۇپ بەرمەكچى بولغان شوجاڭنى مىڭنى تىللاپ چىقتىم.... قەشقەرگە بارغۇم كەلدى جۇمۇ:'({:112:}{:112:}{:112:}{:112:} ئەزىززانە يۇرتۇم قەشقەرنىڭ گۈزەل مەنزىرسىنى كۆرۈپ ئوخشىغان پىتىر-مانتا ، سامسىلىرىنى بەكمۇ يىگۈم كەلدى {:92:} كەيپىڭلارنى ئۈچۇرۇپ قۇيقۇدىغان بولدىم :lol
نىجاتكام قارىسام سۈرەت تارتىشقا پىشقەدەمدەكدەك قىلىدۇ.ئۈسكۈنە ئىشلىتىدىغانغىمۇ خىلى پىشقان ،ئازراق تەلىم ئاللاي دىگەن.nijat@ نىجاتكا ،مەنمۇ ئىشتىن سىرىت ئانچە-مۇنچە مەھسۇلات سۈرەتكە تارتىپ قۇيۋاتقان .لىكىن بەزى جەھەتلەردە ئازراق قىيىنچىققا يۇلۇقۇپ قالدىم ،تەلىم بەرسىڭىز.
مۇنۇ رەسىملەردە فۇكۇس توغرلانغان نۇقتىلار ئەڭ سۈزۈك ،يەنە پىرەنىكنىڭ ئالدى قىسمى سۈزۈك كەينىگە ماڭغانچە خىرەلىشىپ بارىدىكەن.دەسلەپ ئىچىملىك قۇتىسىنى سۈرەتكە ئالغاندا مۇشۇنداق بۇلغان،قۇتا كىچىك ،تەخمىنەن يېرىم مىتىر ئارلىقتىن سۈرەتكە ئالغان.(佳能 5D MARK III،لىنزا ئۆزىنىڭ زاۋۇتتىن بىرگە كەلگەن لىنزىسىمىكىن دەپ ئۇيلىدىم)،كىيىن ئاپرات بىلەن سۈرەتكە ئالماقچى بولغان جىسىمنىڭ ئارلىقى قانچە يېقىن بولغانچە ،بۇخىل ئەھۋالنىڭ شۇنچە روشەن بولدىغىننى بايقىدىم.نۇر چەمبىرىكىنى كىچىكلىتىش ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىىدە ياخشىلغىلى بولسىمۇ ،ئەمما ئۈزۈل -كىسىل ھەل بولمايدىكەن، ئەمدى مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم،قايسى تىپتىكى لىنزىلار مۇشۇ خىل ئەھۋالنى ھەل قىلالايدۇ؟
ئەزىززانە قەشقەرگە يەنە بىر بارغۇم بار جۇمۇڭلار،بىراق بىرمۇ تونۇشۇم يوق غېرىپسىنىپ قالىدىكەنمەن. قەشقەردە ئاشۇنداق قار يېغىپ كەتتىما مىنىڭمۇ ئۆيۈمگە قايتقۇم كەپكەتتى{:99:} ۋەھشى قىش بولۇپ كېتىپتۇغۇ؟ bariber يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 21:33 static/image/common/back.gif
ئەزىززانە قەشقەرگە يەنە بىر بارغۇم بار جۇمۇڭلار،بىرا ...
ئۆزىڭىزنىڭ يۇرتىدىنمۇ غىرىپسىنامسىز دەيمە كەلسىڭىز ئۇچۇر يۇللاڭ قولۇم كۆكسۈمدە 18134820555 سۆرەتلەر بەك پەيزى تاتىلىپتۇ، بوسا يىڭى بازانىڭ كۆرۈنىشىدىن بىر نەچچە پارچە تاتىۋەتكەن بوسىڭىز زە........ ئەزىزانە قەشقەر، شۇنچىلىك قار ئاستىدىمۇ يەنىلا ئادەمگە ئىسسىق بىلىنىدىغان ماكان.
ھېيتگاھنىڭ ئالدىدىكى مەيدان خەلق مەيدانىمۇ ياكى خەلق مەيدانى باشقا يەردىمۇ؟ talmas1 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 21:33 static/image/common/back.gif
كەيپىڭلارنى ئۈچۇرۇپ قۇيقۇدىغان بولدىم
نىجاتكام قار ...
تەسۋىر سۈرەتنىڭ فوكوس نوقتىسى سىرتىكى رايۇننىڭ غۇۋالىق دەرىجىسى بولسا لېنزىنىڭ نۇرچەمبىرىكى چوڭ كىچىكلىكى ، لېنزىنىڭ فوكۇس ئۇزۇنلىقى ۋە لىنزا بىلەن جىسىم ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىققا مۇناسىۋەتلىك، مۇشۇ ئۈچ خىل ئامىلنىڭ كامىدا بىرسى شەرتكە ئۇيغۇن بولسا فوكوس سىرتىنى غۇۋالاشتۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتىكى كامېرالارغا نۇر چەمبىرىكى چوڭ بولغان لېنزا سەپلەش ئارقىلىق مۇشۇ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. سىز ئىشلىتىۋاتقان لېنزىنىڭ پارامېتىرلىنى قالدۇرماپسىز، شۇڭا بىر نېمە دېيەلمەيمەن.
مەھسۇلات ئېلانى ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدىغان يەنە بىر كەسپىي لېىنزىمۇ بار، خەنچە «移轴镜头»يەنى ئېگىلىشچان لېىنزا ، بۇ لېىنزا بولسا ئاۋۇ ئۈچ خىل ئامىل ئىچىدىكى لېىنزا بىلەن جىسىم ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق پىرىنسىپىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسالغان، يەنى بۇ لېىنزا كامىېرانىڭ تەسۋىر سەزگۈچىسى تەكشىلىكى بىلەن، جىسىم تەكشىلىكى ئوتتۇرىسدا فوكوس بىلەن فوكوس سىرتىنى خالىغانچە تەڭشگىلى بولغاچقا ، مەھسۇلاتنىڭ بىزگە لازىملىق جاينىلا ئېنىق قىلىپ قالغان جاينى غۇۋالاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئىگىلىشچان لېنزا
xirkat يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 22:39 static/image/common/back.gif
ئەزىزانە قەشقەر، شۇنچىلىك قار ئاستىدىمۇ يەنىلا ئادەمگ ...
ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىكىسىنى «ھېيتگاھ مەيدانى» دەپ ئاتايمىز، خەلق باغچىسى ئالدىدىكى مەيداننى «خەلق مەيدانى» دەپ ئاتايمىز.
بەت:
[1]
2