bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 12:11:04

بىلىمخۇمار: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 02:19  

مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى

بىلىمخۇمار
2007-يىلى 26-ئۆكتەبىر

ئىلاۋە: بۈگۈن «ئەلكۈيى» مۇنبىرىدە بىر ئۇكىمىز مەندىن «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەڭلىمىسى» ھەققىدە بىر سوئال سوراپتىكەن.  مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈم 2007-يىلى تەييارلىغان مەزكۇر يازمىنى تەۋسىيە قىلاي، دەپ تورلارنى ئىزدىسەم، بۇ يازما تورلاردا يوق ئىكەن.  شۇڭا ئۇنى تورلارغا قايتا يوللاپ قويدۇم.

يېقىندىن بۇيان ۋەتەندىن ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن مەسلىھەت سورايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئوقۇشىدىكى بىلىم قورۇلۇشىنى چۈشەندۈرۈپ، شۇ ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن نېمە كەسىپنى تاللىسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى سورايدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش مەسىلىسى بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلىدۇر. مەسىلەن، مەندىن مەسلىھەت سورىغان ياشلار تىلغا ئالغان كەسىپلەرنى تىزىپ چىقىدىغان بولساق، ئۇلارنى كەم دېگەندە تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن:

٭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ
٭ ئاتا-ئانىسى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ
٭ ھازىر ئوقۇۋاتقان كەسىپ
٭ ئالماشماقچى بولغان كەسىپ
٭ تەبىئىي پەندىكى كەسىپ
٭ ئىجتىمائىي پەندىكى كەسىپ
٭ ۋەتەندە ئاسان ئىشقا ئورۇنلاشقىلى بولىدىغان كەسىپ
٭ چەت ئەلدە ئاسانراق جان باققىلى بولىدىغان كەسىپ
٭ باي بولغىلى بولىدىغان كەسىپ
٭ ۋە باشقىلار

مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمدىن بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىغان ياشلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەي كەلدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم. مېنىڭ ئۇنداق قىلالماسلىقىمدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار. بىرسى، مەندىكى ۋاقىت جەھەتتىكى قىيىنچىلىق--بۇ يىل يازدىن باشلاپ مېنىڭ ئىدارىدىكى خىزمەت ۋەزىپەم يەنىمۇ ئېغىرلاشتى. يەنە بىرسى بولسا، ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش مەسىلىسى بىر ئادەمنىڭ قانداق قىلغاندا ئۆز ئۆمرىنى خۇشال، بەختلىك، مەنىلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىغا دائىر بىر چوڭ مەسىلىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، كەسىپنى قانداق تاللاشتىن ئىبارەت بۇ تارماق مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن بىر ئادەم ئۆز ھاياتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھايات، ئۆزى رازى بولغۇدەك ھايات قىلىپ ئۆتكۈزەلىشى ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەكلىكى مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. مېنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەر بىر ياشقا ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈپ جاۋاب خەت يېزىش ئىمكانىيىتىم يوق. شۇڭلاشقا، ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلاش قارارىغا كەلدىم. بۇ يازما جەمئىي ئىككى بۆلۈم بولۇپ، ھازىرقىسى ئۇنىڭ 1-بۆلۈمىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە بۇ بۆلۈمنىڭ ئەسلى مەزمۇنىنى باشلايمەن.

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 25 يىل بۇرۇن، يەنى 1982-يىلى، مەن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مۇنداق بىر تەڭلىمىسىنى تۈزۈپ چىققان ئىدىم:

مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت (1)

1) پۇرسەت

«بىلىۋال» تور بېتىنىڭ مەن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىككى قېتىملىق يازما سۆھبىتىنى ۋە مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى ئوقۇپ باققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرىقى تەڭلىمىنى بۇرۇن كۆرۈپ باققان. مەن يۇقىرىقى تەڭلىمىنى ئۆزۈمنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ تاكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا كىرگەندىن كېيىنكى بىر قانچە يىللىق سەرگۈزەشتلىرىم ئاساسىدا تۈزۈپ چىققان ئىدىم. بالىلىق دەۋرىمدە مەن ئۆزۈمنى يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ بالىلىرى بىلەن كۆپ سېلىشتۇراتتىم. بەزى ئىشلاردا مەن ئۇلاردىن سەل ئەقىللىقراق بولساممۇ، يەنە بەزى ئىشلاردا ئۇلار ماڭا قارىغاندا كۆپ ئەقىللىق ئىدى. بولۇپمۇ ئېتىزلىق ئىشلىرىدا ۋە بۇزۇلۇپ قالغان يېزا سايمانلىرىنى ياساش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇلار ماڭا قارىغاندا خېلى ئەقىللىق، چاققان ۋە قولى ئەپلىك ئىدى. مەن ئۇلارغا ئىنتايىن قايىل ئىدىم. مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن مۇنداق سوئالنى داۋاملىق سوراپ تۇراتتىم: "دېھقان بالىلىرى بىلەن مەندەك شەھەر بالىلىرىنىڭ تۈپ پەرقى نەدە؟" بارا-بارا مەن بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ پەرقلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتى، مەكتەپ سۈپىتى، بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان، ۋە قىلىدىغان ئىشلاردىكى پەرقلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، يەنى پۇرسەت جەھەتتىكى پەرق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم.

مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، يېزىدا قايتا تەربىيە ئېلىۋاتقاندا، بىر يەردە ئېيىغا 20 سومدىن كۆپرەك مائاش ئالىدىغان بىر ئىشچى ياكى خىزمەتچى بولۇشنى ئۆزۈم ئۈچۈن غايە قىلىپ تىكلىگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا بىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن چوڭراق ئىشلارنى كۆزلەشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى -- ئالدىمىزدا بىز تاللايدىغانغا ئۇنىڭدىن باشقا يول يوق ئىدى. دېڭ شياۋپىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن بىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر پەۋقۇلئاددە پۇرسەت بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىلايەتتە ياكى ناھىيىدە ئىشلەيدىغان ئىشچى ياكى خىزمەتچى ئەمەس، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولالىدىم. بۇ يەردە پۇرسەت مەن ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى. مەن ھازىرمۇ بەزىدە ئۆز-ئۆزۈمدىن: "ئەگەر شۇ قېتىملىق ئىسلاھات يۈز بەرمىگەن بولسا، مەن ھازىر نەدە نېمە ئىش قىلىپ يۈرگەن بۇلاتتىم-ھە؟" دەپ سوراپ قويىمەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەر ۋە يېزىلاردا ئەقىللىق ۋە ناھايىتى تىرىشچان ياش-ئۆسمۈرلەر ئىنتايىن كۆپ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ كىشىلەر ئۆز يۇرتىنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ. يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيالمايدۇ. ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە باشقا يوشۇرۇن كۈچىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى جارى قىلدۇرالماي بۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئۇلار ئۈچۈن مۇۋاپىق پۇرسەتنىڭ بولمىغانلىقىدىندۇر.

2) تالانت

يۇقىرىقى تەڭلىمىدىكى "تالانت" تۇغما تالانت بىلەن تۇغما ئەقىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (2)

ئوخشاش بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان ئوقۇش نەتىجىسىدىكى زور پەرقلەرنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ تالانت ۋە تىرىشچانلىقتىكى پەرقتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بەزى ئوقۇغۇچىلار "مەن چوقۇم قاتتىق تىرىشىپ، ياخشى ئوقۇيمەن" دەپ ئىرادە تىكلەپ، كۈنىگە 15-16 سائەت ئۆگىنىش قىلىپمۇ يەنە بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدىغانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ سىنىپنىڭ ئارقىسىدا قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، كىشىلەردە تۇغما تالەنت ۋە تۇغما ئەقىل جەھەتتە پەرق بارلىقىنى، ھەمدە تىرىشچانلىق ئەقىلنى تولۇق ئىشقا سېلىپ يەكۈنلەپ چىققان توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلمىسا، ئانچە ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

دېمەك، يۇقىرىقىدەك كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، مەن تۈزۈپ چىققان يۇقىرىقى تەڭلىمە خېلى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇپ، 24 ياشلارغا كىرگەن ۋاقتىمدا تۈزۈپ چىققان بۇ بىر تەڭلىمە ئۈچۈن مەن تاكى يېقىنغىچە ئۆز-ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ كەلدىم.

3) ئىقتىدار

لېكىن، كىشىلەر تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى يېڭى تالانت، يېڭى بىلىم، يېڭى ماھارەت ۋە يېڭى ئىقتىدارلارغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ بىر خىل ئىقتىدار بولۇپ، بۇ ئىقتىدار ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئورتاق ئەمەس. مەن بۇ يەردە يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىنچاقلاپ "ئىقتىدار" ( ئىنگلىزچە "skills") دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

يەنى "ئىقتىدار" تۇغۇلغاندىن كېيىن يېتىلدۈرگەن تالانت، بىلىم، ماھارەت، ئىقتىدار ۋە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (3)

يۇقىرىقى 1-تەڭلىمە "ئىقتىدار" نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. بۇ مېنى يۇقىرىقى "مۇۋەپپەقىيەت" تەڭلىمىسىنى قايتا يېزىپ چىقىشىمغا مەجبۇرلىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرسىدۇر.

4) يۈكسەك قىزىقىش

4-ئۆكتەبىر كۈنى (يەنى 2007-يىلى 4-ئۆكتەبىر كۈنى) مەن ئايالىم ئامانگۈل بىلەن بىللە ئۆيىمىزگە 30 كم دەك كېلىدىغان ھولليۋوئود شەھىرىدىكى كوداك تىياتىرخانىسىغا بىر كونسېرت كۆرگىلى باردىم. بۇ تىياتىرخانا دۇنيادا كىنو ساھەسى بويىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپات بولغان "ئوسكار مۇكاپاتى" نى تارقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تىياتىرخانىلارنىڭ بىرسى بولۇپ، كونسېرتتا ئويۇن كۆرسەتكۈچىلەر دۇنياغا تونۇلغان تۈركىيىلىك ناخشىچى سەرتاب ئەرەنەر بىلەن كومپوزىتور ۋە پىيانوچى فاھىر ئاتاكوگلۇ (<> گە قاراڭ) لار ئىدى. تۈركىيىلىك ئايال ناخشىچى سەرتاب ئەرەنەر 2003-يىللىق ياۋروپا "ئەئۇروۋىسىئون" ناخشا مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، دۇنياغا داڭق چىقارغان. بىز ئەسلىدە لوس ئاڭەلەس رايونىدا تۈركلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە، "بۇ كونسېرتقا ئېھتىمال بىر قانچە يۈز تاماشىبىن كېلەر"، دەپ پەرەز قىلغان ئىدۇق. ئەگەر راست شۇنداق بولسا، بۇ زالنىڭ بىر ئاخشاملىق ئىجارىسى بەك قىممەت بولماسلىقى كېرەك ئىدى. شۇڭا، كەلگۈسىدە بۇ يەرگە ئۇيغۇر ئارتىستلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ ئويۇن قويدۇرۇش ئارزۇسىدا، مەن بۇ تىياتىرخانىنى بىر ئاخشام ئىجارىگە ئېلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كېتىدىغانلىقىنى سوراپ باقماقچىمۇ بولدۇم. لېكىن، ئۇ تىياتىرخانىغا كىرگەندىن كېيىن ھەيران قالدىم. بۇ تىياتىرخانا 3 قەۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىي 3600 ئەتراپىدا ئادەم سىغىدىكەن. بىز ئولتۇرغان يەردىن ئۈستۈنكى 2 قەۋەتنى كۆرگىلى بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئويۇن باشلانغۇچە تىياتىرخانىنىڭ 1-قەۋىتى تۈركىيىلىك تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى. پەرىزىمچە 1-قەۋەتتە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنىڭ ئۆزىلا 2000 كىشىدىن ئېشىشى مۇمكىن. مەن بۇ ئويۇننى كۆرۈۋېتىپ، مۇنداق خىيالغا چوڭقۇر پېتىپ كەتتىم: ئۇنىڭ بىرسى، پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسى 10 مىليون ئەتراپىدا بولغان ئۇيغۇرلاردىن ئاران 600-700 گە يېقىن ئادەم بار. بۇ كونسېرتقىمۇ ئاران 6 ئۇيغۇر كەلدۇق. لوس ئاڭەلەستىن ئىبارەت بىر شەھەردىلا بىر كونسېرتنى كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلغان تۈرك تاماشىبىنلارنىڭ سانى 2000 دىن ئېشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىز بۇرۇن ئارىلىشىپ باققان 30-40 تۈركىيىلىكلەردىن بىرەرسىمۇ كۆرۈنمىدى. تۈركىيىدىكى نوپۇسنىڭ ئومۇمى سانى 70 مىليون ئەتراپىدا بولغاچقا، ئەگەر بۇ كونسېرتقا كەلگەن تۈرك تاماشىبىنلار بىلەن ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ نوپۇسقا سۇندۇرغان نىسبىتىنى سېلىشتۇرساق، لوس ئاڭەلەس شەھىرىدىكى 2000 دىن ئارتۇق تۈرككە ئاران 42 ئۇيغۇر توغرا كەلدى، دېگەن سۆز. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەھۋالىغا ناھايىتى ئېچىندىم. "ئۇيغۇر ئارتىسلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ، مۇشۇ تىياتىرخانىدا ئويۇن قويدۇرۇش مۇتلەق مۇمكىن ئەمەسكەن"، دەپ ئويلىدىم. ئەگەر راستتىنلا چاقىرتساق، ئۇنىڭغا قانچىلىك تاماشىبىنلار كېلەر؟ ئۇنىڭ يەنە بىرسى، فاھىر ئاتاكوگلۇنىڭ پىيانو چېلىۋاتقان ۋاقىتتىكى قىياپىتى ئىدى. ئۇ مېڭىپ، سەھنە ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە بىر ناھايىتى گەۋدىلىك، تېتىك ۋە ھەيۋەتلىك قىياپەتتە كۆرۈنەتتى. لېكىن، پىيانو چالغاندا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھەرىكەتكە كېلىپ، بېلى 90 گرادۇسقا يېقىن ئېگىلىپ، خۇددى پىيانونىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ قىياپىتىدىن، پىيانودا بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا، ئۇنىڭ پىيانوغا بولغان يۈكسەك قىزىقىشى ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغانلىقى، پىيانونىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرغاندا، ھازىرمۇ ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى پىيانودىن ئىبارەت بىرلا نەرسە قاپلايدىغانلىقى، ئۇنىڭ پىيانو چېلىشنى ئىچ-ئىچىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. دۇنياغا داڭلىق پىيانوچى بەتھوۋىنمۇ فاھىر بىلەن ئوخشاش خىلدىكى ئادەم ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن يەنە بىر نەچچە يېڭى سوئاللارنى سوراشقا باشلىدىم:

1) يۈكسەك قىزىقىش بىر كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا قانداق رول ئوينايدۇ؟

2) يۈكسەك قىزىقىش نەدىن كېلىدۇ؟

3) "يۈكسەك قىزىقىش" نى يۇقىرىقى تەڭلىمىگە كىرگۈزۈش كېرەكمۇ-يوق؟ئەگەر كىرگۈزۈش كېرەك بولسا، قايسى تەرىقىدە كىرگۈزۈش كېرەك؟

مېنىڭ بۈگۈنكى ھالەتكە كېلەلىشىمدىمۇ ئۆزۈمنىڭ مەكتەپ ۋە بىلىمگە بولغان پەۋقۇلئاددە قىزىقىشىم ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمنىڭ مەكتەپكە ئىنتايىن ئامراقلىقىم ئاساسەن تۇغما ئىش ئىدى. كېيىنچە مەندە ھەرقانداق بىلىمگە، ھەر قانداق يېڭى نەرسىگە قىزىقىدىغان بىر مىجەز پەيدا بولدى. مېنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا رادىئو تېخنىكىسىغا قىزىقىشىم ئاكامنىڭ تەسىرى ئارقىلىق بولغان ئىدى: ئاكام رادىئو قۇراشتۇرۇشنى باشلىغاندىن كېيىن، مەن داۋاملىق ئۇنىڭ يېنىدا قاراپ ئولتۇراتتىم. بەزىدە ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە ياردەم قىلاتتىم. شۇ جەرياندا ئۆزۈممۇ تەدرىجىي ھالدا رادىئوغا قىزىقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى ئۈچۈن رادىئو ئېلېكترونىكا كەسپىنى تاللىدىم. دوكتورلۇق ئۇنۋانىنىمۇ ئېلېكتر ئىنجھېنېرلىقى كەسپىدىن ئالدىم. شۇنىڭدىن تارتىپ ئېلېكتر ئىنجھېنېرلىقى كەسپىنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئوپتىكا ساھەسىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. دۇنيادا بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، ئامېرىكىدا داڭلىق ۋاسكېتبولچىنىڭ ئوغلىمۇ داڭلىق ۋاسكېتبولچى بولىدىغان، داڭلىق كىنو ئارتىستىنىڭ بالىسىمۇ داڭلىق كىنو ئارتىستى بولىدىغان، مەبلەغ سېلىپ مىليونېر ۋە مىلياردېر بولغانلارنىڭ بالىسىمۇ ئوخشاش كەسىپتە، ھەتتا دادىسىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەپ، ئۆزلىرىمۇ ئىنتايىن باي بولغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. بىزنىڭ بۇرۇن بىر قوشنىمىز بار بولۇپ، ئۇ ئۆيدىكى ئەر موتسىكلىت مىنىشكە ئىنتايىن ئامراق ئىدى. ئۆزىنىڭ ئېسىل موتسېكلىتلىرىدىن بىر قانچىسى بار ئىدى. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ بىزنىڭ بالىلىرىمىز بىلەن قۇرداش 3 ئوغلىنىڭ ھەممىسىگە موتسىكلىت ئېلىپ بەردى. ھەر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئائىلە بويىچە بىر يىراق جاڭگالغا بېرىپ، موتسىكلىت مىنىپ كېلەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئائىلىدىكى ھەممە بالىلار موتسىكلىتقا قىزىقىدىغان بولۇپ چوڭ بولدى.

دېمەك، بەزى كىشىلەرنىڭ بىر ئىشقا بولغان قىزىقىشى تۇغما بولىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ بىر ئىشقا بولغان يۈكسەك قىزىقىشى بولسا، ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا باشقا كىشىلەرنىڭ ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.

5) تىرىشچانلىق

مېنىڭچە، تىرىشچانلىق مۇنداق تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

تىرىشچانلىق = قەتئىي نىيەتكە كېلىش + باتۇرلۇق + قاتتىق ئىشلەش + ئاداققىچە بوشاشماسلىق (4)

دۇنياغا داڭلىق ئامېرىكىلىق مىلياردېر دونالد ترۇمپ 2007-يىلى 16-ئۆكتەبىردە بىر كىتاب چىقاردى. بۇ كىتاب ئۇ ھازىرغىچە يېزىپ چىققان 5 تىن ئارتۇق كىتابنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭ ماۋزۇسى: «چوڭ-چوڭ ئىشلارنى كۆزلەپ، سۆڭگىچىگە تەپ» (ئىنگلىزچە "Think Big and Kick Ass"). مېنىڭچە بۇ يەردىكى "سۆڭگىچىگە تەپ" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى قەتئىي نىيەتكە كەل، باتۇر بول، قاتتىق ئىشلە ۋە ئاداققىچە بوشاشما دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر مەملىكەتلىك چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىڭ بىلەن "مىلياردېر بىلەن سىردىشىش" دېگەن بىر پروگرامما ئىشلەپ تارقاتقان بولۇپ، ئۇ پروگراممىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا پروگرامما رىياسەتچىسى ئۇنىڭدىن "ئەگەر تاماشىبىنلار بۈگۈنكى پروگراممىدىن پەقەت بىرلا سۆزنى ئەستە قالدۇرۇپ قايتىشقا توغرا كەلسە، سېنىڭچە ئۇ سۆز نېمە بولۇشى كېرەك؟" دەپ سورىۋېدى، دونالد ترۇمپ ئۇنىڭغا: "ھەرگىز يېرىم يولدا توختاپ قالما؛ ھەرگىز قىلىۋاتقان ئىشىڭدىن يېرىم يولدا ۋاز كەچمە"، دەپ جاۋاب بەردى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى يۇقىرىقى "ئاداققىچە بوشاشما" دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاشتۇر. بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يۇقىرىقى "تىرىشچانلىق" نىڭ 4 تەركىبىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بىر يۈكسەك غايىنى كۆزلەپ تىرىشىۋاتقان كىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرەرسى كەم بولسا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى ئىنگلىز تىلى ياكى باشقا بىرەر چەت ئەل تىلى ئۆگىنىپ باققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنىدۇ. ئەگەر سىزدە يۇقىرىقى 4 سۈپەتنىڭ ھەممىسى تەل بولسا، سىز تىل ئۆگىنىشنى چوقۇم بىر باشقا ئېلىپ چىقالىدىڭىز ياكى ئېلىپ چىقالايسىز. ئەگەر سىزدە ئۇلاردىن بىرەرسى كەم بولسا، سىز چوقۇم ئۇ يولدىن ئاللىقاچان قايتتىڭىز ياكى بۇنىڭدىن كېيىن قايتىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، تىرىشچانلىق توغرا ئۇسۇل ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلمىسا، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم بەرمەيدۇ. توغرا ئۇسۇل بولسا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرى، قايتا-قايتا ۋە ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلىشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئۈنۈم بېرىدىغان بىر ئۇنىۋېرسال ئۇسۇل مەۋجۇد ئەمەس. ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇلنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئاساسىدا ئۆزىگە تايىنىپ تېپىپ چىقىشى كېرەك.

ماڭا خەت يازغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن چوڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئوقۇشىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ بېرىۋاتقانلىقنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇشى كېرەكلىكىنى، بىراق، ئوقۇۋاتقان كەسىپكە قىلچە قىزىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئوقۇشىغا زادىلا زېھنىنى يىغالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلارمۇ خېلى كۆپ. دېمەك، سىز ئەگەر بىر ئىشقا قىزىقمىسىڭىز، سىز ئۇ ئىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمەيسىز؛ يۇقىرىقىدەك تىرىشچانلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى، سىز قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزغا يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقىشىڭىزدىن ئىبارەت. ئەگەر سىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا پەۋقۇلئاددە قىزىقسىڭىز، سىز ھەر كۈنى قىلىۋاتقان خىزمەت سىز ئۈچۈن بىر بەختلىك ئىش، سىزگە خۇشاللىق ۋە ھۇزۇرلۇق ئېلىپ كېلىدىغان ئىش بولۇپ تۇيۇلىدۇ. سىز ئۇنى قانچىلىك قىلسىڭىزمۇ ئۇنىڭدىن ھەرگىز زېرىكمەيسىز. سىز ئۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتىڭىزدا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەي قالىسىز. پات-پات "ئەگەر ئادەم بىر كۈن ئىچىدە ئۇخلىماي، تاماق يېمەي، 24 سائەت ئىشلىيەلىگەن بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟" دەپ ئويلاپ قالىسىز. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشقا ياكى كەسىپكە ئازراقمۇ قىزىقمىسىڭىز، ئۇنى قىلىش سىز ئۈچۈن بىر زۇلۇم بولىدۇ. ھەر كۈنى شۇ ئىشنى قىلىپ ئۆتكۈزگەن ھاياتىڭىز سىز ئۈچۈن ئازاب ۋە ھەسرەت بىلەن تولغان ئېچىنىشلىق ھايات بولىدۇ.

دېمەك، يۇقىرىقى ئانالىز ئارقىلىقمۇ بىز "يۈكسەك قىزىقىش" نىمۇ "مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسى" گە كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.

6) تەلەي

"پۇرسەت" نىڭمۇ ئىككى تەركىبىي قىسمى بار. ئۇنىڭ بىرسى كىشىنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە باغلىق بولغان، بىر ئادەم تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرەلەيدىغان پۇرسەت. يەنە بىرسى بولسا كىشىنىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، پۈتۈنلەي تاشقى ئامىللار ئارقىلىق بېكىتىلىدىكەن پۇرسەت. مەن بۇ 2-پۇرسەتنى "تەلەي" دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بەزىلەر مېنىڭ پۇرسەتنى مۇنداق ئىككىگە بۆلۈشۈمگە بىر ئاز ھەيران قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق ئايرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى مەن مۇنداق بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرەي.

1984-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن 1-تۈركۈم ياپونىيىگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنى تاللايدىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يەرلىك مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 50 تەك ئادەمنى تاللاپ، ئۇلاردىن 3 پەن بويىچە ئىمتىھان ئالدى. مەن بۇ ئىمتىھانىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ تاللاندىم. يېرىم يىللىق ياپون تىلى ئۆگىنىش كۇرسىدا، مەن ياپون تىلىدا بۇرۇن بەلگىلىك ئاساس سېلىۋالغان بولغاچقا، سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلارغا ئوپچە دەرس چۈشەندۈرۈپ يۈردۈم. ھەمدە سىنىپ باشلىقلىق رولىنىمۇ ئوينىدىم. لېكىن، ياپونىيىگە بېرىپ قارىسام، مەن بارغان مەكتەپتە ھېچ قانداق ئاسپىرانتلىق پروگراممىسى يوق ئىكەن. ئۇلار ماگىستېرلىق ئۇنۋانىنىمۇ ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنىمۇ بېرەلمەيدىكەن. ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋىرى بار كىشىلەردىن بەزىلىرى ماڭا "بۇ بىر سۇيقەست" دېگەن ئۇچۇرنى بەردى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئاشۇ قېتىم مەن بىلەن 1-تۈركۈمدە ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان 15 تەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ 10 دىن تولىسى ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. لېكىن مەن بىلىم ئاشۇرۇش بىلەنلا قايتىپ كەتىشكە مەجبۇرى بولدۇم. گەرچە ئۆزۈم قاتتىق تىرىشىپ پۇرسەت ياراتقان بولساممۇ، تەلىيىمنىڭ يوقلۇقىدىن ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت مۇشۇ بىر ئىشتا پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن مەن بىر يۇقىرى ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن باشلىغان سەپىرىمنى ياپونىيىدە ئاخىرلاشتۇرمىدىم. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ياپونىيىدىكى ئوقۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغاندا، يەنە بىر يېڭى سەپەر باشلىدىم.

مەن يەنە بىر مىسال كۆرسىتەي. ئايالىم ئامانگۈلنىڭ باشلانغۇچ بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۇيغۇر تىلىدا پۈتتۈرگەن بىر تۇغقىنى بار بولۇپ، ئۇ 1990-يىللىرىنىڭ بىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۇيغۇر تىلى سىستېمىسى بويىچە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. بىر يىللىق تەييارلىق ئوقۇشىنى تۈگەتكەندە بولسا، ئېلىنغان ئىمتىھانلاردىكى نەتىجىسى بىرىنچى بولدى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بۇ ئوقۇغۇچىلارغا دەسلەپتە ئۇقتۇرۇشىچە، بۇنداق ئوقۇشى ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى تاللىغان مەكتەپ ۋە ئۆزى تاللىغان كەسىپكە بارالىشى يۈزدە يۈز پىرسەنت كاپالەتكە ئىگە ئىكەن. لېكىن، بۇ سىڭلىمىز بېيجىڭدىكى بىر داڭلىق مەكتەپنىڭ "خەلقئارا ئىقتىساد" دېگەن كەسپىنى تاللىغان بولسىمۇ، كېيىن چاقىرىق قولىغا تەگكەندە قارىسا، ئۇ ۋۇخەن دىكى بىر ئالىي مەكتەپكە تەقسىم بولۇپ قاپتۇ. كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇ سىڭلىمىز ئۆزى تاللىغان مەكتەپ ۋە كەسىپكە ئارقا ئىشىكى ناھايىتى چوڭ بىرسىنىڭ بالىسى بارغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ سىڭلىمىزنىڭ كەسپىمۇ "مالىيە كاتىپى" بولۇپ قالدى. بۇ مىسالدىكى سىڭلىمىزمۇ ئۆزى قاتتىق تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىگە ناھايىتى ياخشى پۇرسەت ياراتقان بولسىمۇ، ئۆز ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ياكى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەلەيسىزلىكىدىن ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپ ۋە كەسىپكە كىرەلمىدى. كۆڭۈلدىكى مەكتەپ ۋە كەسىپكە كىرىشتىن ئىبارەت مۇشۇ بىر ئىشتا بۇ سىڭلىمىز پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى.

دېمەك، "تەلەي"نىمۇ "مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسى" گە كىرگۈزۈش كېرەك.

7) يېڭى تەڭلىمە

شۇنداق قىلىپ، مەن يۇقىرىدا ئۆزۈم بۇ قېتىمقى يېڭى "مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسى"گە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىك ئامىللارنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرۈپ بولدۇم. ئەمدى بىز بۇ يېڭى تەڭلىمىنى يېزىشقا تەييار بولدۇق. مەن ئۇنى مۇنداق تۈزدۈم:

مۇۋەپپەقىيەت = (پۇرسەت + تەلەي) * (ئىقتىدار + تىرىشچانلىق) + تالانت + يۈكسەك قىزىقىش (5)

بۇ يەردىكى«*» كۆپەيتىش بەلگىسى بولۇپ، "پۇرسەت" 0 بىلەن +1 نىڭ ئارىلىقىدىكى بىر قىممەتنى ئالىدۇ. "تەلەي" بولسا -1 بىلەن +1 نىڭ ئارىلىقىدىكى بىر قىممەتنى ئالىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بەزىدە "پۇرسەت + تەلەي = 0" بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىقتىدار بىلەن تىرىشچانلىق ھېچ قانداق مېۋە بەرمەي، ئادەم مەغلۇپ بولىدۇ. "پۇرسەت + تەلەي = 0" بولسىمۇ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ تالانتى بىلەن يۈكسەك قىزىقىشىغا ئاساسەن تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى تەڭلىمىدىكى "تالانت + يۈكسەك قىزىقىش" قا "پۇرسەت + تەلەي" كۆپەيتىلمىدى. مەن بۇ تەڭلىمىدىكى قالغان تەركىپلەرگە سانلىق قىممەت بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، "مۇۋەپپەقىيەت" نىڭ مەنىسى نىسپىي بولىدۇ. بىر ئادەم "مۇۋەپپەقىيەت" دەپ قارىغان نەرسە، يەنە بىر ئادەم ئۈچۈن "مەغلۇبىيەت" بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، نۇرغۇن ياشلار ئۈچۈن ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ، بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىۋېلىشنىڭ ئۆزىلا "مۇۋەپپەقىيەت" بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان سىڭلىمىزنىڭ ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشى ئۇنىڭ ئۈچۈن "مەغلۇبىيەت" بولۇپ تۇيۇلدى. ئەگەر ھەممە ئىنسانلار ئۈچۈن ئورتاق مۇۋەپپەقىيەت ياكى "ئۇنىۋېرسال مۇۋەپپەقىيەت" تىن بىرسى مەۋجۇد، دەپ قارالسا، ئۇنىڭغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىش مۇمكىن:

ئۇنىۋېرسال مۇۋەپپەقىيەت = ئۆز ئائىلىسى، دوستلىرى، مىللىتى ۋە خىزمىتى دائىرىسى ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلەر.

مەن بۇ قېتىم بۇ "ئۇنىۋېرسال مۇۋەپپەقىيەت" توغرىسىدا بۇنىڭدىن كۆپ توختالمايمەن.

8) ئاخىرقى سۆز

مەن بۇ يىل 50 ياشقا قاراپ ماڭدىم. كەسىپ جەھەتتە بۇ يىل مەن ئۈچۈن ئۆمرۈمدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق بىر يىل بولدى. بۇ نەتىجىلەرگە كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرى ئىنتايىن خوشال بولسا، يەنە بىر يەرى ئىنتايىن يېرىم بولۇپ كېلىۋاتىمەن. بۇنىڭ سەۋەبى، مەن ئامەرىكىدا تۇرۇپ مۇشۇنداق ياشاپ يۈرگىنىم بىلەن، كۆڭلۈمدىن زادىلا چىقىرالمايدىغان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان تەقدىر. مەن ئۆتكەن يىل ۋە بۇ يىل يازدا يۇرتقا تۇققان يوقلاپ بارغاندا كۆرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ياشاشقا ياكى يۇقۇرى ئۆرلەشكە ئامالسىز قالغان بىچچارە چىرايلىرى مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىمۇ ئۆز ئىقتىدارلىرىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە جارىي قىلدۇرۇپ، بىر پارلاق ئىستىقبالغا، گۈزەل كېلىچەككە ۋە بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۈچۈن ھازىر قانداق يول بار؟ قانداق پۇرسەت بار؟

بۇ يىل (2007-يىلى) ئائىلەم بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «ۋىسال» رەستۇرانتىغا ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندا، مەن ئەسلىدە 10-20 ئوقۇغۇچى كېلەر، دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم. لېكىن ئۇ يەرگە بىر نەچچە يۈز ئۇيغۇر ياشلىرى كېلىپتۇ. بۇ مەن ئۈچۈن ۋە ئائىلەمدىكى باشقا ھەممەيلەن ئۈچۈن بىر ئۇنتۇلماس ۋەقە بولدى. مەن ئۇنىڭدىن قاتتىق ھاياجانلاندىم. چوڭقۇر تەسىرلەندىم. «ئۇيغۇر روھى ھازىرمۇ ئۆز پەتىچە ساقلىنىۋەتىپتۇ»، دەپ چەكسىز خۇشال بولدۇم. ئۇنىڭدىن ئۆمرىمنىڭ قالغان قىسمى ئۈچۈن بىر تۈگىمەس روھىي ئوزۇق ئالدىم. ئۇ سورۇندا مېنىڭ كەلگەن ھەر بىر ياشلار بىلەن كەڭ-كۇشادە مۇڭدىشىش پۇرسىتىم بولمىدى. ھەر بىر ياشنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش پۇرسىتىممۇ بولمىدى. لەكىن، شۇ سورۇندا ۋە باشقا جايلاردا كۆرۈشكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ماڭا قارىغان ۋاقىتتىكى كۆز نۇرلىرى ۋە چىرايىدىكى ھېسسىياتلىرىدىن مەن ئۇلارنىڭ ئۆزۈمگە نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك بولدۇم. ئۇلار ماڭا: «بىزدىمۇ تالانت بار. بىزدىمۇ بىلىم ۋە ئىقتىدار بار. بىزمۇ قاتتىق تىرىشىشنى خالايمىز ۋە تىرىشالايمىز. بىزمۇ جاپا چېكىشتىن ئازراقمۇ قورقمايمىز. لېكىن، بىز نېمە قىلساق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدۇق. بىزگە قانداق يول بارلىقىنى بىلەلمىدۇق. قانداق قىلساق ئاتا-ئانىمىزغا يۆلەنمەي جان باقالايدىغانلىقىمىزنى بىلەلمىدۇق. بۇ جەھەتتە بىزگە ياردەم قىلسىڭىز»، دېگەندەك قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئىزچىل تۈردە ئويلاندىم. «بۇ ئىنى-سىڭىللارغا مەن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەرمەن؟» دەپ ئۆز-ئۆزۈمدىن داۋاملىق سوراپ تۇردۇم. ھازىرمۇ ھەم شۇنداق. ئويلاپ باقسام مەن ئۇلار ئۈچۈن ھازىرقى ۋاقىتتا ھېچ قانداق چوڭ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدىكەنمەن. قىلىپ بېرەلەيدىغان بىر ئىشىم مۇشۇ نەرسىنى يېزىش ئىكەن. مەن مۇشۇ يازمىنى ئوقۇغان ھەر بىر ياشنىڭ يۇقىرىقى 2-تەڭلىمە ئاساسىدا ئۆز-ئۆزىدىن مۇنداق سوئاللارنى سوراپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن: «مەندە نېمىلەر بار ئىكەن؟ نېمىلەر كەم ئىكەن؟ كەم نەرسىلەرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك؟»

چوڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ۋە ماڭىدىغانغا يول تاپالماي قالغاندا روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىش ھەممە ئىنساننىڭ ئورتاق خۇسۇسيىتى. بۇ يەردىكى گەپ بۇنداق چۈشكۈنلۈكنى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇشتا. بۇنداق چۈشكۈنلۈك ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، ئۇ بىر ئادەمگە چوڭ زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەقىللىق كىشى ئۆزىدە يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزىدە بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىشقا تىرىشىدۇ. ئادەم ئۆز كونتروللۇقى ئاستىدا بولمىغان ئىشلار ئۈچۈن قىلچە ئاھ ئۇرماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇنداق ئاھ ئۇرۇشنىڭ ھېچ قانداق ئەمەلىي قىممىتى يوق. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئەڭ مۇھىمىدىن باشلاپ بىر-بىرلەپ قىلىشى كېرەك. يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەندەك «سۆڭگىچىگە تېپىش» كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئۆزى ئۈچۈن ئىنتايىن تەتۈر كەلگەن بىر شارائىتتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە نەتىجە قازىنالايدۇ. ۋاقىت ياكى ئۆمۈر ئىسراپچىلىقىدىن ساقلىنالايدۇ. ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ يازمىسىنىڭ يۇقىرىقىدەك بىر قانچە جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە مېڭىشىنى بىلەلمەي قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىر ئاز پايدىسى بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخىرىدا مېنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قارىتا ئىككى ئۈمىدىم بار. ئۇنىڭ بىرسى، ئەگەر سىز بىرەر تور بېتىنى باشقۇرۇۋاتقان بولسىڭىز، بۇ يازمىنى ئاشۇ تور بېتىگىمۇ چىقىرىپ قويسىڭىز. بۇنىڭ ئۈچۈن مەندىن ياكى باشقىلاردىن رۇخسەت ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن، چوقۇم ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز. مېنىڭ بۇنداق ئۈمىدتە بولۇشۇمنىڭ مۇنداق سەۋەبى بار. ئادەم ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنى تولۇق چۈشەنمىسە، كېيىنكى قەدەمنى قانداق بەسىش، كېيىنكى قەدەمدە قايسى ئىشلارنى قىلىش توغرىسىدا توغرا قارار چىقىرالمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ھەمدە شۇ يولدا تۆلىمىسە بولمايدىغان بەدەللەرنى تۆلەشكە چىدايدىغان ھەر بىر ياش چوقۇم يۇقىرىقى تەڭلىمىنى تولۇق چۈشىنىشى كېرەك. ئۇنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىش قىلسىڭىز، خۇددى «ئەگەر سىز نەگە مېڭىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمىسىڭىز، قايسى يولدا ماڭسىڭىز بولىۋېرىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش بىر ئىش بولىدۇ. قىسقىسى، مەن بۇ يازمىنى ئىمكان قەدەر كۆپرەك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوقۇپ بېقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. مېنىڭ 2-ئۈمىدىم، بۇنى ئوقۇغان ھەر بىر ياش ئىمكان قەدەر يۇقىرىقى تەڭلىمە ئۈستىدە بىر ئاز ئويلىنىپ، بۇ تەڭلىمىنىڭ مۇكەممەل ياكى توغرا بولمىغان يەرلىرىنى بايقىسا، ئۇنى تور بەتلىرىدە ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويسا. ئەگەر سىز بۇ يازمىنى چىقارغان تور بېتىنىڭ ئادرىسىنى ماڭا ئېلخەت ئارقىلىق (مېنىڭ ئېلخەت ئادرىسىم: ) دەپ بەرسىڭىز، مەن ئۇ تور بېتىگە چۈشكەن ئىنكاسلارنى پات-پات كۆرۈپ تۇرىمەن. دۇنيادا خاتالاشمايدىغان ئىنسان يوق. مېنىڭ يازغان نەرسەمدە ۋە قىلغان ئىشىمدا خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭ بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇن تۈزگەن «مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسى» ئاران 3 تەركىبنى، ۋە يالغۇز قوشۇش بەلگىسىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ قېتىم مەن ئۇلارنى كۆپەيتىپ، 6 تەركىبنى، ھەمدە قوشۇش، ئېلىش ۋە كۆپەيتىش ھېسابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلدىم. بۇ بىر ئىلگىرىلەشتۇر. بىز ئۆز-ئارا مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە قىلىش، ۋە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرىقى تەڭلىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان، تېخىمۇ مۇكەممەل تەڭلىمە قىلىپ راۋاجلاندۇرالايمىز.مەن ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت.


1-رەسىم


2-رەسىم: 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ۋىسال رېستۇرانتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن
كۆرۈشۈش مەنزىرىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.

tarimoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 13:43:14

مەنمۇ مۇشۇنداق نىمە ئىش قىلىشىمنى بىلەلمەي تۈنۈگۈن كەچ بىر تېما يوللىغان،بۇ ماقالىڭىز دەل توغرا كەپتۇ.رەخمەت !سىزگە.قەلىمىڭىز ھارمىغاي.ئۇسسۇزلۇقۇم قانغاندەك بولديۇ،يەنە بىريەرلىرى كەم.مەن يۇرۇتتىكى  بىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىمىزنى بىلىدىغان زىيالىيى،كارخانىچىلارنىڭ تېخىمۇ كونكىرىت بىرنەسە دېيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!!!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 15:08:39

مېنىڭچە ئەڭ مۇھىم ئامىل يۈكسەك دەرجىدە قىزىقىشنىڭ بولىشى.  چۈنكى تىرىشچانلىقنى قىزىقىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خۇددى يازمىدا دېيىلگىنىدەك ئەگەر بىرى ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىر ئىشنى كەسىپ قىلىپ شۇغۇللىنىۋاتقان بولسا ئۇنىڭ ھەرزامان روھى كۆتىرەڭگۈ ۋە ئېنىرگىيەسى تولۇپ تاشقان بولىدۇ، قىلىۋاتقان ياكى قىلىدىغان ئىشىدىن چارچاش ھېس قىلمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا توختىماي شۇ ئىشنى قىلىدۇ، بىر نەتىجە چىققۇچە توختىماي قىلىدۇ بۇ ئۇنى بەلكىم مۇۋاپىقىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ.

يازمىدا قىزغىنلىق ۋە تىرىشچانلىقتىن باشقا يەنە تالانت ۋە ئىختىدار پارامېتىر قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تۇغما تالانت ياكى ئەقلىي ئىختىدارنىڭ بولىشى ئۇنىڭ تىرىشمىسىمۇ يەنى قېتىرقىنىپ ئىشلىمىسە، ئەجىر قىلمىسىمۇ نەتىجىنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى تالانتى ۋە ئەقلى ئۇنى مەزكۇر ئىشنى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىستىراتىگىيسى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن، يەنى ئۇنىڭدا شۇنداق ئوچۇق ۋە ئېنىق ئاڭ، ئۆزىگە ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن نەتىجىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تولۇق بولىشى ئاساسلىق رول ئوينىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا «تالانت تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ» دېگەن بىر گەپمۇ بار. بىر ئىشنى قايتا-قايتا، تەكرار-تەكرار قىلغاندا شۇ ئىشقا نىسبەتەن ئىختىدار ئارتىپ ھەتتا ئاپتوماتلىشىش يەنى ئۆزلىكىدىن قىلىنىپ كېتىش دەرجىسگە يېتىپ بارىدۇ. دېمەك تالانت ۋە ئىختىدارنى تىرىشچانلىق، تېرىشچانلىقنى بولسا يۈكسەك قىزغىنلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ يەردە قىزغىنلىق بىلەن باشلانغان تېرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى تالانت ۋە ئىختىدار بولىدىكەن ۋە بۇ چوڭ نەتىجە بولغان مۇۋاپىقىيەتكە ئېلىپ بارىدىكەن.

  لېكىن، «مۇۋاپىقىيەت تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ» دېگەن جۈملىنى ئۆلۈك ھالدا قوبۇل قىلىۋېلىپ، ئۆز قەلبىنى تونىماستىن ئاڭسىز ھالدا «كۆزىنى يۇمۇپ» تىرىشىچانلىق كۆرسىتىشى ناھايىتى ئاز نەتىجە ۋە ياكى نۆل نەتىجىنى بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۆزى نېمىگە چۈشىدىغانلىقىنى، نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىشى، مۇھەببەت بولمىغان يەردە زورلىماسلىقى كېرەك دەپ قارايمەن.  زورۇقۇپ قىلىنغان ئىشلاردا روھى ئېنىرگىيە خوراش كۆپ بولۇپ، بېسىم ھېس قىلىنىپ كۆپ چارچاش كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە جىسمانى چارچاشقا قارىغاندا پسخىك چارچاش كۆپىنچە ئۆزى قىزىقمايدىغان ياكى ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىغان ئىشلارنى «پەقەت جان بېقىش» زۆرۈرىيتى ئۈچۈنلا قىلىشتىن بولىدۇ، ئەپسۇسكى، مۇشۇنداق بېىسم ھالىتىدە ياشاشقا مەجبۇر قېلىش  ئەتىراپىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ كىشىلەرنىڭ تەقدىرى.

شۇڭا ئۆزىنى بايقاش ۋە ئۆزىنى تونۇشنى بۇرۇندىن يېتىلدۈرۈش بەك مۇھىم بىر ئىش ئىكەن. بىز خىلى چوڭ بولۇپ قالغۇچىمۇ، ھەتتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچىمۇ ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە بەك ماس كېلىدىغېنىمىزنى، نېمە قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەي قالىدىكەنمىز. نىشان ۋە غايىلىرىمىز بولسىمۇ تۇتۇرۇۇقسىز ۋە غۇۋا بولىدىكەن. ئەسلىدە ئالي مەكتەپكە چىقىشتىن بۇرۇنلار بۇلارنى ھېس قىلىپ تاللاش ئېلىپ بارالايدىغانلار ئارىمىزدا كۆپ بولسا ئېدى، ئىشىنىمەنكى ئارىمىزدا چوڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىدىغانلارنىڭ نىسبىتىمۇ كۆپ بولغان بولاتتى. بۇنداق بولىشىمىزنىڭ ھالقىلىق سەۋەبى ھېس قىلىشىمچە تايىنىۋېلىش پىسخىكىسى ۋە مۇستەققىللىق تۇيغۇسىنىڭ كەم بولىشى بولۇپ، بۇنى مەن پەرزەنت تەربىيسىدىكى بىر بوشلۇق دەپ قارايمەن.

دېمەك بۇ يەرگىچە دېمەكچى بولغانلىرىم، يۈكسەك دەرجىدىكى قىزغىنلىق بىر يادرولۇق ئامىل بولۇپ، قىزغىنلىق ھەر تۈرلۈك سەۋەپلەرگە ۋە قوزغۇتۇشلارغا باغلىق. قىزغىنلىقنى قېزىپ چىقىرىش ۋە يېتىلدۈرۈش ھەققىدە ئايرىم بىر ماقالە يېزىش مۇھىم دەپ قارايمەن. بىلىمخۇمار ئاكىمىز ۋاقتى يار بەرسە، بۇ ھەقتە بىزگە يەنە بىر ئېسىل ماقالىسىنى سۇنسا ئالەمچە خوش بولىمىز.

يازمىدا يەنە تەلەي ۋە پۇرسەت پارامېتىرلار سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تەلەينىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، لېكىن پۇرسەتنىڭ ھەر بىر كىشىنىڭ ئەتىراپىدا ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. گەپ شۇنى بايقاش ۋە تۇتىۋېلىشتا. ئەمەلىيەتتە ھايات قېيىنچىلىق ۋە توسالغۇلار بولغانغا ئوخشاش پۇرسەتلەرگىمۇ لىق تولغان. ئەڭ ئەقەللىيسى بىزنىڭ ساغلام، ياش، ھايات تۇرغانلىقىمىزنىڭ ئۆزىلا ئەڭ بۆيۈك پۇرسەتلەردىن بىرى. ۋاقتىمىزنىڭ بولغانلىقى، ئالىي مەكتەپتە ئوقىيالىغانلىقىمىز، مەلۇم شىركەتلەردە ئىشلىيەلىگەنلىكىمىز، ھاياتتا مۇھتاجلىقتا قالمىغانلىقىمىز،... ھەممىسى بىرەردىن پۇرسەت. باشقا كونكىرىت پۇرسەتلەرگە كەلسەك، پۇرسەتنى تۇتۇپ پايدىلانغانلارنىڭ ھېچقايسىسى مەنچە بىخۇت ئولتۇرۇپ، ئالدىغا «پوككىدە» چۈشۈپ قالغان پۇرسەتلەردىن پايدىلانغانلار ئەمەس،  بەلكى شۇنداق مۇھىتتا «پۇرسەت» نىڭ پېشىدە يۈرگەنلەردۇر.  لېكىن داۋاملىق تەلىيى ئوڭ كەلمەيدىغان ۋە تىرىشچانلىقلىرى يوققا چىقىدىغان كىشىلەرمۇ بار. ئەمەلىيەت شۇكى، دۇرۇس نىيەت بىلەن قىلىنغان ھەر بىر ئەجىرنىڭ مۇتلەق بىر ئىجابى نەتىجىسى بار، بەزىلەرگە تېز بەزىلەرگە ئاستا، بەزىلەرگە ئەڭ ئاخىرىدا كېلىشى مۇمكىن شۇ مۇۋاپىقىيەت.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 18:40:33

رەھمەت بىلىمخۇمار ئەپەندىم،يازمىڭىزنىڭ ياشلىرىمىزغا كۈچ بولۇشىنى تىلەيمەن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 21:34:03

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 15:08:39 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە ئەڭ مۇھىم ئامىل يۈكسەك دەرجىدە قىزىقىشنىڭ بول
ئېسىل ئىنكاس. مەنمۇ ھېلىھەم بوينۇمدىن باغلىغاندەك خىزمەت قىلىپ يۈرۈۋاتىمەن. قىزىقمايدىغان كەسپنى، خىزمەتنى ئامال بار تاللاپ سالماڭلار...

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 23:44:43

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 15:08 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە ئەڭ مۇھىم ئامىل يۈكسەك دەرجىدە قىزىقىشنىڭ بول ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام بىلىگ ئۇكام،

بۇ تېمىغا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تولۇقلىما مەزمۇن يوللىغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!  مەن سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى ساقلىۋالدىم.  ئاللاھ خالىسا مەن بىر ئاز ئىزدىنىپ، يېتەرلىك مىقتاردا ماتېرىيال تاپالىسام «يۈكسەك قىزغىنلىق» مەسىلىسىدە بىر ئايرىم تېما تەييارلاي.  بۇ ياخشى تەكلىپىڭىز ئۈچۈنمۇ سىزگە رەھمەت!
بەت: [1]
: بىلىمخۇمار: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى