ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 11:36:15

ئۇنتۇلغان پاي چەك

ئۇنتۇلغان پاي چەك
جاڭ شىياۋپىڭ
پەرھات ئەمەت تەرجىمىسى

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كورىيەلىك رەسسام سۈي داۋېي ئامېرىكىغا بېرىپ جاھاندارچىلىق قىلغانىدى، ئەمما ئۇ دەسلەپكى بىر نەچچە يىلدا تامغا رەسىم سىزىشقا تايىنىپ جان باققان.
2005-يىلى سۈي داۋېي بىر چوڭ شىركەتنىڭ خېلىلا كۆپ سوممىلىق زاكالىتىنى قوبۇل قىلدى، قىلىدىغان ئىشى بىر نەچچە ئىشخانىغا تام رەسىمى سىزىش ئىدى. ئۇ كېچە-كۈندۈز دېگۈدەك كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ ئاخىر ۋەزىپىنى تاماملىدى، ئۇنىڭ سىزغان تام رەسىملىرى شۇنچىلىك گۈزەل ھەم يېقىشلىق ئىدى، بىراق ئۇ قولى خېلى كۆپ پۇل كۆرىدىغانلىقىنى خىيال قىلىپ تۇرغاندا، شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ئۇنىڭغا تۆۋەنچىلىك بىلەن مۇنداق دېدى:
-يېقىندىن بۇيان شىركەتتە مەبلەغ بىر ئاز جىددىي بولۇپ قالدى، بىز سىزنىڭ ئىش ھەققىڭىزنى ئوخشاش قىممەتتىكى ئەسلىي پاي چېكى بىلەن تۆلىسەك بولارمۇ؟
سۈي داۋېيغا بۇ شىركەتنىڭ ئىستىقبالى دېگەندەك ياخشى ئەمەسلىكى ئايان ئىدى، شۇڭا بۇ ئەسلىي پاي چېكىنىڭ ئاخىرىغا بېرىپ بىر تىيىغىمۇ ئەرزىمەيدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق دېگىلى بولمايتتى، بىراق ئۇ باش مۇدىرنىڭ چىرايىدىن بالقىپ تۇرغان سەمىمىيلىكنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلالماي، ئەسلىي پاي چېكىنى قوبۇل قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن سۈي داۋېي يەنىلا ئىجادىيەت بىلەن توختاۋسىز شۇغۇللاندى، ئەڭ قىيىن كۈنلەرگە قالغاندىمۇ ۋاز كېچىش خىيالىدا بولۇپ باقمىدى، ئەمما ئۇ ھېلىقى ئەسلىي پاينى كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ سىزغان رەسىملەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇشقا باشلىدى، بەزىلەر ئۇنىڭغا ناخشا پىلاستىىنكىسىنىڭ مۇقاۋىسىنى لايىھەلەش ئىشىنى ھاۋالە قىلدى، ھەتتا ئاقسارايمۇ ئۇنى ئېلان-تەشۋىقات رەسىمى سىزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، شۇنداق قىلىپ سۈي داۋېي ئامېرىكىدا مەشھۇر تام رەسىمى سەنئەتكارىغا ئايلاندى.
2012-يىلى ئامېرىكىنىڭ Facebook شىركىتى بازارغا كىرىشىگىلا، بازاردىكى قىممىتى 100 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. سۈي داۋېي شۇ چاغدىلا ئۇنتۇلغىنىغا يەتتە يىل بولغان ھېلىقى ئەسلىي پاي چېكىنى يادىغا ئالدى، ئۇ ئەسلىي پاي چېكىنى ئېلىپ شۇنداق قاراپلا، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن Facebook شىركىتى بازارغا سالغان ئەسلىي پاي چېكى ئىكەنلىكىنى، بازاردىكى قىممىتىنىڭ 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇنداق قىلىپ سۈي داۋېي «ئىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى» ھايات سەنئەتكار بولۇپ قالدى، كىشىلەر ئۇنى «تەلىيى ئوڭ رەسسام» دەپ سۈپەتلەشتى، بىراق ئۇ بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى:
-ھەقىقىي تەلەيلىك ئادەم Facebook شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، ناۋادا ئۇلار يەتتە يىل تىرىشىپ بازارغا چىقمىغان بولسا، شۇنداقلا مەن ئەينى چاغدا نەق پۇل ئېلىشتا چىڭ تۇرۇۋالغان بولسا، ئېھتىمال مېنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى بارلىق نەتىجىلىرىم بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى.
(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.)

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 10:59:57

ئېسىل ئۈزۈندىلەر

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 12:13:22

نىمىشقا،نىمىشقا ئۇنداق ھەيران قالارلىق ئىشلار دۆلىتىمىزدە يۈز بەرمەيدۇ . ئەلى بابامۇ شۇ چەتئەلدە تۇرۇپ ئىرىشكەن .(مايۈنمىتى )

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 15:13:57

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 12:13 static/image/common/back.gif
نىمىشقا،نىمىشقا ئۇنداق ھەيران قالارلىق ئىشلار دۆلىتى ...

دۆلىتىمىزدە ئىختىساد ھوقوق ئۇچۇن ئىشلەيدۇ، رەسسام ياشىغان  ئەللەردە  ئىختىساد  جەمىيەت ئۇچۇن ئىشلەيدۇ.
بەت: [1]
: ئۇنتۇلغان پاي چەك