malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 10:18:06

قېرىنداشنى قەلەممىكىن دېمەڭ، ئۇچلاپ ئۇچلاپ خورىتىدىغان!

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى

قۇياش ئوخشاش كۆتۈرىلىدۇ.
ھەم بۇلۇت قاپلاپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، چاقماق چاقىدۇ، يامغۇرمۇ ياغىدۇ.
شۇنىڭدەك ئايدىڭمۇ ھەم، يۇلتۇزسىز تۈنلەرمۇ ھەم بولىدۇ.
شۇ كۈندىن باشلاپ، سېنىڭ ئەتىۋارىڭ يوق! ۋاي، كېلىپ تاماق يەۋالغىن، قېلىنراق كىيىنىۋالغىن، بالدۇر قايتىپ كەلگىن دەيدىغان، ساڭا كۆيۈنىدىغان ھېچكىمىڭ يوق!
ئايرىلدىڭ شۇ تاغلىرىڭدىن، قايرىلدىڭ جۈپ قاناتىڭدىن، ساپ مېھرىنى بەرگەن شۇ ئەتىۋار جان باغرىڭدىن.

سەن بىر كور، قېرىندىشىڭنىڭ نامۇ-ئەھۋالىنى كۆرەلمىگەن. ئۇ يۈرسە شۇ بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ، سەن يۈرىسەن قولۇڭدا قەدەھ، لىق مەي تولۇپ.
سەن بىر گاس، ئاڭلىمايسەن قېرىنداشلىرىڭنىڭ نالە پەريادىنى، قوشنىمۇ قوشنا قەرز سوراپ يۈرگەنلىرىنى، ئۆزۈڭچە داڭلايسەن، خەلقىم ئۈچۈن خەير-ئېھسان قىلغانلىرىڭنى.
سەن بىر گاچا، تىلىڭ كېكەچ، دىلىڭ زۇلمەت! ھەقنى سۆزلىيەلمەيسەن، ئادالەتنى ياقىلىمايسەن، يۈرىسەن زىياپەتتە خۇش كۈلۈپ، تىللىرىڭ چىقىپتۇ زەپمۇ شاتۇت كەبى ۋىچىرلاپ. ئۆز مەيدانىڭدا يوقتۇر ھېچ پىكىر، قېرىندىشىڭ ئالدىدا باردۇر تاغدەك بىر كىبىر.
كۈلمىگىن ئۇنچە، ساۋاتسىز قېرىندىشىڭنىڭ گۆدەك سۆزىگە، مەيلى سەن چەتئەلدە بولغىن ۋە ياكى تاشقى پىلانتتا. نومۇس قىلما، بازار باشقۇرۇپ چىققىنىڭدا، ئۇ يۈرسە باققال بولۇپ، ھارۋا ئىتتىرىپ. كادىر بولۇپ، ئەھۋال سوراپ كىرگىنىڭدە، ئۇ يۈرسە ئېتىزلاردا يېرىم تىزلىنىپ.
ئۇنۇتما قېرىنداش، ئۇ بولغاچقىلا سەن ئۆزۈڭ بولالايسەن. گەردە شۇ قېرىندىشىڭنى يوقاتساڭ، يېرىم دۇنيا ئەمەس پۈتۈن دۇنيانى يوقاتقان بولىسەن! مال-دۇنيا ۋە ياكى مەنسەپ قېرىنداش ئارىسىغا زىددىيەت ئۇرۇقى چاچمىسۇن!

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 13:33:30

ياخشى يىزىلىپتۇ...

self يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 14:24:56

مەن يازغاندەكلا يېزىلپتۇ

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 15:19:51

بىرى قېرىنداش، بىرى قىرىنداش. دەرۋەقە قېرىنداشنى قىرىنداشتەك ئۇچلاپ، خورىتىپ پايدىلىنىدىدىغانلار يوق ئەمەس.

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 15:28:43

مەناسى چوڭقۇركەن  

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 17:15:37

بەك ياخشى يېزىپسىز .        ئاغىزىڭىزغا ناۋات سېلىپ قويغۇم كىلىپ كەتتى شۇ تاپتا {:90:}  
قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي ئىلاھىم .{:112:}

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 17:49:17

تىما ماۋزۇسى خاتا .

rakita يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 10:13:57

ماۋزۇ؟:P

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 10:18:16

قېرىنداشنى «قېرىنداش»مىكىن دېمەڭ، ئۇچلاپ ئۇچلاپ خورىتىدىغان.
دەپ يازسام توغرا بولاتتىكەن.:$
بەت: [1]
: قېرىنداشنى قەلەممىكىن دېمەڭ، ئۇچلاپ ئۇچلاپ خورىتىدىغان!