ئالىيى مەكتەپتە نېمە ئىش قىلىش كىرەك؟
ئالىيىمەكتەپتە نېمە ئىش قىلىش كىرەك؟ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!
مۇشۇ مەسلە ئۈستىدە كۆپ ئويلاپ كاللام تولا قاتتى،يۈرەكلەر كۆپ سىقىلدى.ئەسلىدە مەندىن كۆپنى كۆرگەن ئىلىم ئەھلىللىرى بىلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇپ ئوبدان بىر تەلىم ئالغۇم بارتى.پەقەت پۇرسەت بولمىدى.شۇڭا مۇنبەرداشلاردىن ياردەم سوراي دېدىم.ئازغىنە ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ قىممەتلىك پىكىر لىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى سورايمەن.
ھەمىمىزگە مەلۇم،يىقىندىن بۇيان ئۇتۇق قازانغان ئالىملىرىمىز ۋەياشلارنىڭ تەرجىمھاللىرىمۇنبەرلەردە كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.ھاياجانلاندۇق ،تەسىرلەندۇق،قانلارقىززىدى.كۆپلىگەن ياشلار ئۇلۇغ ئارمانلارنى قەلبىگە پۈكۈپ،ئۈگۈنىش پىلانلىرىنى تۈزۈپ،ئىزبىسىپ مىڭىش ئۈچۈن كىتابلارغا ،كۈتۈپخانىلارغا ئاتلاندى.بۇھال ھەممىمىزنى سۆيۈدۈرىدۇ .ھەممىمىزبۇسەپنىڭ تىخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ئەلۋەتتە.لىكىن ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇمۇمىيى ساندا،مەندەك ئالىيى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا، يەنە داۋاملىق ئۆرلەپ ئۇقۇشنى خالىمايدىغانلار مۇتلەقكۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ.دۆلىتىمىزدىكى خىلى-خىلى نامى بار ئالىيى مەكتەپلەردە ھەم ئەھۋال مۇشۇنداق .ئەمدى ئۆرلەپ ئۇقۇشنى تاللىمىغان كۆپسانلىق بىزلەر قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟ئالىيى مەكتەپتىكى بۇئالتۇن ۋاقىتىنى قانداق ئۆتكۈزىشىمىز كىرەك؟بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غەملىرىمىزدىن بىرى بولسا ئوقۇشتىن كىيىنكى خىزمەت مەسىلىسى.كۆپۈنچىمىز ئۆمۈدنى ئالاھىدە ئشتات ،كەسپى ئىشتات،مەمۇرلۇق ئىمتىھانىرىغا باغلاپ قۇيۇپ ئولتۇردۇق،ئۈمۈدىمىز مۇقىم خىزمەتتىن بىرنى تىپىش.مۇشۇ چۇشنى كۆرۈپ،كۆپۈنچىمىز تورئويۇنى،كىنو-تىلىۋېزىيە فىلىملىرى،بىكارچىق،مۇھەببەتلىشىشقاتارلىق ئىشلاربىلەن ئۆزىمىزنى رىئالىقتىن ئىلىپ قاچىمىز.ۋاقىت ئۆتكۈزىمىز.بىراق ئۇقۇش پۈتتۈرۈشكە ئازقالغانسىرى رىئاللىق بىزنى قىستىماقتا.بىزنى گاڭگىراتماقتا. بىز تەجىربىسىز بولغاچقا ،جەميەت نىمىگە ئىھتىياجلىق،جەميەتكە نېمە لازىم ئىكەنلىكىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمىز.قانداق قىلغاندا زامان ،ماكانغاتېخىمۇ ياخشى ماسلاشقىلى بۇلدىغانلىقىنى ئانچە چۈشەنمەيمىز. شۇڭا ھەممىمىز چوڭ توپقا قۇشۇلۇپ ھەرخىل سالاھىەت ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىۋاتىمىز.تۈمۈرتاۋاقنى ھەممىدىن بەكرەك ئۈمۈد قىلىمىز. لىكىن بۇئۇرۇنلار ھەرگىز بىزنىڭ ئىھتىيجىمىزنى قامداپ بولالمايدۇ.ھەمدە ھازىر تىلۋىزۇردا قۇيلىۋاتقان ئىسىتىقبال سەھنىسى كۆپۈنچىمىزنىڭ تۈمۈرتاۋاق كۆزقارىشىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.ئۇنداقتا ئەمدى بىزنېمە قىلىشىمىز كىرەك؟ئاتا-ئانىمىز توختىماي كەسپىڭنى ياخشى ئۈگەن دەيدۇ،توغرا،كەسىپنى چۇقۇم ياىشى ئۈگۈنىش كىرەك .بىراق بىز كەسپىمىزنى خىلى ياخشى ئۈگەنسەكمۇ، بەزى كەسىپلەرنىڭ نېمە قىلدىغانلىقىنى ئانچە بىلگىلى بولمايدۇ.يەنە بىرى ،نەزىرىۋى بىلىمنىلا ياخشى ئۈگەنگەن بىلەن، بىزدەك ئۆرلەپ ئوقۇشنى تاللىمىغانلار ئۈچۈن باكلاۋىرلىقتا ئۈگەنگەن نەزىرۋى بىلىملەرنىڭ كىيىنكى ئەھمىيىتى ئۇنچە زور بولمايدۇ.يەنە بىرى كىيىنچە بىز ئۆز كەسپىمىز بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز ناتايىن.
ئەمدى ئۈمۈدۈم مۇنبەردىكى بىزدىن كۆپنى كۆرگەن ،ئىلىملىك،تەجىربىلىك مۇنبەرداشلارنىڭ مەندەك كاللىسى قاتقان ياشلارغا. ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.قانچە كونىرىت بولسا شۇنچە ياخشى بولاتتى.
مەسىلەن،سالاھىيەت كىنىشكە ئىمتىھانلىرىنى بەرگەندە قايسىللىرىنى بىرىش،قانچىنچى دەرىجىگىچە بىرىش،جەميەتنىڭ ئىھتىياجى قايسى.......
يىقىندا 2015.يىلنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىمىز دىگەن ،كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان چاقىرىق ئۇتتۇرىغا چىقتى.مىنىڭچە بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ياخشى كىتاب تىزىملىكى بولسا بەك ياخشى بولاتتى.مەسىلەن:ئەدەبىيى كىتابلاردىن ماۋۇلار،پەلسەپىدىن ماۋۇلار،تارىختىن ماۋۇلار،تەبىي پەندىن ماۋۇلار دىگەندەك(بۇيەردە ئالىيى مەكتەپ 4يىل ھاياتىدا چۇقۇم ئوقۇشقا تىگىشلىك كىتابلار تىزىملىكىنى كۆزدە تۇتتۇم.ئەگەر نۇرغۇن كىتابلارنىڭ تىزىملىكى بىرىلسە ئۇلارنى بىر ئۆمۈردە ئۇقۇپ بولغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.)يەنە تەبىي پەن ۋە كەسپىيى كىتابلارنىڭ خەنزۇچىللىرى بولسىمۇ بولىدۇ.بىزدەك ئىچكىردە ئۇقۇۋاتقانلارنىڭ تەرجىمە قىلىش ئىمكانىيتىمىزمۇ بار.لىكىن نىمىنى تەرجىمە قىلىشنى بىلمەيمىز.
زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ ئىككى جۈملە سۆزى بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي.ئەسلىيى تىكىستى تۇلۇقئىسىمدە قالماپتۇ.بۇنىڭغا ئۆزرە.
<<مائارىپ ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرالمىغاندا ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنىشىمىز كىرەك>>
<<سىز ئىش كۈتۈپ تۇرغان بىكار ۋاقتىڭىزدا توختىماي ئۈگەنسىڭىز چۇقۇم ئىشتاپالايسىز>>
ئۇنداقتا مۇنبەر ئەھلىي،كۆپنى كۆرمىگەن بىزدەك تەجىربىسىز ياشلار ئۆزلۈكىمىزدىن نىمىلەرنى ئۈگۈنىشىمىز كىرەك؟؟؟؟
ئالىيىمەكتەپ دىگەن قانداق مەكتەپ؟ yawuzbag يوللىغان ۋاقتى2014-12-14 15:38 static/image/common/back.gif
ئالىيىمەكتەپ دىگەن قانداق مەكتەپ؟
ئالىيى ئالىيى ئىتپ سىزنى ئۇخلىتىدىغان مەكتەپ:lol توقىناق بالانى مەكتەپكە ئاتماي، قوڭنى غىت قىسىپ ئوغابالىدەك ئوقۇسا ئالىي مەكتەپ ئالىي مەكتەپ بولىدۇ.... cooloff يوللىغان ۋاقتى2014-12-14 16:25 static/image/common/back.gif
توقىناق بالانى مەكتەپكە ئاتماي، قوڭنى غىت قىسىپ ئوغاب ...
بۇيەردە تۇقۇناق بالانى ئارتقان گەپ بولمىدى.شۇ قانداق ئوقۇساق ئۇغال بالىدەك ئۇقۇغىلى بولدىغاندۇ دەپ سوراۋاتقان! yawuzbag يوللىغان ۋاقتى2014-12-14 15:38 static/image/common/back.gif
ئالىيىمەكتەپ دىگەن قانداق مەكتەپ؟
تەھرىرلەشنى تازا بىلەلمىدىم دەرىسلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، كىتاپ دىگەننى كۆپ كۆرۈپ، شەھەر دىگەننى چۆگلەپ، ئويۇن دىگەننى ئويناپ، كىيىم دىگەننى چىرايلىق پاكىز كىيىپ، باللارنى كۆرسە ۋاي ئەسسالام ئاداش ياخشىمۇ دەپ ئوقۇساڭلا بۇلۇۇ،،،ۋايۋاي ئۆزەمنى يېزىپ كىتىپتىمەنغۇ بۇ يەرگە ئالى مەكتەپتىكى ۋاقىتتا سىز مۇنداق ئىش قىلىڭ. (مەن ئۆزۈم قىلالىغان ئىشلار. شۇڭا مەن بۇ ئىشنى پايدىسى بولۇپ قالسا دەپ يېزىپ قويدۇم. )
1. ئۆز ئەتراپىڭىزغا تىرىشچان بالىلارنى يىغىڭ يەنى ئۆزىڭىزنىڭ ئالاقە دائىرىڭىزنى ئىلغار ئىدىيەدىكى كىشىلەر بىلەن قاپلاڭ. مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىلغار، ئالدىغا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇلار بىلەن ئىچىڭىز پۇشقاندا پاراڭلىشىڭ. مەكتەپ سىرتىدا شېركەت ئېچىپ جاپا چىكىۋاتقان ئەمما بەل قويماي ئىقتىسادىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقانلار بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرۇڭ. ئىنگىلىز تىلى بىلىدىغان ھەم ئىنگىلىزچە مۇھىت بىلەن ئۇچراشقانلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇڭ.
2. مەكتەپ ئىچىدە ساۋاقداشلار بىلەن ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئىناق بولۇشقا تىرىشىڭ. مەيلى سىز مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم بۇزۇق ئادەم بولسۇن ياكى تەقۋا تىرىشچان ئوقۇغۇچى بولسۇن ھەممىسىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ. مەيلى قازاق، مەيلى قىرغىز، مەيلى خەنزۇ بولسۇن ھەممىسىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ. سىزگە ناچارلىق قىلغان بولسا سىز ناچارلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭ. پەقەت ئامال بولمىغاندا ئالاقىڭىزنى ئۈزۈپ ناتونۇش بولۇپ كەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما قورساقتا غۇم ساقلايدىغان ئىشنى قىلماڭ. كەڭ قورساق بولۇڭ. قىزلارغا ئۆزىڭىزنىڭ سىڭلىسى ۋە ئاچىسىدەك مۇئامىلە قىلىڭ.
3. ئەتتىگەندە بالدۇر تۇرۇپ كېچىدە كەچ يېتىڭ. بۇ ۋاقىتتا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىش قىلىڭ. ئويناڭ، پاراڭلىشىڭ، تەپەككۇر قىلىڭ.
4. ئۆگىنىش قىلىشتا نىيەت مەقسەتنى ئېننىق قىلىڭ. سىز ئۆگىنىۋاتقان كەسىپنىڭ بەلكىم سىزنىڭ كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىشىڭىز بولماسلىقى مۇمكىن ئەمما سىز ئۆزىڭىزگە بىر يولنى ئارتۇق قويۇپ قويۇڭ.مەسىلەن مەن بۇ كەسىپنى ياخشى ئوقۇسام نەتىجەم ياخشى بولسا كېيىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغۇم كېلىپ قالسا پەقەت ئىنگىلىزچە ئۆگنسەملا ئوقۇيالايمەن. ئەمما بۇ كەسپى نەتىجىرىم ياخشى بولمىسا چەتكە چىقىمەن دەپ قالسام قىيىنچىلىق بولىدۇ. سىز بەلكىم پۇل تېپىش، نان تېپىش ئۈچۈن شىنجاڭدا، ئىچكىردە ۋە ياكى چەتئەللەرگە چىقىپمۇ كېتىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا ھەر ئېھتىماللىقلارغا ئاساسەن سىز ئۆزىڭىزگە يول قويۇپ قويۇڭ. شۇڭا ھەممە پەندە تىرىشىپ ئوقۇپ پەن قالماڭ ھەمدە 85 تىن يۇقۇرى ئېلىپ ئوقۇشنى نىيەت قىلىڭ. (مەن شۇنداق نىيەت قىلىپ 80دىن يۇقۇرى ئالالىغان. ئالى مەكتەپتە بىر پەنمۇ قالمىغان)
5. كۈتۈپخانا سىز ئويغاق ۋاقىتتا تۇرىدىغان جاي قىلىڭ. ئۇيقا كەلگەندە ياتاققا قايتىڭ.
6.ئامال بار مۇھەببەتلەشمەڭ. چۈنكى ئوغۇل بالا يالغۇز قالسا ئالغا باسىدۇ. قىز بالا ئالغا باسسا يالغۇز قالىدۇ. ئەگەر سىز ئوغۇل بالا بولسىڭىز يالغۇز قېلىپ ئالغا بېسىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىڭ. قىز بالا بولسىڭىز ئالغا باسقىنىڭىزدا يالغۇز قالىدىغىنىڭىزنى قۇبۇل قىلىڭ. ئەنسىرمەڭلار. خۇدا بۇيرىغاندا بىر كۈنى رىسىق قوشۇلسا نىكاھىڭلارنىمۇ ياخشى قىلىۋالىسىلەر. ئەمەلىيەتچىل بولۇڭ. ئەگەر سىز بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز ئۇنىڭغا سېنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ئېيتسىڭىز، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن قاچان توي قىلىدىغىنىڭىزنىمۇ ئويلىشىپ قويۇڭ.ئەگەر سىزنىڭ توي قىلىش نىيىتىڭىز بولمىسا ئۇنداقتا بۇ بىر ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان ئىككىلى تەرەپكە زىيانلىق ئويۇن خالاس.
(باشقىلىرى ئېسىمگە كەلسە تولۇقلاپ قوياي.) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Hizir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-14 18:41
مۇھەببەتلىشىش ئىسلامدا چەلەنگەن تۇرسا ئۇنداقتا نېمىشقا شۇنچە كۆپ مۇسۇلمان ئادەم شۇ يولدا مېڭىپ قالىدۇ؟ (بۇ سوئالنى مەن ئويلاپ تۇرىدىغان سوئال بولۇپ جاۋابىنى ئازراق تاپقاندەكمۇ قىلىپ ئازراق بىر نەرسە يېزىپ قويغان. ئوقۇپ بېقىڭ )
قىزلار ۋە ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۇلاردا نورمال بولغان ھېسسى ئىستەك پەيدا بولۇپ يات جىنىسلارغا قىزىقىدۇ. بۇ ئىنتايىن نورمال تەبىئەتنىڭ قانۇنى. تەبىئەتنىڭ ئەسلى قانۇنى بويىچە بولغاندا يەنى قەدىمقى زاماندا قىز ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكەندىلا ياتلىق قىلىنىپ ياكى ئۆلىنىپ تەبىئەتكە بوي سۇناتتى. ئەمما يىقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندا ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۈزگەن پىرىنسىپلىرى بويىچە ھەممە ئادەم مەكتەپتە مۇنتىزىم تەربىيە ئالىدىغان بولدى. مەكتەپ ئاددى چۈشەنچە ھالىتىدە بىلىم ئېلىش ئورنى بولسا چوققۇر تەھلىل بويىچە چۈشەنسەك ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئورنى بولۇپ قالغان.
بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئەخلاقى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان تۆۋەن ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا تەربىيە ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن كۈچلۈك ئەخلاقى تەربىيە بېرەلمىگەن سەۋەبلىك ئوقۇغۇچىلاردا ئەگەر ئاتا ئانىسىدىن كېلىدىغان كۈچلۈك ئەخلاق تەربىيەسى بولمىسىلا ئۇلاردا ئەخلاققا سەل قاراش ياكى ئەخلاقسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
مۇھەببەت كىنولىرى، مۇھەببەت مۇزىكا ۋە ناخشىلىرى كاللا يۇيۇشتا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.
مۇشۇ ۋاستىلەر ئارقىلىق دىن ۋە ئەخلاق كەمتۈك ئەھۋالدا مۇھەببەتلىشىش ئويلاشمايلا بېسىپ ماڭىدىغان يول بولۇپ قالىدۇ. ۋەھالەنكى بۇ يولدا ماڭغان ۋاقىتتا بالا بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ ئەمما مەكتەپ ھاياتى تېخى ئۇزۇن. شۇ سەۋەب تۈپەيلى نىكاھ ئويلىشىدىغان مەسىلە ئەمەس بەلكى ئوقۇش ئاساسلىق مەسىلە بولىدۇ ئەمما تەبىئەتنىڭ قانۇنىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا كۆپىنچە ئادەم ئۆزئارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىپ ئوتتۇرا مەكتەپتىلا مۇھەببەت قىززىق تېمىغا ئايلىنىدۇ. ئەلۋەتتە ئالى مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن كۆپىنچە ئادەم تېخىمۇ ئەركىن مۇھىتتا مۇھەببەت دېپىغا ياخشى ئۇسۇل ئوينايدۇ. ئوغۇل قىزلارنىڭ بۇزۇلىشى ئېغىر بولىدۇ.
جەمىئەتتە ئومۇمى يۈزلۈك يۈز بېرىۋاتقان ھادىسە كۆپىنچە ھالەتتە نورمال تەبىئى قانۇنىيەتتەك بىلىنىدۇ. مۇھەببەتلىشىش شۇنداق قىلىپ كىشىلەر ھارام دىيەلمەيدىغان دەرىجىدە ئومۇملاشقان ۋە يۇيۇلغان كاللىغا توپتوغرا دەپ چۈشىنىدىغان ئوي شەكىللىنىدۇ. بۇ خۇددى بىر ئۇيغۇرنىڭ ھۆكۈمەتكە قاراشلىق شېركەتتىن باشقا شەخسى شېركەتتە ئىشلىسە باشقىلار قەتتى قۇبۇل قىلالمىغانغا ئوخشايدۇ. جەمىئەتنىڭ ئېقىمىغا ئەگەشكەنلەر توغرا ئىش قىلغانلار بولۇپ قارشى ئېقىمدىكىلەر خاتا قىلغاندەك بىلىنىدۇ. قانداق ئوقۇسا ئوغۇل بالىدەك ئوقۇشقا يەنە ئېنىقلىما بېرىش كىرەكما؟مەشھۇرلىرىمىز ئىزدىنىشتا ئاللىقاچان ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش ھاياتى توغرىلىق ماقالىلەرنى يېزىپ چىقاردى ،ھېلھەم چىقىرۋاتىدۇ . ئەجىبا مۇشۇلار ئازلىق قىلۋاتامدۇ ياكى سىز بىلمەي قالدىڭىزمۇ بۇنى بىلمىدىم.... قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلىش كېرەك . نېمىنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسە ئويلىنىپ بېقىپ نېمە قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى تېپىش كېرەك . پەقەت تاپالمىسا ئالى مەكتەبتە ئوقۇيمەن دەپ ئاۋارە بولماي تىرىكچىلىك قىلىشى كېرەك . بىزگە قانداق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كېرەك؟ ;P مۇشۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزلار ئۇنداق يامان بوپكېتىدۇئوقۇشى پۈتكەندىن كىيىن خىزمەت ئۈچۈن مۇنداق بۇزۇلۇپ كېتىدۇ دىسە بەك ئاچچىغىم كېلىدۇ مېنىڭ ، ماڭا ئەجەپ ئۇچرىمايدىكەن دىسە. رومان ھىكايىلەردىمۇ تولا ئۇچرىتىمەن شۇنداق مەزمۇننى cooloff يوللىغان ۋاقتى2014-12-14 19:59 static/image/common/back.gif
قانداق ئوقۇسا ئوغۇل بالىدەك ئوقۇشقا يەنە ئېنىقلىما بې ...
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا داۋاملىق ئۆرلەپ ئۇقۇشنىخالىمىغانلارنېمەلەرنى ئۈگۈنىشى كىرەك،ھازىر قانداق قىلغاندا كىيىن جەميەتكە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشقىلى بۇلىدۇ دىمەكچى Hizir يوللىغان ۋاقتى2014-12-14 18:36 static/image/common/back.gif
مۇھەببەتلىشىش ئىسلامدا چەلەنگەن تۇرسا ئۇنداقتا نېمىش ...
ناھايىتى ئۇرۇنلۇق پىكىرلەرنى بىرىپسىز.رەخمەت سىزگە.
باكلاۋىرلىقنى پۈتتۈرۈپلا جەميەتكە يۈزلىنىشنى تاللىغان ئۇقۇغۇچىلارقانداق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغانداجەميەتكە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشالايدۇ؟مۇشۇ توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ پىكىرلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر. Anar يوللىغان ۋاقتى2014-12-14 21:22 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزلار ئۇنداق يامان بو ...
مەن كۆرۈپ تۇرىمەن..جىقى ئوغۇل بالا ،ئەمما دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىپمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىەۋاتقان بىر قىزنىلا بىلىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Hizir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-14 23:12
tarimoghli يوللىغان ۋاقتى2014-12-14 21:48 static/image/common/back.gif
ناھايىتى ئۇرۇنلۇق پىكىرلەرنى بىرىپسىز.رەخمەت سىزگە.
...
مەن ئېننىق بىر نەرسە دىيەلمىگۈدەكمەن. ئەمما ئەگەر مەن سىزدەك باكلاۋۇردىن كېيىنلا شىنجاڭدا خىزمەتكە چۈشكەن بولسام چوقۇم خىزمەتنىمۇ ياخشى ئىشلىگەن بولاتتىم.
مەن يېزىپ قويغان ئاۋۇ نەچچە تۈرلىكتىكى مەكتەپ دىگەن يەرنى شېركەت،ئورگان، كارخانا دەپ ئۆزگەرتىپ شۇ بويىچە قىلسىڭىز مەنچە خاتالاشمايسىز.
مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئاچقۇچى ھەركەتتە. تور دۇنياسىدىن پاكىز رەتلىك ئۇچۇرنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىنلا داۋاملىق تورغا قاراپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىرىنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. بەلكىم نۇرغۇن ئىشلارنىڭ جاۋابىنى شۇ ئىشلارنى قىلىش جەريانىدا تېپىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.
بۇ يەردە قىز ئوغۇل مەسىلىسىنى سورىمىغاندىكىن نەق گەپ قىلايلى
ئۇكام،بىرلا ئېغىز گەپ،سەن يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇمسەن ياكى توختاپ قالامسەن قانداق بولۇشىڭدىن قەتئىنەزەر قوڭاڭنى چۆيۈندە قاڭلاپ بېسىپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىدىغاننى ئۆگىنىۋەر،نىمىنى ئۆگەنسەڭ ئۆزەڭ رازى بولۇپ قانائەت ھاسىل قىلغىدەك،ئەڭ ياخشى،راۋۇرۇس ئۆگەنگىن،ئالدى بولغىدەك ئۆگەنگىن
مۇشۇ گەپ قۇلىقىڭدا چىڭ تۇرسۇن،كېيىنكى ئىشلارنى ۋاقتى كەلگەندە ئويلا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-15 03:59
1.پىراۋا ئىلىڭلا
مەنچە س پىراۋىنى ئەڭ ياخشىسى ئالىي مەكتەپتە ئىلىۋالغان ياخشى، كىيىنكى نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زىھىن تىجەيدۇ ۋە بەك ئەسقاتىدۇ.
2.تىل ئۈگىنىڭلا
خەنسۇچە ئۈگنىش كىرەك دەپ ئولتۇرمىساممۇ بولىدۇ، ئۇنى چوقۇم ئۈگىنىش كىرەك، ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىپ قويۇڭلار ، چەتئەلدە ياكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇمىساڭلارمۇ ئۈگىنىڭلا، تىل ئۈگىنىش تۇرمۇشنى رەڭدار قىلىدۇ.
3.بوغالتىرلىق كىنىشكىسى
مۇقىم خىزمەت قىلماي شىركەتتە ئىشلەي دىسەڭلا بۇ كىنىشكىنى ئەپ قويۇڭلا، ئىستىقبال سەھنىسىدىكى كارخانىچىلا ئاغزىدا ئىقتىدارغا قارايمىز دىگەن بىلەن ئالدى بىلەن مۇشۇنداق كىنىشكىغا قارايدۇ. بوغالتىرلىق كۇرۇسلىرىمۇ كۆپ، شەنبە يەكشەنبە ۋە كەچلىرى يەرشارىغا ئىغىرلىق چۈشۈرۈشتىن باشقا يەنە مۇشۇنداق ئىشلارغا زىھىن سەرىپ قىلىڭلا.
4.ئىشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تىچ
ئىشەك بولمىسا موللام پىيادە قالىدۇدەيدىغانلاغا ئارتۇق گىپىم يوق. ئەمما بىر ئىشنى بىر باشقا ئىچىقاي دەيدىغانلا بولسا كاللىنى چاچمىغان ئەڭ ئەلا، ئوغۇل بالا تەنھالاشقانسىرىئەلالىشىدۇ، قىزلار ئەلالاشقانسىرى تەنھالىشىدۇ. ئەمما رىزىق بىلەن نىكاھ ئەجەل بەدەننى ئىزدىگەندەك ئىزدپ تاپىدۇ.
5.ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىش
ھەم پۇل، ھەم تەجىربە تەپقىلى بولىدۇ. كىيىنكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرغاندا ئەسقاتىدۇ.
6.كەسپىي پەن جەھەتتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش نىيەت بولمىسا ئۇنۋان ۋە دىپلۇم ئالالىغۇدەك ئۈگىنىڭلا قالغۇنى ئارتۇقچە راسلا ئارتۇقچە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-15 06:03
مىنىڭچە ئالى مەكتەپتە باشقا ھەممە ئىشنى قويۇپ تۇرۇپ كەسپىنى ۋە ئېنگلىز تىلىنى ياخشى ئۈگىنىپ، ئىمكانقەدەر ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش كىرەك. باشقا ئىشلارنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن قىلىۋالسىمۇ بولىدىغان ئىشلار. ئەمما ئالتۇندەك ۋاقىتلاردا قىلسىمۇ بولىدىغان قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارغا كۈچەپ، ئوقۇش بىر ياندا قالسا بىر ئۆمۈر پۇشايمان، ئۇھسىنىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
مەن ھازىرغىچە ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىنى تايىنى يوق ئىشلارغا سەرپ قېلىپ ئۆتكۈزىۋىتىپ كىيىن پۇشايماندا ئاھ ئۇرغانلارنى كۇرمىڭ كۆرۈپتىمەن. ئەمما ئالى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن پۇشايمان قىلغان ئادەمدىن بىرەرنىمۇ ئۇچرىتىپ باقماپتىمەن. :lol
بەت:
[1]
2