selam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 18:22:19

[تەۋسىيە كىتاب]قۇتادغۇبىلىك



كىتاب ئىسمى:قۇتادغۇبىلىگ(ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەسىرى يەشمىسى)
ئاپتورى: يۈسۈپ خاس ھاجىپ
باھاسى: 40 سوم
بەت سانى:822 بەت
نەشىرىيات:مىللەتلەر نەشىرىياتى(بېيجىڭ)
كىتابتىن ئۈزۈندە:
سۆز بېشى

11-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرى،ئەدىب،پەيلاسوپ ۋە دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان ‹قۇتادغۇبىلىگ›داستانىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەسىرى يەشمىسىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ۋەتىنىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ساھەسىدە قىلىنغان يەنە بىر چوڭ ئىش.

20.كىتاب قەدىرىنىمۇ بىلىملىك بىلىدۇ،
ئىدىراكسىز كىشىدىن(نادانلىقتىن)باشقا نېمە كېلىدۇ؟

21.ھەي،كىتابنى كۆرگەنلا ئادەمگە بەرمىگۈلۈك،
ئەگەر دوستۇڭ بولسىمۇ،ئىشەنمىگۈلۈك.

22.چۈنكى بىلىمسىز(لەر) بۇنىڭ(قەدىرىنى)بىلمەيدۇ،
ئىدىراكلىقلار ئوقۇپ،ئۇنى ئاسرايدۇ.


مەنبە:   http://www.7til.com/forum.php   يەتتە تىل تورى-تىل ئۇنىۋېرسىتېتى


تور بېكىتىمىز ھەپتىدە بىر كىتاب تەۋسىيە سەھىپىسىنى يولغا قويغان بولۇپ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قەرەللىك ھالدا ياخشى ،نادىر كىتابلارنى ئۇچۇرلىرى بىلەن قېتىپ دوستلارغا ھەمبەھىرلەيدۇ.باشقا يەنە تىل ئۆگىنىشىڭىزگە پايدىلىق شارائىتلارنى ھازىرلايدۇ.تېخمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ.

     www.7til.com

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:10:54

تەۋسىيە قىلغۇچە سوۋغا قىلساڭلارچۇ كىتاپخۇمارلارغا

selam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:13:24

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 20:10 static/image/common/back.gif
تەۋسىيە قىلغۇچە سوۋغا قىلساڭلارچۇ كىتاپخۇمارلارغا

شۇنداق قىلىشنىمۇ ئويلىشىۋاتىمىز.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 23:21:43

نەزمى يەشمىسى ياخشى

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 06:46:28

   مەن بۇ كىتاپنىڭ نەسرى يەشمسى ۋە نەزمى يەشمىسىنى بىراقلا سېتىۋالماقچىدىم، كىتاپخانىلاردىن تاپالمايۋاتىمەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 07:38:21

تېز ئېلىۋېلىڭلا باللا،دەھشەت ئەرزانكەن
ئەينى ۋاقىتتا مەن 600 سومغا ئاران تېپىپ ئالغان

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 07:39:15

تۈركى تىللار دىۋانى بىلەن قۇتادغۇ بىلىك ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بىردىن بولۇشى كېرەك

selam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 08:05:20

Elqvn يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 06:46 static/image/common/back.gif
مەن بۇ كىتاپنىڭ نەسرى يەشمسى ۋە نەزمى يەشمىسىنى بىرا ...

بۇ يەردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدىكەن.
    http://item.taobao.com/item.htm?spm=a1z10.1.w137712-1128899234.5.88qOKP&id=41758674045

ئەسكەرتىش:بۇ تور كىتابخانىسى مېنىڭ ئەمەس جىمۇ،ھەم ئىگىسى بىلەن تونۇشمۇ ئەمەس،پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم.:)

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 16:07:56

selam يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 08:05 static/image/common/back.gif
بۇ يەردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدىكەن.
    http://item.taobao.com/item.htm ...

   ماڭا لازىمى يېڭى نەشرى ئېدى، ئاق تاشلىق.

Sahibkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 20:25:52

ئاۋازلىق نەشرىنى ئاڭلاپ ،بىر ئۇيغۇر تۇرۇپ شۇنچە ۋاقىتقىچە شۇنچىلىك بىر ئىسىل كىتابىمىزنى ئوقۇپ باقمىغانغا نۇمۇس قىلىپ قالدىم . مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم ئېيتقان :بىز ئۇيغۇرلار شۇ كىتابنىڭ قەدرىگە يەتمىدۇق دەپ .     ئاۋازلىق نۇسخىسنى قانچە قېتىم ئاڭلىغىنىمنى بىلمەيمەن ،ئابۇقېييۇم ئىمىن بەك ياخشى ئوقۇپتۇ .ئاڭلاپ باقمىغانلارغا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلمەن .
بەت: [1]
: [تەۋسىيە كىتاب]قۇتادغۇبىلىك