dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 18:05:11

[مەسلىھەت] بالامنىڭ يۈرەك رېتىمى بەك تېز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  كۆپچىلىك :

بۈگۈن بىر ئىشتا دىلىغۇل بولۇپ ، مۇنبەردىكى تىببىي ساھەدىكى دوستلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ باققۇم كەلدى. كېچىك قىزىم ئايچىن ھازىر  تۆت يىرىم ياشتا، تېمەن -تېتىك چوڭ بولىۋاتىدۇ، مۇشۇ كەمگىچە زۇكامداپ قالغاندىن بۆلەك ساقسىزلىق ئەھۋاللىرىدىن خالى چوڭ بولىۋاتىدۇ (ئاللاھ ، ئۆمۈربويى كېسەلدىن يىراق قىلسۇن) ، بىراق بىرەر ئايدىن بىرى(بۇرۇن دىققەت قىلماپتۇق)  ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئالاھىدە تېز ئىكەنلىكىدىن ئەنسىرەپ قىلىۋاتىمىز. بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە كۆرۈلىدىغان ، كېيىن ئوڭشلىپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ ياكى جەزمەن چوڭراق دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ كۆرسىتىش كېرەكمۇ؟  
ئەلۋەتتە،  بىز دوختۇرغا كۆرسىتىشنىمۇ قارار قىلىپ بولدۇق، لېكىن  پىسخىكىلىق تەييارلىق قىلىۋىلىش ئۈچۈن، سىلەردىن ئالدىن مەسلىھەت ئېلىپ بېقىشنى ئويلىشىپ قالدىم. بارچىمىزنىڭ بالىلىرىمىز ئامان بولسۇن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 18:14:56

بۇ نورمال ئىشقۇ
مىنىڭمۇ كىچىك ۋاقتىمدا يۇرەك سوقۇشۇم بەك تىز ئىدى ھازىر ئانچە ئەمەس.
بالىڭىز ھازىر ئورۇقمۇ ،

function يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 18:45:02

مەندەك خوتۇن-بالىلىق بولاپ بولغان ئادەمنىڭ يۈرىكىمۇ ئەزەلدىن تېز سوقىدۇ، يەنى 90 دىن يۇقىرى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 19:28:21

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 18:14 static/image/common/back.gif
بۇ نورمال ئىشقۇ
مىنىڭمۇ كىچىك ۋاقتىمدا يۇرەك سوقۇشۇم  ...

راست ، ئورۇق

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 19:32:01

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 19:28 static/image/common/back.gif
راست ، ئورۇق

ئەمىسە دەرۋەقە شۇنداقكەن ،
بالىڭىز بىلەن مىنىڭ جەريانىم ئوخشايدىكەن .

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 19:49:22

ئالاھىدە تېز دىگىنىڭىز زادى قانچە ؟ بىر مىنۇتتا قانچىنى سوقىدىكەن ساناپ بېقىڭ .
يۈرەك تېز سوقۇشىنىڭ ئورۇق سېمىزلىكى بىلەن ئانچە مۇناسىۋېتى يوق.
يېقىندا زۇكام بولغانمۇ ؟ يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن، تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.
كىچىك بالىلاردىكى كىسەللىكلەر ئادەتتە ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ داۋالاتسا بالا چوڭ بولغانسىرى تەلتۈكۈس ساقىيىپ كېتىدۇ ، ئەنسىرەپ كەتمەڭ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 19:56:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-13 20:03  

ئادەتتە باللا قانچە كىچىك بولسا يۈرىكى شۇنچە تىز سۇقىدىغان ئۇخشايدۇ.ساناپ بېقىڭ مىنۇتىغا زادى قانچىلىك ؟
كىچىك بالىنىڭ تىزرەك سوقىدىكەن  .ئەگەر رېتىمسىز سوقدىغان ئەھۋال بولسا ،تەكشۈرتۈپ بېقىڭ!!!!
مۇنۇ نۇرمال دائىرە ئوخشايدۇ؟
4ياش بالىنىڭ 100سوقسىمۇ نورمال  بۇلىدىكەن
新生儿的呼吸:40-50次/分   脉搏:120-140次/分
     1岁以下 呼吸:30-40次/分   脉搏:110-130次/分
     2-3岁   呼吸:25-30次/分   脉搏:100-120次/分
     4-7岁   呼吸:20-25次/分   脉搏: 80-100次/分
     8-12岁  呼吸:18-20次/分   脉搏: 70-90次/分
http://zhidao.baidu.com/link?url=dwOUk3dS3AdmcGIUrKtfPXqjqXSC5FyMRPuhiKwRhUQ3EVqkr4UbYd6npmnBKTDucXjDj2yMqymM0hHd0nUUF_

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:21:36

Erzat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 19:49 static/image/common/back.gif
ئالاھىدە تېز دىگىنىڭىز زادى قانچە ؟ بىر مىنۇتتا قانچىن ...

رەھمەت

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:21:48

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 19:56 static/image/common/back.gif
ئادەتتە باللا قانچە كىچىك بولسا يۈرىكى شۇنچە تىز سۇقىد ...

رەھمەت

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:45:17

نېمىلا بولمىسۇن بىر تەكشۈرتۈۋېتىڭلا،ئەنسىرەشمۇ تۈگەيدۇ شۇنىڭ بىلەن.
ئاندىن ياخشى ياسالغان  داۋائىلمىشكى بىلەن ئامىلە نۇشدارىنى بىرەر ئاي يىگۈزۈپ بېرىڭلا.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:47:22

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 20:45 static/image/common/back.gif
نېمىلا بولمىسۇن بىر تەكشۈرتۈۋېتىڭلا،ئەنسىرەشمۇ تۈگەي ...

بولىدۇ، رەھمەت .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 08:00:24

function يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 18:45 static/image/common/back.gif
مەندەك خوتۇن-بالىلىق بولاپ بولغان ئادەمنىڭ يۈرىكىمۇ ئ ...

    سىزئەڭ ياخـشىسى دىققەت قىلىڭ مېنىڭمۇ بۇرۇن ئەشۇنداق تېزتى مانا ھازىر بەش يىل بولدى چىڭقىلىپ ئاغرىيتقان بۇلىۋالغان يېقىندا ئۈرۈمچىگە چىقىپ تەكشۈرتسەم يۈرەككە تىرەك سالىدىغانغا چىقتى.ئىشقىلىپ دىققەت قىلىڭ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 08:53:43

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 09:35:29

قىززىمىغان بولسىلا ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. يېقىندا ئانتىبىئوتىك تۈرىدىكى ئوكۇل دورىلارنى كۆپرەك ئىشلەتكەنمۇ؟مەن بۇرۇن ئوكۇل سالغۇزۇپ چىقساملا يۈرىكىم مۇشۇنداق  تېز سالاتتى. يازلىق كىيىملىرىمنىڭ ئۈستىدىن قارىسام  يۇقۇرى تۆۋەن  كۆتىرلىپ  كېتەتتى. يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالغان ئوخشايمەن دەپ  يۈرەك كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسىدىن سورىسام « سىزكېچىسى ئويغىنىپ كەتسىڭىزمۇ بىر نەرسە يەپ يىتىڭ »دىگەن ئىدى. ئادەتتە قۇۋۋەت يىتمىسىمۇ يۈرەك تىز سالىدىغان بولۇپ كېتىدىكەن.يىمەكلىككە دىققەت قىلىپ ئىككى ئۈچ كىلو سەمىرگەندىن كېيىن يۈرەك سېلىشىم نورماللاشتى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 09:49:27

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 08:53 static/image/common/back.gif
يۈز قىسمى ھەم بويۇن قاتارلىق جايلىرى تۇيۇقسىز قىپ قىزى ...

ئۇنداق ئالامەتلەر يوق، ئۆزى بەك ناھايىتى نورمال...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 09:52:00

106 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 09:35 static/image/common/back.gif
قىززىمىغان بولسىلا ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. يېقى ...

مۇشۇ كەمگىچە ئوكول سالدۇرغان بالا ئەمەس، ئەمما بەك ئورۇق ،تاماق تاللايدۇ

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 09:54:53

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 09:52 static/image/common/back.gif
مۇشۇ كەمگىچە ئوكول سالدۇرغان بالا ئەمەس، ئەمما بەك ئو ...

ئۇنداق بولسا قۇۋۋەت يىتىشمەپتۇ شۇ. قان ئازكەن. بەدەندىكى باشقا ئەزالارغا قان يىتىشتۈرىمەن دەپ يۈرەكنىڭ ھەر قېتىم قاننى سىقىپ چىقىرىش ھەركىتى تىزلىشىپ كەتكەن گەپ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 10:01:05

106 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 09:54 static/image/common/back.gif
ئۇنداق بولسا قۇۋۋەت يىتىشمەپتۇ شۇ. قان ئازكەن. بەدەند ...

ئەتە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ياخشى چىقىشىنى تىلەۋاتىمەن، رەھمەت مەسلىھەت كۆرسەتكەن بارلىق دوستلارغا.
بەت: [1] 2
: [مەسلىھەت] بالامنىڭ يۈرەك رېتىمى بەك تېز