ئەلئەھرام شەكىللىك يېمەكلىكلەر
تور ئارىلاۋېتىپ بۇ رەسىملەر ئۇچراپ قالدى، بۇنداق تىزىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنىڭمۇ مۇشۇنداق تىزىلغانلىرى بارمۇ يوق دېگەن مەقسەتتە رەسىملەرنى يوللىدىم، ئانچە سۈزۈك ئەمەسكەن ،ھەر ھالدا بولىدۇ.بىر چاغدا تېلېۋىزوردا رادىل ئابلامۇ مۇشۇنداقراق بىر پىرامىدانى چۈشەندۈرگەندەك قىلغان. بۇ ئېھرامنىڭ ئاستىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش، قانچە ئۈستىگە ماڭغانچە ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك… «ئاساسى يىمەكلىك ۋە قوشۇمچە يىمەكلىك»نىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، يوقۇرىدىكى تورداش ئېيتقاندەك، ئاستى تەرىپىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىش، ئۈستى بۆلەككە تىزىلغانلىرىنى تەدرىجى ئاز ئىستىمال قىلىشنى ئىپادىلەيدىكەن. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا رايۇنىمىزدىكى بىر قانچە نەپەر ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تىلىۋىزىيە پروگراممىسىدا مۇشۇنداق ئوزۇقلىنىش نەزىرىيە سېستىمىسىنى چۈشەندۈرگىنى ئېسمىدە.
ئۇيغۇر يىمەك- ىچمەكلىرىنىڭ مۇشۇنداق تىزىلغانلىرىنى كۆرمىدىم. ئەگەر تىزىشقا توغرا كەلسە، تەس بولمىغاندىكىن ئۆزىمىز مەلۇم ئىلمىي ئاساس بىلەن تىزساق بولىۋېرەر.
دىققەت قىسام، يوقارقى «پىرامىدا»دا بىزنىڭ قېتىقىمىز يوقتەك. رەھمەت. ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىدىن بىرنى ئالساق ئىچىدىكى چۈشەندۈرۈشتە مۇشۇنداق بىر پىرامىدا چىقىكىدىكەن. تادۇبەگكە رەسىمدىكى يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ مىزاجى، بەدەنگە بولغان تەسىرى، ئوزۇقلۇق قىممىتى، بەش قولىدەك ئېنىق. باشقىلارنى گەپكە سېلىپ ئوينىماڭلار ھېي............... گەپكە سېلىپ ئوينىمىدىم، نېمىشقا مۇشۇنداق تىزغاندۇ دەپ بىلگم كەلدى.. بۇنىمۇ بىلىۋالغان بولدۇق مانا . ئىزدىنىشنى چۆرگىلەپ تۇرسا مانا مۇشۇنداق پايدىسى بار ئەمەسمۇ :)
بەت:
[1]