horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 13:17:36

تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۇ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   horazjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-13 13:19  



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2014-يىل 9-دېكابىر، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە شۇ يەردىكى بىر كورپۇس ئۆي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا يىغىن مەركىزى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندە، ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغۇچىلار نامايىش تەشكىللەپ ئېتراز بىلدۈردى، نامايىشچىلار ئارىسىدىكى بىر ئايال زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ساقچىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.



مەنبە : http://www.hawar.cn/news/2014/12/12/32183.shtml

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:03:08

بىزنىڭ مەلىدىمۇ بىر ساراڭ خوتۇن بارتى
شۇنىڭ سىڭلىسىمىدۇ ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:14:17

ئۆيىڭىزنى چاقىمەن دەپباقسۇن قېنى،سىز نىمە بولىسىزكىن…

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:57:31

تۈركىيەدىمۇ شۇنچە چوڭ ئوردا سالغاندىكىن پۇخرالارنى رازى قىلىۋىتىپ ئاندىن چاقسا بۇپتىكەن خەق ئولتۇرۋاتقان ئۆيلەرنى...

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:16:14

ئۇ ئۆيلەردە ئولتۇرۋاتقانلارغا ئولتۇرغۇدەك باشقا ئوي ھەل قىلىپ بېرىشنى ئويلاشمىدىمىكىنە؟

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:36:58

ئۆيى چېقىلسا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتراز بىلدۈرگىنىنى تازا چۈشىنەلمىدىمغۇ؟

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 18:22:05

بۇ يەردە ئۆي چېقىشنىڭ گېپى يوقكەن، ئولتۇراق ئۆينى يىغىن مەركىزى قىلىپ ئۆزگەرىتمەكچىكەن. نىمە بولدىكىن تاڭ، ئىككى يىلنىڭ ياقى تېمىنى ئوقۇماي ئىنكاس يازىدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 18:52:00

ئۆينى چاقماپتۇ، يىغىن مەركىزىگە ئۆزگەرتىپتۇ. خەلقنىڭ ساقچىلارغا قانداق چارە قوللانسا شۇ چارە بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقى باركەن، ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ باش ئۇرمايدىكەن، تۆلەم بەرمەي چاقىدىغان - ئۆزگەرتىدىغان ئىش ھېچيەردە يوق ھازىر، لېكىن تۆلەم بەرسىمۇ ئويناپ- چوڭ بولغان جايىدىن كىمنىڭ ئاسانلا ئايرىلغۇسى بار؟

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 19:00:25

ئۇسۇل ئوينىغانغا ئۆي ھەل بولامدىكەن؟

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:02:19

ئۇسۇل ئويناپ بەرسە ئۆينى چاقمايدىغان چېغى ۋا {:92:}

Hizir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 22:41:15

بۇ تۈركىيەدە بولىۋاتقان بۇ تۈك پاراڭنىڭ بىزگە نېمە پايدىسى بار ئەمدى؟ تېما تەستىللىغۇچى؟

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 01:37:30

بىرىنچى رەسىمدە ساھىپجامال تۇرىتى، ئىككىنچى رەسىمدە :lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 07:40:44

رەسىملەرنىڭ ئىزاھاتلىق چۈشەندۈرىشى كامكەن . تولۇقلىۋېتەي ھە ؟
بىرىنجى رەسىمدە قىزچاق ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ يىغىن مەركىزىگە ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇسۇل ئويناشتىن ئىبارەت ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۇسلۇبىنى ئويلاپ چىققان ، ھەمدە توختىماستىن ئۇسۇل ئوينىغان .
ئىككىنجى رەسىمگە كەلگەندە بۇ گۈزەل قىز ھەددى ھېساپسىز ئوينالغان ئۇسۇلنىڭ ئاسارىتى دەستىدىن جىددى تۈردە قېرىپ كەتكەن ھەمدە كۆز يېشى قىلغان .





























tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 08:31:43

1.بۇ ئايال تۇركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خەۋەرنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا يەتكۇزەلەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ ، شۇڭا  بۇ خىل قىزىل كۆينەكنى كىيىپ ساقچىلار ئالدىدا ئۇسۇل ئويناشنى شامالغا ئۇسۇل ئويناش دىمەي تاراتقۇلارغا ئۇسۇل ئۇيناش دىسەك تېخىمۇ يارىشىدۇ .
ئەگەر سىزنىڭ بۇ خىل يۇمشاق قارشىلىقىڭىز دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا قەدەر تارقالسا سىزمۇ ئوينىسىڭىز يارىشىدۇ

2.تۇركىيە دىمىكراتىيىسى گەرچە ياپونىيەگە ئامرىكىغا يەتمىسىمۇ ئەمما ئۇ ئاددى بىر قىزىل كىيىملىك ئايالنىڭ ئاھۇ زارىنى دۇنياغا ئاڭلىتالىدى .
بەلكىم ئەردۇغاننىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بولۇشى مۇمكىن ،

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 08:58:35

apla يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 19:00 static/image/common/back.gif
ئۇسۇل ئوينىغانغا ئۆي ھەل بولامدىكەن؟

تورغا چىقىدىكەن. جاھاندىكىلە شۇنداق ئىش بولغانلىغىنى بىلىدىكەن.

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 09:38:49

تىمىغا قارسام بۇ ئايال ئىجارە ئولتۇرغۇچىكەنغۇ ، بەلكىم ئۆي ھۈكۈمەتنىڭ بۇلۇپ دەسلەپ ئىجارە بىرىپ كىيىن يىغىن مەركىزىگە ئايلاندۇرمىز دىگەن بۇلىشى مۇمكىن .

bares يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 10:21:07

www يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 17:54 static/image/common/back.gif
كاللاڭنىڭ بىر خىل دەدى بار ھە گۇيلا

3 دابىليۇ ئەپەندىم سىز چىرايلىق گەپ قىلىشنىمۇ بىلىسىز ھەقاچان .....

roh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 10:27:38

ئۇسسۇلنى ھىسياتلىق ئوينىۋىتىپتۇ ...

www يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 10:37:39

www يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 11:26:05

بەت: [1] 2
: تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۇ...