Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 11:18:33

ئىلىمدار نىڭ قەرزى ۋە پەرزى

ئىلىمدار نىڭ قەرزى ۋە پەرزى

ــــ ئۆز باشنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»2010-يىل4-سانىغا بېسىلغان“ئۇيغۇرلاردا ئېجتىمايەت،ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىسى”ناملىق ماقالىسىدىن تەسىرات ۋە يانداشما ئويلار

غەيرەتجان ئوسمان(بىلىكيار)

ئۆزى ئۆگەنگەن بىلىم ھەم تەتقىق قىلغان ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاۋام-خەلققە ئومۇملاشتۇرۇشنى خالىمىغان ھەر قانداق ئادەم قانچە كۆپ كىتاب ئوقۇغان-يازغان، تاغدەك مول بىلىمى بولغان ۋەياكى قانچىلىككاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولۇشىدىن قەتئي نەزەر ئۇ ھەرگىز “ئالىم”ياكى “ئىلىمدار”①دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن ئاتاشقا ئەسلا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. ____خاتىرەمدىن

Iسۆزبېشى ۋە تېمىغا كىرىش: ئۆزباش نېمە دېمەكچى؟!

كەمىنە يازارمەن②نىڭ ئاساسلىق كەسپى ئادىمىيەت پەنلىرىبولماستىن تەبىئەت پەنلىرى بولۇپ ، ئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەت مۇھىتى ۋەجىدىن يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ئىزچىل خەنزۇ تىل مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ بىر نەچچەيۈز پارچە ماقالە-ئەسەر ۋە بىر قانچە كىتابيازغانىدىم. بىراق،يېقىنقى يىللاردىن بېرىپەنلەر چىگرسىنى بۇزۇپ تاشلاپ چوڭ ئىلىم-پەن بىناسى تۇرغۇزۇش ۋە ئىلىم –پەن ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقىشنىتەشەببۇس قىلىپ، ئادىمىيەت پەنلىرى ۋە ئارىلىق پەنلەر تەتقىقاتىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولساممۇ، ئانا تىل مۇھىتىدىكى ئىجادىيەتكە كىرىشكىنىمگە ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. شۇڭا ھامان بەزى نۇقسانلارنىڭ بولۇشى تەبىئى. شۇنداقتىمۇ   ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم ، بەختىمنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان بولغانلىقىمدىن، ئۇشبۇ ماقالىغا قەلەم تەۋرەتتىم. بىراققەلەم تەۋرىتىۋاتقان بۇ ماقالە قەتئى مەنىدىكى پەن- تەتقىقات ماقالىسى، مۇھاكىمە ماقالىسى ياكى تەجرىبە -تەتقىقات دوكلاتى بولمىغانلىقتىن،ئادەتتىكى تەسىرات ۋە ئىلھاملىرىم ئاساسىدا تولىمۇ يەڭگىل مۇھاكىمەقىلىش بىلەن كۇپايىلەندىم. ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسى ، تەرتىپ جەھەتتىنمۇ تەپەككۇر ۋە ئىلھامىمنىڭ ئىلگىرى –كېيىنلىكى بويىچىلارەتكە تۇرغۇزدۇم. شۇڭا ئەزىز ئۇستاز تەھرىر-مۇھەررىر ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ سېخى ، ئالىجانابلىق بىلەن ئىجابى پايدىلىنىپ، كۆرسەتمەبېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
ئىزاھات : ①ئىلىمدار __ ئالىم دىگەن سۆز بىلەن تەڭداش بولۇپ، قوللىنىش دائىرسىنىڭ كەڭلىكى ۋە ھەممە باپلىقى بىلەن ئالىمدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇ ئادەتتە ، گەرچەبىرەر تەشكىل تەرىپىدىن ئالىم، مۇتەخەسىس دىگەن «شەرەپلىك» نام بېرىلمىسىمۇ ، ئەمما،ھەقىقى بىلىم-ئىستىداتلىق ۋە رىئال ئەقلىي(بىلىم)مۆلۈك كاپىتالىغا ئىگە ، پەم پاراسەتلىك، ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا ئۆزىنى بىغىشلىغان، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئىسمى جىسمىغا لايىقھەقىقىي ئىلىم ئىگىسى دىمەكتۇر. بۇنىڭغا خەنزۇچىدا مەخسۇس پەر كەلگۈدەك سۆز ھازىرچە بولمىغانلىقتىن ئىلىمدار(智本家)((scientistدەپ ئاتاپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدىم. ②يازارمەن__بۇئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شەكىللىنىپتەرەققى قىلغان تور ئەدەبىياتىدا خاس قوللىنىدىغان تور تىلى بولۇپ ، مەخسۇس تور يېزىقچىلىقى ، باشقىلارنىڭ يازمىلىرىغا ئىنكاس يېزىش ۋە تور مۇھاكىمىلىرىدىكى يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللۇنىدىغانلارغا قارىتىلغان . بۇنداق ئاتاش توردىكى يازغۇچى ۋە ھەۋەسكارلارنى قەتئى مەنادىكى كەسپى يازغۇچىلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلالاياقەتلىك يازغۇچى بولىشى، يازمىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي لاياقەتلىك ھەم ئىلمىي قىممىتى بولىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ خىل ئاتاش تىلىمىزدىكى“يازغۇچى”دېگەن تېرمىندىن رۇشەن پەرقلىنىدۇ.

كەمىنەئۇشبۇ ماقالەمگە نېمە دەپ بۇ تېمىنى قويغانلىقىمغا كەلسەك، مەن زۇلپىقارنىڭ ھاۋايغا ئوقۇشقا بارغاندىن بېرىئىزچىل تۈردە بىلمىگەننى ئۆگۈنۈپ بىلگەننى بىلمەيدىغانلارغا ئۆگۈتىش، سەمىمىي ئادەم بولۇپ ھەق گەپ قىلىش، دۇرۇس ياشاشتەك ئىلىمدارلار ئەخلاقىدا چىڭ تۇرۇپ،ئۆگىنىش بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەڭ ئىلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن سۆيىنىش بىلەن بىرگە، قىسمەن ئىلىمدارلاردىكى گىرىيلىق،يەكپايلىق ، ئەبگالىق، ئىچىتارلىق، مەككارلىق(ساختا قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىش، تەتقىقاتقا پۈتكۈل مېھرى –مۇھەببەت ۋە ئېھسان بىلەن ئەمەس، ھىيلە-مىكرى بىلەن كىرىشىش) بېكىنمىچىلىك، ئۇچۇر ۋە بىلىم بايلىق مونوپۇللۇقى، ئىناقسىزلىق، ھەسەت- غەيۋەتخورلۇق قاتارلىق قىلمىشلارغا تەنقىد ھەم رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنى ئىندوكسىيەلەش ۋە مەنپەئەتلىكئىلمىي زەرەتلەشنى كۆزدە تۇتتۇم.
ئاۋات بىر رەستىدىكى پىشقەدەم زىيالىلار توپلىشىپ پاراڭ سوقىدىغان دۇقمۇشتا، توساتتىن بىر بۇرادىرىم مەن بىلەن سالاملىشىپ قالدى ۋە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»نىڭ 4-سانىنى ئوقۇدىلىمۇ؟ زۇلپىقارنىڭ ماقالىسىمۇ ساز ماقالە ئىكەن، بىراق تېما بەك چوڭ، ماقالە بەكلا ئۇزۇن بولغاچقا پىكىر سەل چىچىلىپ كېتىپتۇ. 20نەچچە بەت ماقالىنى ئوقۇپ بولغۇچە ئادەم ھېرىپ قالىدىكەن، لېكىن ھەر ھالدا ياخشى چىقىپتۇ دەۋاتاتتى.شۇ ئەسنادا، ئەزەلدىن دىدارلىشىپ باقمىغان ياش مائارىپچى كامىلجان تۇنياز تېلىفۇن قىلىپ: «شىنجاڭ ئىجتىمائىى پەنلەر مۇنبېرى»نىڭ 4-سانىنى ئوقۇدۇم؛ ئابباس مۇنىياز تۈركىيقاننىڭ‹خاراباتى نەزىرىدىكى قەھرىمانلىق›،يالقۇن روزىنىڭ ‹ئىلىم-پەنگە بېغىشلانغان ھايات›ۋە سىلىنىڭ‹مەدەنىيەت چۈشەنچىمىزنى جىددىي يېڭىلاپ سەنئەتخۇمارلىقتىن ئىلىمخۇمارلىققا كۆچۈش ۋە تەبىئى پەنگە يۈرۈش قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكى توغرىسىدا› قاتارلىق ماقالىلار بەكلا ياخشى چىقىپتۇ. بولۇپمۇ سىلىنىڭ ماقالىنىڭ ئۇچۇر سىغىمى زور بولغاندىن باشقا، 500يىللىق تەبىئى پەن تارىخىنى تولىمۇ مېغىزلىق كارتىنىلاپ،تەبىئى پەنگە يۈرۈش قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكى قايىل قىلارلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ؛ مەن بۇ ھەقتە ئۆزلىرى بىلەن پاراڭلاشقىلى يەنە كېرىمەن... دەپخۇشلاشتى.يىنىمدىكىلەر يەنىلا شۇ ئىككى ژورنالنىڭ ماقاللىرى ئۈستىدە پاراڭ قىلىشىپ، مەندىنتەسىراتىمنى سوراشتى.مەن ، تېخى تولۇق كۆرۈپ بولالمىغانتىم،كېيىنچەپۇرسەت بولسا مەتبۇئات يۈزىدەتەسىراتىمنى كۆپچىلىككە «دوكىلات» قىلارمەن دەپلايولۇمغا راۋان بولدۇم. ئارلىقتا يەنە بىر بۇرادىرىم بۇ ماقالىنى تەۋسىيە قىلدى.
شۇنداق قىلىپ، مەن مونولوگ قىلغاچبۇ ماقالىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئەسەرنىڭ ماڭا بەرگەن دەسلاپكى تەسىرى «ئاساسلىقى بۇزۇلۇۋاتقان ئىلمىي مۇھىت ۋە ئىلمى ئىستىل، يوقىلىۋاتقان ئىلمىي روھۋە ئىلمىي ھاۋا، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىمدارلارنىڭ‹نەزەرىيە ئەمالىقى› ،يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھەمكارلىق ئېڭىنىڭ ئىنتايىن سۇسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرتەنقىدلىنىپتۇ، بۇنداق قىلمىشلارنى تېخىمۇ ئېغىرراقتەنقىدلەش كېرەكىدى» دېگەنلەرنى ئويلۇدۇمدە،يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى ۋە بىرەرنېمەيېزىپ بېقىشنى خىيال قىلىپ، ئىلمىي ئۈلپتىم، سەمەرىلىك شائىر قاۋۇل ساۋۇر ئەپەندىمنىڭ مەسلەھەتىگە سېلىۋىدىم ، ئۇ: «ئۇنداقتا تېخىمۇ ئوبدان بولاتتى-دە» دېدى،شۇنىڭ بىلەن بۇ تېمىنى جىجىلاشقا كىرىشتىم.

IIئىلمىي ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش،ئىلمىي ئىستىلنى رۇسلاش ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنىڭ تەقەززاسى

ئىلىم ساختىپەزلىكىگە يول قويۇۋاتقان ، سۈكۈت قىلىۋاتقانبىر مىللەتئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ گۆرىنى كولاۋاتقان؛ ئەۋلادلىرىغا ئىلىم خارابىسىنى، دات باسقان ئەقىلنى مىراس قالدۇرۇش ئالدىدا تۇرغان مەغلۇبىيەتچى مىللەتتۇر. ــــــ زۇلپىقار بارات ئۆزباش
بۇلغانغان ئىلمىي مۇھىت بارلىق ئىلمىي پاجىئە ۋە شۇملۇقلارنىڭ مەنبەسى، چېرىك ۋە چاكىنا ئىلىمدارلارنىڭ ئەلگە يەتكۈزىدىغان پايدىسىدىن زىيىنى كۆپبولىدۇ. ــــــــ خاتىرەمدىن
ئىشىك-دىرىزىلەرنى ئېچىۋەتسە ساپ ھاۋا كىرىش بىلەن بىرگەپاشا-كۇمۇتىلارمۇ كىرگىنىدەك، ئىسلاھات-ئىچىۋىتىشكە ئەگىشىپ،چىرىك-چاكىنا ئىدىيەلەرمۇ سىڭىپ كىردى ۋە ئىختىسادىي ساھەنى بۇلغاپلا قالماستىن ئىلىم ساھەسىنىمۇ چىرىتىشكە باشلىدى . بۇ چىرىك – چاكىنا ئىدىيەلەرئېممىنۇت كۈچى ئاجىزخىلى بىر قىسىم ئىلىمدارلىرىمىزنىمۇ يۇقۇملاندۇرماي قالمىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىلىم ساھەسىدىكى بۇ خىل ناچار ئىللەتلەر كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى دىيىشكە بولاتتى. مېنىڭچە ئاپتۇر ماقالىسىدە بۇ تەرەپنى تولىمۇئەتراپلىق يورۇتقان.
ئىلم-پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئىلمىي ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش ، ئىلمىي ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى. بۇ يەردە ئىلم-پەن روھى بىلىم ۋە ئىقتىداردىن كۆپ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىراق ، “ئىلىم-پەن روھى” دېگەننى نۇرغۇن كىشى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىسىمۇ ، بۇ روھنىڭ زادى قانداق روھ ئىكەنلېكىنى ئانچە كۆپ ئادەم بىلىپ كەتمەيدۇ. بولۇپمۇ بىر ئادەمدە ئاز تولا ئىلىم-پەن ساۋادى بولغانلىقى بىلەن ئۇنىڭدا ئىلىم-پەن روھى مەۋجۇت ،ئىلىم-پەننىڭ ماھىيىتىنى ئىگەللەپ كەتتى دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى كۆپىنچى كىشىلەر ئىلىم-پەن بىلىمى(ساۋادى)بىلەن ئىلىم-پەن روھىنى، ئىلمىي ئېتىقاد بىلەن دىنى ئېتىقادنى،ئىلىم-پەن روھى بىلەن ئىلمىي روھنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىشىدۇ. تونۇش ۋە چۈشەنچە جەھەتتىكى بۇنداق قىلدەك مۇجىمەللىك ۋە خاتا تويغۇ كىشىلەرنى ھەمىشە مەشخۇلات ۋە ئەمىلىي ھەركەتتىكى زور سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلارغا غەرەزسىزلا يول قويۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئىلىمدارئۆزىدە جەزمەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق تەئەللۇق بولغانكۈچلۈك ئىلم-پەن روھىنى يېتىلدۈرىشى لازىم. مېنىڭچە، ھەقىقى ئىلىم-پەن روھى دېگىنىمىز كەم دېگەندىمۇ:سەمىمى ئادەم بولۇش، ئەستايىدىل ئىلىم تەھسىل قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەش، ئىلمىي گۇمانلىنىش(شۈبھىلىنىش) ، ئىدراكى تەنقىد، قىزىقىش(ئىنتىلىش) ، ئۆزىنى بېىغىشلاش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش، راستچىل ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ۋە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش دېگەنلەرنى چوقۇم ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. ئۆزىدە بۇنداق روھ كەمچىل كىشىلەرنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىلىمدار ياكى ئالىمبولالىشى ئوخشاشلا مۈمكىن ئەمەس. ئامىرىكىدا چىقىدىغان «Science»(ئىلىم-پەن) ژورنىلىمۇ، ئىلىم ساختىپەزلېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەئىلمىي ھاۋانى ساپلاشتۇرۇشتا« تەتقىقاتچىلارنىڭسەمىمىيلىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ،دەپ كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىلىم-پەن دەل شۇ سەمىمىيلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان بۈيۈك قۇرۇلۇشتۇر.ئىلمىي سەمىمىيەتنىڭ نېگىزى يەنىلا پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۆزىدە.» دەپ قارايدۇ. دېمەك، ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭئىلىم-پەن روھىغا ئىگە بولۇپ، توغرا بولغان ئىلمىي مېتود ۋە ئىلمىي ئىستىل تۇرغۇزۇپ ،ئۆزىنى سورىشى ۋە ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئاڭلىقلىقى(self-legislation,学术自律) ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.«ئالىم-ئىلىمدار دېگەنمۇ ئادەم، شۇڭا ئۇلارمۇ سەۋەنلىك-خاتالىقتىن مۇستەسنائەمەس، بىراق ھەقىقىي بىر ئالىمبىرخىلخاتالىقنى تەكرار سادىر قىلمايدۇ.لېكىن ئالىملار ئىنكار قىلىنىپ كەتكەن نەزەرىيە ياكى قاراشنى قايتا ئىشلىتىشىمۇ مۈمكىن، بىراق ئىنكار قىلىنىپ كەتكەن ئامىلنى ھەل قىلغان بولىدۇ.»ئۇندىن باشقا باشقىلارغا ۋە ئۇنىڭ ئىلمىغا ھۆرمەت قىلىشنى، باشقىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىنى بىلمەيدىغان ،باشقىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا ماھىر بولمىغان ئادەم مول بىلىمى ۋە زور ‹‹تۆھپىسى›› بولسىمۇ قولىدىن ھەرگىز ئۇلۇغ –چوڭ ئىشلار ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ. شۇڭا ئادەمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكىلەر شەخسىيەتچىل‹‹ئۆزلۈك›› ئېڭى ۋە ئىدىيەۋىي چىچىلاڭغۇلۇقتىن دەرھال قۇتۇلۇپ، ئىتتىپاقلىق ھەمكارلىق ئېڭىنى ھەقىقى كۈچەيتىشى كېرەك.

IIIئىلمىي نەزەرىيە ئەمالىقنى تۈگۈتۈش ئۇيغۇر ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدە ئالەملىك نەزەر بىلەن دۇنياۋىي سەۋىيە يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى

پۇختا نەزەرىيە سىستېمىسى بولمىغان ھەر قانداق پەن مۈكەممەل بىر پەن سۈپىتىدە دۇنيا ئىلىم مۇنبىرىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، نەزەرىيەدىكى ئەمالىق ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. ــــــــ خاتىرەمدىن
“ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيەسىنى بىلمەسلىك ھەم ئۆگىنىشكىمۇ قىزىقماسلىق، ئادىمىيەت، پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىم ئىگىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر ئېغىر مەسىلە.” ئىلىم-پەن نەزەرىيەلىرىنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى ،ئالدى بىلەن ھەر قانداق بىر پەن مۈكەممەل بىر نەزەرىيەۋىي سىستېمىسىسىز دۇنيا ئىلىم مۇنبېرىدە مۇستەقىل بىر پەن سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. ھەر بىر ئىلىم ئەھلىگە نىسبەتەنئۆزى مەشغۇل بولىۋاتقان شۇ پەننىڭ نەزەرىيىسىنى پۇختا بىلمەسلىك ئۇ كىشىنى ئىلىم-پەندىكى تۇيۇق يولغا باشلاپ ، ھەرگىزمۇ شۇ ئىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ چىقالماس قىلىپ قويىدۇ.بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سەمىمىي ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن نەزەرىيە ئۆگىنىشىمىز، جۈملىدىن بارلىق پەنلەرگە ماس كېلىدىغان ۋە يىتەكچىلىك ئورۇندا تۇرىدىغان ئاساسىي نەزەرىيەلەرنى جەزمەن ياخشى ئۆگىنىشىمىز، ئاندىن ئۆزىمىز مەشغۇل بولماقچى بولغانساھە ۋە شۇ كەسىپنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەلىرىنى چوقۇم پۇختا ۋە ئەستايىدىل ئۆگۈنۈپ - ئۆزلەشتۈرۈپ، پەن-تەتقىقات ۋە ئىلمىي ئىجادىيەت ئۈچۈن مۇستەھكەم ئۇل سىلىشىمىز لازىم.
مەلۇم ناھىيىدىكى بىر-دىنبىرمىللىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھېسابلىنىدىغان مەكتەپنىڭ مۇدىرى شۇ مەكتەپنىڭ 18نەپەر ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدىن،«قۇتاتقۇ بىلىك» ۋە«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك»نى تولۇق تۈگۈتىپ ئوقۇپباققان ياكى ئوقۇمىغانلىقىغا سەمىمىي جاۋاب بېرىشنى سورىغاندا ئۇلادىن ئاران بەشىىنىڭ ئاز تولا ئوقۇغانلىقى، بۇنىڭدىنپەقەت ئىككەيلەننىڭلا تەپسىلى ئوقۇپ تۈگەتكەنلېكىنى ئاڭلاپ قالدىم. دەل مۇشۇ پاراڭ بولىۋاتقانغا يەنە بىر ئۈلپىتىم يىنىمغا كىرىپ كەلدى ۋە سۆز قىستۇرۇپ:غەيرەتكا، يەنە ئەشۇ ئەدەبىياتچىلاردىن سوراپ باقايلىچۇ، ناۋادائۇلاردىن قايسى بىرى ئەشۇ كىلاسسىكلارنىڭ ئاساسى روھى ماھىيىتىنى سېلى-بىزنى قايىل قىلالىغۇدەك قىلىپ مۇلاھىزە خاراكتىرلىك بايان قىلىپ بىرەلىسە، ئۇنى بىر شىرە زىياپەت بېرىپ مىھمان قىلايلىچۇ! دىۋىدى . مەيدىسىگە مۇشتلاپ چىقالايدىغان بىرسى چىقمىدى. دېمىسىمۇ بۇ بىزنىڭ بۈگۈنكىئەدەبىياتچىلىرىمىزنىڭ ھالى شۇنچىلىك تۇرسا، بۇنداق كىلاسسىكلارىمىزنى بىلمەيدۇ، بۈگۈنكى دۇنياۋىي ئىلىملاردىن تېخى خەۋەرسىز، پەن-تېخنىكا ئېڭى سۇس ئىلىمدارلارنىڭ يازمىلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش ، بىلىمچانلىق دېگەندىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟!دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان،كىلاسسىكلاردىن تېخى تولۇق خەۋىرى يوق، قىلچە تەبئى پەن ئاساسى بولمىغان يىرىم-يارتا ،«چالاساۋات» ئەدىبلىرىمىزنىڭ قولىدىن چىقىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى پاخال ۋە ئەخلەت ماقالىلەرنىڭ كۆپلىكىكىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.
نەزەرىيە سىستېمىسى بولمىغانبىلىم   پەن بولالماس، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ساھەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىنى بىلمىگەن ئالىم بولالماس. بىرەر پەننىڭ نەزەرىيەسىنى بىلمەي تۇرۇپ ياكى ئۇنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلەشكۈچىلەرنىشۇ ساھەنىڭ ئىلىم ئەھلى دېگەندىن كۆرە، ئۇنىڭ ھەۋەسكارى ياكى ياندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يولوچىدېگەن تۈزۈك. شۇڭا تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ نەزەرىيە ئەمالىقىنى قەتئى تۈگۈتۈشكېرەك.
ئۆز باش ماقالىسىدايەنە، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىنىڭ پەن تەتقىقاتنى كۇچەيتىشنى تەكىتلەپ، نۇرغۇن كونكىرتنى تەتقىقات تۈر -تېمىلىرى ۋە تەدبىر تەكلىپلەرنىكۆرسىتىپ ئۆتۈپتۇ، مەن بۇلارنى قوللايمەن ۋە پەلسەپە، ئىجادىيەتشۇناسلىق( ئېھتىمال بۇ قوش تەۋەلىك ئارىلىق پەن ھىساپلانسا كېرەك)، جەمئىيەتشۇناسلىق(سوتسولوگىيە دەپ ئاتاشمۇ ئوخشاشلا تىل قەلەندەرچىلىكى)، مەدەنىيەتشۇناسلىق، سىياسىشۇناسلىق، قانۇنچىلىق، ئېتىكا ۋە ئەخلاقشۇناسلىق، رەھبەرلىك ئىلمى، ئىقتىسادشۇناسلىق، باشقۇرۇش ئىلمى، كىلەچەكشۇناسلىق، ئىستىراتىگىيە تەتقىقاتى، نۇتۇقشۇناسلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتلارنى نۇقتىلىق كۇچەيتىش كېرەك دەپ قارايمەن. مەسىلەن:دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، جەمئىيەت ئىقتىسادنىڭ گۈللىنشىگە ئەگەشىپ ، خەلقنىڭ تۈرلۈك كىرىم-تاپاۋەت ۋە پاراۋانلىق تىپىدىكى ئېرىشىدىغان نەپلىرىمۇ كۆپەيمەكتە. بىراق ئىستىمال سەۋىيەسىنىڭ ئۆسىشى، مال باھاسى ھەم تۇرمۇش تەننەرخنىڭ ئۆرلىشى ۋەئىستىمال ئېڭىمىزدىكى ھەشەمخورلۇق-ئىسراپچىلىق، نامۇۋاپىق ئىستىماللارنىڭ كۆپلىكى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەپلىك ، گەرچە كېرىم -تاپاۋەت ئۆسكەندەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمما جەمئىيەتتىكى باي كەمبەغەللەر پەرقى چوڭىيىپ بارماقتا. ئەرلەر جان تىكىپ ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتسا بىر قىسىمئاياللارنىڭ «ئىستىمال مۇسابىقىسى» ۋە ھەشەمەتچىلىكى تۈپەيلىدىن بۇ خىل ئەھۋال يەنىمۇ ئېغىرلاشماقتا. تەلىم-تەربىيە ۋە مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، مەنىۋىي ئېممۇنىتىت كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى ئەخلاق قورغىنى يېمىرلىپ، غايە-ئېتىقاد ۋە سەمىمىيەت كىرزىسى يۈز بەرمەكتە. بۇ مەسىلىلەر ئىقتىسادشۇناس، ئىتىكا-ئەخلاقشۇناس، ئىنسانشۇناس ۋە پىداگوكلارنىڭ جىددىي باش قاتۇرۇپ مەڭگۈلۈك مائارىپ (ئۆمۈرلۈك مائارىپ) ئېڭى ۋە غايە ئېتىقاد ، ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيە سالمىغىنىيەنىمۇ زورايتىشىنى؛ نەزەرىيە يىتەكچىلىكنى كۇچەيتىپ، توغرا ئىلمى مەدەنىي ساغلام بولغان كىشىلىك ھايات ئەقىدىلىرنى تۇرغۇزۇپ، تىجەشلىك ئىقتىسادچىل، ئىلمىي ئىستىمال ئادىتى يىتىلدۈرۈش، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەدىنىيلىك دەرىجىسىنى تىرىشپ ئۆستۈرۈشنى جىددى تەقەززا قىلماقتا. بۇ يەردە ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكىلەر ھەقىقى ھىس قىلالمايۋاتقان ئىنتايىن پايدىسىزبىر تونۇش ۋە ھەركەت پىسخىيكىسى شۇكى، بىز ھەتتا ئۆمرىدە ئىزىقىپ كېتىپمۇ بىرەر قىتىم كىتاب ئوقۇمايدىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ گېپنىمۇ جايلاپ قىلالمايدىغان، ساۋاتسىز- بىلىمسىزلىكىدىن ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئادىمىيەت(دىيانەتشۇناسلىق،ئېھسانشۇناسلىق)پەنلىرى ساھەسىدىكى زۆرۆر بىلىم ۋە قانۇن-قائىدىلەرنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەملەرنى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالى ھاكىمىيەت ئورگىنى بولغان خەلق قۇرۇلتىيىغاخەلقىمىزنىڭ«ۋەكىلى» قىلىپ سايلايمىز. ئۇنداق تۆۋەن ساپالىق كىشىلەر قانداقلارچە قانۇنى نۇقتا ۋە ئىستىراتىگىيە جەھەتتىن بىر پۈتۈن مىللەت مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلالىسۇن ۋە ئۇنى قوغدىيالىسۇن؟! ۋاھالەنكى، ئۇنداقلار ئۆزلىرىنىنىڭ بىر مىللەتكە ۋەكىللىك مەجبۇريىتىنى نەمۇنىلىك بىلەنيۈرگۈزۈش ئەمەس ، ئەقەللى پۇقرالىقھوقۇق مەجبۇريەتلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئادا قىلالىشى تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس.بۇ جەھەتتە ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىمدارلار ئۆزلىرىنىڭ جامائەت پىكىر يىتەكچىلىكى، خەلقنى تەربىيەلەش، تەشكىللەش- ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىشى لازىم، ئەلۋەتتە.نۆۋەتتە،بىزگە نەچچە ئونمىڭ ئارتىس ، ئەدىب –شائىر ، يازارمەنلەردىن كۆرە، خەلقنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئىدىسيۋىي تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىل بىرلىكى ، ئىدىيەۋىي ئۆملۈكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ تەڭداشسىز غايەت زور ئىجاد-ئىختىرا كۈچى ھاسىل قىلالايدىغانۋە بايلىق يارىتالايدىغانمۇتەپەككۇر، ئالەملىك نەزەر ۋە دۇنياۋىي سەۋىيەدىكى پەيلاسوپ، پىشقان سىياسىئون،تالانتلىق رەھبەر ۋە ئالى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ، تۈركۈملەپ زاماندار كەسپىي كارخانىچى، ئالىمجىددىي كېرەك بولماقتا. شۇندىلاپۇرسەت، رىقابەت ۋە تۈرلۈك قىسمەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بۇ رەڭداربىلىم ئېراسىدا دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر بىلەن تەڭ ئوربىتا ۋە ماس قەدەمدە ئىلگىرلەپ، مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈپ ، مىللەت ئومۇمىي مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەل ئەتىسى ۋە پارلاق كىلېچىكىنى كۈتۈۋالالايمىز.

IVتېرمىن   ئاتالغۇلارنىڭ   قىلىپلاشماسلىقى،ئۆلچەملەشمەسلىكى   ئادىمىيەت   پەنلىرىنىڭ   تەرەققىياتىغا    توسقۇن   بولىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە

تېرمىن ئاتالغۇلارنى قىلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش جەھەتتە، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. بۇنى ئۆزباش ئەتراپلىق شەرھىلەپتۇ، شۇڭا«قوش ئەستەر»قىلىشنى خالىمىدىم. بىراق ئەڭ مىكرو ھىساپلىنىدىغانبىرمەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. ئۇ بولسىمۇ ۋاقىت زادى نىمىگە ئاساسەن ئۆلچىنىدۇ؟ ئۇنىڭ توغرىسى قانداق بولۇشى كېرەك؟ دېگەندىن ئىبارەت. ئالايلۇق ، پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىمۇ ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگىنى يوق. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا، ۋاقىت دېگەن ۋاقىت رايۇنلىرىنىڭ مەمۇرى رايونلارغا ئايرىلىشى بويىچە ئاتالماستىن، جۇغراپىيەلىكجايلىشىشى بويىچە ئاتىلىدۇ. يەنىي دۇنيانىڭ مەركىزى ۋاقىت رايونى بولغان گىرنىۋىچ ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىپ، قالدى رايۇنلارنىڭ ۋاقتى قۇياش نۇرىنىڭ شۇ جايدىكى كۆتۈرلۈش ۋە ئولتۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىكى بويىچەھىساپلىنىدۇ ۋە شۇ بويىچە ئاتىلىدۇ . مەسىلەن: جۇڭگو ۋاقتى دىمەي بېيجىن ۋاقتى، ئەنگىلىيە ۋاقتى دىمەي لوندۇن ۋاقتى،فرانسىيە ۋاقتى دېمەي پارىژ ۋاقتى، ئامېرىكا ۋاقتى دېمەي نېۋيورك ۋاقتى، ياپونىيە ۋاقتى دېمەي توكيو ۋاقتى ، شىنجاڭ ۋاقتى دېمەي ئۈرۈمچى ۋاقتى دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭ ئەلۋەتتە ئىلىمي ئاساسىي ۋە قانۇنى ئاساسىي بار ئىش. بىراق ، بۇ ساھەدىكى ئىلىمدارلىرىمىز يەنىلا شۇ «ئورۇندۇق ئۇچتى، دىسە ئۇچتى!»دېگەندەك داۋاملىق «شىنجاڭ ۋاقتى»دەپ ئاتىماقتا. ھەتتا، مۇتلەق كوپ ساندىكى ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىمدارلار غەيرى رەسمىي سورۇنلاردا شۇنداق دەپ تاشلىدى دەپ ئەپۇ قىلىپمۇ تۇرايلى، ھەتتا شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىدىن باشقاخېلى نۇرغۇن كەسپى مەمۇرىئورگانلارنىڭ رەسمىي ھۆججەت ۋە يىغىنلىرىدىمۇ«شىنجاڭ ۋاقتى» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئۇچرىتىمىز.تېخى بىز شۇلارغا ئۆگۈتىپ قويۇش ئۈچۈن توغرىسى « ئۈرمچى ۋاقتى» دەپ ئاتاش كېرەكلېكىنى چۈشەندۈرسەك، دەل شۇنداقلار خىجىل بولماستىن مازاق قىلىشىدۇ. ئۇنىمۇ بوپتىلا دەپ تۇرايلى،يىقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ «تۆھپىكارلار» سەھىپىسىنىڭ يۈز كىشىلىك كاتتا يىغىلىشنىڭ خەۋىرىنى «بۇ پائالىيەت چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 2:30 دىن سائەت 6:00 لەرگىچە ئېلىپ بېرىلدى.» دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ قىلىپ، تولىمۇ بىمەنىلىك ھىس قىلدىم ۋە تۇرۇپلا، ئەجەبا مۇشۇ ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ شىنجاڭدا «ئۈرۈمچى ۋاقتى» قوللىنىشنىڭ سىياسەت، قانۇن ۋە ئىلمىي ئاساسىنى بىلمەمدىغاندۇ؟! دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇ ھەقتە نۇرغۇن ماقالىلەر يېزىلىپ تەنقىد قىلىندى، نىمىشقاتۈزىتىلمەيدۇ؟ مەن شۇنداق ئاتاشقا ئادەتلىنىپ قالغان كىشىلەردىن سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىپمۇ كۆرگەنىدىم ، ئۇلارچە بۇنداق ئاتاش گەرچە خاتادەكبولسىمۇ ، شۇنداق ئاتىسا تېخىمۇ يىقىملىق بىلىنەرمىش،بۇ تولىمۇ كۈلكۈلۈك بولۇپ سىپى ئۆزىدىن ھىسيات پەرەسلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا تېرمىن ئاتالغۇلارنىڭ قىلىپلاشماسلىقى،ئىلمىي ژورناللارنىڭ تەھرىرلىك ۋە كوررىكتورلۇق سۈپتىنىڭ ناچارلىقى جۇڭگو ئىلىم ساھەسىدىكى بىر قەدەر ئومۇمىي ئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھەتتا بەزى يادرولۇق ئىلمىي ژورناللاردىمۇ مەۋجۇت. بەزى ژورناللار ھەتتا، ئىنگىلىزچە مۇندەرىجىدەتېما، ماۋزۇ، ئاپتۇر ۋە بەت سانى دېگەنلەر پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇلۇپ قويۇيغان؛ يەنە مەلۇم ژورنالنىڭ 2010-يىل 4-سانىنىڭ65-بەتتە، «ئاپتور:شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ ئاسپىرانتى» دەپ يېزىلغان بولسا، 70-بېتىدە«ئاپتور: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى» دەپ يېزىلغان. بۇ ئىككى پارچە ماقالىنى ئىككى تەھرىر تەھرىرلىگەنىكەن. ئەجەبا بۇ ئىككىلىسىساپا-سۈپەتلىك ، مەسئۇلىيەتچان تەھرىرلەر تۇرۇپ ، ئاسپىرانتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە دوكتور ئاسپىرانت دەپ ئايرىلىدىغانلىقىنى، بىلمەمدۇ؟ بۇ يەردە ئاپتۇرنىڭ قايسى يىللىققا تەۋە ئىكەنلىكىمۇ ئېنىقسىز بولۇپ قالغان.بۇنىڭدىكى مەسىلەبۇنى بىلىش بىلمەسلىك مەسىلىسى بولماستىن، مىللى مەدەنىيەتكە مەسئۇل بولۇش بولماسلىق، ئۆز خىزمىتىگە سادىقلىق بىلەن ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بولۇش بولماسلىق مەسىلىسىدىن ئىبارەت.بەزى ئىلمىي ژورناللار باسقىلى بىر نەرسە تاپالماي«ناپالىيون بايلىقلارنى نەگە يوشۇرۇپ قويغان؟» دېگەندەك ئىسمى-جىسمىغا ماس كەلمەيدىغان ماقالىلەرنى باسقان بولسا، بەزىلىرى «مۇقاۋىسىدىكى ئىسمىنى خاتا يېزىپ قويىدىغان ئەھۋللارمۇ مەۋجۇت. » ، ھەتتا شۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىكلەر بارىكى،ئاپتورنىڭ ئىسىم فامىلىسى، ماقالە تېمىسى ھەم مۇھىم تېرمىنلارنىمۇ خاتا ياكى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. مەلۇم ژورنالنىڭ2010-يىللىق 4-سانىنىڭ 96-105- بەتتىكى ئون بەتلىك ماقالىدا ئون يەردەخاتالىق كۆرۈلگەن. ھەتتا،«پاسىقلىق»نى پاسسىپلىق،«ۋىرۇس»نى زەھەر، «روھنىڭ مەۋجۇتلىقى»نى «ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى» دەپ يېزىپ ئېغىر دەرىجىدىكى ئۇقۇملارنى ئالماشتۇرۇپ قويۇش خاتالىقىغا يول قويغان. شۇنداق سەۋەنلىكنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتايتەن ماۋزۇ ۋە ئاپتور ئىسمىنى خەنزۇچە ئۆلچەملىك يېزىپ ئەۋەتكەن بولساممۇ، ماقالىنىڭ خەنزۇچە ماۋزۇسى ۋە ئاپتور ئىسمىنىمۇ پۈتۈنلەي خاتا يېزىپ قويغان.بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى خاتا يېزىىش ۋە ئۇنىڭ ماقالىسىدىكى ھالقىلىق ئۇقۇملارنى ئالماشتۇرۇپ قويۇش __ ئەمەلىيەتتە ، شۇ تەھرىرنىڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقان ژورنالغامەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقلا بولۇپ قالماستىن، ئاپتورغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. -. بۇنداق ئىشلار ئەشۇ تەھرىرلەرنىڭ ئۆزىگە ئانچىكى كىچىك ، ئەرزىمەس ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتەشۇ ژورنالنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپلا قالماستىن، ئاپتورلارنىڭ ئوبرازىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.ژورنال __ مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇ كىتابتىن كېيىنكى يەنە بىر ئىلىم سەھنىسى بىراق «ئىلمىي ژورناللاردا ئىلمىي دىئالوگ ۋە مۇھاكىمە-مۇنازىرە كەيپىياتىئىنتايىن سۇس ، مۇنبەر مونوپۇللۇقى ئېغىر، ھەتتاكى بەزى ئاپتۇرلارنىڭ ماقالىلىرى خۇددى لىكسىيە ياكى دەرىس تىزىسىدەكلا سۇدەك راۋان ، كۆپۈنچىسىدە سانلىق قىممەت ۋە سىلىشتۇرما، مىقدارلىق ئانالىز، پەلسەپىۋىي، لوگىيكىلىق تەپەككۇرلار يوق دىيەرلىك . بەزى ژورناللارغا بىرەر پارچە ماقالىنى سۇنسا ئاۋال ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە يېڭىلىقبار يوقلىقىغا قارىماستىن، ئاپتورنىڭ ئاللىقانداقتۇر قايسى ئونىۋېرىستېت ۋە پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پىروفېسسور، تەتقىقاتچىسى ، دوكتۇر، ماگىستېر   ياكى ئەمەسلىكىگە قارايدۇ ۋە بۇنى سۈرۈشتە قىلىشىدۇ.يەنە بەزى ژورناللارداچەكلىك بەت ۋە سەھىپە بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلانماستىن بايلىق ئىسراپچىلىق ئېغىر، ئەدەبىيات سەھىپىلىرى بەك كۆپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سەھىپىلىرى يوق دىيەرلىك. ” پەننى ئومۇلاشتۇرۇش سەھىپىلىرى يوق، ئۆزلىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىلىم-پەن روھىنى تارقىتىش-تەشۋىق قىلىش فونكىسىيەسى ئۇنتۇلۇپ قىلىۋاتقان گېزىت ژورناللار ئاز ئەمەس.“ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ژورناللىرى خىجىل بولماستىنئۆز ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىلمىي قىممىتى بولمىغان تۆۋەن سەۋىيەلىك تەكرار ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ژورناللىرىنى مونوپۇل قلىۋالماقتا. “ يەنە بەزى ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئىجادىيەتلەردە ”كۈچلۈك ئىدىيەۋىيلىك، يېڭىلىق يارىتىش روھى، بىلىمچانلىق، غايە-ئېتىقاد، چىنلىق، تەبئىيلىك، مىللىيلىق، ھەقىقىي ھىس-تۇيغۇ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىلمىي فانتازىيە ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل. “”ئىلمىي ژورناللار پەن تەتقىقات ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكىئىنتايىن مۇھىم ۋاستە ۋە بايلىق.” پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنىڭ جېنى، تارىخىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاۋۋالقى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە مۇھىم بۇلاق. “.   ئىلمىي ژورناللارنىڭ پۇلغا ماقالە ئېلان قىلىشى ياكى بەت ھەققى ئېلىشمۇ دۇنياۋىي ھادىسە. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن قارىغاندا باشقا ژورناللار نەچچە مىڭلاپ، ھەتتا ئونمىڭلاپ بەت ھەققى ئالىدۇ.ئۇيغۇرچە ئىلمىي ژورناللاردىكى بەت ھەققى ياكى سەھىپە ھەققى ئېلىش دېگەنلەر بۇنىڭغا قارىغاندا، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىش. بىراق   بۇنىڭ خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ.ئۇنداق قىممەت پۇل ئالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يادرولۇق ئىلمىي ژورناللار ياكى بولمىسا داڭلىق ژورناللار؛ باسىدىغىنى ساپلا دۆلەتنىڭ پەن-تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىگەللەپ ياتقان«كاكىلىماس توخۇ»دەك «ئالىم، دوكتورلار»نىڭ ماقالىلىرى ، شۇڭا ئۇلار ئېشىنچاپەن-تەتقىقات خىراجىتى(R&D)نى شۇنداق يوللار بىلەن خەجلەش ئادەتكە ئايلانغاندەك قىلىدۇ.بىراق، ئۇنداق يۇقىرى ھەق ئالىدىغان ژورناللارنىڭ بوسوغىسى ئىگىز نەزىرىمۇ ئۈستۈن. ئۇلار ماقالە بىلەن قوشۇپ پۇل ئالماستىن، ئاۋال ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىغا نامسىز يوللاپ، باھالاپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن ۋە يازما پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن بەت ھەققى ئالىدۇكى،ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ژورناللاردەك بىر قانچەيۈز سوم بەرسە ئەخلەت ماقالىلەرنىمۇ ئىشلىتىدىغان ھەتتاكى 200 كوينى ئەۋەتسىلا ۋاكالىتەن قەلەم تەۋرىتىپ قويىدىغان ياكى تەييار ماقالىلەرنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەپلا ئېلان قىلىپ بېرىدىغان ئەھۋاللار يوق. ئىگىلىنىشچە، “مەملىكەت بويىچە باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ژورنال 8725تۈرلۈك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «جۇڭگو ژورناللار سىپى»گە كىرگىنى 716، « قوش يۇقۇرى»( داڭقى يۇقۇرى،سەۋىيەسى يۇقۇرى ژورنال)40،« قوش يۈز» ( ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى يۈز نۇقتىلىق ئىلمىي ژورنال، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى يۈز نۇقتىلىق ئىلمىي ژورنال) ژورنال 122، «قوش ئۈنۈمۈلك» (ئىجتىمائىي ، ئىختىسادىي ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان) ژورنال496، «قوش مۇكاپات» (دۆلەتنىڭ ژورنال مۇكاپاتى ۋە ژورنال نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) قا ئېرىشكەن ژورناللار 58. بۇنىڭدىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ژورناللىرىدىن بۇنىڭ ئىچىگە كىرگەنلىرى 113تۈرلۈك. “ بىراق، كىشىنىئۆكۈندۈرىدىغىنى، ئىلمىي ژورناللار كۆپ بولۇپلا قالماستىن ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالە سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرسىمۇ ، لېكىن تا بۇكەمگىچە بىرەر نوبىل مۇكاپات ساھەبى ياكى دۇنياۋىي سەۋىيەدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك تۇنجى پەن-تەتقىقات مۇۋەپپىقىيتى ۋۇجۇدقا كەلمىدى.بىر ژورنالنىڭ قانداق بولۇشى ماھىيەتتەئۇنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىرى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ساپا ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىغا باغلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن ژورنالچىلىقمۇ مەۋقەنى كۆز ئالدىغا قويۇپ ئىگىزدە تۇرۇپ يېراقنى كۆرەرلىك بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەردىن يېڭىلىق يارىتىشى، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ ،ئىستىلنى رۇسلاپ، مۇنبەر مونوپۇللىقى ۋە نوپۇزغا چوقۇنۇش، كىلاسسك نەزەرىيەلەرگە قارىغۇلارچە ئىشىنىش ، ئىلمىي گۇمانلىنىش روھى كەمچىل بولۇش دېگەنلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك رەت قىلىپ، ئالەملىك ماكرو نەزەر بىلەن جاھانغا كۆز تىكىپ، دۇنيا ئىلىم ئوربىتىسى بىلەن ماس قەدەملىك ئىلگىرلەشكەجۈرئەتلىك بولۇشى؛ھەر قايسى ژورناللارئۆزلىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ژورنال چىقىرىشسەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى، بىلىم ئۇچۇر بايلىقى مونوپۇللىقى ، بىكىنمىچىلىك ۋە قورۇقچىلىقنى بىكار قىلىپ، ژورنال چىقىرىشيۆنىلىشىنى يېڭىباشتىن سەرخىللاشتۇرۇپ توغرىلاپ ، ئۆز تەھرىرلىرىنىڭئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ، بىلىمىنى موللىتىش، تەھرىرلىك كەسىپ ئەخلاقى - ئىستىل قۇرۇلۇشنى ياخشىلاش كېرەك. بولۇپمۇ «ئادەمگەرچىلىك»، «مۇناسىۋەت»، «پۇللۇق»، «ئۇنۋان» ماقالىلىرىگە قاتتىق چەك قويۇپ، ئۆلچەمگە توشمايدىغانپاخال ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ ، ئىلمىيژورناللارنى ۋاشاڭقىلىپ ئابرويىنى تۆكۈشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.تەھرىرلەر شۇنى بىلىش كېرەككى، قايسى خىلژورنالنىڭ بوسۇغۇسى ئىگىز نەزەرى ئۈستۈن بولىدىكەن شۇ ژورنالنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى، ئىناۋىتى ئۈستۈن بولۇپلا قالماستىن، شۇ ژورنال خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ ئىناۋىتى يۇقىرى بولىدۇ. كىشىلەر ئىھتىرام بىلەن قارايدۇ. مەسىلەن جۇڭگونىڭ «پەن – تېخنىكا يىتەكچىسى(科技导报)»، ئامېرىكىنىڭ «ئىلىم-پەن(Science)»، ئەنگىلىيەنىڭ«تەبىئەت(Nature)»قاتارلىق دۇنياۋىي داڭدار ژورناللار بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئەكسىچە قايسى ژورنالنىڭ بوسۇغۇسى پەسنەزەرى تۆۋەن بولىدىكەن شۇ ژورنالنىڭ ئىناۋىتى بولمايدۇ.(بۇنىڭغا مىسال ئېلىشنى خالىمىدىم.)
تۇراقلىق ئىبارىلەر- ماقال تەمسىل ۋە قىسقارتىلغان سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشمۇ بىر خىل ئىلگىرلەش ۋە مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسى. بىراق ئۇيغۇر ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدەبەزى تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا بىر بوشلۇق بولۇپ تۇرماقتا. ژورناللاردا يەنە، تىل ئاتالغۇلار بىرلىككە كەلمەيلا قالماستىن، ئۆلچەم بېرلىكلىرىمۇ بىرلىككە كەلمەسلىك، قىلىپلاشماسلىق، قالايمىقان ياكى ئارىلاشتۇرۇپئىشلىتىش خاھىشى ئېغىر.پايدىلانما ۋە سىتاتا ئالغان مەنبەلەرنىڭ قايسى تۈردىكى مەنبە ،قانچنجى سان ، قانچنجى بەت ، قايسى يىلنىڭ قانچىنچى نەشىرى دېگەنلەرنى ئېنىق ئالماسلىق، سىتاتا بەلگۈسى بىلەن ئەسەرنىڭ قۇرۇلما رەت نىنجى بەلگۈسى ياكى ئىزاھات بەلگىسى ئارىلىشىپ كېتىش(قائىدە بويىچە، سىتات نىنجىسى شۇ نەقىل-سىتات ئىلىنغان سۆزنىڭ سول تەرەپ يۇقىرى بۇلىڭىغاچوڭ تىرناق ئىچىگە رەقەم بىلەن ؛ ئىزاھات بېرىدىغان سۆزلۈكنىڭ سول تەرەپ يۇقىرى بۇلىڭىغا دۆگىلەك ئىچىگە رەقەم بىلەن؛ ماقالىنىڭ قۇرۇلما، رەت نىنجىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ) دېگەندەك ئەھۋاللار ئېغىر.ئۇندىن باشقا ژورناللار قوشۇن قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ بىر تۈركۈم مىللىي مەدەنىيەتكە مەسئۇلىيەتچان ئۆزىنى بىغىشلاش روھىغا ئىگە، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ دائىملىق تەنقىد تەكلىپلىرى ئاڭلىشى، ھەم شۇلار ئارقىلىق ئاۋامنىڭ ساداسىغا يىقىندىن دىققەت قىلىشى ۋەئۆزلىرىنىڭ ئاپتۇرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

Vئىلىم پەننىڭ تەرەققىياتى پەنلەرنىڭ تۈركۈملەپ پارچىلىنىشىدىن، پەنلەر چىگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ چوڭ بىرلىشىشكەقاراپ يۈزلەنمەكتە

ئىلىم پەننىڭ تەرەققىياتى پەنلەرنىڭ تۈركۈملەپ پارچىلىنىشىدىن پەنلەر چىگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ چوڭ بىرلىشىشكەقاراپ يۈزلەنمەكتە. بىراق ئۆز باشنىڭئەسىرىدەتۈرلەش كۆپ ، تەرتىپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قالغاندەك ئەھۋال مەۋجۇت. دېمەكچىمەنكى، ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى دەپ تۈرگە ئايرىپ پارچىلاپ يۈرگەندىن كۆرە، ئومۇملاشتۇرۇپ ئادىمىيەت پەنلىرى دىسەكلا كۇپايە،ياكى جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىۋاتقان دەل شۇ ئادەم بولغانلىقتىن ئادىمىيەت دېگەننى بېشىغا ئېلىش كېرەك، ئۇ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . كەمىنەنېمە ئۈچۈن پەنلەرنى چوڭ جەھەتتىن تەبىئەت پەنلىرى ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىيمەن؟سەۋەبى بىرىنچىدىن، بارلىق پەنلەر ئادەم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى ئادەمنىڭ جىسمى تەبىئەت پەنلىرى(تەبىئى خاسلىق)گە، روھى- ۋۇجۇدى ئىجتىمائى پەنلەر(ئىجتىمائى خاسلىق)گە تەۋەبولۇپ،بۇ ئىككىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ تەتقىق قىلىنسا ئۈنۈمى تولىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ھەقتە ماركىس مۇنداق دەيدۇ: “ بىزنىڭ قان گوشلىرىمىز، باش مېڭىلىرىمىزمۇ تەبىئەتكە مەنسۇپ، تەبىئەتتە مەۋجۇتمىز.” ، ئادەمنىڭ تايىنىشچانلىق مۇناسىۋىتى ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ تەبېئەتكە تايىنىشچانلىقىدىن كەلگەن بولىدۇ. ماركىس ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئالاھىدە بىر خىل ئىستىرولۇق مۇناسىۋەت دەپ قارىغان. ئىككىنجىدىن، بارلىق پەنلەرنىڭ نەزەرىيەلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى چوڭ قانۇنىيەتكە بوي سۇنىدۇ. يەنىي، تەبىئەت پەنلىرىنىڭ نەزەرىيەلىرىئىنسان خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغان تەبىئى تۈپ قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا تۇرغۇزىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەمىشە ئىنسان خاھىشىغا باقمايدۇ؛ ئادەتتە،” ئادەمنىڭ ماھىيىتى يالغۇز ئەزەلى ئابىستىراكىت نەرسەئەمەس، ئەمەلىيەتتە، ئۇ بارلىق ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى.“. ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ نەزەرىيەلىرى بولسا ئىجتىمائىي قانۇنىيەت، يەنىيجەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئادەمنىڭ سۇبىيكتىپ پائالىيەتچانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەمنىڭ ئاڭلىق پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرى ۋە چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. دېمەك، پەنلەرنى شۇ پەن نەزەرىيەلىرىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىدىكى تايىنىش ئاساسى بويىچە تۈرلىگەندە پەنلەر ئارا تام-توساقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، زور ئىلىم-پەن نەزەرىيەلىرىدە توپلاشقان بىر پۈتۈن يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھالقىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تولىمۇ پايدىلىق. بۇ خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكى يېڭى بىر يۈزلىنىش، ھەم كەسىپ ۋە پەن ھالقىغان ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنى ئۈنۈملۈك ئلگىرى سۈرۈشكىمۇ قولايلىق. بولۇپمۇ تەبىئەت پەنلىرى ساھەسىدىكى تۈپكى قانۇنىيەت ۋە ئاساسىي نەزەرىيەۋىي بىلىملەرنى ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىگە تەدبىقلاپ، ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىدىكى بىلىش مېتودى ۋە نەزەرىيەۋىي تەتقىقاتتىكى بىر تەرەپلىمىلىك، خاھىشچانلىق، ئۆزگىرىش كۆپ، ئىزچىللىق كەم بولۇش قاتارلىق ئاجىزلىقلارنى ئۈنۈملۈك يېڭىپ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ ماس قەدەملىك سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق. بۇنى ھەم ئىلىمىزنىڭ ئادىمىيەت ساھەسىدىكى سالاھىيەتلىك ئالىملارنىڭ ئىزچىل تەشەببۇسى دېيىشكە بولىدۇ.

VI پەلسەپە ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەزىپىسى

پەلسەپىسىز ھايات __ ئىلىم-پەنسىز ھايات؛ ئۇ ئىنساننى نادانلىق، نامراتلىق، ئىناقسىزلىق ۋە ئاخىرى زاۋاللىققا ئېلىپ بارىدۇ.ـــــــــــ_ خاتىرەمدىن
بارلىق كونكىرت قوللىنىشچان پەنلەرنىڭ ھەممىسى ئابىستىراكىتلاشقان پەلسەپەۋىي پىرىنسىپلارغا بويسۇنۇشى كېرەك. بىراق، بۇ چوقۇم پەلسەپەۋىي پىرىنسىپنىڭ توغرا بولۇشىنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ. ـــــــــــ قاسىم سىدىق

1.پەلسەپە ۋە ئۇنى تونۇش

پەلسەپە(philosophy) تەتقىقاتى ئادىمىيەت پەنلىرى- جەمئىيىتەشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ ئالدىنقى فرونتى ، پەلسەپە ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ ئەۋۋەلقى مۇھىم ۋەزىپىسى. گەرچە پەلسەپىنىڭ زادىنېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە بۈگۈنگە قەدەرھەممە ئورتاق ئىتىراپ قىلغان ئەڭ نوپۇزلۇق بىرەر تەبىر بارلىققا كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەسلىي مەنىسىدىن قارىغاندا، پەلسەپە ئىلمىي تەنقىد ۋە ئەقلىي تەپەككۇر ئارقىلىق ئالەم،ئادەم ۋە كىشىلىك ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق زور ئىلىم-پەن ۋە بىلىش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە ۋە تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى بارلىق «نېمە ئۈچۈن»لەرگە ئەڭ ئاخىرقى توغرا جاۋابنىتېپىشتىن ئىبارەت. ئېينىشتىيىنپەلسەپە ھەققىدە مۇنداق تەھلىل قىلغان: «ئەگەر پەلسەپەنى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە كەڭ تارقالغان مېتودلار ئىچىدىكى بىلىم ھەققىدە ئىزدىنىش دەپ چۈشەنسەك، ئۇنداقتا پەلسەپە ئېنىقكى بارلىق پەنلەرنىڭ ئانىسى بولالايدۇ.» ئومومەن ئېيىتقاندا، پەلسەپە بارلىق مەۋجۇدىيەتلەر ئوتتورسىدىكى ئابىستىراكىت مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، ئىنسانلارغا دۇنيانى مەنە جەھەتتىن تونۇتىدۇ.ئۇ ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئىنسانلارنىڭ شەيئىلەرنى بىلىشتىكى ئەڭ مۇكەممەل ئۇقۇمى ۋە ئۇقۇملارنىڭ ئىخچاملىنىشى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ شەيئىيلەرنى بىلىش، جەمىئىيەت ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قورالىدۇر. فىرىباخ ماتېريالىستىك پەلسەپە ھەققىدىكى بايانىدامۇنداق دەيدۇ:«پەلسەپە دېگەن ئوبىيكتىپ مەۋجۇدىيەت توغرىسىدىكى بىلىم بولۇپ، شەيئىى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى قانداق بولسا، ھەممە چوقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەك دەيدىغان ئىدىيەدە ئۇلارنى تونۇش دېمەكتۇر. مانا بۇ پەلسەپىنىڭ ئەڭ ئالىي قانۇنى ، ئەڭ ئالىي ۋەزىپىسى.» .پەلسەپە بارلىق پەنلەرنىڭ ئانىسى. بارلىق كونكىرت مەۋجۇدلۇق ۋە تەرەققىياتنىڭ ھەممىسى ئابىستىراكىت قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنىدىغان بولغان ئىكەن، ئادىمىيەت پەنلىرى توغرىسىدا سۆز ئاچقىنىمىزدا ھەرگىز پەلسەپىدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىمىز ياكى ئۇنىڭدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەسلىكىمىز لازىم.
ئىلىم-پەن پەلسەپىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئىلىم-پەنگە قارىتا پەلسەپىۋىي تەتقىقات ئېلىپ بىرىشتىن ئىبارەت.نېمە ئۈچۈن بۇنداق تەتقىقاتنى ئېلىپ بارىمىز؟ئەمەلىيەتتە ھامان يىتەكچىلىك رولىنى ئوينايدىغان بەزى تۈپكى قائىدە-پىرىنسىپ ۋە ئۆلچەملەر بولىدۇ. پەلسەپىنىڭ ۋەزىپىسى دەل ئەنەشۇ قائىدە-پىرىنسىپ ۋە ئۆلچەملەرگە قارىتا تەنقىد-تەپتىش ئېلىپ بېرىپ ، مۇۋاپىق تۈزۈتىش تەكلىپلەر ۋە يىتەكچى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇنىڭ توغرا ۋە ھەقىقى بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. پەلسەپە بىلەن ئىلىم-پەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت خۇددى ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇپ، پەلسەپە «ئىلىم-پەننىڭ ئانىسى»، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا زادى ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغانمۇكەممەل دىئالىكتىكىلىق مۇناسىۋەت مەۋجۇت. ئىلىم-پەن بىلىم ھاسىل قىلسا، پەلسەپە ئىدىيە شەكىللەندۈرىدۇ. پەلسەپىنىڭ تەرەققىياتى ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى تەمىنلىگەن بىلىملەرنى ئاساس قىلسا، ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى پەلسەپە تەمىنلىگەن ئىلمىي مېتود ۋە ئەقىل-پاراسەت جەھەتتىكى يېتەكلەشتىن ئايرىلالمايدۇ. دېمەك ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭلا ئەمەس ، بەلكى ھەرقانداق پەننىڭ ساغلام تەرەققىياتى پەلسەپىنىڭ يول باشلىشى ، يىتەكلىشى ۋە مەدەت بىرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن ، بارلىق تەبىئەت ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى دەل پەلسەپە ئاساسىغا قۇرۇلغان ۋە تەرەققىياتقائەگىشىپ پەلسەپىدىن ئۆي ئايرىپ چىققان.بۇ مەنىدىن قارىغاندا، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشىنى پەلسەپىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس.
ئۆزباش ماقالىسىدە پەلسەپە ھەققىدە توختىلىپ، ئىنتېل تورىدىكى«ئۇيغۇرغا پەلسەپە كېرەكمۇ يوق»دېگەن ماقالە ۋە بەرقى تورىدىكى قەقىنۇس ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئارقىدىنلا قەقىنۇسنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسىلۇبىنى تەنقىد قىلغان. كەمىنە بىلىكيارمۇ قەقىنۇسنىڭ ئەسەبىلەرچە سۆز-ئاتالغۇ ئىجاد قىلىش، ئىجاد قىلغان تېرمىنلىرىغا ئىزاھات بەرمىگەنلىك، ئىلمىي مەنتىقىسى قالايمىقان بولۇش،ھەتتا ئىنىق دەلىل- پاكىت تەلەپ قىلىدىغان زور ئىلىم-پەن مەسىلىرىگە قارىتا«ئاسماندىن چۈشكەن»دەكلا گوپپىدە تاشلاپ قويۇپ،ئاساسى ياكى ئۇچۇرنىڭ مەنبەسىنى كۆرسەتمەسلىك، يازمىلىرىدا ئوقۇرمەنلەرگە قارىتا «چۈشەنسەڭ چۈشەن، چۈشەنمىسەڭ نېمەكارىم» دەيدىغان ئىلىم مۇستەبىتلىكىگە مەنمۇقەتئىي قارشى. بۇ ھەقتە ھەتتا مەنمۇ بىۋاستە تەكلىپمۇ بەرگەن، بۇنىڭغا قارىتا مېنىڭمۇ ئاچچىغىم بار. بىراق(قەقىنۇسنىڭ بەرقىدىكى مۇھاكىمىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە رەھمەت ئېيتىمەن. چۈنكىقەقىنۇس ئۇ قىتىملىق مۇھاكىمىدىكى ھەر بىر سۇئالغا تولىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى ۋە سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بەردى.ھەتتاكى بەزى ساپا-سۈپەتسىز تورداشلار گۆدەكلەرچە ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە تىگىپ سۇئال سورىغاندىمۇ ،ئۇ قىلچە رەنجىمەستىن جاۋاپ يازدى. ئاخرىداسۇئاللارغا جاۋاب بىرەلمەي ئەمەس، سورايدىغان سۇئال تۈگەپ قېلىش بىلەن ئاخىرلاشتى. بىلىشىمچە، قەقىنۇس بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تور سۆھبېتى شۇ ۋاقىتتىكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈلۈش قىتىم سانى ئەڭ يۇقىرى بولغان.) يەنە شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى، ئالدى بىلەنقەقىنۇس ھەرگىز ئادەتتىكى تەييار ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۋاتقان پەننى ئومۇلاشتۇرۇش خادىمى ياكى دېھقانلىرىمىز قوناقلىقتا ئوقۇيدىغان ئېتىز ناخشىلىرىنى يازىدىغان تېكىستچى ئەمەس، ئۇ بىر تەتقىقاتچى، تەپەككۇر پەللىسى ئۈستۈن، ئىلمىي مېتودى ئۆزگىچە بولغان بىلىش ئۇستىسى، بىلىم ئىجاد قىلىۋاتقان بىلگېن ۋە تەپەككۇرچى. دېمەك ، بەرقى مۇنبىرىدىكىلەر بىلەن ئۇنىڭتەپەككۇر پەللىسى، تەپەككۇر ئەندىزىسى ، تەپەككۇر يۇكسەكلىكى ھەم تەپەككۇر ئۇسۇلىدا بەلگۈلۈكپەرىق بار . بۇ پەرىقلەر تەپەككۇر ۋەتەتقىقاتدىكى ناھايىتى زور پەرىقلەرنى كەلتۇرۇپ چىقارغان.   مېنىڭ نەزىرمدىمۇئۇ ھەقىقەتەن ئادىمىيەت پەنلىرى، جۈملىدىن پەلسەپە ۋە روھىيەت ساھەسىدە توسالغۇسىز تەپەككۇر قىلىپ دولقۇنلار يېرىپ ئىلگىرلەۋاتقان ئىلىمدار(ئەلۋەتتە نۇقسانسىز ئادەم بولمايدۇ) بولۇپ، ئۇ بۇ ساھەدە كۆپ ئىزدەنگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ قىممىتى تېخى تولۇق بايقالغىنى يوق. قەقىنۇس ھەققىدە ئابدىقادىر جالالىدىن، ئىسلامجان شىرىپلا كۆپ يازمىلارنى يازدى . بۇ يەردە تەكىتلەشكە تىگىشلىكى، بىز ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ، ئىلىمدارنىڭ ئېتىقادى، ئىستىلى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىڭدا پەقەت بىزگە كېرەكلىك بىلىملا بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىكى ئىلىمدىن مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەت ئىلىش ياكى يۇقۇملىنىپ قېلىشقا كەلسەك ، ئۇ شۇ ئىلىم ئۆگەنگۈچىنىڭئىلمىي پاراسىتى، تاللاپ ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە ئىلمىي ئىممۇنىت كۈچىگە باغلىق. بىز بۈگۈنمۇ «ياندىكى ھىسىپنىڭ قەدرى يوق»دېگەندەك ئىش قىلىۋەرسەك ئەمدى بولمايدۇ. بۇ يەردە كەمىنە، مۇشۇ مۇناسىۋەتتە زۇلپىقار بارات ئۆزباشقا دىلكەش دوسلاچە شۇنى رەسمىي تەۋسىيە قىلىمەنكى، ئۆزباش ئەپەندىم دوكتورلۇق دىسسىرتاتسىيەسىنى تاماملاشتىن بۇرۇنقەقىنۇسنى ئىلمىي زېيارەت قىلىپ ،ئۇنىڭ بىلەن بىر قىتىم بولسىمۇ سۆھبەت ۋە مۇھاكىمىدە بولسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن. مېنىڭچە بۇ ئىلمىي زىيارەت ئارقىلىقئۇنىڭدىن نۇرغۇنيېڭى ئىلمى ئوزۇق، سىپى ئۆزىدىن ئەسلى ئىجادىيەت ۋە يېڭى ئىلھاملارغا ئېرىشىش مۈمكىن. نېمە ئۈچۈنبۇنداق دەيمەن؟ سەۋەبى قەقىنۇس باشقا بارلىق ئىلىمدارلىرىمىزغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىسام شۇنى ھېس قىلىمەنكى، ئۇ دىن ۋە پەن ئالىملىرىنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرىنى رەت قىلىدۇ. قانداق رەت قىلىدۇ؟ ئۆز باش دېگەن ئەجنەبىي ھەم ۋەتەنداش ئالىملار يازغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ تەلقىن قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ۋۇجۇدىدا ھاسىل قىلغان يېڭى زىھنىي يۈكسەكلىكتىكىئۆگلۈك روھى بىلەن رەت قىلىدۇ. ھەتتا ماركىسىزىم كىلاسسىكلىرىدىنمۇ كەمتۈك جايلارنى تېپىپ تۈزىتىش، تولۇقلاش-«ياماش» پوزىتسىيەسىدە تۇرىدۇ. مېنىڭچەئۇنىڭ بۇنداق پوزىتسىيەسىدە، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ: «ئىنسانىيەتنىڭ تۈزۈم، قائىدىلىرىنى بىمەنىلىك ياكى يالغانچىلىق ئاساسىغا قۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق بولىدىكەن، جەمئىيەت ماۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئەگەر جەمئىيەتشۇناسلىق شەيئىنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى ئاساس قىلمايدىكەن، ئۇ مۇقەررەر ھالداتۈرلۈك پاكىتلار ئالدىدا توسۇلۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەتقىقاتتا، ماۋجۇدىيەتنى ھەقىقىي تۈردە تونۇش ھەمدە ئۇنى ئىپادىلەش كېرەك.»دېگەنشەرتى ھۆكۈم سۈرگەن . ئۇ، دۇنيانىڭ ھاسىل بولۇش تارىخىنىئون دەرىجىگە بۆلۈپ ئالغاندىن كېيىن، بۇ دەرىجىلەرنىڭئالمىشىش سەۋەبىنى شۇ دەرىجىلەردىكىئەقىل تەرەققىياتىدىن ئېچىپ بەرسە، ئەقىل تەرەققىياتىنى ئادەمدىن ئىبارەت نىگىزدىن ئېچىپ بېرىپ، بىزگە بىر پۈتۈنئىنسانىيەت تارىخىنى يورۇتۇپبېرىپلا قالماستىن ، يەنە شۇ ئادەم جىسمىدىكى ئەقىلنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر ئېچىشنىڭ يۈكسەك ئىقتىدار تەرەققىياتىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن. ھازىرقى كۈندە ئۇنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى تۆۋەن، ئەسەرلىرىنىڭ تەلقىن قىلىنىش دائىرسى تار بولغانلىقتىن ، ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئىستىلى بىزدەك كىتابى نەقىللەردىن ئايرىلسا مەسىلە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان ئادەملەر ئۈچۈن غەلىتە بىر ئۇسىلۇب بولۇپ تۇيۇلسىمۇ ، شەيئىنىڭ ئەسلى ۋەسلىدىن مەسىلىلەرنىچۈشەندۈرۈپ بېرىپ، تولىمۇ يىراق ئۇپۇقلارغا ھالقىپ كېتىۋاتقان ئىلىمداردۇر. چۈشىنىشىمچە، ئۇنىڭبۇنداق ئۇسىلۇبىدا شەيئىنىڭ ئەسلى-ۋەسلى ياكى تەبىئىتىنى ئاساس قىلىش مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا بولۇپ، جەمئىيەتنى كۆرتۈرۈب تۇرغان مەۋجۇدىيەت_ئادەمنى توغرا تونۇش ۋە ئىپادىلەش ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەقىل تەرەققىياتىنى ئىنسان تەبىئىتىدىن ئېچىپ بېرىش نىگىز قىلىنغان. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى بۇ پەننىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ئورۇنداش بولۇپ، بۇنى پۈتكۈل ئىنسانلار تارىخىغائەينەك قىلىش مۈمكىن. مەسىلەن: ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىنى ئون دەرىجىگە بۆلۈپ ، ھەر بىر دەرىجىدىكى تۈزۈم قائىدىلەرنىڭ بىمەنىلىك ۋە ساختىلىقلار ئۈستىگە قۇرۇلغان نىقابلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ،ئەقىل تەرەققىياتىدىكى ئۇدۇم ۋە قۇرۇملارنى كۆرسىتىشى بىزنى شۇنداق بىر شەرتنى ئورۇنداۋاتقان تەبىئىي تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. بۇنى چۈشىنىپ يېتىش ئۈچۈن تەخر قىلىش لازىمكى، بۇنداق تۇيغۇ پەقەت ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى چوڭقۇرلۇققا شۇڭغۇغانشىجائەتنى تونۇش ، ئۇنىڭدىكى يېڭى پىكىرلەرنى ھەزىم قىلىش ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئۇنىڭغا دەسلەپتە، مەنمۇ شۇنداق قاراشتا يۈرگەن.بىرقانچە يىل ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش، ئۇنى كۆپ قىتىم زىيارەت قىلىش جەريانىدا،ئۇنىڭ مېڭىسىدە نەقىل(ئىدىيە-پىكىر ئارىيەت) ئالمىسىمۇ شەيئىلەرنى «ئەينەن يەقىن»قىلىدىغان بىر خىل پىكىر ئېقىمى كۈۋەجەپ تۇرغانلىقىنى بايقىدىم-دە ، ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم. مەسىلەن: بىر قىتىم ئۇنىڭ «يېڭى ئىرا تەلىماتىنىڭ شەرھىي بايانى» دېگەن ئەسىرىدىمۇ ئىش قىلىپ بىر ماقالىسىدە:“مېنىڭ بۇ ماقالەمنى دوكتور، پىروفېسسور دەرىجىلىك كىشىلەرلا ئوقۇپ چۈشۈنەلەيدۇ. ” دېگەندەك ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈپ، بۇ نېمە دېگەن پوچى ئادەم ھە؟! دەپ ھەيران قالغانتىم. دەرۋەقە بۇ ماقالىسىنى بىر قانچە قىتىم ئوقۇپ ئاندىن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلېكىنى چۈشەندىم. شۇڭا بىز ئۇنى تەنقىد قىلىشتىن ئاۋال ئۇنىڭ ئىلمىي ئىدىيەسى ۋە بىلىش مېتودىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىشكە تىگىشلىك. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ دىنى تەسەۋۋۇپ ساھەسىدىكى ئون گۇناھى ئەزەلنى ھەل قىلغۇچى ئون خۇمايى يەزەل كۆزقارىشى(بۇ تەپسىلاتنى «مۇنبەر»دە ئېلان قىلىنغان«ئىنسانىيەتنى قۇتقازغۇچى ئەقىدەت:ئون خۇمايى يەزەلنىڭ شەرئى بايانى» ،«ئۆگۋادۇر تەلىماتى»ۋە باشقا ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ.) نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى؛ يېڭى ئېرا تەلىماتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى يالغۇز ئۇيغۇرنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىي بۇرۇلۇش ياسىشى ئۈچۈن يېڭى يول ۋە نەزەرىيە ئاساسى كۆرسىتىپ بەردى دېيىشكە بولىدۇ. شىۋىتسىيەلىك داۋۇد تومسون ياساپ چىققان ئونلۇق ئۆلچەملىك ئاتوم سائىتى، يېڭى ئېرا تەلىماتىدىكى ئونلۇق چۈشەنچىسىگە؛ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياسالغان 400گىرادۇسلۇق كومپاس قاتارلىقلار يېڭى ئېرا تەلىماتىدىكى چۈشەنچىگە تەققاسلانغانمۇ قانداق؟!بۇلرنىا يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئېھتىمال ئۆزباش ياكى باشقا دوستلىرىمىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قېىتىرقىنىپ ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن بولۇشى ، ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ يىل نامىلىرىبىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان پەلسەپىۋىي پىكىرلەرۋە قەدىمىي تىل مەنبەلىرى(تۈرك، ئەرەب، پارىس ،چاغاتاي تىللىرى) بىلەن چوڭقۇر تونۇشمىغان بولۇشى مۈمكىن. مەن ئۇنىڭ بىر ماقالىسىدە«پۇرسەتپەرەسلىك(机会主义)»نى«ئوپورتۇنۇسزىم»دەپ يازغىنىنى كۆرۈپ يىرىم كېچىدە تېلېفون قىلدىم ۋە رەنجىگەن پىتىم:ئەپەندىم نېمە دەپ ئىستىمالدىن قالغان تىل ئاتالغۇلارنى كۆپ قوللىنىدىلا؟ ئۇنىڭدىن كۆرەھازىرقى خەلق تىلىغا يىقىن تېرمىنلارنى ئىشلەتسەك بولمامدۇ؟ بۇ ياكى قەستەن«قالايمىقان قىلىش»، ئۆزلىرىنى بىلىملىك كىلاسسىك ئالىم قىلىپ كۆرسىتىشمۇ ؟دەپ قاتتىغراق سورىغىنىمدا ،گەرچە مېنى تولۇق قانائەتلەندۈرۈپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ ، جاۋابەن:بۇلارنىڭ ھەممىسى سېلى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلاردىلا ئەجداتلار ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تىل-مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىز ، بۇلارنى ھازىر كۆپ ئادەم بىلىپ كەتمەيدۇ، ئىستىمالدىن قالدى دەپ تارخنى كۆيدۈرۋەتكىلى بولماس. شۇڭا كىلاسسىكلىرىمىزدىكى تارختىن قەپ قالغان تىل-مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنى كۈنىمىزدىكى ئەلۋاتلارغا يەتكۈزۈپ ، ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە ئۇلاي دەپ شۇنداق قىلدىم. بۇمۇ مىللى مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزغا مەسئۇل بولۇشقۇ؟ بەزىلىرىنى ئىزاھلىماسلىقىمياشلىرىمىزمۇ تەييارتاپ- ھورۇن بولۇپ كەتمەي تەپەككۇر قىلسۇن ۋە ئۆگەنسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم، ئۇندىن باشقا ۋاقىت ۋەسەھىپە چەكلىمىسىمۇ بار تۇرسا،دېگىنى ئىسىمدە. كونىلار :“كۆپتۇر سېنىڭ بىلگىنىڭدىن بىلمىگىنىڭ، بىلىسەن ھامان ئۇنى ئۆلمىگىنىڭ!”دەيدۇ. ھىچ ۋەقەسى يوق، ھەركىم ئۆزى چۆككەن تەرەپلەردە ئالەمچە سۆز قىلىدۇ، چۆكمىگەن تەرەپلەردە بالىلەرچە گەپ قىلىدۇ. ئەمما، ھەركىم كۆڭۈل بۆلگەن ئىكەن ھامانئالتۇن بىلەن مىسنى ئايرىپ ئالالايدۇ. پىشقەدەم شائىرئىجتىھاتلىق ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدى سېنزورلىقى، ھۆرمىتىمدىكى ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن تەقرىز تەۋسىيەلىكى، ئالى مۇھەررىرقۇربان مامۇتنىڭ تەھرىرلىكىدىن ئۆتكەن بۇ ماقالىنى قىزىقىپ ئوقۇش بىلەن بىرگە، بۇ پىكىرلەرنى قىلىپ ، كۆپچىلىكنى بۇ بىلىش ئۇستىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تونۇش ھەققىدە تەۋسىيە قىلماقچىمەن. ئىشىنېمەنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز ئۆز يىرىمىزدىكى ئالىملارنى ئۆلگەندىن كېيىنكى باھالاشقا قالدۇرماي ھايات ۋاختىدا ئىككى ئېغىز راست گەپ قىلىشقا ئۈلگۈرىمىز. مەن پەقەت، بىر ئېغىز گەپنى تەكرارلايمەن: تېرىك «ئالىملار» ئىچىدىمۇ بىز باش ئۇرۇۋاتقان جەسەت كەبى «ئالىملار»مۇ باردۇر.
ئەمما شۇنىقاتتىق مۇراجەت قىلىش كىرەككى،قەقىنۇس ئەپەندىممۇئىلمىي ئىستىلىنى دەرھال تەپتىش قىلىپ ، ئىجادىيەتتىكى يىگانىلىك،سىتات ئالماسلىق(سىتات ئېلىش زۆرۆر بولسا چوقۇم ئېلىش كېرەك.بۇنىڭ ھىچ بولمىغاندا ئۈچ تۈرلۈك پايدىسى بار: بىرى، ئالدىنقىلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى ئەسكە ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ؛ يەنە بىرى، ئۆزىمىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان مەسىلىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئۈچۈنجى، شۇ ئاپتۇرنىڭ «قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا» بولماستىن، بۇ ھەقتە ئاز-تولا بىرنېمىلەرنى ئوقۇغان،بىرنېمە بىلىدىغانلىقىنىڭ بىر خىل دەلىلى بولالايدۇ)، ئىلمىي ھەمكارلىققا سەل قاراش ئېڭىنى تۈگۈتىشى؛ ئۆزىدىكى مول بىلىم خەزىنىسى ۋە ئۆزگىچە ئىلمىي مېتودىنى سېخىيلىق بىلەن ئەلگە تەقدىم ئېتىشى؛ ئىلمىي مەنتىقە ۋە ئىجادىيەتتىكى قالايمىقانلىق ۋە ھەممىنى بىراقلا تۆكمە قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئادىتىنى تۈگۈتىشى لازىم. بولۇپمۇ بىلىش مېتودى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىدىكى ئۆزگۈچىلىكنى سىستېمىلاشتۇرۇپ ئىلىم ساھەسىگە سوغا قىلىشى؛ ئۇقۇرمەنلەرنى كۆزىگە ئىلىشىنى ئۆگۈنىۋىلىشى، ئۆز يازمىلىرىنىڭ ئوبىكتى بولمىش ئۇيغۇرنىڭ ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشلىك كىشىلەر ئىكەنلېكىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىشى ؛ يازمىلىرىدكىمۈجمەل ھەم چۈشىنىكسىز تېرمىن –ئاتالغۇلار ۋە ئۆزى ئىجاد قىلغان –ياسىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىمكانقەدەرخەلق تىلىغا يىقىنلاشتۇرىشى،بەزى يېڭىتېرمىن –ئاتالغۇلارنى ئىخچاملاش ياكى ئاددىي چۈشىنىشلىك قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش مۈمكىنچىلىكى بولمىغاندا شۇ يازمىنىڭ ئاستى ياكى ئاخىرىغا مۇناسىپ ئىزاھات - چۈشەنچىلەرنى بېرىپ مېڭىشقا ئادەتلىنىشى كېرەك.
خوش! پەلسەپىنى كېرەك قىلىش كېرەكمۇ يوق؟ دېگەن مەسىلىنىڭ ئۆزىمۇ بىر پەلسەپىۋىي مەسىلە بولۇپ،بۇنىڭدىن پەلسەپىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرى ۋە مەۋجۇتلىقىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. پەلسەپە ــــــ تەبىئەت ، جەمئىيەت قانۇنلىرى توغرىسىدىكى بىلىش، بىلىمنىڭ ئۆز قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش(تەپەككۇر قىلىش) توغرىسىدىكى قانۇنىيەتلەرنى ئومۇملاشتۇرلۇپنەزەرىيەلەشتۈرۈلگەن ، سىستېمىلاشتۇرۇلغان دۇنيا قاراش بولۇش سۈپىتى بىلەنئىنسانلارنىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، تەپەككۇرىغا قەدەر چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، كىشىلەرنىڭ دۇنيا قاراش ،كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ، ياشاش ئۇسۇلىنى لايىھەلەپ، شەخسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا نىسبەتەن بەلگىلەش رولىنى ئۆتەيدۇ. پەلسەپە بىلەن كونكىرتنى پەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە، پەلسەپە كونكىرتنى پەنلەرنى ئومۇمىي نەزەرىيە ۋە بىلىش مېتودى بىلەن تەمىنلەپ ،كونكىرتنى پەنلەرگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ؛ كونكىرت پەنلەر پەلسەپىنى ئىلىم-پەن ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ، پەلسەپىنىڭ ئىلمىيلېكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئىلىم-پەن، پەلسەپە تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مىساللار ناھايىتى كۆپ. فارادىي بايقىغان ئېلىكتېر ماگىنىت ئىندۇكسىيە قانۇنىيىتىگە ئاساسەن كىشىلەر گېنراتورنى ياساش بىلەن بىرگە، ماگىنت –توكتىن ئىبارەت باغلىنىشلىق بىر پۈتۈنلىككە نىسبەتەن شەيئىيلەر ئومۇمىي باغلىنشلىق ئىچىدە مەۋجۇت بولىدۇ، زىدىيەتلىك ئىككى تەرەپ مۇئەييەن شارائىتتا بىر-بىرىگە ئايلىنىدۇ، دېگەن پەلسەپىۋىي قائىدىگە ئاساسەن ماگىنىت مەيدانى توك ھاسىل قىلالىغان ئىكەن، ئۇنداقتا توكمۇ ماگىنىت مەيدانى ھاسىل قىلالايدۇ دەپ قاراپ، ئەمەلىي قوللىنىدىغان ئېلىكتېر ماتورنى ياساپ چىقتى؛ ئوكسىگېن(oxygen) بىلەن ئوزون(ozone)نىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوكسىگېن ئىلمېنېتىدىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، بىر مولېكولاسىدىكى ئوكسىگېن ئاتومىنىڭ سانى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئوخشاش بولمىغان ماددىغا تەۋە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان خىمىيەلىك خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئالاھىدە ئەھۋال شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ئىچكى ئامىل تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، دەيدىغان پەلسەپىۋىي يەكۈننى ئىسپاتلايدۇ. پەلسەپە ئومۇمىي قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارسا، كونكىرتنى پەنلەر ئالاھىدە قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بارىدۇ. پەلسەپە بىلەن كونكىرت پەنلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۆزگىرۈش قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ۋە بىلىش بولۇپ، پەلسەپە ئومۇمىي جەھەتتىن، كونكىرتنى پەنلەر ئايرىم دائىردىن تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.دېمەك،«ئۇيغۇرلارغا پەلەسەپە كېرەك مۇ يوق؟» دېگەن مەسىلە ئۇيغۇرلار دۇنيانى بىلىشى كېرەكمۇ يوق؟ تەپەككۇر قىلىشى كېرەكمۇ يوق؟ دېگەن مەسىلىگە ئېلىپ بارىدۇ. يەكۈن شۇكى ، پەلسەپە كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىشىدىكى كۈچلۈك قورالى بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىلىم-پەن تەتقىقاتى، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر تەرەققىياتىدا غايەت زور رول ئوينايدۇ.

2. پەلسەپىگە تۇتۇلغان خاتا پوزىتسىيە

بىرىنچى، پەلسەپىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇماسلىق. تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر بارغانسىرى پەلسەپە ئۆگىنىش دېسە بېشى ئاغرىيدىغان، پەلسەپە ئۆگىنىش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىشى دەپ قاراپ، ئۆگەنمەيدىغان بولۇۋىلىشتى.ئەمەلىيەتتە، جەمئىيەت ۋە ھەر بىر شەخسنىڭ تەرەققىياتى پەلسەپىۋىي تەپەككۇردىن ئەسلائايرىلالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىنگىلىس: ”بىر مىللەت قەد كۆتۈرىمەن دەيدىكەن بىر مىنۇتمۇ نەزەرىيەۋىي تەپەككۇردىن ئايرىلماسلىقى كېرەك “دەيدۇ.
ئىككىنچى، پەلسەپىۋىي قائىدىلەرنى دوگما ھالەتتە چۈشىنىۋىلىش، چوڭقۇرلاپ ئەقلىي مۇلاھىزە قىلماسلىق، ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا ئىغىپ كېتىشلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا پايدىسىز. ماددا بىلەن ھەركەت (ئېنىرگىيە ،تەسىر)نىڭ مۇناسىۋىتىدىن بىلىشكە بولۇدىكى، ماددا بىلەن ھەركەت ئايرىلماس بىر پۈتۈنلىككە ئىگە، ماددا بىلەن ئاڭمۇ ئوخشاشلا ئايرىلماس بىر پۈتۈنلىككە ئىگە. ماتىريالىستىك دىئالىكتىكا ئاڭ مېڭىدىن ئىبارەت ئالاھىدە ماددىنىڭ فونكىسىيەلىك ھەركىتى دەپ قارايدۇ. ماددىدا ھەركەت ۋە ئىنكاس(تەسىر) بولىدۇ؛ ماددا بىلەن ئىنكاس ئايرىلماس بىر پۈتۈنلىك، ماددا بىلەن روھ ۋە ئاڭمۇ ئايرىلماس بىر پۈتۈنلىك. مۇئەييەن شارائىتتا ماددا ئىنكاسنى، مۇئەييەن شارائىتتا ئىنكاس ماددىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارىغاندا، ماددىلار ئارىسىدىكى خىمىيەلىك تەسىر ئۆز ئارا ئىنكاسدىن ئىبارەت بولۇپ، يېڭى ماددا ھاسىل قىلىدۇ. يادرولارنىڭ يىغىلىشى ۋە يىمىرلىشى بىر خىل سىرتقى كۈچنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، يېڭى يادرولار ھاسىل بولىدۇ. يەنىي ئىنكاس(تەسىر) يېڭى ماددا ھاسىل قىلىدۇ. ماددا بىلەن ئاڭ مۇئەييەن شارائىتتا بىر-بىرىنى بەلگىلەيدۇ. ماددا بىرلەمچى ئاڭ ئىككىلەمچى قارىشى دوگما ھالەتتە چۈشىنىلسە ماددىغا ئەھمىيەتبىرىپ ئاڭغا سەل قاراش خاھىشى كېلىپ چىقىپ، كىشىلەردە ماددىي مەنپەئەتكە جىنىنىڭ بارىچە بىرىلىش، غايە-ئېتىقادى سۇسلىشىش، چىرىكلىشىش، ئەخلاقنىڭ يىمىرلىشى قاتارلىق روھى كىرزىسلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، غايە-ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، ئەخلاقى تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ، سىياسى ئېتىكا ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار سىياسى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. ئىدىيالىستىك پەلسەپە روھ ماددىدىن مۇستەقىل تۇرىدىغان پەلسەپىۋىي كاتىگورىيە دەپ قاراپ، روھ بىلەن ماددىنىڭ بىرلىكىگە سەل قارىدى. ئۇلار يارىلىش قىسسىسىدىكى ئادەمنىڭ تۇپراقتىن ئىبارەت ئالاھىدە ماددىدىن ھاسىل بولغانلىقىنى بولسىمۇئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، ئىدىيالىزىملىق پەلسەپە يىتەكچىلىگىدىكى جەمئىيەتلەر بولسا پەن-تېخنىكا ۋە ماددىي ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردە تولىمۇ ئارقىدا قېلىپ ، ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى يوقاتتى. دەل شۇ سەۋەبلىك، ئۇلارمەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات رىقابىتىدە ئۆزلىرىگىمۇ ئىگە بولالماي قالدى. بۇنى بۈگۈنكى ئىراق ۋە ئافغانىستانلارنىڭ نۆۋەتتىكى رىئاللىقىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.پەلسەپە ئىدىيەسىنىڭ ئوبىكتىپ چىنلىققا ئۇيغۇن بولماسلىقى تەپەككۇر مەجرۇھلىقى، نادانلىق، نامراتلىق ۋە ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن چىرىكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن ، پەلسەپىۋىي زىدىيەت پەيدا قىلىپ، زىدىيەتتىن پىكىر ئىختىلاپلىرىغا، پىكىر ئىختىلاپلىرى توقۇنۇش ۋە ئىناقسىزلىققا ئىلىپ بارىدۇ. ئالايلۇق، پىروفېسسور خانتڭتوننىڭ «مەدەنىيەتلەر توقونۇشى ۋە دۇنياۋىي تەرتىپىنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى(文明冲突与世界秩序的重建,The Clash of Civilizations and the Remaking of world Order)» دېگەن ئەسەردە مەقسەتلىك ھالدا، مەدەنىيەت دېگەن ئىناقلىقنىڭ مەنبەسى دەپ كۆرسەتمەستىن، توقۇنۇشنىڭ يىلتىزى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پەلسەپە جەھەتتىكى بۇ بىر خاتا يىتەكلەشنىڭ تەسىرىدىلا ئىنسانلار ئارابىر تالاي ئارازلىقلاركېلىپ چىقىپ ، يەرشارىنىڭ تىنچلىق -تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندائامېرىكىلىقلارنىڭ تارتقان زېينىدىنئېرىشكەن ھەر تەرەپلىمە پايدىسى كۆپ ئارتۇق بولدى. تارختا مۇنداق مىسال ۋە ئاچچىق ساۋاقلار ئاز ئەمەس.بىزنىڭ بۇ يەر شارىمىزدائىنسانلار قان قېرىنداش(خىرىستىئان ۋە ئىسلام مەدەنىيەتلىرىدىمۇئىنسانلارنى ئوخشاش بىر ئەجدات__ ھەزرەتى ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ پەرزەنتىلىرى دەپ قارايدۇ) دەيدىغان ئىناق مەدەنىيەتنى يارىتىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ پەلسەپىۋىي ئىدىيەسى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئۇيغۇن كېلىشى، پىكىر ئىختىلاپلىرىنىئوبىكتىپ چىنلىقنىڭ ماھىيىتىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ يۈزلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
ئۈچۈنچى، پەلسەپىۋىي تەپەككۇر قىلماسلىق. زەھەرلىك چىكىملىك، قىمار قاتارلىق بىمەنە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى پەلسەپىۋىي تەپەككۇر قىلىپ ،شۇ بويىچە ھەركەت قىلىدىغانلار دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ ئۇلار پۇلغا زەھەر سېتىۋىلىپبىباھا تېنى زەئىپلەشكەندە بولسا يەنە پۇلغا داۋالانماقتا؛ قىمار ئوينايدىغانلار ئازغىنا پۇل ئۈچۈن قىممەتلىك ئۆمرۈنى ئىسراپ قىلماقتا، نامراتلىشىپ مادارىدىن كەتكەندە بولسا ،ئۇنى ئۆزىدىن كۆرمەي جەمئىيەتكە دۆڭگەپ قويماقتا؛ رايون توقۇنۇشلىرى ،«مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى» دېگەندەكلەر يەر شارىنىڭ تېنچلىقىغا تەھدىت بولۇپ تۇرماقتا. ئىنسانلار ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىش ھەققىدىكى پەلسەپىۋىي ئىدىيەنى تىكلەپ، بىرلىكتە ئىناق ياشايدىغان بولسا، دۇنيادىكى ھەربىي ئىشلارغا ئاجرىتىلىۋاتقان خىراجەت مائارىپ پەن-تېخنىكا ، سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ۋە خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغائىشلىتىلىدىغان بولسا دۇنيادا بىرمۇ ئادەم ساۋاتسىز قالمىغان، بىرمۇ ئادەم بىئەجەل ئۆلۈپ كەتمىگەن، بىرمۇ ئادەم ئىشسىز قالمىغان، بىرمۇ ئادەم نامرات قالمىغان بولاتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەنە كىملەر بىلەن كىم، قايسى مەدەنىيەتلەر بىلەن قايسى مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشۇپ يۈرۈيدۇ؟!
تۆتىنچى، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكىلەرنىڭ پەلسەپىۋىي ئىدىيەلەرنى تەتقىق قىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇشى ، ئىلغار ئىدىيەلەر بىلەن خەلقنى تەربىلىشى يىتەرسىز بولماقتا. خىلمۇ-خىل كىرزىسلار ، جۈملىدىن كېلمات ئىللىپ كېتىش، مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى، ئەيدىز كېسىلى قاتارلىق ئاپەتلەر ئىنسانلارنىڭ ماددىي مەنىۋىي تۇرمۇشىغا تۈرلۈك يېڭى خىرىس ۋە تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكىلەرنامراتلارنىڭ نامراتلىق ئازابىنى تەسۋىرلىگەندە، تىرىشىپ ئۆگىنىش ۋە ئىشلەش ئارقىلىق باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغان باي ئىدىيەنى بىرلىكتە ئۆگۈتىشى كېرەك. مەئىشەتنى تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە ، خىرستىن ئاگاھلاندۇرۇشى، كىرزىسنى تەسۋىرلەش بىلەنلا قالماي، كىرزىستىن قۇتۇلۇشنىڭ پەلسەپىۋىي يولىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، كىشىلەرنى ئالەملىك نەزەر ،دۇنياۋىي ئاڭغا ئىگە زاماندارقىلىپ تەربىيەلەشكە ماھىر بولۇشلىرى لازىم. بۇ يەردە «2012-يىلى» ناملىق فانتازىيەلىك فىلىمنى مۇشۇ تۈردە دادىل يېڭىلىق ياراتقان ۋە ئۇتۇق قازانغان نادىر ئەسەردىيىشكە ھەقلىقمىز. چۈنكى خىرىستىئان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشلىك بۇ فىلىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قويۇلغاندىن كېيىن غەرب دۇنياسىدىكى غايە-ئېتىقادسىزلىق ۋە ئەخلاق قورغىنىنىڭ يىمىرلىش ھادىسلىرىگە قارىتا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىنكىشىلەر ئۆز قىلمىشلىرىنى قايتىدىن تەپتىش قىلىپ،ئۆز ئارا مىھرىبان بولۇش، خەيرى-ئىھسان قىلىش، مۇھىتنى ئاسراش ، مەنىۋىي تاكاممۇللىققا ئىتىبار بىلەن قارايدىغان بولۇشقاندىن باشقا، ھەتتا خىرىستىئان مەدەنىيىتى بىلەن ئانچە ئىناق ئۆتەلمەيۋاتقان ئىسلام مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشلىك كىشىلەردىكى يىرىك مۇناسىۋەتلەرنى ئىللىتىش ،مۇھىت ۋە كېلىمات مەسىلىلىرىدە بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىدى.
بىر ئاپتومۇبىلغا بىردىن ئولتۇرىدىغانلار بىر قەدەم يەرگىمۇ ئاپتۇموبىل بىلەن بارىدىغانلار كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭمۇ ھەققى بولغان بايلىق ۋە ئېنېرگىيەنى خورىتىش بىلەن بىرگە ، مۇھىتقا كۆپ مىقتاردا بۇلغۇما قويۇپ بېرىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، كېلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يەرشارىنىڭ ھالاكىتىنى تىزلىتىش بىلەن بىرگە ، يۇقىرى ئېنىرگېيەلىك يىمەكلىكنى كۆپ يەپ ئىستىمالغا چۇشلۇق ئەمگەك - ئىختىرا قىلمىغانلىقتىن،قاندا ماي ئۆرلەپ كېتىش، دىئابىت قاتارلىق كىسەللىكلەرنى تىپىۋىلىپ ئۆزلىرىنىڭمۇ ھالاكىتىنى تىزلەتمەكتە. بۇنداق ئىسراپخورلارغائىستىمالغا يارىشا (يىگەن نانغا چۇشلۇق) ئەمگەك –ئىختىرا قىلىش ، ئىلمىي ھايات مەدەنىي تۇرمۇشقايىتەكلەنسە ، بايلىق تىجەلگەننىڭ ئۈستىگەئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى ئۆسكەن، تۆۋەن سەرپىيات يۇقۇرى ئۈنۈملۈك ياخشى سۈپەتلىك بايلىق ئېنىرگېيە ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولاتتى.
بەشىنچى، پەلسەپە تەتقىقاتىدا چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئورنىغاكونا ئۇقۇملارغا يىپىشىۋىلىش خاھىشى ئېغىر. پەلسەپە ئىنسانلارنىڭ ياۋايى تۇرمۇشتىن ،ياۋايىلىقتىن ، ۋەھشىيلىك ۋە رەزىللىكتىن قۇتۇلۇپروھى ۋە ماددىي جەھەتتىن باياشاتلىققا، گۈزەللىككە ، مۇكەممەللىكە ئېلىپ بارىدىغان قىممەتلىك ئەنگۈشتەر. ياۋايى ئىنسانلار بىر-بىرىنى يەيدىغان ئىپتىدائىي دەۋرگە نىسبەتەن دىنىي پەلسەپە بولغان بۇددا دىنى گۆش يىمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانلارنى ئۆز خىللىرىنى يىمەيدىغان مەدەنىيلىككە ئېرىشتۈردى. ئىسلام دىنى بىر قۇلنى ئازاد قىلىش، بىر نامراتنى تويغۇزۇشنىمۇ كاتتا ئىبادەت ھىساپلاپ ، ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشكە ۋە خەيرى –ئېھسان قىلىشقا ئۈندەپ، ئىناق ياشاشقا ، ئىنسانپەرۋەرلىككە، مۇھىت ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلدى. سوتسىيالىزىم تەلىماتى بايلىقلارنى ئادىل تەقسىملەپ ئېزىش-ئېزىلىش بولمىغان باراۋەر دىمىگۇراتىك ، ئىناق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىشقا چاقىردى. دىنىي ئىدىيەلەردە قىسمەن بىر تەرەپلىمىلىكلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، سوتسىيالىزىم تەلىماتلىرى بىلەنبۇ جەھەتتە ئىچكى باغلىنىشقا ئىگە. ھەر قايسى قاتلام كىشىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن قانچىلىك خەۋەردارئىكەنلىكى نامەلۇم. ئەڭ ئېغىر بولغىنى، ئادىىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكىلەر، جۈملىدىن، ئەدىب، سەنئەتكارلارنىڭ پەلسەپىنى ياخشى بىلمەسلىكى ، چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ ئۆگەنمەسلىكى، تۈپەيلى ھىس-ھاياجان بىلەن يېزىقچىلىق قىلىپ، ئاۋامنى تەربىلەش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلماسلىقى كېشىنى ئىچىندۇرىدۇ.

3. چىنلىقنىڭماھىيىتىنى توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن پەلسەپە سىتېمىسىنى تۇرغۇزۇش قەدىمىنى تىزلىتىش كېرەك

دۇنيادا ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى ئەيدىز كېسىلى، گېن قوراللىرى، يادرو ئۇرۇشى، نامراتلىق بولماستىن، بەلكى خاتا ئىدىيىنىڭ پەلسەپە سۈپىتىدە ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىپ قىلىشىدۇر.   ـــــــــ ئابدۇشۈكۈر سىدىق
كۈنىمىزدىكى كىشىلەر ئالىقانداقتۇرتولىمۇ «ئەمەلىيەتچىل» بولۇپ كەتتىي بوغاي ،مىلتىقنىڭ ئوقىدەك گۇم قويسا دوڭ تېگىپ «ئەمەلىي ئۈنۈم بەرمەيدىغان» ئەمما بارلىق پەنلەرنىڭ سەردارى بولغان پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە ئۆگىنىشىگە بولغان تونۇشيىتەرسىز بولغانلىقتىن ، پەلسەپە ئۆزنىڭ بارلىق پەنلەرنىڭ يول باشچى ۋە يىتەكچىسى بولغان ئۆز خاسىيىتىنى يوقاتتىمۇ ياكى قۇيرۇق چۆرۈگۈچ بولۇپ قالدىمۇ ؟دېگەن مەسىلە ئادىمىيەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ جىددىي ئويلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. پەلسەپە ئىدىيەسى ئەسلىدە ئوبىكتىپ چىنلىقنىڭ ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى كېرەك ئىدى.سىنىپىي جەمئىيەتتە پەلسەپە ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش قورالى بولۇپ، ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭمەنپەئەتى ۋە ئىددىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ كەلدى.ۋاھالەنكى، قۇللۇق جەمئىيەتتىكى قۇل ئۆز خوجايىنى ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەكدېگەندەك ئىدىيەلەر پەلسەپە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلۈپ قانچىكى پەردازلانسىمۇ ئۇ ھەقىقىي پەلسەپە بولالمايدۇ. پەلسەپە چىنلىقنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئالەملىك ئومۇمىي ھەقىقەتلەرئارقىلىق تۈرلۈك كونكىرت پەنلەرگە يىتەكچىلىك قىلىشى، ئىنسانلارنى مۇكەممەلۋە ساغلام تەپەككۇر قىلىشقا يىتەكلەشنى، روھىي تاكاممۇللىققا ، يۈكسەك مەدەنىيەتلىك ۋە باياشات تۇرمۇشقا ، ئىناق ئاسايىشلىق دۇنيا بەرپا قىلىشقا يىتەكلەشنى مەقسەت قىلغاندىلائاندىن توغرا يۆنىلىش بويىچە ماڭغان ۋە ئۆزىنىڭ تەرەققىيات رېلىسىغا چۈشكەن بولىدۇ.بۇنداق پەلسەپە ئىددىيەلىرى ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات تارىخىدا تەدرىجى توپلىنىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئىدىيە مەدەنىيەت خەزىنىسىنىشەكىللەندۈردى؛ ساكيامۇنىدىنخرتىستوس(ئەيسا روھىللا)، مۇھەممەد ئەلەيھىيسالامغىچە، ماركىسىزىم كىلاسسىكلىرىنىڭ جەۋھىرى ۋە راۋاجى بولغان ماركىس، ماۋ زېدوڭ، دېڭ شىياۋپىڭئىدىيەلىرى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»،«ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى»گە قەدەرھەممىسىدىلا مولپەلسەپە جەۋھەرلىرى بار. بىز بۇلارنى نىمىشقا سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ ئۆگەنمەيمىز؟! ھەم ئەمەلىيەتكە تەدبىلاش ۋە بۇلار ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەپ- يىتەكلەشكە ماھىر بولالمايمىز؟! بۇھال ھەرقانداق مەسئۇلىيەتچان ئىلىمدارنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. ئەلۋەتتەبۈگۈنكى پەلسەپە ھەققىدە گەپ بولۇۋاتقاندا، بىز ئۈن-تىنسىز ئەجىر قىلىۋاتقانئۇستاز ئىسلامجان ئىسلامجان شىرىپ بەشكىرەمى ۋە ئۇنىڭ «تالانتشۇناسلىق»، «ئىجادىيەتشۇناسلىق»تىن تاكى«ياشاش سەنئىتى» (دىۋانۇ ئۆگلۈك)كە قەدەر بىر قانچە يۈرۈشلۈك ، بىر پۈتۈن ئىدىۋىي سىجىللىق ۋە سىستىمىلىققائىگە بولغان كاتتا ئەمگەكلىرىگە تەشەككۇر ئېيتماي بولمايدۇ. بولۇپمۇئۇنىڭ«ياشاش سەنئىتى» دۆلەت، جەمئىيەت،شەخس قاتارلىقلارنىڭ ئۆگلۈشىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇلارنى نەزەرىيەلەشتۈرۈپ ئومۇملاشتۇرغاندا ھازىرقى زامان پەلسەپەسىنىڭ يېڭى تەرەققىيات مەنزىلىنى ياراتقىلى بولىدۇ. بۇ زاتنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى(تېخىمۇ توغرىسى ھەزارەت،يۈكسەك ۋە ئالى دەرىجىلىك مەدەنىيەت دېيىش كېرەكىدى)گە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ، ئىلمىي ئىدىيە ۋە ئىلمىي مېتودنى پۇختا ئىگەللىگەن ئەجداتتىن ھالقىغان زاماندار پەيلاسوپ دىيىشكە ھەقلىقمىز. چۈنكى ئۇ ئىلىمىزدىكى تۇنجى مەخسۇس ئۇيغۇر نەشىريات:«قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى»نى قۇرۇش لاھىيە-تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ دوكىلات سۇنۇشتىن تەييارلىق كۆرۈش، قۇرۇش ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر نەشىرياتچىلىقىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىش ۋە بىر تۈركۈم ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ چىقىشتىن باشقا، بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىزدىنش ئارقىلىق بۈگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ ياشاش پەلسەپە سىستېمىسىنى تۇرغۇزدى.ئۇ يازغان «ياشاش سەنئىتى» (دىۋانۇ ئۆگلۈك) ناملىق يۈرۈشلۈك ئەسىرىنىڭ ئىجادىيەت ۋەئۆگلۈك ۋادىلىرىدا قانداق قىلىپيەككە ئادەمنىڭ چىرىگەن بىلىم زىندانلىرىدىن قۇتۇلۇپ ئۆزلۈك①تىن ھالقىغان زاماندار ئۆگلۈك② بولۇش ۋە ئۆگلۈشىش③تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىي كامىللىققا يىتىشنىڭ بىر يۈرۈش قائىدە پىرىنسىپلىرى، قەدەم باسقۇچلىرى ۋە كونكىرتنى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قىسقىسى ئۇ كىتاب چەتئەلنىڭ ياكى كۇڭزى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋەياكى ئۆزلەشتۈرمە ئەسەربولماستىن ، مىللىي ھەزارەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ ئوخشاش سەۋىيەسىدىن،ھەتتا ئەجداتلار سەۋىيەسىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەنئۇيغۇرغا خاس دۇنياۋىي سەۋىيەدىكى پەلسەپىۋىيئەسەر دىيىشكە بولىدۇ.”ئۇنىڭدىكى ئاساسىي ئىدىيەلەر ۋە پىكىر سىستېمىلىرىنى خارۋارد، ئوكىسفورت، كېمبىرج ، ئەزھەر ئۇنۋىرستلىرىنىڭ ئىلىم مۇنبەرلىرىدە لىكسىيە قىلىپ سۆزلىسە   ئوخشاشلا قارشى ئېلىنغۇدەك كاتتا ئەسەر.(بۇ ھەقتە مەن بۇندىن ئىلگىرى مەخسۇس ماقالە يازغان بولغانلىقتىن، تېخىمۇ تەپسىلاتلارنى شۇ ماقالىدىن كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن) ئىلىمىز ئاساسىي مائارىپى ۋە ئالى مائارىپىدا ئىجادىيەتشۇناسلىق ئىلمىي دەيدىغان مەخسۇس پەن تەسىس قىلىش ،ماگىستىر مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئۇنىڭ ئىجادىيەت ۋەئىددىيەلىرىنى سىڭدۈرۈپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. قىسقىسى، بۇندىن ئىلگىرىكى بۇ ساھەدىكى ئىلىمدارلىرىمىز مەيلى قانچىلىك ۋە قانداق ئىلىم بەرگەن بولمىسۇن، ئىش قىلىپ ئۇلار بىزگە «قان» (بىلىم) تەقدىمقىلغان بولسا ، ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى«قان»(بىلىم) ياساش ئۇسۇلى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆگىتىدۇ. ھەرقانداق ئىدراكى ئادەم «قان بېرىش» بىلەن«قان ياساش ئىقتىدارى»دىن قايسىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇلارنىڭ قىممىتىنى چوقۇم ئاڭقىرالايدۇ.
ئىزاھات :ئۆزلۈك①:ئىنساننىڭ ئىنتىنگىراپىيەلىك مىللەت باسقۇچىدىن باسقۇچىدىن، ئىجتىمائى –مەدەنىي مىللەت باسقۇچىغا ئۆتۈش مۇساپىسىدىكى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى دەسلاپكى ھېس قىلىش ، ئادەم مېڭىسىدە ئۆزىنى بايقاش، ئۆزىنى تونۇش ، ئۆز مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش ۋە كۆرەش قىلىش ئېڭى ئەمدىلا شەكىللەنگەن، ئۆزىنى تونۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستىكى شەكىللەنگەن دەسلەپكى ئويغۇنۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەمنىڭ ئۆزىنى تونۇش ۋە ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئۆتكۈنچى باسقۇچ بولۇپ ، ئۇ تولىمۇ شەخسىيەتچى كېلىدۇ. بىراق ، ئۆزىنى تونۇپ ئۆگلۈككە ئۆتۈش ۋە ئۆگلۈشۈشنىڭ تۆۋەنكى باسقۇچى بولۇپ ، بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇھىم قەدەم باسقۇچ ئەمما كۈچەپ تەكىتلەشكە ئەرزىمەيدۇ.بىلىش مېتودى جەھەتتە ھېچنىمىگە چوقۇنماي ۋە ھېچكىمنى دورىماي ئۆز كۆڭلىدىن ئەقىل قازغۇچى دېمەكتۇر؛ئۆگلۈك②: ئۇ ئىنساننىڭ بارلىق زېھنىيەت قاتلاملىرىنى بىلگۈچى ۋە باشقىلارنىڭ ئاجىزلىق (خاتالىقى) نى ئۆزىدە تەكرارلىمايدىغان، ھۆر ئەقىللىق، كامالەتلىك، پەزىلەتلىك، ئالىيجاناب – ئىنسانپەرۋەر، پاراسەت ۋە جاسارەت ئىگىسى بولغان، ئۈزلۈكسىز مول ئىختىرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۆزىنىمۇ ئۇنتىمىغان ھالدا بارلىقىنى باشقىلارغا بىغىشلىغان، زاماندار ئاڭغا ئىگە، مۇنەۋۋەر ئىنساننىڭ ئۆلگۈسىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، "" دەل تارىخىمىزدىكى ماشايىخلار قوغلاشقان«ئىنسانىي كامىللىق»نىڭ دەرۋىمىزدىكى ئوبرازىدۇر. شۇڭا ئىنساندا تەبىئىي(تەبىئىەت) قانۇنىيەتلەرگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىدىغانپەزىلەتلىرى بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە.رىغبىتى ئىنساننىڭ ئەقلى سەپىرىگە ماياكتۇر.__ كىملىكنى تونۇش مۇساپىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ۋە ئالىي ئىنتىلىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ ھەم ئومۇمىي دائىرىلىك بولغان ئالەملىك ماكرو نەزەر، دۇنياۋى ئىلىم ئوربىتىسىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى كۈزىتىش ۋە ھەل قىلىش جەھەتلەردە ئۆزلۈكتىن ناھايىتى ئەۋزەل ۋە يۇقىرى تۇرىدۇ؛③ئۆگلۈشىش: (ئۆزىنى مەركەز قىلىۋىلىش، شەىسىيەتچىلىك ئېڭى)نى يېڭىپ، زامان، ماكان تەلىپى بويىچە تەبىئەت ،جەمئىيەت ھەتتا ئالەملىك بىرلىك ئىچىدە ئۆزىنى تونۇش،ئۆز ھەركىتىنى تەڭشەشتەك ئالاھىدە ئاڭ ۋە ھەركەت پىسخىيكىسىدىن ئىبارەت. كونكىرتلىغاندا، ئۆگلۈككە قاراپ كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ روھى ھەم رىئال ھەركەت مۇساپىسى ۋە خۇسۇسىيىتىدۇر.

جەمئىيەتشۇناسلىق(Sociology)نىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسچىسىدىن بىرى بولغان ئېمىل دۇركھېم(Emile Durkheim) “جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ئاساسى مەقسىدى يالغۇز يوقالغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ پورمىسىنى چۈشۈنىش ۋە يېڭىباشتىن قىزىشلا ئەمەس، بۇنىڭ ئەكسىچە، بارلىقدەلىللىگۈچى پەنلەرگە ئوخشاش بىزگە بىر غىرىچچە يەردە يىقىن تۇرغان ۋە شۇ تۈپەيلى ئىدىيە ۋە ھەركىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان رىئال ماۋجۇدىيىتىمىزنى شەرھىيلەشتىن ئىبارەت. بۇ ماۋجۇدىيەت ئادەمدۇر. تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان ئادەمدۇر.” دەيدۇ.ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمىنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە مەخسۇس جەمئىيەتشۇناسلىق دېگەن نام بىلەن ئاتالمىغان بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئادەمنى، ئەقلىنى، ئادەمنىڭ ئىجادىي قۇدرىتىنى ، يەنە كېلىپدەلمۇ دەل ئىجادىيەت دەۋرىدىكى ئادەمنىڭ ساپاسىنى تەتقىق قىلغانلىقى، بۇ ھەقتىكى دۇنياۋىي تەلىماتلارنى مىللىي مۇھىتقا ئۆزلەشتۈرسە، مىللىي مۇھىتىمىزدىكى تەلىماتلارنى ھازىرقى دۇنياۋىي سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ ياشارتقانلىقى بىلەن ئادېمىيەت پەنلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىگە يېڭى قان تولۇقلىغان. يەنىي ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تارىخ بىلەن رىئال دۇنيا ، مىللىيەتلىك بىلەن دۇنياۋىي پەنلەر شۇنداق گىرەلىشىپ كەتكەنكى، ئەگەر بىز بۇنىڭغا«ياشاش سەنئىتى»نىڭ تۆت تومىنى دەلىل قىلساق ، بۇ ئەسەر گويا بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ جىسمىدىن پۈتكۈل ئىنسانلار مەۋجۇدىيىتىگە قاراپ سىزىلىۋاتقان خەرىتە سۈپىتىدە بىر ئەقىل يورۇش ئېلىپ كېلىدۇكى، بىز ئۆزلۈگىمىزدەبىلىمۋە تەجرىبە نامىدا ئۇيۇپقالغان نۇرغۇن مەنىۋىيكىر-توڭۇرلارنى يۇيۇپ –تازىلاپ، ئىجادىي ھاياتقا قەدەم باسىدىغان يېڭى يولنى بايقاپ ئالالايمىز.بۇنىڭدا بىر نۇقتا بارىكى،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسەن زىھنىيەت، ئىجادىيەت ئالىمىگە قارىتىلغان بولۇپ، بىلىم ئىگىلىكى ئىراسىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدار كىرزىسلىرىدىن قۇتۇلۇپ زاماندار ئىختىراۋىي قوۋملەردىن بولۇشقا يول ئاچقان تامامەن يېڭى بىر سىستېمىدۇر. بۇنى مەلۇم مەنىدە ئۇيغۇر مۇھىتىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىجادى ئىزدىنىش دېيىش مۈمكىن.
يىغىپ ئېيتقاندا بىز ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئۆز ئالىملىرىمىزنى «تىرىكلىكىدە تونۇماي ئۆلگەندىن كېيىن يىغلاپ» يۈرسەك بولمايدۇ. بۇ ھەقتە بۈيۈك مۇتەپەككۇر، شائىر، پەيلاسوپ مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى مۇنداق دەپ قارايدۇ:« ساپالىق ئەل ئۆز ئالىملىرىنى قەدىرلەيدۇ ، نادانۋە پاراسەتسىز ئەل ئۇلارغا دىشۋارچىلىق سالىدۇ . بىر ئەلنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى مۇشۇنىڭدىن بىلگىلى بولىدۇ.... ؛ نادان خەلقتىن تەڭرى بىزار، ئۇلار ھامان تەڭرىنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ، بۇنداق ئەل مەڭگۈ روناق تاپالمايدۇ.....»مېنىڭچە،«ياشاش سەنئىتى»نىڭ” گەۋدىلىك تۆھپىسى ۋە ئىلمىي قىممىتى يۇقىرقىلاردىن باشقا، يەنە مۇنداق ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۈمكىن. بىرىنچىدىن، بۇ ئەسەر ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل-ئىدراكى ۋە ئىلىم-پەن ئىجادىيىتىنىڭ مەنىۋىي مەنبەسى، ئادىمىيلىك ئەخلاقى- پەزىلىتىنىڭ مىزانى بولغان مۇقەددەس ساماۋىي(ئىلاھىي) كىتابلاردىن، فارابى ، يۈسۈبخاس ھاجىب،مەھمۇد كاشغەرىي باشچىلىغىدىكى كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئىدىيەلىرىنى ھەزىم قىلىپ ۋە ئىجادىيئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى زاماندارلىققا –دەۋر روھىغائىگە قىلىشنى ئۆزىگە باش مەنبە ۋە تۈپ يىتەكچى قىلغان كاتتائىجادىي ئەمگەك بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجادىيەت ۋە ياشاش پەلسەپەسى جەھەتتىكى بىربۆسۈشۋەھالقىش خاراكتېرلىكئىلگىرلەشتۇر؛ئىككىنچىدىن، پۈتكۈل ئەسەر يەتتە ۋادا بويىچە ئىنسان دېگەن نېمە؟ ئۇ نىمىگە بۇيرۇلدى؟ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ خەلىپىسىسۈپىتىدە شۇنچىۋالا ئۇلۇغ قىلىپ يارىتىلدى؟ئۇ ئىنسان زادى قانداق ياشىشى كېرەك؟ دېگەندەك چوڭقۇر قاتلاملىقپەلسەپىۋىي مەسىلىلەرگەبىر قەدەر سىتېمىلىق جاۋاب بېرىپ،ئىنساننىڭ دىلىنى يورۇتۇش، روھى مەجرۇقلۇقتىنقۇتۇلدۇرۇپ، ھەر بىر ئادەمنىئۆزى ئۈستىدىكى تەپتىشنى توختاتمايدىغان تەپەككۇرنى جانلاندۇرۇپ، ئۆزىنى بايقايدىغان ، دەۋر تەلەپلىرىبويىچە ئۆزىنى قايتا قۇرىدىغان ئىختىراۋىي بۈيۈك ئىنسان قىلىپ تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن كېرەكلىك مەنىۋىي بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئۆزلۈكسىز ئىلھام ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان يېڭى يول ئاچقانلىقىدا. ..... “

VIIغايە-ئېتىقاد① مەسىلىسى ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسى قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان مەڭگۈلۈك تېما

بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ قالدى. لېكىن،جەمئىيەتكە كەلتۈرۈدىغان يوشۇرۇن خەۋىپى ئەڭ ئېغىر ،زىيىنى ئەڭ چوڭقۇر ھەم جىددىي قۇتقۇزىۋىلىش كېرەك بولۇۋاتقىنى دەل روھى كىرزىس_ ئېتىقاد كىرزىسى بولۇپ تۇرماقتا.ئىنچىكى كۈزىتىدىغان بولساق شۇنى بايقايمىزكى،ئىجتىمائى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى، يۈكسەك مەدەنىيلىككە تەۋە بولغان ئالى پەزىلەت ۋە ئىسىل ئەدەپ-قائىدىلەرنىڭ سۇسلىشىشى ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ جىددىيلىكى، كىشىلەردىكى ساختىلىق-سەمىمىيەتسىزلىك، شەخسىيەتچىلئېڭى قاتارلىق ئىجتىمائى ھالەتلەر پەقەت تاشقى كۆرۈنىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئەمەلىيەتتتە، ئۇنىڭچوڭقۇر قاتلاملىق يىلتىزى دەل كىشىلەردىكى ئېتىقادسىزلىقتىن كەلگەن.
غايە-ئېتىقاد مەسىلىسى ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسى قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان مەڭگۈلۈك تېما.” غايە ئېتىقادئۇ بىر بايراق. “غايە-ئېتىقاد ئادەمنىڭ مەنىۋىيئۇمرۇتقىسى ۋە يىلىكى، ئادىمىي بىنانىڭ تۈۋرىكى، ئادەمنىڭ بارلىق كۈچ قۇدىرىتىنىڭ كېلىش مەنبەسى. ئادەم غايە ئېتىقادقا تايىنىپ ياشايدۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلسا ئادىمىيلېكىنى يوقاتقان بولىدۇ. غايە ئېتىقادسىز ئادەمنىڭ چارەپايلاردىن قىلچە پەرقى بولمايدۇ. شۇڭا ئىنسان مەيلى نېمىگە ، قانداق ئېزىم، قايسى پىكىر سىستېمىسى ۋە قايسى ئىدىۋىي مەسلەك- سۈلۈككەئېتىقاد قىلىشىدىن، ھەتتاكى بىرەرتال گىياھ چاغلىق نەرسىگە ئېتىقاد قىلىشىدىنقەتئىينەزەر،چوقۇم ئۇنىڭدا مۇستەھكەم غايە -ئېتىقاد بولۇشى ، ئۆز ئېتىقادىنى قەدىرلىمىكى لازىم.”ئىلىم-پەن ۋە دىن(ئېتىقاد) ___ ئىنسانلارنىڭ رىئال تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى چوڭ ئامىل. “ دۇنيا ئىلىم-پەن تارىخىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئومۇمەن دۇنيادا زورئۇتۇق قازانغانياكى گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىكى ئىلىمدارلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بىرەر نەرسىگە ئېتىقاد قىلىدىغان ‹‹ئېتىقادلىق ئادەم››لەردىن ئىكەنلېكىنى بايقايمىز. بىراق، ئۇيغۇر ئادىمىيەت ساھەسىدىكى كۆپلىگەن ئىلىمدارلارنىڭ غايا ئېتىقاتىدا ھامان بەلگىلىك مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىمۇ ھەم بىزگە مەلۇم. بۇنى بىز ئۇلارنىڭ يازمىلىرىدىن كۆرۈپ يىتەلەيمىز. ھەتتا بەزى يازارلىرىمىز باركى غايە-ئېتىقادنىڭ نېمە ئىكەنلېكىنى بىلمەستىن ئېغىزىغا كەلگەننى بىلجىرلاپ ئېتىقادچى ئاۋامنىڭ لەنىتىگە قالىدىغان(مەسىلەن:‹‹ئۆلۈۋىلىش سەنئىتى›› دېگەندەك)، ئەل ئارا دىل بىرلىكى ، ئىدىۋىي ئۆملۈك ۋە ئىجتىمائى ئىناقلىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.
ئىزاھات :①ئېتىقاد __ كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن شەيئىي، مەلۇم ئىدىيە-مەسلەك، ئېزىزم(مەسەلەن: ماركىسىزىم-لىنېزىم، ئىسلامىزىم، بۇددىزىم دىگەندەك)، تەشەببۇس، ئىدىيە ئىقىم،ئىدىلوگىيە-پىكىر سىستېمىسى ۋە مۇئەييەن شەيئى ياكى ئۇنىڭ بارلىق تەرەپلىرى ياكى قىسمەن تەرىپىگە قارىتا چەكسىز ئېشىنىش،تەلپۈنۈش-ئىنتىلىش،چوقۇنۇش، ھۆرمەتلەش ، ئىتائەت قىلىش ۋە شەرتسىز بويسۇنۇش ئاساسىدا شەكىللەنگەن تەۋرەنمەس چىن ۋە پاك ئەقىدىنىڭ ئادەم ۋۇجۇدىدىكى ماھىيەتلىك ئىپادىسى ئېتىقاد دەپ ئاتىلىدۇ .
ئەمەلىيەتتە، ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىش كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنىمىزدە، قەلب ئىناقلىقى ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىۋىي ئاساسىي ۋە ئالدىنقى شەرتى. جېجىياڭ ئۇنۋىرسىتىتې مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسورى گاۋ چاڭجىياڭ نىڭ سۆزى بويىچە: ”ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش يالغۇزلا ئىجتىمائى قۇرۇلۇش بولۇپ قالماستىنئۇ بىر تۈرلۈك مەدەنىيەت قۇرۇلىشۇر. “،” ئەل ئارىسىدىكى ئېتىقاد:ئىجتىمائىي ئىناقلىقنىڭ مەدەنىيەت كاپىتالى.” شۇڭا بىز ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئېتىقادىغىمۇ تولۇق ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭ ئىناق كىشىلىك تۇرمۇش، ئىناق ئائىلە،ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم رولىغىمۇسەل قارىماسلىقىمىز لازىم.
ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەدىكى ئىلىمدارلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ۋە ئىجادىيىتى داۋامىدا ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭ رولىغا قەتئى سەل قارىماسلىقى، ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىپ ئىلىم-پەنگە تەلپۈنۈپ، ئىناق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشدىن ئىبارەت دەۋر ساداسى ۋە ئاساسىي مىلودىيەنى ياڭرىتىشقا ماھىر بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ تەنتەكلىك بىلەن، خەلقىمىزنىڭئىلىم-پەن ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى قالاقلىقنى ساددا ۋە مىخانىك ھالدا دىنى ئېتىقادقا دۆڭگەپ قويماسلىقى لازىم.شۇنىسى ئايانكى، “دىنىي ئېتىقاد ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھادىسە بولۇپلا قالماستىن، كەلگۈسى ئىنسانلار جەمئىيىتىدىمۇ مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە. ” شۇنداقلا ئۇ ھەزارەت(ئومۇمىي ۋە كەڭ دائىرلىك يۈكسەك مەدەنىيەت ، 文明, Civilization)نى تەشكىل قىلغۇچى يادرولۇق ئامىللارنىڭ بىرى. “ئالەملىك دىنىي ھېسيات ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەڭ ئالىيجاناب مۇددىئاسىدۇر. ” “دىن بىلەن ئىلىم-پەنئۆز ئارا زىدىيەتسىز ۋە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، ئۆز ئارا بېقىنىدىغان ۋە بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ئورتاق گەۋدە. ”، بۈيۈك ئالىم ئالبىرت ئېيتنىشتىيىن مۇنداق دەيدۇ «ئىلىم – پەنگە دىن بولمىسا قارىغۇ، دىنغا ئىلىم – پەن بولمىسا توكۇر بولۇپ قالىدۇ.» “ئىلىم-پەننى پەقەت پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەقىقەت ئىزدەشكە ۋە شەيئىلەرنى چۈشۈنىشكە كىرىشكەن ئادەملەرلا ئىجات قىلالايدۇ..... ”ھەتتا بەزىلەر«ئېتىقاد تۇغما بولىدۇ»دېسە، ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 2009-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئامىرىكىلىق بىئوخىمىيە ئالىمى ھامۇ دوكتور” ئىنسانلاردا“VMAT2”دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل گېن بولىدۇ، بۇنى ئېتىقاد گېنى(God Gene)دەپ ئاتايمىز، بۇ خىل گېن كىشىلەرنى دىنغا بەكرەك ئېتىقاد قىلدۇرىدۇ.“دېگەننى ئىسپاتلاپ كىتابمۇ يازدى.ئىلىم-پەن راسا گۈللىنىۋاتقان ، كىشىلەر بارغانسىرى ئەقلىيلىققا يىقىنلىشىۋاتقان ئىلىم-پەننىڭ مۇشۇ سۈبھى دەۋرلىردىمۇدىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار شىددەت بىلەن ئازلىماستىن ،“دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ كۈنسىرى   كۆپىيىۋاتقان”- لىقىدەك رىئاللىق، شۇ كىشىلەرنىڭ مەلۇم خىل نەرسىگە ئېتىقاد قىلىشنىڭمۇ ھامان مۇئەييەن ‹‹ئىلمىي ئاساسىي›› ۋە ئۆزىگە يارىشا ‹‹مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈشى›› بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كۈزەتكەندە، ئىلىم-پەن بىلەن دىنئوخشاش بولمىغان ئىككى ئوربىتىدىكى ئوخشىمىغانئىككى ئۇقۇمۋە سىستېما بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ مەۋقەسى، تەتقىقات ئوبىكتى ، جاۋاب بىرىدىغان مەسىلە ۋە چىقىش نۇقتىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇنداق ئىكەن ئوخشىمىغان ئىككى نەرسنى بىر ئوربىتا ۋە ئوخشاش بىر مەۋقەدە قويۇپ تۇرۇپ سىلىشتۇرۇشمۇئوخشاشلائىلىمدىكى چولتىلىق ۋە پاراسەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.شۇنىڭ ئۈچۈن،دىنغا ئىشىنىشنى ئاددىيلا خوراپاتلىق دەپ قاراشمۇ پاراسەتسىزلىك ۋە بىر خىل زامانىۋىي مەدەنىيەتسىزلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلار ھەزارىتى (مەدەنىيىتى)نىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەت ئىپتىدائى باسقۇچتىن تەدرىجى ھالقىپ ئالى باسقۇچقا دادىل قەدەم تاشلاۋاتقان دىموكراتىك مەدەنىي دۇنيادا ھىچكىمنىڭ باشقىلارنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ياكى ئۇنى كەمسىتىدىغان ھوقۇقى يوق؛ چەكسىز چىگىرسىز ئالەم ، دەرىجىدىن تاشقىرى مۈرەككەپ ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك ساناقسىز چىگىش ۋەھىكمەتلىك(يېشىلمىگەن ۋە تىلسىملىق)بىلىش مەسىلىلىرى ئالدىدانېىمىنىڭ توغرا ، نېمىنىڭ خاتالىقى؟ ۋە نىمېنىڭ ھەقىقەت ، نىمېنىڭ سەپسەتە ئىكەنلېكىنى ئەڭ ئاخىرقى ھىسابتا يەنىلاتارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئەقلىيلىقئارقىلىق دەلىللەش مۈمكىن،ۋاھالەنكى، ئىنساننىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە بىلىمى ئىنتايىن چەكلىك ،شۇڭا ئۆزىمىز تونۇپ يىتەلمىگەن ۋە ئىسپاتلاپ بولالمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت ئەمەس، بىز بىلمىگەننىڭ ھەممىسى خاتا ، كۆزىمىز كۆرمىگەننىڭ ھەممىسى يوق بولىۋىرىشى نا تايىن.مەسىلەن ئاددىسى، توكنى ھىچكىم كۆرگنى يوق.بىراق توك تەپسە ئادەمنىڭ ئۆلىدىغانلىقى ھەممە بىلىدىغانئەمماھىچكىممۇ ئۆز بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئەقەللىي قائىدە.يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئىنسانىيەتنى پەقەت غايە-ئېتىقاد ئاساسىدىكى ئەخلاقنىڭ تۆۋەن چىكى ۋە ئىدراكى ئاڭلىقلىق چەكلەپ تۇرمايدىغان بولسا، بۇ دۇنيانىڭ نېمە بولۇپ كېتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ، بۈگۈنكى كۈندە ھەر قانداق نەرسىگە ئېتىقاد قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەر كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى، بۇ ھەم يەر شارىنىڭ ھەممە يىرىدە كاپالەتكە ئىگە. بىراق يەنە ھىچكىمنىڭ باشقىلارنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان، كەمسىتىدىغان ھوقۇقى يوق. بۇ جەھەتتە مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتۈش مۈمكىن، دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە ئاقىدىغان ئامىرىكا دوللىرىنىڭكەينى يۈزىدىكى ئاقساراينىڭ ئۈستىگە ‹‹تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىىمىز (In God We Trust)›› دېگەن ئىنگىلىزچە خەت بېسىلغان، بىراقدوللارنىخەجلەپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك دىنغا ئېتىقاد قىلىشى جۈملىدىن، خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى ناتايىن، ئەمماھىچكىممۇ ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپقىنى يوق، مانا مۇشنىڭ ئۆزىلا بىر خىل ئەقىل-پارەسەت ۋە ئالى ھەزارەت.
دىنى ئېتىقاد ــــ تارىخى ئۇزۇن ، تارقىلىشى كەڭرى، تەسىرى چوڭقۇر ئىجتىمائى ھادىسە بولۇپ، ئۇ ئومۇمەن ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى قاپلىغان. كىچىكى شەخىسنىڭ خۇسۇسىي پائالىيىتى ۋە روھى دۇنياسى، چوڭى جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ھەركەت ئۆلچىمىگىچە، قەدىمدىن كەلگۈسىگىچەدىنى ئېتىقاد مەسىلىسى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمىگەن بىرمۇ ساھە يوق. يۇقىرىسى پەلسەپە، سىياسى، قانۇن، ئىتىكا قاتارلىق ھەرقايسى ئىدىولوگىيە ساھەسىدىن تۆۋىنى ئىلىم-پەن، تىل-ئەدەبىيات، سەنئەت، مۇزىكا قاتارلىق تۈرلۈك پەنلەرنىڭ ھەممىسى دىنى ئېتىقاد بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىشلىق بولغان بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ماركىس ئومۇملاشتۇرۇپ مۇنداق باھا بەرگەن: “دىن دېگەن بۇ دۇنيادىكى ئومۇمىي نەزەرىيە، ئۇ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي پروگرامما. ” ئۇنداق بولغان ئىكەن ئۇيغۇر ئادىمىيىەت پەنلىرى ساھەسىبۇ “ئومۇمىينەزەرىيە ” ۋە “ئومۇمىي پروگرامما” دىنئەگىپ ئۆتۈپ كەتسە ياكى ئۆزىنى قاچۇرسا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ماركىسىزىم يىتەكچى ئورندىكى جۇڭگودا تېخىمۇ شۇنداق.
قىسقىسى ، بىز يۇقىرقىلاردىنشۇنى بايقايمىزكى، دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسى بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈن ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولغان مەڭگۈلۈك تېما. ئۇنداق ئىكەن، ئادىمىيەت پەنلىرى دىنى ئېتىقاد مەسىلىلىرىدىنھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ ھەم قاچۇرسا بولمايدۇ. شۇڭا ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئىلىمدارلىرىمىز رىئاللىقا يۈزلىنىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ،غايە ئېتىقاد مەسىلىلىرىگە قارىتا ئىلمىي ئىدراكى مۇئامىلە قىلىشلىرى ؛ ئىلمىي ئىدراكى بولغان غايە ئېتىقاد قارىشى تۇرغۇزۇش ئاساسىدىكى ئېتىقادلىق ئىلىمدارلاردىن بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا پەن تەتقىقاتۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانمىقى لازىمدۇر.

Ⅷباشقىلارنىڭ نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىن مەقسەت ئۇنىڭغا چوقۇنۇش ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەتئېلىپ ئۆگلۈشىش ئۈچۈنمۇ؟!

ئىلمىي نەزەرىيەدە ئىزچىل باشقىلارغا بېقىنىپ كەلگەن، ئۆزىگە يارىشا ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە بىلىش مېتودى بولمىغان مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئادىمىيەت پەنلىرى بولمايدۇ. ــــــــــــ خاتىرەمدىن
مەن ئۆز باشنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈش جەريانىدا بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ نوپۇزغا ۋە چەتئەللىكنىڭ نەزەرىيەلىرى چوقۇنۇش خاھىشىنىڭ بىر قەدەر ئېغىرلىقىنى ھىس قىلمدىم.ھەم باشقىلارنىڭ، جۈملىدىن چەتئەللەرنىڭ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىمىزدىكى مەقسەت زادى نېمە؟ ئۇلارنىڭكىنى ئۆگۈنۈپ ئۆزلەشتۈرۈپ ، ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىشمۇ ياكى ئۇلارغا روھىي بەخشەندە ۋە ئىلمىي گۇمراھ بولۇشمۇ؟ دېگەنلەرنى چوڭقۇر ئويلۇنۇپ قالدىم. مەن بۇ يەردە ئىككى چوڭ مىسال كۆرسىمەن. بىرى ماركىسىزىم-لېنىزىمنىڭ چەتئەلنىڭ ئىكەنلېكىنى ھەممىگە ئايان.ئېلىمىز__جۇڭگو ئۇنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىلىمىزنىڭ ئەمىلىيىتىگە تەدبىقلاپ «جۇڭگوچىلاشتۇرۇش» مۇساپىسىدا خۇددى ئەما كىشى تاشنى تۇتۇپ سۇدىن ئۆتكەندەك،قانچىلىك ئەگرى تويقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، قانچىلىق جەبرى جاپالارنى تارتىپ ، قانچىلىك خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىمىزمۇ ھەم ھەممىگە ئايان؛ يەنە شۇنداقلا بۈگۈنكى ئېتىقاد ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاساسى بولغان ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي روھى ماھىيىتى قەيەردىن كەلگەنلىكى ھەم ئومۇمىي ساۋات. بىراق بىز ئۇنىڭ روھى ماھىيىتى ۋە تۈپ ئەقىدىلىرىنى رىئال تۇرمۇشىمىزغائۈنۈملۈك تەدبىقلاشنى بىلىپ بولالمايقانچىلىك جەبرى-جاپالارنى تارتىپ نېمە كۈنلەرنى،قانچىلىك دىشۋاچىلىقلارنى بېشىمىزدىن كۆچۈرمىدۇق؟ ناۋادا يۇقىرقىبىلىم سىستېمىلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەلىرى يەھۇدى ناسارا ۋە ئەرەبلەرنىڭ بولمايجۇڭگولۇقنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرنىڭبولۇپ قالغان بولسا ئېدى، ئۇ چاغدا بىز شۇ جەبرى-جاپالارنى تارتاتتىقمۇ؟! بۇنىسى نا تايىن.
دىن سۈبھىسىز ئېتىقاد قىلىشتىن گۈللەنسە، ئىلىم-پەن گۇمانلىنىش ، مۇھاكىلىك ھالدىكى تىنىمسىز ئىزدىنىش ۋە ئۆزىنى بىغىشلاشتىن گۈللىنىدۇ. مانابۇ دىن بىلەن ئىلىم-پەننىڭ ماھىيەتلىك پەرقى. ئۆز باش ئەسىرىدە يەنە ئۇيغۇر ئىلىمدارلارنىڭ يازمىلىرى” ھىچنىمىگە ھىساب ئەمەس..... ئۇيغۇرنىڭ ئىلمىي نەزەرىيىلەرى چەتئەللىكنىڭ ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ .... چەتئەلنىڭكىنى ئاساس قىلىپ ، ئۇنىڭغا تايانمىسا پەن-تەتقىقات ھىسابلانمايدۇ.... “ دېگەنلەرنىئالاھىتەن تەكىتلەپتۇ. بۇ ھال مېنى تولىمۇ ئىچىندۇردى؛ خەلقئار مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلىۋاتقان بىر دوكتورىمىزنىڭ تونۇشى ۋە پوزىتسىيەسى راستىنلا شۇنداق بولىدىغان بولسا ، ئۆز كاللىسىغا تايىنىپ مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان ئۆزىگە خاس باش ئىگىسىنىڭ سىمۋۇلى بولغان«ئۆز باش» دېگەن تەخەللۇس خاتا قويۇلۇپ قالغان بولمامدۇ؟! بۇنىڭغا قارىتا، تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شۇنداقنىدا قىلىمەنكى، مۇبادا بىزنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى(كونكىرتنى قىلىپ زۇلپىقار ئوقۇۋاتقان جەمئىيەتشۇناسلىق دەپمۇ تۇرايلى) ساھەسىدىكى دوكتورلىرىمىزدا ئەنەشۇنداق ئىلمىي پوزىتسىيە ، ئىلمىي مەھكۇملۇق ئىدىيەسى ، چەتئەلنىڭ نەزەرىيەلىرىگە، نوپۇزغا چوقۇنۇش ، ‹‹ياندىكى ھىسپنىڭ قەدرى يوق››دېگەندەك ئۆزىمىزدىكىنى چوڭقۇر قىدرىپ تەكشۈرمەسلىك، ئۆزىنى ئۆزى كۆزگە ئىلماسلىق، ئۆزىنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەۋىي سىستېمىلىرىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى خەلقئارا(دۇنياۋىي) ئۆلچەم قىلىپ تۇرغۇزۇشئىستىكى،شۇنداق بىر مىللىي مەسئۇلىيەت ، ئىلمىي جاسارەتۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىبولمايدىكەنمەڭگۈ ئۇيغۇرغا تەۋە بولغان دۇنيا ئىتىراپ قىلغۇدەك ئۇيغۇرغا خاس بولغان مۇنتىزىم ئادىمىيەت پەنلىرى بولمايدۇ. شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى بىلىم ۋە ئىختىسادنىڭ يەرشارىلىشىغا ئەگىشىپ دۇنيا ئاللىبۇرۇن كۆپ قۇتۇپلىشىشقا باشلىدى، بۇنداق ئەھۋالدا ھەر قانداق بىر تەرەپلىمىلىك ياكى ئەبەدىيلىك نۇقتىسىدىن ھەر قانداق بىرەر ئامىلنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋتىش ۋە قانداقتۇر ئىلىم مەركىزى دېگەنلەر ئۆتمىشكە ئايلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئىلىمدارلىرىمىز خەلىقئارالىشىش(يەر شارىلىشىش)بىلەن غەرىبلىشىشنىڭ پەرقى ۋە چەك-چىگرىسىنى ئېنىق ئايرىىشى؛ ئىلمىي ئۈلپەتداشلىق بىلەن ئىلىم-پەندىكى مەزھەپچىلىك ۋە گۇرۇھۋازلىقنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشى؛ ئۆز ئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تار مەنىدىكى ئۆزلۈك(مەنلىك)كېشەنلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قورۇقچىلىق-بىكىنمىچىلىك ، ئايرىمىچىلىقتىن، بيۇگراتلىق، مەۋقەسىزلىك ياكى زېيادە قاتماللىقتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە مېتود جەھەتتىن ھەمىشە باشقىلار(خەق)نىڭ ئاۋازى بىلەن ئۆز خاسلىقىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتىن كۆرە،ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى ئاۋازى(ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان پىكىر ، سادا) ۋە خاسلىقى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەم ئالاھىدىلېكىنى باشقىلارغا(جاھان ئەھلىگە) ھىس قىلدۇرۇشىمىز - تونۇشتۇشىمىز لازىم.مەنچە بۇمۇ ئىلىمدارلىرىمىزنىڭ كۈنىمىزدىكى مىللىي مەدەنىيەتكە بولغانئالاھىدە بىرخىل مەسئۇلىيىتى ۋە مېتودىدۇر. ئۇندىن باشقا، ئىلىم-پەندىكى ئۆزلۈكتىن قۇتۇلغان ئۆگلۈك روھى بويىچە «ئۇستاز»، «نوپۇز»، «سالاھىيەت» دېگەنلەرنى كەسكىن تەر قىلىپ(ھىچ بولمىغاندا خۇدادىن باشقا ھەممىدىن گۇمانلىشىشقا ھەقلىقمىز، مانا بۇ بىز ئىزدەۋاتقان ۋە بىزدە ئەڭ كەم بولىۋاتقان ئىلىم-پەن روھى ھەم ئىلىمدارنىڭئىستلى. مەنچە غەربلىكلەر دەل مۇشۇ روھقا ئىگە بولىۋالغانلىقى ئۈچۈنلائىلىم-پەندىكى ساناقسىز سىپى ئۆزىدىن تۇنجى ئىجادىيەت ۋە نوبېل مۇكاپاتى ئۇلاردىن ئاشمايۋاتىدۇ.) ، مۇستەلىق ھەم مۇرەسسەسىز ھالدا مىھرى مېتود بىلەن پەن-تەتقىقات ئىلىپ بىرىشىمىز لازىم. چۈنكى ،ھەقىقەت ئىگىلمەيدۇ سۇنمايدۇ، ئىگىلسىمۇ ، سۇنسىمۇ ئوخشاشلا ھەقىقەت بولالمايدۇ؛ بىراق كىشىلەرنىڭ ھەقققەتنى تونۇشى ھامان ئىلگىرى كېيىن ۋە پەرقلىق بولىدۇ. جاھان ئەھلىگەرچە ھەر خىل زۇۋان ۋە مېتود بىلەن ئىش ھەركەت قىلسىمۇ ،لېكىنئالەم بىر ، دۇنيامۇ بىر ، ئالەم ۋە ئادەمگە ئالاقىدار بارلىق تۈپ قانۇنلار ھامان بىر ۋە مۇقەددەستۇر. ئۇنداق ئىكەن ئىلىم-پەندە مۇرەسسە ۋە نەيرەڭۋازلىققا قىلچە ئورۇن يوق.
ئەلۋەتتە، بىز ئۆزباشنىڭ ماقالىسى ئارقىلىق بۇ ساھەدىكى بىرقانچە ئىلىمدارنىڭ ئىسمى بىلەن تونۇشقان بولساقمۇ ، لېكىن بىز ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سىستېمىلىق ئەمگەكلىرىدىن تېخى خەۋەرسىز. شۇڭائۇلارنى بۇ ساھەنىڭ ئىلىم سەرخىللىرى ياكى ھەقىقىي مەنادىكى ئىلىمدارىدېيىشكە ئاساسىمىز يىتەرسىز. چۈنكى بىر ساھەدە بىر ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىش ۋە بىر ئىككى ئېغىز ھىس-ھاياجانلىق پىكىر قىلىش شۇ ساھەگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىق ، ئۇنىڭ سەركىسى ياكى قازىسى بولغانلىق ھىساپلانمايدۇ. ئەمما بىز يۇقىرقىئىلىمدارلاردىن باشقا يەنە، بۇ ساھەدە سەمەرىلىك ئىزدەنگەن سالاھىيەتلىك پەيلاسوپئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمىنى، شۇنداقلادوكتور ئەسەت سۇلايمان ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىقلارنىڭ مۇبارەك ناملىرىنى ئىھتىرام بىلەن تىلغا ئالماي بولمايدۇ.   
ئابدۇقادىر جالالىدىنپىروفېسسورداگەرچە پىكىر ئىزچىللىقى كەمچىل بولۇپ ، ھازىرچە ئۆزىگەخاس ئىدىيە ۋە پىكىرسىستېمىسىنىشەكىللەندۈرمىگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ پىكىر ۋە ئىدىيەسىنى تاۋلاپ پۇشۇرۇش ئۈچۈن غەربنىڭ، جۇڭگونىڭ، جۈملىدىن خرىستىئان، بۇددا- كوڭزى، ياپون-ساماۋىيخان(سامراي) روھى ۋە ئىسلام مەدەنىيەتلىرىقاتارلىق كۆپلىگەن ھەزارەت(يۈكسەك ۋە ئالى مەدەنىيەت) – مەدەنىيەتلەر(مۈلكى مەدەنىيەت،كۈلتۈر)لەر بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىدىيەسى ۋە پىكىرىنى تاۋلىماقتا؛بۇ جەھەتتە گەرچە سىستېمىلىق بولمىسىمۇ مەۋقەنى رىئاللىققا قويۇپ ، ئەل قەلبىگە يىقىنلىشىپ كۆپ تەرەپلىمە ،كۆپ قاتلاملىق ئىزدەندى. بولۇپمۇ، ئۇ بىر ئىجتىھاتلىقشائىر ، ئەدەبىياتشۇناس ، مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز كەسپى بولغان ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا مەسئۇلىيىتىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىپلا قالماستىن، ئۇيغۇرنىڭ ئەقلىي ئويغۇنۇش، ھەمكارلىق، يېڭىلىق يارىتىش، تەبىئى پەن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىپ، ئىلىمدارلاردىكى ئەبگالىق، جانباقتىلىق، ئىناقسىزلىقنى قامچىلاپ، ئىلىمدارلار ئىتتىپاقلىغىنى كۇچايتىش جەھەتتە كۆپ ئەجرى قىلدى؛ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ مەخسۇس ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭلا دەۋەتخانىسى بولۇپ قالماستىن، تەبىئى پەن ئالىملىرىنىڭمۇمۇلاھىزە- مۇھاكىمە سورۇنىغا ئايلىنىشىنى تەكىتلەپ ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەۋقەنى كۆز ئالدىمىزدىكى رىئال ئاددى ۋە كىچېك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجادىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەپسە تەۋرىمەس ئىلىمدارلارلىرىمىزنى ئىندۇكسىيەلەپ، كەڭ ئاۋامنى كۆپ تەرەپلىمە مەنئەپەتلىك ئىلمىي زەرەتلەپ ، زور ئىجتىمائى ئۈنۈملەرگە ئېرىشتى. شۇڭا ئاۋامئۇنى ئەتىدىن كەچكىچە كىتاب غاجىلاپ، ئۆلۈك يادىكەشلىك بىلەن چىرىگەن - ۋاقتى ئۆتكەن بىلىم لاتقىلىرى ، قۇرۇق شۆھرەت ۋە زىغىردەك ئاقماس ئەمەل-مەنسەپلەر ئارسىغا غەرق بولۇپ، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ھاياتى ۋە گۆھەردەك ئىلىمىنى ئىسراپ قېلىپ، ئەلگەئەمەلىي نەپ يەتكۈزەلمەيۋاتقان ‹‹ئالىم، مۇتەخەسىس ۋە دوكتور، پروفېسور، تەتقىقاتچى›› دېگەنلەردىن بەكرەك ھۆرمەتلەيدۇ. بىراق بۇجەھەتتە، ئابدىقادىر جالالىدىن ئەپەندىممۇ پىكىر ۋە ئىدىيەلىرىنىڭ سىجىللىقى(ئىزچىللىقى) ، سېستىمىلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈرۈش قىلىشى، ئىلمىي ئىجادىيەتتىكى ياپساچىلىق ، مۇرەسسەچىلىك پوزىتسىيەسى ۋە قىسقا مۇددەتلىك خاھىشىدىن يىراقلاپ، چوڭقۇرلۇق ۋە خاسلىققا قاراپ ئىلگىرلىشى،شەيئى ۋە مەسىلىلەرنى ھادىسىدىن ئەمەس ماھىيىتىدىن ، تەبىئي خۇسۇسىيىتىدىن چۈشەندۈرۈشكە ، پىكىرلەرنىڭ تارىخ سىنىقىدىن ئۆتەلىگۈدەك ئەبەدىيلىكى ئۈچۈن تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.
ئەسەت سۇلايمان قانداقلا بولمىسۇن ئىنسانىي كامىللىق ئۈستىدەبىر قەدەر سىستېمىلىق ئىزدەنگەن تەپەككۇرى چوڭقۇر ياش دوكتور بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىقنىڭ ئىتنوگراپىيەلىك باسقۇچىسىن ھالقىپ، ئىجتىمائىي ۋە زامانىۋىي -مەدەنىيەتلىك مىللەت باسقۇچىغائۆتۈش ئۈچۈن جىددىي كېرەك بولغان‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك››نى بايقاشتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ۋە ئۆتكۈنچى ئۇقۇملارنى تۇرغۇزۇپ، زاماندار ئىختىراۋىي مىللەت بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئۆگلۈككە يېتىش ۋە ئۆگلۈشىشنىڭ دەسلەپكى پىكىر سىستېمىسىنى ، ئىپتىدائى باسقۇچىدىكى ئاساسىي ئىدىيە ھەم پىكىر سىستېمىسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتى.بىراق بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي ، داۋاملىق بۇ خىل چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىككە قاراپ ئىلگىرلىمىكى لازىم بولىدۇ. چۈنكى،‹‹ئۆزلۈك››(自我)ئۇقۇمى گەرچە قارىماققا بىر ئاز ئىلگىرلىگەن(ئىلغار) ۋە جەڭگىۋارلىققا ئىگە ئۇقۇمدەك تۇيۇلسىمۇ ،ئەمما تەپەككۇر بۇلىڭىمىزنى ئۆزگەرتىپ ئالەملىك نەزەر ۋە دۇنياۋىي ئىلىم ئوربىتىسىدا تۇرۇپ،تېخىمۇ يۈكسەك نۇقتىدىن تەپتىش قىلىپ كۆرگىنىمىزدە ، يەنىلا شۇ ئۆزىنى مەرگەزقىلىدىغان چىكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىكنىتەرغىپقىلىنىدىغان ئۆتكۈنچى ئۇقۇم بولۇپ، ئۇنىڭ ئالىي باسقۇچى ‹‹ئۆگلۈك››(真我、真实我、创新型人精)كە قاراپ چوڭقۇرلىشى ۋە ئۆگلۈشىشىگە توغرا كېلىدۇ.
ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى دەل شۇ ئادەملەر تەشكىل قىلىپ تۇرىۋاتقان جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائى ھادىسىلەرنى تەتقىقات ئوبيىكتى قىلغان بولىدۇ. پەنشۇناسلىق ۋە ئىلىم-پەننىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىدىن قارىغاندا، ھەرقانداق ئادىمىيەت، پەنلىرى ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيەۋىي تەشەببۇسلىرى ھەرقانچە ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جەزمەن ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مۇھىتىدا ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن كىشىلەر ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە توغرىلىقىدىن گۇمانلىنىشقا ۋە ئىشەنمەسلىككە ھەقلىق. دېمەك، ئۇنىڭ رىئال ئۈنۈمى كۆرۈلىشى لازىم. بۇ يەردىكى ئۈنۈم شۇكى، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئالدىن يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن تەرەققىيات يۆنىلىشى جەھەتتىن ئورۇن بەلگىلەش، مەنىۋىي ماياكلىق ھەم ئىلمىي، توغرا بولغان نەزەرىيىۋىي يىتەكچىلىك فونكىسىيەسىنى ئۆتەلىشى لازىم. جەمئىيەتشۇناسلار ئىجتىمائى تەكشۈرۈش قىلىپ جەنۇبى شىنجاڭدىكى ‹‹ساۋاتلىق ھاراقكەش››لەرنىڭ قاۋاقلىرىغا بېرىپ قالىدىغان بولسا‹‹ئۆگلۈك ئۈچۈن ئىچەيلى!›› ‹‹ئۆگلۈك ئۈچۈن ئۈگىنەيلى!››‹‹ئۆگلۈك ئۈچۈن ئىتىپاقلىشايلى!›› دېگەندەك شۇئار-چاقىرىقلار ئارىسىدا ھاراق ئىچىۋاتقان روھى ئىنجىنېرلارنى ئۇچرىتىشى مۈمكىن. دېمەك ، ئۆگلۈك ئۇقۇمى ۋە ئۆگلۈشىش تەشەببۇسى بۇ خىل فونكىسىيەنى ئاللىبۇرۇن ئۆتەشكە باشلىدى. شۇ مۇناسىۋەتتە بىزئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى ۋە ئۇنىڭ‹‹ئۆگلۈك ۋادىسى››ھەققىدە ئازراق توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى،ئۇبىر ئۆمۈر ئىزدىنىش ئارقىلىق ‹‹ئۆزلۈك››(自我) ئۇقۇمىدىن غايەت زور دەرىجىدە ھالقىپ، ئۆزلۈككە سۇئال قويۇش، ئۆزى، يەنىي ئۆزلۈكتىكى بارلىق نۇقسانلارنى يېڭىپ، ‹‹ئۆگلۈك››كە ئۆتۈش ئاساسىدىكىئىنسانىي كامىللىققا يىتىش ۋە ھەر بىر يەككە ئادەمنى ‹‹ئۆگلۈك›› رىغبىتى ئاساسىدا(ئۆزى)نىڭ ، جۈملىدىن باشقىلار(ئەجداتلىرى)دىكى تۈرلۈك سەۋەنلىكلەرنى ئۆزىدە تەكرارلىمايدىغان ئۆزى(ئۆزلۈك،مەن)دىن ھالقىغان ئۆگلۈككە يېتىش ئاساسىدىكى زاماندار ئىختىراۋىي ئادەم قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى ۋە ئاساسىي ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ بەردى. ھەتتائۆگلۈكنىڭ قانداق مەيدانغا كېلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ تۇرغۇزۇلۇش، تۇرۇملىنىش- ئۇدۇملىنىش ئاساسىنى كۆرسىتىپلا قالماي، سىلىشتۇرۇپ ئۆگىنىشۋە سىلىشتۇرما تەتقىقاتقا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن ، چەتئەل ۋە جۇڭگونىڭ،شۇنداقلا باشقا مەدەنىيەت توپىدىكىلەرنىڭئالاقىدار تىپىك پىكىرلىرىنىمۇ يانداشما سىلىشتۇرما سۈپىتىدە بىرگە سۇندى.بىراق بۇ،ئىلمىي سىستېما ۋە ئاساسىي ئىدىيەلەر ھەقىقىي سەنئەت ۋە ئىلىمنىڭ نىمېدىن دېرەك بىرىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيدىغان نادان ئىلىمدارلىرىمىزنىڭ تەنقىدى يوسۇندا بولسىمۇ ئەستائىيدىل ئۆگىنىش- تەتقىق قىلىشىغا نائىل بولالمىدى. تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ ‹‹ئىدىيە ئەخلاق››دەرسلىكىگە ياشلىق مەزگىلىدىكى ‹‹ئۆزلۈك›› ۋە ئۇنى تونۇش ھەققىدىكى يۈزەكى ئۇقۇملار كىرگۈزىلىپ،ياشلىق دەۋرىگەقەدەم قويغان يېڭى ئۆزلۈكتىن باشلاپ ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە ئويلىنايلى! دېگەن تەشەببۇس ئوتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇنىڭ ئەلۋەتتەيېڭىدىن ياشلىق دەۋرىگە قەدەم بېسىۋاتقان كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئۆزىنىڭ ياشلىق دەۋرىنى بايقاپ ۋە ئۇنى قەدىرلەپئىجتىاھات بىلەن ئىلىم تەسىل قىلىشىغا يىتەكلەشكە بەلگۈلۈك ياردىمى بولسىمۇ. لېكىن،نۇقۇل ئۆزلۈكنى بايقاش ۋە كۈچەيتىشلا تەكىتلىنىپ، ئۆگلۈك رىغبىتنى بايقاش ۋە ئۆگلۈشىشتەكىتلەنمىسە بۇ خۇددى ئىچىرقاپ كەتكەن چىلبۆرە ھىچنىمىگە يول قويماي ئۆز نەپسىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئىنتىلگىنىدەكلا ئىش بولۇپ، شەخسىيەتچىلىك ئەۋج ئېلىپ كېتىشكە ئىدىيەۋىي مەنبە بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى زور.بىراق ئۆزلۈكنىڭ ئالى باسقۇچى بولغان‹‹ئالى ئۆزلۈك›› (ئۆگلۈك، يەنىكىشى ئۆز شەخسىيەتچىلىكىدىن ھالقىغان ھالدا ئۆزىنىمۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئومۇملىقىغا قويۇپ تۇرۇپ،ھەممىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئىتىبار بېرىدىغان)ئۇقۇمىنى بولسا ئىلىمدارلىرىمىز تېخى چۈشۈنىپ- ھەزىم قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن ھالەتتە تۇرماقتا. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۆزلۈكنىڭ تومۇرى‹‹مەن››-‹‹ئۆزى››دىن ئىبارەت. ئۇ پەقەتئۆزىنىلا مەركەز قىلىش، شەخسىيەتچىلىك دېگەندىن دىرەك بېرىدىغان ئۇقۇم بولۇپ، بۇ خىل شەخسىيەتچىلىكنى مەيلى خرىستىئان ، ئىسلام مەدەنىيىتىۋەياكى بۇددا، كۇڭزى مەدەنىيىتى بولمىسۇن ئوخشاشلا قارشى ئالمايدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆتكۈنچى ئۇقۇمدۇر.ئۆگلۈك بولسا ئۆزىدىن ھالقىش، ئۆزى ۋە ئەجداتتىكى سەۋەنلىك-خاتالىقلارنى ئۆزى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارداقايتا سادىر قىلماي، ئۆزىنىمۇ ئۇنتىمىغان ھالەتتە بارلىغىنى پۈتكۈلئىسنانىيەتنىڭ ئومۇمىي ئۇلۇغۋار ئىشلىرى يۈكسەكلىكىگەقويۇپ تۇرۇپ ئۆزىنى بىغىشلايدىغانئەجدات ۋە ئەجنەبىلەر سەۋىيەسىدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتكەن ئالى ئۇقۇم ۋە ‹‹ئادەم››نى زاماندار ئىختىراۋىي ئىنسان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدۇر. مېنىڭچە ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى بارلىق دوكتۇر ، ماگىستېرلىرىمىزئالدى بىلەنئىسلامجان شېرىپنىڭ‹‹ئۆگلۈك ۋادىسى›› ۋە ‹‹ئىجادىيەت ۋادىسى››(دىۋانۇ ئۆگلۈك)توغرىسىدىكىيۈرۈشلىك ئەسەرلىرىنى تەنقىدى نەزەر بىلەن مەخسۇستەتقىق قىلىشى   كېرەك. بۇ جەرياندا،ئۆگلۈك ئۇقۇمىنىڭ تۇرغۇزۇلىشى ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيەۋىي ئاساسىنىڭ ئاجىز، زاماندار ئىختىراۋىي ئىنسان قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسىي مەنتىقىسى ھەمئىلمىي پىرىنسىپلارغاماس كەلمەيدىغان، ئۇيغۇرغا يات ئىكەنلېكىنى بايقىسا قىلچە يۈز خاتىرە قىلماستىن رەھىمسىزلەرچە قاتتىق تەنقىد ياغدۇرىشى؛ئۇنداق بولمايدىكەن ئۆزلۈكتىن ھالقىپ ئۆگلۈكنى ئۇدۇملاپ،ئۆگلۈشىش يولىغا مىڭىشىمىز ۋە بارلىق ئىلىمدارلىرىمىز ئۆزلۈكتىن ھالقىپئۆگلۈك رىغبىتىگە قاراپ ئۆزىنى توغرىلىشى لازىم بولىدۇ. بۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبېرى››2010-يىل5-سانىغا بېسىلغان «ئۆگلۈك قانداق كېلىپ چىقتى» (قوشۇمچە ئىسخىمىغا قاراڭ) سەرلەۋىلىك ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىمىز كېرەك. ئوقۇماي تۇرۇپ پىكىر قىلىش ئىلىمدىكى تەنتەكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.)
جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ قايتا گۈللىنىش يۈكسەكلىكىدىن قارىغاندىمۇ، بىزگە قانداقتۇر بىر تۈركۈم چەتئەللىكنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆلچەيدىغان ئەجنەبىي كەبى دوكتورلار ئەمەس بەلكى ، چەتئەللىكلەرنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئۇلار بىلەن بىر ئوربىتىدا تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭئاكادىمىك ئىشلىرىنىتەتقىققىلالايدىغان، دۇنياۋىي سەۋىيەدە پىكىر قىلىش سالاھىيتى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە زاماندار ئۇيغۇر ئىلىمدارلىرى جىددىي مۇھتاج بولماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدا ھەممىدە چەتئەللىكنىڭ توغرا بولىۋىرىشى، ئۇلارنىڭ دائىم ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پاراۋۇزى ۋە سەركىسى بولىۋىرىشىمۇ ناتايىن ھەم بىھاجەت. ئىلىم-پەندىكى تېرمىن ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ ھەممىدە چەتئەل (باشقىلار) نىڭ ئۆلچىمىنىئاساس قىلىش ، ئۇلارغا قاراپ ئۆزىمىزنى توغرىلاشتىن كۆرە ، بەزى نەزەرىيە سىستېمىلىرىنى ئۇلارنىڭكىدىن ئىلغار قىلىپ تۇرغۇزساق ۋە بۇ جەرياندا بەزى يېڭى تېرمىن-ئاتالغۇلارنى ئىجات قىلىپ ، دۇنيا ئىلىم ساھەسىگە سوۋغات سۈپىتىدە سۇنساق-تونۇشتۇرساق تامامەن بولىدۇغۇ! مەسىلەن: ئۇيغۇرنىڭ ئادىمىگەرچىلىك، مىھماندارچىلىق، ئەخلاقى –پەزىلەت، ئائىلە مەدەنىيىتى، تىلىدىكى ئەۋرىشىملىك ، تىلبايلىقىنىڭ موللىقى، يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى، خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى چوڭقۇر پاراسەت، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىلىمنى ئۇلۇغلاش ئىدىيەسى، ‹‹قۇتادغۇبىلىك››تىكى ئادىمىيەت ۋە سىياسى ئېتىكا ،ئەخلاق پىرىنسىپلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نۇرغۇنئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقلارنى داۋاملىق قىدرىپ- تەكشۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە سىستېمىلاشقان نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ ، ئۇنى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۆلگىسى ۋە ئۆلچىمى سۈپىتىدە جاھان ئەھلىگە سۇنساق تامامەن بولىدىغۇ! ئۇندىن باشقائۆگلۈكئۇقۇمىنىمۇ ئېنگىلىز مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشلۈك ئىلىمدارلارغا بىز ئىجاد قىلغان يېڭى تېرمىنۋە ئۆلچەم سۈپىتىدە‹‹ئېكىسپورت›› قىلساق نېمىشقا بولمىغۇدەك!؟دېمەكچىمەنكى، ‹‹چەتئەلنىڭ ھەممە نېمىسى ئەتىر پۇرايدۇ››دېگەندەك، بىزگە مۇناسىپ كەلسۇن- كەلمىسۇن ھەممە نەرسىنى چەتئەللىك بىزگە تاڭمىسۇن، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىلغار ۋە نادىر بولغان مەدەنىيەت مىۋىلىرىمىزنى جاھان ئەھلىگە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈستىدەباش قاتۇرۇپ باقايلىك!چەتئەلنىڭكىلاسسىك نەزەرىيىلەرگە قارىتا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، باشقىلارنىڭ ئۆلچىمى ۋە قىلىپىدائۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۆلچەيدىغان ھىسياتتىكى باشقىلارغا بېقىنىش-بەخشەندىلىك، مېتودتىكى دوگماتلىق، نەزەرىيەدىكى مەھكۇملۇقتىن ساقلىنىشمىز كېرەك.بۇ يەردە زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ مۇنۇ سۆزى ئورۇنلۇق ئېيتىلغان:” ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئۇيغۇر ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ ئۇلىنى سىلىپ بەرگەن بولسىمۇ.........ئۇنىڭباشقا پىكىر يوللىرىدىن خەۋەرسىز قىلىشى،‹‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى››قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ماركىستىن ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى ياشىغان ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنىڭ ئىدىيەلىرىنىمۇ ماركىسىزىم نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىشى بىر گۆدەكلىك “ دەك كۆرۈنسىمۇ. بىراق،بۇنىيەنە شۇ ئەسەرنىڭ تارىخىي دەۋر شارائىتى بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا يەنىلا توغرا چۈشىنىشىكە بولىدۇ.
كۈلكىلىك يەنە بىر ئىش 9-ئاينىڭ20-كۈنى چۈشتىن كېىيىن، مەن بىر تونۇشۇم بىلەن دىدارى ئەسىرا بولۇش ئۈچۈن يولدىن ئۆتۈۋىتىپ پوسكامدىكى مەلۇممەكتەپكە كىرىۋىدىم، مەكتەپ قوروسىداكۇڭزى ، لۇشۈن، ئېينىشتىيىن، لى فېڭقاتارلىق جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ بىر قانچە ئالىم(مەشھۇر ئەرباپ)لىرىنىڭ ھەيكىلى تۇرۇپتۇ. كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈندىم، چۈنكى ئوقۇغۇچىلار كۈندە نەچچە ۋاخ ئۇ ئىلىم ئۇستىلىرىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەت ئېلىشى تۇرغان گەپ. بىراق دۇنياۋىي شۆھرەتلىك ئالىملىرىمىزدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇدكاشغەرىلەرنىڭ ئەسەرلىرى دەرىسلىكلەرگە كىرگۈزىلدى. ئۇنداق ئىكەن ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنىمۇ مەكتەپ قوراسىغا قويۇپ قويغان بولسابۇمۇ بىر خىل ئوبراز ئارقىلىق تەربىيلەش بولاتتى-دە، تېخىمۇ كاتتا ئىش بولاتتى! دېيىشىمگە، يەنە بىرسى جاۋابەن: بىزنىڭ مۇدېر ئۇلارنىمۇ قويۇشنى دەپتىكەندۇق ،شۇجىمىز ئۇلار دېگەن‹‹موللام›› تۇرسا، دەپتىكەن، مۇدىرىمىزئۇنداقتا بوپتۇ دەپتۇدەك،دېگەن باھانىنى كۆرسەتتى. ئېھتىمال شۇنداق دىگۈچى كۇڭزى ھەزرەتنىڭمۇ ‹‹موللام››ئىكەنلېكىنى بىلمىسە كېرەك! ھەرقانداق ئىلىمدارنى چۈشۈنىشتە ۋە ئۇنىڭ ئىدىيەسى بىلەن تونۇشۇشتا ،ئۇ ياشىغان تارىخىي شارائىت ۋە مۇھىت بىلەن باغلاپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ئىلىم-پەن دېگەننىڭ مىللىتى، سىنىپى بولمايدۇ، ئۇ بارلىق ئىنسانىيەتكە ئورتاق تەئەللۇق نەرسە دېيشىمگە. شۇ ئارىدا يەنە بىرەيلەن سۆز قىستۇرۇپ: ئىھتىمال سىلەرنىڭ مۇدىرنىڭ سەۋىيەسىبۇ مەسىلىنى شۇ شۇجىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكىدەك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە يەتمىگەن چىغى، دەپ چاقچاق قىلدى. ھىلىقى ئوقۇتقۇچى يەنە: ياق، بىزنىڭ مۇدېرنىڭ سەۋىيەسى خىلى يۇقىرى دەپ ئاقلىدى. بىراق بۇ مەنزىرىدىن مەن تولىمۇ ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم. مەن ناھايىتى نۇرغۇنلىغان دۇنياۋىي سەۋىيەدىكى ئالىم-مۇتەخەسىس،نوبىل مۇكاپات ساھەبلىرى ۋە ئاكادىمىكلار بىلەن ئۇچراشقان . ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت، ھەمداستىخان بولغانمەن، قارىسام ئۇلاردا تار مەنادىكى مىللەتچىلىك ئۇقۇمى يوق بولۇپلا قالماستىن، تولىمۇ ئىنسانپەرۋەر ۋە ئالىيجاناب كېلىدۇ. نېمە دەپ قورسىقىدا ‹‹ئىلىپنىڭ سۇنىقى يوق›› كىشىلەر شۇنداق تار مىللەتچى ۋە مۇتەئەسسىپ كېلىدىغاندۇ دەپ ھەيرانلىق ھىس قىلدىم. چۈنكى بۇنداق ئايرىمىچىلىق ۋە تار مىللەتچىلىك خاھىشىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنىڭ ئىدىيەۋىي ئاساسىنى زېيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئېنىق. ئەمەلىيەتتە،بۇ نوقۇل ھالدىكى سەۋىيە،ئىنسانپەرۋەرلىك،تونۇش مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە، ئىلمىي ئاڭلىغلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقى كۈچەيتىش ۋە مىللەت مەدەنىيىتىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، تەلىم تەربىيە مەسىلىسىگە بىرىپ تاقىلىدۇ.

IX تەبىئەت پەنلىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش ئادىمىيەت پەنلىرىدە توسالغۇسىز تەپەككۇر قىلىپ، يول ئىچىپ يېڭىلىق يارىتىش ھەم ساغلام تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇقەررەر يولى ۋە جىددىي تەقەززاسى

تەبىئىي پەن ـــ تەبىئەتنىڭ تىلى. ـــــ گالىلېي
تەبىئىي پەن – ئىنسانلارنى ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشنىڭ بىرخىل قورالى.ـــــــ ماۋزېدوڭ
ئىلىم-پەن(تەبىئى پەن) ئادەم روھىنىجەسۇر قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئوبىيكتىپ ئۇستازى._ بىرونۇ.
دۈشمەندىنمۇ ئۆگىنىش كېرەك ،پەقەت دۈشمەن بىلىملىك بولسىلا .ـــــــ گوركىي
ئىلىم-پەننى ئۆگىنىش(چۈشۈنىش)، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ھوزۇر-نەپ ئېلىش پەقەت ئىنسانغىلا خاس بولغان ئالىي ئىقتىدار ۋە پاراسەت بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئەقلىنى تېپىپ بەختكە ئېرىشىش جەريانىدىن ئىبارەت. ـــــ خاتىرەمدىن
بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى ھەممە ساھە ئىلىم-پەنگە خۇددى بارلىق جانلىقلار ئوكسىگېنغا ئېھتىياجلىق بولغاندەك مۇتلەق ئېھتىياجلىق. تەبىئىەت تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابى بولسا، تەبئى پەنئۇنىڭ بىرنىچى تىلى. ئىلىم – پەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى بولۇپ، ئىلىم – پەن ئىگىلەش ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى. كۆك ئاسماننىڭ ئاستىدائوخشاش بىر قۇياش نۇرىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا نىسبەتەن، ئىلىم – پەن ئالدىدا ھەممە ئادەم باب باراۋەر. شۇنداقلا، ھەممە ئادەمنىڭ ئىلىم-پەن ئىگىلەش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. نېمە ئۈچۈن تەبىئى پەن ئۆگىنىشنىمۇ مۇھىم دەپ قارايمىز؟ بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋىبى: ئالدى بىلەن ئىلىم-پەم ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئىزدەش سەپىرىدىكى ئادەمدىكى ئىلاھى خۇسۇسىيەتنى نۇرلاندۇرىدىغان بىردىن بىر قورال.شۇنداقلا، ئىلىم-پەننىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە پەنشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بارلىق ئادىمىيەت-ئىجتىمائيەت پەنلىرنىڭ ئومۇمىي نەزەرىيەلىرى ۋە ئاساسى تىئورمىلىرى تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ،يەنى تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىغا شەرتسىز ئۇيغۇن كېلىشى لازىم، ئۇنداق بولمايدىكەن ھامان شاللىنىپ كېتىدۇ؛ ئاندىن ، پەن-تېخنىكا ھازىرقى زامان ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل تېشى ۋە جېنى، پەن-تېخنىكا، ئەقلىيلىك ھەم ئاڭلىقلىقتىن ئايرىلغان مەدەنىيەت قۇرۇق ۋە ساختا مەدەنىيەتتۇر؛ ئۈچىنچىدىن، دەل شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن تەبىئى پەن ئاساسى بولمىغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەقىقى مۇكەممەل بىر ئالىم-ئىلىمدار، جۈملىدىن ھەقىقىي بىر لاياقەتلىك پەيلاسوپ بولالىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى، ھەقىقىيى ئالىم ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ بىر ئۇنۋىرسال يىتىلگەن تەبئى پەن ئۇستىسى ۋە پەيلاسوپ بولۇشى كېرەك.مەسىلەن: ئارىستوتېل ،نيۇتون، ئېينىشتىيىن قاتارلىقلاردەك؛ “پەيلاسوپ تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان ھەم ئىجادىي تەپەككۇر قىلالايدىغان روھ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە ئادەم بولۇشى كېرەك. چۈنكى تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ھەق قانۇنىيەتلەر بولۇپ، قەتئىي ئۆزگەرتكىلى ۋە خىلاپلىق قىلغىلى بولمايدىغان يارالمىش مۇقەررەر ئىلىمدۇر. شۇڭا پەيلاسوپ ئەڭ ئالدى بىلەن تەبىئەت ئىلمى ساھەبى بولۇشى كېرەك...شۇندىلا ئىلمىي قانۇنىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان تەمكىنلىك كىشىنى ھەر ۋاقىت ھەق-راست گەپ قىلىلىشقا، ھىسياتقا بېرىلمەسلىككە دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ روھ بىلەن ئىزدەنگەن(قەلەم تەۋرەتكەن) زاكۇنشۇناسلىق ۋايىغا يېتىدۇ. ”بۇنىقەقىنۇسنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا: “بۇ دۇنيادا تەبىئەت ئاتاـــ ئوقۇتقۇچى،جەمئىيەت بالاــــ ئوقۇغۇچى دېگەن بىلىم قاتلاملىرى مەۋجۇت بولۇپ، تەبىئەت پەنلىرى ئۇ مۇتلەق سەمىمىيەت ۋە چىن مۇھەببەت بىلەن كىرىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان مۇقەددەسئىلىمدۇر. ئۇ قىلچە ساختىپەزلىك ۋە ھىلە –نەيرەڭنى سىغدۇرالمايدۇ. ” ناۋادا ، نۇقۇل ئەدەبىيات ئاساسىلا بار ھەم تىل ئەدەبىياتتىن ئۆزگىنى بىلمەيدىغان ئەدىبلەر پەلسەپە ،ئىنسانشۇناسلىق ،مەدەنىيەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەلىرىگە ئارىلاشماقچى ۋە ئومۇمىييۈزلۈك ئۇتۇق قازانماقچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن پەنلەر چىگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپتەبىئىي پەنگە يۈرۈش قىلىشى،تەبىئىيپەن كىتابلىرىنىمۇ ئوقۇپ قويۇشى؛ تەبىئىيپەن بىلىملىرى ۋە تەبىيئەتنىڭ تۈپكى قانۇنىيەتلىرىنى ، پەلسەپە ۋە تەبىئەت دىئالىكتىكىسى ئۆگىنىشى لازىم بولىدۇ. شۇندىلا ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىلىمدار بولالايدۇ. ۋاھالەنكى ،بۇ يەردە تىلغا ئىلىنىۋاتقان ئىلىمدار - ئالىم (تالانت، بىلگىن، زىيالى) دېگەنلەر قانداقتۇر بىرخىل ئىلىمنى بىلسە يەنە بىر پەنگەچولتا "يەكپاي ئىقتىساسلىقلار"نى كۆزدە تۇتماستىن، ئادىمىيەت پەنلىرى خادىمى بولسا تەبىئەت پەنلىرى، تەبىئەت دىئالېكتىكىسى، تەبىئەت پەلسەپىسى، تەبىئىي پەن مېتودىكىسى ۋە ئەڭ ئاساسلىق تەبىئىي پەن بىلىملىرىدىن جەزمەن خەۋەردار بولغان؛ تەبىئەت پەنلىرى خادىمى بولسا پەلسەپە ۋەئانا تىل مەدەنىيىتىنى جەزمەن بىلىدىغان، قوش قاتلاملىق، قوش تىللىق، كۆپ قىرلىق تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە،مول بىلىم، چوڭقۇر پىكىرلىكزاماندار ئىختىراۋىي ئىنسان بولۇشى لازىم. ئىتالىيەلىك مەشھۇر رەسسام داۋىنچى ئۆز نۆۋىتىدە فىزىك ،بىئولوگ ھەم ئېنژىنېر ، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ” مۇنالىزا “ ،” ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا“قاتارلىق ئەسەرلىرى ئىنسانىيەت سەنئەت بايلىقى بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئەسەرلىرىمۇ شۇنچە ئەتىۋالانماقتا. ئىبىنسىنا شائىر ، شۇنداقلا تەبىئى پەن ئالىمى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىشۇ دەرىجىدە پاساھەتلىك بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ مىدىتسىنا ،ئاستىرنومىيە قاتارلىق پەن ساھەسىدىكى ئەسەرلىرىمۇ ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن تارىخىدا پارلاق نۇر چىچىپ تۇرماقتا.ھەممىگە تونۇش فرانسىلىيلىك پەيلاسوپ (Descartes دكارت) ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ بىر ماتېماتېكا ئالىمى، تىبابەت ئۇستىسى. ئۇ بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن تەبىئى پەنلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ ئوقۇغان، شۇڭا ئۇ ئانالىز گېئومېتىرسنى بەرپا قىلىپ، ماتېماتېكىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان،يۈرەك چىرىتيۇژىنى سىزىپ چىققان.ئۇندىن كېيىن دكارت «پەلسەپە پىرنىسىپلىرى»نىيېزىپ ئۆزىگە خاس يېڭى پەلسەپەنىڭ بايراقدارى بولالىغان. مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى نوبېل مۇكاپاتى ساھەبى جامىس جۇيىس بىر قانچە ئۇنۋىرسىتىتلاردا تەبىئى پەن ئۆگەنگەن مۇنەۋۋەر تەبىئى پەن مۇتەخەسىسى ئىدى. لۇشۈن ئەسلى ھاياتلىق ھەم مىدىتسىنا ئۇستىسى ئىدى، بىراق ئۇ تەندىكى كېسەلنى داۋالاشتىن روھنى داۋالاشقا كۆچكەن. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھى كېسەللەرنى داۋالايدىغان ئۆزگىچە ئوپراتسىيە پىچىقى بولالىغان. شائىر ھۈسىيىنخان تەجەللى ئۆز زامانىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ئىلىم مەركەزلىرىدە 20يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئىسلام مەدەنىيىتى، ئىلمىي نۇجۇم، مىدىتسىنا ۋە بىئو-خىمىيە قاتارلىق تەبىئىي پەنلەردىن يۇقىرى مەلۇماتلىق ئالىم ئىدى. ئابدشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسلى بىئو-خېمىيە ئىلمى بويىچە تولۇق كۇرۇس ۋە ماگىستىرلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئەدىب، پەيلاسوپلۇق يولىغا ماڭغان بولغاچقا تونۇلغان نۇرانە ئالىم بولالىغان.قەقىنۇس ئەسلىدە ھازىرقى دوكتورلىرىمىزدەك چەتئەلنىڭكىنى بىۋاستە ئوقۇمىغان بولسىمۇ ئەينى يىللاردا مەھەممەت ئىمىن يۈسۈپ، ئۆتكۈر ئەپەندىملەر بىلەن بىرلىكتە كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ، كېيىنكى كۈنلەردە بەزى سەۋەپلەر بىلەن جەنۇبى شىنجاڭغا ئالمىشىپ كەتكەن پىشقەدەم تەتقىقاتچى. ئۇنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى توسالغۇسىز تەپەككۇر قىلىپ دولقۇنلار يېرىپ ئىلگىرلەۋاتقان ھەممەباپ ئىلىمدار بولالىشىنىڭ سىرى دەلئۇنىڭ ئەزەلدىن تەبىئەتكە قىزىقىپ -تىۋىنىپ ، تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ،تەبىئەت ۋە تەبىئىي ھادىسىلەرنى كۈزۈتۈپئۇنى ئادىمىيەت ساھەسىگە تەققاسلاشقا ماھىربولۇپ، تەبىئەتتىن ئۆزلۈكسىز ئىلمىي ئىنېرگىيە ۋە يېڭىئىلھام ئېلىۋاتقانلىقىدىن؛ ئىلمىي ئىدىيە ۋە ئىلمىي مېتودنى توغرا ئىگەللەپ، پەن تەتقىقاتىغا مىكرى مېتود(ھىلى مىكرىلىك ئۇسۇل) بىلەن ئەمەس مېھرى مېتود(چىن ئىخلاس ۋە مۇھەببەتلىك ئۇسۇل) بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن كىرىشىدىغان بولغانلىقتىن، ئادەتتىكى كىشىلەرتەسەۋۋۇر قىلغۇسىزدەرىجىدىكى قەلب ھۆرلىكىگەئىگە بولۇپ، ئاجايىپ بىلىش مېتودى شەكىللەندۈرگەنۋە ئادىمىيەت ساھەسىنىڭ پەلسەپە ، روھىيەت ، تېرمىنولوگىيە، تارىخ، مەدەنىيەت ، تىل-ئەدەبىيات، شىئىرىيەت تەتقىقاتلىرىداھازىرقىلارغا ئۇستاز بولالىغۇدەك دەرىجىدىكى بىلگېن بولالىغان. ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى ” تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابى تەبىئەت “ دەپ قاراپ، تەبىئى پەن بىلىملىرىنى تېنىمسىز ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تەبىئى پەن پۇرىقى ئىنتايىن قويۇق ، بىلىمچانلىقى باشقا ھەر قانداق ئىجتىمائى پەن ئەسەرلىرىدىن كۈچلۈك ، تەپەككۇرى تەبىئەتنى ھاسىل قىلىپ تۇرغان تۆرت تادۇ بويىچە تولىمۇ ئەركىن. ئۇنىڭ خاس پەلسەپىۋىي ئەسەرلىرىدىمۇ ”سېنتىزلاش“ دېگەندەك بىئو-خىمىيىلىك تېرمىنلارنى ھەر ۋاقىت ئۇچرىتىمىز. تالانتلىق شائىر،«قاپ يۈرەك فىزىك» قاسىم سىدىق تەبىئىەت پەلسەپىسىنى ئىزچىل بېرىلىپ ئۈگىنىپ، تەبئى پەنگە يۈرۈش قىلغانلىقى ئۈچۈن،تەبئىەتتىن ئۆزلۈكسىز يېڭى ئىلھام ئېلىپ، تەبىئەتنى 32يىل كۈزۈتۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى»نى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىلمىي ئېتىقادى قىلىپ تۇرغۇزالىغان. ھەم نەزەرىيەۋىي فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق ساھەسىدە ئاجايىپ كاتتا ئىلمىي قىياس ۋە يېڭى تىئورما ، ئاكسىيومىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى بىلىشىنى ئۆزگىچە يېڭى مېتود ۋە نەزەرىيىۋىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئەمەس كەسپىي فىزىكلارنىمۇ ئەسلىدىكى مۇقەددەس دەپ قارىلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئىلمىي قاراشۋە نەزەرىيەۋىي تونۇش مەسىلىلىرىنى قايتىدىن ئويلىشىغا سەۋەپ بولدى. ھەتتا بۈيۈك ئالىم ئالبىرىت ئېينىشتىيىننىڭنەزەرىيەلىرىدكى كەمتۈك ۋە پارودوكىسلارنى«بايقاپ»، ئۇنى تۈزىتىش ۋە ھەل قىلىشنىڭ يېڭى مېتودىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك فىزىكا ئىنقىلابىنىڭ ئېشىكىنى قاقماقتا (ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بەزى نەزەرىيەلىرىنى فىزىماتلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش- ئىسپاتلاش ۋە جاھان ئەھلىگە تونۇشتۇرۇش نۆۋەتتىكى جىددى ۋەزىپە بولۇپ تۇرماقتا). دېمەك، مۇكەممەل ئىلىم-پەن ساھىبى جەزمەن پەنلەر چىگرىسىنى بۆسۈپ تاشلاپ ئەتراپلىق يىتىلگەندىلا ئىنسانىيەتكە ھەقىقىي ئۆلمەس بايلىقلارنى يارىتالايدۇ. تەبىئى پەن ئۆگىنىش بەلكىم بەزىلىرىمىزگە تاغدەك جاپا ۋە مۇشەققەتلىق ئىش تۇيۇلىشى مۈمكىن. بىراق چارلىز رىچارد دارۋىن مۇنداق دەيدۇ:مەن بىلىدىغان قىممىتى بارلىكى بىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىگىمدىن ئۆگىنىشتىن كەلگەن.ئەجداتلار: «تىرىشساڭ تاپارسەن» دېگەنىكەن، بىزمۇ ئۆزلىگىمىزدىن تېنىمسىز ئۆگەنسەك نىمىشقا بولمىغۇدەك؟! ئىلىم-پەن نۇرىھەممە دىللارنى يورۇتقاي! پەن-تېخنىكا ھەممىگە كۈچ-مادار ۋە قانات ئاتا قىلغاي!

Xتۈگەنچە ۋە مۇراجەت: ئۆزلۈك ۋە كىملىكنى بايقاپئىناق ئىختىراۋىي ئۆگلۈككە يۈرۈش قىلايلى

ئاكادىمىك، فىزىكا ئالىمى،فۇدەن ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى شىي شىدې: «ھاياتىمدىكى ئەڭ زور خوشاللىقىم كەسپىم ــ قىلىۋاتقان ئىشىمغا ئۆزۈمنى بېغىشلاش» دەيدۇ. ئادەمدە شۇنداق ئۆزىنى بىغىشلاش، تۆھپە قوشۇش روھى بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي خوشاللىق،بەخت تاپقىلى، ھەقىقىي مۇۋەپپەقيەتكە ئېرىشكىلى، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى ياراتقىلى، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ھەقىقى تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. ئالىم(ئىلىمدار)لاردىلا ئەمەس، ھەر قانداق پەزىلەتلىك ئىدراكى ئادەملەردە شۇنداق بىر مەسئۇلىيەت بولىدۇكى، ئۇ بولسىمۇ ئىجتىمائىي ۋە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت. ھەقىقىي ئىلىمدارلاردىكى ئۆزىنى بېغىشلاش، خالىسانە تۆھپە قوشۇش روھى ئىلىم-پەن روھىدىن كېلىدىغان ئىجتىمائى بۇرچ ۋە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتبولۇپ، بۇ خىل مەسئۇلىيەت ھەر قانداق شەكىلدىكى مەنپەئەت ۋە شەرتلىك مەسئۇلىيەتتىن ناھايىتى كۆپ قىممەتلىك ھەم بىباھادۇر. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى بۇ خىل مەسئۇلىيەت ھەرگىز شەخسىي پايدا-مەنپەئەت ۋە ھوقۇقنى شەرت قىلمايدۇ. مېنىڭچە بىزگىمۇ دەل ئەنەشۇنداق ئالىيجاناپ روھ ۋە ئىسىل پەزىلەتكەئىگە، مىللى مەدەنىيەتكە يۈكسەك ۋە چەكسىز مەسئۇل بولىدىغان پاراسەتلىك زور بىر تۈركۈم ئىلىمدارلارنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۆر بولماقتا. نىشانسىز ئادەم يىپسىز لەگلەككە ، ماياكسىز پاراخوتقا ئوخشايدۇ؛ ئىنىق ۋە توغرا نىشان ھەم ئىزچىل رىئال تىرىشىچانلىق كىشىنى ئىلىم تەتقىقاتىدا جۇشقۇن ھاياتى كۈچ ۋە مۆلچەرلىگۈسىز ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرىدىغان، ئىلىم-پەن يولىدىكى نۇرانە كىلەچەك ۋە گۈزەل مەنزىرىگە باشلايدىغان بىباھا ئەنگۈشتەر. كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ساھەدە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي تەدبىر ــــ تەشەببۇسلىرىنى ئۆز باش تولىمۇ سىستېمىلىق ۋە تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئەمدىكى مەسىلە ۋە ئۇنىڭ ئاچقۇچى ئىدىيەۋىي تونۇش ۋە ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈشتە قالدى. مېنىڭ تولۇقلىمام ۋە مۇراجاتىم شۇكى، ئۇيغۇر ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكىلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە: كۆز قاراشنى يېڭىلاپ ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ ئىستىلنى رۇسلاش، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئەمىلىي ھەركەتكە ئۆتۈش؛ مەدەنىيەتچۈشەنچىمىزنى جىددىي يېڭىلاپ،سەنئەتخۇمارلىقتىن ئىلىمخۇمارلىقا كۆچۈش ۋە تەبىئىي پەنگە يۈرۈش قىلىش، تار مەنە ۋە تۆۋەن سەۋىيەدىكى مەھەللىۋىي مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش، ئىدىۋىي ئۆملۈك ۋە دىل بىرلىكىگەئىگەئىسمى-جىسمىغا يارىشا ئۇيۇشقاق، ئىختىراۋىي قوۋملەردىن بولۇشتىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە مەن بۇندىن ئىلگىرىكى ماقالىرىمدە مەخسۇس توختالغانمەن. شۇڭا «قوش ئەستەر»قىلغۇم يوق، بىراق بەزى مەسىلىلەرنى تەكرار بولسىمۇ تەكىتلىەش زۆرۆر :
ئالدى بىلەن ئەستايئىدىل ئۆگۈنۈپ نەزەرىيە ئەمالىقىنى تۈگىتىش-ساپانى ئۆستۈرىش،كەسپىگە سادىق بولۇپ ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە“نېمە بولسا تۈزۈك بولۇش، نېمە قىلىسا تۈزۈك قىلىش” كېرەك؛
ئاندىن، ئىدىيەۋىي چىچىلاڭغۇلۇق ۋە ئىتتىپاقسىزلىق سەۋەبىدىن، ھەمكارلىق روھى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى سۇس بولۇش، ئىجادىيەتكە پۈتۈن مىھرى مېتود بىلەن كىرىشمەي مىكرى مېتودبىلەن كىرىشىدىغان ناباپلىق، كاززاپلىق، مەئىشەتپەرەسلىك ، پۇلپەرەسلىك، تەپەككۇر ھورۇنلىقى، پىكىر قاتماللىقى، نادانلىق قاتارلىق روھى كېشەنلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، دىل بىرلىكى ۋە ئىدىۋىي ئۆملۈكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزلۈك(مەنلىك)ئېڭىنى يېڭىپ ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆگلۈككە قاراپ يول ئېلىش لازىم؛
ئۈچىنچىدىن، ساددا ھالدىكى ھىسسياتپەرەسلىك ،سەنئەتخۇمارلىقىنى تاشلاپ، پاراسەتلىك ئەقلىي مىللەت، پەلسەپىۋىي مىللەتۋە ئىختىراۋىي مىللەت بولۇشقا قاراپ يۈرۈش قىلىش كېرەك. ھەممىگە پەرۋاسىز قارايدىغان، ياكى ھەممىدە ھىس-ھاياجان بىلەن ئىش كۆرۈدىغان قىزىققانلىق ۋە پاراسەتسىزلىكتىن ئەمدى قول ئۈزمەي بولمايدۇ. بولۇپمۇ،ئەدب(قەلەمدار)لىرىمىز خەلقنىڭ ھىسسياتپەرسەلىكىگە جۆر بولۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئورنىغا تەمكىن ۋە ئاقىلانىلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، بىلىم بىلەن تويۇنغان ،ئەقىل-پاراسەت بىلەن پاتلانغان زاماندارئىختىراۋىي پىكىر قىلىش ئارقىلىق خەلقنى تەربىيەلەش ۋە يىتەكلەشكە ماھىر بولۇشنى ئۈگۈنىۋىلىشى لازىم. ئۇنداق قىلالمىسا قىلالايدىغانلارغا ئورۇن بوشۇتۇشى كېرەك؛
تۆتۈنچىدىن،“ھازىرقى كۈندە بىر جاي، بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇمۇرۇتقىسىغا ئۇنىڭ تارىخىئىزلىرى ئەمەس،شۇ جاي ، شۇ مىللەتنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەخ ئۇتۇقلىرى ۋەكىللىك قىلىدۇ. ” شۇڭا بىزئەتىدىن كەچكىچە تارىختايۈسۈپ خاسھاجىب، مەھمۇد كاشغەرى ، ئاماننىساخان قاتارلىق بوۋا –مومىلىرىمىز ۋە ئۇلار قالدۇرغان كاتتا مىراسلىرىمىزبولغان دەپ ئېغىز تاتلىق ئېتىپ، ئۇ ئەجداتلارنىڭ تۆھپىسىنى ئىگىز ياستۇق قېلىپ ييىتىۋەرسەك ئەمدى بولمايدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى بوۋىلىرىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئۇلار گەرچە شېئىر يازغاندەك، لوغەت تۈزگەندەك تۇرسىمۇ بۇ ئەسەرلەردە ئادىمىيەت ۋە تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ھەممە تۈرلىرى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، پۈتكۈل ئادىمىيەت ساھەسى ۋە ئاۋام ئارىسىدا ھەقىقىي مەنادىكى بىر مەيدان ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە راجلاندۇرۇش ھەركىتى قوزغاپ ، ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئىلغار مەدەنىيەت مىۋىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق مىللى مەدەنىيەتنى يەنىمۇ نۇرانە كىلەچەككە باشلاپ مېڭىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بۆسۈش نۇقتىسىنى دەل بىر مەيدان چىن مەنىدىكى ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش لازىم. بولۇپمۇ ئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەت ئىستىلىنى يەنىمۇ رۇسلاپ ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتاش ۋە خالىس تۆھپە قوشۇش، سەمىمىي ئادەم بولۇپ ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل ئەستايىدىل بولۇش، ھەق-نەق گەپ قىلىش، ئۆگىنىش بىلەن ئىجادىيەت ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاڭلىق بېرلەشتۈرۈش؛ يېڭىلىق يارىتىشمەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش، بىلىم ۋە بىلىملىكلەرنى قەدىرلەش، ئىجادىيەتكە ، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىپ(بۇ يەردىكى ھۆرمەت چوقۇمكى، نوقۇل ھالدىكى ئەدىب يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلارنىلا ئۇلۇغلاشنىلا كۆزدە تۇتماستىن بارلىغىنى تەبىئى پەنغا بېغىشلاۋاتقان بىلىمكار،ئىلمىي سەنئەتكار ئىلىمدارلارنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى قەدىرلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئېڭى ۋە ئىجادىيەت قۇدرىتىنى ھەقىقى ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى ، “ئىلىم-پەننىڭ ئىنسانىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئاستاۋە تەدرىجىي بولىدۇ، بىراق، ئىلىم-پەن بەلگىلىك مەدەنىيەت ئاساسى ۋە ئىدراكىي روھقا ئىگە بولغاندىلا ئاندىن ھېس قىلغىلى بولىدىغان مەدەنىيەتتۇر.” ئىلىم پەن ئىجادىيىتىدە ئىلىمىز ۋە دۇنيانىڭ ئىجادىيەت قەدىمى بىلەن«ئوخشاش ئوربېتىدا ئىلگىرلەش» ئۈچۈنئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئىلىمدارلىرىمىزئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ «مەدەنىيەت چۈشەنچىسى»نى تىزدىن يېڭىلاپ،نوقۇل ھالدىكى ئەدەبىيات سەنئەت ۋە ئەلگە ئەمىلىي نەپ بېرەلمەيدىغان ياكى بىر توپ پەرۋانە كەبى ئىسنانلارنى تەربىلەيدىغانۋە ياكى بولمىسا ئىلىم-پەن، ئەخلاقى - پەزىلەت ۋە پاراسەت بىلەن يۇغۇرۇلمىغان، ئەتىدىن كەچكىچە 7ياشتىن70ياشقىچە ھەممە كىشى ‘ كۆيدۈم پىشتىم؛ دىككا –دىككاڭ’ دېگەندەك پاخال- ئەخلەت ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىنى ئىجاد قىلىۋەرمەستىن، خەلقنى مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەتلەش كۈچىگە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى ئىجات قىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇشى؛قۇرۇقتىن قۇرۇق سۆز ئويۇنلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولىۋەرمەستىن كىشىلەرگە ئەقىل پاراسەت ئۆگىتىدىغان، ئىلىم-مەرىپەت ئىگەللەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلېكىنى تونۇتىدىغان ، ئەل-ۋەتەننى يەنىمۇ قىزغىن سۆيۈپ ، ئىدىيەۋىي ئۆملۈك ۋە دىل بىرلىكىگە يىتەكلەيدىغان،ئەقىلنى بىلەپ تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ ئىجادىيەت زېھنىنى ئاچىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجات قىلىشى، تەشۋىق قىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ ئارقىلىقخەلقنىڭ ئېڭىدا مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسى شېئر –قوشاق، ناخشا-ئۇسسۇللا بولماستىن، ئۇنىڭ ئۇلى ۋە جىنى ئىلىم-پەن ،ئەقلىيلىق ۋە ئاڭلىقلىق ئۇنىڭغا ماياك دەيدىغانئورتاق ئالى تونۇش، قەلبىگە پەن–تېخنىكا ئۆگۈنىش ئىڭى ، ئىلىم ئىشتىياقى ۋە شۇنداق بىر ئوتىنى سېلىپ قويۇش مەخسىتىگە يىتىلسىلا كۇپايە. خەلقىمىزنىڭ ئەقلىي ئويغۇنىشى، ئىلىم-پەن ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ھەقىقى مەدەنىيەتلىك ئىختىراۋىي مىللەت يولىغا يۈرۈش قىلىشتا، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىمدارلار، تەبىئەت پەنلىرى ساھەسىدىكىلەر ئورنىنى باسالمايدىغان ۋە باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم تارىخىي ۋەزىپە، ۋىجدانى بۇرچ ھەم تەخىرسىز مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، بۇ مەسئۇلىيەتنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلمىسا دەۋر ۋە مىللەت مەدەنىيىتى ئالدىدا كۆچۈرگۈسىز گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.
ئۇندىن باشقا يەنە، ئىلمىي ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، چوڭ ئىلىم-پەن ئېڭى تۇرغۇزۇش ۋە ئىلىم ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقىش، پەن-تەتقىقات ئىشلىرىنى قىلىپلاشتۇرۇش-ئۆلچەملەشتۈرۈش، تېرمىن –ئاتالغۇلار تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش، ئىجادىيەشۇناسلىق ۋە ئىقتىساسلىق(تالانتشۇناسلىق) تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. مۈمكىن بولسا زامان-ماكان ۋە پەن-كەسىپ ھالقىغان ،ھەممىباپ خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىقتىساسلىقلار ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەر ساھە تالانت ئىگىلىرىگە كەڭ سەھنە ۋە پۇرسەت ھازىرلاپ ، ئىقتىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە يەنىمۇ شانلىق تۆھپىلەرنى قوشۇش ئۈچۈن ھازىر بولۇش كېرەك!


پايدىلانمىلار ۋە نەقىل مەنبەلىرى:

ئابدۇقادىر جالالىدىن:«مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنيا تەرتىپىنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى (ئۇيغۇرچىسىغا كىرىش سۆز) » . شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى. ئۈرۈمچى، 2003-يىل نەشرى، 23-بەت ؛
- --. زۇلپىقار بارات ئۆزباش: «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائەت،ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىسى». «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»   2010-يىل4-سان   49-،53-، 41-،66-بەت
غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار قاتارلىقلار: «ئەسىر بوسۇغۇسىدىكى ئەڭ زور ئىلىم-پەن ئالدامچىلىقى__ خۇاڭ يۈشى ۋەقەسى».«شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبېرى»2008-يىل 5-سان ،33-37-بەت.
لى چاۋيىڭ: «ساختا ئىلىم-پەن مەسىلىلىرى توغرىدا مۇنازىرە». «ئىلىم-پەن ۋە ئاتىزىم». 2007-يىل 5-سان،31-29- بەت.
غەرەتجان ئوسمان بىلىكار قاتارلىقلار: «خەنزۇ تىلىنى تىز ھەم ئۆگىنىشنىڭ نىگىزلىك تەجرىبە ۋە سىرلىق ھىكمەتلرى» . شىنجاڭ خەلق نەشرياتى،2004-يىل نەشىرى.؛ . http://ulinix.cn/about/tohpikar/korux-0011.htm.
«دۇنيا دىن مەدەنىيىتى».2010-يىل 4-سانىغا قارالسۇن؛    «بىلىم-كۈچ».2009-يىل،12-سان،24-بەتكە قارالسۇن؛
«پەن ۋە تۇرمۇش». 2010-يىل.4-ساننىڭ مۇقاۋىسىنىڭئىنگىلىزچىسىگە قارالسۇن؛
-.«شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبېرى» 2008-يىل: 3- ۋە5-سان ؛ 2010-يىل:2-ۋە 4- سانىغا قارالسۇن؛
ئەنۋەر تاش تۆمۈر:« ژورنال تەھرىرلىرىنىڭ دەۋر تۇيغۇسى» «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبەرى»2007-يىل.4-سان.36-38بەت
غەيرتجان ئوسمان بىلىكار:« شىنجاڭنىڭ يېزائىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا».4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلارئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى(شىخەنزە ئۇنۋىرسىتېتى ئۆتكۈزىلگەن) ئىلمىي(2004-يىلى ئاپتونۇم رايۇن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئى پەنلەر بويىچە مۇنەۋۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) ماقالىلەر توپلىمى.2-توم.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،2000-يىل6-ئاي1-نەشىرى،ئۈرۈمچى : 1190-1192بەت؛
. غەرەتجان ئوسمان بىلىكار.شىنجاڭ يېزائىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىداقايتا ئويلۇنۇش . . جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ياشلارئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە دوكتورلار مۇنېرى (خەنكو)نىڭ مۇنەۋەر ئىلمىي ماقالىسى.جۇڭگو ياشلار يېزا ئىگىلىك ئىلمىي دوكىلاتى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا   نەشىرياتى.بىيجىڭ :2004-يىل11-ئاي،1-نەشىرى،401-407بەت؛
. «ماركىس تاللانما ئەسەرلىرى»(خەنزۇچە)9-جىلىت .بېيجىڭ :خەلق نەشرىياتى1971-يىل نەشرى،57-56-بەت.
. نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋىرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى.2002-يىل(25-جىلىت) 2-سان، 72-بەت؛
---ئېينىشتىيىن ماقالىلرىدىن تاللانما.(شۈ لىياڭيىڭ تەرجىمىسى). سودا نەشىرياتى.1979-يىل. بېيجىڭ:182-183بەت؛
. ماركىس ئىنگىلىس تاللانما ئەسەرلىرى (1-توم) .بېيجىڭ:1995-يىل نەشىرى،56-بەت؛
. ئىلىم-پەن ۋە ئاتىزىم.2010-يىل3-سان؛45-47بەت؛
--.زۇلپىقار بارات ئۆزباش. ئۇيغۇرلاردا ئېجتىمائىيەت،ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىسى.«شىنجاڭ مەدەنىيىتى». 2010-يىل4-سان،54-56-،41- 66-بەت ؛
- . غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار.«ياشاش سەنئىتى يېڭى ئۇقۇم يېڭى قاراش» . «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبەرى»2009-يىل3-سان؛
. Emile Durkheim.دىنى تۇرمۇشنىڭ ئاساسى شەكلى.شاڭخەي خەلق نەشىرياتى.1999-يىل،11-ئاي،1-نەشىرى.1-جىلىت؛
. ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان. خاراباتى نەزىرىدە ئىلىم ۋە ئالىم.شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبەر. 2010-يىل 2-سان،31-38بەت؛
. Richahard G.Olson.ئىلىم-پەن ۋە دىن:كوپىرنىكتىن دارۋىنغىچە.سەندوڭ خەلق نەشىرياتى.جىنەن:2009-يىل1-ئاي،1-نەشىرى؛
.گاۋ چاڭجياڭ. ئەل ئارىسىدىكى ئېتىقاد:ئىجتىمائى ئىناقلىقنىڭ مەدەنىيەت كاپىتالى. دۇنيا دىن مەدەنىيىتى.2010-يىل3-سان.115-124بەت؛
-- .ئەن لۈن. ئىدراكى ئېتىقاد يولى. شاڭخەي شۆلىن نەشىرياتى.شاڭخەي.2009-يىل9-ئاي،1-نەشىرى:1-7ۋە10-19بەت؛
.ليۇ پېڭ.بۈگۈنكى دەۋردىكى ئامېرىكىدا دىن .جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر نەشىرياتى:بېيجىڭ.2001-يىل نەشىرى، 326-بەت؛
.ليۇ ۋاڭشياڭ.ئامىرىكىدىكى دىنىلارنىڭ چوڭقۇر مەنبەسى ۋە كۆپلىگەن دىنلارنىڭ ئىناق بىرگە تۇرۇش سەۋەبلىرى توغرىسىدا تەھلىل.دۇنيا دىن مەدەنىيىتى.2010-يىل 4-سان؛43-54-بەت؛
.«ئىدىيە-ئەخلاق»(تولۇقسىز7-يىللىق1-قىسىم) .شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى. 2010-يىل 6-ئاي، 1-نەشرى، 21-بەتكە قارالسۇن؛
.ئەركىن ئىھساق ئوغۇزغان.تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى.شىنجاڭ مەدەنىيىتى2010-يىل .2-سان 2-19بەت؛
. يۈسۈپ يۈسىنيىن قەقىنۇس. ئوگۋادۇر تەلىماتى:3-باپ تارىخى ئىبرەت.«شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبېرى». 2009-يىل1-سان:30-52بەت ؛
.تەبىئەر ۋە ئادەم.2005-يىل1-2- (قوشما) سان.6-بەت؛
--.ئىسلامجانشىرىپ بەشكېرەمى .ئالىمنىڭ ئىجادىيەت ئېڭى ۋە ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن ئىلھامى . شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبېرى.2005-يىل 3-سان86-بەت. قالدىلىرى قىسقارتىلدى.
پايدىلانمىغا ئىزاھات:   تۆۋەندىكى بەلگۈلەر پايدىلانغان مەنبەلەرنىڭتۈرى ۋە قايسى خىل مەتبوئات ياكى ئاخبارات ۋاستىگە تەۋە ئىكەنلېكىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: كىتاب؛    ژورنال؛ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى؛ گېزت؛ دوكىلات ۋە لىكسىيە؛ تىلىۋېزور؛ ئىنتېرنېت تورى دېگەننى بىلدۈرىدۇ.(ئىلمىي ژورناللاردا ئورتاق قوللىنىۋاتقان ئۆلچەم) .ئۇندىن باشقا بىۋاستە نەقىل ،يېڭى ئىجات قىلىنغان ياكى خاس ئاتالغۇلار مەنبەسىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىگە دۆگىلەك ئىچىدىكى ئەرەب رەقىمى، پايدىلانغان-سىتاتا ئالغان مەنبە نىڭ سول تەرەپ ئۈستىگە چوڭ تىرناق ئىچىدىكى ئەرەب رەقىمى بىلەن پەرقلەندۈرۈۈپ ،شۇ ئاساستانەقىلياكى مەنبەسى ئەسكەرتىلىدۇ.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 18:44:19

ياخشى يازمىكەن!

ئەجەپ تەستە ئوقۇپ بولدۇم.

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 08:31:12

ئەخلەت قىلمىغان ئىزدىنىش قالغان:lol

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 09:33:20

ئاپتۇرنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە ئاپرىن. بۇ يازما بەكلا مۇپەسسەل يېزىلىپتۇ.
بەت: [1]
: ئىلىمدار نىڭ قەرزى ۋە پەرزى