gulmeryem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 10:53:02

ماي ئىستېمال بېجى ئۆسسە ئۈرۈمچىگە قانچىلىك كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ؟




ماي ئىستېمال بېجى ئۆسسە ئۈرۈمچىگە قانچىلىك كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ؟
(ئەرقال تاراتقۇسى)
ئەرقال تاراتقۇسى 4.0 نۇسخىسى ئېلان قىلىندى!

شەخسىي ئاپتوموبىلى بارلارنىڭ كۆپىنچىسى مايغا خەجلەۋاتقان پۇلدا يېقىندا ئۆستۈرۈلگەن ئىستېمال بېجىنىڭ بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. 12-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ماليە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا بىر قىسىم مەھسۇلاتلاردىن ئېلىنىدىغان ئىستېمال بېجىنى تەڭشىگەن بولۇپ، 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ ھەر لىتىر بېنزىن، تاختا ماي (石脑油)، ئېرىتكۈچى ماي (溶剂油) ۋە سىلىقلىغۇچى ماينىڭ ئىستېمال بېجىنى 0.12 يۈەن ئۆستۈرۈپ، 1.12 يۈەنگە چىقارغان. ھەر لىتىر دىزېل مېيى، ئاۋىياتسىيەگە ئىشلىتىلىدىغان كىرسىن ۋە يېقىلغۇ مايدىن ئېلىنىدىغان ئىستېمال بېجىنى 0.14 يۈەن ئۆستۈرۈپ، 0.94 يۈەنگە چىقارغان.
چۈشەندۈرۈلۈشىچە، ئىستېمال بېجى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە يىلدا 713 مىليون يۈەن باج ئارتۇق كىرىم قىلىنىدىكەن.



تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئەرقال تاراتقۇسىنىڭ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىڭ ياكى يان تېلىفون ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ.
(ئەسكەرتىش:ئەرقال تاراتقۇسى 4.0 يېڭى نەشرىدە يېمەكلىك، ساغلاملىق، كىيىم كېچەك، ئىستېمال، ئۆي-زېمىن، ئۆي-جاھازلىرى، ئاپتوموبىل، قاتناش، پەن-تېخنىكا، ئېنېرگىيە، ئىستراھەت، مەدەنىيەت، ئىختىساسلىقلار، مائارىپ، ماكرو ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق سەھىپىلەر قوشۇلدى، ئەرقال تور رادىيوسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.)

ئەرقال تاراتقۇسى تور ئادرېسى: www.erqal.com
ئەرقال تاراتقۇسى 4.0 نۇسخىسى  ئەپ  دېتالىنى چۈشۈرۈش ئىككىلىك كودى

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 13:54:50

بىر لىتىر ماي كۆيدۈرسىڭىز دۆلەتكەن 1.12 سوم باج تاپشۇرىسىز.
دۆلەت بۇ پۇللارنى مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ.{:87:}

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 14:15:56

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 13:54:50 static/image/common/back.gif
بىر لىتىر ماي كۆيدۈرسىڭىز دۆلەتكەن 1.12 سوم باج تاپشۇرىس
ئاساسلىق مەخسىدى دوللار تىجەش…

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 14:32:29

خەلقئارادا خام نىفىت باھاسى زور دەرىجىدە چۇشسىمۇ   بۇيەردە ئاران 1مۇ چۇشىدۇ      ھەي

erxat1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 15:29:23

تىمىغا  مۇناسىۋەتسىز بۇپ قالدى كەچۈرىڭلا  مۇنبەرگە تىما يۇللىسا  ئادەتتە قانچىلىك ۋاقىتدىن كىيىن تەستىخلىندۇ،   ئەتىگەن بىرتىما يۇللىسام  ھازىرغىچەڭ شەپە يۇق    ئەنسىرەپ قالدىم  .  تۇنجى تىمامدى   بەك تەقەززا بۇپ كەتتىم.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:08:30

ئەينى يىللىرى بىر لىتىر بېنزىن ئىككى سوم ئىدى
شۇنىڭدىن بۇيان خەلقئارادا ماي باھاسى ئۇنچە ئۆسۈپ كەتمىدى،بىراق بۇ يەردە ئۈچ تۆت قاتلىنىپ كەتتى
ئۆسۈپ كەتكىنى سامان قورساقلارنىڭ نەپسى،ئاچكۆزلۈكى ئوخشايدۇ
ئىشقىلىپ بىزدەك ماشىنا ھەيدەيدىغانلارغا ھەر يەردە قىسماق تولىكەن

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:09:56

ماي باھاسى چۈشۈپ كەتسە باجنى ئۆرلىتىش ئارقىلىق تولۇقلايدىكەن ھە پەرقنى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:11:44

باشقا دۆلەتلەردە قانداقتۇ بېنزىن باھاسى، ئىشقىلىپ ماڭا بەك قىممەت بىلىنىدۇ ھازىرقى باھاسى

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:23:30

تېما خاتا،ئۈرۈمچىگە ئەمەس يەرلىك ھۆكۈمەتكە قانچىلىك كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ

erxat1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:02:42

رايۇنىمىزنىڭ خام نىفىت زاپىسى مۇل بولغاندىكىن    بىنىزىن باھاسى تۆۋەنەرەك  بۇلسا بۇلاتتى.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:20:57

ئىككى ماشىنامغا ئايدا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن1000 كويلۇق ماي كىتىدىكەن گاز تەىنلەش قىسلاشقانسىرى گازخانىدا ئۆچىرەت تۇرۇشتىن قېچىپ مايدىلا ماڭىدىغان بولدۇم قارىغاندا ماۋۇ قىشتا بۇ چىقىم بىر ھەسسە قاتلىنىدىغان چېغىۋا شۇنداق بولغاندا ھۆكۈمىتىكامغا خېلى باج تۆلەيدىكەنمەن

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 18:03:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-13 18:04  

بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئەقىللىق باشلىقلار بەك جىق-ھە!؟
جاھاندا نىفىت باھاسى چۈشۈپ كەتسە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ ئازراق چۈشۈرىدىكەن. ئارقىسىدىن كېمىپ كەتكەن پۇلنى مانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق تولۇقلايدىكەن. ھەر لىتىر مايدا 0.12يۈەن باجنى ئۆستۈرگەن بولسا، ماي پونكىتلىرى باج يىغىش ھەققىنى قوشۇپ 0.22يۈەن ئۆستۈرە ھەقىچان. بولمىسا ھۆكۈمەتكە ئاۋۇ باجنى كىم يىغىپ بېرىدۇ؟

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 19:02:31

شۇ يىغقان باجلارنى ئوبدان بىر مۇپەتتىش قىلىدىغان ئورۇن يوق

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 19:39:05

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 15:54 static/image/common/back.gif
بىر لىتىر ماي كۆيدۈرسىڭىز دۆلەتكەن 1.12 سوم باج تاپشۇرىس ...

مۇھىت ئاسراشتىكى پارىخور ئەمەلدارلار خەجلەيدىغان پۇلمىكىن.

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:49:59

ئەرقال تاراتقۇ دىتالىنى چۈشۈرىۋالدىم بوپ قويىدىكەن،ھازىر دېگەن ئەنچە-مۇنچە ئىختىسادى كاللا بولمىسمۇ بولمايدۇچا

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:59:25

باجىنى دۆلەتلىك باج ئىدارىسى يىغىۋالىدۇ.  ئۈرۈمچى شەھىرىگە يىلدا 713 مىليون يۈەن باج ئارتۇق كىرىم  قىلىپ بېرىدىكەن خۇددى بۇ پۇللارنى ئۈرۈمچى شەھرىگە ئىشلىتىدىغاندەك :lol  

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 21:21:57

تور سستىمىسىدا مەسىلە بارمۇ قانداق،بىر قىتىم يوللىسام خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى قايتا يوللىسام تەكرارلىنىپ كىتىپتۇ (ئەدەمنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ):$

kuyzar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 23:17:53

ئېلاندىن ئەكىس سادا يانغان چىغى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 07:33:23

ئەرقالنى كۈچلۈك تەشۋىق قىلىۋېتىپتۇ دەپ چۈشەندۇققۇ

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 09:25:26

بېنزىن باھاسىنىڭ مۇشۇنچىلىك چۈشكىنىگە شۈكرى، بۇرۇن 25يۈەنلىك بېنزىندا موتويۇمنىڭ ماي باكى ئاران تۇشاتتى، ھازىر 20يۈەنلىك بېنزىندا تۇشىدىغان بولدى
بەت: [1] 2
: ماي ئىستېمال بېجى ئۆسسە ئۈرۈمچىگە قانچىلىك كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ؟