جەسەت: ئىگىلىۋېلىش پىسخىكىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-13 10:27قىزغىن
بىر قېتىملىق قاتتىق سوقۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن،
ۋەھىمە كوچىلىرىدىن ياڭرىغان ئېچىنىشلىق ئاھۇ-زار.
ناماز شام پەيتى، يىگىلىگەن نېرۋا تۆشۈكچىلىرى،
ھەممە يەر زۇلمەتلىك قۇرقۇنچ ياغار.
بىر مېتىر غېرىپلىق،
مەيۈسقىنە ئۇزۇتۇلغان دەپنە مۇراسىمى.
شىددەت بىلەن ئۆلۈۋاتقان پاقىلار،
يەر ئاستى سۇ يولى.
تۈنۈگۈن ئىچىمدە قالدىم ئېھ، مېنىڭ لەنەتكارلىقىم،
بارچە نەرسىلەر يالغان ۋە سۆيۈشتىن مەھرۇم.
ياندىم، ياندىم ئاندىن تولۇنئاينى قارغا ئالدىم،
بۇ دۇنيادا پەقەت مەنلا ئاشىق ئاتالدىم!
ئىگىلىۋېلىش پىسخىكىسى
ئىگىلىۋېلىش پىسخىكىسى مەندە ئېغىر،
شۇڭا دائىم بارلىق چىقىش يوللىرىنى ئەسەبىيلەرچە ئىزدەيمەن.
گاز تۇڭى، سوپۇن، سۇلياۋ قاپچۇق دېگەندەك نەرسىلەرگە ئۆچلىكىمدىن،
ئۆچلىكىمدىن-سېنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن يەيمەن!
يۈرىكىمدە يالقۇنجىغان چەكسىز نۇرنىڭ قارا سايىسى،
تېرەك بويلاپ ھاڭراپ چىقتىم مەھەللەم ئارا.
جىق گەپلەرنى دېگۈم بار ئىدى..
مەن بىر ھايۋان! كەچۈر، ئېھ، خۇدا!!!!
سۆز ياساش تېخنىكامنىڭ ناچارلىقىدىن مۇشۇ كۈنگە قالغان ئادەممەن،
پەقەت سېنى سۆيۈش ئۈچۈنلا.
ئېچىنىشلىق گۇگۇم پەيتىدىكى بۇ زېرىكىشلىك بۇ مىنۇتلاردا،
شېئىر بولۇپ تۈگىشەر دۇنيا!
چۈشەنمىدىم...:L جاللات ئۆلتۈرۋەتكەن جەسەتمىكىن دەيمەن ما ھاڭرايدىغان جەسەتنى :lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol ئۇ سىستىما پەقەت يىشەلمىدى ، مەخپى نومۇرنى ، باشقا سىستىما بارمىدۇ ياخشىراق . مىسرالار ئارىلىقىدىكى ھىسىيات ۋە تەپەككۇر بوشلۇقى بەك كەڭرى. گاھى مىسرالار بىلەن گاھىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقتەك ھەتتا.
بەزى مىسرالاردا كۆنۈككەن ئىماگلار ، بەزى مىسرالار باشقا شائىرلار تەرىپىدىن تەكرار تەكرار ئىشلىتىلىپ بولۇنغان.
بۇ ئىككى شئېر ،ئۆتكەنكى ئىنكاس شەكلىدە يوللىغان بىر تۇتاش شېئرلاردەك ياخشى چىقماپتۇ. بىزمۇ دۈشەنبىدىن باشلاپ دۇكانمۇ دۇكان سەرەڭگە بىلەن ساليوت بار يوقلىقىنى ئېنىقلايمىز . موقىملىق ھەممىدىن مۇھىم ئەلۋەتتە . شۇنى دىمەمسىز بۇ يىل بەك سوغۇق بوپ كەتتى . چۈشنەلمىدىمغۇ يوتقان سىرتىدا ياتقان يىلان
يوتقاندىن بەك يىراقتا tirkax يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 10:05 static/image/common/back.gif
شۇنى دىمەمسىز بۇ يىل بەك سوغۇق بوپ كەتتى .
شۇ شۇ،، قار ياغمىغىنى بىلەن ئومدانلا سوغۇق بوپ قويدى، ئەتىگەن كالا ساغقىلى چىكەتكەنلەر چىلەكتە لىققىدە ماروژنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ.:lol
بەت:
[1]