malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 09:10:56

پارچە كۆمۈر ئالغان دادىنىڭ ئايفون ئويناۋاتقان بالىسى باركەن


گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى
- كۆمۈرنى قانداق ساتتىڭ بالام؟
- شۇ بىر توننىسى 450 يۈەن، پارچە ساتساق بەش مودىن.
- ھە، ئەمسە مەن بىر خالتا ئەپ تۇرايمىكىن ...
- ماقۇل، تاغا، مانا سىزگە جىقراق قاچىلاپ بېرەي ھە...
بۇيىل قىش قار ئوبدانلا يېغىۋالدى، ئىككى كۈندە بىرلا تېگى تۆشۈك قازاندەك توختىماي يېغىۋەردى. ئالدىنقى يىلى تۈزۈك قار ياغمىغانلىقتىن، قار تازىلايدىغانغا يول بۆلەكلىرىنى كۆتۈرە ئېلىۋالغانلار بەك پايدا ئالغانىدى. بۇ يىل مەخسۇت دادا پۈتۈن بىر ئىدارىنىڭ يول بۆلىكىنى كۆتۈرە ئېلىۋالغىنىدا ئەجەب قېرىشتى دېسە.
شىمالىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يا بىر تېرىلغۇ يېرى يوق، يا بىرەر ئائىلە ئەزاسىنىڭ بولسىمۇ خىزمىتى يوق. تۇرمۇشى ھەقىقەتەن غۇربەتچىلىكتە ئۆتمەكتە. زىمىستان قىشنىڭ سوغۇقى يوقسۇلغا جاپا. نەچچە يىل كىيىپ كونىراپ ئىسسىقى قالمىغان پەلتۇسىنىڭ ئىچىگە، مەسودەم ئانا ئەپلەپ سەپلەپ يۈرۈپ، كونا ئەدىيالدىن بىرنى تىكىپ بەردى. سىرتتىن قارىماققا بىلىنمەيدۇ، ئەمما شۇ قەدەر ئىسسىق تۇراتتى-دە، مەخسۇت دادا ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ئايالىنىڭ بۇ ئەقلىگە بارىكاللا ئېيتتى.
- بايا قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ، ئەلقەمجانغا تېلېفون قىلغانىدىم، مەكتەپكە تاپشۇرىدىغان پۇل لازىمكەن...- دېدى مەخسۇت دادا ئۇھسىنىپ.
- قانچە پۇل لازىمكەن؟- مەسودەم ئانا، قولىدىكى لەغمەن خېمىرىنى سوزۇپ، قازانغا تاشلىۋېتىپ، قازاننى ئارىلاشتۇرغاچ سورىدى.
- شۇ تۆت مىڭ يۈەن دەيدۇغۇ.
- ھوۋۋۋۋۋۋ.... - ئىچىگە ئۇزۇن بىرنى تارتىۋەتكەندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- نېمىگە ئىشلىتىدىغاندۇ؟ بۇ مەكتەپلەرمۇ كوھىقاپتەك ئاغزىنى «ھا» قىلىپ ئېچىپلا تۇرغان، كىرىدۇ قەتئىي چىقمايدۇ... نېمە جىق پۇل ئۇ؟
- بولدى قاقشىما، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئامال قىپ بېرەي، ئوقۇشى پۈتسە، بىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ ئوغلىمىز...- مەخسۇت دادا ئۈمىدكە تولغان كۆزلىرىنى تورۇسقا تىكىپ، لەغمەننىڭ چىقىشىنى ساقلاپ ئولتۇردى. تاماقنى مەززە قىلىپ يېدى-دە، دۇئاسىدا شۇنداق ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ئوغلىغا بەخت-تەلەي، ئىنساب-ۋاپا تىلىدى.
دۇنيالىقتىكى شۇ بىر قىشلىق پەلتۇسىنى كىيىپ، يەنە سىرتقا قاراپ ماڭغان يولدىشىنى كۆرۈپ، مەسودەم ئانا قولىدىكى توقۇۋاتقان مايكىنى كاڭغا تاشلاپلا، كەينىدىن چىقتى:
- يەنە نەگە ماڭدىڭىز؟
- بالدۇرراق ھەل قىلاي، باشقا بالىلار تاپشۇرۇپ بولسا، ساۋاقداشلىرى ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالمىسۇن.
ئەر ئايال ئىككىلىسى بىر بىرىگە ئىچ ئاغرىتىپ، مېھىرلىك كۆزلىرىدە بېقىشتى-يۇ، كۆزلىرى نەمدەلدى. چۈنكى قەيەردىن ئۇنچە كۆپ پۇلنى ھەل قىلىش بىر مەسىلە ئىدى. قوشنىلار، ئۇرۇق تۇغقانلار مۇشۇ قەرز دەستىدىن ئىزدەشمەيدىغان بولۇپ كەتكەن. ئەمدى قەيەردىنمۇ تاپار؟
پۇتىغا كىگىزدىن تىكىلگەن يوغان قىشلىق ئايىغىنى، بېشىغا ھەربىيلەرنىڭ مالخىيىنى كىيىپ، كونىلىقىدىن كېتىۋېتىپ يېرىم يولدىلا توختاپ قالىدىغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتىنىڭ يېنىغا كېلىپ، كۈندۈزى زاسۇي ساتقاندا ئىشلەتكەن داسلارنى تونۇر بېشىغا قويۇپلا، مىنگەن پېتى دەرۋازىدىن چىقتى.
قاش-كىرپىكلىرى قىرودا ئاقىرىپ، خۇددى خىزىر كەبى نۇرلۇق كۆرۈنەتتى. ئۇ بىرمۇبىر بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىردى. كەچ بولغاچقىمۇ، بەزى كېلىنلەر قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، ئىنىڭىز ئۆيدە يوق، دەپلا ئۆيگىمۇ تەكلىپ قىلمىدى. ئىشىكنى ياپقاچ، يەنە پۇل دەپ كەلگەندۇ، بۇ قەلەندەر، دېگەنلەرمۇ بولدى. ئەڭ ئاخىرىدا، كىچىكىدىن يېقىن ئۆتكەن ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى. ئەپسۇس، قىزىل چىراغدا بىر توختىغانلىق باھانىسى بىلەن، موتوسىكىلىت قايتا ئوت ئالمىدى. ئىتتىرىپ دېگۈدەك ئاران تەسلىكتە چەتكە ئاچىقىۋالدى-دە، ئولتۇرۇپ، ئىسسىق كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى. دادا يىغلىمايدۇ، يىغلىسا پۈتۈن ئەل جاھان يىغلايدۇ. دۇنيادا يوقسۇزلۇقتىن قاتتىق نەرسە بولمىسا كېرەك!
ئۆي ئىچى خۇشاللىققا چۆمگەنمۇ بولدى، ئەمما شۇ پۇللارنى قاچان قايتۇرۇپ بولۇش بىر غەم! ئەمما ئوغلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار قانداقلا جاپا تارتسا رازى ئىدى.
- ئەتىدىن باشلاپ، بالدۇرراق بېرىپ، قۇشخانىدا قوي سويۇپ بېرىپمۇ ئازراق پۇل تاپاي، سائەت ئىككىلەردە ماڭسام ئۈلگۈرىمەن.
كېچىلەردە ئۇيقۇسىز، بەدبۇي قان ھىدى ئارىسىدا، شۇ قانغا مىلىنىپ تاپقان پۇلى زادى ئورنىنى تاپالىۋاتامدىغاندۇ؟
- ۋەي، ھە ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، نېمانداق تېلېفون قىلمايسەن؟
- شۇ پۇلنى غەملەيمەن دەپ بالام...
- ھە، غەملەپ بولدۇڭما دادا؟
- ھەئە، بايا كارتاڭغا سېلىۋەتتىم. ياخشى ئوقۇغىن، نېمە لازىم بولسا، بويۇن قىسىپ يۈرمەي، بىزگە دېگىن!
سائەت ئىككىدە، ئۈستەل سائىتى سايرىدى، مەخسۇت دادا ئورنىدىن تۇرۇپلا، يۈزلىرىنى يۇيۇپ، موتوسىكلىتىنى ئوت ئالدۇرۇپ قويۇپ كىرىپ، كېچە ئايالى تەييارلاپ قويغان تاماقنى يەۋېلىپلا، يەنە شۇ قۇشخانىغا قاراپ ماڭدى.
شەنبە كۈنىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن ئەلقەم بولسا، ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا، يۇيۇپ-تارىنىپ، ئەتتىر سېپىپ، ئەينەككە بىرخىل ئىشەنچ بىلەن قارىۋېتىپ سىرتقا ماڭدى. ئۇدۇل ئايفون مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا بېرىپ، دېيىشىپ قويغىنى بويىچە ئايفوندىن بىرنى ئالدىدە، ئىشلىتىۋاتقان كونا سامسۇڭ يانفونىنى ئەرزانلا سېتىۋېتىپ، تاكسىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە قايتتى.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:12:18

ئەتىراپىمىزدا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن  ئۆز يۇرتىدىن ئايلىرىپ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالدىغان بەڭۋاشلارمۇ ئاز ئەمەس

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:17:15

قەشقەر تەرەپلەردە كىگىزدىن تىكىلگەن يوغان قىشلىق ئاياغنى _ پىيما دەيدۇ.

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:28:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turken تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-13 21:54  

......

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 01:43:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-14 01:51  

ھېكايە دېگەن مۇنداق بولمامدۇ- ھە. قايىل بولىۋاتىمەن. بىر ھەپتىلىك سەپەردىن قايتىپ، يېڭىلقلار بارمىكىن-دەپ، تورغا كىرگەن. بىر پىيالە قىزىق چاي ئىچكەچ، 3 پارچە ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ بولدۇم. قىلىدىغان ئىشىمنىڭ كۆپلىكى بىلەن تەڭ ۋاقتىممۇ بەك قىس. شۇڭا تورغا ئايرىغان ۋاقتىمنىڭ ئاز- كۆپلىكىگە قاراپ، ئوقۇش ئۈچۈن تاللايدىغان ئەسەرنىڭ ھەجمىگە قارايمەن. ھېكايىڭىزنىڭ تەربىيىۋىلىكى كۈچلۈك ئىكەن. سىزدىكى  تۇرمۇشقا، جەمئىيەتكە ۋە ئەخلاققا نىسبەتەن يېتىلگەن ھەم تۇراقلىق كۆز- قاراش مېنى قايىل قىلىۋاتىدۇ. ھېكايىڭىزدىن بەكلا سۆيۈندۈم. ناشتىلىق شىرەدە ئولتۇرۇپ، تورنى ئاچقىنىڭىزدا، كۆڭلىڭىز يايراپ كەتسۇن-دەپ، ئاز بولسىمۇ بىر تال ئەتتىر يوللىدىم.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 09:12:17

ھىلىمۇياخشى  ئاۋۇ دادىنى ئەتىگەن سائەت ئىككىدە ماشىنا سوقىۋەتمەپتۇ. ئالدىنقى ھىكايىدىكىدەك ئىچىنىشلىق يازغانمىدۇدەپ يۈرىكىم پوك پوك ئوقىغانتىم.

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 09:18:45

jan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 01:43 static/image/common/back.gif
ھېكايە دېگەن مۇنداق بولمامدۇ- ھە. قايىل بولىۋاتىمەن. بى ...

رەھمەت سىزگە! شۇنداق خۇش بولدۇم!:$

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 09:23:53

بىز تەرەپتە بۇنداق گۇيلىنى«زاڭ »دەيدۇ.

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 09:41:24

ئەسلىنى ئۇنۇتقان ، ئاتا ئانىسىنى قاقشاتقان شۇملارغا ياخشى كۈن يوق

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 17:42:34

ئاتا ئانىسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى تاتىۋاتقان جاپاسىنى بىركۈن تارتقان بولسىدى ..................:'(
بەت: [1]
: پارچە كۆمۈر ئالغان دادىنىڭ ئايفون ئويناۋاتقان بالىسى باركەن