arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 08:26:49

ھەربىر ئۇيغۇر چۇقۇم ئۇقۇشقا تىگىشلىك كىتابلار


2015-يىلى ئۇقۇشقا تىگىشلىك كىتابلار دىگەن تېمىنى كۆرۇپ كاللامغا بىر ئوي كەپ قالدى، ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا نەچچە ۋاقىتلار ئىلگىرى يۈزبەرگەن يەنە بىر كىچىك ۋەقە سەۋەب بولدى.
بىر ئۇكىمىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم. پاراڭلىشىپ يۇرۇپ، گەپتىن -گەپ چىقىپ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە چىققىچە مۇئەللىمنىڭ سىزىقىدىن چىقماي، دەرسلىك كىتابتىن باشقا كىتابنى ئۇقۇمىغانلىقىنى، ئالىي مەكتەپدە بىرسىنىڭ دەۋىتى بىلەن بىر قانچە تارىخي رومانلارنى ئۇقۇغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، چۈنكى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئۇقۇغان بالىلارنى ئاندا-ساندا بولسىمۇ، ھىچ بولمىسا مودا بۇلۇپ كەتكەن رومان، ھىكايىلەرنى ئۇقۇپ باققان دەپ بىلەتتىم. ئەگەر بۇ بالا ئۆز ئاغزى بىلەن دىمىگەن بولسا، باشقىلاردىن ئاڭلىسام بۇ گەپكە ئىشەنمەسلىكىم مۇمكىن ئىدى.
بۇ ئۇكىمىز تارىخنى تەخمىنەن بولسىمۇ بىلمەيدىكەن، ئۇيغۇرلار تارىختا قەيەردە يۇرۇپ نىمىلەرنى قىلغان، قايسى دۆلەتلەرنى قۇرغان، بۇلارنىڭ يىقىلىشىنىڭ سەۋەبى نىمە بولغانلار توغرىسىدا ئاساسەن بىلىمى يوق ئىكەن. بۇلارغۇ مەيلى دەپ تۇرايلى، يېقىنقى زاماندا بولغان ۋەقەلەرگە نىسبەتەن ( 20-ئەسىردىكى يېقىنقى زامان تارىخىنى 10 نىڭ 9 كىشى بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن) ھىچقانداق چۈشەنچىسى يوقكەن.ئاندىن مەن بۇ ئۇكىمىزنىڭ پىكىر قىلىشىدىنمۇ بەزى نۇقسانلارنى مۇشۇ بىلىمسىزلىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن دەپ قىياس قىلدىم.

مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت شۇكى، بىر شەخس ئۆزى تەۋە توپنىڭ تارىخىنى تەخمىنەن (ئېنىق يىل بۇيىچە بولمىسىمۇ، ئەسىرلەر بۇيىچە) بىلىشى، تىلىنى ياخشى بىلىشى (تەرجىماندەك بىلمىسىڭىزمۇ، چۈشىنىشلىك ماقالە يازغىدەك بىلىشىڭىز)، شۇ توپنىڭ ھازىرقى زاماندىكى روھىي ھالىتىنى، پىكىر قىلىشىنى چۈشنىشى ھەم ئۆزى شۇنداق قىلالىشى كېرەك.قانداقتۇر سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۆز توپى ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپ، تەشۋىقاتقا قۇل بۇلۇپ، سۈنئىي روھىي ھالەت، تەپەككۈر يۇلىغا كىرىپ قېلىش، زامانداشلىرىنىڭ ھىسسىياتىنى چۈشىنەلمەيدىغان ياكى پۇتۇنلەت كارى بولمايدىغان بۇلۇپ قېلىش بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق.
گەپنى قىسقا قىلغاندا، بۇ بىنورماللىق ھەمدە بۇنى مىنىڭچە كىتاب ئۇقۇشقا ئۈندەش بۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۇملۇك چارىسى. بۇنداق دىيىشىمنىڭ سەۋەبى يۇقىرقى ئۇكىمىز ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭتەۋسىيەسى بىلەن بىر قانچە كىتاب ئۇقۇغانلىقىنى ھەمدە تەسىراتىنى ھەۋەس بىلەن سۆزلەپ بەردى. شۇ ۋاقىتتىلا مەن كىتابنىڭ ئۇنىڭغا ياخشى تەسىر قىلغانلىقىنى ھىس قىلدىم (:funk:ئەمما بۇ بالايەنە ئۇقۇمىسابولمايدۇ).
باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك بىر تېمىدىن، بىر ۋەقەدىن كاللامغا كەلگەن ئوي شۇكى بولدىكى، ئۇيغۇرچە يىزىلغان، بىر شەخسنى ئۇيغۇرنىڭ روھىي ھالىتىنى، قىسمىتىنى، ئۈمىدۋارلىقىنى ، يىغىپ ئېيتقانداق ئۇيغۇرلىقىنى ئۆگىتىدىغان كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇزۇپ چىقساق دىمەكچى. چۈنكى كىتابلار نۇرغۇن، كىشىلەر تاللاپ ئۇقۇيدۇ، ياخشى تاللانمىسا ۋاقىت ئىسراپ. بالىلار، ئۆسمۈرلەر، ياشلار ۋە چوڭ بولغىچە قانداق كىتابلارنى ئۇقۇپ تۇگىتىشى كېرەك؟ قايسى كىتابلار ساقىت قىلىنسا بولمايدۇ؟
مۇشۇنداق بىر كىتابلار تىزىملىكى ئۇقۇغۇچىلار، ياشلارنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشىگە چوڭ پايدىسى بۇلىدۇ. كىيىنكى ئەۋلادلارغا تىل مۇكەممەلرەك بىلىدىغانلارنى مىراس قىلىنىدۇ. ئىشقىلىپ ھەممىگە پايدا. تۆۋەندە ئۆزەم 3 كىتابنى تەۋىسيە قىلىمەن. ھازىرچە جەمئىي 30 نى چەك قىلىپ شۇنداق تىزىملىك تۇزۇپ باقايلى. ئاندىن كېڭىشىپ سانىنى ئاشۇرارمىز. ئىنكاس يازغانلار ئالدىنقى ئىنكاسنى كۆچۇرۇپ (كۆچۇرۇشكە بۇلامدۇ بۇ مۇنبەردە؟ دىققەت قىلماپتىمەن)، ئۆزىڭىز قوللىغان كىتابنىڭ كەينىدىكى سانغا بىرنى قۇشۇپ يوللاڭ. ھەربىر كىشى شۇنداق قىلسۇن، نۇمۇرى يۇقىرى كىتابلارنى ئىرىنمەي ئۈستىگە تىزىڭ. ئەمسە مەن مىسال قىلاي. مەسىلەن:
(بىرىنچى كىشى تۆۋەندىكىدەك يوللىدى دەيلى)
تىزىملىك
1. ئىز    (1)
2.ئويغانغان زىمىن(1)
3.قەشقەرىيە (1)

(ئىككىنچى كىشى بۇنىڭغا بىر كىتاب قوشتى، ھەمدە 1-،2-كىتابنى قوللىدى،شۇنىڭ ئۈچۇن تۆۋەندىكىدەك)
1. ئىز    (2)
2.ئويغانغان زىمىن(2)
3.قەشقەرىيە (1)
4.ئۆتكەن كۈنلەر (1)

(10 كىشى 1-كىتابنى قوللىدى،20 كىشى 2-كىتابنى قوللىدى، شۇنىڭ بىلەن تىزىملىك تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىدۇ)

1. ئويغانغان زىمىن    (22)
2. ئىز(12)
3.قەشقەرىيە (1)
4.ئۆتكەن كۈنلەر (1)

قائىدىسى مۇشۇنداق. سىز قوللىغاندىنكىيىن كىتابنىڭ قوللاش سانى ئۈستىدىكى كىتابتىن چوڭ بولسا ئىككىسىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇڭ.ھەربىر كىشى بىر قېتىمدا بىر كىتابقا بىرلا نۇمۇر قۇشۇشى كېرەك. بىر قانچە كىتابقا بىر قىتىمدا نۇمۇر بەرسىڭىز بۇلىدۇ، لىكىن ھەر كىتابقا بىر نۇمۇرلا بىرەلەيسىز. يېڭى كىتاب قوشسىڭىز ئەڭ ئاستىغا قۇيۇپ ھەمدە نۇمۇرىنى 1 قىلىپ باشلاڭ. بۇ ئۇسۇلدا كىشىلەر ياقتۇرغان كىتابلار ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ، بىزمۇ تەبىئىيلا بىر تىزىملىككە ئىرىشىمىز.

ئىلاۋە: مەن مۇنبەرنىڭ مۇشۇنداق نۇمۇر قۇشۇپ تىزىملىك تۇرغۇزالايدىغان ئىقتىدارى بارمۇ يوق بىلمىدىم، شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلدىم . ئەگەر مۇنبەردە مۇشۇنداق ئىقتىدار بۇلسا تەۋسىيە قىلىڭلار ياكى ئەسلى مەزمۇن بۇيىچە تېمىنى قايتا يوللاپ قۇيارسىلەر.
ئۆتۇنۇشۇم شۇكى ئەستايىدىل بۇلۇپ قائىدە بۇيىچە نۇمۇر بىرىڭلار، كىتاب قوشقاندا ئويلىنىپ قۇشۇڭلار، قانداق خاراكتىردىكى بولسا بۇلىدۇ، لىكىن شۇ ئۇقۇشقا ئەرزىگىدەك بولسۇن. تىزىملىك يوللىغاچ گىپىڭلارنى ئاستىغا ئىككىسىنى ئايرىپ تۇرۇپ يوللارسىلەر. چۇقۇم تىزىملىككە ئاۋاز قۇشۇش ھاجەت ئەمەس، ساپ كۆز قارىشىڭلارنى يوللىساڭلارمۇ بۇلىدۇ.

ئەمسە مەن 3 كىتاب بىلەن باشلاپ بىرەي.

1.ئىز (1)
2.ئويغانغان زىمىن (1)
3.مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىھمالى (1)


xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:32:02

1. ئىز (2)
2. ئۇيغانغان زېمىن (2)
3. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى (2)
4. ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە(1)
5. بالدۇر ئويغانغان ئادەم (1)
6. ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە (1)
7. شېرىن بۇلاق (1)
8. مەمتىلى ئەپەندى (1)
9. مەۋجۇدىيەت تەشنالىقى (1)
10. شېرىن بۇلاق (1)

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:36:41

بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز
قەدىمقى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن تاللانما
يېقىندا ئۇيغۇر تارىخىدىن تاللانمىلار دىگەن 7 قىسىملىق كىتاپ نەشىردىن چىقتى ، بەك ئەرزان يەتتە كىتاپ ئاران 240 سوم
بەك نوچى ، ئېسىل مەزمۇنلۇق كىتاپكەن ، ئون يۇلتۇز دەرىجىسىدە تەۋسىيە قىلىمەن

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:40:47

ئوقۇمىسا بولمايدىغىنى ئانا يۇرت رومانى .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:49:01

قۇم باسقان شەھەر
كەچمىش

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:49:29

بالىلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار :

مەن ھازىرچە مۇنۇلارنى تەۋسيە قىلغاچ تۇراي :

1. كىرورانلىق بالىلار (1)
2.بۈيۈك بېرىتانىيە بالىلار قامۇسى (1)
3. ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى(1)

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:51:09

مۇھىمى قۇتادغۇبىلىك

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:52:18

tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-12-13 16:49 static/image/common/back.gif
قۇم باسقان شەھەر
كەچمىش

1. قۇم باسقان شەھەر (1)
2. كەچمىش (1)

ئاپتور تەلەپ قىلغان توغرا يېزىش ۋە سان قويۇش شەكلى مۇشۇنداق ئىكەن. تورداشلارمۇ مۇشۇنىڭغا دىققەت قىلسا. بۇنداق بولغاندا سىتاتسىكىلاشقا ئاسان بولىدىكەن. :)

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:00:48

بىلىۋالدىم، رەھمەت :)

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:04:05

1-قۇتادغۇبىللىك
2-قۇم باسقان شەھەر
3-كەچمىش
4-ئىز
5-ئويغانغان زىمىن
6-ئانايۇرت
7-باھادىرنامە
8-سەمەت دۇگايلىنىڭ تۆت قىسىملىق بىر رومانى بارتى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:04:15

1. ئىز (2)
2. ئۇيغانغان زېمىن (2)
3. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى (2)
4. ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە(1)
5. بالدۇر ئويغانغان ئادەم (1)
6. ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە (1)
7. شېرىن بۇلاق (1)
8. مەمتىلى ئەپەندى (1)
9. مەۋجۇدىيەت تەشنالىقى (1)
10. شېرىن بۇلاق (1)
11. قۇم باسقان شەھەر (2)
12. كەچمىش (2)
13. قۇتادغۇبىلىك (2)

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:10:34

dadash يوللىغان ۋاقتى2014-12-13 16:49 static/image/common/back.gif
بالىلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار :

مەن ھازىرچە مۇنۇلارنى...

شۇنداق. بالىلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بالىلارغا ئائىت كىتابلارنى «بالىلار ئۈچۈن» دەپ ئىزاھلىۋېتىپ تەۋسىيە قىلايلى.
مەن بالىلار ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كىتابلارنى تەۋسىىيە قىلدىم.

بالىلار ئۈچۈن:
1.كرورانلىق بالىلار (2)
2. ئىزپ مەسەللىرى (1) [چوڭلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن]
3. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى (1)
4. كېرىلوف مەسەللىرى (1)
5. ھايۋاناتلار قورۇقى (1) [چوڭلارغىمۇ]

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:11:21

tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-12-13 17:04 static/image/common/back.gif
1-قۇتادغۇبىللىك
2-قۇم باسقان شەھەر
3-كەچمىش


«ھايات شاماللىرى» مۇ؟

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:14:05

«جاللات خۇتۇن» چۇ:lol

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:14:46

باھادىرنامە (1)
ئىز (3)
ئويغانغان زىمىن (3)
ئانا يۇرت (1)
مەھمۇت قەشقەرى (1)
ئۆزىنى ئىزدەش بۇسىغىسىدا (1)
ئۆزلۇك ۋە كىملىك (1)
تارىخى ئەمىنىيە (1)
جاللات خېنىم (1)






alip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:25:57

يىگانە ئارال
سەمەندەر
مەن كەچكەن كېچىكلەر
ئەنجانباي

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:26:46

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى2014-12-13 17:11 static/image/common/back.gif
«ھايات شاماللىرى» مۇ؟

نەخ شۇ،رەھمەت.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 18:36:00

ئۈزۈم ئوقىغانلىرىمنى دەي
ئانا يۇرت
ئىز
ئويغانغان زىمىن
قۇم باسقان شەھەر
مەن كەچكەن كىچىكلەر
ئۆزلۈك ۋە كىملىك
باھادىرنامە
مەمەت ئاۋاق
شىرىنبۇلاق
مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمالى
يۇقارقى كىتابلارنىڭ رەت تەتىبى يوق

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 18:49:53

xxxxxx :
مەن «شىرىن بۇلاق»نى مۇنداقلا كۆزيۈگۈرتۈپ كۆرۈپ قويغان،سىزگە بەك يارىغان بولسا مەنمۇ ئېلىپ كۆرۈپ باقسام بۇلىدىغان ئوخشايدۇ؟

______________________________________________________________________________
ئانا يۇرت
تارىخي ئەمىنىيە

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:13:28

1.ھېكمەتنامە.
2.ئەقىل پاراسەت دەستۇرى،
3.باي ئاكامنىڭ خۇرجىنىدىكى 68گۇھەر،
4.ئۇلۇغ مال ساتقۇچى،
5.ئەركەكلەر ئۈچۈن 101 تەكلىپ،
6.ئەخلاقنامە،
7.مەدىنيەتلەر تۇقۇنىشى،
8.مەشھۇر شەخىسلەر،
9.بۈيۈك شاھمات تاختىسى،
10.ئالتەشەھەر مەكتۇپلىرى،
ئېسىمگە كەلگەننى دەپ تۇردۇم{:92:}
بەت: [1] 2 3 4
: ھەربىر ئۇيغۇر چۇقۇم ئۇقۇشقا تىگىشلىك كىتابلار