waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 23:19:27

شىنجاڭلىق ئىككى باش مەشقاۋۇل گەپ تەرگىشىپ قالدى

   

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 12-دىكابىرخەۋىرى؛  1-ئاۋغۇسىت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى  ئادىلجان سۇلايمان بىلەن گۇاڭدۇڭ خۇڭيۇەن ئەرلەر ۋاسكىتبۇل كۇماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى دۇفىڭ،  جۇڭگۇ  ۋاسكىتبول ساھەسىدە زۇر تەسىر بار شىنجاڭلىق داڭلىق ئەرباپلار ھىساپلىنىدۇ. يىقىندا بۇ ئىككى شىنجاڭلىق  باش مەشقاۋۇل ئۆز-ئارا  گەپ تەرگىشىپ  قىلىپ. تاراتقۇلاردا چوڭ بەس-مۇنازىرە قوزغىدى.
  12- ئاينىڭ 10- كۈنى كەچ ئىلىپ بىرىلغان،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون يەتتىنچى ئايلانمىسىنىڭ  1-ئاۋغۇسىت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ خۇڭيۇەن ئەرلەر ۋاسكىتبۇل كۇماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى جەريانىدا، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى دۇفىڭ كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسىدىن نارازى بۇلۇپ. ئالدىراپ تېنەپلا « ئەخلەت كوماندا » دەپ قويغان. كىيىن سىن كۈرۈنىشى تورغا چىقىرىلىپ تارقىتىلغان، دۇفىڭنىڭ بۇ خىل ئاتىشىغا قارىتا ئادىلجان سۇلايمانمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ؛ « مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى دۇفىڭ بولسا تەربىيە كۆرگەن ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى، قانداقلا بولمىسۇن بىز ئۇنىڭ  ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ شاھىدى بولغان بىر تەنھەركەتچى، ئۇ تەنھەركەتچى دەۋرىدە ، 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولغان، 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتكەن. بىز ھازىرمۇ 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىغا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن ئۈگۇنۇش توغرىسىدا تەربىيە قىلىمىز. دۇفىڭ بولسا تەربىيە كۆرگەن مەشقاۋۇل، ئۇ 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىنى ئەخلەت دەپ ھىساپلىسا، ئۇ ئۆزى نىمە؟ ئۇ ئۆزىگە ناھايىتى ئىنىق،  بىز ھەرگىز ئۇنىڭ بۇ گىپىنى1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىغا  قارىتىلغان دەپ ئېغىر ئىلىپ كەتمەيمىز ».

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:57:56

ئادىلجاننىڭ پىسخىك ساپاسى پىشىپ يىتىلىپتۇ ،ئېغىر بىسىق ،تەمكىن جاۋاپ بىرىشى ئادەمگە شۇنداق تەسىر بىرىدىكەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 09:20:50

بۆرە ئىز ئىنىغا ئۇرسە قوتۇر بولۇر

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 10:34:05

hakaniye يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 20:58 static/image/common/back.gif
ئادىلجاننىڭ پىسخىك ساپاسى پىشىپ يىتىلىپتۇ ،ئېغىر بىسى ...

سىزنىڭ ياڭراق ئىنكاسلىرىڭىزدىن ئەكس سادا يانىدىكەن {:181:}
بەت: [1]
: شىنجاڭلىق ئىككى باش مەشقاۋۇل گەپ تەرگىشىپ قالدى