Uyghar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 21:23:28

iOS8 دىكى ئۇيغۇرچە

سالام دوستلار،
ئەسلى http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=58647&fromuid=29402 تېمىغا ئىنكاس يازماقچى ئىدىم، ئۇ تېمىغا  ئىنكاس يېزىش توختىلىپتۇ، شۇڭا بۇ يەرگە ئايرىم تېما يازدىم.
iOS8 گە ئۇيغۇرچە چىسلا قوشۇلغاندىن باشقا ئۈرۈمچى ۋاقتىمۇ قوشۇلۇپتۇ.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 13:20:44

يەنە قەشقەر ۋاقتىمۇ بار:lol

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 15:28:06

ۋاقت رايۇنىنى ئاستانىدىن ئۈرۈمچىگە ئۆزگەرتىۋالدىم،رەھمەت.

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 07:41:30

ئايپاتەمنى ئۇيغۇرچە ئۈچۈنلا تۈرمىدىن قاچۇرسام بولارمۇ دەپ يۈرگەن تۇرۇپ تۇراي ،لىكىن كۈننىڭ قىسقارتىلغان بۇغۇملۇق ئىپادىلىشىدە جۈمە كۈنىنى چۇ دەپ ئىلىپ قۇيۇپتۇ جۈ دەپ ئالماي ئاستا ئاستا مۇكەممەللىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن بىرسى خار قىلىمەن دىسە ئەزىز قىلىدىغانلار چىقىدۇ مۇشۇنداق

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 08:57:11

چىسلا قانداق قىلسا ئويغۇرچىغا تەڭشىگىلى بولىدۇ؟

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 10:25:00

تىمىدىكى قالدۇرغان ئادىرىسقا كىرسىڭىز رەسىملىك چۈشەندۈرۈپتۇ

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 14:41:00

tarim222 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 15:28 static/image/common/back.gif
ۋاقت رايۇنىنى ئاستانىدىن ئۈرۈمچىگە ئۆزگەرتىۋالدىم،رە ...

لىكىن ئاپتۇماتىك تەڭشەكنى ئىچىۋەتسەكلا ئۆزگىرىپ كىتىدىكەنغۇ؟  مىنىڭ بېيجىڭنى كۆرسىتىدىكەن. ئاپتوماتىك ھالەتتە قەشقەرگە توغرىلانمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟

NEZERI يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 18:51:33

tanha19 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 14:41 static/image/common/back.gif
لىكىن ئاپتۇماتىك تەڭشەكنى ئىچىۋەتسەكلا ئۆزگىرىپ كىت ...

ئاپتوماتىك ھالەتتە ئورۇن بەلگىلەشنىمۇ قوشۇپ ئېچىپ بېرىڭ. بولمىسا تاپالمايدۇ.
ھازىر تۈرمىدىن قاچۇرمايمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ پۈتتى. قېچىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. نۇرغۇن ئەپلەرمۇ 1 سومغا چۈشتى. زامان ياخشى.

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 12:05:06

ئورۇن بەلگىلەشمۇ ئوچۇق ئىدى.  لىكىن يەنىلا ئوخشاش. بېيجىڭغا ئۆزگىرىۋالدى. ۋاقىتمۇ بېيجىڭ ۋاقتى..  wifi ۋە ئىقىم  ئىككىلىسىدە سىناپ باقتىم . ئاپتوماتىك قىلساملا بىر مىنۇت ئىچىدە بىيجىڭغا ئۆزگىرىپ بولدى. ھەي...

Uyghar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 09:21:06

tanha19 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 12:05 static/image/common/back.gif
ئورۇن بەلگىلەشمۇ ئوچۇق ئىدى.  لىكىن يەنىلا ئوخشاش. بېيج ...

سالام دوستلار،
ئەگەر قەشقەردىكى كۆپرەك تورداشلار سىناپ بېقىپ ئىنكاسنى بۇ يەرگە يېزىپ قويسا، بۇ مەسىلىنى ئالما شىركىتىگە يەتكۈزىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن. ئۈرۈمچىدە ئۈرۈمچى ۋاقتىنى كۆرسىتىش نورمال.
بەت: [1]
: iOS8 دىكى ئۇيغۇرچە