تەڭرىتاغ كوماندىسى فۇجىيەن كوماندىسىنى ئۇتتى
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون سەككىزىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، فۇجىيەن كوماندىسى كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى ئەزاسى قىرغىز يىگىتى قىرانبېك ماقاننىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ 26 نومۇر ئىلىشى بىلەن ئاخىرى 122-105 نەتىجە بىلەن رەقىبى فۇجىيەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبە قىلدى. بۇ قىتىقى ئايلانمىدا ئىلىپ بىرىلغان يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە، خادىسىن يىتەكچىلىگىدىكى لىياۋنىڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 109-111 نەتىجە بىلەن چىڭداۋ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ ئۇدا 17 مەيدان غەلبە قىلىش ھالىتىگە خاتىمە بەردى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 34 نومۇر، 17 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سىباستئان تېلفىر 23 نومۇرئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 26 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ ليۇۋېي 9 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لىيۇشۇنەن 9 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۇ چى 8 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 7 قىتىم قالپاق كىيگۇزدى . شىرئەلىجان مەيدانغا چىقماي دەم ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق ئۆز مەيدانىدا گۇاڭدۇڭ فۇشەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php
ياخشى ئىسىل ئىسىل بۇ قىتىم بەك ياخشى ئوينىدى
بەت:
[1]