uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 16:22:09

ئالتۇن سودا تەھلىلى 12/12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 17:23  

ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1201.2   دوللار  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1204.48 دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1199.17   دوللا ر  بازار يېپىلىش باھاسى 1201.07    دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 88.63 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى  1228 دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

    تۈنۈگۈن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى تەۋرىنىش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى ، كۆپ قىسىم ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ھەم ياخشى ھەم ناچار چىققان ، گەرچە دوللار كۆرسەتكۈچ يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ ، بىراق  قىسمەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىشىچە ئىقتىساد ئاجىزلاشقان ، شۇنىڭ بىلەن خەۋپتىن ساقلىنىش سېتىۋېلىشنى قوزغاتتى ، شۇ سەۋەبتىن ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولغان . دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن سودا فوند SPDR نىڭ زاپىسى 3 توننىغا يېقىن كۆپىيىپ 724.80 توننا غىچە بولغان . بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر جۇڭگو سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئاجىز چىقسا  ۋاسىتىلىك ھالدا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونىنىڭ 3 - پەسىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە 10 - ئايلىق سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئاجىز چىقسا دوللار كۆرسەتكۈچ يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن .
ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ، ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلىدىغان 11 - ئايلىق PPI ئايلىق نىسبىتى ۋە مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشەنچ كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى .  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى چەكلىك بولۇپ ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسى تەۋرىنىش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىشى مۇمكىن .

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1228-1218  دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، سودا بازىرى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى .

2. چۈشلۈك ئاسىيا   بازىرىدا ئالتۇن باھاسى   1225   دوللار ئەتىراپىدىن  چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى  1220-1218  دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ . ئەگەر 1217 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1212-1210  دوللار ئەتىراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .

.3 ياۋرۇپا  بازىرىدا 1210  دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1218-1228 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ ئەگەر  1240 دوللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلمىسە شۇ ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ  ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1225-1220   دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
4. ئالتۇن باھاسى 1232 دوللارنىڭ يۇقىرىدا توسالغۇ بىسم يەنىلا مەۋجۇت ،  كەچتە ئامىرىكىنىڭ PPI سانلىق ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىدۇ ، پەرىزىم ئامىرىغا پايدىلىق بۇلۇپ چىقىشى مۇمكىن ، شۇڭا  سودىدا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئىلىش مۇۋاپىق .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1235 ، 1240
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1210  ، 1217

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1210-1235
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1208
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1240

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتىكى ئالتۇن باھاسى خەلق پۇلىدا گىرامى 242.84 يۈەن ؛
كۈمۈش باھاسى خەلق پۇلىدا گىرامى 3.40 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرام ئالتۇنغا تەڭ ؛

ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

       بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ  88.50 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1230 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، نۆۋەتتە خەلق پۇلىدا گىرامى 242.15 يۈەن ئەتىراپىدا  بولىۋاتىدۇ ؛ ئاخشام ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ 60 دوللاردىكى ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى ، ئامېرىكا ئىقتىسادى داۋاملىق ياخشىلىنىپ دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى . يەنە بىر تەرەپتىن ، ياۋرو رايونىدىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر پۇل قىسلىقى ئەھۋالىغا پېتىپ قېلىشى  ياۋرو باھاسىنى ئاجىزلاشتۇردى ، ئوخشاشلا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويدى . بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر جۇڭگو سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئاجىز چىقسا  ۋاسىتىلىك ھالدا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
   ياۋروپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونىنىڭ 3 - پەسىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە 10 - ئايلىق سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئاجىز چىقسا دوللار كۆرسەتكۈچ يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن .
   ئامېرىكا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ، ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلىدىغان 11 - ئايلىق PPI ئايلىق نىسبىتى ۋە مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشەنچ كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى .



ئالتۇن بازىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھالىتى قانداق بولىدۇ

       چەت ئەلدىكى داڭلىق تېخنىكا تەھلىل قىلىش ئورگىنى FX Empire جۈمە كۈنى بەرگەن دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە ، ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە كۈنى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلەپ 1220 دوللار دىكى نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان .
      يۇقىرىقى ئورگاننىڭ قارىشىچە  ، ئالتۇن باھاسى بۇندىن بۇرۇن بازغانسىمان ھالىتىنى كۆرسەتكەن  ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن بازىرىدا داۋاملىق قاراپ تۇرۇش پوزىتسىيىسىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۈگۈن بازار ھالىتى بىرقەدەر تەكشى ، كېيىكى بىرقانچە سودا كۈنىدە سودا قىلىش تەسكە توختاپ قالىدۇ دەپ كۆرسەتكەن .
     FX Empire قارىشىچە ، نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى بۆسۈش نۇقتىسى بار بولغان رايوندا تۇرماقتا ، 1250 دوللاردىكى رايوندا ساتقۇچىلار بازارغا كىرىدۇ . ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1250 دوللاردىن يۇقىرى ئۆرلىسە ئالتۇن باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان .




خام نېفىت باھاسى چۈشسە ئالتۇن باھاسىمۇ چۈشەمدۇ ؟

        11 - ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ، ئالتۇن خام نېفىت  ھەر كىم خالىغان يولىغا مېڭىشىنى باشلىدى  . بۇندىن بۇرۇنقى بىرلىكتە ئۆرلەپ بىرلىكتە چۈشۈش ھالىتىنى ئۆزگەرتتى  . خەلقئارا خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ 60.43 دوللاردىكى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دوللار كۆرسەتكۈچ 89.55 دىكى يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىگەن ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1240 دوللارغا چىققان .
      يېقىنقى مەزگىلدە خەلقئارا خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىدىكى ئاساسلىق 3 سەۋەب
   بىرىنچى : OPEC نىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى  ، بازارنىڭ تەمىنات ئېشىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
   ئىككىنچى : پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ، ياۋرو رايونى يادرولۇق ئىقتىساد مەركىزى، ياپونىيە ۋە برازىلىيە قاتارلىق  چوڭ تىپتىكى بازىرى گۈللىنىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلىغان، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىساد ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئېھتىياجىدا ئاجىزلىشىش شەكىللەندى .
   ئۈچىنچى : تېخنىكىلىق  يۈزىدىكى چۈشۈش يۆنىلىشىدە كۈچلۈك تىرەكلىك كۈچكە ئېرىشىشى تەس بولىشى .




2015 - يىلى ئالتۇن باھاسى ئۆرلەيدۇ دېيىشتىكى سەۋەب

        Daily Gains Letter  نىڭ  ئانالىز  ئۇستازى Moe Zulfiqar پەيشەنبە كۈنى كۆرسەتمە بەرگىنىدە ، 2015 - يىلى كىرگەندىن كېيىن ، ئالتۇن باھاسى 3 چوڭ ئىشنىڭ تەسىرىدە پەيدىنپەي يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن ، بۇلار ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ QE سىياسىتى ۋە جۇڭگو ئىقتىساد ھالىتى قاتارلىقلار دەپ كۆرسەتكەن .
     ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئەسلى بېكىتىلگەن پىلانىغا ئاساسەن ئۆسۈم قوشسا ، بەلكىم بازار مۇۋاپىق كەلمەستەك ھېسقىلىشى مۇمكىن ، چۈنكى بۇندىن بۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇزۇن ۋاقىت تۆۋەن ئۆسۈم مۇھىتىغا كۆنۈپ قالغان ، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى ئادەمنى تەمتىرىتىپ قويىدۇ  ، شۇنىڭ بىلەن خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى ۋە قوشماسلىقى ، ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .




پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى

    تۈنۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتنىڭ تەسىرىدە ئازراق ئۆرلىگەن بولۇپ ، فوندستېرلىڭ / دوللار  پېرېۋوت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىشىگە پايدىلىق بولغان ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى مۇقىم ھالىتىنى ساقلىغان ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىگەن، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى ئۆرلەش تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتكەن ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋروپا رايونى سانائەت مەھسۇلاتى ۋە ئامېرىكا PPI سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق مۇھىم ئىش ۋەقەلەر بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان .
    بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ۋە دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغان ئادەم سانى ياخشىلىنىپ نەخ ئالتۇن باھاسى مۇقىم ھالىتىنى ساقلاپ ، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىگەن ؛




خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئەھۋالى

     جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1184 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.6120 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1646 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78930 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.6511 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى  5.0697 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7776 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6721 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛  1 كانادا دوللىرى 5.3042 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56554 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان  ،  1 يۈەن خەلق پۇلى 9.1410 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7208 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3675 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .

مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى



qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 22:38:15

خەلقئارادا نېفىت باھاسى ئىزچىل چۈشىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزدىمۇ چۈشسە بولاتتى.

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 16:40:23

qoldikibulah يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 22:38 static/image/common/back.gif
خەلقئارادا نېفىت باھاسى ئىزچىل چۈشىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ ئەلۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت باھاسىمۇ چۈشىدۇ ، چۈنكى ئالدىنقى يىلدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت باھاسىمۇ  خەلقئارا نېفىت باھاسى بىلەن ئوخشاش يۆنلىشتە ماڭىدىغان بولدى ؛ نېفىت باھاسى يەنە ئالتۇن باھاسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئالتۇن باھاسى چۈشسە ئالتۇن باھاسىمۇ چۈشىدۇ .   

Hizir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:16:50

سىلەرنىڭ بۇ تەھلىلىڭلاردا ئۆستى چۈشتى دەپلا گەپ بار. نېمىشقا ئۆسىدۇ نېمىشقا چۈشىدۇ دىگەن گەپلەر يوق. سىلەر بۇ نەرسەڭلارنى تەھلىل دىمەي خەۋەر دەپ يازساڭلا بولىدىكەن ئەسلى، بىرتال پايدىسى يوق بىر نەرسىلەرنى توختىماي يوللايدىكەنسىلەر.

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 22:46:43

uyaltun يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 16:40 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ ئەلۋەتتە دۆلىتىمى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تېنچلىقمۇ؟:)  دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت باھاسىمۇ خەلقئارالىق نېفىت باھاسى بىلەن ئوخشاش ماڭىدىغان بولغاندىن كېيىن قارىساق خەلقئارادىكى نېفىت باھاسى بىر ھەسسىگە يېقىن چۈشتى،يەنى بىر باك برېنت خام نېفىت باھاسى 19-ئىيۇندىكى ئەڭ يۇقىرى باھا 115.32ئامېرىكا دوللىرىدىن60دوللاردىنمۇ توۋەنگە چۈشتى، دىمەك بىرھەسسە چۈشتى دىگەن گەپ. لېكىن مەملىكىتىمىزدىچۇ؟ بىر ھەسسە چۈشەلەرمۇ؟ ئەگەر چۈشسە بېنزىن باھاسىمۇ ھازىرقى باھاسىدىن بىر ھەسسە چۈشۈشى كېرەكمۇ يوق؟ بەك ئاددىي ئويلاپ قويدۇممۇ قانداق؟

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 11:20:03

qoldikibulah يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 22:46 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تېنچلىقمۇ؟  دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت باھاسىمۇ چۈشىدۇ ، لېكىن ئۇنداق  بىر ھەسسە چۈشەلمەيدۇ ، چۈنكى  دۆلىتىمىز بۇ ئەھۋاللارغا قارتا تەڭشەش ئىلىپ بارىدۇ ؛ بېنزىن باھاسىمۇ نېفىت باھاسى بىلەن ئوخشاش يۆنلىشتە بولۇپ ، نېفىت باھاسى چۈشسە بېنزىن باھاسىمۇ چۈشىدۇ ؛
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى 12/12