Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 15:54:21

تېڭىرقىغان دوقمۇشتا تۇرۇپ

       
تېڭىرقاش

بىر كۈنى دېرىزە تۈۋىدەسىرتقاقاراپ ئولتۇرسام،بىر چىۋىن ئۇچۇپ كەلدى-دە،يورۇقلۇق تەرەپكە،سىرتقا ئۆزىنى ئاتتى.بىراق ئەينەك بولغاچقا،چىقالمىدى .كەينى تەرەپكە ئۇچۇۋىدى ،پەردە توسۇۋالدى.ئەتىسى قارىسام ئۇچىۋىن پۇتلىرىنى سوزۇپ يېتىپ ئۆلۈپ قاپتۇ.«ھەي بىچارە چىۋىن،يان تەرەپكە يېرىم مېتىر ئۇچۇپ، ئوڭغا قايرىلساڭلا،مەنزىلىڭگە چىقالايتتىڭ ئەمەسمۇ؟» دىدىم ئىچىمدە.

ھەقىقەت ـــ ئەنە شۇ يورۇقلۇققا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭغا يېتىدىغان يولنى نۇرغۇن كۆرۈنمەس توسۇق«ئەينەكلەر»توسۇپ تۇرىدۇ.- ئۇلارنى ئالاھىدە كۆز بولمىسا كۆرگىلى بولمايدۇ.شۇڭا ھەقىقەتنى بىلسەكمۇ، ئۇنىڭغا بارىدىغان يولنى بىلمىسەك،باياقى چىۋىندەك ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە «ئۆلۈپ» قالىمىز...



ئۇقۇم توغرىسىدا

رىۋايەت قىلىنىشىچە ،ئادەم ئاتايارىتىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا بارلىق شەيئىلەرنىڭ نامى ئۈگىتىلگەن ئىكەن.ئادەم ئاتا شۇ بىلدۈرۈلگەن نەرسىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ،بىلىملىك بولغان ئىكەن.ئادەم ئاتىغا بىلدۈرۈلگىنى ئۇقۇم بولۇپ ،بۇ ئۇقۇملار تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.ئەگەر شۇ تىلدا مەلۇم بىرشەيئى توغرىسىدىكى ئۇقۇم يوقىتىۋىتىلسە ،ئۇ ئىنسان مەڭگۈ شۇ شەيئى توغرىسىدا ئويلانمايدۇ.لۇغىتىمىزدە مەلۇم ئۇقۇمنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ياكى يوقاپ كېتىشى شۇ شەيئى توغرىسىدىكى پىكىرنى ئۆلتۈرىدۇ.ئۇقۇم ـــ ئۆلچەمنى بەلگىلەيدۇ،ھايات ئۆلچىمى ئۇقۇملار ئارقىلىق قارار تاپىدۇ.ئەگەر ئۇقۇم ئالماشتۇرىۋىتىلسە،ئۆلچەممۇ كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ.شۇڭا تارىختا ئۇقۇمنى ئالماشتۇرىۋىتىش ھېيلىسىنى ئىشلىتىپ،ئۆلچەملەرنى قەدىرسىز قىلىپ قويىدىغان ھىيلىلەر بولغان .شۇنىڭ بىلەن بىز ياخشىنى يامان ،ياماننى ياخشى دەيدىغان بولۇپ قالغان.
...

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 15:51:27

   مۇھىم بىر ھەقىيقەتنى روشەن بىر مىسال ئارقىلىق قالتىس جايىدا ئىپادىلەپ بېرىپسىز، ئاپىرىن.{:112:}
       بولسا مۇشۇنداق ھەقىيقەت نۇرى پارلاپ تۇرىدىغان يازمىلارنى پات-پات يوللاپ تۇرۇش بىلەن مۇنبەرنى ئاۋات قىلىپ تۇرۇڭ. مەن مۇشۇنداق يازمىلارنى بەك ياقتۇرىمەن، رەھمەت.
بەت: [1]
: تېڭىرقىغان دوقمۇشتا تۇرۇپ