malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 14:43:48

«پەرىشتە كوچىسى» دىكى پەرىشتە كېلىن بولغۇدەك!

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى

ئەنە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاۋۇ مەھەللىنىڭ بىر ئاۋات كوچىسى بار، يەرلىك كىشىلەر ئۇ كوچىنى «پەرىشتە كوچىسى» دەپ ئاتايدۇ.
يېقىندىن بۇيان، ناھىيە ئاتلاپ، شەھەر ئاتلاپ كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ «پەرىشتە كوچىسى»غا كېلىدىغان بولدى. بۇ كوچىدا ئولتۇرۇشلۇق قادىر ئىسىملىك دېھقاننىڭ ئائىلىسىدە بىر گۈزەل پەرىشتە بار، ئۇ پەرىشتىنىڭ ئىسمى زىبا. يېقىندا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى، ھازىر خىزمىتى مۇقىملاشقۇچە مەھەللىدىكى بالىلار باغچىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
يەسلىدىكى كىچىك بالىلار ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق، بۇرۇندىن يەسلىگە بېرىشنى خالىمايدىغان يىغلاڭغۇ بالىلارمۇ زىبا خىزمەتكە چۈشكەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ قەتئىي يىغلىمايدىغان، يىغلىسىمۇ ئارام كۈنلىرى يەسلىگە بارىمەن دەپ يىغلايدىغان بولۇپ قالدى. يەسلىنى پۈتتۈرۈپ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن بالىلار كۈندە شۇ يەسلى ئالدىدىن ئۆتۈپ، زىبا بىلەن بىر كۆرۈشىۋېلىشنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۆتۈنەتتى.
زىبا، 23 ياش، غۇنچە بوي زىلۋا بەدەن، تەبىئىي بۈدرە چېچىنى بىر تال بوشقىنا ئۆرۈۋېلىپ قويۇۋەتسە بېلىدىن ئاشىدىغان، يۈزلىرى يۇمىلاق، قارا كۆز سۈزۈك چىراي كەلگەن گۈزەل بىر قىز. ئۇنى كۆرگەنلا كىشى ئاشىق بىقارار بولىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقانلىكى كىشى تامامەن ئۇنى ئۇنتۇيالمايدۇ. تەبىئىيلا ئۆز ھاياتىنىڭ بىر قىسمىدا زىبانى مەۋجۇد دەپ ئويلايدۇ.
پەرىشتەم مېنىڭ زىبا جانانىم،
سېنىڭ شادىڭ مېنىڭ ئارمانىم.
كۆيدۈم ساڭا چىرايلىق ئايىم،
قاچساڭ مەندىن قالار دەرمانىم.
يەنە شۇ ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى، زىبا دېرىزىنى ئېچىپ دەرۋازا سىرتىغا نەزەر تاشلىدى. ئۇ ناخشا ئېيتىۋاتقان يىگىتىنى ئىزدەۋاتاتتى. ئەمما، ناخشا ئاۋازى يىراقلاپ كەتتى، بۇ ئۆزىگە مەجنۇنلارچە ئاشىق بولغان سەۋدايى يىگىتنى يەنە كۆرەلمىدى. ئۇ زادى كىمدۇ؟
-زىبا... زىباگۈل؟!
دەرۋازىنى جىددىي قاققان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ زىبانىڭ چىقىشى بىلەنلا قولىدىكى بىر پارچە خەتنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شەيتانلىق بىلەن كۈلۈپ سەكرەپ كەتتى:
-پەرىشتەم زىباغا تەگسۇن؟! كىملەرنىڭ پەرىشتىسى بولۇپ قالدىڭ زىبا؟
زىبا قىزنىڭ قولىدىكى خەتنى ئېلىپ بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن، ئالدى كەينىگە زەن سېلىپ قارىۋەتتى-دە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىزغا ئۆيگە كىرىشكە ئىشارەت قىلدى. ئىككىلىسى ئوغرىلىق قىلىپ قويغان ئادەمدەك، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ زىبانىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، زىبا پەرىشتەم:
ئەسلى سىزنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىڭىزنى بىلگەن بولسام، بۇنداق خەت يېزىپمۇ يۈرمەيتتىم. ئادەتتە خەت يېزىپ باقمىغانلىقتىن ھەم قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ چەكلىكلىكىدىن سىزگە دەيدىغان سۆزلىرىمنى يۈزتۇرانە دېيىشنى لايىق كۆردۈم. سىزنى بۈگۈن سائەت ئالتىدە ناخشام بىلەن ساقلايمەن.
ئورنۇمنى يۈرىكىڭىزدىن ئىزدەڭ!
سىزگە ئاشىق- پەرىشتە قوغدىغۇچىسىدىن»
- بۇ خەتنى ساڭا كىم بەردى؟-زىبا دوستى گۈلشەندىن سورىدى، گۈلشەن:
- شۇ مەنمۇ ئىشتىن چۈشۈپ كېلىۋاتقانىدىم، يولدا بىر كىچىك بالا كەينىمدىن يۈگرۈپ كېلىپ، «دوستىڭىز زىبا ئاچاشقا بېرىپ قويسىڭىز.» دېگەنىدى، ئالغاچ كەلگەن شۇ. كىمكەن ئۇ دېگىنە؟
- كۈندە كەچتە مېنىڭ ئىسمىمنى ناخشىغا قېتىپ ئېيتىدىغان بىرى بار، شۇدەك قىلىدۇ. ئەمما كىملىكىنى ئۇقمايمەن.
سائەت تۆت بولدى، زىبانىڭ ئۆيىدە لىق مېھمان، قارىغاندا زىباغا ئەلچى كېلىدىغاننىڭ پۇرىقىنى ئېلىپ كەلگەن چىراي. زىبانىڭ خىيالى بولسا سىرتقا چىقىپ، شۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى ئۇقۇپ بېقىش. ياز كۈنى بولغاچقىمۇ ئالتىلەردە كۈن تېخى خېلىلا ئولتۇرمىغان ۋاقىت بولغاچقا، سىرتقا چىقىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىخەتەر بىلىنەتتى. سائەت بەش يېرىم بولدى، ئۇف، مېھمانلار ئاخىرى ئۇزىدى، مېھمانلارغا ئەگىشىپلا زىبامۇ دوستلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغاننى باھانە قىلىپ ئۆيدىن چىقىۋالدى.
ئۇ دەرۋازىدىن چىقىپ، شۇ دوقمۇشقا كېلىشىگە ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى:
زىبا جانان گۈزەل پەرىشتە،
ساڭا ئاشىق باردۇر بىر بەندە.
سېنى كۈتۈپ تۇرسام بۇ يەردە،
كەلمىسەڭ گەر ئۆلەرمەن بۇ دەمدە.
ناخشا ئاۋازى چىققان تەرەپكە قاراپ ئاستا قەدەملەر بىلەن ماڭغان زىبانىڭ خىيالىدا نۇرغۇنلىغان چىگىش مەسىلىلەر كېچەتتى. ئۇ ئويلايدۇ-دە، ئەگەردە مۇشۇ ئادەم ئەسكى ئادەم بولۇپ قالسا، مەن يالغۇز ئۆزۈم شۇنىڭ يېنىغا بارسام، ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن بولمامدىمەن؟ ئەڭ ياخشىسى بىرەر ئۇچۇر قالدۇرۇپ ماڭسام بولارمىكىن؟ ئۇ ئۈندىدارىنى ئېچىپ گۈلشەنگە خەت يازدى:«ئاداش، مەن ھازىر شۇ ناخشا ئاۋازى چىققان تەرەپكە يەنى ئاھالە باغچىسىنىڭ كەينى تەرىپىگە قاراپ كېتىۋاتىمەن، ئەگەردە ئىككى سائەتكىچە خەۋىرىم چىقمىسا مېنى ئىزدەپ كەلگىن!» يوللاپ بولۇپ، ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتى. مەن ئەجەب بىر كىنولاردىكىدەك خىيال قىلىپ كېتىپتىمەنا!؟
يالغۇز بىر دەرەخنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ گىتتار چېلىۋاتقان يىگىتنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى، ئۇ گەۋدە خېلى بەستلىك بولۇپ، قاراشتىنلا پىشقان بىر ئەرنىڭ سىماسىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى. زىبا ئاستا مېڭىپ، شۇ گەۋدىنىڭ نېرىدىراق جايدا ئولتۇردى. ئىككەيلەننىڭ ئارىلىقى تۆت مېتىردەك بولسىمۇ، يۈرەك سوقۇشلىرى خۇددى بىر بىرىگە ئاڭلىنىۋاتاتتى. يىگىتنىڭ ناخشىسى تۈگەپ، ئەتراپنى باسقان جىمجىتلىقتىن كېيىن، ئۇ ئاستا گىتتارنى يېنىغا قويۇپ، ئېغىز ئاچتى:
- زىبا، سىزنى پەرىشتەم دەپ چاقىرسام بولامدۇ؟
- سىز كىم؟-زىبا ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى، يىگىت دەرھال ئورنىدىن تۇردى:
- ئىسمىم رىھات، 26 ياش، بويتاق، بوي ئېگىزلىكىم 1 مېتىر 82، ئېغىرلىقىم 76 كىلو...تامام!
رىھاتنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرىشىدىن ھەر ئىككەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.
- پەرىشتەم؟
زىبا تېزلىك بىلەن رىھاتقا قارىدى، دېمەك، «پەرىشتەم» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىنى چاقىرغاندىكى ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. زىبانىڭ شۇ بىر قارىشى رىھاتنى مۇھەببەت ئوتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا تاشلىدى.
رىھات شۇ مەھەللە كومىتېتىدا توك، سۇ، پار يوللىرىنى ئوڭشاشقا مەسئۇل ئادەتتىكى بىر ئىشچى. ئەمما مەھەللىدىكى تۈگۈل ناھىيە بازىرىدىكى ھەممەيلەن ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ، شوخلۇقىدىن ئىچىگە پاتماي باشقىلارنى بوزەك قىلىدىغان ئاتالمىش «قارا گۇروھ» شوركىلىرى ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. قەيەردە بىر ئادالەتسىزلىك بولدى، ئۇ شۇھامان ئۈنۈپ چىقىدۇ. يەنە بىر تەرىپى بولسا، سورۇن بولسىلا يىگىت ئولتۇرۇشلىرى ۋە ياكى نىكاھ تويلار بولسا ئۇنى ھەممەيلەن چاقىرىۋالاتتى، ئۇ سورۇن قىززىتىدىغان ھەم تەرتىپىنى باشقۇرىدىغان بىردىنبىر نامزات ئىدى.
-رىھات بالام، ئاتا-ئاناڭ رەھمەتلىكلەر ھايات چېغىدا سېنىڭ تۇرمۇش ئىشىڭنىمۇ ھەم ماڭا تاپشۇرغانىدى. بۇ چوڭ ۋەزىپىنى مەن ئادا قىلمىسام مېنىڭمۇ كۆزۈم ئوچۇق كېتىپ قالمىسۇن. ئەگەردە كۆزلىگىنىڭ بولسا مەن ئەلچىلىككە ماڭاي، بولمىسا بىز تونۇشتۇرۇپ قويايلى كۆرۈشۈپ بېقىڭلار، قانداق قارايسەن؟-ئاھالە كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم مۇدىرى ساۋۇت دادا رىھاتقا كۆڭلىدىكىنى ئاخىرى دېيەلىدى.
رىھاتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئون يىلنىڭ ئالدىدا توك سىمىنىڭ يالىڭاچلانغانلىق باھانىسىدا كېلىپ چىققان بىر قېتىملىق چوڭ ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان. ئۇ چاغدا بەختكە يارىشا رىھات ناھىيىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇۋاتقان چاغ بولغاچقا، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن پەقەت رىھاتلا ھايات قالغانىدى. شۇ ئاپەتتىن كېيىن، رىھات ئوقۇشتىن چېكىندى، بىر يىل ئۆتە ئۆتمەيلا توكچىلىققا شاگىرتلىققا كىردى. توك يوللىرىنى چوقۇم ياخشى باشقۇرۇشۇم كېرەك، شۇنداق كېلىشمەسلىكلەرنىڭ تاساددىپىي يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىم كېرەك دەپ ئويلاپ، ئاھالە كومىتېتىنىڭ توكچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇ ئۆز كۆڭلىدىكى پەرىشتىسىنى قانداقمۇ شۇنچە يىلدىن ئاتىدارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر باققان دادىسىغا دېيەلىسۇن؟! ئەمما دېمىسە باشقا قىزلار بىلەن كۆرۈشۈشنى قانداق رەت قىلىدۇ؟
- دادا، سىزگە بىر گەپ دەي دېگەنىدىم، مەن....-رىھات ئاخىرى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، زىبانى ئەمرىگە ئالغۇسى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتماقچى بولدى. ساۋۇت دادا ۋېلىسپىتىنى توختىتىپ، رىھاتقا قاراپ:
- ھە دېگىنە، كۆڭلۈڭدىكىنى دېگىن!
- شۇ ھېلىقى بالىلار باغچىسى...-رىھاتنىڭ گېپىنىڭ ئايىغى چىقمايلا ساۋۇت دادا كۈلۈپ كەتتى، ئۇ رىھاتنىڭ مۈرىسىنى يەڭگىلگىنە قېقىپ:
- بىلەتتىم، بولدى، خىجىل بولما، ئۆزۈم ئوڭشايمەن بۇ ئىشنى!
رىھاتنىڭ بۇ چاغدىكى خۇشاللىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئۇ خۇددى ھازىرلا نىكاھنى ئوقۇيدىغاندەك بىر جىددىي كەيپىياتتا ئىچ ئىچىدىن شادلىناتتى. ئۆيگە ئۇچقاندەك كىرىپ، گىتتارىنى ئالدى-دە، يەنە شۇ يالغۇز دەرەخ يېنىغا قاراپ يول ئالدى. يولىچە گىتتارنى تىرىڭشىتىپ مېڭىۋېدى، بۇ مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈلۈپ، كەيپىياتلىرى شۇنداق خۇشاللىققا چۆمدى. چۈنكى مەھەللىدە ئۇنى ياقتۇرمايدىغان ئادەملەر يوق دېيەرلىك.
زىبا زىبا پەرىشتەم زىبا،
سۈزۈك چىراي ئايىم زىبا.
..............
- ھەي، نېمىگە بۇنچە خۇشال بولۇپ كەتتىڭىز؟-زىبا بالىلار باغچىسىنىڭ كەينى ئىشىكىدىن چىقىپ، شۇ يالغۇز دەرەخ تۈۋىدە ناخشا ئېيتىۋاتقان رىھاتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
- بىز توي قىلايلى!-رىھات بېشىنى سىڭايان قىلىپ، زىبانىڭ شۇ سۈزۈك چېھرىگە بېقىپ تۇرۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى،-ھازىرچە سىزگە مۇشۇ كۈمۈش بىلەيزۈكنى سوۋغا قىلاي، ماقۇلمۇ؟
زىبا ئاغزىنى ئېچىپ قېتىپلا قالدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن نە خۇشاللىق نە ھەيرانلىق ئىشقىلىپ بىلگىلى بولمايدىغان ئىپادە چىقىپ تۇراتتى. زىبا كۆزلىرىنى ئەپقاچتى، چۈنكى كۆزىدە ياش لىغىرلاپلا قالغانىدى. رىھات ئورنىدىن تۇرۇپ، زىبانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئېڭىكىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى:
- سىزگە نېمە بولدى پەرىشتەم؟ توي قىلىشنى خالىمامسىز؟
زىبانىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئۇ رىھاتنىڭ قولىدىكى بىلەيزۈككە قاراپ:
- ئالدى بىلەن ئۆيدىكى چوڭلار بىر جاۋاب بەرسۇن، مېنىڭ باشقىچە پىكرىم يوق. ئەمما، بۇ بىلەيزۈكنى سىز ئۆزىڭىز ساقلاپ قويۇڭ، ئۇ ئانىڭىزدىن سىزگە قېپقالغان بىردىنبىر يالدامىسى...-دېدى.
رىھات زىبانى قۇچاقلاپ ئۆزىنى تۇتالماي خۇشاللىقىدىن يىغلاپ تاشلىدى.
- رەھمەت پەرىشتەم. خۇدا خالىسا سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىمەن!
زىبانىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەتلىك ھاياتى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ چاي ئىچۈرۈلدى. مەھەللىدىكى ھەممەيلەن ئۇلارغا ھەۋەس قىلاتتى. كۈندە «پەرىشتەم زىبا» ناملىق ناخشا شۇ كوچىنى بىر ئالاتتى. شۇڭىمۇ ئۇ كوچىنىڭ نامى «پەرىشتە كوچىسى» دەپ ئاتالغان.
كۈنلەر شۇنداق تېز ئۆتۈپ، توينىڭ تەييارلىقلىرى ئاساسەن پۈتۈپ بولغاندا توي كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى. نىكاھ قونۇپ قالسا بولمايدۇ، دېگەن پەتىۋالار بىلەن نىكاھنى شۇ توي كۈنى بامداد نامىزىدىن يېنىپ ئوقۇيدىغان بولۇپ بېكىتىشتى.
قادىر ئائىلىسى قوروسى ئەتتىگەندە جامائەتلەرنىڭ ئەزىز قەدەملىرى بىلەن ھەيۋەت تۈسكە كىردى. زىبا ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىدە بىر قانچە دوستلىرى ۋە قولدىشى بىلەن يىگىتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى.
- بامدادتىن يېنىپ نىكاھ ئوقۇلىدۇ دېگەننى بىلەتتىغۇ؟ نېمىشقا تېخىچە كەلمەيدۇ؟
زىبانىڭ ھاممىلىرى كىرىپ توختىماي قاقشاشقا باشلىدى، چۈنكى بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ئەزەلدىن بۇنداق كېچىكىپ ياكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي قالمايدىغان رىھاتقا بۈگۈن نېمىش بولغاندۇ؟ يا تېلفونىنىمۇ ئالمايدۇ. زىبا ساقلاپ بولالماي، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرمايلا سىرتقا يۈگرۈپ چىقتى.
ئەمدىلا دەرۋازىدىن چىقىپ شۇ«پەرىشتە كوچىسى» غا ئاياغ بېسىشىغا ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان رىھات ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قولىنى ئۇزاتتى. زىبا يۈگرۈپ بېرىپ رىھاتنى قۇچاقلىدى، رىھات:
- پەرىشتەم مېنى كەچۈرۈڭ! مەن....-ئۇنىڭ بەدىنى ئېغىرلاپ بېشى چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى، بۇ چاغدىلا زىبا ئۇنىڭ بەدىنىدىكى قان يۇقىلىرىنى كۆرۈپ، ۋارقىراپ ئادەم توۋلىدى.
- قۇتقۇزۇڭلار! ئادەم بارمۇ؟ رىھات! رىھات! كۆزىڭىزنى ئېچىڭ رىھات!
رىھات شۇ كۈنى ئۆيىدىن چىقىپ نىكاھقا ماڭغاندا، دەل شۇ«پەرىشتە كوچىسى» دوقمۇشىدا تۇيۇقسىز چىققان بىر ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتكەنىكەن. ئەمما ئۇ چوقۇم زىبانى نىكاھىمغا ئېلىشىم كېرەك، بۈگۈن بارمىسام بولمايدۇ دەپ، دوختۇرخانا ماشىنىسىغىمۇ چىقماي زىبانىڭ يېنىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئەپسۇس، ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ئۆز تەلىپى بويىچە نىكاھقا ئەكىردى-دە، ھەممەيلەننىڭ يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا بېرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ نىكاھى ئوقۇلدى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس! رىھاتنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئۈلگۈرمەيلا شۇ قېينئاتىسىنىڭ ئۆيىدە نىكاھ ئوقۇغان جامائەت ئالدىدا جان ئۈزدى. توي كۈنى بولغان بۇ مېيىت زىبا ئۈچۈن قاتتىق ئەلەم بولدى، بۇ ھىجران ئازابىدا ئۆزىنىڭ كېيىن قانداق ياشايدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمىدى.
رىھاتنىڭ يەتتە نەزىرسىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، زىبا نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىپ، رىھات ھايات چېغىدا ئىككىلىسىگە ئاتاپ سالغان ئۆيگە كۆچۈپ كەتتى. بۇ قورودا ساۋۇت دادا ھەم ئۇنىڭ ئايالى مېھرىبان ئانىمۇ بار بولۇپ، زىبا ئۇلار ئۈچۈن كېلىنلىك خىزمىتىدە بولدى. زىبانىڭ رىھاتقا ياتلىق بولۇشى، ئەمما يولدىشى يوق ئەھۋال ئاستىدا قېينئاتا ۋە قېينئانىسىغا كېلىنلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشى بۇ مەھەللىدىكى ھەممەيلەنگە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن پەرىشتە سۈپەت قىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
زىبا جانان زىبا جانانىم،
گۈزەل پەرىشتەم سەن مېنىڭ جانىم.
قالدىڭ يالغۇز يەككە يىگانە،
مېنى كەچۈر پەرىشتەم باغرىم.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 15:43:35

   مىكرو ئوتوپىيە ......................
بەت: [1]
: «پەرىشتە كوچىسى» دىكى پەرىشتە كېلىن بولغۇدەك!