dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 11:20:16

ئەمىي.پۇردىي : مۇبادا ھايات بىر پارچە كىتاب بولسا

مۇبادا ھايات بىرپارچە كىتاب بولسا

ئەمىي .پۇردىي (ئامېرىكا)

داداش تەرجىمىسى




ئەمىي. پۇردىي 19 ياشقا كىرگەندە كېسەل تۈپەيلىدىن ئىككى پۇتىدىن ئايرىلدى، سول قۇلىقى سىزىمىنى يوقاتتى، تال ۋە بۆرىكىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى، بىراق ئۇ قەيسىرانە ئىرادىسىگە تايىنىپ قايتىدىن دەس تۇردى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئۇ شۇتەن شارائىتى بىلەن ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا قارتىيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپيۇن بولدى.

مۇبادا ھايات بىر پارچە كىتاب بولسا، سىز مۇئەللىپى سىز، ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىز ھەققىدىكى ھېكايىنىڭ قانداق پۈتۈپ چىقىشىىنى ئارزۇ قىلىسىز؟ ئەينى ۋاقىتتا دەل مۇشۇ پىكىر مېنىڭ ھاياتىمدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.

مەن پىژغىرىم لاس-ۋىگاس قۇملۇقىدا چوڭ بولدۇم، ئەركىن -ئازادە تۇرمۇشقا ئىنتىلەتتىم. مەن دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش خام-خىياللىرىنى سۈرەتتىم، قارياغىدىغان جايلارنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم ۋە باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان ھېكايىلىرىمنى سۈرەتكە ئېلىشنى ئويلايتىم. 19 ياشقا تولغان ئەشۇ يىلى، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى مەلۇم بىركۈنى مەن راستىنلا قار ياغىدىغان جايغا باردىم، ئۇ چاغدا مەن بىر ئۇۋىلاپ داۋالىغۇچى ئىدىم. بۇ خىزمەت قولغا تايىنىپلا قىلىدىغان بىر ئىش ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا مەن ھەرقانداق جايغا بارالايتىم. بۇ ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم رەسمىي ھالدا ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق، بىخەتەرلىك ۋە تۇرمۇشتىن بەھىر ئالغان پەيتلىرىم ئىدى.

ئەمما دەل شۇۋاقىتتا تۇرمۇشىمدا تەتۇر ئايلىنىش يۈز بەردى. بىركۈنى مەن ئۆزۇمنىڭ يۇقۇملۇق زۇكام بىلەن يۇقۇملانغىنىمنى ھېس قىلدىم-دە، بالدۇرلا ئۆيگە قايتتىم، بىراق شۇنىڭدىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە بىراقلا كېسەل كارۋىتىدا، نەپەسلەندۈرگۈچنىڭ ياردىمىدە ھاياتىنى ساقلاشقا مەجبۇر بولغان، ھايات قىلىش ئىھتىماللىقى% 2 دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان بىرئېغىر بىمارغا ئايلىنىپ قالدىم. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، مەن ھوشۇمنى يوقۇتۇپتىمەن، دوختۇرلار ماڭا ۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇپتۇ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بىر تۈرلۈك ۋاكسىنىنى ئەملەش ئارقىلىق قاننىڭ بۇلغىنىشىنى توسۇيدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىرىم ئاي ئىچىدە مەن، تال ۋە بۆرىكىمدىن ئايرىلدىم، سول قۇلۇقىم سىزىمىنى يوقاتتى، تېخىمۇ يامىنى ئىككى پۇتۇمنىڭ لىپىكىنىڭ ئاستىنقى قىسىمى كېسىۋىتىلدى!
ئاتا-ئانام مىنى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىققان شۇ پەيتتە، ئۆزۇمنى خۇددى قوراشتۇرما ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم.

ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۇمچە ئەڭ يامان كۈنلىرىم ئۆتۈپ كەتتى -دەپ جەزىم قىلغان ئىدىم، بىراق بىرقانچە ھەپتىدىن كېيىن،مەن ئۆزۇمنىڭ «يېڭى پۇت»ىمنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئاندىن بۇ ئىشلارنىڭ تېخى ئاياغلاشمىغانلىقىغا ئىشەندىم. مېنىڭ تېيىگىم بولسا ئېغىردىن ئېغىر مېتال پارچىسى ئىدى، ئۇ تۇرۇباسىمان ئوشۇق بوغۇمى ۋە سىرىق رەڭلىك كاۋچۈك ئاياغ بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇلغان بولۇپ، پۇت بارمىقىدىن ئوشۇقىغىچە سوزولغان قاپارتما سىزىقچىلار كىشگە ۋىنا تومۇرلىرىدەك تۇيغۇ بىرەتتى. مەن ئۇ ۋاقىتتا دەماللىققا ئۆزۇمگە ئەڭ كېرەكلىك بولغان نەرسىنى ئېيتىپ بىرەلمەيتىم، ئەمما شۇنىسى ئىنىق ئىدىكى ماڭا كېرىكى ھەرگىزمۇ بۇ بەد-بەشىرە نەرسە ئەمەس ئىدى! ئەينى ۋاقىتتا ئاپام يىنىمدا ئىدى، بىز ئىككىمىز ئۆكسۈپ يىغلىشىپ كېتىشتۇق، كۆز ياشلىرىمىز يامغۇردەك ئاقاتتى..

كېيىن، مەن قىسقا ھەم قوپال بولغان «پۇت»ىمنى كېيىپ، ئۆرە تۇردۇم، تىنىم ئاغرىقتىن سىرقىراپ كەتتى، ھەرىكەت قىلىشمۇ ئىنتايىن قېيىن بىر ئىش بولدى. مەن : تەڭرىم، مەن مۇشۇ يالغان پۇت بىلەن دۇنيانى ئايلىنارمەنمۇ؟ مەن ئېرىشمەكچى بولغان مۆجىزە ۋە ھېكايىلەرگە تولغان تۇرمۇشچۇ؟ قانداق قارتىيىلىمەن؟ ...دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردۈم.ئاشۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا كارىۋاتقان ياماشتىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە ئاي ۋاقىت شۇ تەرىقىدە ئۆتتى، مەن ئىشەنچىمنى ئۈزۈل -كېسىل يوقاتتىم، رېئاللىقتىن قاچتىم، يالغان پۇتۇم بىلەن كارىممۇ بولمىدى، ئىشقىلىپ مەن جىسمانى ۋە روھىي جەھەتتىن بىتچىت بولدۇم.

بىراق مەن يەنە شۇنى بىلەتتىم، ھايات يەنە داۋاملىشاتتى، داۋاملىق ياشاش ئۈچۈن مەن كونا ئەمىي بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى ئەمىينى قۇبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى. مەن ئۇشتۇمتۇت بۇلارنى چۈشىنىپ يەتتىم، مېنىڭ بويۇم ئەمدى بىرمىتىر 65 سانتېمىتىرلىق مۇقۇم ھالەتتە تۇرمىسمۇ بولاتتى، قانچىلىك ئىگىزلىششنى خالىسام شۇنچىلىك ئىگىزبولاتتىم، قانچىلىك پاكار بولۇشنى خالىسام شۇنچىلىك پاكارلايتىم، بۇنى پەقەت كىم بىلەن ئۇچرىشىشىمغا قاراپ تۇرۇپ ئۆزەملا بەلگىلىيەلەيتىم. ناۋادا قارتىيىلغۇم كىلىپ قالسا، ئەمدى پۇتۇمنىڭ مۇزلاپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرىمەيتىم. ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىم پۇتۇمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىمۇ ئىختىيارىمچە تەڭشىيەلەيدىغان بولغاچقا نەچچىنچى رازمىرلىق ئاياغ كېيمەكچى بولسام خالىغان رازمىردىكى ئاياغنى كېيىۋىرەتتىم. مەن بۇلارنى قىلدىم، مانا بۇ پۇتى بولمىغانلىقنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ھېسابلىناتتى.

بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۇمدىن شۇنداق سورىدىم: ھاياتنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؟ مۇبادا ھايات بىر كىتاب بولسا، مەن ئۇنىڭ مۇئەللىپى، ئۇنداقتا ئۆزۇمنىڭ ھېكايىسىنى قانداق يېزىپ چىقىشىم كېرەك؟ مەن بالىلىق چاغلىرىمدىكى چۈشلىرىمنى قايتا كۆرۈشكە باشلىدىم، كەلگۈسىنى قايتىدىن نەپىس بىر تۈستە تەسەۋۋۇر قىلدىم. مەن توساتتىن ئۆزۇمنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلالايدىغانلىقىمنى، قايتىدىن شادلىق ئىلكىدە قار تىيىلىيالايدىغانلىقىمغا ئىشەندىم. مەن بىكاردىن-بىكار ۋاقىت ئىسراپ قىلسام بولمايتى، مەن ھېس قىلاتتىم، شامالنىڭ يۈزۈمنى سىيپاپ ئۆتكىنىنى ھېس قىلاتتىم، يۈرەك رېتىمىمنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. شۇ دەملەردىن باشلاپ، ھاياتىمنىڭ يېڭى سەھىپىسى يېزىلىشقا باشلىدى.

تۆت ئايدىن كېيىن، مەن قار تېيىلىش مەيدانىغا قايتىپ كەلدىم، بىراق ئىشلار مەن ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولمىدى،لىپىكىم بىلەن ئوشۇق بوغۇمۇم ئىگىلمىدى. بىر ۋاقىتتا ئاسما ۋاگون يولىدا كېتىپ بارغاندا، مەن بارلىق قارتىيىلغۇچىلارنى قورقىتىۋەتتىم، ئەسلىدە مېنىڭ «پۇتۇم» بىلەن چاڭغام بىرلىكتە تاغ قىياسىغا چۈشۈپ كەتتى، بىراق مەن تاغ ئۈستىدە قالدىم. ئەينى ۋاقىتتا مەن ناھايىتى ھەيران قالدىم، باشقا قارتىيىلغۇچىلارغا ئوخشاشلا ھەيران قالدىم، بىراق مەيۈسلەنمىدىم. شۇنى بىلدىمكى ، پەقەت ئۆزۇمگە ماس كىلىدىغان پۇت تاپقاندىن كېيىنلا، قايتا قار تىيىلسام بولغۇدەك. بۇ قېتىم مەن بىر نەرسىنى ئۆگەندىم،ھاياتىمىزدىكى چەكلىمىلىك ۋە توسالغۇ، پەقەت ئىككى خىل نەتىجە ئېلىپ كېلىدىكەن : بىر بولسا توختايدىكەنسەن، ياكى بىر بولسا غايەت زور ئىجادچانلىققا ئېرىشىدىكەنسەن .





مەن نەق بىريىل تەتقىق قىلدىم، لېكىن يەنىلا قايسى خىلدىكى پۇتنى ئىشلىتىشنى ئاڭقىرالمىدىم، ياكى مېنىڭ بۇ ئىشىمغا ياردەم قىلغۇدەك بىرەر زاۋۇدنىمۇ تاپالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلىنى ئۆزۇم ھەل قىلىش قارارىنى چىقاردىم. مەن ئۆزۇم ئىشلىتىۋاتقان يالغان پۇتنى ياسىغان كارخانا بىلەن ھەمكارلاشتىم، بىز بىرقىسىم زاپچاسلارنى قايتا قوراشتۇرۇش ئارقىلىق قارتىيىلىشقا بولۇدىغان بىرجۈپ يېڭى «پۇت» ياساپ چىقتۇق. قاراڭ، داتلاشماس بولتا، كاۋچۇك، ياغاچ ۋە ھالرەڭ يالتىراق پىلاستىر...قارىماققا بەكلا ئاددىي، لېكىن مەن تىناق لاكىمنىڭ رەڭگىنى ئالماشتۇرالايمەن-دە! بۇ يالغان پۇت- مېنىڭ 21 ياشقا تولغان كۈنۈمدىكى ئەڭ ئېسىل سوۋغات ئىدى.

كېيىن، دادام ماڭا بىر بۆرىكىنى تەقدىم ئېتىپ، ئارزۇلىرىم ئارقىسىدىن چىپىشىمغا مەدەت بەردى. مەن قار تىيىلشىنى باشلىدىم، خىزمەتكە كېرىشتىم، يەنە مەكتەپكىمۇ قايتىپ باردىم. 2005-يىلى ئۆزۇم مەبلەغ سىلىش ۋە يىتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق مەخسۇس مېيىپ ياشلارئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بىر پايدائالمايدىغان تەشكىلات قۇرۇپ چىقتىم، مەن ئۇلارنى ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قاتنىششقا ئىلھاملاندۇردۇم. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن جەنۇبىي ئافىرىقىغا باردىم، مېنىڭ ياردىمىمدە ئۇيەردىكى مىڭدىن ئارتۇق بالا ئاياغ كېيىپ مەكتەپكە بارالايدىغان بولدى. 2010-يىلى 2-ئايدا ، مەن خەلقئارالىق قارتىيىلىش مۇسابىقىسىدە ئىككى ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىپ، دۇنيا قارتىيىلىش مۇسابىقسىنىڭ ماھىرلار رەت تەرتىپىدە ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا ئېرىشكەن مېيىپ قىز تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدىم.

11 يىلنىڭ ئالدىدا ، مەن ئىككى پۇتۇمدىن ئايرىلدىم، ئۇچاغدا زادى نېمە قىلالايدىغانلىقىمنى بىلمەيتىم. بىراق بۈگۈنكى كۈنلۈكتە سىز مەندىن ، ئەسلىدىكى تۇرمۇش ئوربىتىڭىزغا قايتىشنى خالامسىز-يوق؟ دەپ سوراپ قالسىڭىز، قايتۇرۇدىغان جاۋابىم شۇكى : ياق !
چۈنكى مېنىڭ كېسلگەن پۇتۇم، ئىقتىدارىمنى ئېلىپ كېتەلمىدى، بەلكى ئۆزۇمنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچۈمگە تايىنىشقا، خىلمۇ-خىل مۇمكىنچىلىكلەرگە ئىشىنىشكە يىتەكلىدى، مەن تەسەۋۋۇرنى قۇرالغا ئايلاندۇرۇشنى بىلدىم، ۋۇجۇدۇمنى قورشاپ تۇرغان بارلىق قاشالارنى بۇزۇپ تاشلىدىم. بىزنىڭ تونۇشىمىز چوڭقۇرلاشقانسىرى، بىز ھەممە ئىشنى قىلالايمىز، ھەرقانداق ئادەمگە ئايلىنالايمىز. شۇڭا سىز مەڭگۈ ئۆزىڭىزنىڭ غايىڭىزگە ئىشىنىڭ، ۋەھىمىلەرگە ئۇدۇل يۈزلىنىڭ. بىز ئۆزىمىز بولۇپ ياشايلى،چەكلىمىلەردىن ھالقىپ ئۆتەيلى!

گەرچە بۈگۈنكى باش تېما يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە بولسىمۇ، مېنىڭ ھېكايەم تېمىدىن بەكلا ھالقىپ كەتتى، بىراق مەن دېمىسەم بولمايدۇ، مېنىڭ ھاياتىمدا يېڭىلىق يارىتىش بىردىن-بىر مۇمكىنچىلىك. چۈنكى مېنىڭ كەچمىشىم ماڭا شۇنى چۈشەندۈرگەن؛ ئەشۇ ئازاب ۋە كاج تەلەي قارىماققا تۇرمۇشنىڭ خاتىمىسىدەك قىلىدۇ، لېكىن ئۇ دەل تەسەۋۋۇر ۋە ھېكايىلىرىم باشلانغان مەنبەدۇر.

شۇڭا مەن بۈگۈن بۇيەردە، كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەن؛ ھاياتىڭىزدا يولۇققان رىقابەت ۋە قېيىنچىلىقلارنى يامان ئىش قاتارىدا كۆرمەڭ، سىز ئۇلارغا ئۇدۇل قاراڭ، ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى يارقىنلاشتۇرۇشتىكى ئېسىل سوۋغات دەپ بىلىشىمىز كېرەك. ئۇلار بىزنىڭ ئۆزىمىزدىن ھالقىشىمىزغا، توسالغۇلاردىن ئاتلىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ، سىز ئىنسان ھاياتىدىكى تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭمۇ بىزگەئويلاپ باقمىغان خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ!

( ئەمىي. پۇردىينىڭ 2012-يىلى TED تە سۆزلىگەن نۇتۇقى)

خەنزۇچە «ئوقۇرمەن» (تورنۇسخىسى) ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 18-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 14:36:48

تېدتا ئاڭلاپتىم، لېكسىيىسى ياخشى، سۆزلەش ئۇسلۇبىمۇ بىر يۇمۇر.
تەرجىمىمۇ بەلەن چىقىپتۇ.
لېكسىيىنىتېدتىن كۆرگەچ ئوقۇيلى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 17:09:20

Hechkim يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 14:36 static/image/common/back.gif
تېدتا ئاڭلاپتىم، لېكسىيىسى ياخشى، سۆزلەش ئۇسلۇبىمۇ بى ...

رەھمەت. ئەسلى بۇ 2011-يىلى مايدا سۆزلەنگەن ئىكەنغۇ؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 17:14:10

:o  نۇتۇقنىڭ ئەسلى ئېنگىلىزچە نامى :  Amy Purdy: Living beyond limits   كەن، مۇشۇ خەنلەرنىزە !  بۇنى : ھايات چەكلىمىسىدىن ھالقىش  دەپ ئالامدۇق ؟

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 20:38:37

ھەقىقەتەن زوق بەردى........ياخشى تەرجىمە ئەسەركەن
ۋەتەن بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى داداش ئەپەندىنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك يازمىللىرى ئۈزۈلمىگەي

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 21:00:42

بىر ئوبدان تىمىكەنغۇ؟ لىكىن داداش ئەپەندىم بۇ نۆۋەت ئاپاشنى باش سۈرەت قىلىۋاپسىزمۇ نىمە؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 21:46:25

106 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 21:00 static/image/common/back.gif
بىر ئوبدان تىمىكەنغۇ؟ لىكىن داداش ئەپەندىم بۇ نۆۋەت ئا ...

ياقەي، ئىۋۇ ئولتۇرغان  مەن شۇ :P ... مۇشۇكونا ئېلىپبەدىكى قىستۇرما رەسىملەر  نېمىشقىدۇر ئاجايىپ يېقىملىق بىلىنىدۇ ماڭا، يىنىشلاپ كۆرۈپ كېتىمەن ...

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 22:11:05

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 17:14 static/image/common/back.gif
نۇتۇقنىڭ ئەسلى ئېنگىلىزچە نامى :  Amy Purdy: Living beyond limits    ...

چەكلىمىدىن ھالقىپ ياشاش ، دىسە مۇۋاپىق بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن.

چىرايلىق قىز بالىكەن:loveliness:  ئىرادىسى كۈچلۇككەن.

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 04:08:39

شۇڭا مەن بۈگۈن بۇيەردە، كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەن؛ ھاياتىڭىزدا يولۇققان رىقابەت ۋە قېيىنچىلىقلارنى يامان ئىش قاتارىدا كۆرمەڭ، سىز ئۇلارغا ئۇدۇل قاراڭ، ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى يارقىنلاشتۇرۇشتىكى ئېسىل سوۋغات دەپ بىلىشىمىز كېرەك. ئۇلار بىزنىڭ ئۆزىمىزدىن ھالقىشىمىزغا، توسالغۇلاردىن ئاتلىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ، سىز ئىنسان ھاياتىدىكى تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭمۇ بىزگەئويلاپ باقمىغان خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ!
ھاياتلىق كۆرەش قىلىش دىمەكتۇر ..

Hizir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 05:21:45

http://www.ugted.com/home_index_index.html
ئۇيغۇرچە تېدكەن.

okyan2014 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 10:59:43

ئىسىم-فامىلىنىڭ ئارىسىدا چېكىت بولمايدۇ چىقىرىۋەتسىڭىز.
بۇ ماقالىنى بىزمۇ تەرجىمە قىلىپ بولۇپتىمىز. ھېچ ئەمگەك تەكرارلىقى كۆرۈلۈپ بولماي، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشنى توختاتتۇق.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 11:51:45

okyan2014 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 10:59 static/image/common/back.gif
ئىسىم-فامىلىنىڭ ئارىسىدا چېكىت بولمايدۇ چىقىرىۋەتسىڭ ...

ئەسكەرتمىڭىزگە رەھمەت.  لېكىن ئىزدىنىشتايازما  ئېلان قىلغۇچى ئۆز يازمىسىنى تەھرىرلىيەلمەمدۇ نېمە؟ شۇنچە ئىزدەپ تاپالمايمەنغۇ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 13:25:26

قەيسەر قىزچاقكەن . . . . . . .

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 13:48:41

ئىككى پۇتىدىن ئايرىلسا ،دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىق پۇت ساپتۇ، بۆرىكىدىن ئايرىلسا داۋالاپتۇ ،بىزنىڭ بۇيەدە يالغان پۇت ئەمەس ئەڭ ئاددى ھاسا 500 كوي ، بىر بۆرەك 20 مىڭ كويما؟:lol:lol:lol:lol
پۇل تاپقانلار كىتاپ يازىدۇ ،دۇنيادا ئەڭ مۇھىم نەرسە شۈكرى-قانائەت،كۆڭۈل ئارامچىلىغى دەپ ،
باشلىق بولغانلار كىتاپ يازىدۇ،دۇنيادا ھەممىدىن پۇخرا بۇلۇپ ئەركىن -ئازادە ياشاش مۇھىم دەپ{:87:}{:87:}

koklam0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 15:48:58

بولىدىغان ئەسەركەن. روھىي ئوزۇق ئاتا قىلدى.
بەت: [1]
: ئەمىي.پۇردىي : مۇبادا ھايات بىر پارچە كىتاب بولسا