NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 10:42:27

12-دىكابىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى

12-دىكابىر خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1225 دوللار ئەتراپىدا، تۈنۆگۈن كەچتە خەلقارا نىفىتنىڭ باھاسى 60 دوللارلىق مۇھىم ئۆتكەنلنى بۇزىۋەتتى، يەنە كىلىپ ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرى داۋاملىق ياخشى چىقىپ دوللارنىڭ قايتىدىن سەكرەپ چىقىشىغا پايدىلىق بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن ياۋرۇ رايۇنىدىكى  ئاساسلىق دۆلەتلەر يەنىلا قارا ئۆڭكۈرگە پېتىشقا باشلىدى،بۇنىڭ بىلەن ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ ئايرىۋاشلىشى چۈشتى ھەمدە ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىنى تۇسالغۇغا ئۇچىراتتى.
بۈگۈن مەبلەق سالغۇچىلار ئاساسلىق ياۋرۇ رايۇنى ئېلان قىلىدىغان ئۈچىنچى پەسىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى ۋە 10-ئايلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىككى تۈرلۈك  ئۇچۇرغا دىققەت قىلىڭ. يېقىنقى مەزگىللەردە ياۋرۇ رايۇنىنىڭ ئىقتىسادى ھېرىپ قالغان ھالەتتە بولدى، ئەگەر ئىقتىسادى ئۇچۇر يەنە ناچار چىقسا ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ ئايرىۋاشلاش نىسپىتى چۈشىدۇ ھەمدە بۇمۇ ئالتۇن باھاسىنى بېسىۋېتىدۇ. يەنە ئامرىكا تەرەپتىن ئامرىكىنىڭ 11-ئايلىق پ پ ئاي ئايلىق نىسپىتى ۋە مىچىگان ئۇنىۋېرسىتى ئىستىمالچىلار كۆرسەتكۈچىگە دىققەت قىلىڭ.

ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  
تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە 1220 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىدىغان مال توغرا چىقتى ھەمدە بۇ نوقتىدىن مال ئالغاندا 10 نوقتا پايدا بار.
بۈگۈنكى تەھلىل
1235ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ،زىيان 1240، نىشان 1230~1225
1218ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ، زىيان 1213،نىشان1223~1228
1250ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ،زىيان 1255، نىشان 1245~1240
1204ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ، زىيان 1199،نىشان1209~1214
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  242   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.40  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 12-دىكابىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى