tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 10:39:28

ئادىمىيلىك توغرسىدا

ئادىمىيلىك توغرسىدا
ئادەم - ئىدىينىڭ ئېكىسپىېدىتسىچىسى .
بۇ ، ئادەم ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە دېگەننىڭ ئۆزى ئەمەس. ئەقىل - پاراسەت ماھارەت ، غەرەزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەقىل شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل دەپ ئاتالىدۇكى ، شاھمات ئوينىغاندا ، رەقىب بولۇشى شەرت بولغىنىدەك ، ئۇمۇ شەرتلىك بولىدۇ. ھەقىقىي ئىدىيە بىر خىل تەجىرىبىدىن ئىبارەت . ئۇ ئالدى بىلەن قاندا ئۆزگىرىش ياساپ ، ئاخىرىدا يېڭى بىر خىل سېزىمگە ، پىسخكىلىق ئاڭدىكى يېڭى ئەمەلىيەتكە ئايلنىدۇ.
مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، ئىدىيە ئەمەلىيەت ئەمەس، بەلكى بىر خخل ئېكسپېدىيتسيدۇر. تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ئادەم ھەسسىلەپ تەۋەككۇل قىلىشى كېرەك . ئالدى بىلەن ئۇ تۇرمۇشنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سىرتقا چىقىشى ، ئاندىن چوڭ مېڭىسىدە نەتىجىگە ئۇدۇل قارىشى كېرەك .
ئادەم ئىككى ياقلىما بولدىغانلىقتىن ، بۇ خىل تەۋەككۇلچىلىكمۇ ئىككى ياقلىما بولىدۇ. ھەر بىرىمىز ئىككى « ئۆزلۈك » كە ئىگە ، ئۇنىڭ بىرى ، بىزنىڭ تېنىمىز ، ئۇ زەربىگە ئۇچىرىغان ھامان ، باشقۇرۇشىمىزغا پۈتۈنلەي دېگۈدەك بويسۇنۇپ كەتمەيدۇ . تېنىمىزنى غەيرىي ئىدراكى ھېسداشلىققا ، ئۈمىدكە ، قايناق ھېسياتقا ئىگە ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بىۋاستە ئالاقىلىشىش ۋاستىسى بولۇپ ، زادىلا چوڭ مېڭىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا باقمايدۇ ؛ ئىككىنجىسى ، ئاڭلىق « ئۆزلۈك » مىزدىن ئىبارەت.
تېنىمزدە مەۋجۈت بولغان « ئۆزلۈك » نى بىلىپ يېتىشكە مەڭگۈ ئامالىسزمىز ، ئۇ ئاجايىپ - غارايىپ جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە تارتىشىپ قېلىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، بىزنى شۇنچە كۆپ غەيرىي ئىدراكى ئازابلار، ھەقىقىي جەبىر - جابالارغا بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. يۈرەكنى ئاندا - ساندا جىغىلدىتدىغان بەزى خۇشاللىق تۇيغۇسىغىمۇ چۆمدۈرىدۇ. « ئۆزلۈك » كە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، تېىمىزدىكى « مەن » غەلىتە بىر ياۋايى ھايۋان بولۇپ ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئاسانغا چۈشمەيدۇ . بىزنىڭ تېنمىز خۇددى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىغا ئوخشاش بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە ھېلىقى كۆرۈنمەس « مەن » ياشاىدۇ. ئۇ خۇددى تۈندىكى يىلپىزگە ئوخشاش بولۇپ ، چۈشمىزدە ئۇنىڭ ئىككى كۆزىدىن يېشىل نۇر چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز ياكى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان چاغلاردا، ئۇيقۇسىز ئۆتكەن كۈنلەردە ئۇ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.
يەنە بىر « ئۆزلۈك » بار . ئۇ خۇشخۇي ، ئاق كۆڭۈل ، مېھىرىبان ، ئەقىللىق ، مۇرەككەپ بولۇپ ، ياخشى ئارزۇ - ئارمانلارغا تولغان ، مانا بۇ بىز بىلدىغان « مەن » ، تونۇغىلى ۋە زوق ئالىغلى بولدىغان «مەن » . « مەن » ئۆزىگە مۇنداق دەيدۇ : « شۇنداق ، سەۋرچان ئەمەسلىكىمنى ، ئوخشاش بولمىغان قاراشلارغا قارىتا كەڭ قورساق ئەمەسلىكىمنى بىلىمەن . لېكىن ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ، مەن بەكمۇ چىقىشقاق ، ئاق كۆڭۈل . بۇ خىل ئاق كۆڭۈللۈك بەزىدە مېنى ساخىتپەزلىك قىلىۋاتقاندەك كۆرستىدۇ ، ئەمما مەن ئاللىقانداق مېخانىكىلىق سەمىمىيلىككە ئىشەنمەيمەن . مەندە ئەقىل بىلەن قىلىندىغان سەمىمىيەت بار ، شۇنداقلا ھېسياتقا ، سېزىمگە ئىگە سەمىميەت بار . »
ئەگەر بەزىلەر ماڭا يالغان سۆزلىسە ، يالغانلىقىنى بىلىپ قالىمەن ، ئۇنى ئاشكارىلاش - ئاشكارلىماسلىق بىر تاللاش مەسلىسى . ئەگەر ئاشكارلىسام ئۇنىڭ ھەقىقىي ھېسياتىغا ، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ ھېسياتىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ قويىمەن ، ئۇنداقتا ئۇنى قاراپ تۇرۇپ ئالدامچى دېسەم ، بۇ ھېسيات جەھەتتىكى سەممىيەتسىزلىك بولىدۇ. شۇڭا ، مەن بۇ يالغانچىلىقنى قۇبۇل قىلغاندەك قىياپەتكە كىرۋېلىش ئۈچۈن ، كۆڭلۈمدە سەل - پەل سەمىمىيەتسىز بولۇشقا رازىمەن .
بۇ ، ئۆزۈم بىلدىغان « مەن » بىلەن سۆزلەشكىنىم بولۇپ ، ئۇ ئۆزى شوغۇللانغان ، ئۆزى ھېس قىلغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ مەلۇم سەۋەبى بولدىغانلقىنى بايقاپ ، ئۆزىنىڭ ياخشى ئارزۇسى بويىچە مەلۇم ئۆزگەرمەس ئېتىقادىنى ساقلايدۇ . ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى بارلىق ئادەم ۋە باشقا « شەخىس » لەر ئارسىدا مۇۋاپىق ۋە زىيانسىز بىر يولغا ئەمەل قىلىدۇ.
ئادەم بولۇشىمىز كېرەك ! بۇنىڭ ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن ئۆز تېنىڭ ۋە قېنىڭ بىلەن تەۋەككۇل قىلساڭ ، ئاندىن ئەقلىڭنى ئىشقا سېلىپ ، ئۆزۈڭگە مەلۇم بولغان « ئۆزلۈك » بىلەن تەۋەككۇل قىلساڭ ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم يېڭى بىر ئۆزۈڭگە ، بۇرۇن بىلىشىڭ مۇمكىن بولمىغان ، شۇنداقلا ئەزەلدىن ئويلاپمۇ باقمىغان « ئۆزلۈك » كە ئايلىنالايسەن .
« مائارىپ تەرمىلىرى » گېزىتىدىن ئېلندى .

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 22:29:56

تەۋپىق خانقىز يادىلاپ چىقىدىغان تىمىكەن بۇ.

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 20:22:45

تېنىمزدە مەۋجۈت بولغان « ئۆزلۈك » نى بىلىپ يېتىشكە مەڭگۈ ئامالىسزمىز ، ئۇ ئاجايىپ - غارايىپ جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە تارتىشىپ قېلىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، بىزنى شۇنچە كۆپ غەيرىي ئىدراكى ئازابلار، ھەقىقىي جەبىر - جابالارغا بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. يۈرەكنى ئاندا - ساندا جىغىلدىتدىغان بەزى خۇشاللىق تۇيغۇسىغىمۇ چۆمدۈرىدۇ.
=============================
ياخشى خولاسىلىنىپتۇ ماڭا يارىدى{:92:}{:92:}
بەت: [1]
: ئادىمىيلىك توغرسىدا