يۈرىكىڭنى بېرىپ تۇر
يۈرىكىڭنى بېرىپ تۇرمەلىكە مۇھەممەت ھىلال
كۆزلىرىڭنى بېرىپ تۇر ماڭا،
كۆرىۋالاي ئۆزۈمنى قېنىپ.
تاشلاپ قويۇپ يالغۇزلۇقۇمغا،
قېچىپ چىقاي مەڭزىڭدىن سىرغىپ.
سۆزلىرىڭنى بېرىپ تۇر ماڭا،
ئىزھار قىلاي كۆڭلۈڭنى بىردەم.
مەن كۈتكەندەك سۆزلىسەڭ غۇۋا،
قاچار شۇ چاغ تەشۋىشلىرىم ھەم.
يۈرىكىڭنى بېرىپ تۇر ماڭا،
كىم ئىچىدە بىر يېرىپ باقاي،
چىقسام شۇئان تۆكۈلۈپ ساڭا،
تائەبەدكە باغرىڭدا ئاقاي.
يۇرۇكىنى ئەمەس يۇرۇكىنىڭ مىماسىنى دەپ بەرسىلا بولىدىكەن،
بولمىسا ئۇ ئۆلۇپ قالمامدۇ. يۇركىڭىزنىڭ شىفىرى قانچە ؟0123456789گىچىمۇ ياكى ھەرىپلەر ئارلاشمۇ؟ كۆزلىرىمنى بېرىپ تۇرمايمەن،
ئەينەك ئەمەس مىنىڭ بۇ كۈزۈم.
خىجىللىقتا قويمىغىن جېنىم،
قاراۋەرسەڭ قېزىرار يۈزۈم.
سۆزلرىمنى بىرىپ تۇرمايمەن،
پىنھان سۆيگۈ ئىچدە ياشاي.
سالمىغىن سەن دوپپامغا جىگدە،:lol
شەيتانكەنسەن ئەمدى خوش قاچاي.
يۈرۈكۈمنى ئەسلا بەرمەيمەن،
خوش بوپ كىتەي ئوتۈن يېرىپ تۇر،:lol
چاخچاق قىلدىم كەتتى شۇنچىلىك،
تەڭ ماڭايلى سەنمۇ يېزىپ تۇر. كۆزلىرىمنى بەرمەيمەن ساڭا ،
قانچە يالۋۇرساڭمۇ سەن ماڭا .
ئاشىق ئەمەس يالغۇزلۇقىڭغا ،
سەنلا ياشاپ ئۆت شۇ دۇنيايڭىدا .
سۆزلىرىمنى بەرمەيمەن ئەسلا ،
ئۇ ساختىلىققا مەستخۇش بولمايدۇ .
ئىزھار قىلىش بىھاجەت ساڭا ،
سەن خالىغان سىرلار چىقمايدۇ .
يۈرىكىمنى بەرمەيمەن ساڭا ،
چۈنكى ئۇ يېرىلىپ كەتتى .
پىچاق بىلەن يېرىپمۇ يۈرمە،
باشقىلار كاۋاپ قىپ يەپ بولۇپ كەتتى .
ciao2013 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 15:19 static/image/common/back.gif
كۆزلىرىمنى بەرمەيمەن ساڭا ،
قانچە يالۋۇرساڭمۇ سەن ماڭ ...
:lol
بەت:
[1]